جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى

 

1994-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان)

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەمگەك تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي دتەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقتىسىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جمھۇرىيىتى دتەۋەسىدىكى كارخانىلار، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان ئەمگەكچىلەر مۇشۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدۇ.
3-ماددا ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئاساستا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ تاللاش ھوقۇقى، ئەمگەك ھەققى ئېلىش ھوقۇقى، دەم ئېلىش ھوقۇقى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش مۇھاپىزىتىگە ئېرىشىش ھوقۇقى، كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى، ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىما سقىلىش ھوقۇقى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەمگەك ھوقۇقلىرىغا ئىگە.
ئەمگەكچىلەر ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئەمگەك ئىنتىزامى ۋە كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.
4-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قائىدە-تۈزۈملەرنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ۋە ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
5-ماددا دۆلەت تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئەمگەك ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ، ئىقتىسادىي كىرىمنى تەڭشەيدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرىدۇ.
6-ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك مۇسابىقىسى ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئەمگەكچىلەرنىڭ پەن تەتقىقاتى، تېخنىكا يېڭىلاش، كەشپىيات، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى، ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.
7-ماددا ئەمگەكچىلەر قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىشقا ۋە ئۇنى تەشكىللەشكە ھوقۇقلۇق.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، قانۇن بويىچە مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
8-ماددا ئەمگەكچىلەر قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن باراۋەر ئاساستا كېڭىشىدۇ.
9-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىيى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەمگەك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمگەك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

10-ماددا دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى ھازىرلايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ.
دۆلەت كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلەىلەنگەن دائىرىدە كەسىپلەرنى ئېچىپ ياكى تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋە يەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ.
11-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسىپكە تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم.
12-ماددا ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مىللىتى، ئىرقى، جىنسى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىلمەيدۇ.
13-ماددا ئاياللار ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە. ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، جىنسى ئايرىما تۈپەيلىدىن ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىققا ياكى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ دەپ بەلگىلىگەن ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى بۇنىڭ سىرتىدا.
14-ماددا مېيىپلار، ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ۋە ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، قانۇن-نىزاملاردا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
15-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلارنى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە ۋە ئالاھىدە ھۈنەر-سەنئەت ئورۇنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلارنى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت.

3-باب ئەمگەك توختامى ۋە كوللېكتىپ توختام

16-ماددا ئەمگەك توختامى - ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان كېلىشىم.
ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئەمگەك توختامى تۈزۈش لازىم.
17-ماددا ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىشتە باراۋەر بولۇش، ئۆزى ئىختىيار قىلىش، بىردەك كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
ئەمگەك توختامى قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ھامان قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت.
18-ماددا تۆۋەندىكىدەك ئەمگەك توختاملىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ:
(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ ئەمگەك توختاملىرى؛
(2) ئالداش ۋە تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تۈزۈلگەن ئەمگەك توختاملىرى؛
كۈچكە ئىگە بولمىغان ئەمگەك توختاملىرى تۈزۈلگەن ۋاقىتتىن باشلاپلا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ. ئەمگەك توختامىنىڭ بىر قىسمى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندە، قالغان قىسمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىسە، قالغان قىسمى كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.
ئەمگەك توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
19-ماددا ئەمگەك توختامى يازما تۈزۈلۈشى ھەمدە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ماددىلىرى بولۇشى لازىم:
(1) ەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى؛
(2) خىزمەت مەزمۇنى؛
(3) ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ئەمگەك شارائىتى؛
(4) ئەمگەك ھەققى؛
(5) ئەمگەك ئىنتىزامى؛
(6) ئەمگەك توختامىنى توختىتىش شەرتى؛
(7) ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق جاۋابكارلىقى.
ئەمگەك توختامىنىڭ يۇقىرىدىكى تارماقتا بەلگىلەنگەن زۆرۈر مەزمۇنلىرىدىن باشقىلىرىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتسە بولىدۇ.
20-ماددا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى تۇراقلىق مۇددەت، تۇراقسىز مۇددەت ۋە مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش مۇددىتى دەپ ئايرىلىدۇ.
ئەمگەكچىنىڭ بىر ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى ئون يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ توختامنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغان ئەھۋالدا، ئەمگەكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويسا، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.
21-ماددا ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى كېڭىشىپ بېكىتىلسە بولىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
22-ماددا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامىغا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا ئائىت ئىشلارنى كېلىشىپ كىرگۈزسە بولىدۇ.
23-ماددا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندا ياكى توختام تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ توختامنى توختىتىش ھەققىدە كېلىشكەن شەرتلەر ھازىرلانغاندا، ئەمگەك توختامى توختىتىلىدۇ.
24-ماددا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
25-ماددا ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا؛
(2) ئەمگەك ئىنتىزامىغا ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
(3) ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەنپەئىتىگە زور زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛
(4) قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان بولسا.
26-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، بىراق بۇنى ئەمگەكچىگە 30 كۈن بۇرۇن يازمىچە ئۇقتۇرۇشى كېرەك:
(1) ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ ياكى ئىش ئۈستىدە بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن زەخمىلىنىپ، داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدە ئىشلەۋاتقان ئىشنى قىلالمىغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنىمۇ قىلالمىغان بولسا؛
(2) ئەمگەكچى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، تەربىيىلەنگەن ياكى ئىش ئورنى تەڭشەلگەندىن كېيىنمۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا؛
(3) ئەمگەك توختامىنى تۈزگەندە ئاساس قىلىنغان ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، شۇ توختامنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي، توختام تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ توختامنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولسا.
27-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىپ، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپكە سېلىنىۋاتقان مەزگىلدە ياكى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئەھۋالىدا ئېغىر قىيىنچىلىق يۈز بېرىپ، ئادەم قىسقارتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغاندا، 30 كۈن بۇرۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنى قىسقارتسا بولىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم قىسقارتقاندىن كېيىن، ئالتە ئاي ئىچىدە يەنە ئادەم قوبۇل قىلماقچى بولسا، قىسقارتىۋېتىلگەنلەرنى ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك.
28-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۇشۇ قانۇننىڭ 24-، 26- ۋە 27-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن قوشۇمچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما تۆلىشى كېرەك.
29-ماددا ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 26- ۋە 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىپ، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
(1) كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ياكى ئىش ئۈستىدە زەخىملىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقى ياكى قىسمەن يوقاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە؛
(2) كېسەل بولۇپ ياكى زەخىملىنىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە داۋالىنىۋاتقان بولسا؛
(3) ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھامىلىدارلىق، تۇغۇتلۇق، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بولسا؛
(4) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.
30-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇۋاپىق كۆرمىسە، ئۆز پىكىرىنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن-نىزام ياكى ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەمگەكچى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋا قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
31-ماددا ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا 30 كۈن بۇرۇن يازمىچە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
32-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالدا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ:
(1) سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە بولسا؛
(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەمگەك قىلىشقا زورلىغان بولسا؛
(3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئەمگەك ھەققى بەرمىگەن ياكى ئەمگەك شارائىتى يارىتىپ بەرمىگەن بولسا.
33-ماددا كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كارخانا بىلەن ئەمگەك ھەققى، ئىش ۋاقتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈستىدە كوللېكتىپ توختام تۈزسە بولىدۇ. كوللېكتىپ توختام لايىھىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك.
كوللېكتىپ توختامنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن كارخانا بىلەن ئىمزالايدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلمىغان كارخانىلاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆرسەتكەن ۋەكىل كارخانا بىلەن ئىمزالايدۇ.
34-ماددا كوللېكتىپ توختام ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرىغا يوللىنىدۇ؛ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى كوللېكتىپ توختامنى تاپشۇرىۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، كوللېكتىپ توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
35-ماددا قانۇن بويىچە ئىمزالانغان كوللېكتىپ توختام كارخانا بىلەن كارخانىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا تۈزگەن ئەمگەك توختامىدىكى ئەمگەك شارائىتى ۋە ئەمگەك ھەققى قاتارلىق ئۆلچەملەر كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

4-باب ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش

36-ماددا دۆلەت ئەمگەكچىنىڭ كۈنلۈك ئىش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن ئاشمايدىغان، ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە ئىش ۋاقتى 44 سائەتتىن ئاشمايدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
37-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشىغا قاراپ ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك نورمىسى بىلەن ئىش بېشىغا قاراپ بېرىلىدىغان ئەمگەك ھەققى ئۆلچىمىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 36-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىش ۋاقتى تۈزۈمىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك.
38-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەپتىدە ئاز بولغاندىمۇ بىر كۈن دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
39-ماددا كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 36- ۋە 38-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلالمىسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن باشقىچە ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش چارىسىنى يولغا قويسا بولىدۇ.
40-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنى تۆۋەندىكى ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە قانۇن بويىچە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك:
(1) يېڭى يىل بايرىمى؛
(2) باھار بايرىمى؛
(3) خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى؛
(4) دۆلەت بايرىمى؛
(5) قانۇن-نىزاملاردا دەم ئېلىش بەلگىلەنگەن باشقا ھېيت-بايرام كۈنلىرى.
41-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىشم، تىجارەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەمگەكچىلەر بىلەن كېڭىشىپ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ، ئۇزارتىلغان ۋاقىت ئادەتتە كۈنلۈكى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتى كۈنىگە ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، لېكىن ئېيىغا 36 سائتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
42-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش بۇ قانۇننىڭ 41-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ:
(1) تەبىئىي ئاپەت ۋە ھادىسە يۈز بەرسە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يېتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولسا؛
(2) ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، قاتناش-ترانسىپورت لىنىيىسى ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىدىن كاشىلا چىقىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە تەسىر يېتىپ، جىددىي ئوڭشاش زۆرۈر تېپىلسا؛
(3) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.
43-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
44-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىەچ ئەمگەكچىگە نورمال ئىش ۋاقتىدىكى ئىش ھەققىدىن يۇقىرى ھەق بېرىشى كېرەك:
(1) ئەمگەكچىنى ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %150 تىن تۆۋەن بولماسلىقى؛
(2) دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەمگەكچىنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ بېرەلمىگەندە، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %200 تىن تۆۋەن بولماسلىقى؛
(3) ئەمگەكچىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىشلەتكەندە، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %300تىن تۆۋەن بولماسلىقى.
45-ماددا دۆلەت ئىش ھەققى توختىتىلمايدىغان يىللىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقان ئەمگەكچى ئىش ھەققى توختىتىلمايدىغان يىللىق ئوتپوسكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

5-باب ئىش ھەققى

46-ماددا ئىش ھەققى تەقسىماتىدا ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىپ، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ.
ئىش ھەققى سەۋىيىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىدا تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەت ئىش ھەققى ئومۇمىي مىقدارىنى ماكتولۇق تەڭشەيدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ.
47-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن، شۇ ئورۇنىڭ ئىش ھەققى تەقسىمات شەكلى بىلەن ئىش ھەققى سەۋىيىسىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.
48-ماددا دۆلەت ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە بېرىدىغان ئىش ھەققى، شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
49-ماددا ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە تۆۋەندىكى ئامىللاردىن ئومۇملاشتۇرۇپ پايدىلىنىش كېرەك:
(1) ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئۇ باقىدىغان ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش خىراجىتى
(2) ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسى؛
(3) ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى؛
(4) ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى؛
(5) رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرقى.
50-ماددا ئەمگەكچىگە ئىش ھەققى ئۈچۈن ئايمۇ ئاي پۇل بېرىلىدۇ. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ.
51-ماددا ئەمگەكچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئۇلار توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم رۇخسىتى ئالغان ۋە قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققىنى قانۇن بويىچە بېرىدۇ.

6-باب ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش

52-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى، ساقلىقنى ساقلاش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئەمگەكچىلەرگە ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئەمگەك جەريانىدا ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كەسپىي زىيان-زەخمەتنى ئازايتىشى كېرەك.
53-ماددا ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى غول قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا لايىھىلەش، تەڭلا ئىش باشلاش ئاساسىدا، تەڭلا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شەرت.
54-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنى زۆرۈر بولغان ئەمگەك مۇھاپىزەت بويۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى شەرت. كەسپىي زىيان-زەخمىتى بار مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
55-ماددا ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر مەخسۇس تەربىيىلىنىشى ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى شەرت.
56-ماددا ئەمگەكچىلەر ئەمگەك جەريانىدا بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىكى باشقۇرغۇچىلار قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوماندانلىق قىلسا، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلىسا، ئەمگەكچى ئۇنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەمگەكچى ساياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق قىلمىشلارنى تەنقىد قىلىش، پاش قىلىشقا ۋە ئۇ ھەقتە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
57-ماددا دۆلەت زەخىملىنىش- ئۆلۈش ھادىسىلىرىنى ۋە كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ستاتىستىكىلاش، مەلۇم قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك جەريانىدىكى زەخىملىنىش، ئۆلۈش ھادىسىلىرى ۋە كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ستاتىستىكىلايدۇ، مەلۇم قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

7-باب ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىش

58-ماددا دۆلەت ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارغا ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى يولغا قويىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچى، 16 ياشقا توشۇپ، 18 ياشقا توشمىغان ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
59-ماددا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كان قۇدۇقى ئاستىغا، دۆلەت بېكىتكەن 4-دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ئەمگەككە ۋە ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىشى چەكلەنەەن باشقا ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
60-ماددا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھېيىز مەزگىلىدە، ئېگىز جايدا، تۆۋەن تېمپىراتورا شارائىتىدا ۋە سوغۇق سۇدا مەشغۇلات قىلىشقا ھەمدە دۆلەت بېكىتكەن 3-دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
61-ماددا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھامىلىدار مەزگىلىدە دۆلەت بېكىتكەن 3-دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ئەمگەككە ۋە ھامىلىدار مەزگىلىدە شۇغۇللىنىش چەكلەنگەن ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. ھامىلىدار بولغاىنىغا يەتتە ئايدىن ئاشقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ۋە ئۇلارنى كېچىلىك ئىسمېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
62-ماددا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش 90 كۈندىن كەم بولمايدۇ.
63-ماددا ئېمىتىۋاتقان بالىسى بىر ياشقا توشمىغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى دۆلەت بېكىتكەن 3-دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە ئەمگەككە ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە شۇغۇللىنىش چەكلەنگەن باشقا ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ۋە كېچىلىك ئىسمېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
64-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى كان قۇدۇقى ئاستىغا، زەھەرلەيدىغان ۋە زىيان-زەخمەت يېتىدىغان ئەمگەككە، دۆلەت بېكىتكەن 4-دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە ئەمگەككە ۋە شۇغۇللىنىش چەكلەنگەن باشقا ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
65-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

8-باب كەسپىي تەربىيە

66-ماددا دۆلەت ھەرخىل يوللار ئارقىلىق، خىلمۇ-خىل دتەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەسپىي تەربىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
67-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي تەربىيىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شارائىتى يار بېرىدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي ستەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق كەسپىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.
68-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي تەربىيە تۈزۈمى ئورنىتىپ، كەسپىي تەربىيە خىراجىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاجرىتىپ ۋە ئىشلىتىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئەمگەكچىلەرنى كەسىپ جەھەتتىن پىلانلىق تەربىيىلىشى كېرەك.
تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر ئىش ئورنىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تەربىيىلىنىشى شەرت.
69-ماددا دۆلەت كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىپ، بەلگىلەنگەن كەسىپ بويىچە ماھارەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، كەسپىي سالاھىيەتنامە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا ھۆكۈمەت تەستىقلىغان تەكشۈرۈپ باھالاش ئاپپاراتلىرى مەسئۇل بولىدۇ.

9-باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق

70-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى تەسىس قىلىدۇ، ئەمگەكچىلەرنى ياشانغان، كېسەل بولغان، ئىش ئۈستىدە زەخىملەنگەن، ئىشسىز قالغان ۋە تۇغقان چاغلاردا ياردەم ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىمىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
71-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سەۋىيىسى ئىجتىمئاىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ماس كېلىشى كېرەك.
72-ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى سۇغۇرتىنىڭ تۈرىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ئۇنىڭدا جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ئىجتىمئاىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشى شەرت.
73-ماددا ئەمگەكچىلەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئىجتىمئاىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ:
(1) پېنسىيىگە چىققاندا؛
(2) كېسەل بولغاندا ياكى زەخىملەنگەندە؛
(3) ئىش ئۈستىدە زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغان ياكى كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا؛
(4) ئىشسىز قالغاندا؛
(5) تۇغۇتلۇق مەزگىلىدە.
ئەمگەكچى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.
ئەمگەكچىلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنىڭ شەرتى ۋە ئۆلچىمى قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلىنىدۇ.
ئەمگەكچىلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ۋاقتىدا تولۇق بېرىلىشى شەرت.
74-ماددا ئىجتىمئاىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن كىرىم-چىقىم قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلغۇچى ئاپپاراتلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى كىرىم-چىقىم قىلىش، باشقۇرۇش ۋە پايدىلىنىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيىسى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
75-ماددا دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن قوشۇمچە سۇغۇرتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ شەخسىي ئامانەت خاراكتېرىدىكى سۇغۇرتىنى يولغا قويۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
76-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ،ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرگە دەم ئېلىش، كۈتۈنۈش ۋە ساناتورىيىدە دەم ئېلىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار شارائىت يارىتىپ، كوللېكتىپ پاراۋانلىقنى ياىشىلاپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

10-باب ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى

77-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ئۈستىدە تالاش-تارتىش يۈز بەرسە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، دەۋا قىلسا بولىدۇ، كېڭىشىپ ھەل قىلىۋالسىمۇ بولىدۇ.
مۇرەسسە پرىنسىپى كېسىم ۋە دەۋا تەرتىپىگە باب كېلىشى كېرەك.
78-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىشتا قانۇنلۇق، ئادىل ۋە ۋاقتىدا بڭلۇش پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئەمگەك ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.
79-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى يۈز بەرگەندە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆز ئورنىدىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىگەندە، كېسىم قىلىشنى تەەلەپ قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتىنىڭ كېسىم قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتىنىڭ كېسىم قىلىشىنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. كېسىمگە قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
80-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچىئورۇندا ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇلسا بولىدۇ. ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى مۇرەسسە ھەيئىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋەكىلى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىلىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىدا مۇرەسسە ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىككى تەرەپ ئىجرا قىلىشى لازىم.
81-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتى ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ ۋەكىلى، تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتىنى مۇدىرلىقىنى ئەمگەك مەمۇرىيەت تارمىقىنىڭ ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدۇ.
82-ماددا كېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى كېسىم قىلىش ھەيئىتىگە يازما ئىلتىماسسۇنۇشى كېرەك. كېسىم قارارى ئومۇمەن ئىلتىماسنى تاپشۇرىۋالغان 60 كۈن ئىچىدە چىقىرىلىشى كېرەك. كېسىم قارارىغا پىكىر بولمىسا، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۇنى ئىجرا قىلىشى شەرت.
83-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى قىلغۇچىلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلار، كېسىمنى تاپشۇرىۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، كېسىم قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
84-ماددا كوللېكتىپ توختام ئىمزالاشتا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ئالاقىدار تەرەپلەرنى تەشكىللەپ ھەل قىلىپ قويسا بولىدۇ.
كوللېكتىپ توختامنى ئىجرا قىلىشتا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ كېسىمگە قايىل بولمىغانلار، شۇ قارارنى تاپشۇرىۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

11-باب نازارەتچىلىك-تەكشۈرۈش

85-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئۇنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.
86-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىدىكى نازارەتچى ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋەزىپە ئۆتىگەندە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە، زۆرۈر ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ھەمدە ئەمگەك سورۇنلىرىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىدىكى نازارەتچى ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋەزىپە ئۆتىگەندە، كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى شەرت.
87-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئادەمئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە نازارەت قىلىدۇ.
88-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

12-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

89-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك قائىدە-تۈزۈملىرى قانۇن-0نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ئەمگەكچىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
90-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئوراۇنلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
91-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئۇلارنى ئەمگەكچىلەرگە ئىش ھەققى بېرىشكە ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىسا بولىدۇ:
(1) ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالسا ياكى سەۋەبسىز كېچىكتۈرسە؛
(2) ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتىدىكى ئىش ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلسا؛
(3) ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بەرسە؛
(4) ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمگەكچىنىڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بەرمىسە.
92-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىك ئەبسلىھەلىرى بىلەن ساقلىقنى ساقلاش شارائىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ياكى ئەمگەكچىلەرگە زۆرۈر ئەمگەك مۇھاپىزىتى بويۇملىرى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى ئەسلىھەلىرى ھازىرلاپ بەرمىگەنلەرنى، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛ ھادىسىە پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن ئاپەتلەرگە تەدبىر قوللانماي، زور ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتا جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
93-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا زورلاپ، زور تەخىملىنىش ۋە ئۆلۈش ۋەقەسى سادىر قىلىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
94-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلارنى قانۇنسىز ئىشلەتكەن بولسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىر بولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
95-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ؛ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
96-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورلۆىنى ـاۋابكارلىقى بار كىشىلەرلۆە 15 كۈندىن ت،ۋەن تۇتۇش تۇرۇش، ـەرىمانە قويۇش ياكى ئالۆاھلاندۇرۇش ـازاسى بېرىدۇ، ـىنايەت شەكىللەنلگەن بولسا، جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
(1) ئەمگەكچىلەرنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق زورلاپ ئىشلەتكەن بولسا؛
(2) ئەمگەكچىلەرنى ھاقارەتلىگەن، ئۇلارغا تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى ئۇرغان، قانۇنسىز ئاختۇرغان ۋە قامىغان بولسا.
97-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۈچكە ئىگە بولمايدىغان توختامنى تۈزۈپ قويۇپ، ئەمگەكچىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شۇ ئورۇن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
98-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى ئەمگەك توختامىنى قەستەن تۈزمەي تۇرىۋالسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ .ئەمگەكچىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جفۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
99-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تېخى بىكار قىلىنمىغان ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىپ، ئەسلىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شۇ ئەمگەكچىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە چاتما تۆلەم جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
100-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى سەۋەبسىز تاپشۇرمىسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى بەلگىلىك مۇددەتتە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرمىغانلاردىن كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ ئالسا بولىدۇ.
101-ماددا ئادەمئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلسا، پاش قىلغۇچىلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
102-ماددا ئەمگەكچىلەر بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن مەخپىيەتلىككە دائىر ئىشلارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
103-ماددا ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى خفدىملار ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ۋە شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
104-ماددا دۆلەت خادىملىرى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ خادىملىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
105-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدا باشقا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا بەلگىلىمە بولسا، شۇ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

13-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

106-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ قانۇنغا ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچلىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇنى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
107-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 642 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01