شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزىمىنى يولغا قويۇش قائىدىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزىمىنى يولغا قويۇش قائىدىسى

 

-ماددا بۇ قائىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىز شەھەر-يېزىلىرىنىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئىشلىرىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ « سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ ‹سۇ قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»گە ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.
2-ماددا ناھيىە دەرجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئۆزىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش رايونى دائىرىسىدىكى سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۇزۈمىنى يولغا قويۇش ئىشلىرنىى تەشكىللەش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى (جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى) مۇشۇ قائىدىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ سۇ بايلىقىنى باشقۇرىدۇ.
3- ماددا ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە سۇ ئىنشائاتلىرىدىن ياكى ماشىنىلىق سۇ ئېلىىش ئۈسكۈنىرىدىن پايدىلىنىپ يەر ئاستى، دەريا ۋە كۆللەردىن سۇ ئالىدىغان بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەر سۇغا مەسئۇل تارماقتىن سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلىندۇ، سۇ بايلىغى ھەققى تاپشۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە سۇ ئالىدۇ .
4-ماددا ئائىلە تۇرمۇشىغا، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى سۇ غىرىشقا سۇ ئالىدىغانلار ۋە ئادەم كۈچى (چارۋا كۈچى) بىلەن سۇ ئالىدىغانلار سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلمىسۇمۇ بولىدۇ.
5-ماددا يېزا ئىگىلىگىدە قۇرغاقچىلىققا جىددىي تاقابىل تۇرۇش، كان قۇدۇقى قاتارلىق يەرئاستى قۇرۇلىشىنىڭ بىخەتەرلىگىگە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ياكى جامائەت مەنپەئەتىگە بولغان زىيانلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن سۇ ئېلىشقا توغرا كەلسە، سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلمىسمۇ بولىدۇ.
6-ماددا سۇ ئېلىشقا ئىجازەت بېرىش ۋادا ياكى رايۇننىڭ ئۇنۋېرسال پىلانى، ئاپتونۇم رايۇن ۋە جايلارنىڭ سۇ ئىشلىتىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەلىپى ۋە تەمىنلەش پىلانىغا ئەمەل قىلىش ھەمدە تەستىقلانغان سۇ تەقسىمات لايىھىسى ياكى كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك.
7-ماددا ئېلنىىدىغان يەر ئاستى سۈيىنڭ يىللىق ئومۇمى مىقدار، قۇدۇقلارنىڭ ئومۇمى جايلىشىىشى ۋە ئېلىندىغان سۇنىڭ قاتلام گورىزونتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق گېئولوگيىە-كان مەھسۇلاتلىرىغا مەسئۇل تارماق بىرلىشىپ بېكىتىدۇ، شەھەرنىڭ ئومۇمى پىلانى رايونى ۋە بىڭتۈەنىنڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى يەنە شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ۋە بىڭتۈەننىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىلىكتە بېكىتدۇ.
8-ماددا يەر ئاستى سۈيى ئارتۇق ئېلىنىپ كەتكەن رايون ۋە سۇ ئېلىش مەنئى قىلىنىدىغان رايونلارنى ئاپتونۇم رايوننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گېئولوگىيە مەھسۇلاتلىرى تارمىقى بىلەن بىرلىشىپ بېكىتىپ، ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتدۇ؛ شەھەرنىڭ ئومۇمى پىلانى رايونى ۋە شەھەرنىڭ سۇ تەمىنلەش مەنبەسىگە، ھەمدە بىڭتۇەن تەۋەلىكىگە چېتىلىدىغانىرىنى يەنە شەھەر قۇرۇلۇشى تارمىقى ۋە بىڭتۇەننىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىشىپ بېكىتىپ، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.
9-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش ئۈچۈن سۇ ئېلىشقا ياكى ئېلىنىدىغان سۇ مىقدارىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن پىلان تارمىغىغا لايىھىلەنگەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىنامىسىنى يوللاشتىن ئىلگىرى ناھىيە ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماققا سۇ ئېلىش تەييارلىق ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ. شەھەرنىڭ ئومۇمى پىلان رايونى ۋە بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى يەر ئاستى سۇيىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماققا سۇ ئېلىش تەييارلىق ئىلتىماسىنى سۇنۇشتىن ئىلگىرى شەھەر قۇرۇلۇشى تارمىقى ياكى بىڭتۇەننىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەكشۇرتىدۇ، ماقۇللىتىدۇ ۋە پىكىر يازغۇزىدۇ .
قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن پىلان تارمىقىغا لايىھلەنگەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىنامىسنى يوللىغاندا سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقنىڭ يازما پىكرىنى قوشۇپ تاپشۇرىدۇ. ئەگەر تاپشۇرمىغان بولسا، پىلان تارمىقى تەستىقلىمايدۇ .
10-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلدىغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلدىغان قۇرلۇش تەستىقلانغاندىن كېيىن، قۇرلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن لايىھەلەنگەن ۋەزىپەنامىسى قاتارلىق ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلەرنى ئېلىپ ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماققا سۇ ئېلىشقا ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلدۇ. شەھەر ئومۇمى پىلان رايۇنلىرىدا ۋە بىڭتۇەن باشقۇرۇش تەۋەلىكدىكى رايۇنلاردا يەرئاستى سۇيى ئېلىشقا توغراكەلسە، ئاۋال شەھەرقۇرلۇش تارمىقى ۋە بىڭتۇەن سۇباشقۇرۇش تارمىقغا تەكشۇرتىدۇ، ماقۇللىتىدۇ ۋە پىكىر يازغۇزىدۇ، ئۇنى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق تەستىقلايدۇ.
11-ماددا سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق چوڭ ۋە ئوتتۇرا قۇرلۇش تۇرلىرىگە يەرئاستى سۇيى ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماسنى ۋە سۇ تەمىنلىگۇچى جايلاردىن يەر ئاستى سۇيى ئېلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى تەستىقلىغاندا، گېولوگىيە–كان مەھسۇلاتلىرى تارمىقىغى تەكشۇرتۇپ، ماقۇللىتىپ پىكىر يازدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن تەستىقلايدۇ .
12-ماددا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى يۇقىردىكى10-،11- ماددىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچۈن سۇ ئېلىشنى تەستىقلاش ھوقوقىنى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى، گېئولوگىيە- كان مەھسۈلاتلىرى تارمىقى، شەھەر قۇرۇلۇشى تارمىقى ۋە بىڭتۇەن سۇ باشقۇرۇش تارمىقىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
13-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى ئىلتىماس قىلىشتا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھۆججەت ۋە سۇ ئېلىش ئىجازىتى ئىلتىماسىنى تولدۇرۇپ يوللاش ئىشلىرى گوۋۇيۈەننىڭ«سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 13-،14- ماددىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
14-ماددا سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 40 كۈنگىچە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.
سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماسنى گىئولوگىيە-كان مەھسۇلاتلىرى تارمىقى، شەھەر قۇرۇلۇش تارمىقى ۋە بىڭتۈەن سۇ باشقۇرۇش تارمىقى ئاۋال تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرگۈچى تارماق سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماس تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈزبەرسە ياكى دەۋا قىلىنسا، ئىلتىماس قىلغۇچىلاغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ؛ تالاش- تارتىش ياكى دەۋا بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدە قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
15-ماددا يەر ئاستى سۈيى ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماسنى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق تەستىقلىغاندىن كېيىن، سۇ ئالغۇچى ئورۇن قۇدۇق قازسا بولىدۇ. قۇدۇق قېزىلغاندىن كېيىن ئۆلچەش ئارقىلىق ئېلىنىدىغان سۇ مىقدارى بېكىتىلىدۇ، سۇغا مەسئۇل مەمۇرى تارماق سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىدۇ.
16-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تەستىقلىمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىلار يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسىمۇ بولىدۇ.
17-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىقلاش ۋە سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىشتا دەرىجىلەر بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويىلىدۇ.
1) ئوبلاست، شەھەر، ۋىلايەت ھالقىغان دەريا، كۆل ياكى چېگرا دەرياسىدىن سۇ ئېلىشنى ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلايدۇ ۋە كېنىشكە تارقىتىپ بېرىدۇ؛
2) ناھىيە (شەھەر) ھالقىغان دەريا ياكى چېگرا دەرياسىدىن سۇ ئېلىشنى ئوبلاست، شەھەر، ۋىلايەتلەردىكى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق تەستىقلايدۇ ۋە كېنىشكە تارقىتىدۇ؛
3) ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ مەمۇرى رايۇن تەۋەسىدىكى دەريا، كۆللەردىن سۇ ئېلىشنى ناھىيە (شەھەر) لەردىكى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق تەستىقلايدۇ ۋە كېنىشكە تارقىتىدۇ.
4) ئاپتونۇم رايۇن ياكى ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت) لارنىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىۋاستە باشقۇرىۋاتقان دەريالاردىن سۇ ئېلىشنى ئاپتونۇم رايۇن ياكى ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت) لارنىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرى تارمىقى تەستىقلايدۇ ۋە كېنىشكە تارقىتىدۇ.
5) سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يىللىق ئالىدىغان يەرئاستى سۇ مىقدارى بەش مىليۇن كۇپ مېتىردىن ئاز بولسا، ناھىيە (شەھەر) لەردىكى سۇغا مەسئۇل تارماق تەستىقلايدۇ؛ يىللىق ئالىدىغان سۇ مىقدارى بەش مىليۇندىن ئون مىليۇن كۇپ مېتىرغىچە بولسا ناھىيە دەرىجىلىك سۇغا مەسئۇل مەمۇرى تارماق يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوبلاست، شەھەر، ۋىلايەتلەردىكى سۇغا مەسئۇل مەمۇرى تارماققا تەستىقلىتىدۇ؛ ئالىدىغان يىللىق سۇ مىقدارى ئون مىليۇن كۇپ مېتىردىن كۆپ بولسا، ناھىيە (شەھەر)، ئوبلاست(شەھەر، ۋىلايەت) لاردىكى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تاماق ئايرى-ئايرىم ھالدا يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرى تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ. سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى سۇ ئېلىش ئېغىزى تۇرۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق تارقىتىدۇ.
18-ماددا ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇ ئېلىشنى تىزىملاش قائىدىسىنى ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرى تارمىقى تۈزىدۇ.
19-ماددا سۇ ئېلىش ئىجازىتى ھەققىدىكى ئىلتىماسنىڭ نۇسخىسىنى ۋە سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلەنگەن نۇسخىسى بويىچە بىرتۇتاش باستۇرىدۇ.
2- ماددا سۇ بايلىقى ھەققىنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىشكە دائىر كونكىرت چارىنى ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرى تارمىقى ئاپتونۇم رايۇننىڭ مالىيە، مال باھاسىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.
21-ماددا بۇ قائىدىنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە يولغا قويۇش ئىشلىرىنى تەشكىللەشكە ئاپتونۇم رايۇننىڭ سۇغا مەسئۇل مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.
22-ماددا بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 441 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01