جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى

 

(2009–يىل12–ئاينىڭ26–كۈنى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ12–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
21 – نومۇرلۇق
‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى ›› 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى
  مۇندەرىجە
1 – باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە
2 – باب جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ شەكلى
3 – باب جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ۋە جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدىغان ئەھۋاللار
4 – باب جاۋابكارلىق سۇبيېكتى ھەققىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە
5 – باب مەھسۇلات جاۋابكارلىقى
6 – باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى
7 – باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى
8 – باب مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى

9 – باب بەك خەتەر جاۋابكارلىقى
10 – باب باققان ھايۋانات سالغان زىيان جاۋابكارلىقى
11 – باب نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى

12 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە
1 – ماددا بۇ قانۇن ھەق تەلەپ سۇبيېكىتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بۇنداق ھەرىكەتچىلەرنى جازالاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتى ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىسىم فامىلە ھوقۇقى، نام – شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى، ۋەسىيلىك ھوقۇقى، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسە ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئىختىرا ھوقۇقى، پاي ھوقۇقى، ۋارىسلىق ھوقۇقى قاتارلىق جىسمانىي ھوقۇق – مەنپەئەت ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3 – ماددا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
4 – ماددا ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن ئوخشاش بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن مەمۇرىي جاۋابكارلىقنى ياكى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىمۇ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىۋېرىدۇ.
ئوخشاش بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ۋە مەمۇرىي جاۋابكارلىق، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن مال – مۈلكى تۆلەشكە چىقىش قىلمايدىغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئالدى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.
5 – ماددا ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى ھەققىدە باشقا قانۇنلاردا ئايرىم ئالاھىدە بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
2 – باب جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جاۋابكارلىق شەكلى
6 – ماددا ھەرىكەتچىلەردىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
خاتالىقى بار دەپ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پەرەز قىلغاندا، ھەرىكەتچىلەردىن خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
7 – ماددا خاتالىقى بار – يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان سالغان ھەرىكەتچىلەردىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى جاۋابكارلىقنى شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.
8 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى بىرلىكتە قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالسا، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
9 – ماددا باشقىلارنى ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلەر ھەرىكەتچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى قىلىشىغا كۈشكۈرتكەن ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلەر ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق شۇ ئادەمنىڭ ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغان شۇ ئادەمنىڭ ۋەسىيلىرىدىن ۋەسىيلىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىغانلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
10 – ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان ھەرىكەتنى قىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن بىرى ياكى بىرنەچچىسىنىڭ ھەرىكىتى باشقىلارغا زىيان سالغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسا، ھەرىكەتچىلەر چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
11 – ماددا ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى ئايرىم قىلىپ ئوخشاش بىر زىياننى پەيدا قىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن ھەر بىرىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى پۈتۈن زىياننى پەيدا قىلالىسا، ھەرىكەتچىلەر چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
12 – ماددا ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى ئايرىم قىلىپ، ئوخشاش بىر زىياننى پەيدا قىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى بېكىتكىلى بولسا، ئۇلار ئۆزىگە تۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئۇلار جاۋابكارلىقنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
13 – ماددا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن بولسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى چاتما جاۋابكارلارنىڭ بىر قىسمىدىن ياكى ھەممىسىدىن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
14 – ماددا چاتما جاۋابكارلارنىڭ تۆلەم مىقدارى جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئۇلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
چاتما جاۋابكارلاردىن تۆلىگىنى تۆلەم مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى باشقا چاتما جاۋابكارلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
15 – ماددا ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى ئاساسلىقى:
(1) زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىش؛
(2) دەخلىنى تۈگىتىش؛
(3) خەۋپنى تۈگىتىش؛

(4) مال – مۈلۈكنى قايتۇرۇش؛
(5) ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش؛
(6) زىياننى تۆلەش؛
(7) ناماقۇل بولۇش؛
(8) تەسىرىنى تۈگىتىش، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ يۇقىرىقى شەكىللىرى ئايرىم قوللىنىلسىمۇ، بىرلىكتە قوللىنىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
16 – ماددا باشقىلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ جىسمانىي زىيان سالغانلار داۋالاش خىراجىتى، قاراش خىراجىتى، قاتناش خىراجىتى قاتارلىق داۋالاشقا ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چىقارغان مۇۋاپىق خىراجەتنى، شۇنىڭدەك ئىشتىن قېلىپ كېمىيىپ كەتكەن كىرىمنى تۆلىشى كېرەك. مېيىپ قىلىپ قويغانلار مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە قورال ھەققى ۋە مېيىپلىك تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك. ئۆلتۈرۈپ قويغانلار دەپنە خىراجىتى ۋە ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك.
17 – ماددا ئوخشاش بىر ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغاندا، ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىڭ مىقدارى ئوخشاش بېكىتىلسە بولىدۇ.
18 – ماددا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئورۇن بولسا، بۇ ئورۇن ئايرىلىپ چىققاندا ۋە قوشۇلۇپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان ئورۇن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ دۋالىنىش خىراجىتى، دەپنە خىراجىتى قاتارلىق مۇۋاپىق خىراجەتلىرىنى چىقارغۇچى خىراجەتنى تۆلەشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن بۇ خىراجەتنى چىقىرىپ بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
19 – ماددا باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىگە زىيان يەتكەندە، مال – مۈلۈك زىيىنى شۇ زىيان پەيدا بولغان چاغدىكى بازار باھاسى ياكى باشقا ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
20 – ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ، مال – مۈلكىگە زىيان سالغاندا، زىيان تۆلىمى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۇچرىغان زىيان بويىچە بېرىلىدۇ؛ ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى بېكىتىش تەس بولغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى بۇنىڭلىق بىلەن پايدىغا ئېرىشىۋالغان بولسا، زىيان ئۇنىڭ ئېرىشىۋالغان پايدىسى بويىچە تۆلىتىلىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچى بۇنىڭلىق بىلەن ئېرىشىۋالغان پايدىنى بېكىتىش تەس بولغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى بىلەن ھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەم مىقدارىنى كېلىشەلمەي، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم مىقدارىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ.
21 – ماددا ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى زىيان سېلىشنى توختىتىش، دەخلىنى، خەۋپنى تۈگىتىش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
22 – ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ، ئېغىر روھىي زىيان سالغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى روھىي زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
23 – ماددا باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى زىياندىن ساقلايمەن ۋە زىياننى توسىمەن دەپ ئۆزى زىيان تارتىۋالغاندا، جاۋابكارلىقنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھوقۇققا چېقىلغۇچى قېچىپ كەتكەندە ياكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئۇنىڭ قۇربى يەتمىگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلسا، مەنپەئەتدار مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
24 – ماددا زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا زىيانلانغۇچىدىمۇ، ھەرىكەتچىدىمۇ خاتالىق كۆرۈلمىگەندە، ئۇلار زىياننى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.
25 – ماددا زىيان پەيدا بولغاندىن كېيىن، تۆلەم ھەققى بېرىش شەكلىنى ئالاقىدارلار كېڭەشسە بولىدۇ. كېلىشەلمىسە، تۆلەم ھەققىنى بىر يولىلا بېرىش كېرەك؛ بىر يولىلا بېرىش ھەقىقەتەن قىيىن بولغاندا، مۇددەتكە بۆلۈپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن شۇنىڭغا تۇشلۇق كېپىللىك بېرىشى كېرەك.
3 – باب جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ۋە جاۋابكارلىق يېنىكلىتىلىدىغان ئەھۋاللار

26 – ماددا زىيان پەيدا بولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىدىمۇ خاتالىق ئۆتكەندە، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
27 – ماددا زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغاندا، ھەرىكەتچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

28 – ماددا زىياننى 3 – كىشى پەيدا قىلغاندا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى 3 – كىشى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
29 – ماددا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيان سالغانلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
30 – ماددا يوللۇق قوغدىنىمەن دەپ زىيان سالغانلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. يوللۇق قوغدانغۇچىلاردىن يوللۇق قوغدىنىشنى زۆرۈر چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان سالغانلىرى مۇۋاپىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
31 – ماددا خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىمەن دەپ زىيان سالغاندا، جاۋابكارلىقنى خەۋپ پەيدا قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. خەۋپ تەبىئىي سەۋەبتىن پەيدا بولغاندا، خەۋپتىن جىددىي ساقلانغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ياكى مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىدۇ. خەۋپتىن جىددىي ساقلانغۇچىلاردىن خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىشتا تەدبىرنى جايىدا قوللانماي ياكى زۆرۈر چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان پەيدا قىلغانلىرى مۇۋاپىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك،
4 – باب جاۋابكارلىق سۇبيېكتى توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە
32 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلار باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ۋەسىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋەسىيەلەردىن ۋەسىيەلىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلغانلىرىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلاردىن مال – مۈلكى بارلىرى باشقىلارغا زىيان سالسا، تۆلەم ھەققى ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىدىن ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ. يەتمىسە، ۋەسىيەسى تۆلەيدۇ.
33 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق ئادەملەردىن ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىپ، باشقىلارغا زىيان سېلىشتا خاتالىقى بارلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ خاتالىقى يوقلىرى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ، زىيانلانغۇچىلارغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىدۇ.

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق ئادەملەردىن مەسىت بولۇپ، ناركوز دورىسى ياكى روھىي دورىلارنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىپ، ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
34 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خادىملىرى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىمەن دەپ باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەمگەك – مۇلازىمەتكە ئەۋەتىلگەن مەزگىلدە، ئەۋەتىلگەن خادىم خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىمەن دەپ باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئەمگەك – مۇلازىمەتچىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەمگەك – مۇلازىمەتچىنى ئەۋەتكۈچى ئورۇنلاردىن خاتالىقى بارلىرى ئۆزىگە تۇشلۇق قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
35 – ماددا شەخسلەر ئارا ئەمگەك – مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندە، ئەمگەك – مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك مۇلازىمەت قىلىمەن دەپ باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئەمگەك – مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەك – مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك – مۇلازىمەت قىلىمەن دەپ زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قاراپ ئۆزىگە تۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

36 – ماددا تور ئابۇنىچىلىرى، تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە توردىن پايدىلىنىپ زىيان يەتكۈزگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
تور ئابۇنىچىلىرى تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى قىلغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆچۈرۈۋېتىش، نىقابلاش، ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەققىدە تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرى زىياننىڭ كۆپىيىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن شۇ تور ئابۇنىچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن تور ئابۇنچىنىڭ ئۆزىنىڭ تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرى شۇ تور ئابۇنىچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
37 – ماددا مېھمانخانا، سودا سارىيى، بانكا، بېكەت – ۋوگزال، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچىلار ياكى ئاممىۋى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
3 – كىشىلەردىن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ باشقۇرغۇچىلار ياكى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ئۆزىگە تۇشلۇق قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
38 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار بالىلار باغچىسىدا، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىسا، بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
39 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلار مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىسا، مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن تەربىيەلەش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
40 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلار بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتى سىرتىدىكى كىشىلەر ئۇلارغا جىسمانىي زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بالىلار باغچىسى، مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ئۆزىگە تۇشلۇق قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
5 – باب مەھسۇلات جاۋابكارلىقى
41 – ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا، ئىشلەپچىقارغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
42 – ماددا ساتقۇچىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتتا كۆرۈلگەن نۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا، ساتقۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ساتقۇچىلاردىن نۇقسانلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىنىمۇ، نۇقسانلىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
43 – ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان زىيان سالسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، مەھسۇلاتنى ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
مەھسۇلاتتىكى نۇقساننى ئىشلەپچىقارغۇچىلار پەيدا قىلغان بولسا، ساتقۇچىلار تۆلەپ بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
ساتقۇچىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتتا نۇقسان كۆرۈلگەندە، ئىشلەپچىقارغۇچىلار تۆلەپ بولۇپ، ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

44 – ماددا توشۇغۇچى، ساقلىغۇچى قاتارلىق 3 – كىشىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتتا كۆرۈلگەن نۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار تۆلەپ بولۇپ، 3 – كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

45 – ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى دەخلىنى ۋە خەۋپنى تۈگىتىش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
46 – ماددا مەھسۇلات ئوبوروتقا سېلىنغاندىن كېيىن نۇقسان بارلىقى سېزىلگەندە، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئاگاھ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك. قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانماي ياكى جايىدا قوللانماي زىيان سالغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
47 – ماددا مەھسۇلاتتا نۇقسان بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىۋېرىپ ۋە سېتىۋېرىپ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغاندا ياكى سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى شۇنىڭغا تۇشلۇق جازالىق تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
6 – باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى
48 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان سالغاندا، تۆلەم جاۋابكارلىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئارتىلىدۇ.
49 – ماددا ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولماي قالغاندا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
50 – ماددا ئالاقىدارلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش – سېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنگەن ھەمدە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكەلگەنلىكىنى تىزىملاتمىغاندا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن ئۆتۈنۈلگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
51 – ماددا قۇراشتۇرۇۋېلىنغان ھەمدە بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن سېتىۋېلىش – سېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈلگەنلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان سالسا، ئۆتۈنگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈلگۈچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
52 – ماددا ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى تارتىۋېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان سالسا، ئوغرىلىغۇچى، بۇلىغۇچى ياكى تارتىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە چىقىرىپ تۇرغانلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
53 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن، بۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئېنىق بولمىغانلىقتىن ياكى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقتىن، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي تالاپىتىنىڭ قۇتقۇزۇش خىراجىتى، دەپنە خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنى چىقىرىشقا توغرا كەلسە، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىن چىقىرىپ تۇرۇلىدۇ. يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىن چىقىرىپ بولۇپ، ئۇنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
7 – باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى
54 – ماددا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا بىمارلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىنىڭ خاتالىقى بولسا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
55 – ماددا تېببىي خادىملار دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا بىمارغا كېسەللىك ئەھۋالى ۋە داۋالاش تەدبىرىنى دەپ قويۇشى كېرەك. ئوپېراتسىيە قىلىش، ئالاھىدە تەكشۈرۈش ۋە ئالاھىدە داۋالاشقا توغرا كەلسە، تېببىي خادىملار داۋالاش خەۋپ – خەتەر، سەپلىمە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىمارغا دەپ قويۇشى ھەمدە ۋاقتىدا ئۇنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ بىمارغا دېيىش ئەپسىز بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا دەپ قويۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
تېببىي خادىملار ئالدىنقى تارماقتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي بىمارغا زىيان سالسا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
56 – ماددا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا بىمارنىڭ ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ پىكرىنى ئالالمىغاندا، داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ ياكى ھوقۇق بېرىلگەن مەسئۇلنىڭ تەستىقى بىلەن، مۇناسىپ داۋالاش تەدبىرى دەرھال قوللىنىلسا بولىدۇ.
57 – ماددا تېببىي خادىملار دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسىگە تۇشلۇق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي بىمارغا زىيان سالسا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
58 – ماددا بىمارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، داۋالاش ئاپپاراتى خاتا قىلغان دەپ پەرەز قىلىنىدۇ:
(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزام، قائىدىلەردىكى ۋە دىياگنوز قويۇش، داۋالاشقا ئائىت باشقا قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(2) ماجىراغا مۇناسىۋەتلىك كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنى تىقىۋالغان ياكى بەرمىگەن بولسا؛
(3) كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا.
59 – ماددا بىمارلاردىن دورا، دېزىنفېكسىيە دورىسى، داۋالاش سايمىنىدىكى نۇقسان سەۋەبلىك ياكى ئۆلچەمسىز قان بېرىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ياكى قان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، داۋالاش ئاپپاراتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بىمارلار داۋالاش ئاپپاراتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەپ بولۇپ، جاۋابكارلىقى بار ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ياكى قان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
60 – ماددا بىمارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(1) بىمار ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش قائىدىسىگە ئۇيغۇن دىياگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشىغا ماسلاشمىغان بولسا؛

(2) تېببىي خادىملار ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا مۇۋاپىق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا؛
(3) شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسى شۇنچىلىك بولغانلىقتىن، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تەس بولسا.
ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالدا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىدىن خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىرىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
61 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى كېسەلخانىدا يېتىش خاتىرىسى، دوختۇر كۆرسەتمىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئوپېراتسىيە ۋە ناركوز خاتىرىسى، پاتولوگىيە ماتېرىيالى، قاراش خاتىرىسى، داۋالاش خىراجىتى قاتارلىق كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تولدۇرۇشى، يېزىشى ھەمدە ئوبدان ساقلىشى كېرەك.
بىمارلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنى كۆرۈۋېلىش ۋە كۆپەيتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋالاش ئاپپاراتى بېرىشى كېرەك.
62 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى بىمارنىڭ شەخسىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. بىمارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ ياكى ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېسەل تارىخىي ماتېرىياللىرىنى ئاشكارىلاپ، بىمارغا زىيان سالغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
63 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئورۇنسىز تەكشۈرسە بولمايدۇ.
64 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن قوغدايدۇ. داۋالاش تەرتىپىگە كاشىلا سالغان، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزگەنلەر قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
8 – باب مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى
65 – ماددا مۇھىتنى بۇلغاپ زىيان سالغاندا، بۇلغىغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
66 – ماددا مۇھىتنى بۇلغاپ ماجىرا تۇغۇلسا، قانۇندا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىق ياكى جاۋابكارلىقنى يېنىكلىتىش بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار ھەققىدە ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىيان ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى بۇلغىغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
67 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق بۇلغىغۇچى مۇھىتنى بۇلغىسا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى بۇلغىما تۈرى، چىقىرىش مىقدارى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
68 – ماددا 3 – كىشى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ مۇھىتنى بۇلغاپ زىيان سالغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى بۇلغۇغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، 3 – كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇلغىغۇچى تۆلەپ بولۇپ، 3 – كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
9 – باب بەك خەتەرلىك ئاقىۋەت جاۋابكارلىقى
69 – ماددا بەك خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
70 – ماددا پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردىن پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسىدە يادرو ھادىسىسى تۇغۇلۇپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن زىياننىڭ ئۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن پەيدا بولغانلىقىنى ياكى زىيانلانغۇچىنىڭ قەستەنلىكتىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
71 – ماددا پۇقراۋى ئاۋىياۋاسىتىلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردىن پۇقراۋى ئاۋىئاۋاسىتىسى باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
72 – ماددا ئىگىلىگۈچىلەر ياكى ئىشلەتكۈچىلەردىن ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق نەرسە قاتارلىق بەك خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئىگىلەپ ياكى ئىشلىتىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. زىيان پەيدا بولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ئىگىلىگۈچى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
73 – ماددا باشقۇرغۇچىلاردىن يۇقىرى بوشلۇق پائالىيىتى، يۇقىرى بېسىملىق پائالىيەت، يەر ئاستى قېزىش پائالىيىتى قىلىپ ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك رېلىسلىق تىرانسىپورت قورالى ئىشلىتىپ زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك لېكىن، زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

74 – ماددا ئىگىدارلاردىن بەك خەتەرلىك نەرسىسىنى يوقىتىپ قويۇپ، تاشلىۋېتىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىگىدار بەك خەتەرلىك نەرسىسىنى باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن بولسا، باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئىگىدارلاردىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىرى باشقۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
75 – ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋالغۇچىلاردىن بەك خەتەرلىك نەرسىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىگىدارلار، باشقۇرغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىشقا قاتتىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىرى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
76 – ماددا بەك خەتەرلىك پائالىيەت رايونى ياكى بەك خەتەرلىك نەرسە قويۇلغان رايونغا ئىجازەتسىز كىرىپ زىيانغا ئۇچرىغاندا، باشقۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغانلىرى ھەمدە ئاگاھ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە ياكى ئۇلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسا بولىدۇ.
77 – ماددا بەك خەتەرلىك ئاقىۋەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتا، قانۇندا تۆلەم چېكى بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
10 – باب باققان ھايۋانات سالغان زىيان جاۋابكارلىقى
78 – ماددا ھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن باققان ھايۋاناتى باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن، زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسا ياكى ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
79 – ماددا ھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋاناتقا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
80 – ماددا ھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن بېقىش مەنئى قىلىنغان يامان ئىت قاتارلىق خەتەرلىك ھايۋاناتى باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
81 – ماددا ھايۋانات باغچىلىرىدىن ھايۋاناتى باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
82 – ماددا ھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن تاشلىۋەتكەن، قېچىپ كەتكەن ھايۋاناتى تاشلىۋەتكەن، قېچىپ كەتكەن مەزگىلدە باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
83 – ماددا ھايۋانات 3 – كىشىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيان سالغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھايۋانات باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، 3 – كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ھايۋانات باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى تۆلەپ بولۇپ، 3 – كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
84 – ماددا ھايۋانات بېقىشتا قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلماسلىق كېرەك.
11 – باب نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى
85 – ماددا ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ئورناتمىلار، ئاسمىلار ئاجىراپ، چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان سالغاندا، ئىگىدارلار، باشقۇرغۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەردىن خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىگىدارلار، باشقۇرغۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەر تۆلەپ بولغاندا، باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقا جاۋابكارلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

86 – ماددا ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ باشقىلارغا زىيان سالسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تۆلەپ بولغاندا، باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقا جاۋابكاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر باشقا جاۋابكار سەۋەبلىك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ باشقىلارغا زىيان سالسا، شۇ جاۋابكار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
87 – ماددا ئىمارەتتىن تاشلىغان نەرسە ياكى چۈشۈپ كەتكەن نەرسە باشقىلارغا زىيان سالغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئۆزىنىڭ ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچىلەر تولۇقلىما بېرىدۇ.
88 – ماددا دۆۋىلىمە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ باشقىلارغا زىيان سالغاندا، دۆۋىلىگۈچىلەردىن خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
89 – ماددا ئالاقىدار ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن جامائەت يولىغا پۇتلىشىدىغان نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ، تۆكۈپ ۋە چېچىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
90 – ماددا دەل – دەرەخ ئىگىدارلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن دەل – دەرىخى سۇنۇپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان سالغاندا خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
91 – ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچىلاردىن جامائەت سورۇنىدا ياكى ئورەك كولاش، يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغاندا، روشەن بەلگە قويماي ياكى بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

باشقۇرغۇچىلاردىن قۇدۇق قاتارلىق يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى باشقىلارغا زىيان سالغاندا باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
12 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
92 – ماددا بۇ قانۇن 2010 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 925 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01