جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئۆي – زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئۆي – زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى

 

-يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي
كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1994 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جۇڭخۇا
خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 29 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.


1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ


1-ماددابۇ قانۇن شەھەر ئۆي - زېمىنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆي زېمىن بازىرى تەرتىپىنى ساقلاش، ئۆي - زېمىن ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۆي - زېمىن كەسپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2-مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر پىلانى رايونىدىكى دۆلەتكە تەئەللۇق يەرلەر(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دۆلەت يەرلىرى دېيىلىدۇ) دائىرىسىدە ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىغا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى، ئۆي - زېمىن سودىسى ۋە ئۆي - زېمىن باشقۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى لازىم.
  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۆي - ئىمارەت يەر ئۈستىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ۋە قۇرۇلمىلارنى كۆرسىتىدۇ.
  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن دۆلەت يېرىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي - ئىمارەت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۆي - زېمىن سودىسى ئۆي زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئۆي - زېمىن رەنىسى ۋە ئۆي - ئىمارەت ئىجارىسىنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددادۆلەت دۆلەتنىڭ يەرلىرىنى ھەقلىق، مۇددەتلىك ئىشلىتىش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ. لېكىن، دۆلەت بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە دۆلەت يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
4-ماددادۆلەت ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئاھالە ئۆي - جاي قۇرۇلۇشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلايدۇ.
5-ماددائۆي - زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشى لازىم. ئۆي - زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قانۇنىيھوقۇق- مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بۇنىڭغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
6-مادداگوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىيىتىگە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەن ئايرىپ بەرگەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېقىندىن ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي - زېمىن خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش، يەر باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.


2-باب ئۆي - زېمىن تەرەققىيا تىغا يەر ئىشلىتىش

1- پاراگراف يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش


7-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش دۆلەتنىڭ يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى دېيىلىدۇ) نى يەر ئىشلەتكۈچىگە مۇددەتلىك ھەقلىق بېرىشنى، يەر ئىشلەتكۈچىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىش ھەققىنى دۆلەتكە تاپشۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
8-مادداشەھەر پىلانى رايونىدىكى كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر قانۇن بويىچە دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باشقىلارغا ھەقلىق بېرىشكە بولىدۇ.
9-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا، شەھەر پىلانىغا ۋە قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش يىللىق پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
10-مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقلىق بېرىشتە، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى بويىچە ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىلىدىغان يىللىق ئومۇمىي يەر كۆلىمى لايىھىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى شەرت.
11-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ئىشىنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلىق، باسقۇچلۇق ئېلىپ بارىدۇ. شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى ھەقلىق بېرىلىدىغان يەر، ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئورنى، مۇددىتى ۋە باشقا شەرتلىرى توغرىسىدا شەھەر پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە لايىھە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ، ئۇنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى يولغا قويىدۇ.
بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشىنى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.
12-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشتە «كىمئارتۇق» سودىسى، خېرىدار چاقىرىش ياكى ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.
سودا، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ۋە ھەشەمەتلىك ئۆي - جاي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرنى ھەقلىق بېرىشتە شارائىت يار بەرسە «كىمئارتۇق» سودىسى، خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى لازىم؛ «كىمئارتۇق» سودىسى، خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا شارائىت يار بەرمىسە، ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.
  ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەقلىق بېرىلىدىغان يەرنىڭ ھەققى دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن باھادىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم.
13-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى يىل چەكلىمىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

14-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشتە يازما توختام تۈزۈش لازىم.
يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن يەر ئىشلەتكۈچى تۈزىدۇ.
15-ماددا يەر ئىشلەتكۈچى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئېلىش ھەققىنى توختام بويىچە تاپشۇرۇشى شەرت؛ توختام بويىچە تاپشۇرمىسا، يەر باشقۇرۇش تارمىقى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
16-ماددايەر ئىشلەتكۈچى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئېلىش ھەققىنى توختام بويىچە تاپشۇرغان بولسا، شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى يەرنى توختام بويىچە بېرىشى شەرت؛ يەرنى توختام بويىچە بەرمىسە، يەر ئىشلەتكۈچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يەر باشقۇرۇش تارمىقى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى قايتۇرىدۇ ھەمدە يەر ئىشلەتكۈچى توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
17-ماددايەر ئىشلەتكۈچى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشنى زۆرۈر تاپسا، يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بەرگۈچى ۋە شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىيىتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقى ئارقىلىق يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىنى ئۆزگەرتىش كېلىشىمى تۈزۈلىدۇ ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى قايتىدىن تۈزۈلىدۇ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.
18-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنىڭ ھەممىسى مالىيەگە تاپشۇرۇلۇپ، خام چوتقا كىرگۈزۈلۈپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ۋە يەردىن پايدىلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇش ۋە ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
19-ماددادۆلەت يەر ئىشلەتكۈچى قانۇن بويىچە ئىگە بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى توختامدا پۈتۈشكەن مۇددەت توشمىغۇچە قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، قانۇندىكى تەرتىپ بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇلسا بولىدۇ ھەمدە يەر ئىشلەتكۈچىنىڭ يەردىن ئەمەلىي پايدىلانغان يىلىغا ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق تۆلەم بېرىدۇ.
20-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقى شۇ يەرنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
21-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەر ئىشلەتكۈچى يەرنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا، مۇددەتنى ئۇزارتىشنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇددەت توشۇشتىن بىر يىل بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شۇ يەرنى جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قايتۇرۇۋېلىشى زۆرۈر بولمىسىلا، تەستىقلاپ بېرىدۇ، تەستىق بىلەن مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى قايتىدىن تۈزۈلىدۇ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ.
  يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن مۇددەت توشۇپ، يەر ئىشلەتكۈچى مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ يۇقىرىدىكى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلانمىغان بولسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى دۆلەت ھەقسىز قايتۇرۇۋالىدۇ.

2-پاراگراف يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىپ بېرىش

22-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىپ بېرىش ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىشى بىلەن يەر ئىشلەتكۈچى تۆلەم، ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى قاتارلىقلارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، شۇ يەرنى ئىشلەتكۈچىگە بېرىش ياكى دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى يەر ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىز بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
  بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاندا، قانۇندا ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىشلىتىش مۇددىتىگە چەك قويۇلمايدۇ.
23-مادداتۆۋەندىكى قۇرۇلۇشلارغا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئايرىپ بېرىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەستىقلاپ ئايرىپ بەرسە بولىدۇ:
(1)دۆلەت ئورگانلىرىغا ۋە ھەربىي ئىشلارغا كېرەكلىك يەر؛
(2)شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك يەر؛
(3)دۆلەت نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولىدىغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىغا كېرەكلىك يەر؛
(4)قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلارغا كېرەكلىك يەر


3-باب ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى

24- ماددائۆي - زېمىن تەرەققىياتىدا شەھەر پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، مۇھىت ئۈنۈمى بىردەك بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش شەرت.
25-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولۇپ، ئۆي - زېمىننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنى ۋە ئىش باشلاش مۇددىتى بويىچە پايدىلىنىش شەرت. توختامدا پۈتۈشكەن ئىش باشلاش پايدىلىنىش مۇددىتى توشۇپ بىر يىلغىچە پايدىلانمىغانلاردىن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن تۆۋەن بىكار قويۇش ھەققى ئېلىنسا بولىدۇ؛ ئىككى يىلغىچە پايدىلانمىغانلاردىن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقسىز قايتۇرۇۋېلىنسا بولىدۇ؛ لېكىن تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان ئامىللار ياكى ھۆكۈمەت، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتى ياكى ئىش باشلاش تەييارلىقلىرى سەۋەبىدىن يەردىن پايدىلىنىشنى كېچىكتۈرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
26-ماددائۆي - زېمىن قۇرۇلۇشلىرىنىڭ لايىھىلىنىشى، ئېلىپ بېرىلىشى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
ئۆي - زېمىن قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلسا بولىدۇ.
27-مادداقانۇن بويىچە ئىگە بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە باھاغا سۇندۇرۇپ پاي قىلىپ قوشۇپ،ئۆي- زېمىن تىجارىتىنى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ يول قويۇشقا بولىدۇ.
28-ماددادۆلەت باج قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى كارخانىلىرىنىڭ ئاھالە ئۆي - جاي قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يار - يۆلەك بولىدۇ.
29-ماددائۆي - زېمىن تەرەققىياتى كارخانىلىرى پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ،ئۆي- زېمىن تەرەققىياتى ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى كارخانىسى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش لازىم:
(1)نامى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى بولۇش؛
(2)مۇقىم تىجارەت ئورنى بولۇش؛
(3)گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملاتقان كاپىتال بولۇش؛
(4)يېتەرلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛
(5)قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر
   ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى كارخانىسى قۇرۇشتا سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىش كېرەك. سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشقانلىرىنى تىزىملاپ، تىجارەت كىنىشكىسى بېرىدۇ، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشمايدىغانلىرىنى تىزىملىمايدۇ.
  چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، چەكلىك پاي شىركىتى قۇرۇپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شىركەت قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىمۇ ئىجرا قىلىشى لازىم.
  ئۆي - زېمىن تەرەققىيات كارخانىسى تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، تىزىملىغان ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تارماققا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
30-ماددائۆي - زېمىن تەرەققىيات كارخانىسىنىڭ تىزىملاتقان كاپىتالى بىلەن سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ نىسبىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش لازىم.
  ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى كارخانىلىرىدىن ئۆي - زېمىن قۇرۇلۇشىنى مۇددەتكە بۆلۈپ ئېلىپ بارىدىغانلىرىنىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ سالىدىغان مەبلىغى شۇ تۈرنىڭ كۆلىمىگە لايىق بولۇشى ھەمدە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى بويىچە مەبلەغنى قەرەلىدە سېلىپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشى لازىم.

4-باب ئۆي - زېمىن سودىسى
1-پاراگراف ئومۇمىي بەلگىلىمە

31- ماددائۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنىگە قويۇشتا، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە شۇ ئۆي ئىگىلىگەن دائىرىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تەڭلا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، رەنىگە قويۇلىدۇ.
32-ماددايەرنىڭ ئۆلچەملىك باھاسى، بېكىتىلمە باھاسى ۋە ھەر خىل ئۆيلەرنىڭ قايتىلانما باھاسىنى قەرەللىك بېكىتىش ھەم ئېلان قىلىش لازىم. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
33-ماددادۆلەت ئۆي - زېمىنغا باھا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ئۆي - زېمىنغا باھا قويۇشتا، لىللا، ئادىل، ئاشكارا بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە باھا قويۇش تەرتىپى بويىچە يەرنىڭ ئۆلچەملىك باھاسى، بېكىتىلمە باھاسى ۋە ھەر خىل ئۆيلەرنىڭ قايتىلانما باھاسىنى ئاساس قىلىش، شۇ جايدىكى بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم.
34-ماددادۆلەت ئۆي - زېمىن سودىسىدا پۈتۈشكەن باھانى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
  ئۆي - زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر ئۆي- زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تارماقتا پۈتۈشكەن باھانى ئەينەن مەلۇم قىلىشى لازىم. يوشۇرۇشقا ياكى يالغان مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
35-ماددائۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنىگە قويۇشتا، ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ قانۇننىڭ بەشىنچى بابىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىتىشى لازىم.

2-پاراگراف ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش

36- ماددائۆي - زېمىنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۆي - زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆي - زېمىنىنى باشقىلارغا سېتىشىنى، ھەدىيە قىلىشىنى ياكى باشقا قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
37-مادداتۆۋەندىكى ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ
(1)ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى بۇ قانۇننىڭ 38 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشمىسا؛
(2)ئۆي - زېمىننى پېچەتلەش ياكى ئۆي - زېمىن ھوقۇقىنى باشقا شەكىل بىلەن چەكلەش ھەققىدە ئەدلىيە ئورگىنى ۋە مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە كېسىم، قارار چىقارغان بولسا؛
(3)يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغان بولسا؛
(4)ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي - زېمىن باشقا ئورتاق ئىگىدارىنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا؛
(5)ھوقۇق تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش - تارتىش بار بولسا؛
(6)قانۇن بويىچە تىزىملاتمايلا ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ئېلىۋالغان بولسا؛
(7)قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنغان باشقا ئەھۋاللار بار بولسا.
38-مادداھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:
(1)ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرغان ھەمدە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇش؛
(2)ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە مەبلەغ سېلىپ ئۆي - ئىمارەت قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقانلار قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 25% دىن كۆپرەكىنى ئورۇندىغان بولۇش؛ يەردىن بىر تۇتاش پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانائەتكە ياكى باشقا قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش شارائىتى ھازىرلانغان بولۇش.
ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان چاغدا ئۆي سېلىنىپ بولغان بولسا، ئۆي ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسىمۇ بولۇشى لازىم
39-ماددايەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغانلار ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى لازىم. تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەستىقلىسا، ئالغۇچى تەرەپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇشى لازىم.
  يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغانلار ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەستىقلىتىشقا مەلۇم قىلغاندا تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسىمۇ بولىدىغان بولسا، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ئۆي - زېمىندىن قىلغان كىرىمى ئىچىدىكى يەر كىرىمىنى دۆلەتكە تاپشۇرىدۇ ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
40-ماددائۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە يازما توختام تۈزۈلىدۇ، توختامدا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۇسۇلى ئېنىق يېزىلىدۇ.
41-ماددائۆي - زېمىن ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىغا يېزىلغان ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلەر بىللە يۆتكىلىدۇ.
42-مادداھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، شۇ يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى ئەسلىدىكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن يىل سانىدىن ئەسلىدىكى يەر ئىشلەتكۈچى شۇ يەرنى ئىشلەتكەن يىل سانىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق يىل سانىنى كۆرسىتىدۇ.
43-مادداھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئالغۇچى تەرەپ ئەسلىدىكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر پىلانلاش مەمۇرىيىتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىنى ئۆزگەرتىش كېلىشىمى تۈزۈشى ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىنى قايتىدىن تۈزۈشى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى مۇناسىپ تەڭشىشى شەرت.
44-مادداتاۋار ئۆيلەرنىڭ ئالدىن سېتىلىشى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم:
(1)يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى تولۇق تاپشۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇش؛
(2)قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالغان بولۇش؛
(3)ئالدىن سېتىپ بېرىلىدىغان تاۋار ئۆي بويىچە ھېسابلىغاندا، سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ 25% دىن ئاشقان بولۇش ھەمدە قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە پۈتتۈرۈپ تاپشۇرۇش ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولۇش؛
(4)ئالدىن سېتىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ، تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت خېتى ئالغان بولۇش.
  تاۋار ئۆينى ئالدىن ساتقۇچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالدىن سېتىش توختامىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋە يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
  تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىشتىن كىرگەن پۇل مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىلىشى شەرت.
45-مادداتاۋار ئۆي ئالدىن سېتىلغان بولسا، ئۇنى ئالدىن سېتىۋالغۇچىنىڭ پۈتمىگەن شۇ تاۋار ئۆيىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

3-پاراگراف ئۆي - زېمىن رەنىسى

46-ماددائۆي - زېمىن رەنىسى رەنىگە قويغۇچى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئۆي - زېمىن ئىگىدارلىقىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئۇسۇلى بىلەن رەنىگە ئالغۇچىغا قەرز ئۈچۈن كېپىللىككە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، رەنىگە ئالغۇچى قەرزنى رەنىگە قويۇلغان ئۆي - زېمىننى «كىمئارتۇق» قىلىپ سېتىپ تاپقان پۇلدىن قانۇن بويىچە ئالدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
47-مادداقانۇن بويىچە ئىگە بولغان ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى شۇ ئۆي ئىگىلىگەن دائىرىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بىلەن بىللە رەنە ھوقۇقى قىلىنسا بولىدۇ.
ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى رەنە قىلىنسا بولىدۇ.
48-ماددا ئۆي - زېمىننى رەنىگە قويۇش يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ۋە ئۆي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بىلەن بېجىرىلىدۇ.
49-ماددا ئۆي - زېمىن رەنىسىدە رەنىگە قويغۇچى بىلەن رەنىگە ئالغۇچى يازما توختام تۈزۈشى لازىم.
50-ماددا ئۆي - زېمىن رەنە ھوقۇقى ھېسابلانغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشكەن بولسا، شۇ ئۆي - زېمىن قانۇن بويىچە «كىمئارتۇق» قىلىپ سېتىلغاندىن كېيىن، تاپقان پۇلدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىگە تەڭ پۇل تاپشۇرۇلۇپ بولغاندا، رەنىگە ئالغۇچى قەرزنى ئالدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.
51-ماددائۆي - زېمىن رەنە توختامى ئىمزالانغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەر رەنە مۈلكىگە كىرمەيدۇ. رەنىگە قويۇلغان شۇ ئۆي - زېمىننى «كىمئارتۇق» قىلىپ سېتىشقا توغرا كەلگەندە، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي رەنە مۈلكى بىلەن بىللە قانۇن بويىچە «كىمئارتۇق» قىلىپ سېتىلسا بولىدۇ، لېكىن رەنىگە ئالغۇچىنىڭ قەرزنى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆينىڭ «كىمئارتۇق» سودىسى تاپاۋىتىدىن ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى يوق.

4-پاراگراف ئۆي ئىجارىسى

52-ماددائۆي ئىجارىسى ئۆي ئىگىدارىنىڭ ئىجارىگە بەرگۈچى سۈپىتى بىلەن، ئۆز ئۆيىنى ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجارىگە بېرىشىنى، ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئىجارىگە بەرگۈچىگە ئىجارە ھەققى تۆلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
53-ماددائۆي ئىجارىگە بەرگۈچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى يازما توختام تۈزۈپ ئىجارە مۇددىتى، ئىشلىتىش ئورنى، ئىجارە باھاسى، رېمونت قىلىش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار، شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپنىڭ باشقا ھوقۇق - مەجبۇرىيەتلىرى ئۈستىدە پۈتۈشىدۇ ھەمدە ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
54-مادداتۇرالغۇ ئۆي ئىجارىسىدە دۆلەت ۋە شۇ ئۆي جايلاشقان شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئىجارە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. ئۆينى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۈچۈن ئىجارىگە ئالغاندا، ئىككى تەرەپ ئىجارە ھەققى ۋە باشقا ئىجارە مەزمۇنلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

55-ماددائۆي ئىگىدارلىرى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئىگە بولغان دۆلەت يېرىگە سېلىنغان ئۆينى پايدا تېپىش مەقسىتىدە ئىجارىگە بەرگەندە، ئىجارە ھەققى ئىچىدىكى يەر كىرىمىنى دۆلەتكە تاپشۇرىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

5-پاراگراف ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار

56-ماددائۆي - زېمىن ۋاسىتىچى ئاپپاراتى ئۆي - زېمىن مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى، ئۆي - زېمىن باھا قويۇش ئاپپاراتى، ئۆي - زېمىن بېدىكلىك ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
57-ماددائۆي - زېمىن ۋاسىتىچى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:
(1)نامى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى بولۇش؛
(2)مۇقىم مۇلازىمەت ئورنى بولۇش؛
(3)زۆرۈر مال - مۈلكى ۋە خىراجىتى بولۇش؛
(4)يېتەرلىك كەسپىي خادىملىرى بولۇش؛
(5)قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
  ئۆي - زېمىن ۋاسىتىچى ئاپپاراتى تەسىس قىلىشتا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن، ئىش باشلاشقا بولىدۇ.
58-ماددادۆلەت ئۆي - زېمىن باھا قويۇش خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

5-باب ئۆي - زېمىن ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش - باشقۇرۇش

59 - ماددادۆلەت يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ۋە ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاپ، گۇۋاھنامە تارقىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
60-مادداھەقلىق بېرىش ياكى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.
   ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىگە بولغان يەرگە ئۆي سېلىشتا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنى ئېنىقلايدۇ ھەمدە ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.
   ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ.
   قانۇندا باشقا بەلگىلىمە بولغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.
61-ماددائۆي - زېمىن رەنىسىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تارماققا تىزىملىتىش لازىم.
   يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا رەنىگە قويۇلغان ئۆي - زېمىننى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەندە، بۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە گۇۋاھنامە ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم.
62-ماددائۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ئۆي باشقۇرۇش ۋە يەر باشقۇرۇش خىزمىتىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تارمىقى بىر تۇتاش م ەسئۇل ب ولغان ب ولسا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۆي - زېمىن ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تەييارلىسا، تارقاتسا بولىدۇ. بۇ قانۇننىڭ 60 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە شۇ ئۆي ئىگىلىگەن دائىرىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئۆزگەرتىلىشى ئۆي - زېمىن ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە يېزىلىدۇ.

6-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

63-ماددابۇ قانۇننىڭ 10 -، 11 - ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدىغان يەردىن پايدىلانسا، ھوقۇقنى ھەقلىق بېرىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەستىقلىغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېرىۋەتكەن ئالاقىدار جاۋابكارلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
64-ماددابۇ قانۇننىڭ 29- ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆي - زېمىن كەسپى بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغۇچىلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
65-ماددابۇ قانۇننىڭ 38 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
66-ماددابۇ قانۇننىڭ 39 - مادىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي - زېمىن ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
67-ماددابۇ قانۇننىڭ 44 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ئۆينى ئالدىن ساتقۇچىلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىن سېتىش پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
68-ماددابۇ قانۇننىڭ 57 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي - زېمىن ۋاسىتىچىلىكى بىلەن تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغۇچىلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
69-مادداقانۇن، نىزام ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى كارخانىلىرىدىن ھەق ئالغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان پۇلنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
70-ماددائۆي باشقۇرۇش تارمىقى، يەر باشقۇرۇش تارمىقى خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
  ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى، يەر باشقۇرۇش تارمىقى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ياكى باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئۇلاردىن قانۇنسىز ھالدا پۇل - مال ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

71-مادداشەھەر پىلانلاش رايونى سىرتىدىكى دۆلەت يېرى دائىرىسىدە ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى ئۈچۈن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى سودىسى ۋە ئۆي - زېمىن باشقۇرۇش ئىشلىرىدا بۇ قانۇندىن پايدىلىنىدۇ.
72-ماددا بۇ قانۇن 1995 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 673 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01