خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشكلون تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئىنسانلار بۇ تېخنىكىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتۇم بومبىسى تېخنىكىسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ تەسۋېرلىمەكتە .
كلون تېخنىكىسىغا نىسبەتەن زادى ئېنسانلارغا نىسبەتەن خۇشاللىقمۇ ياكى بالا_قازامۇ ؟بۇ تېخنىكىنى ئنسانلارغا ئىشلىتىشكە بولامدۇ يوق ؟ئەگەر ئىنسانلارغا ئىشلەتسە بەزىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ھېتلىرغا (گېتلىرغا)ئوخشاش ئۇرۇش مەستانىللىرىنى كلونلاپ چىقسا بۇ ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا بولا بولماسمۇ ؟ئەگەر ئادەتتىكى ئادەملەرنى كلونلاپ چىقسىمۇ نۇرغۇن ئەخلاق مەسلىسى كىلىپ چىقماسمۇ ؟ئەگەر ھايۋانلارغا ئىشلىتىلسە ئۇلارنىڭ كۆپۈيۈش ئۇسۇلى تۈپتىن ئۆزگىرەپ كەتمەسمۇ ؟دىگەنگە ئوخشاش سەلبى رولى ۋە ئەيدىز ،راك ،يوشۇرۇن ئېرسى كىسەللەك قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش قاتارلىق ئىجابى تەسىرگە ئىگە قوش بىسلىق خەنجەرگە ئوخشان مەسلىلەر كىلىپ چىقتى .
بۇ تېخنىكا ئەڭ دەسلەپتە 1952-يىلى باشلانغان بولۇپ ئالىملار بۇ ۋاقىتتا پاقىنىڭ ھۆجەيرىسىنى كلونلىغان ،1962-يىلى ئەنگىليەلىك ئالم گوردۇن(J.Gurdon)ئافرىقا پاقىسىنىوڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىنى رادئاتسىيەلىك بىر تەرەپ قىلىپ ئۇ ھۆجەيرىنىڭ يادروسىنى بۇزىۋەتكەن ئاندىن باشقا پاقا ئېپتىليە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىنى ئېلىپ كىرگۈزگەن .نەتىجىدە 1.5پېرسەنىت ھۆجەيرىلا نورمال تەرەققى قىلالىغان .
بۇ تېخنىكىنى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئىشلىتىش 1982-يىلى باشلانغان بولۇپ ،ئەينى ۋاقىتتا چاشقاننىڭ تۆۋەلمە ھۆجەيرىسدىن نورمال چاشقان يىتىشتۈرۈپ چىقىلغان .1984-يىلى قوي،كالا،مايمۇن قاتارلىق ھايۋانلارغا قايتا-قايتا تەجرىبە ئىشلەنگەن بولۇپ بۇ تېخنىكا 1995-يلغىچە پىشىپ يىتىلگەن .1997-يىلى كلون قوي بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ،ئامېرىكا ،جۇڭگۇ تەيۋەن،ئاۋېستىرالىيە قاتارلىق جايلارمۇ قوينى ،چوشقىنى،كالىنى كلونلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان .
بۇ تېخنكىدا پەيدا قىلغان جانلىقلار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدلىككە ئىگە :
سۈپەتلىك تۈر يىتۈشتۈرگىلى بولىدۇ،تەجىربە بۇيۇمى (مەسلەن :سىزنىڭ تىنىڭىز دىن بىرتال ھۆجەيرە ئېلۋالسا،سىزنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىڭىزنى يىتۈشتۈرۈپ،خالىسا كلونىڭىزدا خالىغان تەجىربە ئىشلەيدۇ دىگەنلىك)،گېنى يۆتكەلگەن جانلىق يىتۈشتۈرگىلى بولىدۇ ،كۆپ مىقتاردا جانلىق يىتشتۈرۈپ ،سانى سۈپىتىنى كونتىرول قىلىدۇ(سانى ئاز قالغان ،نەسلى قۇرۇش گېردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلارنى كۆپلەپ كۆپەيتىپ ئاۋۇتقىلى بولىدۇ ).
دېھقانچىلىق جەھەتتە ،زور مىقداردا قۇرغاقچىلىققا ،زىيانداش ھاشارەت قۇرۇتقا قارشى تىپلارنى كۆپلەپ يىتىشتۈرۈپ مەسھۇلار مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
تېبابەت جەھەتتە ،مەسىلەن ناھايىتى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياخشى سۈپەتلىك گېنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەممە ئالاھىدىلىك مۇجەسسەملەنگەن مۇكەممەل تەندىن بىرنى يېتىشتۈرۈپ ،ئاندىن ئۇنى زور مىقداردا كۆپەيتىپ ،ئۇنىڭ ئەزالىرىنى باشقا كېسەل كىشىلەرنىڭ ئەزاسىغا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ .ئۇ كلون تەندە سىزنىڭمۇ گىنىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن يەكلەش ئالامىتى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ .
باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ تېخنىكا ئىككى بىسلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ،يەنى :
كلون ئادەم ،ھايۋانلارنى كۆپەيتىپ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى خالىغانچە يۆتكەش ،كلون جانلىق ئۈستىدە خالىغانچە تەجرىبە ئىشلەش قانۇنغا ،ئەخلاققا ئۇيغۇن بولارمۇ ؟ كلونلاش يەنە يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ گېن قۇرۇلمىسى ۋە كۆپ خىللىقىغا پايسىدسىز تەسىر كۆرسىتىش مومكىن . يەنە مەسىلەن سىزدىن كلونلاپ 100لىگەن ئادەمنى يېتىشتۈرسە(يات جىنس بولمىغان ئەھۋالدىمۇ يېتىشتۈرۈش مومكىن) ئۇ 100بالىڭىزنىڭ گېنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغانلىقى تۈپەيلى ئىپادىلىنىپ چىققان ئېرسى ئالاھىدىلىكى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا ،قانداق پەرقلەندۈرۈش مومكىن ؟ ئۇلار كىيىن مىراس دەۋاسى قىلىپ قالسىچۇ ؟ سىزنىڭ ھۈجەيرىڭىزدىن كۆپەيگەن ئاشۇ كلون ئادەملەر بىلەن سىز قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشىڭىز كېرەك ؟ كلون ئادەمنىڭ خاراكتېرى،خۇي-پەيلى سىزدىن پەرقلىنىدىغان ،ناچار بولۇپ چىقسىچۇ ؟ئۇلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ دە؟ئىنسانلار پەيدە بولغاندىن بۇيان جىنسلىق كۆپىيىپ كەلدى ،ھازىر سىز بۇنداق جىنسسىز كۆپىيىشنى قوبۇل قىلالامسىز ؟
دېمەك ھازىرقى شارائىتقا نىسبەتەن ئادەمنى كلونلاش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق قارشى ،قانۇنى ئېڭى ،دۇنيا قارىشى .....قاتارلىقلارغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىك دەپ قارىلىپ ،قەتئىي چەكلەنمەكتە .
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>