ئالىيە ھۈسەيىن

كورىيە پارلامىنتىدىكى ئۇيغۇر قىزى ئالىيە ھۈسەيىن


ئالىيە ھۈسەيىنئالىيە ھۈسەيىن

    ئالىيە ھۈسەيىن (32ياش) ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كېيىن كورىيەگە بېرىپ ئىنگىلىز تىل–ئەدەبىياتىدا ئوقۇغان. بۇ ئىككى كۆزى ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز ۋە كورىيە تىللىرىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ سىئول پارلامىتىنى زىيارەت قىلغۇچى مىھمانلارنى كۈتىۋېلىشقا مەسئۇل قىلىنىپ، سىئول ساغېن دىموكىراتىيە مەيدانىنى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلغۇچى كۆزىگە ئايلاندى. ئۇ ئۆز يۇرتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كورىيەلىكلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، يەرلىكنىڭ توختاملىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قېلىنىشتا پۈتۈنلەي «يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى» گە تاياندى.

    ئۇ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا كورىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشقان، 2000-يىلى كورىيەگە كەلگەن. كورىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئاۋال شۇمىڭ قىزلار ئۇنۋېرسىتېتىدا كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا كورىيە تىلى ئۆگەنگەن، كېيىن يەنە شۇ مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن، بۇيىل خەلقئارا مۇناسىۋەتلىشىش ئىلمىنىڭ ئاسپىرانتلىغىنى تاماملىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«كورىيە ۋە ئىنگىلىز تىل–يېزىقىنى ئۆگۈنۈش جەريانىدا تەبىئىلا « يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى » منى يېتىلدۈردۈم».

    « كورىيە تىلىدا ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىش مۇرەككەپرەك، لېكىن ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاشلا ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغاچقا، سۆز تەرتىبى ئوخشاش، ئۆگۈنۈش ئانچە تەس ئەمەس. مەن كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا ئۆزەمنىڭ پۇلىغا ئوقىغان، كېيىن تولۇق كۇرس بىلەن ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغاندا، ئىنىستىتوتنىڭ. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم“.

    ھۈسەيىن قىزى ئالىيە ئۆزىنىڭ كورىيەدە خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي كورىيەلىك دوستلىرىنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىدىن دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ:«مەن كىچىگىمدىنلا دوستلىرىم بىلەن چىقىشىپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىم. مەن ھازىرمۇ ئازراق ۋاقتىم بولسىلا شۇمىڭ قىزلار ئۇنۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان دوستلىرىم ۋە ئۇستازلىرىم بىلەن توردا پاراڭلىشىپ تۇرىمەن. بۇ يىل بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىشنى ئويلاۋاتىمەن.»

    ئۇ ئارىلىقتا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC) مىنىستىرلار يىغىنى (2005-يىل 6-ئاي)، دۆلەتلەر ئولىمپىك كوممىتىتى جەمئىيىتى (ANOC) چوڭ يىغىنى (2006-يىل 3-ئاي) قاتارلىق خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئۆزىنىڭ تەرجىمانلىق ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. ئۇ: «مەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ۋە پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سېھرى كۈچنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىغا ياردەم قىلىمەن.» دىدى. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا سىئول شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە« پارلامىنتنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى» نى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال بېرىپ تىزىملىتىشىممۇ مېنىڭ دائىم باشقىلار بىلەن خۇشال–خۇرام ھالدا سۆزلىشەلەيدىغانلىغىمدىن بولدى،دىدى.

    ئۇ ئەمدى ھەر يىلى 15 مىڭ ئادەمگە سىئول شەھەرلىك پارلامىنتنى تونۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت سىتراتىگىيىسى بولسا: مەنىلىك سۆزلەش، ئەزمىسىنى ئەزمەسلىك! ئۇ دەيدۇكى: ئالدى بىلەن مىھمانلارنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى، قايسى ياش-قۇرامدا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئوبدان ئىگىلىۋېلىپ، ئاندىن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىش كېرەك. ئەگەر مېھمانلارغا: «سىئول پارلامىنتى ئەسلىدە بىزنىڭ تۇرمىشىمىز بىلەن مانا مۇشۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى بار جايكەن» دىگەننى ھىس قىلدۇرالىساق، ئۇلارنىڭ زىيارىتى نىمىشقا مەنىلىك بولمايدىكەن؟ ئەلۋەتتە، بەزىلەر يەنە بىر قانچە ئېغىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىپ قويۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.

مەنبە:xjkorea.blogbus.com


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2495 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-30