پۇقرالار قانداق مەمۇرىي جازالارنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

پۇقرالار قانداق مەمۇرىي جازالارنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؟

 

دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋالىشىش جەريانىدا نامۇۋاپىق مەمۇرىي جازانى رەت قىلىشى ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ھەرىكىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارنى تۈزۈپ يولغا قويدى. ‹‹مەمۇرىي دەۋا قانۇنى›› پۇقرالارنىڭ مەمۇرىي دەۋالىشىش جەريانىدىكى ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. بۇ ‹‹قانۇن››نىڭ 2 – ماددىسىدا: ‹‹پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ۋە مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىمىزگە دەخلى – تەرۇز قىلدى، دەپ قارىسا، بۇ قانۇنغا ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق›› دەپ بەلگىلەندى ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش دائىرىسى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ، مال باھا، شەھەر قۇرۇلۇشى، ج خ ۋە تاموژنا قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىلدى. دېمەك، ھەرقانداق پۇقرا ياكى قانۇنىي ئىگە مەلۇم ھۆكۈمەت تارمىقىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىمىزگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ قارىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

مەمۇرىي ئورگان بەرگەن مەمۇرىي جازانىڭ قانۇنىي ئاساسى بولمىسا ياكى ئۇنىڭدا قانۇن تەرتىپىگە ئەمەل قىلىنمىغان بولسا، جازالانغۇچى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازانى رەت قىلىپ، ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ:

1. مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يۈرگۈزىدۇ. باشقا مەمۇرىي ئورگانلار بۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزمەكچى بولسا، ئالاقىدار كىشى رەت قىلسا بولىدۇ؛
2. ئالاقىدار كىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ بىر ئىشىغا ئىككى قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇشتەك مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ؛
3. 14 ياشقا توشمىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولمايدۇ، بالا ۋەسىيىلىك قىلىدىغان كىشىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە تەربىيىلىنىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛
4.روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، ئۇ ۋەسىيىلىك قىلىدىغان كىشىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛
.5.مەمۇرىي جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىككى يىلغىچە سېزىلمىگەن بولسا مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، بۇنىڭ مۇددىتى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۇدا يۈز بەرگەن ياكى داۋاملاشقان بولسا، مۇددىتى ئاخىرقى قېتىم جىنايەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل بولىدۇ؛
6. مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى مەمۇرىي جازا بېكىتىشتىن ئىلگىرى مەمۇرىي جازا بېكىتىشتىكى پاكىت، سەۋەب، ئاساس ۋە ئالاقىدار كىشىنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى تۈرلۈك سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ ئالاقىدار كىشىگە ئېيتمىغان بولسا ياكى ئالاقىدار كىشىنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشىنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان بولسا، مەمۇرىي جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛
7. مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى نەق مەيداندا جەرىمانە قويغان بولسا، جەرىمانە قويۇلغان كىشىگە ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايونلۇق)، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرى بىر تۇتاش تۈزۈپ تارقاتقان جەرىمانە تالونى بېرىشى كېرەك؛ ئەگەر مالىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش تۈزۈپ تارقاتقان جەرىمانە تالونىنى بەرمىسە، ئالاقىدار كىشى جەرىمانە تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
8. مەمۇرىي ئورگانلار ئالاقىدار كىشىلەرگە جەرىمانە قويغاندا، مال – مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلغاندا ساختا جەرىمانە تالونى ئىشلەتكەن بولسا، ئالاقىدار كىشى بۇنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
9. پۇقرالارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتەك مەمۇرىي جازا بېرىلگەندە، قانۇن ئىجراچىلىرى نەق مەيداندا مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلىشى، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى يېزىپ چىقىشى كېرەك؛
10. قالايمىقان مەبلەغ توپلاش، سېلىق سېلىش، تەستىق سېلىش، رۇخسەت قىلىش، ھوقۇق بېرىش ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان پۇقرالار ۋە ئورۇنلار مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1013 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01