ئادىل ئابلا

ئادىل ئابلا (ئارمان چەكلىك شىركىتى)



  ئىسمى :ئادىل ئابلا 

  يۇرتى :ئۈرۈمچى شەھرى بۇلاقتاغ رايونى
  توغۇلغان ۋاقتى : 1965-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

 

   خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، قابىل كارخانىچى، شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئادىل ئابلا ئەپەندى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى.

    مەرھۇم ئادىل ئابلا ئەپەندى 1965-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ (شىمىگۇ) رايونىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بۇلاقتاغ رايونىدا تاماملىغان، 1982-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1985-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتېر ئىستانىسىسدا خىزمەت قىلغان. 1997-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئىنىسى رادىل ئابلا بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، شىركەتنىڭ باش لىدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 2006-يىلى 2- ئايدىن 2008 – يىلى 6- ئايغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتىدا سودا- سانائەت باشقۇرۇش EMBA  ماگىستىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان.

   مەرھۇم ئادىل ئابلا «ئارمان» شىركىتىنى قۇرغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنىسى رادىل ئابلا بىلەن بىرلىكتە «ئارمان» شىركىتىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن ئىش باشلاپ، «ئارمان» شىركىتىنى ئەڭ دەسلەپكى كۆلىمى 15 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر كىچىككىنە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى دۇكىنىدىن، ھازىرقى تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 50مىلىيۇن يۈەنگە يەتكەن، ئىشچى – خىزمەتچىسى 2000 دىن ئاشىدىغان، مەھسۇلاتلىرى 200 خىلغا يەتكەن، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، پەن–تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى گۇرۇھ شىركەتكە ئايلاندۇرغان.مەرھۇم ئادىل ئابلا خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك كارخانىچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتا ئاددى – ساددا، كىچىك پېئىل، چىقىشقاق، مېھرىبان ۋە مەرد – مەردانە ئوغلان ئىدى. ئۇ «ئارمان» شىركىتىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنى ئۆز قېرىندىشى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقى دەپ بىلەتتى. نامراتلارغا، يىتىم – يېسىرلارغا، مائارىپقا ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ساخاۋەت ئىگىسى ئىدى. ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار، ئائىلە ۋە بالا – چاقىلىرىغا كۆيۈنىدىغان، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان مەسئۇلىيەتچان ھەم غۇرۇرلۇق ئەزىمەت ئىدى.

   ئەپسۇس! تولىمۇ ئەپسۇس!! شۇم ئەجەل بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزنى ئارىمىزدىن تولىمۇ تۇيۇقسىز ھەم بىمەزگىل ئېلىپ كەتتى! مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى يالغۇز ئابلا ھاجىم جەمەتى ۋە «ئارمان» گۇرۇھى ئۈچۈنلا چوڭ يوقىتىش بولۇپ قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش. شۇنداق بولغاچقا، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر ئەل ئارىسىدا تارقالغاندا مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان يۈرەكلەر مەرھۇم ئۈچۈن ھەسرەت چەكتى، ئاھ ئۇردى ۋە كۆز يېشى قىلدى.

   ئەلۋىدا، پەخىرلىك ئوغلان، ئەلۋىدا قېرىندىشىمىز ئادىل ئابلا، سەن ھايات چېغىڭدا ئۆز ئەجرىڭ ۋە يۈرەك قېنىڭ بەدىلىگە تىكىلگەن ئابىدىلەر بۇ سېھىرلىك ماكاندا مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغۇسى! سېنىڭ قەلبىڭدە بىخ سۈرگەن ئارمانلىرىڭدىن بۇ سېھىرلىك ماكاندا گۈللەر ئېچىلىپ، مەڭگۈ خۇش پۇراق چاچقۇسى! سەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!

               

ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمغا جەننەت ئاتا قىلغاي!

 

2010-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 30

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 12796 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-19