بېرما فىدىراتسىيىسى =Union of Burma

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   بېرما فىدىراتسىيىسى =Union of Burma

 ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى  676.578 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
 

 ئاھالىسى: 2010-يىلى 10-ئايغا قەدەر بېرمىنىڭ ئاھلىسى 48مىليون 176مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 68%تى خەن-زاڭ تىل سېستىمىسى، تېبەت بېرما تىللىرى ئائىلىسى، بېرما تىللىرى تۈركۈمىدىكى ميەنمار مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەن-زاڭ تىل سېستىمىسى، تاي تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە  شان(جۇڭگودىكى تەيزۇ)لار 9%، كارېنلار 7%، راھىنلار 4%، جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى 3%، مونلار 3%، بېنگاللىق مۇھاجىرلار 2% باشقا چىن، كاچىن،ناگا قاتارلىق مىللەتلەر 5%نى ئىگەللەيدۇ.
   بېرما دۇنيادىكى تىپىك بۇددىزىم دۆلىتى بولۇپ ئاھالىنىڭ 90%ى بۇددا دىنى ماھايانا مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تاغلىق رايوندىكى چىن، كاچىن، ناگا قاتارلىق مىللەتلەر بولۇپ 4% ئاھالە خىرىستان دىنى پىروتىستانت مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ. بېنگال بىلەن چېگرىداش رايونلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئاھالىنىڭ 4%نى ئىگەللەيدۇ. باشقىلار يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدۇ.

  مەمۇرىي رايونلارغا بۆلىنىشى : پۈتۈن مەملىكەت 7 ئۆلكە ۋە 7شىتاتقا بۆلۈنگەن بولۇپ ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شىتات باشلىقى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئىچىدىن يەرلىك پارلامېنتتا سايلىنىدۇ. 7  يەرلىك مىللەت ئولتۇراقلاشقان  ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە شىتات چىن(جۇڭگۇدىكى لىسۇ)، كاچىن، كاياھ،كايىن،مون، راھىن ۋە شان(جۇڭگۇدىكى تەيزۇ) شىتاتى بولۇپ بۇ شىتاتلارنىڭ يەر ككلىمى بېرما ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 55%ىنى ئىگىلەيدۇ.
 
 بىرما دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوشنا دۆلەتلىرىدىن بىرى، مىلادى  9 - ئەسىردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز بىلەن بىرما ئوتتۇرىسىدا بېرىش - كېلىش باشلانغان. بىرما  19 - ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگلىيە بىلەن ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان،  1879 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ۋالىسى باشقۇرىدىغان بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان،  1937 - يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، بىۋاسىتە ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن.  1942 - يىلدىن  1945  - يىلغىچە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1948  - يىلى 1 - ئاينىڭ  4 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن.
دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ميەنمارنىڭ تولۇق نامى «ميەنمار فېدېراتسىيىسى» بولۇپ، ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. دلالەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل چۈشەنچە بار: بىرىنچى، جۇڭگو سۇڭ دەۋرىنىڭ بۇ دۆلەتكە بولغان ئاتىشى. قەدىمكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، خەن سۇلالىسى بۇ دۆلەتنى «دەن» دەپ، تاڭ سۇلالىسى بولسا «پياۋ دۆلىتى» دەپ ئاتىغان. تاڭ دېزۇڭنىڭ جىنيۈەن يىللىرى، پياۋ دۆلىتى شاھى يۇڭچياڭ جۇڭگوغا بىر مەدەنىيەت ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ناخشا - ئۇسۇل ئورۇنداشقا ئەۋەتكەن. شائىر بەيجۈيى ئۇلارنىڭ ئېسىل ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن «پياۋ دۆلىتى مۇزىكىسى»ناملىق تەسىرلىك شېئىر يازغان. سۇڭ دەۋرىدە ميەنمارنى «پۇگەن» دەپ ئاتاش بىلەن بىللە يەنە ميەنبار دەپ ئاتاشقا باشلىغان. 1160 - يىلى، ميەنمار ئەلچىسى دالى ؟؟ئەلچىلىرىگە ئەگىشىپ، سۇڭ خاندانلىقىغا زىيارەتكە كەلگەن ۋە پىل سوۋغا قىلغان. سۇڭ ئوردىسى مىيەنمارنىڭ تاغ ـ دەريالىرىنىڭ تولىمۇ يىراق، يوللىرىنىڭ قىيىنلىقىغا سۈپەت قىلىپ،«ميەن»)يىراق مەنىسىدە(دەپ ئاتىغان؛ يەنە جۇڭگۇ ميەنمار چېگراسى ئەتراپلىرىدا تاغ جىلغىسىنى «ما» دەپ ئاتىغاچقا، بىرلەشتۈرۈپ «ميەنمار»)يىراقتىكى تاغ جىلغىسى( دەپ ئاتىغان؛ ئىككىنچى، مىللەت نامىدىن پايدا بولۇپ، كېيىن دۆلەت نامىغا ئۆزگەرگەن. ميەنمار مىللىتى دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 23قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز نامىنى «مىيەن» سۆزىگە ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان ئارقا قوشۇلغۇچى «مار»نى قوشۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن دەپ تونۇيدۇ. بۇنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى «چاققان»، «قاۋۇل» مەنىسىدە بولۇپ، سۆز مەنبەسى سانسكرىت يېزىقى «بىراھمان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇددا دىنىدا بۇ سۆز «بۇ يەردە ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقۇچى» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ميەنمارلىقلار ئۆز دۆلىتىنى يەنە ئومۇميۈزلۈك «باما»)كۈچلۈك مەنىسىدە(دەپمۇ ئاتايدۇ. مىيەنمار 1044 - يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن، پۈگەن، دۇڭۋۇ ۋە گۇڭباڭ قاتارلىق ئۈچ فېئوداللىق سۇلالىنى باشتىن كەچۈرگەن. 1824 - يىلىدىن  1885 - يىلىغىچە ئەنگلىيە ئۈچ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئارقلىق ميەنمارنى تەدرىجىي بېسىۋېلىپ، ميەنمارنى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان.  1942 - يىلى  5 - ئايدا ياپونىيە بېسىۋالغان، 1945 - ئەنگىلىيە قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان.  1948 - يىلى  1 - ئاينىڭ  4 - كۈنى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ميەنمار فېدېراتسىيىسىنى قۇرغان.  1974 - يىلى  1 - ئاينىڭ  3 - كۈنى نامىنى «ميەنمار فېدېراتىف سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتكەن، 1988 - يىلى  9 - ئاينىڭ  3 - كۈنى نامىنى يەنە «ميەنمار فېدىراتسىيسى» گە ئۆزگەرتكەن.

 كىلىماتى : بىرما يەر شەكلى جەھەتتىن تاغلىق، نېگىز تەكشىلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمىدا كونا دەنباڭ ئېگىزلىكى بار. تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان دەرياللار نۇرغۇن دەريا ۋادىلىرىغا ئايرىپ تۇرىدۇ. بىرمىنىڭ ئىقلىمى تروپىك مۇسسونلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، قىش پەسلى بولمايدۇ، تېمپىراتۇرىسى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دېڭىز ئىېقىملىرىغا يۈزلەنگەن دەننا سالىن قىرغاقلىرى بىلەن ئاراكان تېغىنىڭ ھۆل - يېغىنى كۆپ بولۇپ،  3000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. ئىچكى قىسمىدىكى ئىراۋادى دەريا قىرغاقلىرىدا  400-1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ.

ئىقتىسادى: بىرمىنىڭ ھاۋاسى يىل بويى ئىللىق، يامغۇرى كۆپ بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ  60% نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، قىزىل ياغاچ ۋە سەندەلنى ئاساس قىلغان ئورمان بېرمىنىڭ مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.  بىرما يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت. ئاھالىنىڭ   70% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن، 7%ى سانائەت بىلەن، 23%ى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شال ئۆستۈرۈلىدۇ. شال ئۆستۈرۈلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ  70% نى ئىگىلەيدۇ. بىرما تارىختىن بۇيان سىرتقا گۈرۈچ مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىش بىلەن داڭلىق، ئۇنىڭ گۈرۈچ ئېكسپورتى ھازىرمۇ پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ  40%-50% نى ئىگىلەيدۇ. شالدىن باشقا خاسىڭ، كېۋەز، كۈنجۈت، شېكەر قۇمۇشى، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بىرمىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان، گۈرۈچ ئاقلاش بىلەن ياغاچ ماتېرىياللىرى سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن قالسا توقۇمىچىلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات پروكاتلاش، شېكەر، ياغ چىقىرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرى بار، بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىراۋدى ۋە چىتاڭ دەريا بويلىرىدىكى رانگون، ماندالاي، ماۋدەنميەن قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن .
 2009-يىلى بېرمىنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى 57مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ،  كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامىتى 1مىڭ 1يۈز دوللار بولغان. ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك 43%نى، سانائەت 19%نى، مۇلازىمەت كەسپلىرى 37%نى ئىگەللىگەن. بېرمىنىڭ 2009-يىللىق تاشقى سودا ئىكىسپورتىدا تايلاند46.5%، ھىندىستان 13%،جۇڭگۇ 9%، ياپونىيە 5.65%نى ، ئىمپورتىدا جۇڭگۇ 33%، تايلاند 26.28%، سىنگاپور 15.18% نى ئىگەللىگەن.
بېرمىنىڭ پۇلى كىيات بولۇپ 2006-يىلى 1280كىيات=بىر دوللار، 2008-يىلى  1205كىيات=بىر دوللار، 2009-يىلى  1090كىيات=بىر دوللار بولغان.
 2009-يىلى 12-ئايغا قەدەر بېرمىدىكى مۇقىم تېلفون 829مىڭ، يانفون 375مىڭ، مۇلازىمېتىر  172، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى 109مىڭ بولغان. بېرمىنىڭ ئېنتېرنېت تور نامى ئاياقلاشمىسى : .mm



 دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى: بىرما  1044- يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت.  1948- يىلى ئەنگىليە مۇستەملىكچىلىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان. پۈتۈن مەملىكەتنى يەتتە ئۆلكە ۋە يەتتە ئىتپاقداشقا ئايرىغان. بۇ ئالاھىدىلىك بىرمىنىڭ  1974- يىلى قايتا تۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بىرما ئىتپاقداش دۆلتىنىڭ بايرىقى قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بايراقنىڭ سول ئۈستىگە بىر ئۇزۇن كۆك چاسا سىزىلىپ. ئۈستىگە ئاق گۈللەر سىزىلغان. قىزىل رەك بىرما خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلەر داۋامىدا ئىپادىلەنگەن باتۇرلۇقى ۋە كەسكىنلىكى سىمۋۇل قىلىنغان. ئاق رەڭ بىرمىلىقلارنىڭ پاك تۇغما خۇسۇسىيتى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلغان. كۆك رەڭ تىنچلىق ۋە بىرلىكنىڭ سىمۋۇلى بولغان. بايراق ئۈستىدىكى رەسىم شال ۋە چىشلىق چاق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. شال باشىقى بىرمىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى كۆپ سانىنى ئىگىلەيدىغان يېزا ئىگىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  14چىشلىق چاق يېڭىدىن گۈللەنگەن سانەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. چىشلىق چاق بىلەن ئۇدۇل تۇرغان  14بەش بۈرجەكلىك كىچىك يۇلتۇز بىرما ئىتتىپاقىنىڭ 14ئۆلكە ۋە فىدىراتسىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىنىپ، دۆلەنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۆرسەتكەن.

دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېرىبىدىكى چىشلىق چاق بىلەن ئالتۇن رەڭلىك شال باشاقلىرىنىڭ مەنبەسى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. چىشلىق چاقنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا بىرمىنىڭ خەرىتىسى سىزىلغان بۇلۇپ، دۆلەت چىگىرسى ۋە چېگرا رايونلىرنى بىلدۈرگەن. بىرما بۇتقا ئېتقاد قىلىدىغان دۆلەت، دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بۇلۇتسىمان بېزەك لىنتىسى بېھىش جەننەتىنىڭ بەلگىسى. ئىككى تەرپىدە سىرىتقا قاراپ تۇرغان بىردىن شىر بۇددا دىنىدا قۇتلۇلىنىدىغان مۇقەددەس شىر بولۇپ، مۇھاپزەتچى ئىلاھىغا ئوخشىتىپ،بۇ دۆلەتنى قوغدايدىغان قەيسەر كۈچىگەسىمۋول قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرمىنىڭ دىنىي ئالاھىدىلىكمۇ شۇ ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇن رەڭلىك لېنتىغا بىرما يېزىقىدا دۆلەت نامى يېزىلغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1099 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01