جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دۆلەت تۆلەم قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دۆلەت تۆلەم قانۇنى

 

1994-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان)

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1-ماددا ماددا بۇ قانۇن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت تۆلىمىگە ئېرىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنبويىچە يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن دۆلەتتىن تۆلەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.
مۇشۇ قانۇن بەلگىلىگەن تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

2-باب مەمۇرىي تۆلەم

1-پاراگراف تۆلەم دائىرىسى
3-ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، جىسمانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق:
(1) پۇقرالارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختىتىپ قويغان ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانغان بولسا؛
(2) پۇقرالارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان بولسا؛
(3) ئۇرۇش قاتارلىق زورلۇق ھەرىكىتى ياكى باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ ئۇردۇرۇش قاتارلىق زورلۇق ھەرىكىتى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ زەخىملىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(4) قورال-ياراق، ئېھتىيات قوراللىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىپ، پۇقرالارنىڭ زەخىملىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(5) پۇقرالارنىڭ زەخىملىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بولسا.
4-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق:
(1) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، ئىجازەتنامە، گۇۋاھنامىنى ئىناۋەتسىز قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق مەمۇرىي جازا يۈرگۈزسە؛
(2) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش قاتارلىق مەمۇرىي مەجبۇرلار تەدبىرى قوللانسا؛
(3) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلپلىق قىلىپ مال-مۈلۈكلەرنى يىغىۋالسا ۋە سېلىق سېلىپ ھەق ئالسا؛
(4) مال-مۈلۈككە زىيان يەركۈزىدىغان باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلسا.
5-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، دۆلەت تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(1) مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتسىز خۇسۇسىي ھەرىكەتلىرى؛
(2) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان.؛
(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
2-پاراگراف تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار
6-ماددا زىيانغا ئۇچھرىغۇچى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
زىيانغا ئۇچرىغۇچى پۇقرا ئۆلەپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسى ۋە باشقا بېقىش مۇناسىۋىتى بار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
زىيانغا ئۇچرىغۇچى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئەمەلدىن قالغان بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
7-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگخلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، شۇ مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ھوقۇقنى ئورتاق يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، مەمۇرىي ھوقۇقنى ئورتاق يۈرگۈزگەن مەمۇرىي ئورگانلار ئورتاق تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.
قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلاتلار بېرىلگەن مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلات تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.
مەمۇرىي ئورگان ھاۋالە قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر ھاۋالە قىلغان مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ھاۋالە قىلغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.
تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئورگان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزىۋاتقان مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگان بولمىغاندا، تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئورگاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.
8-ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىققان بولسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىنى باشتا كەلتۈرۈپ چىقارغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارى زىياننى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن بولسا، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان زىياننىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەن قىسمىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
3-پاراگراف تۆلەم تەرتىپى
9-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 3-، 4-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىرى تۆلەم بېرىشى لزىم. تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەم تەلىپىنى ئالدى بىلەن تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانغا قويۇشى كېرەك. مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ۋە مەمۇرىي دەۋا قىلغاندا بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىدۇ.
10-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ئورتاق تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگاننىڭ قايسى بىرىدىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىۋېرىدۇ، تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار بۇ ئورگان ئالدى بىلەن تۆلەپ تۇرۇشى كېرەك.
11-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان زىيانغا ئاساسەن، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە خىل تۆلەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
12-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، ئىلتىما سسۇنۇش كېرەك. ئىلتىماسقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، يېشى، خىزمەت ئورنى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تولۇق نامى، تۇرار جايى ۋە قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇل خادىمىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ۋەزىپىسى؛
(2) كونكرېت تەلەپ، پاكىت، دەلىل-ئىسپات ۋە سەۋەبلىرى؛
(3) ئىلتىماس قىلغان يىل، ئاي، كۈن.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ئىلتىماس يېزىشتا قىيىنچىلىقى بولسا، باشقىلارغا يازدۇرسا بولىدۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.
13-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار ئىلتىماسنى تاپشۇرىۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 4-بابىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۆلەپ بېرىشى كېرەك. ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ تۆلەپ بەرمىسە ياكى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەم سوممىسىغا باشقىچە پىكىردە بولسا، ۋاقىت توشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خلەق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
14-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار زىياننى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكى بولغان خادىملارنى ياكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان تەشكىلات ياكى شەخسلەرنى تۆلەم ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بويرۇشى كېرەك.
قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك مەسئۇلىيىتى بار خادىملارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

3-باب جىنايى ئىشلار تۆلىمى
1- پاراگراف تۆلەم دائىرىسى
15-ماددا تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خفدىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا جىسمانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق:
(1) جىنايەت پاكىتى يوق ياكى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەيدىغان زور گۇماننى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق كىشىلەرنى خاتا توختىتىپ قويغان بولسا؛
(2) جىنايەت پاكىتى يوق كىشىلەرنى خاتا قولغا ئالغان بولسا؛
(3) سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپىگە ئاساسەن قايتا سوت قىلىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسلىدىكى ھۆكۈم بويىچە جىنايى جازا ئىجرا قىلغان بولسا؛
(4) قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى ئۇرۇش قاتارلىق زورلۇق قىلمىشلىرى ياكى باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ ئۇرغۇزۇش قاتارلىق زورلۇق قىلمىشلىرى پۇقرالارنىڭ زەخىملىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(5) قورال-ياراغ، ئېھتىيات قوراللىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىپ، پۇقرالارنىڭ زەخىملىنىشىنى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
16-ماددا تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش، يىغىۋېلىش قاتارلىق تەدبىر قوللانغان بولسا؛
(2) سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىنىپ، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسلىي ھۆكۈمنامىدىكى جەرىمانە قويۇش، مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسىنى ئىجرا قىلغان بولسا.
17-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دۆلەت تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(1) پۇقرالار ئۆزى قەستەن يالغان ئىقرار قىلغان ياكى جىنايەتكە ياتىدىغان يالغان دەلىل-ئىسپات ياساپ چىققانلىقتىن قامالغان ياكى جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا؛
(2) جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 14-، 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغان كىشىلەر قامالغان بولسا؛
(3) جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىىڭ 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان كىشىلەر قامالغان بولسا؛
(4) دۆلەتنىڭ تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتسىز بولغان خۇسۇسىي ھەرىكەتلىرى؛
(5) پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش، مېيىپ قىلىۋېلىش قاتارلىق قەستەن قىلمىشى بىلەن كېلىپ چىققان زىيانلار؛
(6) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
2-پاراگراف تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار
18-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.
19-ماددا دۆلەتنىڭ تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، شۇ ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ.
جىنايەت پاكىتلىرى يوق ياكى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەيدىغان زور گۇماننى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلار خاتا توختىتىپ قويۇلغان بولسا، توختىتىپ قويۇش قارارىنى چىقارغان ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ.
جىنايەت پاكىتلىرى يوق كىشىلەر خاتا قولغا ئېلىنغان بولسا، قىولغا ئېلىشنى قارار قىلغان ئورۇن تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ.
قايتا سوت قىلىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنسا، ئەسلىدىكى قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمنى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ. 1-سوت گۇناھسىز دەپ ھۆلۈم قىلسا، 1-سوتتا ھۆكۈم قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە قولغا ئېلىش قارارىن ىچىقارغان ئورگان ئورتاق تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ.
3-پاراگراف تۆلەم تەرتىپى
20-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 15-، 16-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىرى تۆلەم بېرىشى كېرەك.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 15-، 16-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، تەلەپنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگان ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەرمىسە، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەم تەلىپىنى ئالدى بىلەن تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانغا قويۇشى كېرەك.
تۆلەم تەرتىپىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 10-، 11-، 12-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
21-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار ئىلتىماسنى تاپشۇرىۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە بۇ قانۇننىڭ 4-بابىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۆلەم بېرىشى كېرەك. ۋاقىتنى ئۇزارتىۋېتىپ تۆلەم بەرمىسە ياكى تۆلەم سوممىسىغا باشقىچە پىكىردە بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋاقىت توشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇندا بلىدۇ.
تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسى بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
22-ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماسنى تاپشۇرىۋالغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىش كېرەك.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرىۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سڭت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قارار چىقارمىسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ۋاقىت توشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى تەڭ دەەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
23-ماددا ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە تۆلەم ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇ خەلق سوت مەھكىملىرىنىڭ ئۈچتىن يەتتىگىچە سوتچىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ.
تۆلەم ھەيئىتى تۆلەم قارارى چىقىرىشتا ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.
تۆلەم ھەيئىتى چىقارغان تۆلەم قارارى قانۇن كۈچىگە ئىگە قارار بولۇپ، ئىجرا قىلىش شەرت.
24-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار زىياننى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان خادىملارغا تۆلەم ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى تۆلىتىشى كېرەك:
(1) بۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ (4)، (5) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولسا؛
(2) دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، قانۇنغا خىلاپ ھۆكۈم قىلىش ھەرىكەتلىرى كۆرۈلسە؛
ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى سادىر قىلغان مەسئۇلىيىتى بار خادىملارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم.
4-باب تۆلەش شەكلى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
25-ماددا دۆلەت تۆلەمدە تۆلەم پۇلى تۆلەپ بېرىشنى ئاساسىي شەكىل قىلىدۇ.
مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولسا، مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بەرسە ياكى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بەرسە بولىدۇ.
26-ماددا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بولسا، ھەر كۈنلۈك تۆلەم پۇلى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
27-ماددا پۇقرالارنىڭ سالامەتلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بولسا، تۆلەم پۇلى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(1) جىسمانىي زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، داۋالاش پۇلى بېرىش، ئىشتىن قېلىپ كېمىيىپ كەتكەن كىرىمىنى تۆلەش كېرەك. كېمىيىپ كەتكەن كىرىمى ئۈچۈن بېرىلىدىغان كۈنلۈك تۆلەم پۇلى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ بەش ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ؛
(2) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي قالغان بولسا، داۋالاش راسخوتى، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى بېرىش كېرەك. مېيىپلىك تۆلەم پۇلى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن قالغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئون ھەىسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ، ئەمگەك كۈچىدىن پۈتۈنلەي قالغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقىيىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلار بېقىۋاتقان ئەمگەك ئىقتىدارى يوق قىىشلەرگىمۇ تۇرمۇش راسخوتى بېرىش كېرەك.
(3) ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، دەپنە پۇلى بېرىلىدۇ، ئومۇمىي سوممىسى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا بېقىۋاتقان ئەمگەك ئىقتىدارى يوق كىشىلەرگىمۇ تۇرمۇش راسخوتى بېرىش كېرەك.
ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (3) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن تۇرمۇش راسخوت ئۆلچىمى يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇتقۇزۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. بېقىۋاتقانلار ئىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولسا، تۇرمۇش راسخوتى 18 ياشقىچە بېرىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلارغا تۇرمۇش راسخوتى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بېرىلىدۇ.
28-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
(1) مەمۇرىي جەرىمانە قويغان، جەرىمانە قويغان، مال-مۈلكىنى ئېلىۋالغان، مۇسادىرە قىلغان ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلپلىق قىلىپ پۇل-مالنى يىغىۋالغان، سېلىق سېلىپ ھەق ئالغان، مال-مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك؛
(2) مال-مۈلۈكنى پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان، توڭلاتقان بولسا، مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مال-مۈلۈك بۇزۇلغان ياكى يوقاپ كەتكەن بولسا، بۇ ماددىنىڭ (3)، (4) تارماقچىلىرىدىكى بەلگخلىمە بويىچە تۆلەپ بېرىش كېرەك؛
(3) قايتۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىك مال-مۈلۈك بۇزۇلغاندا ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىسا زىياننىڭ دەرىجىسىگە قاراپ مۇناسىپ تۆلەم پۇلى بېرىش كېرەك؛
(4) قايتۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىك مال-مۈلۈك يوقاپ كەتكەن بولسا، مۇناسىپ تۆلەم پۇلى بېرىش كېرەك؛
(5) مال-مۈلۈك «كىم ئارتۇق سودىسى» قىلىپ سېتىۋېتىلگەن بولسا، سېتىۋەتكەن باھا بويىچە پۇل بېرىش كېرەك؛
(6) ئىجازەتنامە، گۇۋاھنامىنى ئىناۋەتسىز قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىش جەريانىدا بولغان زۆرۈر دائىملىق چىقىمنى تۆلەپ بېرىش كېرەك؛
(7) مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا باشقا زىيان يەتكەن بولسا، بىۋاسىتە زىيان قاتارىدا تۆلەپ بېرىش كېرەك.
29-ماددا تۆلەم راسخوتى ھەر دەرىجىلىك مالىيىنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
5-باب باشقا بەلگىلىمىلەر
30-ماددا تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار بۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىنىڭ (1)، (2) تارماقچىسى، 15-ماددىسىنىڭ (1)، (2) (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ھەمدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەن، دەپ قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى كەلتۈرگەن تەسىر دائىرە ئىچىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن تەسىرنى تۈگىتىش، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ناماقۇل بولۇش كېرەك.
31-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە مەمۇرىي دەۋا جەريانىدا دەۋا ئىشلىرىغا دەخلى قىلغۇچىلارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى ۋە ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قانۇنغا خىلپ ھالدا قوللانغان ياكى ھۆكۈم، كېسىم ۋە باشقا كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆجقەتلىرىنى خاتا ئىجرا قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش تەرتىپىگە بۇ قانۇننىڭ جىنايى ئىشلار تۆلەم تەرتىپىسىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
32-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكى ھەرىكىتى قانۇن بويىچە قانۇنغا خىلپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كۈندىن ئېتىبارەن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن قاماپ تۇرۇلغان ۋاقتى ھېسابلانمايدۇ.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكىنىڭ ئاخىرقى ئالتە ئېيى ئىچىدە يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەپ ياكى باشقا توسالغۇلار بىلەن تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىگەن بولسا، ۋاقىت چېكى توختىتىلىدۇ. ۋاقىت چېكىنى توختىتىش سەۋەبى تۈگىگەن كۈندىن ئېتىبارەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكى ئۇلاپ ھېسابلىنىدۇ.
33-ماددا چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى تەۋە دۆلەتلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇ دۆلەتكە قويغان تۆلەم ھوقۇقىنى قوغدىمىسا ياكى چەكلىسە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمۇ شۇ چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش پرىنسىپنى قوللىنىدۇ.
6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
34-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلسا، تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانلار ۋە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ھەرقانداق نامدا ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئېىرشكەن تۆلەم پۇلىدىن باج ئېلىنمايدۇ.
35-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 527 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01