جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى

 

23– نومۇرلۇق

  ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
  2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى (2005–يىل2–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–يىغىنىدا ماقۇللانغان ، 2009–يىل 12–ئاينىڭ 26–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12–يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب بايلىقنى تەكشۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى
3 – باب كەسپىي جەھەتتە يېتەكلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتە قوللاش
4 – باب كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش
5 – باب باھا باشقۇرۇش ۋە خىراجەت تولۇقلىمىسى بېرىش

6 – باب ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرى
7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش، ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كۆپەيتىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، دېڭىز – ئوكيان ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيەسىدىن باشقا ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ.
سۇ ئېلېكتر ئىشلىرىغا بۇ قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.
تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئوچاققا شاخ – شۇمبا، ئوتۇن، تېزەك قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە قالاشقا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.
3 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىگە ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەلىكىگە تەتبىقلىنىدۇ.
4 – ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئومۇمىي مىقدار نىشانىنى بېكىتىپ ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

دۆلەت ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادىي سۇبيېكتلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلانغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.
5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
2 – باب بايلىقنى تەكشۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى
6 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ ھەم بايلىق تەكشۈرۈش تېخنىكا قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقىغا يوللايدۇ.
ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك؛ لېكىن مەخپىيىتى ساقلىنىدىغانلىقىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مەزمۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا.
7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك ئومۇمىي مىقدار نىشانىنى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئومۇمىي مىقدار نىشانى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مەمۇرىي رايونلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.
8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك ئومۇمىي مىقدار نىشانىغا ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ۋە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ ھەم يولغا قويىدۇ.
تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى ئېلان قىلىش كېرەك؛ لېكىن مەخپىيىتى ساقلىنىدىغانلىقىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مەزمۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا.
تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.
9 – ماددا ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، دېڭىز – ئوكيان ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يىرىك پىلاندا تەرەققىيات نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىلەر، رايونلارغا جايلاشتۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق تۈرلەر، يولغا قويۇش سۈرئىتى، يانداش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.
تۈزۈشكە تەشكىللىگۈچى ئورگان ئالاقىدار ئورۇنلاردىن، مۇتەخەسىسلەردىن ۋە جامائەتتىن پىكىر ئېلىشى، ئىلمىي دەلىللىشى كېرەك.
3 – باب كەسىپ جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا جەھەتتە قوللاش
10 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات يېتەكچى مۇندەرىجىسىنى بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.
11 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىرىنى تورلاشتۇرۇش تېخنىكا ئۆلچىمىنى ۋە دۆلەتنىڭ مەملىكەت بويىچە تېخنىكا تەلىپىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۆلچىمىنى چىقىرىشى ۋە ئېلان قىلىشى لازىم.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تېخنىكا تەلىپى ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇناسىپ ساھە ئۆلچىمى چىقارسا ھەم گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
12 – ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش پەن – تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەم مەبلەغ ئاجرىتىپ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىغا، ئەمەلىي ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە دائىر بىلىم ۋە تېخنىكىنى ئادەتتىكى مائارىپ ۋە كەسپىي مائارىپ دەرسى قىلىشى لازىم.
4 – باب كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش

13 – ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى تورغا ئۇلاشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى تورغا ئۇلاش قۇرۇلۇشى قىلىشتا، قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىنىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى تورغا ئۇلاش قۇرۇلۇشى قىلىشتا، بىر قۇرۇلۇشقا ئىجازەت بېرىشنى كۆپ ئادەم ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئىجازەت بېرىلگۈچىنى قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىپ بېكىتىش لازىم.
14 – ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنىڭ ھەممىسىنى كاپالەتلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى بويىچە، يىرىك پىلان مەزگىلدە يېتىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توك مىقدارىنىڭ تارقىتىلىدىغان پۈتۈن توك مىقدارىدىكى نىسبىتىنى بېكىتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ئاۋۋال ئىشلىتىش ۋە تولۇق سېتىۋېلىش كونكرېت چارىسىنى چىقىرىدۇ ھەم گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن بىللە يىلدا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى بويىچە قۇرۇلغان، قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئالغان ياكى ئەنگە ئالدۇرغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر كارخانىلىرى بىلەن تورلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈپ، ئۇنىڭ ئېلېكتىر تورى قاپلىغان دائىرىسىدىكى تورغا ئۇلاش تېخنىكا ئۆلچىمىگە توشىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىدىن تورغا يەتكۈزۈلگىنىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىشى كېرەك. ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىغا ماسلىشىپ ئېلېكتىر تورى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار.
ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى تەقسىملەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورى تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە قوللىنىپ، ئېلېكتىر تورىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنىڭ تورغا چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

15 – ماددا دۆلەتئېلېكتىر تورى قاپلىمىغان جايلاردا ھاسىلىي ئېنېرگىيە مۇستەقىل ئېلېكتىر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە يار – يۆلەك بولىدۇ.
16 – ماددا دۆلەت بىيوماسسا يېقىلغۇدىن پاكىز، ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئېنېرگىيە زىرائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
بىيوماسسا بايلىقتىن ھاسىل قىلىنغان يېقىلغۇ گاز ۋە ئىسسىقلىقتىن شەھەر يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى ۋە ئىسسىقلىق تۇرۇبا تورىغا ئۇلاش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى، ئىسسىقلىق تۇرۇبا تورى تىجارەت كارخانىلىرى تورغا ئۇلىشى لازىم.
دۆلەت بىيوسۇيۇق يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ. نېفىت ساتقۇچى كارخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دۆلەت ئۆلچىمىگە توشىدىغان بىئوسۇيۇق يېقىلغۇنى ئۆزىنىڭ يېقىلغۇ سېتىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
17 – ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن سۇ ئىسستىش سىستېمىسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىسستىش – سوۋۇتۇش سىستېمىسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر سىستېمىسى قاتارلىق قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش سىستېمىلىرىنى ئورنىتىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىللە، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش سىستېمىسى بىلەن ئىمارەتنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ تېخنىكا – ئىقتىساد سىياسىتى ۋە تېخنىكا قائىدىسىنى چىقىرىدۇ.
ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تېخنىكا قائىدىسى بويىچە، ئىمارەتلەرنى لايىھەلەش ۋە سېلىشتا قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشقا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
پۈتكەن ئىمارەتتە ئولتۇرىدىغانلار ئىمارەتنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن، تېخنىكا قائىدىسىگە ۋە مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش سىستېمىسى ئورناتسا بولىدۇ؛ لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
18 – ماددا دۆلەت يېزىلاردا ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە تازىلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاش ئېھتىياجى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، يېزىلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پاتقاق گازى قاتارلىق بىيوماسسا بايلىقنى ئايلاندۇرۇش، ئائىلىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، كىچىك سۇ ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلارنى شارائىتىغا يارىشا كېڭەيتىدۇ ۋە قوللىنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردا ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى مالىيە جەھەتتە قوللىشى لازىم.
5 – باب باھا باشقۇرۇش ۋە خىراجەت تولۇقلىمىسى بېرىش
19 – ماددا ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنىڭ توردىكى باھاسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش ۋە ئەرزان، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىدۇ ھەم ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ تەڭشەپ تۇرىدۇ. تورغا ئۇلانغان توك باھاسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.
بۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىدىن خېرىدار چاقىرىلغانلىرىنىڭ توردىكى باھاسى خېرىدار بولۇشتا بېكىتىلگەن باھا بويىچە بولىدۇ؛ لېكىن ئۇنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن، تورغا ئۇلانغان شۇ خىلدىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
20 – ماددا ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 19 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن، تورغا ئۇلانغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى سېتىۋېلىشقا چىقارغان خىراجىتىنىڭ تورغا ئۇلانغان ئادەتتىكى ئېنېرگىيە توكىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا ۋە مەملىكەت دائىرىسىدە سېتىلىدىغان توك ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توك باھاسىغا تولۇقلىما بېرىدۇ.
21 – ماددا ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق تورغا ئۇلاش خىراجىتى ۋە باشقا مۇۋاپىق خىراجەتلەرنى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى توك يەتكۈزۈش تەننەرخىگە كىرگۈزسە ھەم توك ساتقان پۇلدىن چىقىرىۋالسا بولىدۇ.
22 – ماددا دۆلەتنىڭ مەبلىغى ياكى ياردەم پۇلى بىلەن بەرپا قىلىنغان جامائەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە مۇستەقىل ئېلېكتىر سىستېمىسىنىڭ توك باھاسى شۇ رايوندىكى تۈر بويىچە سېتىلىدىغان توك باھاسى بويىچە بولىدۇ. ئۇنى مۇۋاپىق يۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش خىراجىتىنىڭ توك باھاسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن مۇشۇ قانۇننىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
23 – ماددا شەھەر تۇرۇبا تورىغا ئۇلانغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىسسىقلىقى ۋە يېقىلغۇ گازنىڭ باھاسى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش ۋە ئەرزان، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، باھا باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
6 – باب ئىقتىسادىي رىغبەت ۋە نازارەتچىلىك تەدبىرى
24 – ماددا دۆلەت مالىيەسى ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىدۇ، مەبلىغى دۆلەت مالىيەسىدىن ھەر يىلى ئاجرىتىلغان مەخسۇس مەبلەغ ۋە قانۇن بويىچە ئېلىنغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توك باھاسى قوشۇمچە كىرىمى قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ.
ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندى مۇشۇ قانۇننىڭ 20 –، 22 – ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن كەم خىراجەتكە تولۇقلىما بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ ھەم تۆۋەندىكى ئىشلارنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ:
(1) ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش بويىچە پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى قىلىش، ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى؛
(2) يېزا – قىشلاقلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى؛
(3) چەت – ياقا رايونلار ۋە ئاراللاردىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيە مۇستەقىل ئېلېكتىر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى؛
(4) ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى چارلاش، باھالاش ۋە ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى؛
(5) ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىش.
مۇشۇ قانۇننىڭ 21 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تورغا ئۇلاش خىراجىتى ۋە باشقا ئالاقىدار خىراجەتلەرنى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى توك ساتقان پۇلدىن چىقىرىۋالماي، ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندىدىن ياردەم پۇل بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندىنى ئېلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە، باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

25 – ماددا دۆلەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىيات يېتەكچى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن، كىرېدىت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىغا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، مالىيە ئۆسۈم ياردىمى بېرىدىغان ئېتىبارلىق قەرز پۇل بەرسە بولىدۇ.
26 – ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىيات يېتەكچى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇشقا باجدا ئېتىبار بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
27 – ماددا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش ئەھۋالىنى ئەينەن، مۇكەممەل خاتىرىلىشى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلىشى ھەم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
ئېلېكتىر ئېنېرگىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈشى ھەم تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە باشقا مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.
7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
28 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلاردىن ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛
(2) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سەزگەندە، بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(3) نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.
29 – ماددا ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 14 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماي، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر كارخانىلىرىنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ھەم ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىگە ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر كارخانىسى ئىقتىسادىي زىياننىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
30 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى، ئىسسىقلىق تۇرۇبا تورى تىجارەت كارخانىلىرىدىن تورغا ئۇلاش تېخنىكا ئۆلچىمىگە توشىدىغان يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىقنى تورغا ئۇلاشقا رۇخسەت قىلماي، يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىق كارخانىلىرىنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ھەم ئۇلارنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛تۈزەتمىگەنلىرىگە يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىق كارخانىسى تارتقان ئىقتىسادىي زىياننىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
31 – ماددا نېفىت ساتقۇچى كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئۆلچىمىگە توشىدىغان بىيوسۇيۇق يېقىلغۇنى سېتىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، بىيوسۇيۇق يېقىلغۇ كارخانىلىرىنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ھەم ئۇلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىگەنلىرىگە بىيوسۇيۇق يېقىلغۇ كارخانىسى تارتقان ئىقتىسادىي زىياننىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
32 – ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
(1) بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆسۈملۈك، گەندە – تېزەك ۋە شەھەر – يېزىلاردىكى ئورگانىك كېرەكسىز نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ.
(2) ھاسىلىي ئېنېرگىيە مۇستەقىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانماي ئايرىم ئىشلەيدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
(3) ئېنېرگىيە زىرائىتى مەخسۇس تېرىلىدىغان، ئېنېرگىيە خام ئەشياسى قىلىنىدىغان سامان غوللۇق ۋە ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
(4) بىيوسۇيۇق يېقىلغۇ بىيوماسسا بايلىقتىن ئىشلەنگەن مېتىل ئىسپىرت، ئېتىل ئىسپىرت ۋە بىيو دېزىلىن قاتارلىق سۇيۇق يېقىلغۇنى كۆرسىتىدۇ.
33 – ماددا بۇ قانۇن 2006 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 295 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01