گوللاندىيە =Kingdom of the Netherlands

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 گوللاندىيە =Kingdom of the Netherlands
  يەر مەيدانى 41مىڭ 543 كۋادرات كىلومېتىر،
ئاھالىسى:2010-يىلى 10-ئايغا قەدەر گوللاندىيە نوپۇسى  16 مىليون  716 مىڭ.  90%ى گوللاندلار،  5%ى فىلىسلار، قالغىنى چەتئەل مۇھاجىرلىرى. ئاھالىسىنىڭ  36.4%ى خىرىستىئان دىنىغا،  35%ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇ. گوللاند تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ئامىستېردام،
  پايتەختى ئامىستىردام، پايتەخت نوپۇسى 2مىلىيۇن 230مىڭ.
جۇغراپىيىلىك ئورنى : غەربى ياۋروپانىڭ غەربى قىسمىدىكى بىرىتانىيە ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان ئويمان دېڭىز بويىغا جايلاشقان . شەرقىي  تەرىپى دېڭىزبىلەن، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى گېرمانىيە  بىلەن، جەنۇپ تەرىپى بېلگىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى شەرقىي جەنۇپتىن غەربى شىمالغا  قىيسايغان . شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن گوللاندىەنىڭ تەبىئى چېگرىسى بولغان نوردلان ئېگىزلىكى بولۇپ   مەملىكەتتىكى ئەڭ ئىگىز چوققا كېبىناكەيس چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپى ھەمدە دېڭىز بويلىرى تۈزلەڭلىك ياكى ئېدىرلىق . گوللاندىەدىكى ئەڭ چوڭ كۆل ۋانارىن كۆلى بولۇپ كۆلنىڭ كۆلىمى 5585 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ياۋروپادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . تەخمىنەن %15 زېمىنى شىمالىي قۇتۇپ دائىرسىدە بولسىمۇ ، بىراق ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا قىش پەسلى ئانچە سوغوق بولمايدۇ ، كۆپ قىسىم جايلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە ، دانىيەگە يېقىن جەنۇبىي تەرىپى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە .
    ۋاقىت پەرقى : شەرقى 1- ۋاقىت رايونى، ياۋروپا ئورتاق ۋاقتىنى ئىشلىتىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتىدىن 7 سائەت كېيىن (ھەر يىلى 3 - ئايدىن 10 - ئايغىچە ئاخىرىغىچە شىمالىي ياۋروپا يازلىق ۋاقىت قوللانغاچقا ، بېيجىڭ بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى 1 سائەت قىسقىرايدۇ ).
     مەمۇرىي رايونلارغا بۆلىنىشى : پۈتۈن مەملىكەت 12 ئۆلكىگە بۆلۈنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئاپتونومىيىلىك ئاراللاردىن ئارۇبا ئارىلى ۋە گوللاندىيەگە قاراشلىق ئانتىل تاقىم ئاراللىرى بار.  ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ، ئۆلكە ، شەھەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بار .

   دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى : گوللاندىيىنىڭ تولۇق نامى نىدىرلاندىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، نىدىرلاندىيە دىگەن جاي نامى ھازىرقى گوللاندىيەنى ۋە بېلگىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى فىلېمىنلار ئولتۇراقلاشقان جاينى كۆرسىتەتى. گوللاندىيە دىگن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىككى ىىل قاراش بار،    (بىرىنچى، «گوللاندىيە» نامى نېمىسچە «گوتلاند» سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، «گود»نىڭ مەنىسى «ئورمان»، لاند نىڭ مەنىسى «زېمىن» ياكى «دۆلەت» بولىدۇ، ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ «ئورمان يېرى» ياكى «ئورمان دۆلىتى» دېگەن مەنىلەردە بولىدۇ. چۈنكى، ئۆتمۈشتە بۇ جايلارنى ئاسمانپەلەك دەرەخلەر ۋە بۈك - باراقسان ئورمانلار قاپلاپ تۇرغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان؛ ئىككىنچى، نامى دانىيە تىلىدىكى ollant نىڭ يازمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «نەم» بولىدۇ. گوللاندىيە ئەسلى ئۆلكە نامى بولۇپ، ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ دوكرېخىت ۋە ئەتراپ رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ، مىلادى 16 - ئەسىردە، ئىسپانىيە ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش تۈپەيلىدىن، گوللاندىيە يېقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە ئۆلكە بىلەن بىرلىشىپ، «نېدىرلاندىيە بىرلەشمە ئۆلكىسى»نى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە گوللاندىيە ئەڭ مۇھىم ئۆلكە بولۇپ، سىياسىي،ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە رەھبەرلىك ئورۇندا تۇرغان، كېيىن نىدىرلاندىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بېلگىيەنىڭ شىمالى  شۇڭا كىشلەر تەدرىجىي ھالدا «گوللاندىيە» بىلەن «نېدىرلاندىيە» نى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، كېيىنچە «گوللاندىيە»  بۇ دۆلەتنىڭ ۋاكالەت نامىغا ئايلانغان .  لېكىن خەلىقئارا ئالاقە، دىپلوماتىيە قاتارلىق رەسمىي سورۇنلاردا يەنىلا «نېدىرلاندىيە»دېگەن دۆلەت نامى قوللىنىلىدۇ. «نېدىر» نىڭ مەنىسى «ئويمانلىق»، «لاند» بولسا «يەر، دۆلەت» دېگەنلىك بولۇپ، بىرلەشتۈرۈپ «ئويمانلىق دۆلىتى»(گوللاندىيە دۆلەت زېمىنىنىڭ 41 قىسمى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن) دېگەن مەنىدە بولىدۇ.

    گوللاندىيە قەدىمدە گوتلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ تەرققىياتى بىر قەدەر كېيىن بولغان. يازما خاتىرىلەردە ئەڭ دەسلەپكى گوللاندىيە دۆلىتى 1463 - يىلى رەسمىي  قۇرغان، 16 - ئەسىردە بىر مەزگىل ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1648  - يىلى ئىسپانىيىلىكلەرنى ھەيدەپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 17 - ئەسىرلىرىنىڭ ئاخىرلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان،  18  - ئەسىردىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكە سىستېمىسى تەدرىجىي پارچىلىنىپ، بىر قىسىم زىمىنى ناپالىيۇن تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە كېيىنكى برلگىيەگ قوشۇلۇپ كەتكەن، 1806  - يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 

  سىياسىي تۈزۈمى : ھازىر ئىجىرا قىلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇن- دىموكراتىك ھۆكۈمەت قانۇنى (1809 - يىلى بېكىتىلگەن، 1974- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ، پادىشاھلىق تۈزۈمگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى (1810 - يىلى بېكىتىلگەن ، 1979- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك قانۇنى (1949- يىلى بېكىتىلگەن)دىن ئىبارەت ئۈچ نېگىزلىك قانۇندىن تەركىپ تاپقان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە پارلامېنت تەشكىلىي قانۇنى (1866- يىلى بېكىتىلگەن، 1974- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) مۇ بار . گوللاندىيە ئاساسىي قانۇندا  پادىشاھلىق ئاساى قانۇنلۇق تۈزۈم يۈرگۈزىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پادىشاھ دۆلەتنىڭ سىمىۋول خاراكتىرلىك ئالىي رەھبىرى ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ سىمىۋوللۇق باش قوماندانى بولۇپ ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارلاشمايدۇ . پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىردىنبىر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ ، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ . ھۆكۈمەت بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ ، باش مىنىستىر دۆلەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ . پادىشاھنىڭ تۇنجى پەرزەنتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىس بولىدۇ .
  
     ئىقتىسادىي:   گوللاندىيىنىڭ سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، ئاساسلىقى ماشىنسازلىق ، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ، ماشىنا ، تېلېگراف ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر زور تەرەققىي قىلغان . ئاساسلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بولسا ھەر خىل ماشىنا، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا مەھسۇلاتلىرى ، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ، ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ، تەبئىي گاز ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار . ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان  مەھسۇلاتلار ، نېفىت، تەبىئى گاز، يېمەكلىك ، تاماكا ، كىيىم - كېچەك ، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
     گوللاندىيىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ %7 نى ئىگىلەيدۇ . دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق ، گۆش مەھسۇلاتلىرى ، توخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدۇ . گۈل،كۆكتات ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدۇ. 2009-يىللىق تاشقى سودىسىدا ئىكىسپورتىدا گېرمانىيە 25.4%، بېلگىيە 12.4%، فىرانسىيە 9.3%نى،  ئەنگىلىيە 8.17%، ئىتالىيە، 5%نى، ئامېرىكا 4%نى،   ئىمپورتىدا گېرمانىيە17.16%، جۇڭگو 11.58%، بېلگىيە 8.68%، ئامېرىكا 7.77%، ئەنگىلىيە 5.72%،  رۇسىيە 4.47%، فىرانسىيە 4.4%نى ئىگەللىگەن.
     گوللاندىيە ئىقتىسادىي يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ ، ئېلېكتر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز . تېلېگراف ، دورا ياساش ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە  . 2009-يىلى گوللاندىەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى 660مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ،  كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامىتى 39مىڭ 500 دوللار بولغان.ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك 1.6%نى، سانائەت 23.6%نى، مۇلازىمەت كەسپلىرى 74.9%نى ئىگەللىگەن. ئاھالىنىڭ 2% ى يېزا ئىگىلىك بىلەن، 18%ى سانائەت بىلەن، 80%ى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  2009-يىلى مۇقىم تېلفون 7مىليۇن 506مىڭ، يانفون 19مىلىيۇن927مىڭ، مۇلازىمېتىر 12مىلىيۇن 607مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى 14مىلىيۇن ئىككى يۈزمىڭ بولغان.
     مەدەنىيىتى : گوللاندىيە دۇنيا بويىچە مائارىپ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ دۆلەتنىڭ يىللىق مائارىپ چىقىمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنىڭ 7%نى ئىگەللەيدۇ. گوللاندىيەدە ساۋاتسىزلىق 1923-يىلىلا تۈگىتىلگەن. ئاھالىنىڭ 21% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. توققۇز يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان،

دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:
    گوللاندىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ تارىخىنى  17 - ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ،  1937 - يىلى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭنى رەسمىي دۆلەت بايرىقىغا مۇقىملاشتۇرغان. قىزىل رەڭ خەلق جەڭ مالمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك شىجائەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئاق رەڭ خەلقنىڭ پروتېسىتانت دىنىغا بولغان قەتئىي ئېتقادىنى، شۇنداقلا ئاۋام خەلقىنىڭ ئىلاھتىن بەخىت ئاتاقىلىشىغائىنتىزار بولغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن؛ كۆك رەڭ خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە سادىق قەلبىنى بىلدۈرگەن. گوللاندىيىلىكلەر ئۈچ بۇرجەكلىك قىزغۇچ سېرىق بايراق بىلەن دۆلەت بايرىقىنى بىللە كۆتۈرۈپ چىقىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئادەت  19 - ئەسىردىن باشلاپ شەكللەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ خانغا بولغان ھۆرمىتى ۋەساداقىتىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ.

    گوللاندىيە دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېربى  1815 -يىلى خان ئوردىسىنىڭ پەرمانى بويىچە تۈزۈپ چىقىلغان. سۇلغۇن تېرىسىدىن ياسالغان قىزىل كۈنلۈك پەردىگە ئوخشاش ئېچىلىپ تۇرغان، ئاستىدىكى كۆك لېنتىغا شاھزادە ۋىليامنىڭ « ناسونى قوغدايمىزدېگەن قەسىمى يېزىلغان. ئۆرە تۇرغان ئىككى شىر قىزىل تىلىنى چىقىرىپ بىر كۆك قالقاننى ھىمايە قىلىپ تۇرغان. قالقاننىڭ چوققىسىغا ۋىليام Ⅰ نىڭ مۆھۈرىسىدە ئىشلىتىلگەن پادىشاھ تاجىسى كىيدۈرۈلگەن. قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا تاج كىيدۈرۈلگەن بىر شىر سىزىلغان بولۇپ، ئوڭ قولىدا بىر خەنجەرنى، سول قولدا بىر ئالتۇن رەڭلىك ئوقيا بېشىنى ئوينىتىپ، پادىشاھ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. كۆك قالقانغا ئالتۇن رەڭلىك نۇرغۇن كىچىك ئۇزۇن چاس سىزىلغان، بۇلار ئوتلاق ۋەچارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئارخئېپسكوپ ۋورمونىغا تۇتقان دەۋا -دەستىگەرلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەرزدە ئۇتقانلىقىنى ۋە مۇستەقىل بولغانلىقنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۇ كىچىك پارچىلار گېربىگە قوشۇلغان.

 «دۇنيا يەر - جاي ناملىرى ئىزاھلىق لۇغىتى»، «دۆلەت ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى»، «دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى ۋە گېربى» قاتارلىقلاردىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 994 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01