جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى

 

1986 - يىل 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1988 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى  5 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش

توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1 - قېتىم تۈزىتىلگەن، 1998 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، 2004 - يىل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)



1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ



1 - ماددا بۇ قانۇن يەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يەرگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداش، يەر بايلىقىنى قوغداش، ئېچىش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي قوغداش، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يەرگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكى يولغا قويۇلىدۇ.

ئومۇمىي خەلق ئىگىدارچىلىقىدىكى، يەنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىپ - سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.

دۆلەت جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بىلەن، يەرنى قانۇن بويىچە ئالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىدۇ.

دۆلەت دۆلەت يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ. لېكىن، دۆلەت ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئايرىپ بەرگەن دۆلەت يېرى بۇنىڭ سىرتىدا.

3- ماددا يەرنى ئىنتايىن قەدىرلەش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، يەر بايلىقىنى قوغدىشى ۋە ئېچىشى، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى چەكلىشى كېرەك.

4 - ماددا دۆلەت يەرنى ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دۆلەت يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى بەلگىلەپ، يەرنى يېزا ئىگىلىك يېرى، قۇرۇلۇش يېرى ۋە پايدىلانمىغان يەر دەپ ئايرىيدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋېتىشنى قاتتىق چەكلەپ، قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەپ، تېرىلغۇ يەرنى ئالاھىدە قوغدايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك يېرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان يەر، جۈملىدىن تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى، دېھقانچىلىق سۇ ئىنشائاتى يېرى، باقمىچىلىق سۇ يۈزى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ قۇرۇلۇش يېرى بىنا، قۇرۇلمىلارنى سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر، جۈملىدىن شەھەر - يېزىلاردىكى تۇرالغۇ جاي ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرى يېرى، زاۋۇت - كان يېرى، قاتناش - سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى يېرى، ساياھەت يېرى، ھەربىي ئەسلىھە يېرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ پايدىلانمىغان يەر يېزا ئىگىلىك يېرى ۋە قۇرۇلۇش يېرىدىن باشقا يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر يەرنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن ئىشلىتىش ئورنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىشلىتىشى شەرت.

5 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە يەرنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى تەسىس قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ.

6- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى ھەمدە يەر باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.

7 - ماددا خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ھەمدە ئالاقىدار پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.



2 - باب يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقى



8- ماددا شەھەر رايونىدىكى يەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

يېزىلاردىكى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى يەرلەردىن قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛ ئۆي يېرى ۋە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغ دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

9 - ماددا دۆلەت يېرى ۋە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىشكە بولىدۇ. يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يەرنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتى بار.

10 - ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەردىن قانۇن بويىچە كەنت دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىرىنى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشلىتىدۇ، باشقۇرىدۇ؛ كەنتنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى ئىشلىتىدۇ، باشقۇرىدۇ؛ يېزا (بازار)دىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىرىنى يېزا (بازار)دىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئىشلىتىدۇ، باشقۇرىدۇ.

11 - ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە تارقىتىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەردىن قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە تارقىتىپ، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىشلىتىدىغان دۆلەت يېرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە تارقىتىپ، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان دۆلەت يېرىنى تىزىملاپ گۇۋاھنامە تارقىتىدىغان كونكرېت ئورگاننى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

ئورمان يېرى، ئوتلاقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، سۇ يۈزى، ساھىللارنى باقمىچىلىققا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىننىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

12 - ماددا يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم.

13 - ماددا قانۇن بويىچە تىزىملانغان يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىشلىتىلىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

14 - ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. ھۆددىگە بەرگۈچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچى ھۆددە توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشىدۇ. يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغۇچى دېھقانلارنىڭ يەرنى قوغداش ۋە يەردىن ھۆددە توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتى بار. دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە، ئايرىم ھۆددىگەرلەر ئارا يەرنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، كەنت ئاھالە يىغىنى ئەزالىرىنىڭ ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت.

15 - ماددا دۆلەت يېرىنى ئورۇن ياكى شەخسلەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قىلسا بولىدۇ. دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى شۇ كوللېكىتپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قىلسا بولىدۇ. ھۆددىگە بەرگۈچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچى ھۆددە توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشىدۇ. يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يەرنى قوغداش ۋە يەردىن ھۆددە توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتى بار.

دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرماقچى بولسا، كەنت ئاھالە يىغىنى ئەزالىرىنىڭ ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش شەرت.

16- ماددا يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دائىر تالاش - تارتىشنى ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى، شەخسلەر بىلەن ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئالاقىدارلار مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىش قارارى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۈستىدىكى تالاش - تارتىش ھەل قىلىنغۇچە، ھەر قانداق تەرەپنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.



3 - باب يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى 



17 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا، دۆلەت زېمىنىنى رەتلەش ۋە بايلىق- مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە، يەر بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنىڭ مۇددىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

18 - ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇننىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈلۈشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنىڭ پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تېرىلغۇ يەر كاپالەت مىقدارى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزگەن يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا، ئۆز رايونى ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

19 - ماددا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى تۆۋەندىكى پرىنسىپ بويىچە تۈزۈلىدۇ:

(1) ئاساسىي ئېتىزلارنى قاتتىق قوغداش، يېزا ئىگىلىك يېرىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىشنى تىزگىنلەش؛

(2) يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش؛

(3) تۈرلەر، رايونلار بويىچە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش؛

(4) ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، يەردىن سىجىل پايدىلىنىش مۇمكىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

(5) ئىگىلەپ ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەر بىلەن ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تېرىلغۇ يەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش.

20 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا پايدىلىنىدىغان يەر رايونى ئايرىلىشى، يەر ئىشلىتىشنى ئېنىقلىشى كېرەك.

يېزىلىق (بازارلىق) يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا پايدىلىنىدىغان يەر رايونىنى ئايرىشتا، يەردىن پايدىلىنىش شارائىتىغا ئاساسەن ھەر بىر پارچە يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

21 - ماددا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى دەرىجە بويىچە تەستىقلىتىدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىنىدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەر، نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەر ۋە گوۋۇيۈەن بېكىتكەن شەھەرلەرنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

بۇ ماددىنىڭ 2 -، 3 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەندىن باشقا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە دەرىجىمۇ دەرىجە تەستىقلىتىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا (بازار)نىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن رايونلۇق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىسا بولىدۇ.

يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى تەستىقلانغان ھامان، قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت.

22 - ماددا شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش، ھازىرقى قۇرۇلۇش يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلىمەسلىك ياكى ئىمكانقەدەر ئاز ئىگىلەش كېرەك.

شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى، كەنت ۋە بازارلارنىڭ پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك، شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن شەھەر ۋە كەنت، بازار قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

شەھەر پىلانلانغان رايون، كەنت ۋە بازار پىلانلانغان رايوندا، شەھەر ۋە كەنت، بازار قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش شەھەر يىرىك پىلانىغا، كەنت ۋە بازار يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

23 - ماددا دەريا، كۆللەرنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى ھەمدە كەلكۈن قاچىلاش - توختىتىش رايونىدا يەردىن پايدىلىنىش دەريا، كۆللەرنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى، دەريا، كۆللەرنىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇش، قاچىلاش ۋە سۇ چىقىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

24 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش پىلانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قۇرۇلۇش يېرى ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلىشى كېرەك.

يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە، يەردىن پايدىلىنىش ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلىدۇ. يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىنى تۈزۈش، تەستىقلاش تەرتىپى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، پىلان تەستىقلاپ چۈشۈرۈلگەن ھامان، قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت.

25 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىنىڭ ئىجراسىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

26 - ماددا تەستىقلانغان يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلى تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت؛ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشتە، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە،يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىش كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلقى ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشتە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، بۇ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىدۇ.

27 - ماددا دۆلەت يەر تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يەر تەكشۈرىدۇ. يەر ئىگىدارلىرى ياكى يەر ئىشلەتكۈچىلەر تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى لازىم.

28 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى، پىلانلانغان يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە دۆلەت بېكىتكەن بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە يەر دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىدۇ. 

29 - ماددا دۆلەت يەر ستاتىستىكىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ستاتىستىكا تارمىقى ستاتىستىكىلاپ تەكشۈرۈش لايىھىسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، يەرنى قانۇن بويىچە ستاتىستىكىلاپ تەكشۈرۈش لايىھىسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، يەرنى قانۇن بويىچە ستاتىستىكا قىلىدۇ، يەر ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. يەر ئىگىدارلىرى ياكى يەر ئىشلەتكۈچىلەر ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك، يالغان مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇشقا، مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىشقا ۋە كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن ستاتىستىكا تارمىقى بىرلىكتە ئېلان قىلغان يەر كۆلىمى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشتىكى ئاساس.

30 - ماددا دۆلەت مەملىكەت بويىچە يەر باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەردىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىدۇ.



4 - باب تېرىلغۇ يەرنى قوغداش



31 - ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى قوغدايدۇ، تېرىلغۇ يەرنى باشقا يەرگە ئۆزگەرتىۋېتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ.

دۆلەت تېرىلغۇ يەر ئىگىلەپ ئىشلىتىش تۆلەم تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا تەستىق ئارقىلىق تېرىلغۇ يەر ئىگىلەپ ئىشلىتىلگەن بولسا، «قانچىلىك ئىگىلىسە، شۇنچىلىك ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈش» پرىنسىپىغا ئاساسەن، تېرىلغۇ يەر ئىگىلىگەن ئورۇن ئىگىلىگەن يەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە باراۋەر تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ شارائىتى يوقلار ياكى بىنا قىلغان تېرىلغۇ يېرى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىش ھەققى تاپشۇرىدۇ، بۇ پۇل يېڭىدىن تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىش پىلانىنى تۈزۈشى، تېرىلغۇ يەر ئىگىلىگەن ئورۇنلارنىڭ پىلان بويىچە تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىشىغا ياكى پىلان بويىچە تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىشنى تەشكىللىشىگە نازارەتچىلىك قىلىشى ھەمدە ئۇنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك.

32 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېرىلغۇ يەر ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ تېرىلغۇ تۇپراق قاتلىمىنى ئىشلىتىپ، يېڭىدىن تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىشنى، ناچار يەر ياكى باشقا تېرىلغۇ يەرنىڭ تۇپرىقىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

33 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، تەدبىر قوللىنىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ تېرىلغۇ يېرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئازىيىپ كەتكەنلەرنى گوۋۇيۈەن ئازىيىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە باراۋەر تېرىلغۇ يەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە بىنا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. زاپاس يەر بايلىقى ھەقىقەتەن كەمچىل بولغان، قۇرۇلۇش يېرى كۆپەيگەندىن كېيىن، يېڭىدىن بىنا قىلغان تېرىلغۇ يەرنىڭ سانى ئىگىلەپ ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ سانىنى تۇلۇقلىيالمىغان ئايرىم ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىش سانىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ، باشقا جايدىن يەر ئېچىشى شەرت. 

34 - ماددا دۆلەت ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن، تېرىلغۇ يەرنى ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش رايونىغا كىرگۈزۈپ، قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك:

(1) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلاپ بېكىتكەن ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىكى تېرىلغۇ يەر؛

(2) سۇچىلىق ۋە سۇ - تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەلىرى ياخشى تېرىلغۇ يەر، ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەمدە ياخشىلىغىلى بولىدىغان ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلار؛

(3) كۆكتاتچىلىق بازىلىرى؛

(4) يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش تەجرىبە ئېتىزلىرى؛

(5) گوۋۇيۈەن ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش رايونىغا كىرگۈزۈلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئېتىزلار.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئايرىغان ئاساسىي ئېتىزلار شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ 80% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى كېرەك.

ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش رايونىنىڭ چېگرىسى يېزا (بازار) بىرلىك قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ، بۇنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن

35 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، زەي ئاققۇزۇش - سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى قوغداپ، تۇپراقنى ياخشىلاپ، يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئاشۇرۇپ، يەرنىڭ چۆللىشىشى، شورلىشىشى، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە يەرنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

36 - ماددا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش شەرت، قاقاسلىقنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەشكە بولمايدۇ؛ ناچار يەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ياخشى يەرنى ئىگىلەشكە بولمايدۇ.

تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ خۇمدان سېلىش، قەبرە قوپۇرۇش ياكى تېرىلغۇ يەرگە خالىغانچە ئۆي سېلىش، تېرىلغۇ يەردىن قۇم ئېلىش، تاش ئېلىش، رۇدا قېزىش، تۇپا ئېلىش قاتارلىقلار مەنئى قىلىنىدۇ.

ئاساسىي ئېتىزلارنى ئىگىلەپ ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك قىلىش ۋە كۆلچەك كولاپ بېلىق بېقىش مەنئى قىلىنىدۇ.

37 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇشى، ئاق قالدۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەر بىر يىلغىچە ئىشلىتىلمىسە، شۇنداقلا بۇ يەرنى تېرىپ ھوسۇل ئالغىلى بولسا، بۇ يەرنى ئەسلى تېرىغان كوللېكتىپ ياكى شەخس داۋاملىق تېرشى كېرەك، يەر ئىشلەتكەن ئورۇن تېرىشقا تەشكىللىسىمۇ بولىدۇ؛ بىر يىلدىن ئاشقۇچە قۇرۇلۇش باشلىمىغانلار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلىگەن بەلگىلىمە بويىچە، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ھەققى تاپشۇرىدۇ؛ ئۇدا ئىككى يىل ئىشلەتمىگەن بولسا، ئەسلى تەستىقلىغان ئورگاننىڭ تەستىقى ئارقىلىق، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقسىز قايتۇرۇۋالىدۇ؛ شۇ يەر ئەسلىدە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغان بولسا، شۇ كەنتتىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ داۋاملىق تېرىشىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

شەھەر پىلانلانغان رايون دائىرىسىدە، سېتىۋېلىش ئارقىلىق يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى بىلەن شۇغۇللانغانلار يەرنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئۆي - زېمىن باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

تېرىلغۇ يەر ھۆددىگە ئالغان ئورۇن ياكى شەخس تېرىلغۇ يەرنى ئۇدا ئىككى يىل تېرىماي ئاق تاشلاپ قويسا، ھۆددىگە بەرگەن ئورۇن ھۆددە توختامىنى بىكار قىلىشى، ھۆددىگە بەرگەن تېرىلغۇ يەرنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.

38 - ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە يەرنىڭ چۆللىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتى ئاستىدا، پايدىلانمىغان يەرنى ئېچىشقا ئىلھام بېرىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك يېرى قىلىشقا باب كېلىدىغانلىرىنى ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىك يېرى قىلىپ ئېچىش كېرەك.

دۆلەت يەر ئاچقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

39 - ماددا پايدىلانمىغان يەرنى ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئىلمىي دەلىللەش ۋە باھالاشنى ئۆتكۈزۈشى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈش مۇمكىن بولغان دائىرىدە قانۇن بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى شەرت. ئورماننى، ئوتلاقنى بۇزۇپ تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ؛ كۆللەرنى تىندۇرۇپ ئېتىز بىنا قىلىش ۋە دەريا ساھىللىرىنى ئىگىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزۇپ ئاچقان، كۆللەرنى تىندۇرۇپ بىنا قىلغان يەرلەرنى پىلانلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق ھالدا ئورمان، ئوتلاق، كۆل ھالىتىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

40 - ماددا ئىشلىتىش ھوقۇقى بېكىتىلمىگەن دۆلەت ئىلكىدىكى قاقاس تاغ، قاقاس يەر، قاقاس ساھىللارنى ئېچىپ تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قىلىدىغانلار بولسا، ئۇنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىشى ئارقىلىق ئاچقۇچى ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىشىگە بېكىتىپ بېرىشكە بولىدۇ.

41 - ماددا دۆلەت يەرنى رەتلەشكە ئىلھام بېرىدۇ. ناھىيىلىك، يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنى تەشكىللەپ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە، ئېتىز، سۇ، يول، ئورمان، كەنتلەرنى ھەر تەرەپلىمە ئوڭشاپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كۆپەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىشى، ئىشلىتىلمىگەن پارچە - پۇرات يەرلەر ۋە تاشلاندۇق يەرلەرنى ئوڭشىشى كېرەك.

42 - ماددا قېزىش، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، بېسىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئەسلىگە كەلتۈرۈش شارائىتى بولمىغان ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگىنى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان بولسا، يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرىدۇ، بۇ پۇل يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يەر ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.



5 - باب قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش



43- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلەتمەكچى بولسا، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشى شەرت؛ لېكىن يېزا (بازار) كارخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە كەنت ئاھالە تۇرالغۇسى سېلىش ئۈچۈن قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق ئۆز كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئىشلىتىش، ياكى يېزا (بازار)، كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئىشلىتىش بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان دۆلەت يېرى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەر ۋە ئەسلىدە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، دۆلەت ئالغان يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

44 - ماددا قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشتە يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغان يول، تۇرۇبا لىنىيە قۇرۇلۇشى ۋە چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە يەر ئىشلىتىشتە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، بۇنى گوۋۇيۈەن تەستىقلايدۇ.

يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن شەھەر ۋە يېزا - بازار قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش كۆلىمى دائىرىسىدە، شۇ پىلاننى يولغا قويۇش تۈپەيلىدىن يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، بۇنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىغان ئەسلىدىكى ئورگان يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانى بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ تەستىقلايدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىش تەستىقلانغان دائىرىدە كونكرېت قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىسا بولىدۇ.

بۇ ماددىنىڭ 2 -، 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىدىن باشقا قۇرۇلۇش تۈرىگە يەر ئىشلىتىشتە، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، بۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلايدۇ.

45 - ماددا تۆۋەندىكى يەرلەرنى ئېلىشنى گوۋۇيۈەن تەستىقلايدۇ:

(1) ئاساسىي ئېتىزلار؛

(2) ئاساسىي ئېتىزلاردىن باشقا، كۆلىمى 35 گېكتاردىن ئاشىدىغان تېرىلغۇ يەر؛

(3) كۆلىمى 70 گېكتاردىن ئاشىدىغان باشقا يەرلەر.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا يەرلەرنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، بۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلايدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئېلىشتا بۇ قانۇننىڭ 44 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، گوۋۇيۈەن يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىغانلىرىدا يەر ئېلىشنى تەستىقلاش رەسمىيىتى بىللە بېجىرىلىدۇ، ئايرىم بېجىرىلمەيدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر ئېلىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدە يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىغانلىرىدا يەر ئېلىشنى تەستىقلاش رەسمىيىتى بىللە بېجىرىلىدۇ، ئايرىم بېجىرىلمەيدۇ؛ يەر ئېلىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىرىدە بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يەر ئېلىشنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئايرىم بېجىرىش كېرەك.

46 - ماددا دۆلەت ئالىدىغان يەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلانغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.

ئېلىنىدىغان يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى، ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئېلاندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە يەر ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بېرىپ، ئېلىنغان يەر تۆلىمىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.

47 - ماددا ئېلىنغان يەرگە شۇ يەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ.

ئېلىنغان تېرىلغۇ يەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم ھەققى يەر تۆلەم پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ھەمدە يەر ئۈستىدىكى نەرسىلەر ۋە مايسىلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىنغان تېرىلغۇ يەر تۆلەم پۇلى شۇ تېرىلغۇ يەر ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن ئون ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. ئېلىنغان تېرىلغۇ يەر ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يېزا نوپۇس سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك يېزا نوپۇس سانى ئېلىنغان تېرىلغۇ يەر سانىنى يېرى ئېلىنغان ئورۇننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر سانىغا بۆلۈش بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ھەر بىر يېزا نوپۇسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمى شۇ تېرىلغۇ يەر ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئالتە ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. لېكىن، ئېلىپ ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر گېكتارىغا بېرىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئون بەش   ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئېلىنغان باشقا يەرنىڭ تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئېلىنىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلەيدۇ.

ئېلىنىدىغان يەر ئۈستىدىكى قوشۇمچە نەرسە ۋە مايسىغا تۆلەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەرىپىدىن بەلگىلەيدۇ.

ئېلىنغان شەھەر رايونى ئەتراپىدىكى كۆكتات يېرىگە يەر ئىشلىتىدىغان ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يېڭى كۆكتات يېرى ئېچىش قۇرۇلۇش فوندى تاپشۇرىدۇ.

بۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يەر تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بەرگەندە، ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان دېھقانلار ئەسلىدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ساقلاپ قالالمىسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. لېكىن، يەر تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ يىغىندىسى يەر ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 30 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

گوۋۇيۈەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئېلىنىدىغان تېرىلغۇ يەر تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.  

48 - ماددا ئېلىپ ئىشلىتىلىدىغان يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇنى ئېلان قىلىشى، شۇنداقلا يېرى ئېلىپ ئىشلىتىلىدىغان يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە دېھقانلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

49 - ماددا يېرى ئېلىنغان يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئېلىنغان يەر تۆلەم ھەققىنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىغا ئېلان قىلىشى، ئۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

يېرى ئېلىنغان ئورۇنغا بېرىلگەن تۆلەم ھەققى ۋە باشقا ھەقلەرنى ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

50 - ماددا ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېرى ئېلىنغان يېزا كوللېكىتپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە دېھقانلارنىڭ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش، كارخانا قۇرۇش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

51 - ماددا چوڭ، ئوتتۇرا سۇ ئىنشائاتى ۋە سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشىغا ئېلىنىدىغان يەرنىڭ تۆلەم ھەققى ئۆلچىمى ۋە كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

52 - ماددا قۇرۇلۇش تۈرىنى مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى بويىچە دەلىللەشتە، يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ئىشلارنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانى ۋە قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرىدۇ ۋە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

53 - ماددا تەستىقلانغان قۇرۇلۇش تۈرىگە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئېلىپ، تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ. ئۇنى يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.

54 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىشتە، يەرگە يەر سېتىۋېلىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش شەكلى بىلەن ئېرىشىشى كېرەك؛ لېكىن تۆۋەندىكى قۇرۇلۇشلارغا يەر ئىشلىتىشتە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىشى بىلەن، ئايرىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق ئېرىشىشكە بولىدۇ:

(1) دۆلەت ئورگانلىرىغا يەر ئىشلىتىش ۋە ھەربىي ئىشلارغا يەر ئىشلىتىش؛

(2) شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە يەر ئىشلىتىش ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا يەر ئىشلىتىش؛

(3) دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە يەر ئىشلىتىش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلارغا يەر ئىشلىتىش.

55 - ماددا سېتىۋېلىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش شەكلى ئارقىلىق دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە چارە بويىچە، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش سوممىسى قاتارلىق يەرنى ھەقلىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش سوممىسى قاتارلىق يەرنى ھەقلىق ئىشلىتىش پۇلى ۋە باشقا ھەقنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، يەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

بۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، يېڭىدىن قوشۇلغان قۇرۇلۇش يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش پۇلىنىڭ 30% ى مەركەز مالىيىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، 70% ى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە قالدۇرۇلۇپ، تېرىلغۇ يەر بىنا قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ.

56 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىشتە يەرنى يەر ئىشلىتىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىپ بېرىش تەستىق ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىش كېرەك؛ شۇ يەرنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولسا، مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان ئەسلىدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى شەھەر پىلانلانغان رايوندىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەنلىرىدە، تەستىقلىتىشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

57 - ماددا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن دۆلەت يېرىنى ياكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، بۇنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىتىشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن ئالاقىدار شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. يەر ئىشلەتكۈچىلەريەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىگە ئاساسەن، ئالاقىدار يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى يېزا كوللكېتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، كەنت ئاھالە  كومىتېتى بىلەن يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش توختامى ئىمزالىشى ھەمدە توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش تۆلەم ھەققى تۆلىشى كېرەك.

يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلەتكۈچىلەر يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك، بۇ يەرگە مەڭگۈلۈك قۇرۇلۇش سېلىشقا بولمايدۇ.

يەرنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىش مۇددىتى ئادەتتە ئىككى يىلدىن ئاشمايدۇ.

58 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر ئىشلىتىشنى ئەسلى تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ:

(1) جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بىلەن يەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە؛

(2) شەھەر پىلانىنى يولغا قويۇپ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش تۈپەيلىدىن، يەر ئىشلىتىشنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە؛

(3) يەرنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ھەقلىق ئىشلىتىش توختامىدا پۈتۈشكەن ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندا، يەر ئىشلەتكۈچى مۇددەتنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى ئۇزارتىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بولسا؛

(4) شۇ ئورۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش، كۆچۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەسلىدە ئايرىپ بېرىلگەن دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش توختىتىلغان بولسا؛

(5) تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودروم، كان قاتارلىقلار تەستىق ئارقىلىق كېرەكسىز قىلىنغان بولسا.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشتا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش كېرەك.



59 - ماددا يېزا (بازار) كارخانىلىرى، يېزا (بازار)، كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرى، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى قاتارلىق يېزا (بازار) قۇرۇلۇشلىرىنى كەنت ۋە بازار يېرىك پىلانى بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈپ سېلىش كېرەك؛ قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش يېزا (بازار)لارنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە بۇ قانۇننىڭ 44 -، 60 -، 61 -، 62 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تەستىقلىتىلىشى كېرەك.

60- ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار يېزا (بازار)لارنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىپ كارخانا قۇرۇشتا ياكى باشقا ئورۇن، شەخسلەر بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش، بىرلىشىپ باشقۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بىرلىكتە كارخانا قۇرۇشتا، ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئۇنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بەلگىلىگەن تەستىقلاش ھوقۇقى بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەش توغرا كەلگەنلىرىدە، بۇ قانۇننىڭ 44 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرنى قاتتىق تىزگىنلەش شەرت. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر يېزا (بازار) كارخانىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھە ۋە ئىگىلىك كۆلىمىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى ئايرىم - ئايرىم بەلگىلىسە بولىدۇ.

61 - ماددا يېزا (بازار)، كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرى، جامائەت پاراۋانلىق قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىدىغانلار يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، بۇنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بەلگىلەنگەن تەستىقلاش ھوقۇقى بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەشكە توغرا كەلگەنلىرىدە، بۇ قانۇننىڭ 44 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ.

62 - ماددا يېزا ئاھالىلىرىدىن بىر ئائىلە بىر جايدىلا ئۆي يېرى ئىگىلىسە بولىدۇ. ئۆي يېرىنىڭ كۆلىمى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

يېزىلاردىكى ئاھالىلەر ئۆي سالغاندا، يېزا (بازار)نىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇنلاشۇرۇشى ھەمدە ئىمكانقەدەر ئەسلى ئۆي ئورنى ۋە كەنتتىكى بوش يەرنى ئىشلىتىشى كېرەك.

يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي يېرىنى يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەكشۈرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەيدىغانلىرىدا، بۇ قانۇننىڭ 44 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ.

يېزا ئاھالىلىرى ئۆيلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئىجارىگە بېرىۋېتىپ يەنە ئۆي يېرى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا تەستىقلاپ بېرىلمەيدۇ.

63 - ماددا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ؛ لېكىن يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولغان ھەمدە قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش يېرى ئالغان كارخانىلاردىن ۋەيران بولۇش، قوشۇلۇپ كېتىش سەۋەبلىرى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىدا قانۇن بويىچە ئۆزگىرىش بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

64 - ماددا يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى تۈزۈلۈشتىن بۇرۇن سېلىنغان، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بەلگىلەنگەن يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن بىنا، قۇرۇلمىلارنى قايتا سېلىشقا، كېڭەيتىشكە بولمايدۇ.

65 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان ئەسلىدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ:

(1) يېزا (بازار)، كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە؛

(2) يەرنى تەستىقلانغان ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلەتمىگەن بولسا؛

(3) ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۆچۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەر ئىشلىتىش توختىتىلغان بولسا.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر قايتۇرۇۋېلىنغان بولسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش كېرەك.



6 - باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش



66 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

يەر باشقۇرۇش بويىچە نازارەت قىىلپ تەكشۈرتۈش خادىملىرى يەر باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن، نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك. 

67 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن يەر ھوقۇقىغا دائىر ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ئۇنى كۆرۈش ياكى كۆپەيتىۋېلىش؛

(2) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن يەر ھوقۇقىغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(3) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخس قانۇنسىز ئىگىلەپ ئىشلەتكەن يەرگە بېرىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش؛

(4) قانۇنسىز يەر ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ئورۇن ياكى شەخسلەرنى يەر باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇش.

68 - ماددا يەر باشقۇرۇش بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندە، ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ھۆججەت ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، يەر باشقۇرۇش بويىچە نازارەت  قىلىپ تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

69 - ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ يەرگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى ھەمدە خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك، يەر باشقۇرۇش بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

70 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى سەزگەندە، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولسا، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىسا، تەڭ دەرىجىلىك ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇشى، ئالاقىدار مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

71 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يەرگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ جىنايەتكە توشىدىغانلىقىنى بايقىغاندا، دېلونى ئالاقىدار ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ جىنايەتكە توشمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك.

72 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئالاقىدار يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەمۇرىي جازا بەرمىگەن بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىشنى بۇيرۇشقا ياكى بىۋاسىتە مەمۇرىي جازا بېرىشكە ھەمدە ئالاقىدار يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ مەسئۇلىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق.



7 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق



73 - ماددا يەرنى ئېلىپ - ساتقان ياكى باشقا شەكىل بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋەتكەنلەرنىڭ قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن يەرگە يېڭىدىن سالغان بىنا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە چۇۋۇۋېتىلىپ، يەر ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولغانلىرىنىڭ قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن يەرگە يېڭىدىن سالغان بىنا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

74 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ خۇمدان سېلىش، قەبرە قاتۇرۇش ياكى تېرىلغۇ يەردە خالىغانچە ئۆي سېلىش، قۇم تاسقاش، قۇم ئېلىش، تاش ئېلىش، رۇدا قېزىش، توپا ئېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تېرىقچىلىق شارائىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى يەر ئېچىش سەۋەبىدىن يەرلەرنى چۆللەشتۈرۈۋەتكەن، شۆرلاشتۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۇدەتتە تۈزىتىشكە ياكى ئوڭشاشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايە شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

75 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇزۇلغان يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلەرنى يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ پۇل يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىلا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

76 - ماددا تەستىقلاتماي ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تەستىقلىتىپ، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنسىز ئىگىىلىۋالغان يەرنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ يېزا ئىگىلىك يېرىنى خالىغانچە قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋالغانلارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سالغان بىنا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى بەلگىلەنگەن مۇدەتتە چۇۋۇۋېتىلىپ، يەر ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولغانلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سالغان بىنا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋالغان ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇلىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

يەرنى تەستىقلانغان ساندىن ئاشۇرۇپ ئىگىلىۋالغانلارنىڭ كۆپ ئىگىلىۋالغان يېرى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

77 - ماددا ]يېزا ئاھالىلىرىدىن تەستىقلاتماي ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ تەستىقلىتىپ، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ ئۆي سېلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرنى قايتۇرۇشقا، قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سېلىۋالغان ئۆيلەرنى بەلگىلەنگەن مۇدەتتە چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۆپ ئىگىلىۋالغان يەر قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

78 - ماددا يەر ئېلىشنى، يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلاش ھوقۇقى بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان، يەر تەستىقلاش ھوقۇقىدىن ھالقىپ يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان، ئىشلىتىلىدىغان يە, رنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن ئىشلىتىش ئورنى بويىچە تەستىقلىمىغانلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ يەر ئىگىلەش، يەر ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەستىقلىغانلارنىڭ تەستىق ھۆججىتى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، يەر ئېلىپ ئىشلىتىشنى، يەر ئىشلىتىشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قانۇنسىز تەستىقلانغان، ئىشلىتىلگەن يەر قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، ئالاقىدار كىشى قايتۇرۇشنى رەت قىلسا قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

يەر ئېلىپ ئىشلىتىشنى، يەر ئىشلىتىشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ ئالاقىدارلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

79 - ماددا يېرى ئېلىنغان ئورۇنلارنىڭ يەر تۆلەم ھەققى ۋە باشقا ئالاقىدار ھەقلىرىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

80 - ماددا دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىشتا، يەرنى تاپشۇرمىغان، يەردىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىش مۇددىتى توشقان تۇرۇقلۇق قايتۇرمىغان ياكى دۆلەت يېرىنى تەستىقلانغان ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلەتمىگەن ئالاقىدارلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەرنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ.

81ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خالىغانچە ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەن ياكى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە ئىجارىگە بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۇدەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

82 - ماددا يەر ئۆزگىرىشىنى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىملاتمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تىزىملىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

83 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرگە يېڭىدىن سېلىۋالغان بىنا ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى بەلگىلەنگەن مۇدەتتە چۇۋۇش بۇيرۇلغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخس قۇرۇلۇشنى دەرھال توختىتىشى، ئۆزى چۇۋۇشى شەرت؛ داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلغانلارنى جازالاش قارارى چىقارغان ئورگان توسۇشقا ھوقۇقلۇق. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن بەلگىلەنگەن مۇدەتتە چۇۋۇش بۇيرۇلغان مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى، شۇ قارارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ سۈرۈك توشقۇچە دەۋا قىلمىسا ھەمدە ئۆزى چۇۋۇمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ، خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

84- ماددا يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەتكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.



8 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ



85 -ماددا جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار، جۇڭگو - چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار يەر ئىشلىتىشتە بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ قانۇندا باشقىچە بەلگىلىمە بولسا شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 999 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01