جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

 

 

1– نومۇرلۇق

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى» 2009 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى» ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ

 2009 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 – كۈنى

(1995–يىل 6 –ئاينىڭ 30–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–يىغىنىدا ماقۇللانغان ، 2002–يىل 10–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30–يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن ، 2009–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

2 – باب سۇغۇرتا توختامى

1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

2 – پاراگراف جىسمانىي سۇغۇرتا توختامى

3 – پاراگراف مال – مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى

3 – باب سۇغۇرتا شىركىتى

4 – باب سۇغۇرتا تىجارەت قائىدىسى

5 – باب سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى

6 – باب سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن سۇغۇرتا پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتا ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇغۇرتا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغان، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكەن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھادىسە يۈز بېرىپ مال – مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغاندا، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ياكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن، زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغان، كېسەل بولۇپ قالغاندا ۋە ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ياش ۋە مۇددەت شەرتى قاتارلىق شەرتلەرگە توشقاندا، سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان سودا سۇغۇرتا ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

3 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

4 – ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش پرىنىسىپىغا ئەمەل قىلىش شەرت، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

5 – ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

6 – ماددا سۇغۇرتا كەسپىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان سۇغۇرتا شىركەتلىرى، شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا سۇغۇرتا تەشكىلاتلىرى يولغا قويىدۇ، باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويسا بولمايدۇ.

7 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن چېگرا ئىچىدە سۇغۇرتىلىتىدىغانلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە سۇغۇرتىلىتىشى كېرەك.

8 – ماددا سۇغۇرتىچىلىق بىلەن بانكىچىلىق، ئاكسىيىچىلىك، ھاۋالىلىچىلىكتە ساھە بويىچە تىجارەت قىلىش، ساھە بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى بانكا، ئاكسىيە، ھاۋالە كەسپىي ئاپپاراتىدىن ئايرىم قۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

9 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتىچىلىقنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرىدۇ. ۋاكالەت ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

2 – باب سۇغۇرتا توختامى

1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

10 – ماددا سۇغۇرتا توختامى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى پۈتۈشكەن كېلىشىمدۇر.

سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەم توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگەن ھەم توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.

11 – ماددا سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، ئادىل بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سۇغۇرتىلىتىش شەرت ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى ئىختىيارلىق بىلەن تۈزۈلىدۇ.

12 – ماددا جىسمانىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىلانغۇچىنى سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتا نىشانىدىن سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

جىسمانىي سۇغۇرتا ئادەمنىڭ ئۆمرى ۋە جىسمى سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتىدۇر.

مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى مال – مۈلۈك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەت سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتىدۇر.

سۇغۇرتىلانغۇچى مال – مۈلكى ياكى جىسمى سۇغۇرتا توختامىدا كاپالەتلەندۈرۈلگۈچىنى، سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچى بولسا بولىدۇ.

سۇغۇرتا مەنپەئىتى سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىدا قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنغان مەنپەئىتىنى كۆرسىتىدۇ.

13 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلىتىشنى تەلەپ قىلىپ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلغاندا، سۇغۇرتا توختامى ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتلىرىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

سۇغۇرتا تالونى ۋە باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتلىرىغا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن توختام مەزمۇنىنى يېزىپ قويۇش كېرەك. ئالاقىدارلار توختام مەزمۇنىنى باشقا يازما شەكىلدە يېزىشنى پۈتۈشسىمۇ بولىدۇ.

قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن سۇغۇرتا توختامى ۋۇجۇدقا كەلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى توختامنىڭ كۈچى ھەققىدە شەرت ياكى مۆھلەتنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

14 – ماددا سۇغۇرتا توختامى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ، سۇغۇرتىچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

15 – ماددا مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى سۇغۇرتا توختامىدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

16 – ماددا سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا نىشانى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.

سۇغۇرتىلاتقۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى قەستەن ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن ئادا قىلماي، سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلۇش – قوشۇلماسلىق ياكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش – ئۆستۈرمەسلىك قارارى چىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى سۇغۇرتىچى شۇ ھوقۇقنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈندىن ئاشقىچە يۈرگۈزمىسە يوقىلىدۇ. توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؛ سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى قەستەن ئادا قىلمىغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەم سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن ئادا قىلماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى تۈزگەندە سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتمىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؛ سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

سۇغۇرتا ھادىسىسى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدىكى ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ.

17 – ماددا سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىچى بەرگەن ئەندىزىلىك ماددىلار قوللىنىلىدىغانلىرىدا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا بەرگەن سۇغۇرتا تالونىغا ئەندىزىلىك ماددىلارنى قوشۇپ قويۇشى، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا توختام مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

سۇغۇرتا توختامىدىكى سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر ماددىلارنى سۇغۇرتىچى توختام تۈزگەندە سۇغۇرتىلىتىش تالونى، سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتلىرىدا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ دىققىتىنى تارتالىغۇدەك قىلىپ ئەسكەرتىشى ھەم شۇ ماددىنىڭ مەزمۇنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا يازما ياكى ئاغزاكى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك؛ ئەسكەرتمىگەن ياكى ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن بولسا، بۇ ماددا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

18 – ماددا سۇغۇرتا توختامى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) سۇغۇرتىچىنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى، شۇنىڭدەك جىسمانىي سۇغۇرتا مەنپەئەتدارىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(3) سۇغۇرتا نىشانى؛

(4) سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى؛

(5) سۇغۇرتا مۇددىتى ۋە سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى؛

(6) سۇغۇرتا سوممىسى؛

(7) سۇغۇرتا ھەققى ۋە تاپشۇرۇش چارىسى؛

(8) سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش چارىسى؛

(9) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاش – تارتىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى؛

(10) توختام تۈزگەن يىل، ئاي، كۈن.

سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىغا ئالاقىدار باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

مەنپەئەتدار جىسمانىي سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتكەن سۇغۇرتا پۇلىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى مەنپەئەتدار بولسا بولىدۇ.
سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەڭ يۇقىرى سوممىنى كۆرسىتىدۇ.

19 – ماددا سۇغۇرتىچى بەرگەن ئەندىزىلىك ماددىلارنى قوللىنىپ تۈزۈلگەن سۇغۇرتا توختامىدىكى تۆۋەندىكى ماددىلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ:

(1) سۇغۇرتىچى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش؛

(2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ھوقۇقنى يوق قىلىۋېتىش؛

20 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى توختام مەزمۇنىنى كېڭىشىپ ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

سۇغۇرتا توختامىنى ئۆزگەرتىشتە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتىغا ئەسكەرتىپ قويۇشى ياكى تەستىق قەغىزى قوشۇپ قويۇشى ۋە ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق يازما كېلىشىم تۈزۈشى لازىم.

21 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. قەستەن ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، زىيان دەرىجىسى قاتارلىقلارنى بېكىتكىلى بولمىسا، سۇغۇرتىچى بېكىتكىلى بولمىغان قىسمىدا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن سۇغۇرتىچىلاردىن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باشقا يول بىلەن ۋاقتىدا بىلگەن ياكى ۋاقتىدا بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

22 – ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا توختامى بويىچە سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، زىيان دەرىجىسى قاتارلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللاردىن بېرەلەيدىغانلىرىنى سۇغۇرتىچىغا بېرىشى كېرەك.

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە، ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللار تولۇق ئەمەس دەپ قارىسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا تولۇقلاپ بېرىشنى ۋاقتىدا، بىر قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

23 – ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بېكىتىشى؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، 30 كۈن ئىچىدە بېكىتىشى كېرەك؛ لېكىن، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. سۇغۇرتىچى بېكىتىش نەتىجىسىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىدا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار بىلەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ ئون كۈن ئىچىدە، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىن سىرت، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىيىنىنى تۆلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قانۇنسىز ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش ھوقۇقىنى چەكلىسىمۇ بولمايدۇ.

24 – ماددا سۇغۇرتىچى مۇشۇ قانۇننىڭ 23 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرمەيدىغانلىرىدا بېكىتكەن كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى رەت قىلغانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدۇ ھەم سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ.

25 – ماددا  سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئالاقىدار ئىسپات، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تۆلەيدىغان ياكى بېرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ سوممىسىنى بېكىتەلمىسە، قولىدىكى ئىسپات ۋە ماتېرىيالغا ئاساسەن بېكىتەلەيدىغان سوممىسى بويىچە بېرىپ تۇرسا بولىدۇ؛ سۇغۇرتىچى تۆلەيدىغان ياكى بېرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ سوممىسىنى ئاخىرىدا بېكىتكەندىن كېيىن، كېمىنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.

26 – ماددا  ئۆمۈر سۇغۇرتىسىدىن باشقا سۇغۇرتىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلىش دەۋا سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ، سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۆمۈر سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىش دەۋا سۈرۈكى بەش يىل بولىدۇ، ئۇ، سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

27 – ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەردى، دەپ يالغان ئېيتىپ، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھەم سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرماسلىققا ھوقۇقلۇق.

سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىشقا، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالماسلىققا ھوقۇقلۇق؛ مۇشۇ قانۇننىڭ 43 – ماددىسىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىدە سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرمايدۇ.

سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالاقىدار ئىسپات، ماتېرىيال ياكى باشقا دەلىل – ئىسپاتلارنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ھادىسە سەۋەبىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىرى ياكى زىياننى كۆپتۈرگەنلىرىنىڭ ساختا مەلۇم قىلغان قىسمىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالدىنقى ئۈچ تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلى ياكى خىراجەتنى سۇغۇرتىچىغا چىقىم قىلدۇرغانلىرى قايتۇرۇشى ياكى تۆلىشى كېرەك.

28 – ماددا سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنىڭ بىر قىسمىنى پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش شەكلى بىلەن باشقا سۇغۇرتىچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قايتا سۇغۇرتىلاش ھېسابلىنىدۇ.

قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىغا ۋە ئەسلىي سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

29 – ماددا  قايتا سۇغۇرتىلىغۇچى ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچى قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنى قايتا سۇغۇرتىلاش جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىدى، دەپ ئۆزىنىڭ ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى كېچىكتۈرسە بولمايدۇ.

30 – ماددا سۇغۇرتىچى بەرگەن ئەندىزىلىك ماددىنى قوللىنىپ تۈزۈلگەن سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار ئوتتۇرىسىدا سۇغۇرتا ماددىلىرى توغرىسىدا تالاش–تارتىش كۆرۈلگەندە، ئادەتتىكى چۈشىنىشى بويىچە ئىزاھات بېرىش كېرەك. سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلارغا ئىككى خىلدىن ئارتۇق ئىزاھات بېرىلگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارغا پايدىلىق ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

2 – پاراگراف جىسمانىي سۇغۇرتا توختامى

31 – ماددا  سۇغۇرتىلاتقۇچى تۆۋەندىكى كىشىلەرنى سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئىگە قىلىدۇ:

(1) ئۆزى؛

(2) جورىسى، پەرزەنتى، ئاتا – ئانىسى؛

(3) ئالدىنقى تارماقچىغا كىرگۈزۈلمىگەن، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن تەربىيىلەش، بېقىش ياكى قاراش مۇناسىۋىتى بولغان ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار ۋە يېقىن تۇغقانلىرى؛

(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولغان ئەمگەكچى.

ئالدىنقى تارماقچىدا بەلگىلەنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆزى ئۈچۈن سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ توختام تۈزۈپ بېرىشىگە قوشۇلغان بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنى سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئىگە قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.

توختام تۈزگەندە سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنى سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئىگە قىلمىسا، توختام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

32 – ماددا  سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قىلغان بولسا ھەم ئۇنىڭ ھەقىقىي يېشى توختامدا پۈتۈشكەن ياش چەكلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلسا ھەم سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. سۇغۇرتىچىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىنىڭ 3 –، 6 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقتىن، تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا ھەققى ئاز بولۇپ قالغان بولسا، سۇغۇرتىچى تۈزىتىشكە ھەم سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندە تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققى بىلەن تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نىسبىتى بويىچە بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقتىن، سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغىنىدىن كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى ئارتۇق ئالغان سۇغۇرتا ھەققىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

33 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنى ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرتى بىلەن جىسمانىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرسا بولمايدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلىسىمۇ بولمايدۇ.

ئاتا – ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىشى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە بېرىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ يىغىندىسى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتكەن چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

34 – ماددا ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختاملاردىن سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتىلانغۇچى قوشۇلمىغانلىرى ھەم ئېتىراپ قىلمىغانلىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختام بويىچە بېرىلگەن سۇغۇرتا تالونىنى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى رەنە قويۇشقا بولمايدۇ.

ئاتا – ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىشى مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

35 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققىنى بىر قېتىمدىلا تولۇق تاپشۇرۇۋەتسە ياكى بۆلۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ.

36 – ماددا توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، توختامدا سۇغۇرتا ھەققىنى بۆلۈپ تاپشۇرۇش پۈتۈشۈلگەن بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى تۇنجى قەرەللىك سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۈيلىگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 30 كۈن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇ قەرەللىك سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغان ياكى پۈتۈشكەن مۆھلەتتىن 60 كۈن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ شۇ قەرەللىك سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغان بولسا، توختام كۈچى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكەن شەرت بويىچە سۇغۇرتا سوممىسىنى كېمەيتىدۇ.

سۇغۇرتىلانغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە سۇغۇرتا ھادىسىسىگە ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا پۇلى بېرىشى كېرەك، لېكىن تاپشۇرمىغان سۇغۇرتا پۇلىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

37 – ماددا كۈچى مۇشۇ قانۇننىڭ 36– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختىتىپ تۇرۇلغان توختاملار سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى كېڭىشىپ ھەم كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. لېكىن، توختام كۈچى توختىتپ تۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ 2 يىلغىچە 2 تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە توختامنى بىكار قىلغان بولسا، سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

38 – ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇشنى دەۋا يولى بىلەن تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

39 – ماددا جىسمانىي سۇغۇرتا مەنپەئەتدارىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتىدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى بېكىتىشتە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت. سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولغان ئەمگەكچىنى جىسمانىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشتا، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشقا كىشىنى مەنپەئەتدار قىلىپ بېكىتسە بولمايدۇ.

سۇغۇرتىلانغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا، مەنپەئەتدارنى ئۇنىڭ ۋەسىيسى بېكىتسە بولىدۇ.

40 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنى مەنپەئەتدار قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.

مەنپەئەتدار بىر نەچچە كىشى بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتلىنىش رەت تەرتىپى ياكى مەنپەئەت ئۈلۈشىنى بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ. مەنپەئەت ئۈلۈشى بېكىتىلمىگەن بولسا، مەنپەئەتدارلار مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

41 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتسە ھەم سۇغۇرتىچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، سۇغۇرتىچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتىش يازما ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا تالونىغا ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتىغا ئەسكەرتىپ قويۇشى ياكى تەستىق قەغىزىنى چاپلاپ قويۇشى كېرەك.

سۇغۇرتىچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتىشتە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.

42 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سۇغۇرتا پۇلى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مىراسى قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىچى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) مەنپەئەتدار كۆرسىتىلمىگەنلىكتىن ياكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكتىن بېكىتكىلى بولمىسا؛

(2) مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا مەنپەئەتدار بولمىسا؛

(3) مەنپەئەتدار مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە مەھرۇم بولسا ياكى ۋاز كەچسە، باشقا مەنپەئەتدار بولمىسا.

مەنپەئەتدار بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى بىر ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەن ھەم قايسىسىنىڭ بۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى بېكىتكىلى بولمىسا، مەنپەئەتدار ئاۋۋال ئۆلگەن دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.

43 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈشى، زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ياكى كېسەل بولۇشىنى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە باشقا مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتىنى قايتۇرىدۇ.

مەنپەئەتدارلاردىن سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈشى ياكى زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى، كېسەل بولۇشىنى قەستەن پەيدا قىلغانلىرى ۋە ياكى قەستەن قاتىللىق قىلىپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىرى مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

44 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختام ۋۇجۇدقا چىققان ياكى توختام كۈچى ئەسلىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈۋالسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن ئۆلۈۋالغاندا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغاندا، سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

45 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ياكى قانۇن بويىچە قوللىنىلغان جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرىگە قارشى چىقىپ زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى 2 يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك.

46 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى 3 – كىشىنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش، زەخىملىنىش، مېيىپ بولۇش ياكى كېسەل بولۇش قاتارلىق سۇغۇرتا ھادىسىلىرىدە سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىغا ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىن كېيىن، 3 – كىشىدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمايدۇ، لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يەنىلا 3–كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

47 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامنى بىكار قىلسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك.

3 – پاراگراف مال – مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى

48 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتا نىشانىدا سۇغۇرتا مەنپەئىتى بولمىغانلىرى سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

49 – ماددا سۇغۇرتا نىشانى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، سۇغۇرتا نىشانىنى قوبۇل قىلغۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.

سۇغۇرتا نىشانى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى ئۆتۈنۈلگۈچى سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، لېكىن، يۈك ترانسپورت سۇغۇرتا توختامى ۋە ئايرىم پۈتۈشكەن توختاملار بۇنىڭ سىرتىدا.

سۇغۇرتا نىشانى ئۆتۈنۈپ بېرىلىپ خەۋپ كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىپ كەتسە، سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتسە ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلغان بولسا، ئېلىپ بولغان سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە ئۆتۈنۈلگۈچى مۇشۇ ماددىنىڭ 2– تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئۆتۈنۈپ بېرىش سەۋەبىدىن سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشتۇرۋەتكەنلىكتىن كۆرۈلگەن سۇغۇرتا ھادىسىلىرىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

50 – ماددا يۈك ترانسپورت سۇغۇرتا توختامى ۋە ترانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇساپە سۇغۇرتا توختامىدا، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغاندىن كېيىن، توختام تۈزۈشكۈچىلەر توختامنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

51 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى دۆلەتنىڭ ئوت مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىپ، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلىشى كېرەك.

سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىغا خەتەر ئامىللىرىنى ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش توغرىسىدا ۋاقتىدا يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىدە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتىش ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

52 – ماددا توختام كۈچكە ئىگە مۇددەتتە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىچىغا توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتىش ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلغان بولسا، ئېلىپ بولغان سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختامنى بىكار قىلغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

سۇغۇرتىلانغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپى ئېغىرلىشپ كېتىپ كۆرۈلگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

53 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىدا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىشى ھەم مۇناسىپ سۇغۇرتا ھەققىنى كۈن بويىچە ھېسابلاپ قايتۇرۇشى كېرەك:

(1) سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى بېكىتىشتە ئالاقىدار ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەپ كەتسە؛

(2) سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتى كۆرۈنەرلىك كېمىيىپ كەتسە.

54 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلىنىشتىن ئىلگىرى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا رەسمىيەت ھەققى بېرىشى، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغاندىن كېيىن توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچى ئېلىپ بولغان سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.

55 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتىنى پۈتۈشكەن ھەم توختامغا يازغان بولسا، سۇغۇرتا نىشانى زىيانغا ئۇچرىغاندا، پۈتۈشكەن سۇغۇرتا قىممىتى تۆلەمنى ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، سۇغۇرتا نىشانى زىيانغا ئۇچرىغاندا، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن چاغدىكى ئەمەلىي قىممىتى تۆلەم ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.

سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئۇنىڭ سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، سۇغۇرتىچى شۇنىڭغا تۇشلۇق سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

56 – ماددا تەكرار سۇغۇرتىلاتقۇچى تەكرار سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە سۇغۇرتىچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

تەكرار سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىچىلارنىڭ تۆلەيدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتىچىلار سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى يىغىندىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

تەكرار سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا پۇلى سوممىسىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن سۇغۇرتا ھەققىنى نىسبەت بويىچە قايتۇرۇشنى سۇغۇرتىچىلاردىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

تەكرار سۇغۇرتا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىر سۇغۇرتا نىشانى، بىر سۇغۇرتا مەنپەئىتى ۋە بىر سۇغۇرتا ھادىسىسى ئۈچۈن ئىككىدىن ئارتۇق سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگەن ھەم سۇغۇرتا پۇلى سوممىسىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ.

57 – ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچى ئىمكانقەدەر زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، زىياندىن ساقلىنىشى ياكى زىياننى ئازايتىشى كېرەك.

سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق خىراجەتلىرىنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەت سوممىسى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ زىيىنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسىدىن ئايرىم ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سۇغۇرتا پۇلى سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

58 – ماددا سۇغۇرتا نىشانىدا قىسمەن زىيان كۆرۈلسە، سۇغۇرتىچى تۆلەپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىدا سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلسىمۇ بولىدۇ، لېكىن، سۇغۇرتىلاتقۇچىغا 15 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

توختام بىكار قىلىنغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغان قىسمىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

59 – ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ بولغان بولسا ھەم بەرگەن سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىگە تەڭ كەلسە، زىيانغا ئۇچرىغان سۇغۇرتا نىشانىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقى سۇغۇرتىچىغا ئۆتىدۇ؛ سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، سۇغۇرتىچى زىيانغا ئۇچرىغان سۇغۇرتا نىشانىنىڭ قىسمەن ھوقۇقىغا سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئىگە بولىدۇ.

60 – ماددا سۇغۇرتا نىشانىغا 3 – كىشى زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن سۇغۇرتا ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ 3 – كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلىگەن كۈندىن باشلاپ تۆلەم سوممىسى دائىرىسىدە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى 3 – كىشىدىن زىيان تۆلىمى ئالغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلىگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ 3 – كىشىدىن ئالغان تۆلەم سوممىسىنى مۇۋاپىق تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

سۇغۇرتىچىنىڭ مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ تۆلەم ئالمىغان قىسمى ئۈچۈن 3 – كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

61 – ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەشتىن ئىلگىرى، سۇغۇرتىلانغۇچى 3 – كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، 3 – كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلىش كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

سۇغۇرتىلانغۇچى قەستەن ياكى ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، سۇغۇرتىچىنى تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزەلمەيدىغان قىلىپ قويغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلىنى مۇۋاپىق تۇتۇپ قالسا ياكى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

62 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى تەركىبىدىكىلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 60 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىدىن باشقىلىرىدا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولمايدۇ.

63 – ماددا سۇغۇرتىچى ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى 3 – كىشىگە يۈرگۈزگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىچىغا زۆرۈر ھۆججەت، ماتېرىياللارنى بېرىشى ۋە ئۆزى بىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېيتىشى كېرەك.

64 – ماددا سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى ۋە سۇغۇرتا نىشانى ئۇچرىغان زىياننىڭ دەرىجىسىنى ئېنىقلاش ۋە بېكىتىش ئۈچۈن چىقارغان زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق خىراجەتلەرنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

65 – ماددا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى 3 – كىشىگە زىيان سالغان بولسا، سۇغۇرتىچى قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا پۇلىنى 3 – كىشىگە بىۋاسىتە تۆلەپ بەرسە بولىدۇ.

جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى 3 – كىشىگە زىيان سېلىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ 3 – كىشى ئالدىدا ئۈستىگە ئالىدىغان تۆلەم جاۋابكارلىقى بېكىتىلگەن بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلىنى شۇ 3 – كىشىگە بىۋاسىتە تۆلىشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغۇچى تەلەپ قىلىشقا سۇسلۇق قىلسا، 3 – كىشى ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىك تۆلەم قىسمى ئۈچۈن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەشنى سۇغۇرتىچىدىن بىۋاسىتە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى 3 – كىشىگە زىيان سېلىپ، سۇغۇرتىلانغۇچى شۇ 3 – كىشىگە تۆلەم بەرمىگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلىسە بولمايدۇ.

جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى سۇغۇرتىلانغۇچى 3 – كىشى ئالدىدا قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان تۆلەم جاۋابكارلىقى سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ.

66 – ماددا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى 3 – كىشىگە زىيان سالغان سۇغۇرتا ھادىسىسى بىلەن قىلىنغان كېسىم ياكى دەۋادا، سۇغۇرتىلانغۇچى تۆلىگەن كېسىم ھەققى ياكى دەۋا ھەققى ۋە باشقا زۆرۈر، مۇۋاپىق خىراجەتلەرنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ، توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

3 – باب سۇغۇرتا شىركىتى

67 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشتە، سۇغۇرتىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.
68 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك.

(1) ئاساسلىق پايچىكلارنىڭ سىجىل پايدا ئېلىش ئىقتىدارى بولۇش، ئىناۋىتى ياخشى بولۇش، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى بولمىغان، ساپ مۈلكى 200 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولمىغان بولۇش؛

(2) مۇشۇ قانۇن ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن نىزامنامىسى بولۇش؛

(3) رويخەتتىكى كاپىتالى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(4) ۋەزىپە ئۆتەش كەسپىي بىلىمى ۋە كەسپىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش؛

(5) مۇكەممەل تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(6) تەلەپكە لايىق تىجارەت سورۇنى ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان كەسپىگە ئالاقىدار باشقا ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

69 – ماددا  سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا، رويخەتكە ئالدۇرۇلىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى خەلق پۇلى ھېسابىدا 200 مىليون يۈەن بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە، تىجارەت كۆلىمىگە قاراپ، ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى تەڭشىسە بولىدۇ، لېكىن، مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن چەكتىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالى ئەمەلىي تاپشۇرغان پۇل كاپىتالى بولۇشى شەرت.

70 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يازما ئىلتىماس سۇنۇش ھەم تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) قۇرۇش ئىلتىماسى، ئۇنىڭغا قۇرۇلىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، رويخەتتىكى كاپىتالى، كەسىپ دائىرىسى قاتارلىقلارنى يېزىش؛

(2) مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى؛

(3) قۇرۇش لايىھىسى؛

(4) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ياكى باشقا ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرى، بوغالتىرخانىنىڭ تەپتىشلىكىدىن ئۆتكەن ئالدىنقى بىر يىللىق مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى؛

(5) مەبلەغ سالغۇچى ئېتىراپ قىلغان تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش مۇدىر، دىرېكتورلۇققا تەيىنلىنىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە شۇ كىشىنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىق ئىسپاتى؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ماتېرىياللار.

71 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ، قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە قۇرۇشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى ھەم ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغانلىرىدا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

72 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى قۇرۇشنى تەستىقلىغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە قۇرۇش تەييارلىقىنى تاماملىشى؛ قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە سۇغۇرتا تىجارىتى قىلماسلىقى كېرەك.

73 – ماددا قۇرۇش تەييارلىقى تاماملانغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 68 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تىجارەت باشلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تىجارەت باشلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تىجارەت باشلاشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

تەستىقلاشنى قارار قىلغانلىرىغا سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى بېرىشى؛ تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغانلىرىدا ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

74 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە شۆبە – تارماق ئاپپاراتلارنى قۇرۇشتا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئالىدۇ.

75 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يازما ئىلتىماس قىلىشى ھەم تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) قۇرۇش ئىلتىماسى؛

(2) قۇرىدىغان ئاپپاراتىنىڭ ئۈچ يىللىق كەسپىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە بازار تەھلىل ماتېرىيالى؛

(3) ئالىي باشقۇرغۇچىلىققا تەيىنلىنىدىغانلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرى؛

(4) گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ماتېرىياللار.

76 – ماددا  سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ، تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك. تەستىقلاشنى قارار قىلغانلىرىغا شۆبە– تارماق ئاپپارات سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى بېرىشى؛ تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغانلىرىدا ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

77 – ماددا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتى سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ.

78 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرىدىن سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملاتمىغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى كۈچتىن قالىدۇ.

79 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى سىرتىدا بالا شىركەت، شۆبە – تارماق ئاپپارات ۋە ۋەكىل ئاپپاراتى قۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

80 – ماددا چەت ئەلنىڭ سۇغۇرتا ئاپپاراتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە ۋەكىل ئاپپارات قۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. ۋەكىل ئاپپارات سۇغۇرتا تىجارىتى قىلسا بولمايدۇ.

81 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ئەخلاقلىق، سۇغۇرتا بىلەن ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا پىششىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا زۆرۈر ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ھەم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.

82 – ماددا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››نىڭ 147 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلار ياكى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ:

(1) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى سەۋەبلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بەش يىل توشمىغانلار؛

(2) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى سەۋەبلىك كەسپىي سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان ئادۋوكات، رويخەتتىكى بوغالتىرلار ياكى مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، ئىسپات تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ كەسپىي خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بەش يىل توشمىغانلار.

83 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن شىركەتتىكى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ياكى شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەتكە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

84 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك:

(1) نامىنى ئۆزگەرتىدىغانلار؛

(2) رويخەتتىكى كاپىتالىنى ئۆزگەرتىدىغانلار؛

(3) شىركەتنىڭ ياكى شۆبە – تارماق ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت سورۇنىنى ئۆزگەرتىدىغانلار؛

(4) شۆبە – تارماق ئاپپاراتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلار؛

(5) شىركەتنى ئايرىيدىغان ياكى قوشۇۋېتىدىغانلار؛

(6) شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلار؛

(7) چىقارغان مەبلىغى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كاپىتال ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %5 ىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن پايچىكنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ %5 ىدىن ئارتۇق پېيىنى ئىلكىدە تۇتقان پايچىكنى ئۆزگەرتىدىغانلار؛

(8) گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللار.

85 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئېتىراپ قىلغان ئۇستا كەسپىي ھېساباتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىنچىكە ھېسابات دوكلاتى تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك.

سۇغۇرتا شىركىتى كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دوكلات تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك.

86 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالاقىدار دوكلات، مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى يوللىشى كېرەك.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەم ئىقتىدارى دوكلاتى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى، ئىنچىكە ھېسابات دوكلاتى، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دوكلاتى ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلات، مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت، ماتېرىياللىرىدا سۇغۇرتا كەسپىي ئىشلىرىنى ئەينەن خاتىرىلەش شەرت، ئۇنىڭدا ساختا خاتىرە، ئازدۇرىدىغان بايان ۋە زور يوچۇق بولسا بولمايدۇ.

87 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي تىجارىتىگە دائىر مۇكەممەل ھېسابات دەپتىرى، ئەسلىي دوكۇمېنت ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھېسابات دەپتىرى، ئەسلىي دوكۇمېنت ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاش مۇددىتى سۇغۇرتا توختامى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، سۇغۇرتا سۈرۈكى بىر يىلدىن تۆۋەن بولغانلىرىنىڭ بەش يىلدىن كەم بولمايدۇ، سۇغۇرتا سۈرۈكى بىر يىلدىن ئاشىدىغانلىرىنىڭ ئون يىلدىن كەم بولمايدۇ.

88 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى بوغالتىرخانا، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، مەبلەغ ئىناۋىتى دەرىجىسىنى باھالاش ئاپپاراتى قاتارلىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى تەكلىپ قىلىش ياكى تەكلىپنى بىكار قىلىشتا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى؛ بوغالتىرخانا، مۈلۈك باھالاش ئاپپاراتى، مەبلەغ ئىناۋىتى دەرىجىسىنى باھالاش ئاپپاراتى قاتارلىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى تەكلىپ قىلىشنى بىكار قىلىشتا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

89 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش سەۋەبىدىن تارقىتىۋېتىشكە ياكى پايچىكلار يىغىنى، پايچىكلار قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى بىلەن تارقىتىۋېتىشكە توغرا كەلسە ۋە ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تارقىتىۋېتىش سەۋەبى كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىپ تارقىتىۋېتىلىدۇ.

ئۆمۈر سۇغۇرتىسى كەسپىنى يولغا قويغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن، قوشۇۋېتىلگەن ياكى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرىنى تارقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

سۇغۇرتا شىركىتىنى تارقىتىۋېتىشتە، قانۇن بويىچە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېسابات ئېنىقلاش كېرەك.

90 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىدە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنى››نىڭ 2 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى ئۇنىڭ ھەقدارلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا تەرتىپكە سېلىش، كېلىشتۈرۈپ قويۇش ياكى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ياكى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى قانۇن بويىچە ئېنىقلاشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

91 – ماددا  ۋەيران بولغان مال – مۈلۈكتىن ئالدى بىلەن ۋەيرانچىلىق خىراجىتى ۋە ئورتاق مەنپەئەت قەرزى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، قالغان قەرزى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۈزۈلىدۇ:

(1) ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ نېسى مائاشى ۋە داۋالىنىش، زەخىملىنىش، مېيىپ بولۇش ياردىمى، نەپىقە خىراجىتى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا خىراجىتىدىن نېسى قالغىنى شۇنىڭدەك قانۇن – نىزاملاردا ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بېرىش بەلگىلەنگەن تولۇقلىما پۇل؛

(2) تۆلىنىدىغان ياكى بېرىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلى؛

(3) سۇغۇرتا شىركىتى تاپشۇرمىغان، (1) تارماقچىدا بەلگىلەنمىگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىراجىتى ۋە تاپشۇرمىغان باج پۇلى؛

(4) ئادەتتىكى ۋەيرانچىلىق ھەقدارلىقى.

ۋەيران بولغان مال – مۈلۈك بىر رەتتىكىلەرنىڭ قەرزىنى ئۈزۈشكە چىقىش قىلمىسا، نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.

ۋەيران بولغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مائاشى شۇ شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

92 – ماددا ئۆمۈر سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغانلىرىنىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى توختامى ۋە جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىنى ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان باشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش شەرت؛ باشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈش مۇمكىن بولمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بۇنى ئۆمۈر سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويغان سۇغۇرتا شىركىتىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى بېكىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۆمۈر سۇغۇرتىسى توختامى ۋە جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

93 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن كەسپىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە توختىتىدىغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش كېرەك.

94 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

4 – باب سۇغۇرتا تىجارىتى قائىدىسى

95 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسى:

(1) جىسمانىي سۇغۇرتا كەسپى، جۈملىدىن ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا كەسپى؛

(2) مال – مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپى، جۈملىدىن مال – مۈلۈك زىيىنى سۇغۇرتىسى، جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى، كاپالەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا كەسپى؛

(3) گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلىغان سۇغۇرتىغا ئالاقىدار باشقا كەسىپلەر.

سۇغۇرتىچى جىسمانىي سۇغۇرتا كەسپى ۋە مال – مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپىنى تەڭ يولغا قويسا بولمايدۇ. لېكىن، مال – مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويغان سۇغۇرتا شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن، قىسقا مۇددەتلىك ساغلاملىق سۇغۇرتىسى كەسپى ۋە كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

سۇغۇرتا شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە تەستىقلىغان كەسىپ دائىرىسىدە سۇغۇرتا تىجارىتى قىلىشى كېرەك.

96 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن، سۇغۇرتا شىركىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 95 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا كەسىپلىرىدە تۆۋەندىكى قايتا سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ:

(1) پارچىلاپ سۇغۇرتىلىتىش؛

(2) پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش.

97 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى رويخەتتىكى كاپىتال ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20 ى بويىچە كاپالەت پۇلىنى ئېلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتكەن بانكىغا قويۇشى كېرەك، بۇنى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاشتا قەرز ئۈزۈشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

98 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۆلەم ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە، جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندلىرىنى ئېلىشى كېرەك.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىنى ئېلىش ياكى ھېساب يۆتكەش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى چىقىرىدۇ.

99 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قانۇن بويىچە جامائەت فوندى ئېلىشى كېرەك.

100 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا كاپالەت فوندى تاپشۇرۇشى كېرەك.

سۇغۇرتا كاپالەت فوندىنى يىغىپ باشقۇرۇش ھەم تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بىر تۇتاش ئىشلىتىش كېرەك:

(1) سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا قۇتقۇزۇش بېرىش؛

(2) سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا، ئۆمۈر سۇغۇرتىسى توختامىنى ئۆتكۈزۈۋالغان سۇغۇرتا شىركىتىگە قانۇن بويىچە قۇتقۇزۇش بېرىش؛

(3) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللار.

سۇغۇرتا كاپالەت فوندىنى يىغىش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.  

 101 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى كەسىپ كۆلىمىگە ۋە خەۋپ دەرىجىسىگە لايىق كېلىدىغان ئەڭ تۆۋەن تۆلەم ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى لازىم. سۇغۇرتا شىركىتى ئېتىراپ قىلغان مۈلۈكتىن ئېتىراپ قىلغان قەرزنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پەرق سوممىسى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن سوممىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ؛ بەلگىلەنگەن سوممىدىن تۆۋەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتكۈزۈش كېرەك.

102 – ماددا مال – مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ شۇ يىللىق قالدۇرۇق سۇغۇرتا ھەققى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كاپىتالى بىلەن جامائەت فوندى يىغىندىسىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

103 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھەربىر خەۋپ بىرلىكى يەنى بىر قېتىملىق سۇغۇرتا ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ چوڭ زىيان دائىرىسىدە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقى ئۆزىنىڭ كاپىتالى بىلەن جامائەت فوندى يىغىندىسىنىڭ %10 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى قايتا سۇغۇرتىلىشى كېرەك.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خەۋپ بىرلىكىنى ئايرىشى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

104 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى خەۋپ بىرلىكىنى ئايرىش ئۇسۇلى ۋە زور ئاپەت خەۋپ – خەتىرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

105 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قايتا سۇغۇرتىلىتىشى ھەم قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىنى ئېھتىيات بىلەن تاللىشى كېرەك.

106 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى مەبلەغ ئىشلىتىشتە، سالماق بولۇشى، بىخەتەر بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى شەرت.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىشى تۆۋەندىكى شەكىل بىلەن چەكلىنىدۇ:

(1) بانكىغا ئامانەت قويۇش؛

(2) زايوم، پاي چېكى، ئاكسىيە مەبلىغى فوندى ئۈلۈشى قاتارلىق ئاكسىيىنى ئېلىپ – سېتىش؛

(3) كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش؛

(4) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا مەبلەغ ئىشلىتىش شەكىللىرى.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىشىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالدىنقى ئىككى تارماقچىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقىرىدۇ.

107 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى قۇرسا بولىدۇ.
سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى ئاكسىيە مەبلىغى سېلىشتا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

108 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، چېتىلما سودىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

109 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى پايچېكى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى، مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىسى چېتىلما سودىدىن پايدىلىنىپ شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا بولمايدۇ.
110 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى، خەۋپ – خەتەرنى باشقۇرۇش ئەھۋالى، سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنى تىجارەت قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق چوڭ – چوڭ ئىشلارنى ئەينەن، توغرا، تولۇق ئاشكارىلىشى كېرەك.

111 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ سۇغۇرتا ساتقۇچىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىشى، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا ساتقۇچىلارنىڭ دائىرىسى ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.

112 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنى سەمىمىي بولۇش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ ھەرىكەتنى قىلىشقا كۈشكۈرتۈشكە، ئازدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

113 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشى، ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىكى، ئىجارە بەرمەسلىكى، ئارىيەت بەرمەسلىكى كېرەك.

114 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئادىل، مۇۋاپىق بېكىتىشى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى كېرەك.

سۇغۇرتا شىركىتى توختامدا پۈتۈشكىنى ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، تۆلەم ياكى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى كېرەك.

115 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى كەسىپنى يولغا قويۇشتا، ئادىل رىقابەتلىشىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ناتوغرا رىقابەتلەشمەسلىكى كېرەك.

116 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنى ئالداش؛

(2) سۇغۇرتىلاتقۇچىلاردىن سۇغۇرتا توختامىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەھۋاللارنى يوشۇرۇش؛

(3) سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئازدۇرۇش؛

(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشمىگەن سۇغۇرتا ھەققى ئۈستىكى بېرىش ياكى بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلىش؛

(5) سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق؛

(6) يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى، سۇغۇرتا توختامىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ زىيىنىنى قەستەن كۆپتۈرۈپ، ساختىپەزلىك قىلىپ تۆلىتىۋېلىش، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ياكى باشقا نامۇۋاپىق نەپ ئۈندۈرۈۋېلىش؛

(7) سۇغۇرتا ھەققىنى ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش؛

(8) قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشمىگەن ئاپپارات ياكى شەخسكە سۇغۇرتا سېتىشنى ھاۋالە قىلىش؛

(9) سۇغۇرتا كەسپىدىن پايدىلىنىپ، باشقا ئاپپارات ياكى شەخستىن نامۇۋاپىق نەپ ئۈندۈرۈۋېلىش؛

(10) سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى ياكى سۇغۇرتا باھالاش ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىك كەسپىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى سۇغۇرتا قايتۇرۇشنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خىراجەت ئېلىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولۇش؛

(11) ساختا پاكىت ئويدۇرۇش، تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، رىقابەتچىسىنىڭ سودا ئىناۋىتىنى تۆكۈش ياكى سۇغۇرتا بازىرى تەرتىپىنى باشقا ناتوغرا رىقابەت يولى بىلەن قالايمىقانلاشتۇرۇش؛

(12) سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سودا مەخپىيىتىدىن كەسپىي پائالىيەتتە بىلىپ قالغانلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(13) قانۇن، مەمۇرىي نىزامغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

5 – باب سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى

117 – ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى سۇغۇرتىچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، سۇغۇرتىچىدىن شېرىنكانە ئالىدىغان ھەم سۇغۇرتا كەسپىنى سۇغۇرتىچى بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ئاپپارات ياكى شەخستۇر.

سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتا قوشۇمچە ۋاكالەت ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

118 – ماددا سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى تۈزگەندە ۋاسىتىچىلىك قىلىدىغان ھەم قانۇن بويىچە شېرىنكانە ئالىدىغان ئاپپاراتتۇر.

119 – ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن شەرتنى ھازىرلاپ، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىك كەسپىي ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك.

سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەرگەن ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ.

سۇغۇرتا قوشۇمچە ۋاكالەت ئاپپاراتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەرگەن ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تىزىم ئۆزگەرتىدۇ.

120 – ماددا شىركەت شەكلىدە قۇرۇلغان سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسىنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە، تىجارەت كۆلىمىگە قاراپ، رويخەتتىكى كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى تەڭشىسە بولىدۇ، لېكىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن چەكتىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسىنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالى ياكى چىقىرىدىغان مەبلەغ سوممىسى ئەمەلىي تاپشۇرغان پۇل كاپىتالى بولۇشى شەرت.
121 – ماددا سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى پەزىلەتلىك، سۇغۇرتىغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا پىششىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىغۇدەك ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلىغان ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك.

122 – ماددا شەخسىي سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرى، سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىرى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسىنىڭ كەسىپكارلىرى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلاپ، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك.

123 – ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسىنىڭ تىجارەت سورۇنى بولۇشى، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كەسپى ياكى ۋاسىتىچىلىك كەسىپلىرىدىكى كىرىم – چىقىمنى خاتىرىلەيدىغان مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى بولۇشى كېرەك.

124 – ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشى ياكى كەسىپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك. سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى كاپالەت پۇلىغا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىسىز تەگسە بولمايدۇ.

125 – ماددا شەخسىي سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشتە، ئىككىدىن ئارتۇق سۇغۇرتىچىنىڭ ھاۋالىسىنى تەڭ قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.

126 – ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىگە سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىشتا، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى بىلەن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كېلىشىمى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈشى كېرەك.

127 – ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ سۇغۇرتىچى بەرگەن ھوقۇق بويىچە سۇغۇرتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەرىكىتىدىكى جاۋابكارلىقنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىدىن ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىپ ياكى ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، سۇغۇرتىچىنىڭ نامىدا توختام تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بارلىقىغا سۇغۇرتىلاتقۇچىنى ئىشەندۈرگۈدەك ئاساس تاپقانلىرىنىڭ شۇ ۋاكالەتلىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ سۇغۇرتىچى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

128 – ماددا سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىرىدىن خاتالىشىپ سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

129 – ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرى سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باھالاش ۋە بېكىتىشنى سۇغۇرتا ئادىل باھالاش ئاپپاراتى قاتارلىق قانۇن بويىچە قۇرۇلغان مۇستەقىل باھالاش ئاپپاراتى ياكى ئالاقىدار كەسپىي بىلىمى بار خادىملارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

سۇغۇرتا ھادىسىسىنى ھاۋالە بىلەن باھالىغۇچى ۋە بېكىتكۈچى ئاپپاراتلار ۋە خادىملار قانۇنلۇق، مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھالىشى ۋە بېكىتىشى، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتلار ۋە خادىملاردىن سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

130 – ماددا سۇغۇرتا شېرىنكانىسى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسىگىلا بېرىلىدۇ، باشقىلارغا بېرىلمەيدۇ.

131 – ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) سۇغۇرتىچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنى ئالداش؛

(2) سۇغۇرتا توختامىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەھۋالنى يوشۇرۇش؛

(3) سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئازدۇرۇش؛

(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشمىگەن مەنپەئەتنى بېرىش ياكى بېرىمەن دەپ ۋەدە بېرىش؛

(5) مەمۇرىي ھوقۇقى، ۋەزىپىسى ياكى خىزمەت قۇلايلىقىدىن، شۇنىڭدەك باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، سۇغۇرتىلاتقۇچىنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلاش، قىزىقتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشىنى چەكلەش؛

(6) سۇغۇرتا توختامىنى ياسىۋېلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ياكى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكۈچىلەرگە يالغان ئىسپات ماتېرىيالى بېرىش؛

(7) سۇغۇرتا ھەققى ياكى سۇغۇرتا پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش؛

(8) كەسىپتىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقا ئاپپارات ياكى شەخسنى نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشتۈرۈش؛

(9) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

(10) سۇغۇرتىچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سودا مەخپىيىتىدىن كەسپىي پائالىيەتتە بىلىپ قالغانلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش.

132 – ماددا سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاستىچىسىنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش، ئۆزگەرتىش، شۆبە – تارماق ئاپپاراتىنى قۇرۇش ياكى تارقىتىۋېتىشتە، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

133 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 86 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى ۋە 113 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

6 – باب سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

134 – ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، قانۇنلۇق، ئاشكارا، ئادىل بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، سۇغۇرتا بازىرى تەرتىپىنى ساقلايدۇ، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

135 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە چىقىرىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

136 – ماددا جامائەت مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا تۈرى، قانۇن بويىچە مەجبۇرىي سۇغۇرتىلىتىدىغان سۇغۇرتا تۈرى ۋە يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ئۆمۈر سۇغۇرتىسى تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى گوۋۇيۇەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك. گوۋۇيۇەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلاشتا، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ناتوغرا رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. باشقا سۇغۇرتا تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەستىقلىتىش، ئەنگە ئالدۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقىرىدۇ.

137 – ماددا قوللانغان سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ كېلىدىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قوللىنىشنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ يېڭى سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئىلتىماس قىلىشىنى مەلۇم مۆھلەتتە مەنئى قىلسا بولىدۇ.

138 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

139 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۆلەش ئىقتىدارى ئاجىز سۇغۇرتا شىركىتىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈشى كېرەك ھەم كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) كاپىتالنى كۆپەيتىشكە، قايتا سۇغۇرتىلاشقا بۇيرۇش؛

(2) كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويۇش؛

(3) پايچىلارغا پايدا تەقسىملەشكە چەك قويۇش؛

(4) تۇراقلىق مۈلۈك سېتىۋېلىشقا ياكى تىجارەت خىراجىتى كۆلىمىگە چەك قويۇش؛

(5) مەبلەغ ئىشلىتىش شەكلى ۋە نىسبىتىگە چەك قويۇش؛

(6) شۆبە – تارماق ئاپپاراتلارنى كۆپەيتىشكە چەك قويۇش؛

(7) ناچار مۈلۈكنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىشقا، سۇغۇرتا كەسپىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بۇيرۇش؛

(8) مۇدىر، نازارەتچى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە چەك قويۇش؛

(9) سودا خاراكتېرلىك ئېلانغا چەك قويۇش؛

(10) يېڭى كەسىپ قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇش.

140 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندلىرىنى ئېلىش ياكى ھېسابتىن يۆتكەشتە ياكى قايتا سۇغۇرتىلىتىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ۋە ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مەبلەغ ئىشلىتىشكە دائىر بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلىرىنى تەڭشەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

141 – ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 140 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا شىركىتى مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىسە، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا كەسپىي خادىملىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ ۋە شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى بېكىتىپ، تەرتىپكە سېلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شىركەتنى تەرتىپكە سېلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

تەرتىپكە سېلىش قارارىغا تەرتىپكە سېلىنىدىغان شىركەتنىڭ نامى، تەرتىپكە سېلىش سەۋەبى، تەرتىپكە سېلىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ۋە تەرتىپكە سېلىش مۆھلىتىنى يېزىش ھەم ئېلان چىقىرىش كېرەك.

142 – ماددا تەرتىپكە سېلىش گۇرۇپپىسى تەرتىپكە سېلىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كۈندىلىك كەسپىي ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ھەم ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى تەرتىپكە سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە يۈرگۈزىدۇ.

143 – ماددا تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، تەرتىپكە سېلىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى كەسىپلىرى داۋاملىشىۋېرىدۇ، لېكىن، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ شىركەتنى ئەسلىدىكى قىسمەن كەسىپلەرنى توختىتىشقا، يېڭى كەسىپنى قوبۇل قىلماسلىققا ياكى مەبلەغ ئىشلىتىشنى تەڭشەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

144 – ماددا تەرتىپكە سېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىپ، نورمال تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسا، تەرتىپكە سېلىش گۇرۇپپىسى دوكلات تەييارلاپ، ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، تەرتىپكە سېلىش ئاخىرلىشىدۇ ھەم گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئېلان چىقىرىدۇ.

145 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆتكۈزۈۋالسا بولىدۇ:

(1) شىركەتنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى بەك تۆۋەن بولغانلىرى؛

(2) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىنى ئېغىر خەۋپكە ئۇچرىتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى ئېغىر خەۋپكە ئۇچراتقانلىرى.

ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھەقدارلىق – قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.

146 – ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسىنى گوۋۇيۇەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان چىقىرىدۇ.

147 – ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن، ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

148 – ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نورمال تىجارەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئاياغلاشتۇرۇشنى قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان چىقىرىدۇ.

149 – ماددا تەرتىپكە سېلىنغان، ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنى››نىڭ 2 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنى قايتا تەرتىپكە سېلىشنى ياكى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

150 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلىپ، سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغانلىرىنى ياكى تۆلەش ئىقتىدارى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە يەتمەي، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا سۇغۇرتا بازىرىنىڭ تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەم ئېلان چىقىرىدۇ، ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قۇرۇپ، ھېساباتىنى ئېنىقلايدۇ.

151 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ پايچىلىرى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماتېرىيالنى بېكىتىلگەن مۆھلەتتە بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

152 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ پايچىلىرىدىن چېتىلما سودىدىن پايدىلىنىپ شىركەت مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، شىركەتنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. تەلەپ بويىچە تۈزىتىشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ پايچىنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويسا بولىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ پاي ھوقۇقىدىن ئۆزىنىڭ ئىلكىدىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

153 – ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يۈزىسىدىن سۆھبەتلەشسە، ئۇلاردىن شىركەتنىڭ كەسپىي پائالىيەتلىرىنى ۋە خەۋپ– خەتىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

154 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنى تەرتىپكە سېلىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ھېساباتىنى ئېنىقلاش مەزگىلىدە ياكى سۇغۇرتا شىركىتىدە چوڭ خەۋپ – خەتەر كۆرۈلگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ شىركەتنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) ئۇلارنىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى قانۇن بويىچە توسۇشنى چېگرىدىن چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئۇقتۇرۇش قىلىش؛

(2) ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنى يۆتكىۋېتىشى، ئۆتۈنۈپ بېرىشى ياكى باشقا شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ياكى مال – مۈلكىدە باشقا ھوقۇقلارنى بېكىتىشىنى مەنئى قىلىشنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانغا ئىلتىماس قىلىش.

155 – ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) سۇغۇرتا شىركىتى، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى، سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرغۇچى شىركەت ۋە چەت ئەل سۇغۇرتا ئاپپاراتىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتىنى تۆپىدە تۇرۇپ تەكشۈرۈش؛

(2) گۇمانىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان سورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈپ دەلىل – ئىسپات ئېلىش؛

(3) ئالاقىدارلار ۋە تەكشۈرۈلگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن سوئال سوراپ، تەكشۈرۈلگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش؛

(4) تەكشۈرۈلگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مال – مۈلۈك ھوقۇقى تىزىمى قاتارلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش؛

(5) سۇغۇرتا شىركىتى، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى، سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى ۋە چەت ئەل سۇغۇرتا ئاپپاراتىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى شۇنىڭدەك تەكشۈرۈلگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق ماتېرىيالى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىش؛ يۆتكىۋېتىش، يوشۇرۇۋېلىش ياكى يوقىتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛

(6) قانۇنغا خىلاپ تىجارەت گۇمانى تۇغدۇرغان سۇغۇرتا شىركىتى، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى، سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، چەت ئەل سۇغۇرتا ئاپپاراتىنىڭ ۋەكىل ئاپپاراتى شۇنىڭدەك گۇمانىي قانۇنغا خىلاپ ئىشلارغا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ بانكا ئىسچوتىنى تەكشۈرۈش؛

(7) قانۇنغا خىلاپ مەبلەغ قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق مال – مۈلكىنى يۆتكىۋەتكەنلىكى، يوشۇرۇپ قويغانلىقى ياكى مۇھىم دەلىل – ئىسپاتنى يوشۇرۇپ قويغانلىقى، ياسىۋالغانلىقى، يوقىتىۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات بولغان ياكى شۇنداق قىلىش ئېھتىمالى بولغاندا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، توڭلىتىۋېتىش ياكى پېچەتلەشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىش.
سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2) ۋە (5) تارماقچىسىدىكى تەدبىرنى قوللىنىشتا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىغا تەستىقلىتىشى؛ (6) تارماقچىسىدىكى تەدبىرنى قوللىنىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ياكى ئەھۋال ئىگىلەشتە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر، ئەھۋال ئىگىلىگۈچىلەر ئىككىدىن ئاز بولماسلىقى ھەم قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئەھۋال ئىگىلەش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر، ئەھۋال ئىگىلىگۈچىلەر ئىككىدىن ئاز بولسا ياكى قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئەھۋال ئىگىلەش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسەتمىسە، تەكشۈرۈلىدىغان، ئەھۋال ئىگىلىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخس رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

156 – ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا، تەكشۈرۈلىدىغان، ئەھۋال ئىگىلىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخس ماسلىشىشى كېرەك.

157 – ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، پاك – دىيانەتلىك بولۇشى، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالماسلىقى، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سودا مەخپىيىتىدىن بىلىپ قالغانلىرىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

158 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ باشقا پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، نازارەت قىلغان ۋە تەكشۈرگەن، ئەھۋال ئىگىلىگەندە ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىشى كېرەك.

7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

159 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇغۇرتا شىركىتى، سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان ياكى سودا سۇغۇرتا كەسپىنى قانۇنسىز قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

160 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەسىس قىلغان ياكى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىك كەسپىي ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىكى قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

161 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتقان كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلىرى ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

162 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 116 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويىدۇ، يېڭى كەسىپنى قوبۇل قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ ياكى كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

163 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 84 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

164 – ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) ئاشۇرۇپ سۇغۇرتىلاپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛

(2) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنى ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرتى بىلەن سۇغۇرتىلىغانلار.

165 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپارتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويسا، ئۇلارنى يېڭى كەسىپنى قوبۇل قىلماسلىققا بۇيرۇسا ياكى كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) كاپالەت پۇلى ئېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى كاپالەت پۇلىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەگكەنلەر؛

(2) جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندلىرىنى ئېلىش ياكى ھېسابتىن يۆتكەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) سۇغۇرتا كاپالەت فوندىنى تاپشۇرۇش ياكى جامائەت فوندىنى ئېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) قايتا سۇغۇرتىلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلىغىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەنلەر؛

(6) شۆبە – تارماق ئاپپارات ياكى ۋەكىل ئاپپاراتنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ قۇرغانلار؛

(7) سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

166 – ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 131 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

167 – ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) كاپالەت پۇلىنى تاپشۇرۇش ياكى كەسىپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ كەسىپ كىرىم – چىقىمىنى خاتىرىلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

168 – ماددا سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرغان ياكى تەشكىلىي شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

169 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ۋە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بولمىغانلارنى تەكلىپ قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

170 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلەرگە سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

171 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) دوكلات، مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى يوللاش ياكى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى ئالاقىدار ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى بېرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) ئۇچۇر ئاشكارىلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

172 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويسا، يېڭى كەسىپنى قوبۇل قىلماسلىققا بۇيرۇسا ياكى كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) يالغان دوكلات، مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە ماتېرىيال تەييارلىغان ياكى بەرگەنلەر؛

(2) قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلار ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(3) تەستىقلىتىلغان ياكى ئەنگە ئالدۇرۇلغان سۇغۇرتا ماددىلىرى، سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

173 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى، سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 161 – ماددىسىدىن 172 – ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ ئورۇنغا جازا بەرگەندىن سىرت، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ياكى كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.

174 – ماددا شەخسىي سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشمەي تۇرۇپ، شەخسىي سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكى قىلغانلارغا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

175 – ماددا چەت ئەل سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان ۋەكىل ئاپپاراتىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ.

چەت ئەل سۇغۇرتا ئاپپاراتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە قۇرغان ۋەكىل ئاپپاراتلىرىدىن سۇغۇرتا تىجارىتى قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، بىر مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ باش ۋەكىلىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنى بىكار قىلىدۇ.

176 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ:

(1) سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا نىشانىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

(2) يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ياكى ساختا ھادىسە سەۋەبىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋە ياكى زىياننى كۆپتۈرۈپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

(3) قەستەن سۇغۇرتا ھادىسى پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش.

سۇغۇرتا ھادىسىسىنى بېكىتكۈچىلەر، باھالىغۇچىلار، ئىسپاتلىغۇچىلاردىن قەستەن ساختا ئىسپات ھۆججىتى بېرىپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

177 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

178 – ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئەھۋال ئىگىلەش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى رەت قىلغان، توسقۇنلۇق قىلغانلاردىن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

179 – ماددا ئالاقىدار جاۋابكارلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ سۇغۇرتىچىلىق قىلىشىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەلۇم مۆھلەت، ھەتتا ئۆمۈرۋايەت مەنئى قىلسا بولىدۇ.

180 – ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) ئاپپارات قۇرۇشنى تەستىقلاشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(2) سۇغۇرتا ماددىلىرى، سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەستىقلاشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(3) نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(4) ئىسچوت سۈرۈشتۈرۈش ياكى مەبلەغنى توڭلىتىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(5) ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سودا مەخپىيىتىدىن ئۆزى بىلىپ قالغانلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(6) مەمۇرىي جازا بېرىشتە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

(7) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

181 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

182 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا ساھە جەمئىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەك. سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى، سۇغۇرتا ئادىل باھالاش ئاپپاراتى سۇغۇرتا ساھە جەمئىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

سۇغۇرتا ساھە جەمئىيىتى سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تەلەپچان تەشكىلاتى بولۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە.

183 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتىدىن باشقا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان سۇغۇرتا تەشكىلاتىنىڭ سودا سۇغۇرتا كەسپىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

184 – ماددا دېڭىز ئۈستى سۇغۇرتىسىغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز سودىسى قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز سودىسى قانۇنى››دا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

185 – ماددا جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى سۇغۇرتا شىركىتى، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شېرىكسىز سۇغۇرتا شىركىتى، چەت ئەل سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ شۆبىلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

186 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇغۇرتا ئىشلىرىنى قوللايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

مەجبۇرىي سۇغۇرتا ھەققىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

187 – ماددا بۇ قانۇن 2009 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 495 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01