مۇسابايىۋلارنىڭ تەرجىمھالى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مۇسابايۇۋلارنىڭ تەرجىمھالى


 

مۇسابايوۋلارنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر- ئاتۇش ناھىيە ئېكىساق كەنتى .ئۇلارنىڭ يەتتە ئاتىسى ئاشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دېھقانچىلىق ،تىجارەت ،كەسپىي كارخانچىلىق ،چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇلارنىڭ سودىسى ئابدۇرۇسۇلبايدىن باشلاپ دۇنياغا يۈزلەنگەنىدى .ئۇلارنىڭ ئەجىدادلىرى: بىرىنچى ، مۇھەممەت ئېلى . 1760-يىلى تىجارەتىنى توخىتىتىپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ،ئۇنىڭ يەر ،سۇ ،ئىشلەپچىقىرش قوراللىرى ،بىر بۆلۈم چارۋسى بولغان ،شۇ يۇرتنىڭ ھاللىق كىشىلىرىدىن ئىدى. ئىككىنچى ،ئابدۇلئەزىز. ئۇ ئۆز يۇرتىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ ،قۇشۇمچە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ چارۋىچىلىق قىلغان.ئۇنىڭ دەۋرىدە،يەر -زىمىن ،مال -مۈلۈك ،نەق پۇل كۆپەيگەن. ئۈچىنچى ، ئابدۇمىجىت. بۇ كىشىمۇ دېقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ ،قۇشۇمچە ئاتا كەسپى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىكەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئىناۋەتلىك كىشىلىرىگە،جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان. تۆتىنچى ،تۇردى .بۇ كىشىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن تىجارىتى ئوخىشاش دەرىجىدە كىرىمگە ئىگە بولغان .بۇنىڭ دەۋرىدە يەر ،سۇ ،ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ،چارۋا ماللىرى ئالاھىدە كۆپەيگەن ، تىجارەت دائىرسى چوڭ شەھەرلەرگە يۇزلەنگەن . تۇردى دىننىي مەكتەپتە ئوقۇپ مۇكەممەل دىنىي بىلىمگە ئىگە بولغان . بۇنىڭ دەۋىردە تىجارەت كىرىمى دېھقانچىلىق كىرىمىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان . ئۇ شۇ زاماندا ئاتۇش بويىچە ئاتاقلىق بايلاردىن بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغان قاراپ كىشىلەر ئۇنى ; تۇردى قۇم ( پۇلى قۇمدىن كۆپ دىمەكچى ) دەپ ئاتىغان . بەشىنچى ، ئابدۇرۇسۇل . بۇ كىشى تىجارەتنى ئاساس ، دىھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ ئېلىپ بارغان ، مۇسابايوۋلار ئائىلىسى ئائىلىسى ئىچىدە تۇنجى چەتئەل بىلەن سودا قىلغان كىشى ، ئۇ دىنىي مەكتەپتە كۆپ ئوقۇغان كىشى بۇلۇپ ئەرەب ، پارىس تىللىرىنى ئوبدان ئۇگەنگەن . جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان جامائەت ئەربابى ئىدى . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلى مۇسا ھاجىمنى ئوقۇتۇپ ، بىلىملىك ، قابىلىيەتلىك ئىگىلىك باشقۇرغۇچى قىلىپ تەربىيلىگەن . كېيىن تىجارەتنى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى مۇسا ھاجىغا ئۆتكۇزۇپ بىرىپ ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن. ئالتىنچى ، مۇساھاجىم . بۇ كىشى ئاتىسى ئابدۇرۇسۇلباينىڭ تەلىمگە ۋە ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ، بىرىنچىدىن ، تىجارەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ ، ئىككىنچىدىن ، يەككە ئىگىلىك يارىتىپ ، تىجارەتكە كارخانا ئىشلەپ چىقىرىشنى قوشىدۇ . ئاتىسىنىڭ پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ئىلىمنىڭ خۇجايىنى بولۇڭلار دىگەن ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ، قەشقەر ، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ، ئەرەپ ، پارىس ، ئوردۇ تىللىرىنى ۋە شۇ تىل -- يېزىق ئىللمىنى مۇكەممەل ئىگىلەيدۇ ھەم جاھان كىزىپ ، يىڭى مائارىپ ، يىڭى تېخنىكا كەشپىياتلىرىنى كۆرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپادىن ئۇگىنىپ شىنجاڭنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ . نەتىجىدە ، 1885 -- يىلى ئىلى كۈرەدە 200 ئىشچسى بار تۇنجى تېرە پىششقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ، ئۇنىڭ يېنىغا تۇگمە ، يېلىم ، كىگىز ، سوپۇن ، شام ، گىلەم ، ئارقان ، ئېگەر -- جابدۇق ، ھارۋا جابدۇقى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى قۇرىدۇ ، ئۇ يەنە ئوغلى ھۇسەنباي ، باھاۋۇدۇنبايلارنىمۇ يۇقۇرى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ بىلىملىك قىلىپ يېتىشتۇرۇش بىلەن بىللە ئۇلارنى پەن -- تېخنىكىنى قوللىغۇچى ، يىڭىلىق ياراتقۇچى قىلىپ تەربىيلەيدۇ . مۇساھاجىم ھايات ۋاقتىدا ، قازاندىن جەدىدى ( جەدىت -- يىڭىچە ) مۇئەللىملەرنى ، بۇخارا ، باغداتتىن دىنى ئۇلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ ، مەدرىسلەردە چەتئەل تىلى ، تارىخ ، ئاسترونومىيە ،ماتېماتىكا ، ئىلمىي تەجۋىت قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتكۇزىدۇ . بىر مەزگىل ئىلىم يۇقىرلىقى بىلەن مۇدەرىس بولىدۇ . ئۆزى نەچچە مىڭ پارچە كىتاپ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەشىر قىلىنغان گېزىتلەرنى توپلاپ ، خەلققە كىتاپخانا ئېچىپ بىرىدۇ . مۇساھاجىم ئۆمرنىڭ ئاخىرىدا جامائەت ئىشلىرى بىلەن بولۇپ تىجارەت ، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى ھۇسەنباي ، باھاۋۇدۇنبايغا قالدۇرىدۇ . بۇلارنىڭ تىجارىتى 1895 -- يىلى ياۋرۇپاغا يۇزلەنگەن بۇلۇپ ، شۇنىڭدىن بۇيان مۇساھاجىمىنىڭ ئىسىمى پەرزەنىتلىرىنىڭ فامىلىسى قىلىنىپ ، ياۋرۇپادا مۇسابايوۋ دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ يەتتىنچى ، ھۈسەنباي ، باھاۋۇدۇنباي . مۇساھاجىمنىڭ ئۈچ خوتۇنىدىن ئالتە ئوغۇل ، ئىككى قىزى بۇلغان . ئۇغۇللار ھۈسەنباي ، باھاۋۇدۇنباي ، ئىمام مۇھەممەت ، ھېسامىدىن ، ئۇبۇلھەسەن ، ئابدۇللا. مۇساھاجىم ئۆزىنىڭ بارلىق تىجارەت ئىشلىرىغا ئىككى چوڭ ئوغلى ھۇسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينى ۋارىس قىلىدۇ . سۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي مۇساھاجىمدىن قالغاندىن كىيىن ، ھۇسەنباي ئومۇمىي ئىشلار مەسئۇلى بۇلۇپ قوشۇمچە زاۋۇتنى باشقۇرىدۇ . باھاۋۇدۇنباي ئىچكى -- تاشقى سودا ۋە سېتىۋىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ ئىمامى مۇھەممەت ئىلىدىكى دېھقانچىلىق -- چارۋىچىلىققا ، ھېسامىدىن قەشقەردىكى دېھقانچىلىق -- چارۋىچىلىق ، قوشۇمچە كەسپلىرىگە ، ئوبۇلھەسەن خوتەن ، يەكەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىن خام -- ئەشيا سېتىۋىلىش ئىشىغا قوشۇپ چەتكە ئېكىسپورت قىلىش ، ئىمپورت ماللىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقىتىش ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش ( گۇما ، قاراقاش خوتەن ، يەكەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەككىز چوڭ مويكا ؛ پاختا ، يۇڭ پرېسلاش ئورنى ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە 150 تىن 400 گىچە ئىشچى بار ) ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ . كىيىن ئۇبۇلھەسەنھاجىم نامى بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ.



 ھۈسەنباي 1926-يىلى ،باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى ۋاپات بولىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئىككى ئاتىدىن بولغان ئەۋلاد ئىككى يىل بىللە تىجارەت قىلدۇ .كېيىن شۇ شىركەت تۈزۈمى بويىچە1930-يىلى مىراس بۆلۈشىدۇ ، بۇ چاغدا ھۇسەنباي ھاجىمنىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سابىت مۇسابايۇف (1972 -- يىلى تۇركىيدە ۋاپات بولدى ) ، باھاۋۇدۇنباينىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسايوۋ ( 1979 -- يىلى ئۇرۇمچىدە ۋاپات بولدى )ۋەكىل بولۇپ مىراس تەقسىمىنى ئالىدۇ . پۈتۈن مال - مۇلۇك 1 مىليارد 562 مىليون 137 مىڭ 193 سوم ئىلى تاۋارنى ئاقچا ۋە 23 مىليون 161 مىڭ 665 سوم مىكسىكا پۇلى ( تاشقى پېرېۋوت ) بولۇپ ، بۇنىڭ %54 ئى 843 مىليون 554 مىڭ 84 سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا ، 12 مىليون 507 مىڭ 299 سوم مېكسىكا پۇلىنى سابىت مۇسابايوۋ ئېلىپ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسم قىلىپ بىرىدۇ . قالغان ئومۇمىي مال -مۇلۇكنىڭ %46 ئى 718 مىليون 583 مىڭ 99 سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا ۋە 10 مىليون 654 مىڭ سوم مېكسىكا بۇلىنى ئىسمائىل مۇسابايوۋ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۇزۇمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بىرىدۇ . ھۇسەنباي ھاجىمنىڭ 2 -- ئايالىدىن بولغان ئابدۇلئەزىر مۇسابايوۋ ( 1984 -- يىلى ئۇرۇمچىدە ۋاپات بولغان ) ئابلەھەي مۇسابايوۋ ( 1970 -- يىلى تۇركىيدە ۋاپات بولدى ) ، مىجىت مۇسابايوۋ ( 1973 -- يىلى سوۋېت ئالما -- ئاتادا ۋاپات بولدى ) لار بىر بولىدۇ . 3 -- ئايالىدىن بولغان ئابلەھەت مۇسابايوۋ (1987 -- يىلى غۇلجا شەھرىدە ۋاپات بولغان ) ، تەلئەت مۇسابايوۋ ( ھازىر تۇركىيە تەۋەلىگىدە بۇلۇپ چەتئەللەردە تىجارەت قىلىدۇ ) ، نېلوپەر مۇسابايوۋ (1982 -- يىلى پارىպدا ۋاپات بولدى ) ، دىلداۋاز مۇسابايوۋ ( 1984 -- يىلى لوندوندا ۋاپات بولدى ) ، بۇلار بىر بۆلۇنۇپ چىقىدۇ ، باھاۋۇدۇنباينىڭ تۆت ئايالىدىن ۋە چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوۋدىن بولغان پەرزەنتلەرئانىسنى ئاساس قىلىپ بۇلۈنىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي بالىلىرى مەلۇم شەكىلدە بىللە تىجارەت قىلىدۇ ( زاۋۇت تىجارىتى بىلەن ) ، باشقا جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسمائىل مۇسابايوۋ 1944 -- يىلى ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرال -- ياراغ سېتىۋېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىغى ، پۇل چىقىرىش دارىسىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى قىتىم ئىنقىلاب ئوردىنى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ . ئازادلىقتىن كىيىن مىللەتلەر ئىنىستېتۇتىدا تەربىيلىنىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋازىپىسىنى ئۆتەيدۇ . 1955 - يىلى مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى سودا تىجارىتى بىلەن ھۆكۈمەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە ئۆتكەندىن كىيىن ، ئابدۇلئەزىز مۇسابايوۋ مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، ئاپتونوم رايۇنلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى . ئاپتونوم رايۇنلۇق سودا -- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئۇرۇمچى شەھەرلىك يىمەكلىكلەر شىركىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . قالغان ۋارىسلىرىمۇ ئۆز لايىقىدا ئېتىبار بىرىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ . ھازىر ئۇرۇمچىدەباھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغلى ئابدۇللائەلىدىن بولغان نەۋرىسى ئۇبۇلھەسەن مۇسابايۇۋ تىجارىتىنى مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا كېڭەيتىپ ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلماقتا .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 567 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01