«قەشقەر» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

قەشقەر- ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرى. ئېلىمىزنىڭ غەرب بىلەن سودا، مەدەنىيەت  ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.

قەشقەر ئىقتىسادى ئالاھىدە رايونىقەشقەر ئىقتىسادى ئالاھىدە رايونى

خېلى بۇرۇنلا كىشىلەر، ئەنە شۇ قەشقەر ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپا قاتارلىق رايونلار ۋە ئەللەر بىلەن باردى- كەلدى، سودا- سېتىق قىلىشقان. شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيىتى بۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆشۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى تارىخىي دەۋىرلەردە قەشقەر ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سودا، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەلۇم دەۋىرلەردە سىياسىي مەركىزىي بۇلۇپ كەلگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىدا گۈللىنىش تەرەققىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئەنئەنىلىرى بىلەن جاھان ئەللىرىنىڭ دىققەت نەزەرىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلگەن. «قەشقەر» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە چەت ئەل ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى تۈرلۈك تەبىر بېرىپ، پىكىر بايان قىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ يۈكسەكلىكىنى ئىپادىلەپ كەلدى. بەزىلەر: شەھەر قەلئەسىنىڭ كۆركەم، مۇستەھكەملىكىنى كۆرۈپ، مۇداپىئە ئىشلىرىدا پۇختا دەپ ھېسابلاپ، ھىجىرىيەنىڭ 96- يىلى (مىلادى 715- يىلى) پەرغانە ئارقىلىق شىنجاڭغا كەلگەن ئەمىر قۇتەيبە قوماندانلىقىدىكى ئەرەبلەر بۇ نامنى بەرگەن دەيدۇ. بەزىلەر: بۇددىستلار بۇ شەھەرنى مۇقەددەس ئۇرۇن ھېسابلاپ «بەيتۇللا» (خۇدانىڭ ئۆيى) دەپ ئاتىغان ئىدى دەيدۇ. ئۇلار بىر زامانلاردا شامان دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ جاينى مۇقەددەس ئۇرۇن ساناپ «كاش- ناگار» دەپ نام بەرگەن دەپ ئىسپاتلايدۇ. دىمەك بۇددىستلار تىلىدا «كاش- خۇدا، ناگار- ئۆي» دېگەن بۇلۇپ، «بەيتۇللا- خۇدانىڭ ئۆيى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. يەنە، بەزىلەر: بۇ يۇرتتىكى نەقىش- ئويما ۋە «كاشا» دەپ ئاتالغان گۈللۈك قول سەنئىتىنىڭ راۋاجلانغانلىقىغا قاراپ، «كاشا» سەنئەتنى ئىگىلىگۈچى (تۇتقۇچى) مەنىسىدىكى «كار» ياكى «ئېر» دېگەن نامنى تۇتقا قىلىپ بۇ شەھەر «كاشاكار» ياكى «كاشائېر» دەپ ئاتالغان دەيدۇ. بەزىلەر يەنە تۈمەن دەرياسىنىڭ لېۋىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۈپتۈز بىر قاش بۇلۇپ، ئۇ ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى كۆركەم، ئېگىزلىك جەھەتتە دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان بولغاچقا بۇ شەھەر شۇ گۈزەللىكى بىلەن تەسۋىرلىنىپ «قاشنىڭ قىرى» دەپ ئاتالغان ئىدى دېيىشىدۇ. بۇ ئاتالمىلار ۋە بېرىلگەن تەبىرلەر گەرچە بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىش ئاساسىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا كىشىلەرنىڭ بۇ تارىخىي رېئاللىققا بولغان تۇنۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بىراق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نام ۋە ئۇنىڭ ماھىيەت ئاساسى ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ، تەلەپپۇزدا «قەشقەر»، يېزىلمىلاردا «كاشىغەر» دېگەن ئاتالغۇ ساقلىنىپ كەلدى.


 ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇت ھۈسىيىن ئوغلىنىڭ ئۆز تەخەللۇسىنى «قەشقەرى» دەپ ئاتىشى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ يۈكسەك ئۇرۇندا تۇرغانلىقىدىن بىر بىشارەتتۇر. دېمەك: «قەشقەر» دېگەن ئاتالغۇ مۇشۇ زېمىندا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئېلىپ بارغان شەھەر قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق سەنئىتى، بۇلۇپمۇ ھەرخىل نەققاشلىق ھۈنىرىنى مۇجەسسەملەپ بەرگەن نام دېيىشكە بولسىمۇ، بۇ نامنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ ئېيتىلىشى يەنىلا كەڭ كىتابخانىلارنىڭ ئەتراپلىق ئىزلىنىپ تەتقىق قىلىشىغا باغلىق دەپ قارايمىز.


  قەشقەر پەقەت شەھەرنىڭلا خاس نامى بۇلۇپ، ئۇ قەشقەرىيە دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئىسمى ئەمەس، چۈنكى، «قەشقەرىيە» كەڭ مەنىدىكى ئىسىم. ئۇ ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن ھالقىپ، ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇ كەڭ دائىرىنىڭ سودا، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەركىزىنىڭ قەشقەر بولغانلىقى تارىختا بەش قولدەك ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە توختالغىنىمىز «قەشقەرىيە» بولماستىن بەلكى، ئاشۇ مەركەز- قەشقەر شەھرىدۇر.

 

2. قەشقەر شەھىرىنىڭ ياسىلىشى .

 

 رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، قەشقەر شەھەر قەلئەسىنىڭ جايى ئۈچ قېتىم ئالماشقان. دەسلەپكى ئورنى ئاتۇشتىكى مەشھەت دېگەن جايدا بولغان. ئىككىنچى قېتىم ئورنى- ئاتۇش يولىدىكى «خان ئۆي» دېگەن جايغا يۆتكەلگەن، پايتەخت خانۆيگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، خېلى زور يۈكسىلىش ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ جاي گەرچە قاراخانىلارنىڭ قۇدرەتلىك پادىشاھى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە تەختىگاھ بولغان بولسىمۇ، مەلۇم زاماندىن كېيىن يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ۋە سۇ يولىنىڭ تۇسۇلۇشى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە ئاستا- ئاستا خاراب بولغان. 3- قېتىملىق ئورنى ھىجرىيىنىڭ 940- يىلى (مىلادىنىڭ 1533- يىلى) مىرزا ھەيدەر تەرىپىدىن ھازىرقى قەلئەنىڭ بىر قىسمى بولغان ئورۇنغا يۆتكىلىپ، ئاۋات قىلىنغان ئىدى. شەھەرنىڭ ئورنى نىسبەتەن ناھايىتى كىچىك ئىدى. بۇنىڭدىن «ئىچكىرىكى شەھەر» دەپ ئاتالغان قىسمى ساقلىنىپ كەلگەن. «توققۇزاق دەرۋازا»، «قارىقى دەرۋازا» دېگەن ناملار دائىرىسى ئىچىدىكى ئۇرۇن ئەنە شۇ بۇرۇنقى شەھەر قەلئەسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ شەھەر كىچىك سېلىنغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرنىڭ تەلىپى كېڭەيتىشنى خالىمانلىقتىن كېڭەيمەي قېلىۋەرگەن ئىدى. پەقەت خىخ ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا كەلگەندە زوھورىدىن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ «تاشقىرىقى شەھەر» دەپ ئاتالغان قىسمى قەلئە ئىچىگە قۇشۇلۇپ، سېپىل بىلەن ئېھاتەلەندۈرۈلدى.


زوھورىدىن ھاكىم بەگ ئەسلىدە تۇرپانلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. ئۇ قەشقەردە ھاكىم بەگ ئۇنۋانى بىلەن 20 يىلدەك ھۆكۈم سۈردى. بۇ دەۋىردە ئۇ خەلق ئۈستىدىن نۇرغۇن زوراۋانلىقلارنى ئىشلەتكەن. بۇلۇپمۇ سېپىل ياساشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەرگە نىسبەتەن بەزىبىر پايدىلىق ئىشلارنىمۇ قىلغان. ئۇ كۆپلىگەن بىنام يەرلەرنى ئاچقۇزۇپ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۆستەڭلەرنى چېپىپ، ئاشلىق ۋە باشقا ئىگىلىكنى يۈكسەلدۈرگەن ئىدى. قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىشكىمۇ ئۆزى بىۋاستە باشچىلىق قىلغان ۋە قاتناشقان. بۇ ھەقتە شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، مۇتەپەككۇر شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى ئۆز شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:


كى بىرمىڭ ئىككى يۈز ئەللىك بەش تارىخىي پەيغەمبەر ①
بىنا قىلدۇردى شەھەرنى شاھ زوھورىدىن بەلەند ئەختەر ②
دىيارى خەلقنىڭ ھالىغا رەھمە ئەيلەپ ھىدادىيەدىن
قىلىپ قەلئەنى مەھكەم گويا سەددى ئىسكەندەر.


نورۇز ئاخۇن كاتىپمۇ ئۆز شېئىرىدا زوھورىدىن ھاكىم بەگنى ئەنە شۇ مەزمۇندا ئۇلۇغلاپ كۈيلىگەن ئىدى.


شاھ زوھورىدىن سۇلۇي ئامبال قىلىپ شەھەرنى بىنا،
ھىممەت ئالغان بۇ شاھقا بارىكاللا مەرھابا.
ئەلئەدەر سائادەت ③ ۋە قىلمىشتۇر پەلەكتىن بىر نىشان،
بۇ بىنا تەمىرنىڭ تارىخىغا ئەختەرنىدا ④


يۇقۇرىقى شېئىرلاردىن زوھورىدىن ھاكىم بەگنىڭ شەھەرنى كېڭەيتىش خىزمىتىدە ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. شەھەرنىڭ بۇ قېتىمقى سېپىلىنى سوقۇشتا تولىمۇ تېز تۇتۇش قىلغانلىقتىن، بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا ياسىلىپ بولغان. يۇقۇرىقى شېئىرلاردىن سېپىلنىڭ ئوخشاشمىغان يىللار ئىچىدە ياسالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئابدۇرېھىم نىزارى ھىجىرىيە 1255- يىلىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرۇز ئاخۇن كاتىپ «ئەختەر نىدا» سىدا ھىجىرىيە 1256- يىلىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقتا، قارىماققا ئارلىقتا بىر يىل پەرق بارلىقى ناھايىتى روشەن. لېكىن بۇنى تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، ھەر ئىككىسىنىڭ توغرا بۇلۇپ، سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى 1255- يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 1256- يىلىنىڭ باشلىرىدا پۈتكەنلىكى مەلۇم. ھەر ھالدا، سېپىلنىڭ ئالتە ئايدا ياسىلىپ بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.


بۇ قېتىملىق شەھەر پىلانى ئەسلىدە شىمالدا تۈمەن دەرياسى، جەنۇپتا قىزىل دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يانداشتۇرۇپ سېلىنماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ چوڭ موللىلىرىدىن بولغان موللا سادىق ئەلەم ۋە تۇردى شەيخ دېگەنلەرنىڭ ئارقىدا غەيۋەت- شىكايەت قىلىپ قارشى چىقىشى بىلەن پىلان ئۆزگەرتىلىپ، كىچىكلىتىلگەن. بۇلار ئۆز شىكايەتلىرىدە: «زوھورىدىن ھاكىم بەگ ئۆزى تۇرپانلىق بولغىنى ئۈچۈن، ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ قەبرىسنى شەھەر دائىرسىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرمەكچى دېگەن سۆز- چۆچەكلەرنى تارقاتقان. بۇ سۆزلەردىن رەنجىگەن ھاكىم بەگ، ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ گۈمبىزىنى شەھەر سىرتىدا قالدۇرۇپ، موللا سادىق ئەلەمنىڭ شىمال تەرەپتىكى (تۆرە يارباغ دېگەن جايدىكى) بېغى بىلەن تۇردى شەيخنىڭ جەنۇپ تەرەپتىكى (قۇم دەرۋازىدىكى) بېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تانا تارتىپ، شەھەر دائىرسىنى كىچىكلىتىپ، سېپىلنى ئۇلارنىڭ بېغى ئۈستىگە سېلىپ، جازالىغان. شەھەرنىڭ ئاشۇ ھالىتى تاكى 1950- يىللارغىچە ساقلىنىپ كەلگەن.»

 

قەشقەر شەھىرى گەرچە زوھورىدىن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن كېڭەيتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يىڭىدىن قۇشۇلغان جايلىرى بىردىنلا ئاۋات بۇلۇپ كېتەلمىدى. بۇلۇپمۇ غەرب تەرەپتىكى سازلىق بىلەن گۆرستانلىق كىشلەرنى كۆنۈكتۈرەلمىدى. پەقەت بىر قانچە يىللاردىن كېيىن، جەنۇبتا قوزغالغان راشىدىن خوجا قوزغىلىڭى① ئەسناسىدا ھاكىميەت بېشىغا چىقىۋالغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ غەرب تەرەپتىكى يىڭى قىسمى ئاۋاتلاشتى. بۇلۇپمۇ ھېيتگاھ جامەسىنىڭ كېڭەيتىپ قايتا ياسىلىشى ۋە بارلىق ھېيت- بايرام مۇراسىملىرىنىڭ بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلۈشى، بۇ قىسىمنىڭ تېخىمۇ ئاۋات بۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. ياقۇپ بەگنىڭ ئوردىسى دەپ ئاتالغان باش مەمۇرىي ئورگاننىڭ دەرۋازىسى شۇ تەرەپكە قارىتىلغانلىقتىن، «ئوردا ئالدى» دەپ ئاتالدى. ھېيتگاھ مەيدانى بىلەن ئوردا ئالدى ئارىلىقىدىكى جاي چەت ئەللىكلەر تۇرىدىغان ئۇرۇن بولغانلىقتىن «ئەلچىخانا» دەپ ئاتالدى ۋە شەھەرنىڭ ئاساسىي مەركىزىي بۇلۇپ قالدى. 1878- يىلى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى.


قەشقەرگە كېلىپ ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان لى جۇيا بەزى جايلارنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ھېيتگاھ مەيدانى ئۆز رولىنى يوقاتمىغان ئىدى. ھىجىرىيىنىڭ 1315- 1317- يىللىرى (مىلادىيە 1898- يىلى) لويجى دارىن تەرىپىدىن شەھەرنىڭ غەربىگە يانداپ سالدۇرغان كىچىك قەلئە شەھەر دائىرسىنى يەنىمۇ زورايتتى. بۇ كىچىك قەلئە يۇمىلاق دائىرلىك سېپىل ئىچىگە ئېلىنغانلىقتىن، خەلق بۇنى «يۇمىلاق شەھەر» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ غەربىگە قۇرۇلغان دەرۋازىسى بۇ شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى يېزىلارغا قاتنايدىغان ئېغىز بۇلۇپ قالغانلىقتىن، خەلق ئۇنى «يېڭى دەرۋازا» دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى تۆتكە يېتىپ، شەھەر قاتنىشىدا خېلىلا ئوڭايلىق تۇغۇلدى.

 

ھىجىرىيىنىڭ 1326- يىلى (مىلادىنىڭ 1909- يىلى) لوشەنتۈي تەرىپىدىن يۇمىلاق شەھەرگە چوڭ بىر يامۇل سالدۇرۇلدى. خەلق بۇنى «شەتەي يامۇلى» دەپ ئاتىدى. 1912-، 1923- يىللىرى قەشقەردە، دەۋىر سۈرگەن ھەربىي قوماندان شەتەي لۈيجاڭ ماجىئۇ مۇشۇ جايدا تۇرغان ئىدى. ماجىئۇ سېپىلىنىڭ ئۈستىگە يانداپ، تۆت قەۋەتلىك راۋاق سالدۇرۇپ، شەھەرگە سۈرلۈك تۈس پەيدا قىلدى. راۋاقنىڭ تۆت ئەتراپى ئەينەكتىن ياسالغاچقا ئالاھىدە كۆركەم مەنزىرە ھاسىل قىلدى. راۋاق خېلىلا ئېگىزلىككە ياسالغانلىقتىن، ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغان كىشى شەھەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى كۆرۈپ تاماشا قىلالايتتى. شۇنىڭدەك راۋاقنىڭ ئالدىدىكى «يۇمىلاق شەھەر كۆلى» دەپ ئاتالغان چوڭ كۆلنىڭ ھاۋاسى ۋە مەنزىرىسىدىن كۆڭۈل ئاچالايتتى.

 

بۇ قورغانچىنىڭ ئەسلى نامى كونا گۈلباغ ئىدى. مىلادىنىڭ 1554- يىلى قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مىرزا ھەيدەر ① ياساتقان تۆت باغنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىدىن كېيىن ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. شۇنداق بولسىمۇ، مانجۇلار بۇ يەردە ھەربىي قىسىم تۇرغۇزدى. بۇ جاي ياقۇپ بەگ ھاكىميىتى دەۋرىدە يەنە تاشلىنىپ قالدى. كېيىن زوزۇڭتاڭنىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن تارتىپ يۇمىلاق شەھەر ھەربىي لاگىر بۇلۇپ قالدى.
قەشقەر شەھىرى يېقىنقى بىر ئەسىر دۋامىدا «كونا شەھەر»، «يېڭى شەھەر» دېگەن ئىككى قەلئەگە بۆلۈندى. يىڭى شەھەرنى- تۇڭ دارىن دېگەن كىشى 1854- يىلى بىنا قىلدۇردى. يېڭى شەھەر قەلئەسى كونا شەھەرنىڭ جەنۇبىغا توققۇز كېلومېتىر كېلىدىغان ئىككى دەريانىڭ ①ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ئىدى، بۇ قەلئە شۇ زاماندىن تارتىپ ھەربىي لاگىر بۇلۇپ كەلدى. مەسىلەن، ياقۇپ بەگنىڭ «قوش بەگلىك مەھكىمىسى»، جىنشۇرىننىڭ «سىجاڭ يامۇلى»، گومىنداڭنىڭ «جىڭبىي سىلىڭبۇسى» مۇشۇ شەھەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا تارىخنىڭ ئۆزى شاھىد.


 قەشقەر شەھىرى تارىختا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەرنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى چاغدىكى ھەربىي، مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئورگانلىرى مۇشۇ شەھەردە تەسىس قىلىنغان. بۇ شەھەرنىڭ سېپىلى ئېگىز، پۇختا، ئەتراپلىرى خەندەك بىلەن ئورالغانلىقتىن ئۇرۇشتا ئاسان قولدىن كەتمەيتتى .

 

3. ھېيتگاھ جامەسى 

 

ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنىيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.


جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن بارلىق ھېيت ئىشتراكچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەربىر قېتىملىق ھېيتتا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گىزى كەلگەندە بۇ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى، ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئۇمۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيىتىدۇر. «ساما» بىر خىل سەنئەتلىك ئۇيۇن بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇنلانسا، «ساما» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئۇرۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەربىر كىشى ئۆز دائىرسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ھەركەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. «ساما» دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاھاڭ يۆتكىشى بىلەن رېتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ «ساما» سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ.

بۇ ئىككى ھېيت مەزگىلدە ھېيتگاھ مەيدانىدا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ قالماستىن، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ.

 

4. ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

 

 تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئۇرۇنغا دەپنە قىلىنغان. ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان. خىخ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلادى 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان.

 

ھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئۇمۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان. خىخ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن قەمىر قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرىپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن.

 

ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش ① زىلزىلىسى يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار زەخىملەنگەن ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان.
ھىجرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، دەرەخلەر تۇلۇقلاپ قويۇلغان، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان.ھىجرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە «ئىسلامى مەدرسى»- مەسچىت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان.



ھېيتگاھ جامەسىھېيتگاھ جامەسى

ھىجرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.
 ئازادلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ جامەنى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۇرۇن» قىلىپ بىكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ- كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983- يىلى 100 مىڭ يۈئەن ئاجرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى. جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى.


ھازىر ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي- مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكىسكۇرىسىيە ۋە زىيارەت سورۇنىغا ئايلاندى.
 قەشقەر شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەھەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوستلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ھېيتگاھ جامەسى بولماقتا، بۇ جامەنىڭ ئورنى، ئابرويى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 10

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2208 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-01-28