نورۇز بايرىمى(ئەرگىنە كۈن)=Noruz Festival

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

نورۇز توغرىسىدا

    نورۇز شەرقتە سۇنغار دەرياسىدىن باشلىنىپ غەرىپتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ئىككى خىل تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى. ئۇ ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ، بوغۇنمۇ بوغۇن داۋام قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. 13-ئەسىردە ياشىغان ئەدىب نەسرىدىن رابغۇزى كۆكلەم پەيتىنى باھارىيات غەزىلىدە مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

كۈن ھەمەلگە كىردى ئەرسە كەلدى ئالەم نورۇزى،
كەچتى بەھمەن زەمھەرىر قىش قالمىدى قارى-بۇزى. 
    ئەلشىر نەۋائىيمۇ دىۋانلىرىدا، نورۇزنى خۇشاللىق بايرىمى، تۇن-كۇننىڭ تەڭلىشىدىغان پەيتى دەپ يازغان غەزەللىرى خېلى كوپ. مەسىلەن:

مۇۋاپىق كىيدىلەر بولمىش مەگەر نورۇز ئىلە بەيرەم،
چېمەن سەرۋى ياشىل خىلئەت مېنىڭ سەرۋى رەۋانىم ھەم.
(فەۋائىدۇل كىبەر)

ۋەسل ئارا، كۆردۈم،تەڭ ئىمىش بويىيۇ ساچى،
تۈن-كۈن تەڭ ئىكەن زاھىر ئولۇر بولدى چۈ نەۋرۇز.
* * * *

ئەي يۈزۈڭ باغى نەسىمىدە ھەۋايى نەۋرۇز،
لەئىلى تاجىڭ بولۇپ ئول باغدا بوستان ئەفرۇز.
زۇلفۇ رۇخسار ئىلە كامىمغا مەنى يەتكۇزسەڭ،
ھەر تۈنۈڭ قەدر ئولۇبان، ھەر كۈنۈڭ ئولسۇن نەۋرۇز.
    (بەدايىئول ۋىسئەت)

    نەۋرۇز____ يالغۇز دېھقان- چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي پۇقرالارنىڭ بايرىمى. ئەلنىڭ قىش- زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىنلىرىنىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى، ھەربىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسپ-كارلىرىنى راۋاج تاپقۇزىشقا بولغان ئىجتىھاد-ئىنتىلىشلىرىنى، ئۆز-ئارا ھىممىتى-ساخاۋىتىنى، ئىتتىپاق-ئىناقلىقىنى، بەختلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى نىشان قىلىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر.

مېنىڭ بىلىشىمچە نەۋرۇز كېلىشى بىلەن تەبىئەت قانداقتۇر تىل بىلەن ئىپادىلىگۇسىز جانلىنىپ، قۇرۇت-قوڭغۇزلار ئويغۇنۇپ، بۇلاق بېشىدىن غول بويلىرىغىچە تاراملارغا بۆلىنىپ ئېتىزلارغا تۇتاشقان ئېرىق ئوستەڭ بويلىرى تال-دەرەخلەر كۆكىرىپ روھىمنى كوتىرىپ تۇراتتى. دوستلىرىمنىڭ تاللاردىن پۇرلىگۇچ ياساپ تال چىۋىقلارنى ئات قىلىپ ئەركىن-غۇبارسىز قىقاس چوقانى ئېسىمدىن مەڭگۈلۈك ئېسىمگە ئورناتتى. چوڭلار كۆك مەشرىپى بىلەن توڭ قىشنىڭ تىمتاس مىنۇتلىرىنى ئۇندۇرگەن مايسىنى كوتىرىۋېلىپ ئۇسۇلغا چۇشەتتى. لەرزان رەتىملىق ئۇسۇل مېنىڭچە ئەڭ قىممەتلىك ئەنئەنلىرىمىزدىن ئىدى. چوڭلارنىڭ دىيىشىچە مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئەنە شۇ مەدىنىيەتلىرىمىزنى يالماپ زامان ماكانىمىزدىن ئېلىپ كەتۇپتىدەك. ھازىر قالغىنى ئەنئەنىۋى سازلارسىز قاتارچاي توي تۆكۈنلەر بولىۋەتىپتۇدەك ...

توققۇز توقۇ 
    .نەۋرۇز ناغرىسى 2.نەۋرۇز تازلىقى 3.سوغۇق قوغلاش 4.يوقلاش(ئاتا-ئانىلارنى، مەھەللە چوڭلىرىنى ئاجىزلارنى)، 5.نەۋرۇز ئېشى(كۆچە- ھەرخىل دانلارنى قوي-كالا پاچاق شورپىسىغا سېلىنىپ راسلىنىدۇ. بۇ ئەتىيازنىڭ قۇرۇق ئىسسىقىنى كېسىدۇ، باشقا ئاشلارنى قىلسا توققىزى تەل بولسۇن دېيىشىدۇ ھەم باش ھەرىپى قاپىيىداش كەلگەن تېتىتقۇلار تاللىنىدۇ.)، 6.نەۋرۇز سەيلىسى، 7.نەۋرۇز تەنھەركىتى، 8.نەۋرۇز مەشرىپى، 9.نەۋرۇزلۇق تىلەك

نەۋرۇزنىڭ خاسىيىتى 

    نەۋرۇز ئۇ، شۇنداق بىر بايرامكى بىرلىك، ئىناقلىق نامايەندىسى بىلەن ئەل ئارىسىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت، سۆغاقچىلىق يوقىتىلىپ ئۆتكەنگە سالاۋات قىلىنىدۇ. ئۇرۇق-تۇققان دوست-يارەنلەر ئارىدىكى ئىناقسىزلىقنى يوقلاش پائالىيىتى سەيلە-مەشرەپ، زىرائىخەتمە ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى. شۇڭا ئۇ ئەنئەنىۋى بايرام بولۇپلا قالماي، ئەمگەك بايرىمى، ساۋاپلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شاتلىق بايرىمى، ئۆملۈك بايرىمى بولغاچقا بۇ بايرام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايرامدۇر .
    يىلنامىدە قۇياشنىڭ ئايلىنىش يولى 360 دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، ھەربىر دەرىجىنىڭ 60تىن بىرى دەقىقە(مىنۇت)بولۇپ، ھەر دەقىقە 60 سانىيە (سېكونت)گە بۆلۈنگەن. يەتتە ئاقراق يەتتە سەييارە__سەكەنتىر(زۈھەل__ساتۇرن)، ئوڭاي (مۇشتەرى__يۇپېتر)، كۇرۇد(مىررىخ__مارس)، ياشىق (شەمس__قۇياش)، سەۋىت (زۆھرە__ۋېنېرا)، ئارزۇ (ئوتارۇد__مەركۇرىي)، يالچىق(قەمەر، ماھ، ئاي) دەپ ئاتالغان. يۇلتۇزلارنى تۆت تادو (تۆت ئاناسىر) چۈشەنچىسىگە تەدبىق قىلىپ، تۆت پەسل، تۆت تەرەپ، تۆت خىل رەڭ قاتارلىقلارنى ئىپادىلىگەن. ئون ئىككى ئۈكەك (بۇرج)نى تۆت پەسىلگە تەئەللۇق قىلىپ، ھەر پەسىلگە ئۈچتىن يۇلتۇزنى تەقسىم قىلغان. تۆت پەسىلنى مۇنداق بۆلگەن 1.باھار بۇرجى__ھەمەل(قوزا)، سەۋر(ئۇي)، جەۋزە(قوشكېزەك__ئاراندىز)يۇلتۇزلىرى. 2.ياز بۇرجى__ئەسەد(يولۋاس)، سەرەتان(قۇچىق__نەك)، سۇنبۇلە(بۇغداي بېشى). 3.كۈز بۇرجى__قەۋس(يا)، مىزان(ئۈلكۈ__تارازا)، ئەقرەپ(چايان). 4.قىش بۇرجى__جەدى(ئوغلاق)، دەلۋە(كۆنەك__سوغا)، ھوت(بېلىق)
        ئاتا بوۋىلىرىمىز بىر يىلدا ئىككى چىللىنى مۇنداق ئايرىغان. 1.ياز چىللىسى__ (6.21__7.31 كۇنلىرى كونىچە 6.10__7.20كۇنلىرى)40 كۇن، 2.قىش چىللىسى__(12.21__1.31كۇنلىرى كونىچە 12.9__1.18 كۇنلىرى) 40 كۇن قىلىپ قىش ياز پەسىللىرىنى توققۇز ئون بويىچە 90 كۇندىن بۆلگەن.
    دېمەك، نەۋرۇزنى قەدىرلەش بىزنىڭ قەرزىمز ۋە بۇرچىمىزدۇر. بۇ بايرام پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى كۈن-تۈنىڭ تەڭلىشىشى بىلەن قەلىپلەرگە ئىللىقلىق رەت قىلىپ بولمايدىغان ھېسسىيات بىلەن بىزنى ئۈمىتكە، ئىشەنچكە، تولۇپ تاشقان چىدام، غەيرەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىپتىخار بايرىمىمىزدۇر ئۇنىڭ تەرىپىنى سۆزلەپ بۆلۇشقا قۇربىم يەتمەيدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز ئاتا- بوۋىلىرىمىز ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن نامايەندىلىرىنى كورۇپ ئۆز تارىخىمىز قەلبىڭىزنىڭ ئەڭ ئىچكى ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى تۇيغۇلىرىڭىزنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ لەززەتلىنىپ بېقىڭ دۈنيادا ئۆز تومۇرىڭىزنىڭ قانداق سوقىۋاتقانلىغىنى، چۇشىنىۋېلىشتىن ئارتۇق شېرىن سېزىم بولمىسا كېرەك.

    بۇ ماقالە ئىمىن تۇرسۇننىڭ " نورۇزنامە" دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
     نورۇز ئىشى ھەققىدە بىلىك كۇلۇبىغا ئازبولسىمۇ بىرقىسىم يوللانغان ئىكەن . بۇنىمۇ چاپلاپ قويدۇم.
        نورۇز ئېشى تەييارلاشقا كېتىدىغان خۇرۇچ توغرۇلۇق ھازىرچە ئېرىشكەن ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە :
        نورۇز ئېشى ئادەتتە يەتتە خىل دەنلىق زىرائەت ۋە يەتتە خىل كۆكتاتتىن تەييارلىنىدىكەن .
       يەتتە خىل دانلىق زىرائەت : بۇغداي ، قوناق ، ئارپا ، نوقۇت ،پۇرچاق.....
       يەتتە خىل كۆكتات : چامغۇر ،كۆك سەۋزە ، پىياز ، سامساق ، تۇرۇپ ....
        بۇغداي قوناقلارنى ئاز تولا يانجىپ ئۈگۈت قىلىش كېرەك ئىكەن .
    نورۇز ئېشىنى ئادەتتە قوينىڭ باش-پاقالچاقلىرىنى بىر كىچە قاينىتىپ شۇنىڭ شورپىسىغا (شورپا ئادەتتە بىر چوڭ كورا بولسا بولىدىكەن ) ، 1-2 كىلو بۇغداي ، (ئاقلانغان بۇغداي بولسا تېخىمۇ ياخشى ، ئەگەر ئاقلانمىغان بۇغداي بولسا سەل ئۇزۇن قاينىتىلسا بولىدىكەن )، ئارپا ، قوناق ، نوقۇت ، چوڭ-كىچىك پۇرچاق ، چۆكە ، ماش ، خاندۇ ، دادۇر(دادۇرنى ئالدىن سۇغا چىلاپ يۇمشىتىۋالىدىكەنمىز ) ،چامغۇر ،كۆك سەۋزە ، پىياز ، سامساق ، تۇرۇپ قاتارلىقلارنى سۇس ئوتتا 3 سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرىدىكەن ، شورپىغا ئۇستىخانلارنى چېقىپ سېلىپ قويسىڭىز ئىلىكرىمۇ ئېرىپ شورپا تەملىك بولىدىكەن . تۇزدىن باشقا خۇرۇچ سېلىنمايدىكەن ، تەبىئىي تەمى بىلەن يىيىلىدىكەن .

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-6 15:47:02]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 458 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01