بۇددا دىنى=Buddisim

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بۇددا دىنى=Buddisim

 

بۇددا دىنى  -ئىسلام دىنى ۋە خىرىستان دىنى بىلەن بىللە  ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى. بۇددا دىنىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-6 – ئەسىرلەردە قەدىمكى ھىندىستاندىكى بابىلو (ھازىرقى نېپال چېگرىسى ئىچى) پادىشاھى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى شى دادو (مۇرادىغا يەتكۈچى)، فامىلىسى چياۋ دامو ئىدى. ساكيا مىللىتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى «ساكيامونى» دەپ ئاتىغان، يەنى «ساكيا مىللىتى شاھزادىسى» دېگەن مەنىدە.

   بۇددا دىنىنىڭ نەزىرىدە «بۇددا» بولسا ئەقىل، سەزگۈ، ئىقتىدار ئەڭ مۇكەممەللىككە يەتكەن خاراكتېر دىگەنلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇددا ئەقىدىسىنىڭ باشقا دىنلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، كىشىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، بۇددا ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئۇ پەقەت كىشلەرگە تەلىم بېرىدۇ، كىشىلەر يەنىلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇددا كىشىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزەلمەيدۇ، ياكى دوزاخقا مەھكۇم قىلالمايدۇ، «بۇددا» غا ھەقىقىي مەنە بېرىش ھەقىقەتەنمۇ ئاددىي ئەمەس. بۇددا دىنى ئامىتا بۇددانىڭ تەربىيىسى بولۇپ، بۇتقا باش ئۇرىدىغان دىن ئەمەس، «بۇددا» بىر خىل دىن دېيىشنىڭ ئۆزى بىر خىل ئاممىباپ ئاتىلىشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئەقىل پاراسەت بىلەن ئاڭسىز ئازاب ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، «ھەقىقەت» تە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يولىدىن ئىبارەت.

«بۇددا» ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە كەڭ دائىرىدە تارقالغان. شەرقىي خەن دەۋرىدە غەربتىن شەرققە تارقىلىش نەتىجىسىدە دۆلىتىمىزگە كىرگەن. بۇددا دىنى تارىختا دۇنيا مەدەنىيتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، ھازىرقى كۈندە يەنىلا ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە بولغان تەسىرى چوڭ.

بۇددا دىنى تارقىلىپ ئۇزۇنغا قالمايلا ماھايانا ۋە ھامايانا دىن ئىبارەت ئىككى ئېقىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، كېيىن يەنە تېبەت بۇددا دىنى بۆلۈنۈپ چىققان. ھىندىستاندىكى بۇددا دىنى بولسا پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھىندىستاننىڭ يەرلىك دىنى براھمان دىنى بىلەن سىڭىشىپ 9-ئەسىرەە كەلگەندە بىر قانچە مەزھەپكە بۆلۈنگەن يېڭى بىر دىن ھىندى دىنىنى پەيدا قىلغان.

   بۇددا دىنى تارىختا پۈتكۈل ئاسىيا قىتئەسىنى دىگۈدەك قاپلىغان بولۇپ بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندونوزىيە، مالايسىيە قاتارلىق رايونلارمۇ ئىلگىرى بۇددا دىنى گۈللەپ ياشنىغان ئورۇنلار ئىدى.
   بۈگۈنكى كۈندە  شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى ۋېتنام، كامبودژا، تايلاند ۋە بېرما شۇنداقلا  سىرىلانكا ئاساسەن يەرلىك تۈس ئالغان ماھايانا مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيەلەردىكى بىر قىسىم ئامما ھامايانا مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تېبەتلەر، موڭغۇللار، ئالتايلار، تۇۋالار ۋە نېپالدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەر، بۇتانلىقلار ۋە سىككىملار لاما بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

بۇددا دىنى جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن، كېيىنكى خەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى خېڭدى دەۋرى (147-186) گە كەلگەندە، ئاندىن تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن، تارىخى ماتېرىياللارمۇ موللاشقان. بۇ ۋاقىتتا غەربىي يۇرتتىكى بۇددا دىنى ئۆلىمالىرى كەينى – كەينىدىن جۇڭگوغا كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن «بۇددا» ئىشلىرى بارغانسېرى سەلتەنەت سۈرۈپ، مۇراسىملىرى قائىدىلەشكەن.

ئامىتا بۇددادىن كېيىن، 500 ئارخانت (كامالەتكە يەتكەن مۇخلىسلار) دا جيايېنىڭ باشچىلىقىدا بىر يەرگە جەم بولغان، بۇ ۋاقىتتا قانۇن (نوم) نى ئانەن (ساكيامونىنىڭ ئون چوڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى) يادقا ئوقۇغان، قائىدىنى يۇ پولى  (ساكيامونىنىڭ ئون چوڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى) يادقا ئوقۇغان، نوم مۇشۇ ۋاقىتتا شەكىللەنگەن. 

   مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، بۇددا دىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاساسلىق ئېتىقادى بولۇپ كەلدى، بۇ مەزگىلدە مۇخلىسلارنىڭ تەشەببۇس قىلىشى، نۇرغۇن پادىشاھ، ۋەزىرلەرنىڭ، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى بىلەن، بۇددا دىنى ئاخىرى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن. ئۇنىڭدىكى پەلسەپە بىلىملىرى كۇڭزىچىلىق ئېقىمى بىلەن بىرىكىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت مەنبەسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى پارلاق نۇر چاچقۇزغان.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 499 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01