شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نى يولغا قويۇ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نى يولغا قويۇش چارىسى

 

 

 

- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددابۇ چارە دۆلەتنىڭ «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» (تۆۋەندە «نىزام» دەپ قىسقارتىلدى)غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.
2 - ماددائاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونىدىكى كارخانىلار، ئىشچى ياللىغان يەككە سودا - سانائەتچىلەر (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ئۆز ئورنىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياكى ياللانما ئىشچىلار (تۆۋەندە ئىشچى - خىزمەتچىلەر دېيىلىدۇ) ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر «نىزام» ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
3 - ماددائىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) لەر بىر تۇتاش غەملەيدۇ (تۆۋەندە بىر تۇتاش غەملەيدىغان رايونلار دېيىلىدۇ).
4 - ماددائاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا قاراشلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى (تۆۋەندە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى دەپ قىسقارتىلدى) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئىشلىرىنى كونكرېت بېجىرىدۇ.

2 - باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى

5 - ماددابىر تۇتاش غەملىگۈچى جايلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى تەسىس قىلىشى ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ - خەتەر زاپاس فوندى تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك.
6 - ماددائىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشتا، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ - خەتەر دەرىجىسىگە قاراپ، ئىشتا يارىلىنىشتىكى ئوخشاش بولمىغان سۇغۇرتا ساھە پەرقى بويىچە ھەق نىسبىتى يولغا قويۇلىدۇ.
ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ساھە پەرقلىق ھەق نىسبىتىنى غەملىگۈچى جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت بېكىتكەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ئوتتۇرىچە تاپشۇرۇش نىسبىتى ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئۆلچەملىك ھەق نىسبىتىگە ئاساسەن، شۇ بىر تۇتاش غەملىگۈچى رايوننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى، كەسپىي كېسەلنىڭ زىيان دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، چىقىمغا قاراپ كىرىمنى بېكىتىش، كىرىم - چىقىم تەڭپۇڭ بولۇش پرىنسىپى بويىچە بېكىتىدۇ.
ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھەنىڭ ئىچكى ھەق نىسبىتى كاتېگورىيىسىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن قەرەللىك تەڭشىلىدۇ.
7 - مادداسۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا نىسبىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تىزىملىتىپ تەستىقلاتقان تىجارەت (ئاساسىي) تۈرىگە مۇناسىپ ساھە پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھە ھەق نىسبىتى كاتېگورىيىسىگە ئاساسەن بېكىتىشى كېرەك؛ ساھە ھالقىپ تىجارەت قىلغان بولسا، ھالقىغان ساھەنىڭ مۇناسىپ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھە ئىچكى ھەق نىسبىتى كاتېگورىيىسى بويىچە ئۇلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى بېكىتىشى كېرەك.
8 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشماقچى بولسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك؛ رايون ھالقىيدىغان، كۆپرەك يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار نىسبىي مەركەزلىك بولۇش ئۇسۇلى بويىچە، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ.
9 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئايمۇئاي تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.
10 - ماددائىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ چىقىم دائىرىسى:
(1) ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش پۇلى؛
(2) يارىلىنىپ، مېيىپ بولغانلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلى؛
(3) يارىلىنىپ، مېيىپ بولغانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى؛
(4) تۇرمۇشتا كۈتۈنۈش پۇلى؛
(5) ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان دەپنە ياردەم پۇلى؛
(6) ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى بېقىشقا بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلى؛
(7) ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بېرىلدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى؛
(8) ياردەمچى سايمان پۇلى؛
(9) ئىشتا يارىلانغانلارنى ساقايتىش پۇلى؛
(10) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ھەققى؛
(11) قانۇن، نىزاملاردا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن باشقا خىراجەتلەر.
11 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىككىنچى يىل 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇرۇن، ئۆز ئورنىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىسىملىكى، ھەق تاپشۇرۇش سۈرۈكى، ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش، ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى ۋە يۈز بەرگەن ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئورنىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئېلان قىلىش ۋاقتى 15 كۈندىن كەم بولماسلىقى، ئېلان قىلىش ئەھۋالى سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.
12 - ماددابىر تۇتاش غەملىگۈچى جايلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خەۋپ - خەتەر زاپاس فوندىنى ئالدىنقى يىللىق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى ئېلىش - تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ %10 ى بويىچە ئاجرىتىپ، ئۇنى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى مالىيە مەخسۇس سىچوتىغا كىرگۈزۈپ، چوڭ - چوڭ ھادىسىلەردە يارىلانغانلارنىڭ سۇغۇرتا تەمىناتى ئۈچۈن چىقىم قىلىدۇ، يەتمىگەن قىسمى شۇ جايدىكى مالىيىدىن چىقىرىلىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خەۋپ - خەتەر زاپاس فوندىنىڭ ئومۇمىي قالدۇق سوممىسى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى كىرىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.
|
3 - باب ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش

13 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھادىسىدە يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ياكى كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە باھالانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايدىكى ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا دائىر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت چېكى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنمىسا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ھادىسىدە يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈن ياكى كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە باھالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايدىكى ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئون كۈن ئىچىدە شۇ ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ئىچىدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنمىسا، بۇ مەزگىلدە «نىزام» ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا چىقىم قىلىنغان ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى خىراجىتىنى شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۆتۈرىدۇ.
ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنۇشتا، «ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» تولدۇرۇلۇشى كېرەك.
14 - ماددائىشچى - خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىشتا يارىلانغان دەپ قارىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانمىغان دەپ قارىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن پاكىت كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە ئون كۈن ئىچىدە ئەمگەك - كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تاپشۇرىدۇ. سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرالمىسا، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە يەكۈن چىقارسا بولىدۇ.
15 - ماددائەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش قارارىنى چىقىرىشى ھەمدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنغان ئىشچى - خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ۋە شۇ ئىشچى - خىزمەتچى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا «ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىق (ئۆلگەنلىك) نى ئېتىراپ قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تەگكۈزۈشى ھەمدە ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىگە «ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىق (ئۆلگەنلىك) ئىسپاتنامىسى»نى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.
16 - ماددائەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش مەزگىلىدە، ھادىسە زىيىنى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
|
4 - باب ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش

17 - ماددائاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى، كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى ۋەكىلى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە شۇ دەرىجىلىك ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.
18 - ماددائەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىكى بۆلۈم (تۈر) كەسپىي تېخنىك خادىملىرى ئۈچتىن بەشكىچە بولۇشى كېرەك.
19 - ماددائەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى تۆۋەندىكى باھالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
(1 ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش؛
(2 ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى باھالاش؛
(3 ئىشتىن توختىتىپ مائاشىنى ساقلاپ قېلىش مەزگىلىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى بېكىتىش؛
(4 ياردەمچى سايمان سېلىشنى بېكىتىش؛
(5 كېسەلنىڭ ئىشتا يارىلىنىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش؛
(6 بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلۇقىنى باھالاش؛
(7 كەسپىي كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى بېكىتىش؛
(8 ھاۋالە قىلىنغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش.
20 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىلتىماسىنى سۇنۇشى ھەمدە «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى تولدۇرۇشى، «ئىشتا يارىلانغان (ئۆلگەن) ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئېتىراپ قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى»، «ئىشتا يارىلانغان (ئۆلگەن) ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىسپاتنامىسى»، دىئاگنوز ئىسپاتى، كېسەل تارىخى ۋە ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىشىغا دائىر باشقا ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
21 - ماددائەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى ۋە ئالاقىدار بېكىتىش يەكۈنلىرىنى چىقىرىشى ھەمدە باھالاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تەگكۈزۈشى كېرەك.
ئىشتا يارىلىنىپ كېسەل بولۇش ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولسا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش سۈرۈكى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يارىلىنىش، مېيىپ بولۇش دەرىجىسىنى تېببىي جەھەتتىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىسا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا سالاھىيەتكە ئىگە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، تېببىي تەكشۈرۈش ۋاقتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش خىزمىتى سۈرۈكىگە ھېسابلانمايدۇ.
22 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى تۇنجى قېتىم چىقارغان باھالاش يەكۈنىگە قايىل بولمىسا، «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئەسلىي باھالاش يەكۈنى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى قايتا باھالاشتا بۇرۇنقى باھالاش خىزمىتىگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا چىقارغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى ئاخىرقى يەكۈن بولىدۇ.
23 - ماددائىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشقا كەتكەن خىراجەت ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ياكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇرمىغانلارنىڭكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىم قىلىدۇ. قايتا باھالاش يەكۈنى ئۆزگەرمىگەن بولسا، باھالاش خىراجىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىشتىن توختىتىپ مائاشىنى ساقلاپ قېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ياردەمچى سايمان سېلىش ۋە كەسپىي كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى بېكىتىشكە كېرەكلىك خىراجەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۆتۈرىدۇ. 
|
5 - باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى

24 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ئىشتا يارىلانغان، ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا «ئىشتا يارىلانغان (ئۆلگەن) ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىسپاتنامىسى»، «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تاپشۇرۇشى كېرەك. بېقىلىدىغان تۇغقانلىرى نەپىقە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماس قىلغان تەمىنات تۈرىگە ئاساسەن يەنە تۆۋەندىكى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1 بېقىلغۇچىنىڭ نوپۇس دەپتىرى، كىملىكى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھايات ئىسپاتى؛
(2 مەھەللە ئىش باشقارمىلىرى ياكى يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقىرىپ بەرگەن بېقىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىسپاتى؛
(3 خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئىگە - چاقىسىز قېرى ياكى يېتىم بالىلار ئىسپاتى؛
(4 خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ بېقىۋالغان ئاتا - ئانا ۋە بېقىۋالغان بالا توغرىسىدىكى ئىسپاتى.
بېقىلغۇچىلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىسا، سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالاش يەكۈنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
25 - ماددائىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلاردىن يارىلانغان، مېيىپ بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئاپپاراتىدا بولغان چىقىمىنى ئاۋۋال ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىپ تۇرىدۇ، ئىشتا يارىلانغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئاتچوت قىلىدۇ.
ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىشىنى باشقۇرۇش ۋە راسچوت قىلىش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.
26 - ماددائىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىپ كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانسا، شۇ ئادەمنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن كاماندىروپكا، تاماق ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويمىغان بولسا، شۇ ئورۇن شۇ جاينىڭ كاماندىروپكا، تاماق ياردەم پۇلى ئادەتتىكى ئۆلچىمىنىڭ %70 ى بويىچە كېسەلخانا تاماق ياردەم پۇلى بېرىدۇ.
27 - ماددا1 - دەرىجىلىكتىن 4 - دەرىجىلىككىچە بولغان ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يارىلىنىپ مېيىپ بولۇشىغا بېرىلگەن قوشۇمچە پۇلى شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلارنىڭكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ بېرىدۇ.
28 - ماددا5 -، 6 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ياكى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئۇلارغا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ، مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. 5 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى 11 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 6 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا ئون ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 5 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى 27 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 6 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا 24 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ. 
29 - ماددا7 - دەرىجىلىكتىن 10 - دەرىجىلىككىچە بولغان ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك توختام مۇددىتى توشۇپ توختىتىلسا ياكى ئۆزى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئۇلارغا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. 7 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى توققۇز ئاي بويىچە بېرىلىدۇ، 8 - دەرىجىلىك يارىلانغانلارغا سەككىز ئاي بويىچە بېرىلىدۇ، 9 - دەرىجىلىك يارىلانغانلارغا يەتتە ئاي بويىچە، 10 - دەرىجىلىك يارىلانغانلارغا ئالتە ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 7 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە  بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى 21 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 8 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا 18 ئاي بويىچە، 9 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا 15 ئاي بويىچە، 10 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا 12 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ. 
30 - ماددا5 - دەرىجىلىكتىن 10 - دەرىجىلىككىچە بولغان ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشى بەش يىل كەملىگەن بولۇپ، ئۆزى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى كەملىگەن ھەر بىر يىلغا %20 ئازايتىش ئۆلچىمى بويىچە بېرىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا بىر يىل كەملىگەن بولسا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى %10 بويىچە بېرىلىدۇ. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا توشقان ھەمدە پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرگەن بولسا، بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.
31 - ماددائىشتا ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئاساس قىلىنىپ، بىر قېتىمدىلا 48 ئايلىقتىن 60 ئايلىققىچە ئىشتا ئۆلگەنلەر ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. «نىزام» نىڭ 14 - ماددا (1)، (2)، (4)، (5)، (6)، (7) تارماقچىدىكى ۋە 15 - ماددىنىڭ (1) تارماقچىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە 48 ئايلىق ئىشتا ئۆلگەنلەر ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ «نىزام» نىڭ 14 - ماددىسىنىڭ (3) تارماقچىدىكى، 15 - ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە 54 ئايلىق ئىشتا يارىلانغانلار ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن بولسا 60 ئايلىق ئىشتا ئۆلگەنلەر ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. 
32 - ماددايارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار قوشۇمچە پۇلى، تۇرمۇشتا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ نەپىقە پۇلى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەش لايىھىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.
33 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋەيران بولسا ۋەيران بولۇش ھېساباتى قىلىنغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تۆلەيدىغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالدى بىلەن تۆلىنىشى كېرەك:
(1 ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا تۆۋەندىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى خىراجىتىنى تۆلىشى كېرەك:
(1) 1 - دەرىجىلىكتىن 4 - دەرىجىلىككىچە بولغان ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتا ھەققى؛
(2) 5 - دەرىجىلىك، 6 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار قوشۇمچە پۇلى، بىر قېتىملىق بېرىلىدىغان ئىشتا يارىلانغانلار، داۋالىنىش ياردەم پۇلى؛
(3) 7 - دەرىجىلىكتىن 10 - دەرىجىلىككىچە بولغان ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق بېرىلىدىغان داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى؛
(2 ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلار تۆۋەندىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى خىراجىتىنى تۆلىشى كېرەك:
(1) ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىلىدىغان تۇغقانلىرى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نەپىقە پۇلى؛
(2) 1 - دەرىجىلىكتىن 4 - دەرىجىلىككىچە بولغان ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار قوشۇمچە پۇلى، تۇرمۇشتا كۈتۈش پۇلى، ياردەمچى سايمان پۇلى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلى، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى؛
(3) 5 - دەرىجىلىك، 6 - دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار قوشۇمچە پۇلى، بىر قېتىملىق بېرىلىدىغان ئىشتا يارىلانغانلار، داۋالىنىش ياردەم پۇلى؛
(4) 7 - دەرىجىلىكتىن 10 - دەرىجىلىككىچە بولغان ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بىر قېتىملىق بېرىلىدىغان ئىشتا يارىلانغانلار، داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق بېرىلىدىغان يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى.
ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان تۈرلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى پۇلىنى سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار داۋاملىق تۆلەيدۇ. 
34 - ماددا5 - دەرىجىلىكتىن  10 - دەرىجىلىككىچە بولغان ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەيران بولغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن بىر قېتىملىق بېرىلىدىغان ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق بېرىلىدىغان يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئالغان بولسا، «ئىشتا يارىلىنىش (ئۆلۈش) ئىسپاتنامىسى»نى ھېسابات گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. ھېسابات گۇرۇپپىسى بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى توختىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. 
35 - ماددائىشتا يارىلىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار ئىچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ئالاقىدار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ:
(1 كۆرسىتىشكە تېگىشلىك ھاياتلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىشنى رەت قىلسا؛
(2 ئىشتا يارىلىنىپ داۋالىنىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا؛
(3 كېسەلخانىدىن چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ كېسەلخانىدىن چىقىشنى رەت قىلسا؛
(4 ئىشتا يارىلىنىش ياردەمچى سايمانلىرىنى سېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا؛
(5 ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلسا.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىنچە توختىتىشقا لايىق قىلمىش تۈگىتىلگەن بولسا، ئالاقىدار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك.
36 - ماددائىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلانغان كۈندىن باشلاپ بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك؛ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى باھالاش يەكۈنى چىقارغان كېيىنكى ئايدىن باشلاپ بەلگىلىمە بويىچە يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

6 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

37 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار «نىزام» ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قاتناشمىغانلارنى ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى شۇ ئورۇن «نىزام» ۋە بۇ چارىدە بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى تۈرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە تۆلەيدۇ.
38 - ماددائالاقىدار ئورۇنلار ياكى شەخسلەر بۇ چارىنىڭ 16 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە توسقۇنلۇق قىلسا، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۇنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىسە، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا 1000 يۈەن، شەخسلەرگە 200 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.

7 - بابقوشۇمچە پرىنسىپ

39 - ماددابۇ چارىدە دېيىلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا ھادىسە زىيىنىغا ئۇچرىشى، كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى ۋە ئىش ئۈستىدە ئۆلۈشىدىن بۇرۇنقى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرۇش مائاشىنى كۆرسىتىدۇ؛ يارىلىنىشتىن بۇرۇن يارىلانغۇچى مائاش ئالغان ۋاقىت 12 ئايغا توشمىسا، شۇ ئىشچى - خىزمەتچى ئىشلەۋاتقان ئورۇننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرۇش مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
40 - ماددا«ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»، «ئىشتا يارىلانغان (ئۆلگەن) ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى بېكىتىش ئۇقتۇرۇشنامىسى»، «ئىشتا يارىلانغان (ئۆلگەن) ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىسپاتنامىسى»، «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»، «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇقتۇرۇشنامىسى» دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى تۈزگەن بىر تۇتاش نۇسخا بويىچە بولىدۇ.
41 - ماددابۇ چارە 2004 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى بىر يىل ئىچىدە ھادىسە زىيىنىغا ئۇچرىغان ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتكۈزمىگەن بولسا، «نىزام» ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكۈزىدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 574 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01