بارىجان زەپەر

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

سەھرادا ئۆسۈپ يېتىلگەن دوكتۇر

 

ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈزلۈك، چىرايىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدىغان بۇ كىشى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تەرجىمان، سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دوكتۇر بارىجان زەپەر ئىدى. دەل مۇشۇ كىشى سەھرا بالىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇلارغا ئىلھام بەخش ئەتكەن، ئۇلارنى سەھرادىنمۇ دوكتۇر يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن ئىدى.

بارىجان زەپەر پىچان ناھىيە دالانكارىز يېزا بەشتام باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارغا مۇنداق دېدى:

ـــ بىلىم ئادەمنى كامال تاپقۇزىدۇ، شىجائەتلىك قىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئادەم بولۇشنى، ياخشى ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. تىرىشىپ ئۆگەنسەڭلەرلا، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىنمۇ چوقۇم ئالىم، يازغۇچى ياكى ئىلىم ئەھلىلىرى يېتىشىپ چىقىدۇ. دېھقان بولدى دېگەندىمۇ، ھارماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مۇنەۋۋەر دېھقان بولۇپ چىقىدۇ!

پائالىيەت داۋامىدا، ئۇ بالىلارغا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار، شۇنىڭدەك سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئالىم ۋە كارخانىچىلار توغرىلىق سۆزلەپ بەردى.

قائىدە-يوسۇنغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بارىجان زەپەر ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق چەتئەلدە ئوقۇپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ياپونىيىدە ئوقۇغان بولۇپ، ياپون ۋە كورىيە تىللىرىنى راۋان سۆزلىيەلەيتتى. ئۇ بالىلار مائارىپى تەرەققىياتى جەھەتتە چوڭقۇر ئىزدەنگەن ئىدى. ياپونىيىدە تۇرغان مەزگىللىرىدە گېزىت توشۇش، دۇفۇ زاۋۇتىدا ئۇششاق ئىشلارنى قىلىش، ھەتتا كۆكتات بازىرىدا كۆكتات ئادالاشتەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان بولۇپ، كەچلىكى 7 – 6 سائەت ئىشلەپ، كۈندۈزى يەنە دەرسكە قاتنىشىپ، ئاجايىپ قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن ئىدى.

  ئۇ ساۋاقداشلارغا چەتئەلدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ساۋاقداشلار تولىمۇ بېرىلىپ ئاڭلىدى ھەمدە بىردەك ھالدا ئۆزلىرىنىڭمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇ دوستى يالقۇن ئوسماننىڭ تەۋسىيىسى بىلەن يېزا مەكتەپلىرىگە ياردەم بېرىدىغان پىدائىيلار تەشكىللىگەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئىدى. بارىجان زەپەر ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن بۇرۇن پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى. يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى ئەڭ زور داغدۇغا بىلەن تەشەككۈر بىلدۈرگەن، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىدىن بېشى كۆككە يەتكەن شۇ دەقىقىدە، قانداقتۇر بىر خىل ئېيتىپ بەرگۈسىز ھاياجان ئۇنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالدى.

  بارىجان زەپەر سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن، سەھرادىكى مەكتەپلەرنىڭ تولىمۇ ئاددىي، ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولىدىغانلىقىنى تولىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەتتى. شەھەردە ئىلىم ئىزدەش، جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىپ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن يىللار ئۇنىڭدىكى سەھرا ھېسلىرىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى. سەھرانىڭ تونۇش مۇھىتىغا قايتا قەدەم باسقان، ئىللىق سەھرا قوينىغا سىڭىپ كىرگىنىدە، بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە تەشنالىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. شۇ دەقىقىدىن تارتىپ، ئۇ بۇ تەشكىلاتقا قوشۇلۇشنى، تەشنالىق ئىلكىدە تەلمۈرۈپ تۇرغان سەبىي كۆزلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش قارارىغا كەلگەنىدى. بارىجان زەپەرگە ئوخشاش نۇرغۇن پىدائىيلار دەسلەپتە يالقۇن ئوسمان بىلەن بىرگە قوشۇنغا كىرىپ، مېھىرلىك مۇھىت ئويغاتقان چوڭقۇر تۇيغۇلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ياكى

قوللاپ ياردەم بەرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا پىدائىيلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى.  
بارىجان زەپەر مۇنداق دېدى:

ــــ ھەر ساھە، ھەر كەسپلەردىكى شىجائەتلىك زاتلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، قاتتىق دېتال ياكى يۇمشاق دېتال جەھەتلەردىن يېزا مەكتەپلىرىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىنى، بالىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا مەكتەپلىرىدىكى مائارىپ كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 

                ئاپتورى: ۋاڭ شيا        چېن فېڭ فوتوسى

            تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئابدۇروسۇل  
          مەنبە: مىسرانىم تورى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 594 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01