شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش نىزامى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش نىزامى

 


  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  (19 – نومۇرلۇق)


  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى›› 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

  2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ نىزام جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى قارارى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، قىسىملار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، باشقا تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارغا تەتبىقلىنىدۇ.

  3 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، سىياسىي – قانۇن، مەمۇرىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  4 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، مەخسۇس ئورگان تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئاممىغا تايىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. جايلار بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپى ۋە كىم مەسئۇل بولسا شۇ جاۋابكار بولۇش، كىم باشقۇرسا شۇ جاۋابكار بولۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

  5 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى:

  (1) مىللىي بۆلگۈنچى كۈچ، زوراۋان تېررورچى كۈچ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش؛


  (2) قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنى قاتتىق جازالاش؛


  (3) دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى توسۇش ۋە بىكار قىلىش؛

  (4) بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرۇش تەشۋىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، بىدئەتچىلەر تەشكىلاتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش؛

  (5) ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛


  (6) زىددىيەت – ماجىرالارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ۋە مۇرەسسە يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىنچسىزلىق ئامىللىرىنى تۈگىتىش؛

  (7) كۆچمە ئاھالىگە بولغان مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش، شۇنىڭدەك ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛

  (8) قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارغا، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسى، ھەرىكەت قائىدىسى تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش؛

  (9) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى تەربىيەلەش، ئۆزگەرتىش ۋە قۇتقۇزۇۋېلىش، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشتىن بوشىتىلغانلار، يىغىۋېلىپ تەربىيەلەنگەنلەر ۋە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلەرگە ياردەم، تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش؛

  (10) ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، باشقا تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، بىرلىكتە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىكتە تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛

  (11) ئامانلىق قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

  (12) جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى باشقا ۋەزىپىلەر.

  6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى ھەم ئادەم، ئەشيا ۋە مالىيە جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  7 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى باھالاش مەزمۇنى قىلىپ، بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقى تۈزۈمى، رەھبەرلىك جاۋابكارلىق تۈزۈمى ۋە نىشانلىق باشقۇرۇش جاۋابكارلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  2 – باب تەشكىلىي ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى


  8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى قۇرۇپ، قارىمىقىدا كۈندىلىك ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان ئىشخانا قۇرىدۇ؛ يېزا (بازار، كوچا)لار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، قارىمىقىدا ئىشخانا قۇرۇپ، كۈندىلىك ئىشلارغا مەسئۇل بولۇشقا مەخسۇس ئادەم قويىدۇ؛ كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەشكىلاتى قۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا بىر مەسئۇل كىشى مەسئۇل بولىدۇ؛ ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەشكىلاتى قۇرىدۇ ياكى مەخسۇس ئادەم بېكىتىدۇ.

  9 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى:

  (1) جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر قانۇن – نىزام، سىياسەت ۋە قارارلارنى تەشۋىق قىلىش، ئىجرا قىلىش؛

  (2) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش يىرىك پىلانى ۋە پىلانىنى تۈزۈش ھەم يولغا قويۇش؛

  (3) شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش؛

  (4) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇش جاۋابكارلىق تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، باھالاپ سېلىشتۇرۇپ، مۇكاپاتلاش ياكى جازالاشنى قارار قىلىش ۋە ياكى بۇ ھەقتە تەكلىپ بېرىش؛

  (5) تىپىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش؛

  (6) جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر باشقا ئىشلار.

  10 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىش ئاپپاراتى، مەخسۇس ئاپپاراتلار خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىل ئىش قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  3 – باب مەخسۇس ئورگاننىڭ مەسئۇلىيىتى


  11 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالايدىغان، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان مەخسۇس ئورگانلاردۇر، ئۇلار مىللىي بۆلگۈنچى كۈچ، زوراۋان تېررورچى كۈچ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە، شۇنىڭدەك دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  12 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار سوت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە جازالىشى؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى سوت قىلىش، تەربىيەلەش، تەسىرلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلو ۋە دۆلەت تۆلەم دېلوسىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، ئىجرا خىزمىتى ۋە سوت نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش دېلولىرىنى قاراپ چىقىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىگە بولغان كەسپىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت – ماجىرالارنى پائال ھەل قىلىشى؛ ئەرزىيەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى تىنچسىزلىق ئامىللىرىنى ئازايتىشى؛ دېلو بېجىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئامانلىق يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  13 – ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارلارنى قولغا ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەستىقلىشى ۋە قانۇن بويىچە ئەيىبلىشى؛ رېجىمغا ئېلىش، جازا كېچىكتۈرۈش، سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش قاتارلىق جىنايى جازالارنىڭ ئىجراسىغا بولغان تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى؛ ئەرزىيەت، ئەرز – شىكايەت، جىنايى ئىشلار ئەرزلىرى ۋە جىنايى ئىشلار تۆلىمى خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشى؛ جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت خىزمىتى ۋە تەھقىقلەش خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى؛ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايىتىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ قانۇن بويىچە تەپتىش تەكلىپى بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئامانلىق بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك.

  14 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلولىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى، ساقچى ئىشخانىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىشى؛ نۇقتىلىق ئادەملەر، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق بۇيۇملار، نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ نۇقتىلىق ۋاقىتتىكى ئامانلىق باشقۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ ئىچكى قوغداش ئاپپاراتى، ئامانلىق ساقلاش ھەيئىتى تەشكىلاتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئامانلىق ساقلاش تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە مۇداپىئە كۆرىدىغان، بىرلىكتە تۈزەيدىغان مۇداپىئە كونترول سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى؛ دائىملىق ئاھالە، كۆچمە ئاھالىگە بولغان مۇلازىمەت خىزمىتى ۋە ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى؛ جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاممىۋى ۋەقە ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  15 – ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسى، قانۇن مۇلازىمىتى ۋە قانۇن كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ئاساسىي قاتلام خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى باشقۇرۇپ، ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قانۇن مۇلازىمىتى قىلىشى؛ تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلار ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقانلارنى باشقۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ مەھەللىلەرنىڭ ئوڭشاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشتىن بوشىتىلغانلارغا ياردەم بېرىش، تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

  16 – ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى ۋە خەلق مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ساقلىشى كېرەك.

  4 – باب ئىجتىمائىي جاۋابكارلىق


  17 – ماددا ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئوبدان ماسلىشىپ، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، ئادەم، نەرسە، تېخنىكا جەھەتتىكى مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش جاۋابكارلىقىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ۋە ئاساسلىق مەسئۇلى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئاساسلىق جاۋابكاردۇر.

  18 – ماددا دۆلەت كارخانىلىرى، كوللېكتىپ كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە باشقا شەكىلدىكى كارخانىلار، شۇنىڭدەك يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامانلىق مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  19 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ شەھەر، يېزا تۇتاشقان جايلار، ئەھۋال مۇرەككەپ رايونلاردىكى كۆچمە ئاھالە ۋە ئىجارە ئۆيلەرنى ئېنىقلاپ تىزىملاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ كۆچمە ئاھالە ئۇچۇر تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى؛ كۆچمە ئاھالە كەلگەن جاي بىلەن بارغان جاي ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى؛ كۆچمە ئاھالىگە بولغان قانۇنچىلىق تەشۋىق – تەربىيەسى ۋە ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.

  20 – ماددا ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى، مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نەتىجىسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى رەھبەرلىك جاۋابكارلىق تۈزۈمىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە مۇكاپاتلاش – جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەم يولغا قويۇشى كېرەك.

  ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئادەم بايلىقى بازىرى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشى؛ ئەمگەك ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىشلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى؛ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشتىن بوشىتىلغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشى؛ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  21 – ماددا خەلق ئىشلىرى تارمىقى شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ مەھەللە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى؛ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، نەپىقە بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى پاناھلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ مەمۇرىي رايونلارنىڭ چېگرا تالاش – تارتىشىنى مۇرەسسە يولى بىلەن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  22 – ماددا ئەرزىيەت تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى ئەرزىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ ۋە ھەل قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چوڭ – چوڭ ئاممىۋى ئەرزىيەت ۋەقەلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ماسلىشىشى، ئالاقىدار تارماقلارنى ئۇچۇردىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

  23 – ماددا مىللەت، دىن ئىشلىرى تارماقلىرى مىللەت، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مىللەت، دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ماجىرالارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى توسۇپ ۋە بىكار قىلىپ، مىللەت، دىن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەردە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى كېرەك.

  24 – ماددا مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بولغان قانۇنچىلىق، ئەخلاق، ئىنتىزام ۋە بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى؛ مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەكتەپنىڭ ۋە مەكتەپ ئەتراپىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك.

  25 – ماددا مەدەنىيەت، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە، ئاخبارات – نەشرىيات تارمىقى قاتارلىق تارماقلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى؛ مەدەنىيەت بازىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ئالاقەتورى مۇلازىمەت سورۇنى، رادىيو – تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئەسلىھەسىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت، زوراۋانلىق، شەھۋانىيلىق، خۇراپىيلىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئوقۇشلۇق ۋە ئۈن – سىن بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەش، نەشر قىلىش، سېتىش، تارقىتىشقا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  26 – ماددا ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئالاقە تورى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارنىڭ توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشىگە ياردەملىشىشى كېرەك.

  ئالاقە تورى ئۇلانغان ئورۇن، ئالاقە تورى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا تەدبىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساختا، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى بېرىش، تەييارلاش، ئېلان قىلىش ياكى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياخشى تور مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك.

  27 – ماددا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى، باج تارماقلىرى ۋە باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى بازار سۇبيېكتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى ساقلىشى؛ ساختا تاۋارلارنى ياساش، سېتىش، بازاردا زومىگەرلىك قىلىش، سودىدا ئۆكتەملىك قىلىش، ناتوغرا رىقابەتلىشىش، شاخلىتىپ سېتىش، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش، باھانى ھە – ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى كېرەك.

  28 – ماددا سەھىيە تارمىقى، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى داۋالاش، يېمەكلىك ۋە دورا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەر، ساختا، ناچار دورىلار ۋە ئۆلچەمگە توشمايدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، تېببىي تازىلىق ماتېرىياللىرىنى مەنئى قىلىشى؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش، داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈش، يىغىپ داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  29 – ماددا تۆمۈريول، تاشيول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارمىقى، نېفىت، گاز تۇرۇببىلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق قاتناش – تىرانسپورت تارماقلىرى ۋە تىجارەت كارخانىلىرى تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يول ئاسراش بىرلەشمە مۇداپىئەسىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قاتناش تىرانسپورت ئەسلىھەلىرىنى بۇلاش، ئوغرىلاش ۋە بۇزۇش، تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە قاتناش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت سادىر قىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىشىگە ياردەملىشىشى؛ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋوگزال، بېكەت، ئايرودۇرۇمنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلىشى ۋە ياخشىلىشىغا ماسلىشىشى؛ ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك بۇيۇم قاتارلىق مەنئى قىلىنغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بۇيۇملارنى توسۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  30 – ماددا سۇ، توك، پار بېرىش، يېقىلغۇ ماي، يېقىلغۇ گاز تارمىقى قاتارلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە تىجارەت كارخانىلىرى ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلەش بىخەتەرلىكىنى ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۇختىلاپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

  31 – ماددا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارمىقى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشى؛ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ۋە پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى قىلىش، پۇل يۇيۇش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا ماددىي ياردەم بەرگۈچىلەرگە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە زەربە بېرىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

  32 – ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىدىكى جاۋابكار ئورۇن ۋە جاۋابكارلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

  33 – ماددا تاموژنا ۋە چېگرىدىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش تارمىقى چېگرىدىن كىرىدىغان – چىقىدىغان ئادەم، تىرانسپورت قوراللىرى، مال، بۇيۇملارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەتكەسچىلىك ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشى كېرەك.

  34 – ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ياشلار – ئۆسمۈرلەر، ئاياللار–بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشى، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

  35 – ماددا ئۆي – زېمىن خوجىلىقى، ئامانلىق ساقلاش ئاپپاراتى قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەت رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  36 – ماددا كەنت(شەھەر) ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى:

  (1) قانۇن – نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىدىيە ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش؛

  (2) كەنت ئەھدىنامىسى، ئاھالە ئەھدىنامىسى تۈزۈش ھەم ئىجراسىنى نازارەت قىلىش؛

  (3) ئامانلىق قوغداش تەشكىلاتى، خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى قۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامانلىق بويىچە مۇداپىئەلىنىش، ئەلئارا ماجىرالارنى تەكشۈرۈش، مۇرەسسە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، زوراۋان تېررورچى كۈچلەر، دىن ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

  (4) تەۋەلىكىدىكى رايون، كەنت (شەھەر) ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىپادىسىنى پىششىق بىلىش، كۆچمە ئاھالە، نۇقتىلىق ئادەملەر، ئىجارە ئۆيگە دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلەش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئامانلىق بويىچە مۇداپىئەلىنىش ۋە تۈزەش خىزمىتىنى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىش؛

  (5) كەنت(شەھەر) ئاھالىلىرىنى ھەر خىل شەكىلدىكى بىرلىكتە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىكتە تۈزەش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمكارلىشىش؛

  (6) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەھەللىدە ئوڭشاش خىزمىتى ۋە جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشتىن بوشىتىلغانلارغا ياردەم تەربىيە بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىش.

  37 – ماددا پۇقرالار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، دۆلەت قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلىشى لازىم.

  5 – باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش

  38 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىراجىتىگە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇنى يىللىق مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىشى ھەم خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ كۆپەيتىشى لازىم.


  بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش ۋە تۈزەشكە كېرەكلىك خىراجەت ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىش، جەمئىيەت ئىئانە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.

  ئورۇننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئامانلىقنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىراجىتىنى شۇ ئورۇن چىقىرىدۇ.

  39 – ماددا ئاپتونوم رايون، ئوبلاستلار (شەھەرلەر، ۋىلايەتلەر) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش فوندى تەسىس قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلغان پۇقرالارنى تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ، قۇتقۇزىدۇ ۋە ئۇلارغا نەپىقە بېرىدۇ.

  ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش فوندىنىڭ مەنبەسى، باشقۇرۇلۇشى، ئىشلىتىلىشىگە دائىر كونكرېت ئىشلارنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

  40 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان پۇقرالاردىن دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا ‹‹ئىنقىلابىي قۇربان›› دەپ نام بېرىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە نەپىقە بېرىلىدۇ.

  پۇقرالاردىن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلىمەن، دەپ ئىشقا كېلەلمىگەنلىرى ئىشقا كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ؛ خەلق ئىشلىرى تارمىقى يارىلانغان، مېيىپ بولغانلىرىنىڭ يارىلىنىش، مېيىپ بولۇش دەرىجىسىنى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىدۇ ھەم ئۇلارنى مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

  پۇقرالاردىن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەشتە يارىلانغان، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلگەنلىرىنىڭ داۋالىنىش پۇلى، دەپنە پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنى زىيان سالغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ زىيان سالغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسىنىڭ دېرىكى بولمىغانلىرىنى ۋە ياكى ھەقىقەتەن ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىرىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ھەل قىلىدۇ.

  41 – ماددا پۇقرالاردىن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەشتە يارىلانغانلىرىنى داۋالاش ئورنى ۋاقتىدا شەرتسىز قۇتقۇزۇپ داۋالىشى كېرەك، داۋالاش خىراجىتى مۇشۇ نىزامنىڭ 40 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  42 – ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە توشىدىغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتلىرى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ؛ تۆھپىسى زور بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى كۆرسىتىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، ئۇلارنى خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ خاتىرىلەيدۇ ياكى ئۇلارغا شەرەپ نامى بېرىدۇ:

  (1) جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە نىشانلىق باشقۇرۇش جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلار؛


  (2) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەشتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار؛

  (3) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلىش ياكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىشتا ئىش – ئىزلىرى گەۋدىلىك بولغانلار؛

  (4) ئورۇن مەسئۇللىرى ياكى ئامانلىق جاۋابكارلىرىدىن جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىرى؛

  (5) ئامانلىق بويىچە مۇداپىئەلىنىش، كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىدە، ياردەم، تەربىيە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، چوڭ – چوڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار؛

  (6) جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدە باشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار.

  6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  43 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىغان ئورۇنلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلىشىغا تەۋەلىكىدىكى رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، تۈزىتىش تەكلىپى بېرىدۇ ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ تۈزىتىش تەكلىپىنى ئورۇندىمىسا، ئورۇن مەسئۇلى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارغا تەنقىد – تەربىيە بېرىش ياكى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈش ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورگان تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ماتېرىيالىنى شۇ تەكلىپنى بەرگەن جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىغا بىر ئاي ئىچىدە يەتكۈزۈشى كېرەك.

  44 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ باھالىشىدا، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتمىگەن جايلار ياكى ئورۇنلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ ھەم شۇ جاي، شۇ ئورۇننىڭ ئاساسلىق رەھبىرى، مەسئۇل رەھبىرى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارىغا تەنقىد – تەربىيە بېرىش ياكى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈش ھەققىدە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.


  45 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىدۇ:

  (1) مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، زوراۋان تېررورچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەردىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك ياكى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق، كۈچلۈك زەربە بەرمەسلىك سەۋەبىدىن شۇ جاي، شۇ ئورۇندا جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغانلار؛

  (2) رەھبەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى مۇكەممەل بولماسلىق سەۋەبىدىن شۇ جاي ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئامانلىق تەرتىپىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلىشىشىغا سەۋەبچى بولغانلار؛

  (3) تېنچسىزلىق ئامىللىرىنى ياكى ئىچكى زىددىيەتنى ۋاقتىدا پەسەيتمەسلىك، ياخشى بىر تەرەپ قىلماسلىق سەۋەبىدىن قانۇنسىز نامايىش قىلىش، توپلىشىپ ئىش تېرىش، ئىش توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، دەرس توختىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلار؛

  (4) مەسئۇل رەھبەر، ئامانلىق جاۋابكارى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، چوڭ دېلو ياكى قەبىھ ھادىسە سادىر قىلىپ، ئېغىر زىيان ياكى يامان تەسىر پەيدا بولۇشقا سەۋەبچى بولغانلار؛

  (5) ياخشى باشقۇرماي، مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى ياكى ئاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ، پۇقرالارنىڭ مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار ھەم ئەستايىل بىر تەرەپ قىلمىغان، تۈزەتمىگەنلەر؛


  (6) زور ئامانلىق يوشۇرۇن خەۋپى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق، ئالاقىدار تارماق ياكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرغان، قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى، تەپتىش تەكلىپى، تۈزىتىش تەكلىپى بېرىپ، مۆھلەت ئىچىدە ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۈنۈملۈك ياخشىلاش تەدبىرى قوللانمىغان ۋە روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغانلار؛

  (7) جىنايى ئىشلار دېلوسى ياكى زور ئامانلىق مەسىلىسى يۈز بەرگەندە، مەلۇم قىلماي يوشۇرغان ياكى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛

  (8) تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكتىن، شۇ ئورۇندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەردە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى ئېغىرراق بولغانلار؛


  (9) يۇقىرى دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار.

  بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىنمايدىغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشىنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  46 – ماددا بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشنىڭ مەزمۇنى: ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا (بازار، كوچا) شۇنىڭدەك ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ شۇ يىلى باھالىنىدىغان ئۇنىۋېرسال شەرەپ نامى بولۇپ باھالىنىش، يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى، مەسئۇل رەھبىرى ۋە ئامانلىق جاۋابكارىنى شۇ يىللىق ئىلغار، مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىش، ۋەزىپىسى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈش سالاھىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى يۈرگۈزىدۇ، يېزا (بازار، كوچا)، مەھەللىلەردىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشنى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

  47 – ماددا بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش قارارىغا قايىل بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر قارارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئىنكار قىلىش قارارى چىقارغان ئاپپاراتتىن بىر دەرىجە يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان ئاپپارات قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋىلىپ بىر ئاي ئىچىدە ئۆزگەرتىش – ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەم جاۋاب بېرىشى كېرەك، قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە ئىنكار قىلىش قارارى ۋاقتىنچە ئىجرا قىلىنمايدۇ.

  48 – ماددا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى توغرا ئادا قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەنقىد – تەربىيە بېرىدۇ ياكى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  49 – ماددا بۇ نىزام 2010 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 841 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01