ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى

 

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

(462 – نومۇرلۇق)

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى›› 2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 127 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2006 – يىل 7 – ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ
2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ نىزام ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەم ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››،‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى››غا ئاساسەن چىقىرىلدى.
2 – ماددا خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى يولدا يۈرىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى ئۈچۈن مەجبۇرىي سۇغۇرتىلىتىشى كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلىتىش، تۆلەش ۋە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىشلىرىدا مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىدىكىلەر، سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن باشقا زىيانغا ئۇچرىغۇچىنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ۋە مال –مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقاندا جاۋابكارلىق دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدىغان مەجبۇرىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىنى كۆرسىتىدۇ.
4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئاپپاراتى(تۆۋەندە سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى دېيىلىدۇ)سۇغۇرتا شىركىتى يولغا قويغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى، يېزا ئىگىلىك(يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى)مەسئۇل تارمىقى(تۆۋەندە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق دېيىلىدۇ)ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك. قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى باشقۇرغۇچى تارماق تىزىملىمايدۇ، بىخەتەرلىكىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرمەيدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا بەلگىسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.
2 – باب سۇغۇرتىلىتىش
5 – ماددا جۇڭگو مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى (تۆۋەندە سۇغۇرتا شىركىتى دېيىلىدۇ) سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا شىركىتىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويسا بولمايدۇ.
6 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىدا بىرلىككە كەلگەن سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە ئاساسىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى يولغا قويۇلىدۇ. سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىدە ئومۇمەن پايدىمۇ ئالماسلىق، زىيانمۇ تارتماسلىق پرىنسىپى بويىچە تەستىقلايدۇ.
سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەستىقلاشتا، ئالاقىدار كەسپىي ئاپپاراتلارنى باھالاشقا تەكلىپ قىلسا، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ ئاممىدىن پىكىر ئالسا بولىدۇ.
7 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى باشقا سۇغۇرتا كەسىپلىرىدىن ئايرىپ باشقۇرۇشى، ئايرىم ھېسابات قىلىشى كېرەك.
سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ھەر يىلى تەكشۈرۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ سۇغۇرتا شىركىتى يولغا قويغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىدە ئومۇمىي جەھەتتىكى پايدا ئېلىش ياكى زىيان تارتىش ئەھۋالىغا قاراپ، سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى مۇناسىپ تەڭشەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلسا بولىدۇ.
سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى چوڭراق تەڭشەشتە، سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىسپات ئاڭلىشى كېرەك.
8 – ماددا سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلمىغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى كېيىنكى يىلى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن كېيىنكى يىللاردىمۇ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش كۆرۈلمىگەن ۋە يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلمىغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشى، ھەتتا ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە چۈشۈرۈشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلار ياكى يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى كېيىنكى يىلى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى، يول قاتناش ھادىسىسىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغان ياكى زور يول قاتناش ھادىسىسىنى سادىر قىلغانلارنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن يول قاتناش ھادىسىسىدە خاتالىقى بولمىغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى ئۆستۈرۈلمەيدۇ. سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى ئۆلچىمىنى چۈشۈرۈش ياكى ئۆستۈرۈشنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
9 – ماددا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا ئۇچۇرى، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە يول قاتناش ھادىسىسىگە دائىر ئۇچۇرلاردىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىشى كېرەك.
10 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلىتىشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇش سالاھىيىتى ھازىرلىغان سۇغۇرتا شىركىتىنى تاللىشى كېرەك، تاللانغان سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلاشنى رەت قىلماسلىقى ياكى كەينىگە سۆرىمەسلىكى كېرەك.

سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇش سالاھىيىتى ھازىرلىغان سۇغۇرتا شىركىتىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

11 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلاتقاندا مۇھىم ئىشلارنى سۇغۇرتا شىركىتىگە ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
مۇھىم ئىشلار ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تۈرى، كودى، تىپى، نومۇرى، خاراكتېرى ۋە ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىسىم فامىلىسى (نامى)، جىنسى، يېشى، ئولتۇرۇشلۇق جايى، كىملىكى ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى(تەشكىلىي ئاپپارات كودى)، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ داۋاملىق سۇغۇرتىلىتىشتىن ئىلگىرىكى ھادىسە سادىر قىلىش ئەھۋالى ۋە سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
12 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ھەممىسىنى بىر يولىلا تاپشۇرۇشى كېرەك؛ سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسى بېرىشى كېرەك. سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسىگە سۇغۇرتا تالونىنىڭ نومۇرى، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇرى، سۇغۇرتا مۆھلىتى، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، ئادرېسى ۋە تۆلەم تېلېفون نومۇرىنى يېزىش كېرەك.
سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا بەلگىسىنى سۇغۇرتىلاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە چاپلاپ قويۇشى كېرەك.
سۇغۇرتا بەلگىسىنىڭ نۇسخىسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بولىدۇ. سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى تەييارلايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىۋېلىشىغا ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
13 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىدىن سىرت، باشقا شەرتلەرنى قوشۇپ تەلەپ قويسا بولمايدۇ.
سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىلاتقۇچىنى سودا سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلىسا شۇنىڭدەك باشقا شەرتلەرنى قوشۇپ تەلەپ قويسا بولمايدۇ.
14 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؛ لېكىن، سۇغۇرتىلاتقۇچىلاردىن مۇھىم ئىشلارنى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
سۇغۇرتىلاتقۇچى مۇھىم ئىشلارنى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى توختامنى بىكار قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان مۆھلەتتە ئادا قىلغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى توختامنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.
15 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشتا، سۇغۇرتا تالونى ۋە سۇغۇرتا بەلگىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى باشقۇرغۇچى تارماققا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
16 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
(1) سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قانۇن بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن بولسا؛

(2) سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يۈرۈشتىن توختىتىپ قويغان بولسا؛
(3) سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىسپاتلىغان بولسا.
17 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشتىن بۇرۇن، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى توختام بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

توختامنى بىكار قىلىشتا، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنىگىچە سۇغۇرتا ھەققىنى ئېلىپ، ئېشىپ قالغان سۇغۇرتا ھەققىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
18 – ماددا سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەشتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
19 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋاقتىدا داۋاملىق سۇغۇرتىلىتىشى ھەمدە ئالدىنقى بىر يىللىق سۇغۇرتا تالونىنى بېرىشى كېرەك.
20 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە سۇغۇرتىلاتقۇچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى بويىچە قىسقا مۇددەت سۇغۇرتىلاتسا بولىدۇ:
(1) چېگرا سىرتىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چېگرىدىن ۋاقىتلىق كىرىدىغان بولسا؛

(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولغا ۋاقىتلىق چىقىدىغان بولسا؛
(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بەلگىلەنگەن براك مۆھلىتىگە بىر يىل قالمىغان بولسا ؛
(4) سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللار.
3 – باب تۆلەش
21 – ماددا سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىدىكىلەر سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن باشقىلارنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ۋە مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقاندا، سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىدۇ.
يول قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى زىيانغا ئۇچرىغۇچى قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەيدۇ.
22 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدە قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى بېرىپ تۇرىدۇ ھەمدە زىيانغا ئۇچراتقۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1)ھەيدىگۈچىنىڭ ھەيدەش سالاھىيىتى بولمىسا ياكى مەست بولسا؛

(2) سۇغۇرتىلىتىلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئوغرىلانغان، بۇلانغان مەزگىلدە، ھادىسە سادىر بولغان بولسا؛
(3) سۇغۇرتىلانغۇچى يول قاتناش ھادىسىسىنى قەستەن سادىر قىلغان بولسا.
ئالدىنقى تارماقتىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، يول قاتناش ھادىسىسى سادىر بولۇپ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مال – مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
23 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىدا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن جاۋابكارلىق چېكى يولغا قويۇلىدۇ. جاۋابكارلىق چېكى ئۆلۈش – زەخىملىنىش، مېيىپ بولۇش تۆلەم چېكى، داۋالىنىش خىراجىتى تۆلەم چېكى، مال – مۈلۈك زىيان تۆلەم چېكى شۇنىڭدەك سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن يول قاتناش ھادىسىسىدە جاۋابكارلىقى بولمىغانلىرىنىڭ تۆلەم چېكى دەپ ئايرىلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چېكىنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
24 – ماددا دۆلەت يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى(تۆۋەندە قۇتقۇزۇش فوندى دېيىلىدۇ) تەسىس قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە يول قاتناش ھادىسىسىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردىن جىسمانىي تالاپەتكە ئۇچرىغانلىرىنىڭ دەپنە پۇلى، قىسمەن ياكى ھەممە قۇتقۇزۇش پۇلى قۇتقۇزۇش فوندىدىن بېرىپ تۇرۇلىدۇ. قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات يول قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن ئۇنى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1) قۇتقۇزۇش پۇلى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى چېكىدىن ئېشىپ كەتسە؛
(2) ھادىسە پەيدا قىلغان ماتورلۇققاتناش ۋاسىتىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا؛
(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھادىسە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن بولسا.
25 – ماددا قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ مەنبەسى:
(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىدىن مەلۇم نىسبەت بويىچە ئاجرىتىلغان مەبلەغ؛

(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا بەلگىلىمە بويىچە قاتناشتۇرمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرىغا قويۇلغان جەرىمانە؛
(3)قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات يول قاتناش ھادىسىسى جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە تۆلىتىۋالغان مەبلەغ؛
(4) قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ تۇغىندىسى؛
(5) باشقا مەبلەغ.
26 – ماددا قۇتقۇزۇش فوندىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ.
27 – ماددا سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى زىيانغا ئۇچرىغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى دەرھال جاۋاب بېرىپ، كونكرېت تۆلەم تەرتىپى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
28 – ماددا سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر كۈن ئىچىدە سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا شىركىتىگە تاپشۇرىدىغان، تۆلەمگە دائىر ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
29 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلانغۇچى تاپشۇرغان ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرىدىغان – كىرمەيدىغانلىقىنى بېكىتىشى ھەمدە نەتىجىسىنى سۇغۇرتىلانغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرمەيدىغانلىرىدا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرىدىغانلىرىدا سۇغۇرتىلانغۇچى بىلەن سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىتىشى كېرەك.
30 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تۆلەم تالاش – تارتىشى تۇغۇلغاندا، قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
31 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا پۇلىنى سۇغۇرتىلانغۇچىغا تۆلەپ بەرسىمۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا بىۋاسىتە تۆلەپ بەرسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. لېكىن زەخمىلەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇشتا سۇغۇرتا شىركىتى قۇتقۇزۇش پۇلىنى بېرىشكە ياكى بېرىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، سۇغۇرتا شىركىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتىغا قۇتقۇزۇش پۇلىنى ۋاقتىدا بېرىشى ياكى بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. 
زەخملەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇشتا قۇتقۇزۇش پۇلىنى قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات بېرىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتىغا قۇتقۇزۇش پۇلىنى ۋاقتىدا بېرىپ تۇرۇشى كېرەك.

32 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى يول قاتناش ھادىسىسىدە زەخملەنگەنلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن كلىنىكىلىق داۋالاش كۆرسەتمىسىدىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇشى، داۋالىشى كېرەك.
33 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەشتە ياكى قۇتقۇزۇش پۇلىنى بېرىپ تۇرۇشتا، قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قۇتقۇزۇش پۇلىنى بېرىپ تۇرۇشتا، ئالاقىدار تارماق ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار تارماق ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ماسلىشىشى كېرەك.
34 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى، قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ خادىملىرى ئالاقىدارنىڭ سىرىنى ساقلىشى كېرەك.
35 – ماددا يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلىمىنىڭ تۈرى ۋە ئۆلچىمى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
4 – باب جازا پرىنسىپى
36 – ماددا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى قانۇنسىز يولغا قويغانلارنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
37 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئالغان سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى سۇغۇرتا كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.
38 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى چەكلىسە، يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇسا ياكى سۇغۇرتا كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى رەت قىلغان ياكى كېچىكتۈرگەنلەر؛
(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇشتا، بىرلىككە كەلگەن سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە ئاساسىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپى بىلەن باشقا سۇغۇرتا كەسپىنى ئايرىپ باشقۇرمىغان، ئايرىم ھېسابات قىلمىغانلار؛
(4) سۇغۇرتىلاتقۇچىنى سودا سۇغۇرتىسى توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلار؛
(5) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلغانلار؛
(6) پۈتۈشكەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
(7) قۇتقۇزۇش پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بەرمىگەنلەر ياكى بېرىپ تۇرمىغانلار.
39 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا بەلگىلىمە بويىچە قاتناشمىغانلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۇتۇپ قېلىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسىغا بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىلىتىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بەلگىلىمىگە بىنائەن سۇغۇرتىلىتىدىغان ئەڭ تۆۋەن جاۋابكارلىق چېكىدە تاپشۇرۇلىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ 2 ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا رەسمىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىغانلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
40 – ماددا يولغا چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە سۇغۇرتا بەلگىسى چاپلىمىغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۇتۇپ قېلىپ، ئالاقىدارغا سۇغۇرتا بەلگىسىنى بېرىشنى ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاشنى ئۇقتۇرىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلاردىن سۇغۇرتا بەلگىسىنى بەرگەنلىرى ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتنى تولۇقلىغانلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
41 – ماددا سۇغۇرتا بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەر ۋە ياكى باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ سۇغۇرتا بەلگىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يىغىۋالىدۇ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئالاقىدارلاردىن مۇناسىپ قانۇنلۇق ئىسپات بەرگەن ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلىغانلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
5 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
42 – ماددا بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز– ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
(1) سۇغۇرتىلاتقۇچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرىدىن سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامى تۈزگەن ھەمدە توختام بويىچە سۇغۇرتا ھەققىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
(2) سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە ئۇرۇخسەت قىلغان قانۇنلۇق ھەيدىگۈچىنى كۆرسىتىدۇ.
(3) قۇتقۇزۇش پۇلى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولدا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ ئادەمنى زەخملەندۈرگەندە، داۋالاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ كلىنىكىدا داۋالاش كۆرسەتمىسىدىن پايدىلىنىپ، ھاياتلىق ئالامىتى مۇقىم بولمىغان ۋە ھاياتلىق ئالامىتى مۇقىم بولسىمۇ، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانمىغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى مېيىپ بولغان، ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ۋە ياكى كېسىلى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىدىغان زەخملەنگۈچىلەرنى زۆرۈر بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا كەتكەن داۋالاش خىراجىتىنى كۆرسىتىدۇ.

43 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولدىن باشقا جايدا ماڭغاندا ھادىسە سادىر بولۇپ،جىسمانىي جەھەتتىكى تالاپەت مال– مۈلۈك جەھەتتىكى زىيانغا تۆلەم بېرىشتە مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىلىدۇ.
44 – ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى شتاتىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا چارىسىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى ئايرىم چىقىرىدۇ.
45 – ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى مۇشۇ نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ؛ بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن سودا خاراكتېرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3 – شەخس جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سۇغۇرتا مۇددىتى توشقاندا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.
46 – ماددا بۇ نىزام 2006 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن– نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 540 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01