باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىش جىنايىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىش جىنايىتى

 

بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ تەكلىپ بېرىش، جىنايەت نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش توسالغۇسىنى تۈگىتىش، ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقۇچىلارنى يوشۇرۇش، يۆتكىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملىشىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق كەيپىياتى ھەم باشقىلارنى جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرشقا ياردەملىشىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 358 - ماددا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 361 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىك خادىملاردىن ئۆز ئورنىنىڭ شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 358 -، 359 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى جاۋاب> (1992 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 3. باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملىشىش جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ <قارار> نىڭ 1 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملىشىش جىنايىتى دەپ، بىرلىشىپ باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ياردەمچى رول ئويناش قىلمىشى يەنى، مۇھاپىزەتچى، چوماقچى، ھېسابات باشقۇرغۇچى بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. <قارار> نىڭ 1 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملىشىش قىلمىشىنىڭ كونكرېت جىنايەت ئەھۋالى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئايرىم جازاسى بولۇپ، ئۇنىڭغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپىنىڭ 24 - ماددىسىدىكى ئەگەشكۈچى جىنايەتچىلەر توغرىسىدىكى پرىنسىپىنى تەتبىقلىماي، مۇستەقىل جىنايەت نامىنى بېكىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئايرىم جازانى تەتبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك. 9. <قارار> دا كۆرسىتىلگەن <باشقىلار>، <كۆپ ئادەم>، <كۆپ قېتىم> دېگەنلەرنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ (1) باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملەشكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغان دېگەن سۆزدىكى <باشقىلار> دەپ ئاساسلىقى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ (2) <قارار> ۋە مۇشۇ <جاۋاب> دىكى <كۆپ ئادەم>، <كۆپ قېتىم> دېگەن سۆزدىكى <كۆپ> <ئۈچ> تىن ئارتۇق ساننى كۆرسىتىدۇ (ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 327 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01