فارابى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 6 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بۈيۈك پەيلاسوپ، فىزىكا ئالىمى فارابى


Alpharabus (مۇھەممەد ئەبۇ ناسىر) 
870-950   فارابىنىڭ ھاياتى:

     فارابى قاراخانىيلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان. فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز»فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز»دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتېل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتېل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتېلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتېل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر.



Muslim scholar
Abu Nasr Muhammad ibn 
Muhammad Farabi
(ئىككىنچى ئۇستاز)Muslim scholar Abu Nasr Muhammad ibn Muhammad Farabi (ئىككىنچى ئۇستاز)
  ئارىستوتېل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دېيىلدى. فارابى دېگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى. بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دېيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركىستاندا. يەنە بىرى پېرسىيەدە. ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركىستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان«كىتابلار مەجمۇئەسى» دە: فارابىنىڭ يۇرتى پېرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك دەيدۇ. فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان.


 

   فارابى ئۆز يۇرتىدا ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى ھەم پارس تىلى، گرىك تىلى، ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگەن. ھىجىرىيە 310-يىلى ئىراققا كەلگەن ۋە بۇ يەردە پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت، ماتېماتىكا، مۇزىكا ھەم ئەرەب تىلى قاتارلىق مۇھىم تىللارنى ئۆگەنگەن. نۇرغۇن تارىغچىلار فارابىنى 70 خىل تىل بىلەتتى دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ گەرچە سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولسىمۇ، فارابى ئۆز دەۋرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم ئەدەبىي تىللارنى ئۆگەنگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى، پارس تىلى ۋە ئالىملار، ھۈنەرۋەنلەر تىلى بولغان گرىك تىلىغا بەك پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى بىلىشمۇ مۇشۇ تىلدا شېئىر يازالىغۇدەك سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى پەيلاسوپلار ۋە ماتېماتىكلارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردۇر.


 

    فارابى ھىجىرىيە 330-يىلى ئىراقتىن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە ھەمەدانى بىلەن ئۇچراشقان. پادىشاھ فارابىنىڭ ئىستېداتىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلغان.

ئىراننىڭ پوچتا ماركىسىغا چۈشۈرۈلگەن فارابىنىڭ سۈرىتىئىراننىڭ پوچتا ماركىسىغا چۈشۈرۈلگەن فارابىنىڭ سۈرىتى
   فارابى بۇ يەردە ئوقۇتۇش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەخمىنەن ھىجىرىيە 338-يىلى ئەتراپىدا بىر قېتىم مىسىرغىمۇ بېرىپ كەلگەن. زور كۆپچىلىك تارىغچىلار: فارابى ھىجىرىيە 339-يىلى دەمەشقتە ئالەمدىن ئۆتتى دەپ قارايدۇ. پادىشاھ سەيفۇل دەۋلە ئون بەش نەپەر ئەلەمدار ھەم قەلەمدارلىرىنى باشلاپ، فارابىنىڭ نامىزىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «كىچىك دەرۋازا» سىرتىغا دەپنە قىلغان. فارابىنىڭ تاللىۋالغىنى تەركىدۇنيا، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش ئىدى.ئۇ توي قىلمىغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگۈل ئۆتكەن ئىدى. ھەر كۈنى پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە خەزىنىسىدىن خىراجىتىگە پەقەت تۆت دەرھەم ئېلىشقىلا ئۇنۇيتتى. فارابى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتى. 

   فارابىنىڭ زور بىر قىسىم تىرىشچانلىقى پەلسەپە تەتقىقاتىغا قارىتىلغان. بولۇپمۇ گرىك پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتېل پەلسەپىسىنى ۋە ئارىستوتېل ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇ ناھايىتى كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلغان ئىدى. ئىبن خەللىكاننىڭ يازغىنىغا كۆرە، فارابى ئارىستوتېلنىڭ «روھ ھەققىدە» دېگەن كىتابىنىڭ ئۈستىگە ئۆز قەلىمى بىلەن، «بۇ كىتابنى يۈز قېتىم ئوقۇدۇم» دەپ يېزىپ قويغان. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، فارابى يەنە: «پەيلاسوپ ئارىستوتېلنىڭ ‹فىزىكا› ناملىق كىتابىنى مەن قىرىق قېتىم ئوقۇدۇم، بىراق يەنە چوقۇم ئوقۇشۇم كېرەكتەك ھېس قىلىمەن» دېگەنمىش.


   فارابىنىڭ ئەرەب ئىلىم-پېنىگە قوشقان تۆھپىسى:

فارابى– ئەرەب دۇنياسى پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقىي پېشۋاسى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ ئاتايدىغان ئىلىم ئىگىسى دەل مۇشۇ ئادەم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەرەب پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسى ئىچىدە ئۇنى چىقىش نۇقتا قىلمىغان ئىدىيە يوق دىيەرلىك. فارابى – پەلسەپە تارىخى ۋە ھەر قايسى مەزھەپ مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ئادەم. ئۇ يەنە ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتېل ئارىسىدىكى ئوخشاشمىغان قاراشلارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە كۈچىگەن. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەرگىز پەلسەپە ساھەسىدىكى ئورنىدىن تۆۋەن ئەمەس. مۇزىكا ئىلمى جەھەتتە، فارابى ئۆز دەۋرىنىڭ تالانت ئىگىسى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ«مۇزىكا دەستۇرى» دېگەن مەشھۇر بىر ئەسىرى بار. ئىبن خەللىكان ئۇنى «قالۇن» دېگەن چالغۇنىڭ ئىجادچىسى دەپ ھېسابلايدۇ.

"Kitab-al-Musiqa" ناملىق كىتابى

 

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قەغەز پۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن فارابىنىڭ سۈرىتىقازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قەغەز پۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن فارابىنىڭ سۈرىتى


 


 


 فارابى ئەسەرلىرى.

فارابى ئەسەرلىرىدىن 40 پارچىسىلا بىزگە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ 32 پارچىسى ئەسلى نۇسخا، 6 پارچىسى ئىبرايچە تەرجىمە، 2 پارچىسى لاتىن تىلىدىكى تەرجىمە. «پەن تەرتىپى» بۇ ئەسەر فارابىنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى. مەزكۇر ئەسەر 1931-يىلى قاھىرەدە تۇنجى قېتىم نەشىردىن چىقىپ، كلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. مەزكۇر ئەسەردە فارابى ئىلىمنى بەش رەتكە ئايرىپ، سەككىز تۈركۈم بويىچە تەتقىق قىلىدۇ. فارابى بىرىنچى رەتكە تىلشۇناسلىقنى قويۇپ، ئۇنى يەتتە تارماققا ئايرىيدۇ:

«فارابى پەلسەپىسى» ناملىق كىتابى «فارابى پەلسەپىسى» ناملىق كىتاب

(1) تاق سۆز ھەققىدىكى ئىلىم.

(2) بىرىككەن سۆز ھەققىدىكى ئىلىم.

(3) تاق سۆز گرامماتىكا قائىدىسى ئىلمى.

(4) بىرىككەن سۆز گرامماتىكىسى.

(5) توغرا يېزىش قائىدىسى ئىلمى.

(6) توغرا ئوقۇش قائىدىسى ئىلمى.

(7) شېئىر قائىدىلىرى ئىلمى.

   ئىككىنچى رەتكە لوگىكىنى قويۇپ، لوگىكىنىڭ ئەھمىيىتى، ئورنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تەقەززالىقنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۈچىنچى رەتكە ماتېماتىكىنى قويۇپ، ئۇنى بەشكە تارماقلايدۇ:

(1) ئارىفمېتىكا.

(2) گېئومېتىرىيە.

(3) ئاسترونومىيە.

(4) مۇزىكا.

(5) دىنامىكا.

   تۆتىنچى رەتكە فىزىكا بىلەن مېتافىزىكىنى (ئىلاھىيەتنى) قويىدۇ. بەشىنچى رەتكە ئەخلاق ۋە سىياسىينى تۆتكە تارماقلايدۇ:

(1) مەرىپەت.

(2) فىقىھ.

(3) كالامىيەت.

(4) تەۋھىد.

    مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن فارابى ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق ھەم ئېنىق ۋە يۈكسەك بولۇپ، باشقا ئەسەرلىرىدەك مۇرەككەپ چۈشىنىكسىز ئەمەس. فارابى تۆھپىلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بۇ كىتابىنى كېيىنكىلەر يېزىقچىلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلغانلىقىدا. مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە ھەكىم ئىبنىسىنامۇ ئۆزىنىڭ «ئەششىفا» دېگەن كىتابىنى فارابىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. ئىبنىسىنا فارابىنى ئۆز ئۇستازى قاتارىدا كۆرگەن بولۇپ، ئىبنىسىنادىن فارابى پەلسەپىسىنىڭ ۋارىسلىرىغا خاس خىسلەتنى كۆرگىلى بولىدۇ. فارابىدىن ئىبارەت بۇ پەيلاسوپنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ۋە ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغانلارغا ئىبنىسىنادەك ھاكاۋۇر، چوڭچى، ھەتتا ئەپلاتۇننىڭ پەلسەپىسىنىمۇ ئانچىلا ۋاي دەپ كېتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ باھا بەرگەن ئادەمنىڭ فارابىنىڭ ئالدىدىكى كەمتەرلىكىنى ئىشارە قىلىشلا كۇپايە. ئىبنىسىنا مۇنداق ئېتىراپ قىلغان: «مەن ئارىستوتېلنىڭ ‹مېتافىزىكا› سىنى قىرىق قېتىم ئوقۇپ ئازراقمۇ ھەزىم قىلالمىدىم. پەقەت فارابىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شەرھى ئەسىرى قولۇمغا چىقىشى بىلەن زېھنىم كەڭ ئېچىلىپ كەتتى »ئىككى پەيلاسوپنىڭ قاراشلىرىغا مۇرەسسە:«  بۇ ئەسەر ناھايىتى يۇقىرى تارىخىي قىممەتكە ئىگە. بۇ ئەسەردە فارابى ئەپلاتون بىلەن ئارىستوتېل ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئېسىلبالىق (پەزىلەتلىك شەھەر) ئاھالىسى توغرىسىدىكى قاراشلار» بۇ كىتاب فارابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ كىتابتىن بىز فارابىنىڭ پىكىر دۇردانىلىرىنى ۋە پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرىنى كۆرەلەيمىز. كىمكى فارابى قاراشلىرىنى بىلمەكچى بولسا، پەقەت مۇشۇ كىتابنى ئوبدان ئوقۇپ كۆرسە بولىدۇ. بۇ كىتاب 37 باب بولۇپ، پەلسەپە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن.


مەنبە :شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان«ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى-3» دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1044 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-02