زەردۇشت دىنى= 祆教=Zoroastrainism

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   زەردۇشت دىنى= 祆教=Zoroastrainism

      زەردۇشت دىنى يەنە ئاتەشپەرەستلىك ياكى زوروئاستىر دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنياۋىي قەدىمىي دىن بولۇپ ياراتقۇچىسىنىڭ نامى بىلەن زوروئاستىر دىنى، دەپمۇ ئاتالغان. يەنە نەزىر تىلاۋەت قىلغاندا ئۇزاق مۇددەت ئوت يېقىلىپ ئۆچۈرىلمەيدىغان بولغاچقا ئوتقا چوقۇنىدىغان ئاتەش دىنى، دەپمۇ ئاتالغان. خەنزۇچە ساما تەڭرىسى «袄» دەپ خاتىرىلىگەن. بۇ جەنۇب- شىىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى« يۈ پۈتۈكلىرى»دە ئۇچرايدىكەن. بۇ خەتنى تاڭ سۇلالىسىدىكىلەر ئىختىرا قىلغان، دېيشكە بولىدۇ.
   زوروئاستىرا دىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرلەردە ئىراندا پەيدا بولغان. ئۇنىڭدا ياخشى-يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىدىيە ھەققىدىكى تەلىمات ئوتتۇرغا قويۇلغان. ئېتىقاد قىلىدىغان ئىلاھى ئارخۇرا مازدادۇر. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەردە پارىسلارنىڭ (ئىرانلىق) ئاخمېندى خاندانلىقى بۇ دىننى دۆلەت دىنى قىلغان. زەردوشت دىنىنىڭ غەربىي يۇرتتا تارقىلىشى پارىس مەدەنىيىتىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە بولغان. بۇ دىننى غەربىي يۇرتتىكى سوغدىلار ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلغان. تاڭ دەۋرىدە غەربىي يۇرتتا زەردۇشت دىنى تازا گۈللەنگەن. قەشقەر، ئۇدۇن قاتارلىق جايلاردا زەردۇشت دىنى بۇددا دىنى بىلەن تەڭ راۋاجلانغان. ئېۋىرغۇل (قۇمۇل) دا زەردۇشت دىنى ئىبادەتخانىلىرى بولغان. تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ۋەسىقىلەردىمۇ زەردۇشت دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئائىت مەزمۇنلار بار. كېيىنچە بۇ دىن ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ تەدىرىجى يوقالغان. لېكىن بۈگۈنكى كۈندىمۇ زەردۇشت دىنىدىكى نەۋرۇز بايرىمى ۋە ئوتقا چوقۇنۇش ئادەتلىرى شىنجاڭدىكى بەزى مىللەتلەر ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 665 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01