پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتى

 

پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتى بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى يوللۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - چوقۇم دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولۇشى شەرت. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 251 - قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى 36 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىماسلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتمەسلىكى لازىم. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى 11 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىماسلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتمەسلىكى لازىم. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا، جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىدا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (1989 - يىل 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى) 41 - نومۇرلۇق سەككىزىنچى، قانۇنسىز ھالدا پۇقرالارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە ئائىت دېلولار (<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 147 - ماددىسى). دۆلەت خادىملىرىدا قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ياكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن قانۇنسىز ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ئارىلاشقان، دەخلى يەتكۈزگەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دېلو ئېچىش كېرەك: 1. مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىش ياكى مۇرىتلارنى دىنىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش، پۇقرالارنى دىنغا ئىشىنىشكە ياكى مەلۇم بىر مەزھەپكە ئىشىنىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولسا؛ 2. قانۇنلۇق دىنىي سورۇنلارنى ھەمدە باشقا دىنىي مۇئەسسەسەلەرنى قانۇنسىز ھالدا پېچەتلىۋەتكەن ياكى چېقىۋەتكەن بولسا؛ 3. ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە قانۇنسىز ھالدا ئارىلىشىپ ۋە دەخلى يەتكۈزۈپ، مىللىي ماجىرالارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا؛ 4. قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىپ باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا."
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 929 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01