رىزۋانگۈل


رىزۋانگۈلرىزۋانگۈل
 1925-يىلى ئالمۇتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان، دادىسىنىڭ ئىسمى ھاشىمئاخۇن، ئاپىسىنىڭ ئىسمى مەريەمخان بولۇپ، دادىسى يۇڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. 1932-يىلى رىزىۋانگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجا شەھىرىگە (پۇشمان مەھەللىسىگە ) كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1933-يىلدىن 1940-يىلغىچە غۇلجىدىكى شەرق مەكتەپ ۋە ئۈمىد مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1940- يىلى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مىللىي قىزلار مەكتەپ بوغالتىرلىق كەسپى سىنىپىدا ئوقۇغان. 1943-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.
رىزۋانگۈل مەرىپەتپەرۋەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئۇ ئائىلىسىنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان، ئۆتكۈر پىكىرلىك، كەمسۆز، لېكىن دېگىنىنى قىلىدىغان، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان قەيسەر قىز بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆكتەملەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان، نارەسىدە قىزلارنى مەجبۇرىي ئەرگە بېرىدىغان، ئاياللارنى خورلايدىغان ئەھۋاللارنى كۆرگەندە ئۇ ئىشلارغا ھېچ ئىككىلەنمەي قارشى تۇراتتى.
رىزۋانگۈل پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى باشلاندى. ئىنقىلاب باشلىنىپ ئالتىنچى كۈنىلا رىزۋانگۈل بىر قانچە دوستلىرى بىلەن پىدائىي بولۇپ جەڭگە قاتناشتى. ئۇ پىدائىي سېپىگە كىرگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن قىسىمنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى بولۇپ قانلىق جەڭلەرگە قاتناشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي قائىدە ۋە قورال ئىشلىتىشنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. ئۇ دائىم: «دۈشمەن بىلەن ئەرك ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان ۋەتەننىڭ ئوغلانلىرى بولسا، بىز ۋەتەن قىزلىرى. قىزلارمۇ قولىغا قورال ئېلىپ ئالدىنقى سەپكە بېرىشى كېرەك »دېسە، ھەمشىرە قىزلارغا:« فاشىزمغا قارشى كۆرەش قەھرىمانى روس قىزى زويادەك بولايلى » دەيتتى. رىزۋانگۈل ئازاتلىق ئۈچۈن جەڭ مەيدانلىرىدىكى جاپا مۇشەققەتنى يېڭىپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، مۆلدۈردەك يېغىۋاتقان دۈشمەن ئوقلىرى ئارىسىدا قەھرىمانلارچە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ يارىدار جەڭچىلەرگە شەپقەت يەتكۈزگەچكە جەڭلەردىكى ئاجايىپ جاسارىتى ۋە يارىدار جەڭچىلەرگە بولغان كۆيۈمچانلىقى بىلەن قوزغىلاڭچى ئارمىيىدىكى بارلىق كوماندىر -جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ شەپقەتلىك، مېھرىبان ھەمشىرىگە ئايلانغان ئىدى.
رىزۋانگۈل 1945-يىلى 13-يانۋاردا ھەرەمباغ ئەتراپىدىكى شىددەتلىك جەڭدە ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىلانغان ئۈچ جەڭچىنىڭ يارىسىنى ئارقا -ئارقىدىن تېڭىپ بىخەتەر جايغا ئاپىرىۋېتىپ، ئارقىغا قاراپ خەۋپلىك جايدىكى تۆتىنچى جەڭچىنىڭ يېنىغا كېتىۋاتقاندا دۈشمەن ئاتقان ئەجەللىك ئوق بېشىغا تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. ئۇ قۇربان بولغاندا ئاران 19 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ. ئۇنىڭ نامى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن قان تۆككەن مىڭلىغان ئوت يۈرەك ئوغۇل- قىزلىرىمىز قاتارىدا تارىخ بېتىگە مەڭگۈلۈك يېزىلدى. 
مىللىي قەھرىمان رىزۋانگۈل باتۇرانە ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئەينى دەۋىر جەڭ مەيدانىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىز جەڭچىلەرنىڭ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ھازىرقى دەۋىرىمىز ياشلىرىنىڭمۇ ﺋۆﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻏﻮﺭﯗﺭ، ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺎ زېمىن ﺋۈﭼۈﻥ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىدىمايدىغان باتۇرانە روھى بۇنىڭغا يول قويمىدى. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ. ﺋﯘ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ھازىر شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋۈﭼۈﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋۆﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 518 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-22