ياۋروپالىقلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مېنىڭ بىر ئەنگىلىيەلىك خىزمەتدىشىم بولىدىغان، بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماققا چىقىپ قالدۇق، يولدا مەن ئالدىدا ماڭغاچقا يولبويى ئىشىكلەرنى مەن ئاچتىم ۋە تەبىئىيلا ئۇ ئۆتۈۋالغۇچە ئىشىكنى تۇتۇپ ساقلاپ تۇردۇم. ھەر بىر قېتىم ئىشىكنى ئېچىپ بەرگىنىمدە ئۇ ماڭا رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنۇتمىدى، ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىمنى ناھايتى چوڭ بىلگىنى چىقىپ تۇراتتى. بۇ ئىش ئېسىمدە ئېنىق قاپتىكەن. كېيىن فىنلاندىيەگە كەلگەندىن كېيىن بۇنىڭ ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر قائىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. گەرچە بىز ئۇيغۇرلار ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ياكى تونۇشلار بىلەن ماڭغاندا بۇنىڭغا دىققەت قىلساقمۇ لېكىن كەينىمىزدە تونۇمايدىغان ئادەم كېلىپ قالسا كارىمىز يوق ئىشىكنى قويۇۋېتىپ كېتىۋېرىمىز. بىراق بۇ يەردە ئۇنى ئېغىر ئالىدىكەن. بىر قېتىم مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى.
بىر كۈنى ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم. بىنانىڭ ئىشىكىگە ئون قەدەم قالغاندا بىر خوشنام كىرىپ كەتتى. مەنمۇ كەينىدىن ئىشىكنى ئېچىپ كىردىم ۋە ئۇنىڭغا سالام قىلدىم، ئۇ شۇ ھامان كېلىپ مەندىن ماڭا ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ ساقلاپ تۇرمىغانلىقىنى ئېيتىپ مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. مەن بۇنىڭدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم. يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ قىززىق بولغىنى چېنىقىش ئورنىدىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدا 5 قەدەم ئالدىمدا كېتىۋاتقان بىر ئوغۇل بالا مەن ئۈچۈن ئىشىكنى تۇتۇپ تۇردى، مەن ئىشىكتىن چىققاچ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ كېتىۋېرىپ كەينىمدىنلا بىر قىزنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرمەپتىمەن. ئۇ مېنى ئىشىكنى تۇتۇۋالىدۇ دەپ قويۇۋەتكەن لېكىن مەن تۇتۇۋالمىغان بولغاچقا كەينىمدىكى قىز ئىشىكنى ئازراق ئىتتىرىپ چىقتى، بۇنى كۆرگەن ھېلىقى ئوغۇل بالىمۇ ھودۇقۇپ ئۇ قىزدىن كەچۈرۈم سوراپ كەتتى، ئۇ قىز بولسا خىجىل بولۇپ يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى، لېكىن بۇ ئىشتىن مەن تېخىمۇ خىجىل بولۇپ كەتتىم چۈنكى ئىشىكتىن چىقىۋېلىپلا ئۇنى تۇتۇپ تۇرمىغان ئەسلى مەن ئىدىم، كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىك كىشىمۇ مەن، لېكىن ئۇ ئوغۇل بالا كەچۈرۈم سورىمىسا مەنمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيلا كېتىپ قالاتتىم. دېمەك ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدە ئىشىكتىن چىقىۋېلىپ ئۇنى باشقىلار چىقىۋالغۇچە ئوچۇق تۇتۇپ تۇرماسلىق ئەخلاقسىزلىق بولىدىكەن.

*************

بىر قېتىم بىزنى شىركەتتىن ئوينىغىلى ئاپاردى، ئاۋۋال دېڭىز بويىدىكى كېچىك ياغاچ ئۆينىڭ ئالدىدا كاۋاپ پۇشۇرۇپ يەپ، پىۋا ئىچىپ ساڭناغا چۈشۈپ ئاندىن دېڭىز سۈيىدە چۆمۈلۈپ خوشال ئوينىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنى شەھەر ئىچىدىكى مەيخانىغا ئاپارماقچى بولۇشتى. مەنمۇ ئەگىشىپ ماڭدىم. مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر خىزمەتدىشىم ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ كەلمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېترودىن چۈشۈپ قالدى، مەن ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىغاندا ئۇ مەن ساڭناغا چۈشكەندە ئىشلەتكەن لۆڭگەم سومكامدا ئىدى، ئۇنىڭ پۇرىقى بەك ناچار. مەن ئەڭ ياخشىسى بۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ كېلەي دېدى. ئەمىليەتتە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپمۇ ئۇنىڭ سومكىسىنىڭ ئىچىدىكى لۆڭگىسىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمىغان ئىدىم. شۇڭلاشقا بۇ ئاغىنە نېمانداق قىلىپ كېتىدىغاندۇ دەپ ھەيران بولدۇم.
بىر كۈنى ھاۋارايىغا قارىمايلا قېلىن كىيىنىۋاپتىمەن، شۇ كۇنى ناھايتى ئىسسىق بولدى، مەن سەل تەرلىدىم. كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ فىن تىلى دەرسىگە ئالدىراپ ماڭغاچقا يەنە ئازراق تەرلىدىم. سىنىپقا كىرىپ ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ چاپىنىمنى سېلىپ قويغاندا ئۆزەمنىڭ ئازراق تەر پۇراپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم، بىراق يەنە ئورنۇمدا ئولتۇرىۋەردىم. دەرس باشلىنىپ يېرىمغا كەلگەندە ئوقۇتقۇچى بىزنى يېنىمىزدىكى كىشى بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا بۇيرىدى. مەن يېنىمدىكى بىر رۇس ئايال بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە ئازراق سۈرۈلدۈم، تېخى سۆزلىشە – سۆزلەشمەيلا ئۇ بۇرنىنى تۇتىۋېلىپ سەن پۇرايدىكەنسەن دېمەسمۇ؟ بۇنىڭدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. ياۋروپالىقلارنىڭ ئالدىدا ئازراقلا پۇراپ قالسىڭىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىسىزكەن، بۇنىڭغاشۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ قاتتىق دىققەت قىلدىغان بولۇپ كەتتىم.

 

ياۋروپالىقلارنىڭ يەنە بىر مىجەزى ئۇلار سىزنىڭ قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىڭىزنى ھەرگىز سىزگە ئوچۇق دەپ بەرمەيدۇ، شۇڭلاشقا مەن ئۆزەمنىڭ «تەربىيە كۆرمىگەن» لىكىمنى يەنە قانچىلىك دەرىجىدە چاندۇرۇپ قويدۇم، بۇنى بىلمەيمەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلسەڭلار سىلەرمۇ يېزىپ قويۇڭلار.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 512 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01