كى كى قورسا ئىچقۇ -مەڭگۈتاش ئاپتورى(14-ئەسىر)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

ئىسرائىل مۇتىللا

 

      1.  تارىخشۇناس كى كى قورسا ئىچقۇ

             ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يايلاق ۋە دېھقانچىلىق ھاياتىدا ئۆز تارىخى ۋە ئەجدادلىرى توغرسىدا ئاز بولمىغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى، خاتىرىلەرنى قالدۇردى. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان تارىخشۇناسلار ياشاپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىش دەۋرى كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، تۈرك - رونىك يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۆز تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تارىخىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. بۇ تارىخ پايانسىز يايلاقلارغا تارقالغان مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق ساقلىنىپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە مەڭگۈ تاشلاردىكى تارىخ ۋە تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بىلەن ئاز - تولا تونۇشۇپ ئۆتۈۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئاشۇ ئابىدىلەردىكى تارىخنى يازغان ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ھەققىدە ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن تونۇشۇپ ئۆتۈش پۇرسىتى تولىمۇ ئاز بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارلاق تارىخ - تەزكىرىلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۇنتۇلۇپ كېلىۋەردى. بۇلارنىڭ بىرى قوچو ئىدىقۇت تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ ئاپتورى كى كى قۇرسا ئىچقۇدۇر.  

       كى كى قۇرسا ئىچقۇ قوچو ئۇيغۇر ئېلى ( 1396-848 ) نىڭ خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان تارىخشۇناس ۋە شائىر . ئۇنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەسەرلىرى قوچو ئىدىقۇت  ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشىدۇر. ئاپتور توغرۇلۇق تېخى ئىشەنچىلىك مەلۇمات يوق بولۇپ، تۆھپە مەڭگۈ تاشنىڭ ساقلىنىپ قالغان تۆۋەنكى قىسمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۇبلىت شېئىردا ئاپتورنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق يېزىپ قالدۇرغان «ئىت يىلى، ئونىنچى ئاي، قۇتلۇق ياخشى كۈندە تولۇق تاماملاندى، مەن چامبالىغلىق كى كى قۇرسا ئىچقۇ پۈتتۈم① دېگەن»  خاتىرىگە ئاساسەن، ئاپتورنىڭ چامبالىغ (بۈگۈنكى سانجى ئەتراپىدىكى قەدىمكى شەھەر) تا تۇغۇلغان شەخس ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئاپتورنىڭ ئىسمىدىكى كى كى توغرسىدا قاھار بارات، ليۇيىڭشىڭ قاتارلىقلار «ئىدىقۇت قوچو خانلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستى ئۈستىدە سېلىشتۇرما ۋە تەتقىقات» دېگەن ماقالىسىدا بۇنى توخرى تىلىدىن كەلگەن دىنىي لەقەم، قورسا ئاپتورنىڭ ئىسمى②، ئىچقۇ سۆزى بولسا قوچو خانلىقى ئوردىسىدىكى ئىچكى ئىشلارغا ئائىت ئەمەلدارلارنىڭ نامى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلغان. كى كى ياشاپ ئۆتكەن دەۋرى ھەققىدە قوچو ئىدىقۇت خانلىرى تۆھپە مەڭگۈ تېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئىدىقۇتلاردىن 1276- يىلى ئىدىقۇت خاندانلىقىنىڭ مەركىزى قوچو دوۋا ۋە قايدۇ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى گەنسۇنىڭ يۇڭچاڭغا كۆچكەن قوچقار، تەمۇر بۇقا، سېڭگى، تايپۇنەم قاتارلىقلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى مەڭگۈ تاشتا خاتىرىلەنگەن. تايپۇنەمدىن كېيىنكى بىر قانچە ئىدىقۇت بولسا مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنمىغان. شۈبھسىزكى، ئاپتور تايپۇنەم ئىدىقۇت بولغان دەۋردە بۇ مەڭگۈ تاشنى يازغان ئادەم بولۇپ، مەڭگۈ تاشتىكى كۆچۈشكە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ بىر قەدەر تەپسىلىي ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرى قوچقار تىكىن ئىدىقۇت بولغان دەۋردە ئۆتۈپ، بىللە كۆچۈپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. دۇۋا، قايدۇ قوشۇنلىرى قارا قوچو شەھىرىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستى، يەنە چامبالىغ قاتارلىق ئاۋات شەھەرلەرنىمۇ ۋەيران قىلغان. نەتىجىدە بۇ يەردىكى ئاھالىلەرمۇ يۇڭچاڭغا كۆچكەن. ئاپتورنىڭ قوچو ئىدىقۇتلىرى مەڭگۈ تېشىدا «مەنكى چامبالىغلىق‪» دەپ خاتىرە قالدۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئاپتور ئۆزى مەجبۇرىي تاشلاپ چىقىپ كەتكەن يۇرتىغا بولغان تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. مەڭگۈ تاشنىڭ يېزىلغان ۋاقتىغا كەلسەك، مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان ئاخىرقى قوچو ئىدىقۇتى تايپۇنەم ( ئاسايىش تېكىن ) مىلادىيە 1331- يىلى ئاكىسى سېڭگى تېكىننىڭ ئورنىغا ئىدىقۇت بولغان مىلادىيە1331- 1335- يىللار ئارىلىقىدا تىكلەنگەن. بۇنىڭدىن  كى كى قورسا ئىچقۇنىڭ 13- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 14- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ياشىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەڭگۈ تاش ئۇيغۇر يېزىقى ۋە خەنزۇچە يېزىق بىلەن ئايرىم - ئايرىم  ئوخشاش بىر مەزمۇندا يېزىلغان. «قوچو ئىدىقۇتلىرى تۆھپە مەڭگۈ تېشى» نىڭ نامى خاتىرە تاشنىڭ بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىماي قالغان قىسمىغا كېيىنكىلەر قويۇپ قويغان نام بولۇپ، ئۇيغۇرچە تېكىستىنىڭ ئەسلىي ماۋزۇسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى نامەلۇم. خاتىرە تاشتىكى ۋەقەلىك شېئىرى شەكىل بىلەن بايان قىلىنغان تارىخ بولۇپ، ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى 61 كۇبلىت شېئىردىن ئىبارەت. بۇ شېئىرلار تۆتلىك شەكىل بويىچە ئاساسەن باش قاپىيىدە يېزىلغان. چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى قۇرغان ھەر   قايسى خانلىقلارنىڭ ئارىسىدا قالغان قوچو ئىدىقۇت خاندانلىقى قۇبلاي خانغا بولغان ماھىللىقى سەۋەبلىك، چاغاتاي جەمەتىنى تىزگىنلىۋالغان قايدۇ - دۇۋا گۇرۇھى قوچو ئىدىقۇت خانلىقىدىن ھىساب ئېلىش ئۈچۈن مىلادىيە 1275- يىلى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مەركىزى قوچونى 12 تۈمەن كىشىلىك قوشۇن بىلەن 6 ئاي ئەتراپىدا قورشاپ ئاخىرى  شەھەرنى ۋەيران قىلغان. ھەر قايسى شەھەرلەر چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلار بۇ يەردە باشقا بىر ئىدىقۇتنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقارغاندىن باشلاپ، ئەسلىدىكى قوچو ئىدىقۇتى قوچقار تىكىن خان جەمەتى ۋە بىر قىسم يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنى ھەمدە خەلقنى ئەگەشتۈرۈپ يۇڭچاڭغا كۆچۈپ بېرىپ يۈەن سۇلالىسىگە بىۋاسىتە بېقىنغان. يۇرىن تېكىننىڭ كۆچۈشى يۈەن سۇلالىسىنىڭ شىزۇ خانىغا بەيئەت قىلىش ۋە ئاتىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشىنى كۆزلىگەنلىكىنى  چۈشەندۈرىدۇ③. گەنسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە سىياسىي جەھەتتە بېقىندى ھاكىمىيەت بولسىمۇ، تىل - يېزىق، ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەت جەھەتتە ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخى ۋە زۇلمەتلىك كۈنلىرىنى ياد ئېتىپ كەلگەن. قوچو ئىدىقۇتى تايپۇنەم ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ تارىخنىڭ تىرىك شاھىدى بولغان كى كى قورسا ئىچقۇغا بۇ خاتىرىنى پەرمان بويىچە يازدۇرغان. قوچو ئىدىقۇتلىرى تۆھپە مەڭگۈ تېشى مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەيدانغا كەلگەن. مەڭگۈ تاشتا شۇ قېتىمقى كۆچۈشنى مەركەز قىلىپ قوچو ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىندىن باشلاپ تايپۇنەمغىچە بولغان ئىدىقۇتلار، قوچو ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۇرپان ۋە گەنسۇدا قۇرغان ھاكىمىيەتلىرى، شۇ چاغدىكى يۈەن سۇلالىسى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان سىياسى مۇناسىۋەتلىرى،  مۇڭغۇل ئوردىسى بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قانۇنىي ۋارىسى سۈپىتىدە 100 يىلدىن ئارتۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تارىخنى شەرھىلەپ بەرگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ گەنسۇغا كۆچۈشى توغرىلىق قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان. بۇ خاتىرە تاش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ مۇستەقىل خاھىشىدا گەنسۇدىكى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن تۇرپاندىكى قوچو ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئىجتىمائىي ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان مۇشۇنداق شارائىتتا مەڭگۈ تاش بۇ ئىككى يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۆزگىرىشىگە پاكىت بولالايدۇ.

      كى كى قورسا ئىچقۇ توغرۇلۇق مەلۇمات مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ بېرلىن  شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان تۇرپان تىكىستلىرىدىن (ئۈچىنچى قېتىملىق پروسىيە تۇرپان ئارخىئولوگىيە ئەترىتى مۇرتۇق 252-) نومۇرلۇق شېئىر پارچىسىنىڭ ئاپتورى كى كى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قوچو ئىدىقۇتلىرى تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ ئاپتورى بىلەن بىر ئادەم ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان. بېرلىن، لوندون قاتارلىق شەھەرلەردىكى خېلى كۆپ قىسىم تۇرپان تېكسىتلىرىدىن خەۋەرسىز ھالەتتە، بەلكىم قۇرسا ئىچقۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات شۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە تۇرپان تېكىستلىرىنىڭ گېرمان، ئېنگىلىز، فرانسۇز تىللىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتورنىڭ ئەسلىي تولۇق تەرجىمىھالى بىلەن چوقۇم يۈز كۆرۈشەلەيمىز.

 

 

 

  پايدىلانمىلار:       

     ④②①قاھار بارات ، ليۇيىڭشىڭ: « ئىدىقۇت قوچو ئۇيغۇر خانلىقى تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىستى ئۈستىدە سېلىشتۇرما ۋە تەتقىقات»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلى 1985- يىل 1- سان 95- بەت.  

    ③ ۋاڭ زوڭۋىي: «قوچو ئۇيغۇرلىرى ئىدىقۇت جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ يۇڭچاڭغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلىشىش جەريانى»،«ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1989- يىل 3- سان 146- بەت.

    ⑤ غاپپار روزى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ۋە مەدەنىيەت ئەربابى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى» ئىلمىي ژۇرنىلى 1986-يىل 1- سان 83-86- بەتلەر.   

    ⑥ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق: «ئالتۇن يارۇقنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2003- يىل 7- سان 44- بەت. 

 

    (ئاپتور: ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتى قانۇن فاكۇلتىتىدا)

                                                  تەھرىرلىگۈچى: ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق

 

                                                         

          «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى    

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 381 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01