پۇل پاخاللىقى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

نېمە ئۈچۈن پۇل پاخاللىقى كەمبەغەلدىن تارتىۋېلىپ بايغا بېرىدۇ دەيمىز؟

 

 پۇل پاخاللاشقاندا، كەمبەغەلدىن تارتىۋېلىپ بايغا بېرىدىغان ئېففېكت كۆرۈلىدۇ، بۇ يەنە پۇل پاخاللىقىنىڭ قۇرۇلمىسىغا تايىنىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىقتا «ئېگىل كوئېففىتسېنتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆرسەتكۈچ بار. ئۇ يېمەكلىك چىقىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ شەخسلەر ئىستېمال چىقىمى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن سېلىشتۇرما نىسبىتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، قانچىكى كەمبەغەل ئادەمنىڭ يېمەكلىك چىقىمىنىڭ ئىستېمال چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، قانچىكى باي ئادەمنىڭ دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، شۇڭا، يېمەكلىك تۈرىدىكى تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تېز بولسا، كەمبەغەللەرنىڭ يېمەكلىك چىقىمى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەمما، بايلارنىڭ چىقىم قىلىش نىسبىتى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىز ئاددىي پۇقرالارنىڭ دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىگە نېمە ئۈچۈن ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا چۈشىنىپ ئالالايمىز.

    پۇل پاخاللىشىشتىن قانداق ساقلىنىش ئىقتىسادتىكى بىر تېما بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ تەسىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەگەر، پۇل پاخاللىقىنىڭ كەمبەغەللەردىن تارتىۋېلىپ بايلارغا بېرىش ئېففىكتىگە سەل قارايدىغان بولساق، ئۇ ھالدا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ، زەيتۇن دەرىخى شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى تېخى شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتى يەنىلا بىر مۇنچە نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، دۆلەت كەمبەغەللەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

    دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئايدا ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى كۆرسەتكۈچى ((CPI نىڭ ئۆرلىشى %3.6 بولۇپ، 23 ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى پەللىنى ياراتقان. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن، بولۇپمۇ، بىر قىسىم يېمەكلىكلەر باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، ھازىر پۇقرالار بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. شۇڭا، بىز بىر گۇرۇپپا ئوبزور ئېلان قىلىپ، مال باھاسىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن ماكرولۇق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەمدە مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق قىلغاندا كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئورتاق ئىزدەنمەكچىمىز. كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

       

                تەرجىمە قىلغۇچى: ئوكيان تورى پىشقەدەم تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن مۇھەممەت بارات

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 638 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01