ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى

 

(ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 528 – يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى)
 
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ ھە تەلەپ دەۋا قانۇنى دېيىلىدۇ)نى توغرا تەتبىقلاش ئۈچۈن، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە سوت ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتىدە ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
 
بىرىنچى، باشقۇرۇش تەۋەلىكى
 
1. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 19 – ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن چەت ئەلگە چېتىشلىق چوڭ دېلولار تالاش – تارتىش نىشانىنىڭ سوممىسى كۆپ ياكى ئەھۋالى مۇرەككەپ ۋە ياكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولغان چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلولارنى كۆرسىتىدۇ.
2.پاتېنت ماجىراسىغا دائىر دېلولار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ئوتتۇرا خەلق سوت ەمھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بلىدۇ.
دېڭىز ئىشلىرى، دېڭىز سودىسىغا دائىر دېلولار دېڭىز ئىشلىرى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
2. ئۆلكىلىك،ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەكھىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 19 – ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسى، 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، دېلو ئەھۋالىنىڭ ئاددىيلىقى، مۇرەككەپلىكى، دەۋا نىشانى سوممىسىنىڭ ئاز – كۆپلىكى، شۇ جايدىكى تەسىرى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۆز تەۋەلىكىدىكى 1 – سوت قىلىنىدىغان دېلولارنىڭ دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەستىقلاتسا بولىدۇ.
4. پۇقرالارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى پۇقرالار نوپۇسقا ئېلىنغان جاينى كۆرسىتىدۇ، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى جايلاشقان جاي ياكى ئاساسلىق ئىش ئاپپاراتى جايلاشقان جاينى كۆرسىتىدۇ.
5. پۇقرالارنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى پۇقرالار ئولتۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ دەۋا قىلغانغا قەدەر ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئولتۇرغان جاينى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، پۇقرالار بالنىستا يېتىپ داۋالانغان جاي بۇنىڭ سىرتىدا.
6. جاۋابكار تەرەپنىڭ شەھەر – بازار نوپۇسى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 23 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكتىلىدۇ؛ ئىككىلا تەرەپنىڭ شەھەر – بازار نوپۇسى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسا، جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
7. نوپۇسىنى يۆتكەپ كېتىپ تېخى ئالغۇزمىغان دەۋالاشقۇچىلاردىن دائىم تۇرۇشلۇق جاي بولغانلىرىنىڭ دېلوسى شۇ جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىغانلىرىدىن نوپۇسىنى يۆتكەپ كەتكەنلىرىگە بىر يىل توشمىغانلىرىنىڭ دېلوسى ئەسلىي نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ بىر يىلدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنىڭ دېلوسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
8. دەۋالاشقۇچى ئىككىلا تەرەپ سولاقتا ياكى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقان بولسا، دېلو جاۋابكار ئەسلىي تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. جاۋابكار بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قامالغان ياكى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەنگەن بولسا، دېلو جاۋابكار قامالغان ياكى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەنگەن جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
9. ھالىدىن خەۋەر ئېلىش راسخوتى تەلەپ قىلىشقا ئائىت دېلودىكى بىرقانچە جاۋابكارنىڭ ئۇ تۇرۇشلۇق جايى بىر جايدا بولمىسا، دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ولىدۇ.
10. ۋەسىي بەلگىلەپ  بېرىشكە ياكى ۋەسىيلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل بولماسلىققا ئائىت دېلو ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
11. ھەربىي ئەمەس كىشى ھەربىي بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىدىغان دەۋادا ھەربىي مۈلكى ھەربىي بولمىسا، دېلو دەۋاگەر  ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچى ئىككىلا تەرەپ ھەربىي بولسا، دېلو جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى جاۋابكار تۇرۇشلۇق تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇن جايلاشقان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
12. ئەر – خوتۇنلاردىن بىرىنىڭ  ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان، يەنە بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان دېلو دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. ئەر  - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان، بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرشىش دەۋاسى قىلغان دېلو جاۋابكار دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىغانلىرىنىڭ دېلوسى دەۋاگەر دەۋا قىلغان چاغدا تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
13. دۆلىتىمىز تەۋەسى ئىچىدە نىكاھلانغان ھەمدە چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش ەۋاسىنى ئۇلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتتىكى سوت مەھكىمىسى نىكاھلانغان جايدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، دېگەن ئاساس بىلەن قوبۇل قىلمىغاچقا، دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان دېلو ئۇلار نىكاھلانغان جايدىكى ياكى بىر تەرەپ دۆلىتىمىز ئىچىدە ئاخىرىدا تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
14. چەت ئەلدە نىكاھلانغان ھەمدە چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسىنى ئۇلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتتىكى سوت مەھكىمىسى ئۆزلىرى تەۋە دۆلەتتىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، دېگەن ئاساس بىلەن قوبۇل قىلمىغاچقا، دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان دېلو بىر تەرەپ ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى دۆلىتىمىز ئىچىدە ئاخىرىدا ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
15. جۇڭگو پۇقرالىرىدىن بىر تەرەپ چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان، يەنە بىر تەرەپ دۆلىتىمىز ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان بولسا، قايسى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بىر تەرەپ ئولتۇراقلاشقان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولىدۇ. چەت ئەلدىكى بىر تەرەپ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بىر تەرەپ خەلق سوت مەكھىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا، دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولىدۇ.
16. جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئىككىلا تەرەپ چەت ئەلدە بولسىمۇ ئولتۇراقلاشمىغان بولۇپ، بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغانلىرىنىڭ دېلوسى دەۋاگەر ياكى جاۋابكار ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشى كېرەك.
17. ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى بولمىغان شېرىكلەشكەن پۇقرالار، شېرىكچىلىك تىپىدىكى بىرلەشمە گەۋدىلىك قىلغان دەۋالار جاۋابكار تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولسا، يەنە كېلىپ بىرقانچە جاۋابكار بىر جايدا بولمىسا، جاۋابكارلار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولىدۇ.
18. توختام ماجىراسىغا دائىر دۋالاردىن توختامنى ئەمەلىي ئادا قىلمىغانلىرى، يەنە كېلىپ دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى توختامدا بەلگىلەنگەن ئادا قىلىنىدىغان جايى بولمىانلىرى جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشى كېرەك.
19. سېتىۋېلىش – سېتىش توختامىدىكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ توختامدا مال تاپشۇرۇش ئورنىنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكەن مال تاپشۇرۇش ئورنى توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن بولسا، توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي مال تاپشۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ مالنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسا، مال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان جاي توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ؛ ئۆزى ئېلىپ كېتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسا، مال ئېلىپ كېتىلىدىغان جاي توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ؛ مال توشۇشقا ھاۋالە قىلىش ياكى ياغاچ ماتېرىيال، كۆمۈرنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان بولسا، مال توشۇلىدىغان جاي توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ.
سېتىۋېلىش – سېتىش توختامى ئەمەلىي ئادا قىلىنغان جاي بىلەن توختامدا پۈتۈشكەن مال تاپشۇرىدىغان جاي بىر جاي بولمىسا، ئەمەلىي ئادا قىلىنىدىغان قاي توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ.
20. پىششىقلاپ بېرىش توختامىدا، پىششىقلاپ بېرىلىدىغان جاي توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ، لېكىن توختامدا ئادا قىلىنىدىغان جاي پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
21. مال – مۈلۈك ئىجارە توختامى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىدا، ئىجارە بۇيۇمى ئىشلىتىلگەن جاي توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ، لېكىن توختامدا ئادا قىلىنىدىغان جاي پۈتۈشۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
22. تۆلەم سودىسى توختامدا، مەبلەغ قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان جاي توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ.
23. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 25 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن يازما توختامدىكى كېلىشىم توختامدىكى كېلىشمنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئائىت ماددا ياكى دەۋادىن ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تاللاش ھەققىدىكى كېلىشىمنى كۆرسىتىدۇ.
24. توختامدىكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تاللاش ھەققىدىكى كېلىشىمى ئېنىق بولمىسا ياكى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 25 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تاللىۋالغان بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تاللاش ھەققىدىكى كېلىشىم كۈچكە ئىگە قىلىنماي، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 24 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن بېكىتىلىدۇ.
25 . سۇغۇرتا توختامى ماجىراسىغا دائىر دەۋالاردا سۇغۇرتىدا نىشان قىلىنغان نەرسە ترانسىپورت قورالى ياكى توشۇلۇۋاتقان مال بولسا، دېلو جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى ترانسپورت قورالى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان جايدىكى، توشۇشتا مەنزىل قىلىنغان جايدىكى، سۇغۇرتا ھادىسىسى تۇغۇلغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
26. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 27 – ماددىسدا بەلگىلەنگەن ۋېكسېل چىقىم قىلىنىدىغان جاي ۋېكسىلغا يېزىلغان پۇل چىقىم قىلىنغان جاينى كۆرسىتىدۇ. ۋېكسىلغا پۇل چىىم قىلىنىدىغان جاي يېزىلمىغان بولسا، ۋېكسىل پۇل چىقىم قىلغۇچى (جۈملىدىن ۋاكالىتەن پۇل چىقىم قىلغۇچى) ئولتۇرۇشلۇق جايى ياكى ئاساسلىق تىجارەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايى ۋېكسېلغا پۇل چىقىم قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ.
27. ھەقدار چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىپ، دېلو قەرزدار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
28. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 29 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز  يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولغان جاي ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۆتكۈزۈلگەن جاينى، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش ئاقىۋىتى تۇغۇلغان جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
29. مەھسۇلات سۈپىتى لاياقاتسىز بولغانلىقتىن باشقىلار مال – مۈلۈك، جىسمانىي جەھەتتە زىيانغا ئۇچراپ قىلىنغان دەۋالاردا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىكى، سېتىلغان جايدىكى، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولغان جايدىكى ۋە جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولىدۇ.
30. تۆمۈر يول ترانسىپورتى توختامىغا دائىر ماجىرالار ۋە تۆمۈر يول ترانسپورتىغا ئالاقىدار ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش ماجىرالىرى تۆمۈريول ترانسپورتى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
31. دەۋادىن ئىلگىرى مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ھەققىدە دەۋالاشقۇچىلار مال – مۈلۈك تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋادىن ئىلگىرى مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىلار دەۋا قىلماقچى بولسا، دەۋادىن ئىلگىرى مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياكى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
32. دەۋالاشقۇچىلار دەۋادىن ئىلگىرى مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دەۋا قىلماي، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان دەۋا شۇ مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانغان خەلق سوت مەھكىمسىىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
33. ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان دەۋادا ئاۋۋال دېلو تۇرغۇزغاندىن كېيىن باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاۋۋال دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى سەزسە، تەكرار دېلو تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ؛ دېلو تۇرغۇزغاندىن كېيىن باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاۋۋال دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى سەزسە، كېسىم چىقىرىپ، دېلونى ئاۋۋال دېلو تۇرغۇزغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
34. دېلو قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى، دائىم تۇرۇشلۇق جايى ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
35. باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولغان خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مەمۇرىي رايوننىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئاساس قىلىپ، دېلونى ئۆزگەرگەندىن كېيىن باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىنكى نارازىلىق ئەرز دېولسى ۋە سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئالدۇرۇپ سوت قىلىنىدىغان دېلونى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىدۇ؛ 2 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇلغان ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى بۇيرۇغان دېلونى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىدۇ ياكى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىدۇ.
36. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 37 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تالىشىپ قالغان ئىككى خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭىشىپ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىشنى مەلۇم قىلغاندا، ئىككى تەرەپ بىر ۋىلايەت، بىر شەھەر تەۋەلىكىدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى شۇ ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىدا بەلگىلەپ بېرىدۇ؛ بىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر تەۋەلىكىدىكى ئىككى خەلق سوت مەھكىمىسى بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى شۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىدا بەلگىلەپ بېرىدۇ؛ ئىككى تەرەپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان خەلق سوت مەھكىمىسى بولۇپ، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىدا بەلگىلەپ بېرىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىشنى مەلۇم قىلىشتا دەرىجىمۇ دەرىجە مەلۇم قىلىنىدۇ.
37. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 37 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىشتە، مەلۇم قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋە بەلگىلەپ بېرىلگەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. مەلۇم قىلىنغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەۋالاشقۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
 
ئىككىنچى، دەۋاغا قاتناشقۇچىلار
 
38. قانۇنىي ئىگىنىڭ 1 – مەسئۇلى قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولىدۇ. 1 – مەسئۇلى بولمىسا، خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مۇئاۋىن مەسئۇلى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولىدۇ. قانۇنىي ئىگە مۇدىرىيەت ھەيئىتى تەسىس قىلغان بولسا، باش مۇدىر قانۇندا بەلگىلەنگنە ۋەكىلى بولىدۇ؛ قانۇنىي ئىگىدە باش مۇدىر بولمىسا، مۇدىرىيەت ھوقۇق بەرگەن مەسئۇلى قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولىدۇ.
قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان باشقا تەشكىلاتلارغا ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى ۋەكىل بولىدۇ.
39. دەۋا جەريانىدا قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ئالماشتۇرۇلغان بولسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن يېڭى ۋەكىل دەۋا ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن يېڭى ۋەكىلنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى ئىسپاتنى تاپشۇرۇشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەسلىدىكى ۋەكىلنىڭ دەۋا ھەرىكەتلىرى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە باشقا تەشكىلاتلار قاتناشقا دەۋالارغا باب كېلىدۇ.
40. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 49 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن باشقا تەشكىلاتلار قانۇنلۇ قۇرۇلغان، مۇئەييەن تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە مال – مۈلكى بولغان، بىراق قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار:
(1)                                قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان خۇسۇسىي شېرىكسىز كارخانىلار، شېرىكلەشكەن تەشكىلاتلار؛
(2) قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان شېرىكچىلىك تىپىدىكى بىرلەشمە كارخانىلار؛
(3) قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ دۆلىتىمىزدە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار، تاشقى مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار؛
(4) خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى تىزىملىتىش گۇۋاھنامىسى ئالغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار؛
(5) قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان ھەمدە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان تارماق ئاپپاراتلىرى؛
(6) جۇڭگو خەلق بانكىسى، كەسپىي بانكىلارنىڭ جايلاردا تەسىس قىلغان تارماق ئاپپاراتلىرى؛
(7) جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ جايلاردا تەسىس قىلغان تارماق ئاپپاراتلىرى؛
(8) تەستىقلاپ تىزىملاش ئارقىلىق تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان يېزا – بازار، مەھەللە، كەنت كارخانىلىرى؛
(9) مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا تەشكىلاتلار.
41. قانۇنىي ئىگە بويىچە تەسىس قىلمىغان تارماق ئاپپارات بولسا ياكى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالمىغان تارماق ئاپپارات بولسا، شۇ تارماق ئاپپاراتنى قۇرغان قانۇنىي ئىگە دەۋالاشقۇچى بولىدۇ.
42. قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىكى خادىملارنىڭ ۋەزىپە ھەرىكىتى ياكى ھوقۇق بېرىش ھەرىكىتى يۈزىسىدىن تۇغۇلغان دەۋالاردا شۇ قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار دەۋالاشقۇچى بولىدۇ.
43. يەككە سودا – سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكەن، شەخسلەر ياكى خۇسۇسىي كارخانىلار كوللېكتىپ كارخانىنىڭ نامىنى قوللانغان ھەمدە كوللېكتىپ كارخانىنىڭ نامىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، دەۋادا شۇ يەككە سودا – سانائەتچى، شېرىكلەشكەن شەخس ياكى خۇسۇسىي كارخانا بىلەن ئۇلار ئىسىمىنى قوللانغان كوللېكتىپ كارخانا ئورتاق دەۋا قىلغۇچى بولىدۇ.
44. دەۋا جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ۋارىسى بولسا، كېسىم ئارقىلىق دەۋا توختىتىلىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ۋارىسقا دەۋانى دەۋالاشقۇچى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ دەۋا ھەرىكىتى دەۋانى داۋاملاشتۇرغۇچى ۋارىسقا نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
45. يەككە سودا – سانائەتچىلەر، يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر، شېرىكلەشكەن تەشكىلاتلار ياللاپ ئىشلەتكەن ئادەملەر ياللاپ ئىشلىتىش توختامىدا بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقرىش، تىجارەت پائالىيىتى جەريانىدا باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ياللاپ ئىشلەتكۈچى دەۋالاشقۇچى بولىدۇ.
46. دەۋا جەريانىدا يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىغا تىزىملاتقان خوجايىنى دەۋالاشقۇچى بولىدۇ. تىزىملاتقان نامى بولسا، قانۇن ھۆججىتىدە ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك.
تىجارەت كىنىشكىسىدە تىزىملانغان خوجايىن بىلەن ئەمەلىي تىجارەت قىلغۇچى بىر ئادەم بولمىسا، خوجايىن بىلەن ئەمەلىي تىجارەت قىلغۇچى ئورتاق دەۋا قىلغۇچى بولىدۇ.
47. شېرىكلەشكەن شەخسلەرنىڭ ھەممىسى دەۋا جەريانىدا ئورتاق دەۋا قىلغۇچى بولىدۇ. شېرىكلەشكەن شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ تىزىملانغان نامى بولسا، قانۇن ھۆججىتىدە ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك. بارلىق شېرىكلەشكۈچىلەر ۋەكىل كۆرسەتسە بولىدۇ؛ كۆرسىتىلگەن ۋەكىلگە بارلىق شېرىكلەشكۈچىلەر كۆرسەتمە بېرىشى كېرەك.
48. دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرادا كېسىم ئاپپاراتى كېسىم ياكى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلار كېسىمگە ياكى مۇرەسسەگە قايىل بولماي خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا، دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ جاۋابكار بولىدۇ.
49. قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار تىزىملىتىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تىزىملاتماي، قانۇنىي ئىگە ياكى  باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا ھەق تەلەپ پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە ياكى باشقىلار قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا ھەق تەلەپ پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە ياكى قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ نامىدا ھەق تەلەپ پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار دەۋالاشقۇچى بولىدۇ.
50. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر قوشۇۋېتىلىپ، قوشۇۋېتىلىشتىن ئىلگىرىكى ھەق تەلەپ پائالىيىتى يۈزىسىدىن تۇغۇلغان ماجىرالاردا قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى كارخانا دەۋالاشقۇچى بولىدۇ؛ كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۆلۈۋېتىلىپ، بۆلۈۋېتىشتىن ئىلگىرىكى ھەق تەلەپ پائالىيتىى يۈزىسىدىن تۇغۇلغان ماجىرالاردا بۆلۈۋېتىلگەندىن كېيىنكى كارخانا ئورتاق دەۋا قىلغۇچى بولىدۇ.
51. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھېساباتى ئېنىقلانماي تۇرۇپلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، ئېنىقلاش تەشكىلاتى بولسا، شۇ ھېسابات ئېنىقلاش تەشكىلاتى دەۋالاشقۇچى بولىدۇ؛ ھېسابات ئېنىقلاش تەشكىلاتى بولمىسا، ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى چىقارغان ئاپپارات دەۋالاشقۇچى بولىدۇ.
52. كەسىپ تونۇشتۇرۇش خېتى، توختام تامغىسى، تامغا بېسىلغان ئاق توختامنامە ياكى بانكا ئىسچوتى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىلگەن بولسا، ئارىيەت بەرگۈچى ئورۇن بىلەن ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكۈچى ئورتاق دەۋا قىلغۇچى بولىدۇ.
53. كېپىللىك توختامى ماجىراسى يۈزىسىدىن قىلىنغان دەۋادا ھەقدار ئۆز ھوقۇقىنى كېپىل ۋە كېپىللىك قىلىنغۇچى ئالدىدا تەڭلا تەشەببۇس قىلغان  بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېپىلنى ۋە كېپىللىك قىلىنغۇچىنى ئورتاق جاۋابكار ھېسابلىىشى كېرەك؛ ھەقدار كېپىل ئۈستىدىلا دەۋا قىلغان بولسا، كېپىللىك توختامىدا كېپىل چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېپىللىك قىلىنغۇچىغا ئورتاق جاۋابكار سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ھەقدار كېپىللىك قىلىنغۇچى ئۈستىدىلا دەۋا قىلغان بولسا، كېپىللىك قىلىنغۇچى جاۋابكار ھېسابلانسا بولىدۇ.
54. مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش دەۋالىرىدا ۋارىسلاردىن بىر قىسمى دەۋا قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى باشقا ۋارىسلارغا ئورتاق دەۋاگەر سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ۋارىسلار دەۋاغا قاتنىشىشنى خالىمىسا، سۇبىستانسىيە ھوققىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق بىلدۈرمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى يەنىلا ئورتاق دەۋاگەر ھېسابلىىشى كېرەك.
55. ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا، ئورتاق دەۋا قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
56. ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى مال – مۈلۈك ھوقۇقى باشقىلارنىڭ دەخلى – تەرۇزىغا ئۇچراپ، ئورتاق ھوقۇققا ئىگە كىشىلەردىن بىر قىسمى دەۋا قىلىنغان بولسا، ئورتاق ھوقۇققا ئىگە باشقا كىشىلەر ئورتاق دەۋا قىلغۇچى ھېسابلىنىشى كېرەك.
57. ئورتاق دەۋا قىلىشقا تېگىشلىك دەۋالاشقۇچىلاردىن دەۋاغا قاتناشمىغانلىرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 119 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئۇلارغا دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشى، ئىلتىماس ئورۇنسىز بولسا، كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىشى؛ ئىلتىماس ئورۇنلۇق بولسا، كۆپەيتىلگەن دەۋالاشقۇچىلرغا دەۋاغا قاتنىشىش ھەققىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
58. خەلق سوت مەھكىمىسى ئورتاق دەۋالاشقۇچىلارنى قوشقاندا، باشقا دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. قوشۇشقا تېگىشلىك دەۋاگەرلەردىن سۇبىستانسىيە ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەنلىرى قوشۇلمىسىمۇ بولىدۇ ھەم دەۋاغا قاتنىشىشنى خالىمايدىغان، ھەم سۇبىستانسىيە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلار يەنىلا قوشۇلغان ئورتان دەۋاگەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار دەۋاغا قاتناشمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى سوت قىلىشىغا ۋە قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
59. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 54 – ۋە 55 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ بولۇش ئادەتتە ئوندىن ئارتۇق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
60. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنى 54 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ ئىكەنلىكى دەۋا قىلغاندا بېكىتىلگەن بولسا، بارلىق دەۋالاشقۇچىلار ئورتاق ۋەكىل كۆرسەتسە بولىدۇ، بىر قىسىم دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىلىنى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ؛ ۋەكىل كۆرسىتەلمىگەن دەۋالاشقۇچىلار زۆرۈر ئورتاق دەۋاغا ئۆزى قاتناشسىمۇ بولىدۇ، ئادەتتىكى ئورتاق دەۋادا باشقىدىن دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
61.   ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 55 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ ئىكەنلىكى دەۋا قىلغاندا بېكىتىلمىگەن بولسا، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ ئىكەنلىكى دەۋا قىلغاندا بېكىتىلمىگەن بولسا، دەۋالاشقۇچىلار ۋەكىل كۆرسىتىدۇ، دەۋالاشقۇچىلار كۆرسىتەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى نامزات كۆرستىپ دەۋالاشقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلەشسە بولىدۇ، مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلار ئارىسىدىن ۋەكىل بېكىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
62.                              ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 54 – ۋە 55 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ۋەكىل ئىككىدىن بەشكىچە بولىدۇ، ھەربىر ۋەكىل بىردىن ئىككىگىچە ئادەمگە دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
63. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 55 – ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە بىنائەن قوبۇل قىلىنغان دېلولاردا خەلق سوت مھكىمىسى ئېلان چىقىرىپ، ھوقۇقلۇق كىشىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ. ئېلان سۈرۈكى كونكرېت دېلو ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئەڭ ئاز بولغاندا 30 كۈندىن كەم بولمايدۇ.
64. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 55 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە تىزىمغا ئالدۇرغان دەۋالاشقۇچىلار دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ بىلەن بولغان قانۇن مۇناسىۋىتىنى ۋە تارقاتقان زىيىنىنى ئىسپاتلاپ بېرىشى كېرەك. ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى تىزىمغا ئېلىنمايدۇ ۋە دەۋالاشقۇچىلار باشقىدىن دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم – كېسىملىرى تىزىمغا ئالدۇرغان دائىرە ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدۇ.
65. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 56 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولغان 3 – كىشى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا تەلىپى، پاكىتى ۋە ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋلاشقۇچى بولۇشقا ھوقۇقلۇق؛ مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان 3 – كىشى دەۋاغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا دەۋاغا قاتنىشىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.
66. دەۋا جەريانىدا، مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان 3 – كىشى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ئۇلاردىن ھۆكۈم ئارقىلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىرىنىڭ نارازىلىق ئەرز بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ. لېكىن، بۇ 3 – كىشىنىڭ 1 – سوتتا دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا قارىتا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، دەۋا تەلىپىدىن كېچىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى دەۋادىن كېچىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
67. دەۋا جەريانىدا، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرنىڭ ۋەسىيسى ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى بولىدۇ. ۋەسىي ئالدىن بېكىتىلمىگەن بولسا، ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلاردىن دۋا ۋاكالەتچىسىنى بېكىتىپ بېرىدۇ. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 16 – ماددىسىنىڭ 1 -، 2 – تارمىقىدا ياكى 17 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىنىڭ 4 – تارمىقىدا ياكى 17 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تەشكىلات دەۋا ۋاكالەتچىسى قىلىپ بەلگىلەنسە بولىدۇ.
68. ئادۋوكاتلار دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق  - تۇغقانلىرى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن ياكى دەۋالاشقۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇن كۆرسەتكەن ئادەملەردىن سىرت، دەۋالاشقۇچىلار باشقا پۇقرالارنى دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇشقا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ياكى ۋاكالەتچىلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلار شۇنداقلا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇشقا مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارىغانلار دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇشقا بولمايدۇ.
69. ماددا دەۋالاشقۇچىلارنى ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىگە سوت ئېچىپ سوت قىلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى «تولۇق ھوقۇقلۇق ۋاكالەتچى» دەپ يېزىلىپ، كونكرېت ھوقۇق بېرىلمىگەن بولسا، دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ۋاكالىتەن ئېتىراپ قىلىش، ۋاز كېچىش، ئۆزگەرتىش ۋە يارىشىش، قارشى دەۋا قىلىش ياكى نارازىلىق ئەرز بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
 
ئۈچىنچى، دەلىل - ئىسپات
 
70. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەلىل – ئىسپات توپلاش، تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىرلىكتە ئىشلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش ماتېرىيالىغا تەكشۈرگۈچى، تەكشۈرۈلگۈچى، خاتىرىلىگۈچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.
71. دۋالاشقۇچىلار تەمىنلىگەن دەلىل – ئىسپاتلارغا خەلق سوت مەھكىمىسى تاپشۇرۇلغانلىق ھەققىدە ھۆججەت بېرىش، دەلىل – ئىسپاتنىڭ نامى، تاپشۇرۇلغان ۋاقتى، سانى، بەت سانىنى ئىزاھلاپ قويۇشى، ئۇنىڭغا سوتچى ياكى پۈتۈكچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.
72. دەلىل – ئىسپات سوتتا كۆرسىتىلىشى ھەمدە سوتتىكى مۇنازىرە، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. قانۇن بويىچە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا تېگىشلىك دەلىل – ئىسپاتلارنى سوتتا كۆرسىتىش – كۆرسەتمەسلىكنى خەلق سوت مەھكىمىسى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ قارار قىلسا بولىدۇ، كۆرسىتىشكە تېگىشلىكلىرىنىمۇ ئوچۇق سوتتا كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.
73. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 64  - ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشكە، توپلاشقا مەسئۇل بولىدۇ:
(1) دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزى توپلىيالمىغانلىرى؛
(2) خەلق سوت مەھكىمىسى باھالاش ۋە ئېنىقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرى؛
(3) دەۋالاشقۇچىلار تەمىنلىگەن دەلىل – ئىسپاتلاردىن ئۆزئارا زىت كېلىدىغانلىرى ۋە بېكىتكىلى بولمىغانلىرى؛
(4) خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆزى توپلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا دەلىل – ئىسپاتلار.
74. دەۋا جەريانىدا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولىدۇ. لېكىن، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈشكە ئائىت تۆۋەندىكى دەۋالاردا دەۋاگەر ئوتتۇرىغا قويغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش پاكىتلىرىدىن جاۋابكار ئىنكار قىلغانلىرىدا جاۋابكار دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىدۇ:
(1) مەھسۇلات ئىشلەش ئۇسۇلىغا دائىر كەشپىيات پاتېنتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى  - تەرۇز يەتكۈزۈش دەۋاسى؛
(2) بەك خەتەرلىك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن تۇغۇلغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش دەۋاسى؛
(3) مۇھىت بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلىتىش دەۋاسى؛
(4) بىنا ياكى باشقا ئەسلىھە شۇنىڭدەك بىناغا ئورنىتىلغان، ئېسىپ قويۇلغان نەرسە ئۆرۈلۈپ، ئاجراپ ۋە چۈشۈپ كېتىپ، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن تۇغۇلغان ھوقۇققا دەخلى – تەۇرز يەتكۈزۈش دەۋاسى؛
(4) بىنا ياكى باشقا ئەسلىھە شۇنىڭدەك بىناغا ئورنىتىلغان، ئېسىپ قويۇلغان نەرسە ئۆرۈلۈپ، ئاجراپ ۋە چۈشۈپ كېتىپ، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن تۇغۇلغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش دەۋاسى؛
(5) بېقىۋاتقان ھايۋاننى باشقىلار زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن تۇغۇلغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش دەۋاسى؛
(6) ئالاقىدار قانۇنلاردا جاۋابكار دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى.
75. تۆۋەندىكى پاكىتلارغا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى ھاجەتسىز:
(1) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپنىڭ بايان قىلغان دېلو پاكىتىنى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسا؛
(2) ھەممە بىلىدىغان پاكىت ۋە تەبىئىي قانۇنىيەت ھەمدە قائىدە بولسا؛
(3) قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ياكى بىلىپ بولغان پاكىتقا ئاساسەن، باشقا پاكىتنى مۆلچەرلىگىلى بولسا؛
(4) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم – كېسىملىرىدە بېكىتىلگەن پاكىت بولسا؛
(5) كۈچكە ئىگە جامائەت گۇۋاھلىق خېتىدە ئىسپاتلانغان پاكىت بولسا.
76. دەۋالاشقۇچىلار دەلىل – ئىسپاتنى دەمال تاپشۇرۇپ بېرەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق سۈرۈك بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرۇشقا ھەقىقەتەن قۇربى يەتمىسە، سۈرۈك توشۇشتىن ئىلگىرى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۇزارتىلىدىغان سۈرۈكنى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىدۇ.
77. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 65 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئالاقىدار ئورۇنلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان ئىسپات ھۆججىتىگە شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى ھەمدە ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلىشى كېرەك.
78. دەلىل – ئىسپات ماتېرىيالى تەقلىدىي نۇسخا بولۇپ، تەمىن ئەتكۈچى ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىشنى رەت قىلغاندا ئىسپاتلايدىغان باشقا ماتېرىيال بولمىسا، يەنە كېلىپ دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ ئېتىراپ قىلمىسا، ئۇنى دەۋادا پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
 
تۆتىنچى، سۈرۈك ۋە يەتكۈزۈش
 
79. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 75 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەق تەلەپ دەۋالىرىدا كۈن بىلەن ھېسابلىنىدىغان سۈرۈكلەر ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
80. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 112 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دېلو تۇرغۇزۇش مۆھلىتى دەۋاگەر دەۋا خېتىنىڭ كەم قالغان مەزمۇنلىرىنى تولۇقلاشقا بۇيرۇلۇپ، بۇنى تولۇقلاپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە چۈشۈرۈپ بەرگەن ياكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خەل سوتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن دېلولاردا دەۋانى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى خەلق سوتى دەۋا خېتىنى تاپشۇرۇلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلايدۇ.
81. دەۋا ھۆججەتلىرىنى قانۇنىي ئىگىلەرگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە، قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى ياكى ئىشخانا، خەۋەرلىشىش بۆلۈمى، دىجورنىخانىسى قاتارلىقلارنىڭ تاپشۇرۇۋېلىشقا مەسئۇل ئادەملىرى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى، ئىمزا قويۇشقا ياكى تامغا بېسىشقا ئۇنىمىسا، قالدۇرۇپ قويۇش يولى بىلەن يەتكۈزۈلۈشى كېرەك.
82. تاپشۇرۇۋالغۇچى دەۋا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا، ئالاقىدار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار ياكى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقا گۇۋاھچىلار يەتكۈزمىنى ئۇچۇر قەغىزىگە ئەھۋالنى ئېنىق يېزىپ، يەتكۈزۈلىدىغان ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايغا قالدۇرۇپ قويسا يەتكۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.
83. تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى تاپشۇرۇۋالغۇچىغا يەتكۈزۈپ بەرسىمۇ، ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسىگە يەتكۈزۈپ بەرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. تاپشۇرۇۋالغۇچى دەۋا ۋاكالەتچىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغۇچى قىلىپ بېكىتكەن بولسا، دەۋا ۋاكالەتچىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشتە قالدۇرۇپ قويۇش يولى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
84. مۇرەسسەنامە قالدۇرۇپ قويۇش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى دەۋالاشقۇچى ئۆزىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچى ئۆزى بىرەر سەۋەب بىلەن تاپشۇرۇۋالالمايدىغان بولسا، ئۇ بېكىتكەن ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغۇچى تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك.
85. پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈشتە، يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزى قوشۇپ ئەۋەتىلىشى كېرەك. زاكاز خەتنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە يېزىلغان تاپشۇرۇۋېلىنغان ۋاقىت بىلەن يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە يېزىلغان تاپشۇرۇۋېلىنغان ۋاقىت بىردەك بولمىسا ياكى يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزى ئەۋەتىپ بېرىلمىگەن بولسا، زاكاز خەتنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە يېزىلغان تاپشۇرۇۋېلىنغان ۋاقىت يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت بولىدۇ.
86. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 80 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچى سوت مەھكىمسى ھاۋالە ئالاقىسىنى ئەۋەتىپ ھەمدە ئۇنىڭغا قوشۇپ يەتكۈزۈش زۆرۈر بولغان دەۋا ھۆججىتىنى ۋە يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزىنى ئەۋەتىشى، زاكاز خەتنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە يېزىلغان تاپشۇرۇۋېلىنغان ۋاقىتنى يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت ھېسابلىىشى كېرەك.
87. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 81 – ماددىسى ۋە 82 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، دەۋا ھۆججىتى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشىگە تاپشۇرۇلغان بولسا، تاپشۇرۇۋالغۇچى يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە يازغان تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىت يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت بولىدۇ.
88. ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈشتە، ئېلان سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق جايغا چاپلانسىمۇ، گېزىتكە بېسىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ؛ ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈش ئۇسۇلىغا قارىتا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، تەلەپ قىلنغان ئۇسۇل بويىچە ئېلن چىقىرىلىشى كېرەك. ئېلان سۈرۈكى توشقاندا  يەتكۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.
89 . دەۋا خېتىنىڭ ياكى نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈشتە، دەۋانىڭ ياكى نارازىلىق ئەرزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ جاۋاب بېرىش مۆھلىتى ۋە مۆھلەت ئۆتكۈچە جاۋاب بەرمەسلىكنىڭ قانۇن ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك؛ چاقىرىق قەغىزىنى ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈشتە، سوتقا قاتنىشىدىغان ئورنى، ۋاقتى ۋە مۆھلەت ئۆتكۈچە سوتقا قاتناشماسلىقنىڭ قانۇن ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك؛ ھۆكۈمنامە، كېسىمنامىنى ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈشتە، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش، ئۇ 1 – سوتتا چىقىرىلغان بولسا، نارازىلىق ئەرز بېرىش ھوقۇقى، نارازىلىق ئەرز بېرىش مۆھلىتى ۋە نارازىلىق ئەرز بېرىدىغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك.
90. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈمنى قەرەل بەلگىلەپ ئېلان قىلىشتا، دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈمنامە، كېسىمنامىنى تاپشۇرۇۋالمىسا، يەتكۈزۈلدى دەپ ھېسابلاش ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىش خاتىرىسىگە ئېنىق يېزىپ قويۇش كېرەك.
 
بەشىنچى، مۇرەسسە قىلىش
 
91. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قانۇن مۇناسىۋەتلىرى ئايدىڭ، پاكىتلىرى ئېنىق دەپ قارىسا، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.
92. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، ئۆزى ئىختىيار قىلىش ۋە قانۇنلۇق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ مۇرەسسە قىلىشنى زادى خالىمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا مۇرسسە قىلىشى كېرەك. بىراق، ھۆكۈم چىقارماي، مۇرەسسە قىلىۋەرمەسلىكى كېرەك.
93. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونى مۇرەسسە قىلغاندا دەۋالاشقۇچىلار سوتقا قاتنىشالمايدىغان بولسا، ئۇلار ئلاھىدە ھوقۇق بېرىپ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىلەر مۇرسسەگە قاتناشسا بولىدۇ، ھاسىل قىلغان مۇرەسسە كېلىشىمىگە ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى ئىمزا قويسا بولىدۇ.
ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئەھۋاللار بىلەن سوتتىكى مۇرەسسەگە قاتنىشالمايدىغان بولسا، يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
94. ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلىرى دەۋالىشىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى بىلەن يەنە بىر تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ھۆكۈمنامە تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ھۆكۈمنامە تەييارلاپ چىقىلسا بولىدۇ.
95. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ مۇرەسسەنامىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا، مۇرەسسەنامە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بۇ ھەقتە دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
96. مۇرەسسەنامىنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولمىسا، دەۋالاشقۇچىلار كېيىن مۇرەسسەنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ قول قويغان ۋاقىت مۇرەسسەنامە كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت ھېسابلىنىشى كېرەك.
97. مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان 3 – كىشى دەۋاغا قاتناشقان دېلونى خەلق سوت مەھكىمىلىرى مۇرەسسە قىلىشتا، مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان 3  - كىشىنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيىتىنى بېكىتىشكە توغرا كەلسە، 3 – كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، مۇرەسسەنامىنى 3 – كىشىگىمۇ يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. 3 – كىشى مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى يېنىۋالسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.
 
ئالتىنچى، مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ۋە ئالدىن ئىجرا قىلىش
 
98. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 92 -، 93 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، دەۋادىن بۇرۇن مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنى كېپىللىك بېرىشكە بۇيرۇغاندا، بەرگەن كېپىللىكنىڭ مىقدارى تەلەپ قىلىنغان ئامانلىق ساقلاش مىقدراىغا تەڭ بولۇشى كېرەك.
99. خەلق سوت مەھكىمىلىرى پەسىللىك تاۋار، يېڭى يېمەكلىك، ئاسان چىرىيدىغان، سېسىيدىغان نەرسە ۋە ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغان باشقا نەرسىلەرگە قارىتا ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللانغاندا، دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنى بۇيرۇپ، پۇلنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ساقلاپ قويسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سېتىۋېتىپ پۇلنى ساقلاپ قويسا بلىدۇ.
100. خەلق سوت مەھكىمىلىرى مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش جەريانىدا مال  - مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرىنى قوللانغاندا، پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان مال – مۈلۈكنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك. بۇ مال – مۈلۈكنى دەۋالاشقۇچىلار، ساقلاشقا مەسئۇل ئالاقىدار ئورۇنلار ياكى شەخسلەر شۇنىڭدەك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
101. خەلق سوت مەھكىمىلىرى كۆچمەس مۈلۈك ۋە مۇئەييەن كۆچمە مۈلۈك (مەسىلەن، ئاپتوموبىل، پاراخوت – كېمە قاتارلىقلار)نى ئامان ساقلاشتا، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئائىت ئالاقىدار گۇۋاھنامە – كىنىشكىلارنى تۇتۇپ ھەمدە مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىمغا ئالغۇچى ئالاقىدار تارماقلارغا شۇ مال – مۈلۈكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشتەك ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇ مال – مۈلۈكنى پېچەتلىسە ياكى تۇتۇپ قالسىمۇ بولىدۇ.
102. خەلق سوت مەھكىمىلىرى گۆرۈ نەرسىلەر، قالدۇرۇپ قويۇلغان نەرسىلەرگە قارىتا ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ، بىراق گۆرۈ ھوقۇقىغا، قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
103. 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلار 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرز بەرگەن دېلونى تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىلگىرى، دەۋالاشقۇچىلاردا مال  - مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىش، يوشۇرۇپ قويۇش، سېتىۋېتىش ياكى زىيانغا ئۇچراشتەك ئىشلار كۆرۈلگەنلىكتىن، مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، 1 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسى ياكى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. 1 – سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى تەييارلاپ چىققان مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ھەققىدىكى كېسىم 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا يوللاپ بېرىلىشى كېرەك.
104. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قەرزدارنىڭ قەرەلى توشقاندا، ئېرىشىدىغان پايدىسىغا قارىتا ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۇنىڭ چىقىم قىلىشى ۋە ئېلىشىنى چەكلىسە، ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىجراغا ھەمكارلىشىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلسا بلىدۇ.
105. قەرزدارنىڭ مال – مۈلكى ئامان ساقلاش ھەققىدىكى تەلەپنى قاندۇرالمىسىمۇ، ئۇنىڭ 3 – كىشى ئالدىدا قەرەلى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەقدارنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، بۇ 3 – كىشى قەرزىنى شۇ دېلودىكى ھەقداردىن تۆلىتىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كېسىم چىقارسا بولىدۇ. بۇ 3 – كىشى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى پۇل، نەرسە ياكى مال پۇلىدىن ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
106. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئالدىن ئىجرا قىلىش تەدبىرىنى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرقى سوت ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىلگىرى قولىنىشى كېرەك. ئالدىن ئىجرا قىلىش دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا تەلىپى دائىرىسى ھەمدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بىلەن چەكلىنىشى كېرەك.
107. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 97 – ماددىسىنىڭ (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن جىددىي ئەھۋاللار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) دەرھال زىياننى توختىتىش، توسالغۇلارنى تۈگىتىش زۆرۈر بولۇش؛
(2) مەلۇم ئىشنى دەرھال چەكلەش زۆرۈر بولۇش؛
(3) ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى، ئىشلەپچىقىرىش قورالى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان مال پۇلىنى دەرھال قايتۇرۇش زۆرۈر بولۇش؛
(4) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان سۇغۇرتا تۆلەم ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىش.
108. ئامان ساقلاش ھەققىدە كېسىم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلغانلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىكار قىلىشنى قارار قىلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش ھەققىدە كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش مۆھلىتى ئىچىدە ھەرقانداق ئورۇن ئامان ساقلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ.
109. دەۋا جەريانىدا مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ھەققىدىكى كېسىم ئومۇمەن كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتى ئىجرا قىلىنغانغا قەدەر كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. دەۋا جەريانىدا ئامان ساقلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋاقتىدا كېسىم چىقىرىپ، ئامان ساقلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك.
110. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلار مال – مۈلكىنى ئامان ساقلاش، ئالدىن ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى كېسىمگە قايىل بولماي، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۇنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. كېسىم توغرا بولسا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى كېرەك؛ كېسىم نامۇۋاپىق بولسا، ئەسلىدىكى كېسىمنى ئۆزگەرتىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش ھەققىدە يېڭى كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
111. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالدىن ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم بويىچە ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدىن ئىجرا قىلىشتا ئېرىشكەن مەنپەئەتنى قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 214 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
 
يەتتىنچى، ھەق تەلەپ دەۋالىرىغا دەخلى قىلغۇچىلارغا قوللىنىلىدىغان
مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى
 
112. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 100 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سوتقا كېلىشى شەرت بولغان جاۋابكار ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بېقىپ تەربىيىلەش ۋە يار – يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بولغان ۋە سوتقا كەلمىسە دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان جاۋابكارنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن دۆلەت، كوللېكتىپنى ياكى باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلىرى سوتقا كېلىشى شەرت بولسىمۇ، چاقىرىق قەغىزى بىلەن ئىككى قېتىم چاقىرتىلغاندا يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ سوتقا كەلمىسە، ئۇلارمۇ مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىنسە بولىدۇ.
113. مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىشتە مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىش قەغىزى ئىشلىتىلىشى ھەمدە ئۇ مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىنگۈچىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى شەرت؛ مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭغا سوتقا كەلمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى چۈشەندۈرۈپ قويۇلۇشى كېرەك، تەنقىدىي تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن يەنىلا سوتقا كەلمىگەنلەر مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىنسە بولىدۇ.
114. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 101 -، 102 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا ۋە باشقا كىشىلەرگە قارىتا توختىتىپ قيۇش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلگەندە، مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، توختىتىپ قويۇش ھەققىدە قارار چىقىرىپ، توختىتىپ قويۇلغۇچىنى ئەدلىيە ساقچىلىرى ئارقىلىق شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
115. توختىتىپ قويۇلغۇچى ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايوندا بولمىسا، توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى توختىتىپ قويۇلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ مەھكىمىگە ئىجراغا ھەمكارلىشىشنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىدا ئادەم ئەۋەتىپ ئىجراغا ھەمكارلاشتۇرۇشى كېرەك. توختىتىپ قويۇلغۇچى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى ياكى توختىتىپ قويۇلغان مەزگىلدە خاتالىقىنى ئىقرار قىلغانلىقى ھەمدە تۈزەتكەنلىكى ئۈچۈن، توختىتىپ قويۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەكلىپنى يەتكۈزۈشى ياكى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ھاۋالە قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قارار قىلىشى كېرەك.
116. سوتخانىدا جېدەل چىقىرىش، سوتخانىغا بېسىپ كىرىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشتەك جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىكتىن، دەرھال توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلگەندە، توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن دەرھال مەھكىمە باشلىقىغا مەلۇم قىلىپ، تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى تولۇقلاش كېرەك. مەھكىمە باشلىقى توختىتىپ قويۇشنى لايىق كۆرمىسە، توختىتىپ قويۇشنى بىكار قىلىشى كېرەك.
117. توختىتىپ قويۇلغۇچى توختىتىپ قويۇلغان مەزگىلدە خاتالىقىنى تونۇپ توۋا قىلسا، توۋىنامە يازدۇرۇلۇپ، توختىتىپ قويۇش مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىنسا بولىدۇ، توختىتىپ قويۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىشتا، مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى ئېلىنىپ ھەمدە توختىتىپ قويۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىش قارارى چىقىرىلىپ، باشقۇرۇشقا مەسئۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.
118. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 101 -، 102 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى، توختىتىپ قويۇش جازاسىنى ئۇدا بېرىشكە بولمايدۇ. بىراق، ھەق تەلەپ دەۋاسىغا دەخلى قىلىدىغان يېڭى قىلمىشنى سادىر قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قايتا مەمۇرىي جەرىمانە قويسا، توختىتىپ قويسا بولىدۇ.
119. ھەق تەلەپ دەۋاسىغا دەخلى قىلىدىغان ئوخشاش قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلارغا مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى، توختىتىپ قويۇش جازاسىنى ئۇدا بېرىشكە بولمايدۇ. بىراق ھەق تەلەپ دەۋاسىغا دەخلى قىلىدىغان يېڭى قىلمىشنى سادىر قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قايتا مەمۇرىي جەرىمانە قويسا، توختىتىپ قويسا بولىدۇ.
120. ھەق تەلەپ دەۋا قاننىنىڭ 106 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قەرزنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويغان ياكى باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى قانۇنسىز ھالدا ئاستىرتىن تۇتۇپ قالغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر توختىتىپ قويۇشتا، ئۇلارغا مەمۇرىي جەرىمانە قويۇشتا شۇ قانۇننىڭ 104 – ۋە 105 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلىسا بولىدۇ.
121. مەمۇرىي جەرىمانە قويۇلغۇچى، توختىتىپ قويۇلغۇچى مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش ھەققىدىكى قارارغا قايىل بولماي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەش كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدە تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە ۋە دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
122. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىشتا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى نامۇۋاپىق ھېسابلىسا، قارار تەييارلاپ چىقىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ توختىتىپ قويۇش، مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش قارارىنى كۈچتىن قالدۇرۇشى ياكى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئەھۋال جىددىي بولسا، ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئىچىدە قارارنى ئەۋەتسە بولىدۇ.
123. دەۋالاشقۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 102 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ (6) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ:
(1) قانۇن ھۆججىتى قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن مال – مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، يۆتكىۋېتىپ، سېتىۋېتىپ، زىيانغا ئۇچرىتىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنى ئىجرا قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانلار؛
(2) خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن دەخلى قىلغان ياكى قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر؛
(3) خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە، مۇرەسسەنامىلىرىنى ۋە چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلمىغانلار.
124. ئالاقىدار ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ:
(1) خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن توڭلىتىلغان ئامانەت پۇلنى ئۆز مەيلىچە يۆتكىۋەتكەنلەر ياكى توڭنى ئۆز مەيلىچە ئېرىتكەنلەر؛
(2) ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ بانكىدىكى ئامانەت پۇلنى سۈرۈشتۈرۈشى، توڭلىتىشى، ئاجرىتىۋېلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلار؛
(3) خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجراغا ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنى يۆتكىۋېتىشى، يوشۇرۇشىغا ھەمكارلاشقانلار.
125. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 101 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار خادىملارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا توغرا كەلسە، شۇ دېلونى سوت قىلغان سوت تەشىلاتى بىۋاسىتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ھۆكۈم چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پىكرىنى بايان قىلىشىغا ياكى ھاۋالە قىلىنغان ئاقلىغۇچىنىڭ ئاقلىشىغا رۇخسەت قىىنىشى كېرەك.
126. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 102 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ (6) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار خادىملارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا توغرا كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
127. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102 – ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدىكى ۋە 106 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، ئالاقىدار خادىملارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا توغرا كەلسە، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
 
سەككىزىنچى، دەۋا ھەققى
 
128.                            ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 93 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مال – مۈلۈكنى دەۋادىن ئىلگىرى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلغانلار دەۋا ھەققىنى «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى»نىڭ  8 – ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرىدۇ.
129.                            ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 55 – ماددىسىغا بىنائەن سوت قىلىنىدىغان دېلودا قوبۇل قىلىش ھەققى ئالدىن تاپشۇرۇلمايدۇ، ئۇنى دېلو ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، دەۋادا يېڭىلگۈچى دەۋا نىشانىنىڭ سوممىسى بويىچە تاپشۇرىدۇ.
130.                            ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 55 – ماددىسىنىڭ 4 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، تىزىمغا ئالدۇرشقا قاتناشمىغان ھوقۇق ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى»نىڭ 8 – ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى»نىڭ 8 – ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلش ھەققى تاپشۇرىدۇ.
131. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقارغان دېلودا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھەققى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز. دەۋالاشقۇچىلار كېسىمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرز بەرسە، دەۋا ھەققىنى «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى»نىڭ 5 – ماددىسىنىڭ (3) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرىدۇ.
132. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 189 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار ھەربىر دېلو ئۈچۈن 100 يۈەن ئىلتىماس ھەققى تاپشۇرىدۇ. قەرزدار باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن ھەيدەكچىلىك تەرتىپى ئاياغلاشتۇرۇلغان بولسا، ئىلتىماس ھەققىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قەرزدار باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، ئىلتىماس ھەققىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
133. ھەيدەكچىلىك تەرتىپى ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەقدار باشقىدىن دەۋا قىلسا، «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى» بويىچە دەۋا ھەققى تاپشۇرىدۇ.
134. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 193 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار ھەربىر دېلو ئۈچۈن 100 يۈەن ئىلتىماس ھەققى تاپشۇرىدۇ. ئىلتىماس ھەققى بىلەن ئېلان ھەققىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
135. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 196 – ماددىسى، 198 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغانلار «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى»نىڭ 5 – ماددىسىنىڭ (4) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دېلو قوبۇل قىلش ھەققى تاپشۇرىدۇ.
136. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 199 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەيران بولغانلىقىنى ئىلتىماس قىلغانلاردىن قەرز قايتۇرىدىغانلىرى دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرمىسا بولىدۇ، ۋەيرانچىلىق ھەققى ۋەيران بولغانلارنىڭ مال – مۈلكىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.
137. خەلق سوت مەھكىمىلىرى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئالدۇرۇپ يېڭىۋاشتىن سوت قىلىدىغان دېلودا ۋە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنغان دېلولاردىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەنلىرىدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھەققى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز.
138. ھاۋالە بويىچە ئىجرا قىلىشتا، ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ. ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئەمەلىي چىقىم قىلىنغان خىراجەت «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى» بويىچە ئېلىنىدۇ.
 
توققۇزىنچى، 1 – سوتنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى
 
139. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاردىن قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك. دېلو تۇرغۇزغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىانلىقى سېزىلگەن دەۋالارنى رەت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ.
قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى كېسىمنامىگە تەكشۈرۈپ دېلو تۇرغۇزۇشقا مەسئۇل سوتچى، پۈتۈكچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى يېزىلىدۇ؛ دەۋانى رەت قىلىش ھەققىدىكى كېسىمنامىگە شۇ دېلونى قاراپ چىقىشقا مەسئۇل بولغان سوتچى، پۈتۈكچىنىڭ ئىسىم –  فامىلىسى يېزىلىدۇ.
140. دەۋالاشقۇچىلار دەۋا خېتىدە تىل – ئاھانەت قىلغانلىقتىن ۋە شەخسكە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى يەتكۈزۈپ بېرىلسە زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كېتىش ۋە دېلونى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇش ئېھتىمالى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇلارنى ھەققەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تۈزىتىپ قويۇشقا سۆز بىلەن قايىل قىلىشى كېرەك. تۈزەتمەي تۇرۇۋالسا، دەۋا خېتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى يەتكۈزۈپ بېرىلسە بولىدۇ.
141. شۇ مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولمىغان دېلودا دەۋاگەرگە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش ئۇقتۇرۇپ قويۇلىدۇ؛ دەۋاگەر دەۋا قىلىپ تۇرۇۋالسا، قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىلىدۇ؛ دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن شۇ مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكى سېزىلگەن دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك.
142. دەۋانى قوبۇل قىلماسلىق، رەت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلغان دېلولاردىن دەۋاگەر يەنە دەۋا قىلغانلىرى دەۋا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
143. دەۋاگەرلەر دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئالدىن تاپشۇرمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇلارغا ئالدىن تاپشۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن يەنىلا ئالدىن تاپشۇرمىغانلىرى ياكى كېمەيتىش، كېچىكتۈرۈش، كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئالدىن تاپشۇرمىغانلىرىنىڭ دەۋادىن ئۆزلۈكىدىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە كېسىم چىقىرىلىدۇ.
144. دەۋالاشقۇچىلار دەۋادىن كەچكەندىن ياكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار ئوخشاش دەۋا تەلىپى بىلەن  يەنە دەۋا قىلغان دېلونى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
دەۋاگەرلەر دەۋادىن كەچكەن ياكى دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدىن يېڭى ئەھۋال يېڭى ئاساس كۆرسىتىلمەي تۇرۇپ، ئالتە ئاي ئىچىدە يەنە دەۋا قىلىنغانلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 111 – ماددىسىنىڭ (7) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇلۇپ قوبۇل قىلىنمىسا بولىدۇ.
145. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 111 – ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دەۋالاشقۇچىلار يازما توختامغا، كېسىمگە ئائىت ماددا – تارماقلارنى كىرگۈزگەن ياكى ماجىرا تۇغۇلغاندىن كېيىن يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلغان دېلودا بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىپ، دەۋاگەرگە كېسىم قىلش ھەققىدە كېسىم ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بىراق، كېسىمگە ئائىت ماددا – تارماقلىرى، كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىغانلىقتىن، كۈچتىن قالغانلىقتىن ياكى ئۇنىڭ مەزمۇنى ئېنىق بولمىغانلىقتىن ئىجرا قىلغىلى بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
146. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ كېسىمىگە ئائىت ماددا – تارماقلىرىدا ياكى كېلىشمدە تاللىۋالغان كېسىم ئورگىنى مەۋجۇت بولمىغان ياكى قارار قىلدۇرۇشنى تاللىۋالغان ئىشلىرى كېسىم ئورگىنىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن دېلودا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچى بىر تەرپنىڭ دەۋاسىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
147. كېسىمگە ئائىت ماددا – تارماقلىرى ياكى كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىغانلىقتىن، كۈچتىن قالغانلىقتىن ياكى ئۇنىڭ مەزمۇنى ئېنىق بولمىغانلىقتىن ئىجرا قىلغىلى بولماي قوبۇل قىلنغان ھەق تەلەپ دەۋالىرىدا جاۋابكار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا قارىتا باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
148. دەۋلاشقۇچى بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا كېسىم كېلىشىمى بارلىقىنى جاكارلىمىغان، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ ئۆز نۆۋىتىدە دەۋاغا جاۋاب بەرگەن دېلودا شۇ خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ قارىلىدۇ.
149. كېسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ داۋلاش ۋەقەسىنى تېخنىكىلىق باھالاش ھەيئىتىنىڭ داۋالاش ۋەقەسىدىن چىقارغان خۇلاسىسىگە پىكرى بولمىسىمۇ، داۋالىغۇچى ئورۇندىن داۋالاش ۋەقەسىدىكى ئىقتىسادىي زىياننى تۆلىتىپ بېرىشنىلا تەلەپ قىلىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىنغان دېلو قوبۇل قىلىنىشى كېرەك.
150. نىكاھتىن ئاجراشتۇرماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلغان، مۇرەسسە يولى بىلەن ياراشتۇرۇپ قويۇلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى ۋە بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلغان، مۇرەسسە قىلىنغان دېلولاردىكى جاۋابكارلار خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەۋا قىلغان دېلو ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 111 – ماددىسىنىڭ (7) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
151. ئەر ياكى ئايالدىن بىر تەرەپنىڭ ئىز – دېرىكى چىقمىغاندا، يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، نىكاھتىن ئاجرىشىشنىلا تەلەپ قىلغان، ئىز – دېرىكى چىقمىغان كىشىنى يوقالدى ياكى ئۆلدى، دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلمىغان دېلونى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلىپ، ئىز – دېرىكى چىقمىغان كىشىگە دەۋا ھۆججىتىنى ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
152. ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى، يار – يۆلەك بولۇش ھەققى ۋە بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى ئېلىشقا ئائىت دېلولاردا ھۆكۈم – كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئاساسلار بىلەن يەنە دەۋا قىلىپ، ھەقنى كۆپەيتىش ياكى كېمەيتىشنى تەلەپ قىلغان دېلونى خەلق سوت مەھكىمىلىرى يېڭى دېلو قاتارىدا قوبۇل قىلىشى كېرەك.
153. دەۋالاشقۇچىلار ۋاقىت چېكىدە بەلگىلەنگەن سۈرۈكنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ دەۋا قىلغان دېلونى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك. قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توختىتىپ تۇرۇش، ئۇزۇن قويۇش ۋە ئۇزارتىش سەۋەبى يوقلۇقى ئېنىقلانغان دېلودا ئۇلارنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.
154. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 66 – ماددىسى، 120 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن سودا مەخپىيىتى ئاساسلىقى تېخنىكا مەخپىيىتى، سودا ئاخباراتى ۋە ئۇچۇرى قاتارلىق، مەسىلەن، ھۈنەر – سەنئەت، رېتسېپ، سودا ئالاقىسى، سېتىش – سېتىۋېلىش يولى قاتارلىق دەۋالاشقۇچىلار ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان سودا – سانائەت مەخپىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
155. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە سوت قىلىدىغان دېلودا دەۋالاشقۇچىلارنى سوت ئېچىپ سوت قىلىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ چاقىرتىشى كېرەك. دەۋا ۋاكالەتچىلىرى، گۇۋاھچىلار، باھالىغۇچىلار، ئېنىقلىغۇچىلار ۋە تەرجىمانلارغا سوتقا كېلىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشتا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار ياكى باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى باشقا جايدا بولسا، يولغا زۆرۈر ۋاقىت قالدۇرۇشى كېرەك.
156. دېلو قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن سوتتىكى مۇنازىرە ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى دەۋاگەر دەۋا تەلىپىنى كۆپەيتكەندە، جاۋابكار قارشى دەۋا قىلغاندا ۋە 3 – كىشى شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىر يولىلا سوت قىلغىلى بولىدىغان دېلونى خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىر يولىلا سوت قىلىشى كېرەك.
157. ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋالىرىدا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلىرى سوتقا كېلىشى كېرەك؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى سوتقا كېلەلمەيدىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى پاكىتنى ئېنىقلاش ئاساسىدا قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.
158. ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدار يوق دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلىرىدىن چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىلىپ چاقىرتىلسىمۇ، ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇقلۇق سوتقا كەلمىگىنى دەۋاگەر تەرەپنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى بولسا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 129 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇلۇپ، دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ؛ جاۋابكار تەرەپنىڭ قانۇندا ۋاكالەتچىسى بولسا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 130 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇپ، سىرتتىن ھۆكۈم چىقىرىلسا بولىدۇ.
159. مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولغان 3 – كىشىلەردىن خەلق سوت مەھكىمىسى چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ چاقىرتسىمۇ، ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇقلۇق سوتقا كەلمىگەنلىرى ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلىرى، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 129 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇپ، دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.
160. مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولغان 3 – كىشى دەۋاغا قاتناشقاندىن كېيىن، دەۋاگەر دەۋادىن كېچىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرنىڭ دەۋادىن كېچىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، مسۇتەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولغان 3 – كىشى يەنە بىر دېلودىكى دەۋاگەر ھېسابلانسا، ئەسلىي دېلودىكى دەۋاگەر، جاۋابكار يەنە بىر دېلودىكى جاۋابكار ھېسابلىنىپ، دەۋا باشقىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
161. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋلاشقۇچىلار دەۋادىن كەچكەن ياكى قانۇن بويىچە دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدىغان دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلاردىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلىقتىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنىڭ دەۋادىن كېچىشىگە رۇخسەت قىلمىسا ياكى ئۇلارنى دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلمىسا بولىدۇ.
162.  مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان 3 – كىشىلەردىن خەلق سوت مەھكىمىسى چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ چاقىرتسىم، ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇقلۇق سوتقا كەلمىگەنلىرىنىڭ ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلىرىنىڭ دېلولىرى ئۇنىڭغا قارىماي سوت قىلىنىۋېرىدۇ. مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان 3 – كىشىلەردىن خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغانلىرىنىڭ نارازىلىق ئەرز بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ.
163. 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزگەن، دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرز بەرگەن دېلودىن ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈمدە خاتالىق بارلىقى ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوللىغانلىرىنى 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 2 – سوت تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقسا بولىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرز بەرمىگەنلىرىنى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
164. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 135 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سوت قىلىش مۆھلىتى دېلو تۇرغۇزۇلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، ھۆكۈم – كېسىم ئېلان قىلىنغان، مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن كۈنگىچە بولغان سۈرۈكنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئېلان سۈرۈكى، باھالاش سۈرۈكى، دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ھەققىدىكى باشقىچە پىكرىنى قاراپ چىقىش ۋە خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئائىت تالاشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرۈكىنى بۇنىڭغا كىرگۈزۈپ ھېسابلىماسلىق كېرەك.
165. 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسى بىلەن نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدىغان كېسىمنامىنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە تەڭ يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايدىغان دېلودىكى نارازىلىق ئەرز بېرىش سۈرۈكى ئۇلار ھۆكۈمنامە، كېسىمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
166. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 140 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ (7) تارماقچىسىدىكى يېزىق خاتالىقى قانۇن ھۆججەتلىرىدە خاتا يېزىپ قويۇش، خاتا ھېسابلاپ قويۇش، دەۋا ھەققىنى يازماي چۈشۈرۈپ قويۇش، خاتا ھېسابلاپ قويۇشنى ۋە باشقا يېزىق خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
167. دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى يوققا چىققانلىقتىن، دەۋا تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشتا، ئەسلىي كېسىمنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھاجەتسىز، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە دەۋانى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان ياكى رۇخسەت قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش ھەققىدىكى كېسىم كۈچتىن قالىدۇ.
 
ئونىنچى، ئاددىي تەرتىپ
 
168. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 142 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاددىي ھەق تەلەپ دېلولىرىدا «پاكىت ئېنىق بولۇش» دېگەندە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ تالاش – تارتىشىدىكى پاكىتنى بايان قىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك بولغانلىقتىن ھەمدە ئۇلار ئىشەنچلىك دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىلگەنلىكتىن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل –  ئىسپاتلارنى تەكشۈرمەي ۋە توپلىمايلا پاكىتنى بېكىتەلەيدىغان، ھەق – ناھەقنى ئاجرىتالايدىغان بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ «ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋەتلىرى ئايدىڭ بولۇش» دېگەندە، جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئېلىش، ھوقۇقتىن كىم بەھرىمەن بولۇشتا مۇناسىۋەت ئايدىڭ بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ «چوڭ تالاش بولماسلىق» دېگەندە، دېلودىكى ھەق – ناھەق، جاۋابكارلىق ۋە دۋا نىشانى ئۈستىدىكى تالاشتا دەۋالاشقچىلار ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپال ئىختىلاپ بولماسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
169. جاۋابكارلاردىن دەۋا قىلىنغانلىرىدا ئىز – دېرىكى ئېنىق بولمىغانلىرىنىڭ دېلولىرىنى سوت قىلىشتا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىلمايدۇ.
170. ئاددىي تەرتىپ قوللىنىلىپ سوت قىلىنىدىغان دېلولاردا سوت قىلىش سۈرۈكىنى ئۇزارتىشقا بولمايدۇ. سوت قىلىش جەريانىدا دېلونىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكى سېزىلىپ، ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا توغرا كەلگەندە، كېڭەشمە سوت ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلسا ھەمدە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ. سوت قىلىش مۆھلىتى دېلو تۇرغۇزۇلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
171. ئادەتتىكى تەرتىپ قوللىنىلىپ سوت قىلىنغان دېلولاردا سوت قىلىش جەريانىدا ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولغان – بولمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىدىغان دېلودا دەۋانىڭ مەزمۇنىدىن جاۋابكارنى ئاغزاكى ياكى يازما خەۋەرلەندۈرۈشى، دەۋالاشقۇچىلار، گۇۋاھچىلارنى ئاغزاكى ياكى باشقا قۇلايلىق ئۇسۇللار بىلەن چاقىرتىشى، بۇنداق دېلولنى سوتچى ئۆز ئالدىغا سوت قىلىشى، پۈتۈكچى خاتىرە يېزىشى كېرەك، ئۆزى سوت قىلىشقا ۋە ئۆزى خاتىرە يېزىشقا بولمايدۇ. دېلونى ھۆكۈم ئارقىلىق ئاياغلاشتۇرغان بولسا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 134 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
173. خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەييارلاپ چىققان ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە ۋە مۇرسسەنامىلەرگە ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تامغىسىنى بېسىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تامغىسىنى باسماي، خەلق سوتلىرىنىڭ تامغىسىنى بېسىشقا بولمايدۇ.
174. قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇلغان ۋە سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنىدىغان دېلونى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا بولمايدۇ.
175. ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىنىدىغان دېلودا تۆۋەندىكى ماتېرىياللار ھازىرلىنىشى كېرەك: (1) دەۋا خېتى ياكى ئاغزاكى دەۋانىڭ خاتىرىسى؛ (2) جاۋاب خېتى ياكى ئاغزاكى جاۋابنىڭ خاتىرىسى؛ (3) ۋاكالىتەن دەۋالىشىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇق بەرگەنلىك ھەققىدىكى ھاۋالىنامىسى؛ (4) زۆرۈر دەلىل – ئىسپاتلار؛ (5) دەۋالاشقۇچىلادىن گەپ سوراش خاتىرىسى؛ (6) سوت قىلىش (جۈملىدىن مۇرەسسە قىلىش) خاتىرىسى؛ (7) ھۆكۈمنامە، مۇرەسسەنامە، كېسىمنامە ياكى مۇرەسسە كېلىشىمى؛ (8) يەتكۈزۈش ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىش خاتىرىسى؛ (9) ئىجرا قىلىش ئەھۋالى؛ (10) دەۋا ھەققى ھۆججىتى.
 
ئون بىرىنچى 2 – سوت تەرتىپى
 
176. دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ۋە 3 – كىشى نارازىلىق ئەرز بەرسە، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ھېسابلىنىدۇ.
177. بىرلىكتە دەۋا قىلىشى زۆرۈر بولغانلادىن بىرەيلەننىڭ ياكى بىر قىسمىنىڭ بەرگەن نارازىلىق ئەرزى تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
(1) بۇ نارازىلىق ئەرزدە دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپكە قارىتا ھوقۇق – مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش جەھەتتە پىكرى بولسىمۇ، ئۇ بىرلىكتە دەۋا قىلغۇچى باشقا كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلمىسا، دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ھېسابلىنىدۇ، بىر تەرەپتىكى دەۋالاشقۇچىلاردىن نارازىلىق ئەرز بەرمىگەنلەر ئەسلىي سوت قىلغان دەۋادىكى ئورنى بويىچە تىزىلىدۇ؛
(2) بۇ نارازىلىق ئەرزدە بىرلىكتە دەۋا قىلغۇچىلارغا قارىتا ھوقۇق – مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش جەھەتتىلا پىكرى بولسىمۇ، ئۇ دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلمىسا، بىر تەرەپتىكى دەۋالاشقۇچىلاردىن نارازىلىق ئەرز بەرمىگەنلەر نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ھېسابلىنىدۇ. دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرپ ئەسلىي سوت قىلغان دەۋادىكى ئورنى بويىچە تىزىلىدۇ؛
(3) بۇ نارازىلىق ئەرزدە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە شۇنىڭدەك بىرلىكتە دەۋا قىلغۇچىلارغا قارىتا ھوقۇق – مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش جەھەتتىكى پىكرى بولسا، باشقا دەۋالاشقۇچىلاردىن نارازىلىق ئەرز بەرمىگەنلەر نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ھېسابلىنىدۇ.
178. دەۋالاشقۇچىلار 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندا ياكى ھۆكۈمنامە، كېسىمنامىسى يەتكۈزۈلگەندە، نارازىلىق ئەرز بېرىلىدىغانلىقىنى ئاغزاكى بىلدۈرسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇلارغا نارازىلىق ئەرز خېتىنى جەزمەن قانۇندا بەلگىلەنگەن نارازىلىق ئەرز بېرىش سۈرۈكى ئىچىدە سۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. نارازىلىق ئەرز خېتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن نارازىلىق ئەرز بېرىش سۈرۈكى ئىچىدە سۇنمىسا، نارازىلىق ئەرز بەرمىدى، دەپ ھېسابلىنىدۇ.
179. ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنمىگەنلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلىرى دەۋالاشقۇچىلارغا ۋاكالىتەن نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ.
180. 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 151 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى تەلەپ قىلغان ئالاقىدار پاكىتلارنى ۋە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىنى تەكشۈرگەندە، نارازىلىق ئەرزدىكى تەلىپىدىن باشقا ئەسلىي ھۆكۈمدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، ئۇنىمۇ تۈزىتىشى كېرەك.
181. 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىشتەك تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزسە، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 153 – ماددىسىنىڭ 1 – تارماق (4) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، كېسىم ئارقىلىق ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇشى كېرەك:
(1) شۇ دېلونى سوت قىلغان سوتچى خادىملار، پۈتۈكچىلەر چەتلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلار چەتلەپ تۇرمىغان بولسا؛
(2) سوت ئاچمايلا ھۆكۈم چىقارغان بولسا؛
(3) ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلغان دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلارى چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ چاقىرتمايلا سىرتتىن ھۆكۈم چىقارغان بولسا؛
(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا ئەھۋاللار بولسا.
182. ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ 1 – سوتتا ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا تەلىپىنى سوت قىلمىغان ۋە بۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقارمىغان بولسا، 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيار قىلىش پرىنسىپى بويىچە مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، دېلونى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرسا بولىدۇ.
183. دەۋاغا قاتنىشىشى شەرت بولغان دەۋالاشقۇچىلار 1 – سوتتا دەۋاغا قاتناشمىغان بولسا، 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيار قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، دېلونى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرسا بولىدۇ. دېلونى قايتا سوت قىلشقا قايتۇرۇش توغرىسىدىكى كېسىمنامىدە قوشۇشقا تېگىشلى دەۋالاشقۇچىلار كۆرسىتىلمەيدۇ.
184. 2 – سوت تەرتىپىدە ئەسلىي سوتتىكى دەۋاگەر مۇستەقىل دەۋا تەلىپىنى كۆپەيتسە ياكى ئەسلىي سوتتىكى جاۋابكار قارشى دەۋا قىلسا، 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىدىن كۆپەيگەن دەۋا تەلىپىنى ياكى قارشى دەۋانى دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيار قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ. مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، دەۋالاشقۇچىلارغا باشقىدىن دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
185. 1 – سوتتا نىكاھتىن ئاجراشتۇرماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلغان دېلودا نارازىلىق ئەرز بېرىلگەندىن كېيىن، 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك، دەپ قارىسا، دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيار قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، پەرزەنتلەرنى بېقىپ تەربىيىلەش مەسىلىسى، مال – مۈلۈك مەسىلىسىنى قوشۇپ بىر يولىلا مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، دېلونى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرسا بولىدۇ.
186. خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى 2 – سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشتا، ئۇنى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك، دەپ قارىسا، 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھەققىدە بىۋاسىتە كېسىم چىقىرىپ، دەۋانى رەت قىلسا بولىدۇ.
187. 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى كېسىمدە خاتالىق بارلىقىنى ئېنىقلىغاندا، ئەسلىي كېسىمنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو ئېچىپ قوبۇل قىلىشنى بۇيرۇشى كېرەك؛ 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو ئېچىپ قوبۇل قىلىشىنى بۇيرۇشى كېرەك؛ 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋانى رەت قىلىش ھەققىدىكى كېسىمىدە خاتالىق بارلىقىنى ئېنىقلىغاندا، ئەسلىي كېسىمنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1 – سوت  خەلق سوت مەھكىمىسىگە سوت قىلىشنى بۇيرۇشى كېرەك.
188. 2 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن تۆۋەندىكى دېلولاردا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 152 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن بىۋاسىتە ھۆكۈم – كېسىم چىقارسا بولىدۇ:
(1) 1 – سوتتا قوبۇل قىلماسلىق، دەۋانى رەت قىلىش ھەققىدە ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ئۈستىدىكى باشقىچە پىكىر ھەققىدە كېسىم چىقىرىلغان دېلو؛
(2) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىدىكى تەلەپلىرى روشەن ھالدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان دېلو؛
(3) ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈم  - كېسىمىدە پاكىتنىڭ بېكىتىلىشى ئېنىق بولسىمۇ، قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىدا خاتالىق بولغان دېلو؛
(4) ئەسلىي ھۆكۈمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىنىپ، دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان دېلو.
189. 2 – سوت تەرتىپىدە دەۋالاشقۇچى ھېسابلىنىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار بۆلۈنۈپ كەتسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بۆلۈنگەندىن كېيىنكى قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى بىۋاسىتە ھالدا بىرلىكتە دەۋا قىلغۇچى دەپ ھېسابلىسا بولىدۇ؛ قوشۇلۇپ كەتسە، قوشۇلۇپ كەتكەندىن كېيىنكى قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دەۋالاشقۇچىلار ھېسابلىنىدۇ. دېلونى ئەسلىي قاراپ چىققان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇش ھاجەتسىز.
190. 2 – سوت تەرتىپىدە دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەكشۈرۈپ، 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بار ياكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مەنپەئىتى، ئىجتىمائىي مەنپەئەت ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دەپ قارىسا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.
191. دەۋالاشقۇچىلار 2 – سوتتا ئۆزلىرى كېلىشىپ كېلىشىم ھاسىل قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان  كېلىشىمنى تەكشۈرۈپ ھەمدە مۇرەسسەنامە تەييارلاپ چىقىپ، دەۋالاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ؛ ئۆزلىرى كېلىشىۋېلىپ، دەۋادىن كېچىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەۋادىن كېچىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا خەلق سوت مەھكىمىلىرى رۇخسەت قىلىشى كېرەك.
192. 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنى ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلسىمۇ، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياكى دەۋالاشقۇچىلار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن ئېلان قىلىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
 
ئون ئىككىنچى، ئالاھىدە تەرتىپ
 
193. دەۋا جەريانىدا دەۋالاشقۇچىلار بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر شۇ دەۋالاشقۇچىنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى بۇ ھەقتە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىشى، دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە دېلو ئېچىپ سوت قىلىپ، ئەسلىدىكى دەۋانى توختىتىپ قويۇشى كېرەك.
194. يوقالدى دەپ جاكارلاشقا ياكى ئۆلدى دەپ جاكارلاشقا ئائىت دېلودا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىز – دېرىكى چىقمىغان كىشىنىڭ مال – مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مال – مۈلكىنى دەۋا جەريانىدا باشقۇرغۇچىنى بېكىتسە بولىدۇ. ئېلان مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسى يوقالغانلىقىنى ھۆكۈم ئارقىلىق جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 21 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، يوقالغان كىشىنىڭ مال – مۈلكىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنى بېكىتىشى كېرەك.
195. خەلق سوت مەھكىمىسى يوقالغان كىشىنىڭ مال – مۈلكىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى بېكىتكەندىن كېيىن، ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ ئالاھىدە تەرتىپىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ قاراپ چىقىدۇ. ئىلتىماسى يوللۇق بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتىنى كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنى باشقىدىن بېكىتىدۇ؛ ئىلتىماسى يولسىز بولسا، ئۇنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىدۇ. يوقالغان كىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان باشقا كىشىلەر ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا ئەسلىي بېكىتىلگەن ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنى جاۋابكار ھېسابلاپ دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە بۇنى ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشى كېرەك.
196. خەلق سوت مەھكىمىسى پۇقرانىڭ يوقالغانلىقىنى ھۆكۈم ئارقىلىق جاكارلىغاندىن كېيىن، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى خەل سوت مەھكىمىسى يوقالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، تۆت يىل توشقانلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، يوقالغانلىقى جاكارلىنىپ چىقىرىلغان ھۆكۈم شۇ پۇقرانىڭ يوقالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ، سوت قىلىش جەريانىدا يەنىلا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 168 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان چىقىرىش كېرەك.
197. مال – مۈلۈكنى ئىگىسىز دەپ مۇقىملاشتۇرۇشقا ئائىت دېلودا ئېلاندىكى سۈرۈك ئىچىدە بەزىلەر مال – مۈلۈك ھەققىدىكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە تەرتىپنى كېسىم ئارقىلىق ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا باشقىدىن دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، دېلونى ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشى كېرەك.
198. بېكىتىلگەن ۋەسىي قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشى كېرەك. سوت قىلىش ئارقىلىق، بېكىتىش مۇۋاپىق بوپتۇ، دەپ قارالسا، دەۋاسى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىنىدۇ؛ بېكىتىش مۇۋاپىق بولماپتۇ، دەپ قارالسا، بېكىتىش ھۆكۈم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىدىن ۋەسىي بېكىتىلىدۇ. ھۆكۈمنامە دەۋا قىلغۇچىغا ئەسلىي بېكىتكەن ئورۇنغا ۋە ھۆكۈمدە ۋەسىيگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك.
 
ئون ئۈچىنچى، سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى
 
199. ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى شۇ مەھكىمىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھۆكۈم – كېسىملىرىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سېزىپ سوت ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرىسى بىلەن يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى قارار قىلغاندا، ئەسلىي ھۆكۈم – كېسىمنىڭ ئىجراسىنى كېسىم ئارقىلىق توختىتىپ قويۇشى كېرەك.
200. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم  - كېسىملىرىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم – كېسىملىرىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزگەندە، دېلونى ئالدۇرۇپ سوت قىلىش ھەققىدە ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشى ھەققىدە چىقارغان كېسىملىرىدە ئەسلىي ھۆكۈم – كېسىمنىڭ ئىجراسىنى توختىتىپ تۇرۇشنىمۇ ئېنىق يېزىشى كېرەك؛ ئەھۋال جىددىي بولسا، ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش كېسىمى ھەققىدە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، بىراق ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە كېسىمنامىنى ئەۋەتىشى كېرەك.
201. سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە دېلونى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ياكى ئالدۇرۇپ سوت قىلىش قارار قىلىنغاندا، يېڭىۋاشتىن سوت قىلغان ياكى ئالدۇرۇپ سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈم – كېسىمنى كۈچتىن قالدۇرۇش – قالدۇرماسلىق، ئۆزگەرتىش – ئۆزگەرتمەسلىك ياكى كۈچكە ئىگە قىلىش – قىلماسلىقنى يېڭى ھۆكۈم – كېسىمدە مۇقىملاشتۇرىدۇ؛ مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسا، مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئەسلىي ھۆكۈم – كېسىم كۈچتىن قالغان ھېسابلىنىدۇ.
202. 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم – كېسىم چىقارغان دېلونى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى بۇيرۇشقا توغرا كەلگەندە، 2 – سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرۇشى كېرەك.
203. ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى دەۋالاشقۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
204. دەۋالاشقۇچىلار  مۇرەسسەنامىسى قانۇن كۈچكە ئىگە بولغان دېونى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 182 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاپ، شۇ مۇرەسسەنامە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
205. دەۋالاشقۇچىلار يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسىمۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەل سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 179 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، تۆۋەن دەرىجىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى بۇيرۇسىمۇ، ئۆزى ئالدۇرۇپ سوت قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
206. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، تەكشۈرۈشى كېرەك. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 179 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، دېلو ئاچقاندىن كېيىن ئسلىي ھۆكۈمنىڭ ئىجراسىنى توختىتىپ تۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ 179 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىسا، ئىلتىماسنى ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ رەت قىلىشى كېرەك.
207. ھەيدەكچىلىك تەرتىپى، ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپى، كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەردىن ۋەيران بولغانلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنغان دېلو ۋە سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ست قىلغاندىن كېيىن ئەسلىي ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغان دېلودا دەۋالاشقۇچىلار يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.
208. قوبۇل قىلماسلىق، دەۋانى رەت قىلىش ھەققىدىكى كېسىم چىقىرىلغان دېلودا دەۋالاشقۇچىلار يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
209. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى مال – مۈلۈكنى بۆلۈشۈش مەسىلىسىنى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسى ھۆكۈمدە بۆلۈشتۈرۈپ بېرىلگەن مال – مۈلۈككە مۇناسىۋەتلىك بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 179 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك، يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى دېلو ئېچىپ سوت قىلىشى كېرەك؛ ھۆكۈمدە بىر تەرەپ قىلىنمىغان  ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مال – مۈلكىگە  مۇناسىۋەتلىك بولسا، دەۋالاشقۇچىلارغا باشقىدىن دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
210. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونى ئالدۇرۇپ سوت قىلىش ياكى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش جەريانىدا ئەسلىدىكى 1 -، 2 – سوتنىڭ ھۆكۈملىرىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى سەزسە، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ:
(1) ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىسا، 1 -، 2 – سوتنىڭ ھۆكۈملىرىنى كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇپ، دەۋانى رەت قىلىدۇ؛
(2) مۇشۇ پىكىرنىڭ 181 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى بار بولۇپ، دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم – كېسىم چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، 1 -، 2 – سوتنىڭ ھۆكۈملىرىنى كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى ئەسلىي قاراپ چىققان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرسا بولىدۇ.
211. خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە يېڭىۋاشتىن سوت قىلغاندا، ئەسلىدىكى 1 -، 2 – سوتنىڭ ھۆكۈملىرىدە قاتناشتۇرۇشقا تېگىشلىك دەۋالاشقۇچىلارنىڭ چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقىنى، سەزسە، دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيار قىلىش پرىنسىپى بويىچە مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، 1 -، 2 – سوتنىڭ ھۆكۈملىرىنى كېسىم ئارقىلىق كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى ئەسلىي قاراپ چىققان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرسا بولىدۇ.
212. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 182 – ماددىسىدىكى ئىككى يىللىق سۈرۈك ئۆزگەرمەس سۈرۈك بولۇپ، ھۆكۈم – كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
213. يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنىدىغان دېلونى 1 – سوت تەرتىپى ياكى 2 – سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشتا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 135 -، 159 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سوت قىلىش مۆھلىتى تەتبىقلىنىدۇ. سوت قىلىش مۆھلىتى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش قارار قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
214. بۇ پىكىرنىڭ 192 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپىگە تەتبىقلىنىدۇ.
 
ئون تۆتىنچى، ھەيدەكچىلىك تەرتىپى
 
215. ھەقدارلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش ھوقۇقىدىكى ئىلتىماسلىرىدىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىش ھەمدە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك:
(1) پۇل ياكى پېرېۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكى شۇنىڭدەك پاي چېكى، زايوم، خەزىنە چېكى، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان پۇل ئامانەت تالونى قاتارلىق قىممەتكە ئىگە ئاكسىيىلەرنى بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىرى؛
(2) بېرىش تەلەپ قىلىنغان پۇل ياكى قىممەتكە ئىگە ئاكسىيىدىن قەرەلى توشقان، يەنە كېلىپ سوممىسى بېكىتىلگەنلىرى ھەمدە تەلەپتە ئاساس قىلىنغان پاكىت، دەلىل – ئىسپاتلىرى ئېنىق يېزىلغانلىرى؛
(3) ھەقدارلارنىڭ قەرزدارغا بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمىغانلىرى؛
(4) چىقىم قىلىش بۇيرۇقىدىن قەرزدارغا يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدىغانلىرى.
يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
216. خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر سوتچى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ئېنىقلانغان ئىلتىماسلارنى رەت قىلىش ھەققىدە 15 كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك، بۇ كېسىم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولمايدۇ.
217. خەلق سوت مەھكىمىسى چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋالسا، ھەيدەكچىلىك تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
218. قەرزدار دۆلىتىمىز تەۋەسىدە بولمىسا ياكى دۆلىتىمىز تەۋەسىدە بولسىمۇ ئىز – دېرىكى بولمىسا، ھەيدەكچىلىك تەرتىپى قوللىنىلمايدۇ.
219. چىقىم قىلىش بۇيرۇقىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) ھەقدار، قەرزدارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللىرى؛
(2) قەرزدار بېرىشكە تېگىشلىك پۇل، قىممەتكە ئىگە ئاكسىيىنىڭ تۈرى؛
(3) قەرزنى ئۈزۈش ياكى باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۆھلىتى؛
(4) قەرزدارنىڭ باشقىچە پىكرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكئىچىدە ئوتتۇرىغا قويماسلىقنىڭ قانۇن ئاقىۋىتى.
چىقىم قىلىش بۇيرۇقىغا سوتچى، پۈتۈكچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.
220. چىقىم قىلىش بۇيرۇقى قەرزدارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەندە، قەرزدار ئۇنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى قالدۇرۇپ قويۇپ يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.
221. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 192 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قەرزدار ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ باشقىچە پىكرىنىڭ ئاساسى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرمەيلا ھەيدەكچىلىك تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە بىۋاسىتە كېسىم چىقىرىشى كېرەك. قەرزدار قەرزگە باشقىچە پىكرى بولمىسىمۇ، قەرزنى ئۈزۈش ئىقتىدارى كەمچىل ئىكەنلىكىنىلا ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇ چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنىڭ كۈچىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
قەرزدارنىڭ ئاغزاكى ئوتتۇرىغا قويغان باشقىچە پىكرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
222. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 191 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە ئائىت ئىلتىماسنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى كېسىمنامە بىلەن 192 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەيدەكچىلىك تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كېسىمنامىگە سوتچى، پۈتۈكچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.
223، قەرزدار چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، باشقىچە پىكرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە يازما ئوتتۇرىغا قويماي، باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، ئۇ چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنىڭ كۈچىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
224. ھەقدارنىڭ ھەيدەكچىلىك تەرتىپى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، قىلغان دەۋاسىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىدۇ.
225. ھەقدارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتىگە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 219 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
 
ئون بەشىنچى، ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپى
 
226. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 193 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ۋېكسېلنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلار شۇ ۋېكسېلنى ئوغرىلىنىش، يىتىپ كېتىش ياكى يوقىلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرىدا ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
227. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئائىت ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال تەكشۈرۈشى ھەمدە قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن، دەپ قارىغانلىرىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەمدە چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە چىقىم قىلغۇچىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىغانلىرىدا ئىلتىماسنى رەت قىلىش ھەققىدە يەتتە كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىدۇ.
228. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 194 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن چىقارغان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئېلاندا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئېنىق يېزىشى كېرەك:
(1) ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى؛
(2) ۋېكسېلنىڭ تۈرى، ئۇنىڭدىكى پۇل سوممىسى، ئۇنى تارقاتقۇچى، ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغۇچى قاتارلىقلار؛
(3) ھوقۇقنى مەلۇم قىلىش سۈرۈكى؛
(4) ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە ۋېكسېلنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىنىڭ ھوقۇقىنى مەلۇم قىلماسلىقنىىڭ قانۇن ئاقىۋىتى.
229. ئېلان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا چاپلىنىشى ھەمدە ئالاقىدار گېزىتلەردە ياكى باشقا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك؛ خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدا ئاكسىيە بىرژىسى بولسا، شۇ بىرژىغىمۇ چاپلىنىشى كېرەك.
230. مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە ھوقۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك. مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىش سۈرۈكى توشقاندىن كېيىن، ھۆكۈم چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى ھوقۇقىنى مەلۇم قىلسىمۇ ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇشى ھەققىدە كېسىم چىقىرىش كېرەك.
231. مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ھوقۇقىنى مەلۇم قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا ۋېكسېلنى سوت مەھكىمىسىگە كۆرسىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا بۇ ۋېكسېلنى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە كۆرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلشى كېرەك. ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋېكېسل بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى كۆرسەتكەن ۋېكسېل ئوخشاش بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىنىڭ مەلۇم قىلغىنىنى رەت قىلىپ كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
232. ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە مەلۇم قىلىدىغان ئادەم چىقمىسا ياكى مەلۇم قىلغىنى رەت قىلىنسا، ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىش سۈرۈكى توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھۆكۈم چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ھۆكۈم چىقىرىشنى سۈرۈك توشقۇچە ئىلتىماس قىلمىسا، ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپى ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ.
233. ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى پۇل بەرگۈچىدىن پۇلنى ھۆكۈم بويىچە بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
234. ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپى قوللىنىلىپ سوت قىلىنىدىغان دېلونى بىر سوتچى ئۆز ئالدىغا سوت قىلسا بولىدۇ؛ ۋېكسېل ھۆكۈم ئارقىلىق كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلانغان دېلو كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇلۇپ سوت قىلىنىشى كېرەك.
235. ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەزگىلدە ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە بىۋاسىتە كېسىم چىقارسا بولىدۇ.
236. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 194 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، چىقىم قىلغۇچىغا چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە چىقارغان ئۇقتۇرۇش مال – مۈلكىنى ئامان ساقلاشقا ئائىت بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. چىقىم قىلغۇچى چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن چىقىم قىلىشنى توختاتمىسا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102 -، 103 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغاندىن سىرت، ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، چىقىم قىلغۇچى يەنىلا چىقىم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
237. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 196 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ھوقۇقىنى مەلۇم قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 27 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بەلگىلىنىدۇ.
238. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 196 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدىكى كېسىمنامىگە سوتچى، پۈتۈكچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.
239. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 198 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ۋېكسېل ماجىراسى بويىچە، ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلسا بولىدۇ.
 
ئون ئالتىنچى، كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەردىن ۋەيران
 بولغانلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى
 
240. قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە كوللېكتىپ كارخانىلار، بىرلىشىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلار، خۇسۇسىي كارخانىلار، شۇنىڭدەك جۇڭگو تەۋەسىدە قۇرۇلغان جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار، جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار ۋە تاشقى مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار ۋە باشقا كارخانىلارغا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەردىن ۋەيران بولغانلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى قوللىنىلىدۇ.
بىرلىشىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىلاردىكى بىرلىشىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا بولسا، بىرلىشىپ باشقۇرۇلىدىغان بۇنداق كارخانىلاردىن ۋەيران بولغانلىرىغا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەردىن ۋەيران بولغانلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى قوللنىلمايدۇ.
241. ھەقدارلار ئۆزىنىڭ گۆرۈ نەرسىسىنى ياكى كېپىللىككە بەرگەن باشقا نەرسىسىنى ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى گۆرۈ ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر ياكى كېپىللىككە بېرىلگەن باشقا نەرسە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ۋەيران بولغانلارنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشىغا ئائىت دېلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، ۋيران بولغانلىقىنى جاكارلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئالدىن تۆلىتىۋېلىش تەلىپىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك.
گۆرۈ نەرسىنىڭ ياكى كېپىللىككە بېرىلگەن باشقا نەرسىنىڭ پۇلى كېپىللىككە ئېلىنغان قەرز سوممىسىغا يەتمىسە، كېمى ۋەيران بولغۇچىنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ.
242. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋەيران بولۇش دېلولىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىشى كېرەك.
243. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 200 – ماددىسىغا بىنائەن چىقارغان ۋەيران بولۇشقا ئائىت ئېلانلارنى گېزىتكە چىقىرىشى ۋە ئېلانغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئېنىق يېزىشى كېرەك:
(1) دېلو  تۇرغۇزۇلغان ۋاقىت؛
 (2) ۋەيران بولۇش دېلوسىدىكى قەرزدار؛
(3) ھەقدارلىق ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىش مۆھلىتى، ئورنى ۋە مۆھلەت ئۆتكۈچە مەلۇم قىلماسلىقنىڭ قانۇن ئاقىۋىتى؛
(4) تۇنجى قېتىملىق ھەقدارلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلدىغان ۋاقتى، ئورنى.
244. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋەيران بولۇش دېلولىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەق تەلەپ ئىجرا تەرتىپى، مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەرتىپىنى توختىتىپ قويۇشى شەرت.
245. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋەيران بولۇش دېلولىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەرزدار ئىسچوت ئاچقان بانكىغا ئۇنىڭ راسچوت كەسپىنى بېجىرىشنى توختىتىش ھەققىدە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئىسچوت ئاچقان بانكا قەرزدارغا نورمال ئىشلەپچىقرىىش، تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق خىراجەتنى چىقىم قىلىشتا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك.
246. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 201 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ۋەيران بولغانلارنىڭ مال – مۈلكىنى ئېنىقلاش تەشكىلاتى قۇرغان بولسا، ۋەيران بولغانلارنىڭ مال – مۈلكىنى ئېنىقلاش تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ھەقدارلار يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشى بىلەن يوللىنىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقارغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.
247. ھەقدارلار يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللايدىغان ۋەيران بولغانلارنىڭ مال – مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەقسىم قىلىش لايىھىسىنى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەقدارلاردىن يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ماقۇللىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەقدارلىق مىقدارى مال – مۈلۈك ئارقىلىق كېپىللىك بېرىلمىگەن ئومۇمىي ھەقدارلىق مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى شەرت؛ يارىشىش كېلىشىمىنىڭ لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغۇچىلارنىڭ ھەقدارلىق مىقدارى مال – مۈلۈك ئارقىلىق كېپىللىك بېرىلمىگەن ئومۇمىي ھەقدارلىق  مىقدارىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى شەرت.
248. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 200 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن يارىشىش كېلىشىمىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:
(1) قەرزنى ئۈزۈشكە ئىشلىتىدىغان مال – مۈلۈكنىڭ مەنبەسى؛
(2) قەرزنى ئۈزۈش چارىسى؛
(3) قەرزنى ئۈزۈش مۆھلىتى.
249. ئېنىقلاش تەشكىلاتى ۋەيران بولغانلارنىڭ مال – مۈلكىنى ساقلاش، ئېنىقلاش، باھالاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەقسىم قىلىش جەريانىدا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى ھەمدە خىزمىتىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دوكلات بېرىشى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە ھەقدارلار كېڭىشىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
250. ۋەيران بولغانلارنىڭ مال – مۈلكى تەقسىم قىلىنىپ بولغاندا، ۋەيران بولغانلارنىڭ مال – مۈلكىنى ئېنىقلاش تەشكىلاتى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ۋەيران بولۇش تەرتىپى ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈزۈلمىگەن قەرزلەر قايتا تۆلىتىپ بېرىلمەيدۇ.
251. ۋەيران بولۇش تەرتىپى ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋەيران بولغانلارنىڭ مال – مۈلكىنى ئېنىقلاش تەشكىلاتى ۋەيران بولغان كارخانىنى ئەسلىي رويىخەتكە ئالغان ئورگانغا بېرىپ، ئۇنى رويىخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
252. ۋەيران بولغانلارنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش دېلولىرىدا بىردەك كېسىم ئىشلىتىلىدۇ؛ ۋەيران بولغانلىققا ئائىت ئىلتىماسنى رەت قىلىش ھەققىدىكى كېسىم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ باشقا كېسىملەر ئۈستىدە نارازىلىق ئەرز بېرىشىگە رۇىسەت قىلىنمايدۇ.
253. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋەيران بولغانلارنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشىغا ئائىت دېلونى سوت قىلىشتا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 9 – بابىدىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلىغاندىن سىرت، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش قانۇنى (سىناق نۇسخىسى)»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ.
 
ئون يەتتىنچى، ئىجرا تەرتىپى
 
254. مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش نىشانى پۇل، نەرسە ياكى ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلاردىن قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە، مۇرەسسەنامە ۋە چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى كېرەك. ئىجرا قىلىنغۇچىلاردىن ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدىمۇ ئادا قىلمىغانلىرىغا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشى كېرەك.
255. قانۇن كۈچىگە ئىگە چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا شۇ بۇيرۇقنى تەييارلاپ چىققان خەلق سوت مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.
256. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 207 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغان باشقا قانۇن ھۆججەتلىرى كېسىم قارارىنى، جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەقدارلىق ھۆججىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئىجرا قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۇنىڭ مال – مۈلكى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلار يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئىلتىماسنى ئەڭ باشتا قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ.
257. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 208 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش دېلو بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان مال – مۈلۈك بىلەن چەكلىنىدۇ، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ باشقا مال – مۈلۈكلىرىنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ. باشقىچە  پىكىردە ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، رەت قىلىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىدۇ.
258. ئىجراچى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى، كېسىمنامىسى ۋە مۇرەسسەنامىسىنى ئىجرا قىلىشتا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە ۋە مۇرسسەنامىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئالاقە ئەۋەتسە بولىدۇ.
259. ئىجرا قىلىنغۇچى بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مال – مۈلۈك باشقا جايدا بولسا، ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، شۇ جايغا بىۋاسىتە بېرىپ ئىجرا قىلسىمۇ بولىدۇ. شۇ جايغا بىۋاسىتە بېرىپ ئىجرا قىلىشتا، ئىجرا  قىلىشقا مەسئۇل خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىجراغا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. شۇ جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى تەلەپكە بىنائەن ئىجراغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
260. ئىجرا قىلىشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە ئالاقىسىنى ۋە كۈچكە ئىگە قانۇنىي ھۆججىتىنى (قوشۇمچە نۇسخىسىنى) ئەۋەتىشى كېرەك. ھاۋالە ئالاقىسىدە ئىجرا تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.
261. ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە ئالاقىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىش ھاۋالە قىلىنغان ۋە كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن ھۆججىتىنى سۇبىستانسىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىجرا ئاساسى بولغان قانۇن ھۆججەتلىرىدە خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، ھاۋالە قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.
262. ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ۋە ھاۋالە قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك. قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋاقتى، مۆھلىتى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى ھەمدە ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
263. ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرانى توختىتىپ قويۇش ياكى ئاياغلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچراتسا، ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقە ئەۋەتىپ ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ھەقتە كېسىم چىقىرىشى كېرەك، مۇشۇ ئارىلىقتا ئىجرا ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇلسا بولىدۇ. ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرانى توختىتىش ياكى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۆز ئالدىغا كېسىم چىقىرىشقا بولمايدۇ.
264. ھاۋالە بويىچە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، دېلو بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر ئىجرا نىشانىغا قارىتا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقە ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى رەت قىلىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى ياكى ئىجرانى توختىتىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك، مۇشۇ ئارىلىقتا ئىجرا ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇلسا بولىدۇ.
265. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 210 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلىش ھەققىدە بەش كۈن ئىچىدە يازما بۇيرۇق چۈشۈرۈشى ھەمدە بۇ ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
266. ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھاسىل قىلغان يارىشىش كېلىشىمىنى دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئادا قىلمىغانلىقتىن ياكى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقتىن، دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ ئەسلىي كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك، بىراق يارىشىش كېلىشىمىنىڭ ئادا قىلىنىپ بولغان قىسمىنى تۇتۇپ قېلىشى كېرەك. يارىشىش كېلىشىمى تولۇق ئادا قىلىنغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرمەيدۇ.
267. ئەسلىدىكى قانۇن ھۆججىتىنىڭ ئىجراسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 219 – ماددىسىدىكى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتى ھەققىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. ئىجرا قىلىش جەريانىدا يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقتىن، ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلش مۆھلىتى توختىتىپ قويۇلغان بولسا، بۇ مۆھلەت يارىشىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن ئادا قىلىش مۆھلىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىن باشلاپ قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
268. خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 212 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئىجرانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغاندا، كېپىللىك مۆھلىتى بولسا، ئىجرانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش مۆھلىتى بىلەن كېپىللىك مۆھلىتىنى بىردەك قىلىشى كېرەك، بىراق ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئىجرا سۇبيېكتلىرى ياكى كېپىللەر ئۆزى كېپىللىككە ئالغان مال – مۈلۈكنى ئىجرا ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدە يۆتكىۋەتكەن، يوشۇرۇپ قويغان، سېتىۋەتكەن ۋە زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.
269. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 212 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىجرا قىلىش جەريانىدا كېپىللىك بېرىشتە ئىجرا قىلىنغۇچىلار مال – مۈلۈكنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش يولى بىلەن كېپىللىك بەرسىمۇ،  3 – كىشى ئارىغا كىرىپ كېپىللىك بەرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مال – مۈلۈك بىلەن كېپىللىك بەرگۈچىلەر كاپالەتنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ 3 – كىشى كېپىللىك بەرگەندە كېپىلنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. كېپىللەر تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ۋاكالىتەن ئادا قىلىش ياكى ۋاكالىتەن ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
270. ئىجرا قىلىنغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىلىرى قارار قىلغان ئىجرانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىنمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى كېپىللىككە بېرىلگەن مال – مۈلۈكنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىۋەتسە ياكى كېپىلنىڭ مال – مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقارسا بولىدۇ، بىراق كېپىلنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مال  - مۈلكى ئۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتىكى شۇ بىر قىسىم مال – مۈلۈك بىلەن چەكلىنىدۇ.
271. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 213 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىجرا قىلىنغۇچى ھېسابلىنىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار بۆلۈنۈپ چىقسا، قوشۇلۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا ئالاقىدار سۇبىستانسىيە قانۇنلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھوقۇق – مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار بولسا، شۇ ھوقۇق – مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارنىڭ ئىجرا قىلىنغۇچى ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كېسىم چىقىرىلسا بولىدۇ.
272. باشقا تەشكىلاتلار ئىجرا قىلىش جەريانىدا قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ باشقا تەشكىلاتلار ئالدىدا قانۇن بويىچە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان قانۇنىي ئىگىلەر ياكى پۇقرالارنىڭ مال – مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقارسا بولىدۇ.
273. ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىجرا قىلىنغۇچى ھېسابلىنىدىغان قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نامى ئۆزگەرگەن بولسا،خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىجرا سۇبيېكتى ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كېسىم چىقارسا بولىدۇ.
274. ئىجرا قىلىنغۇچى ھېسابلىنىدىغان پۇقرا ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كەچمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا  سۇبيېكتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە شۇ ۋارىسلىق قىلغۇچى قەرزنى مىراس دائىرىسىدە تۆلەش ھەققىدە كېسىم چىقارسا بولىدۇ، ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كەچسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مىراسىنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
275. قانۇندا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا قانۇن ھۆججەتلىرى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئالاقىدار ئورگانلار قانۇن بويىچە كۈچتىن قالدۇرسا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 214 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
276. ئىجرا قىلىش جەريانىدا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولغان ئىجرا قىلىنغۇچىلار قەرەلى توشقان قەرزنى ئۈزەلمىسە، ھەقدارلار ياكى قەرزدارلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى قانۇن بويىچە جاكارلىسا بولىدۇ.
277. كېسىم ئورگىنى قارار قىلغان ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى كېسىم كېلىشىمى دائىرىسىدە بولسا، بىر قىسمى كېسىم كېلىشىمى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھالقىپ كەتكەن قىسمىنى ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
278. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 217 – ماددىسىنىڭ 2 -، 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى كېسىم قارارىنى ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار باشقىدىن يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
279. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 220 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئون كۈن ئىچىدە چىقىرىشى كېرەك. ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا ئىجرا قىلىنغۇچى قانۇن ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇغاندىن سىرت، ئۇنىڭغا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 232 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىك ئۆسۈمىنى ۋە ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
280. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىجرا سۇبيېكتلىرىنىڭ ئامانەت پۇلىنى بانكىلار ۋە ئۇلارنىڭ تىجارەت ئورۇنلىرى، ئامانەت پونكىتلىرى، ئىناۋەتلىك قەرز كوپېراتىپلىرى شۇنىڭدەك ئامانەت كەسپىنى يولغا قويغان باشقا ئورۇنلار ئارقىلىق بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرسە، ئۇنى توڭلىتىۋەتسە ۋە ئاجرىتىپ بەرسە بولىدۇ. باشقا جايدىكى سوت مەھكىمىلىرى شۇ جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق رەسمىيەت بېجىرمەيلا، ئىجرا سۇبيېكتى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى، بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مال – مۈلۈك تۇرۇشلۇق جايدىكى بانكىلار ۋە ئۇلارنىڭ تىجارەت ئورۇنلىرى، ئامانەت پونكىتلىرى، ئىناۋەتلىك قەرز كوپېراتىپلىرى شۇنىڭدەك ئامانەت كەسپىنى يولغا قويغان باشقا ئورۇنلارغا بىۋاسىتە بېرىپ، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئامانەت پۇلىنى سۈرۈشتۈرسە، توڭلىتىۋەتسە ۋە ئاجرىتىپ بەرسە بولىدۇ.
281. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكىنى سېتىۋېتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ سېتىۋېتىشىگە تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە سېتىۋېتىشتە، سېتىۋېتىشتىن ئىلگىرى باھا مەسىلىسى ھەققىدە باھا تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى، ئادىل، مۇۋاپىق باھا قويۇشى كېرەك.
سېتىۋېتىلىدىغان مال – مۈلۈكنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ خادىملىرى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
282. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 221 -، 223 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكىنى پېچەتلىۋەتكەن، توڭلىتىۋەتكەن بولسا، ھەرقانداق ئورۇن، جۈملىدىن باشقا خەلق سوت مەھكىمىلىرى قايتا پېچەتلەشكە، توڭلىتىۋېتىشكە ياكى توڭنى ئۆز ئالدىغا ئېرىتىشكە بولمايدۇ، خىلاپلىق قىلغانلار ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكىنى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھەممە كىشىنىڭ قەرزىنى ئۈزۈش تەلىپىنى قانۇرالمىسا، ئىجرا قىلىشتا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 204 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.
283. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 231 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دەۋالاشقۇچىلار قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن ھەرىكەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، بۇ ھەرىكەت مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلارلا ئورۇندىيالايدىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102 – ماددىسىنىڭ 1 – تارماق (6) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
284. ئىجرادا نىشان قىلىنغان نەرسە مۇئەييەن نەرسە بولسا، ئەسلىي نەرسە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. ئەسلىي نەرسە ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولمىسا، ئۇ باھاغا سۇندۇرۇلۇپ تۆلەپ بېرىلسە بولىدۇ.
285. ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىجرا قىلىنغۇچى مال – مۈلۈكنى يوشۇرۇپ قويغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنى بىر تەرەپ قىلغاندىن سىرت، ئۇنىڭغا يوشۇرۇپ قويغان مال – مۈلۈكنى تاپشۇرۇشنى ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەشنىمۇ بۇيرۇشى كېرەك. ئىجرا قىلىنغۇچى مال – مۈلۈكنى تاپشۇرمىسا ياكى تۆلىمىسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مال – مۈلۈكنىڭ قىممىتى بويىچە، ئۇنىڭ باشقا مال – مۈلۈكلىرىنى مەجبۇرىي بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئاختۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يوشۇرۇپ قويغان مال – مۈلۈكنى سۈرۈشتۈرۈپ قايتۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ.
286. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 227 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئىجرا قىلىنغۇچىنى ۋە ئۇنىڭ تۇرار جايىنى ياكى مال – مۈلۈك يوشۇرۇپ قويۇلغان جاينى ئاختۇرۇش ئىشى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت:
(1) كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن ئادا قىلىش مۆھلىتى ئاللىقاچان توشقان بولۇش؛
(2) ئىجرا قىلىنغۇچى قانۇن ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولۇش؛
(3) مال – مۈلۈكنى يوشۇرۇش ھەرىكىتى بار، دەپ قارالغان بولۇش؛
ئاختۇرغۇچى خادىملار بەلگىلىمە بويىچە فورما كىيىش ھەمدە ئاختۇرۇش بۇيرۇقىنى ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىش شەرت.
287. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئاختۇرغاندا، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ ئاختۇرىدىغان نەق مەيدانغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاختۇرۇش ئوبيېكتى پۇقرا بولسا، ئىجرا قىلىنغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تاۋابىئاتىغا شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلارغا ئادەم ئەۋەتىپ تۆپىدە تۇرغۇزۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ ئاختۇرۇش ئوبيېكتى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىگە ياكى ئاساسىي مەسئۇلىغا تۆپىدە تۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى بار بولسا، بۇ تارماقنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىغىمۇ تۆپىدە تۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. تۆپىدە تۇرۇشقا ئۇنىمىسا، تەكشۈرۈش ئىشى ئۇلارغا قارىماي ئېلىپ بېرىلىۋېرىدۇ.
ئاياللارنىڭ يېنىنى ئىجرا قىلغۇچى ئايال خادىملار ئاختۇرۇشى كېرەك.
288. ئاختۇرۇش جەريانىدا قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك مال – مۈلۈك چېلىقتۇرۇلسا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 224 –ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى ۋە 226 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
289. ئاختۇرۇشتا ئاختۇرۇش خاتىرىسى تەييارلاپ چىقىلىشى، ئۇنىڭغا ئاختۇرغۇچى خادىملار، ئاختۇرۇلغۇچىلار ۋە تۆپىدە تۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇشى ياكى تامغىسى بېسىلىشى كېرەك. ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىشنى رەت قىلغان بولسا، ئاختۇرۇش خاتىرىسىگە ئېنىق يېزىپ قويۇلۇشى كېرەك.
290. قانۇن ھۆججىتىدە تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن پۇل نەرسىنى ياكى ۋېكسېلنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجراغا ھەمكارلىشىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن ئۇنى تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلىرى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلىدۇ ياكى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 103 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.
291. قانۇن ھۆججىتىدە تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن پۇل، نەرسىنى ياكى ۋېكسېلنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۇنى سەۋەنلىك بىلەن زىيانغا ئۇچراتقان ياكى يوقىتىپ قويغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىنى تۆلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ تۆلىمىسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلىنىدىغان  پۇل، نەرسە ياكى ۋېكسېلنىڭ قىممىتى بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ.
292. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆي – مۈلۈك گۇۋاھنامىسى، يەر – زېمىن گۇۋاھنامىسى، تاغ – ئورمان ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، پاتېنت گۇۋاھنامىسى، تاۋار ماركىسى گۇۋاھنامىسى، ئاپتوموبىل كىنىشكىسى قاتارلىق مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار گۇۋاھنامە – كىنىشكىلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 230 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرسە بولىدۇ.
293. ئىجرا قىلىنغۇچىلار ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەن بولسا، ئادا قىلىش كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلىدىكى ئۆسۈم ياكى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ھۆكۈم  - كېسىمدە ۋە باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن ئادا قىلىش سۈرۈكى توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
294. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 232 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئادا قىلىش كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلىدىكى قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلىتىش بانكىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلاپ ئېلىنىدىغان قەرز ئۆسۈمىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.
295. ئىجرا قىلىنغۇچىلارىدن پۇلدىن باشقا نەرسە بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ھۆكۈم – كېسىمدە ۋە باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئادا قىلمىغانلىرى، ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقان – ئۇچراتمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى تۆلىشى كېرەك. زىيانغا  ئۇچراتقانلار ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇچرىغان زىياننىڭ ئورنىنى ئىككى ھەسسە تولدۇرۇپ بېرىدۇ؛ زىيانغا ئۇچراتمىغانلار تۆلەيدىغان ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كونكرېت دېلو ئەھۋالىغا قاراپ قارار قىلسا بولىدۇ.
296. ھەقدارلار ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 233 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشتا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 219 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
297. ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا ياكى باشقا تەشكىلات بولۇپ، ئىجرا تەرتىپى باشلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىش ئاساسىغا ئېرىشكەن ياكى دەۋا قىلغان ھەقدارلىرى ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكى بارلىق ھەقدارلىق ھوقۇقىنى ئۈزەلمەيدىغانلىقىنى سەزگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەقسىماتقا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
298. تەقسىماتقا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس سۇنۇشى، ئۇنىڭغا تەقسىماتقا قاتنىشىشنىڭ ۋە ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ بارلىق ھەقدارلىق ھوقۇقىنى ئۈزەلمەسلىكنىڭ پاكىت ۋە ئاساسلىرىنى ئېنىق يېزىشى ھەمدە ئىجرا  قىلىش ئاساسىنى قوشۇپ بېرىشى كېرەك.
تەقسىماتقا قاتنىشىش ھەققىدىكى ئىلتىماس ئىجرا تەرتىپى باشلىنىپ، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلۈك قەرزى ئۈزۈلگۈچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.
299. ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا ياكى باشقا تەشكىلات بولسا، ئىجرا قىلىش ئاساسىغا ئېرىشكەن باشقا ھەقدارلارنىڭ تەقسىماتقا قاتنىشىشىنى ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئىجرا سۇبيېكتىنىڭ مال – مۈلۈك قەرزىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 204 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن پايدىلىنىپ تۆلەشتە، ئۇ بىر رەتتىكى ھەقدارلارغا تۆلەشكە يەتمىسە، نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. تۆلىگەندىن كېيىن قېپقالغان قەرزنى ئىجرا قىلىنغۇچىلار داۋاملىق تۆلىشى كېرەك. ھەقدارلار ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ باشقا مال – مۈلكى بارلىقىنى سەزسە، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى قاچانلا تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
300. ئىجرا قىلىنغۇچى قەرزنى تۆلىيەلمەيدىغان بولسىمۇ، 3 – كىشىنى مۆھلىتى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىدىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، بۇ 3 – كىشىگە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدىدا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. بۇ 3 – كىشى قەرز مەجبۇرىيىتىگە قارىتا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ.
301. ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋە ئىجرا سۇبيېكتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، كىمئارتۇق سودىسى قىلماي ۋە سېتىۋەتمەي، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكى بىۋاسىتە باھا قويۇلۇپ، ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە تاپشۇرۇپ بېرىلسە بولىدۇ، قېپقالغان قەرزنى ئىجرا قىلىنغۇچى داۋاملىق تۆلىشى كېرەك.
302. ئىجرا سۇبيېكتىنىڭ مال – مۈلكىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشقا ياكى سېتىۋېتىشكە ئامال بولمىسا، ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ مال – مۈلۈكنى باھا قويغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە تاپشۇرۇپ بەرسە ياكى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرۇۋېلىشقا ياكى باشقۇرۇشقا ئۇنىمىسا، ئىجرا سۇبيېكتىغا قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
303. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىجرانى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىنغۇچىلار ياكى باشقا كىشىلەردە ئىجرا نىشانىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەدبىر قوللىنىپ دەخلىنى تۈگىتىشى كېرەك ھەمدە ئۇنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. دەخلى قىلىش ھەرىكىتى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ياكى باشقا كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار باشقىدىن دەۋا قىلسا بولىدۇ.
 
ئون سەككىزىنچى، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپى توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە
 
304. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ چەت ئەللىك، دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئادەم، چەت ئەل كارخانىسى ياكى تەشكىلاتى بولغان ۋە ياكى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى، ئۆزگىرىشى، ئاياغلىشىشىغا ئائىت قانۇن جەھەتتىكى پاكىتلار چەت ئەلدە يۈز بەرگەن ياكى دەۋادا نىشان قىلىنغان نەرسە چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان ھەق تەلەپ دېلولىرى چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دېلوسى ھېسابلىنىدۇ.
305. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 34 – مادىسى ۋە 246 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدىغان دېلودا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يازما كېلىشىمى بىلەن باشقا دۆلەت سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تاللىۋېلىشقا  بولمايدۇ. كېىسم قارارى چىقارغۇچىنى تاللىۋېلىش ھەققىدە كېلىشىم بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
306. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭمۇ، چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرىنىڭمۇ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولغان دېلولاردىن دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ چەت ئەل سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان، دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەۋا قىلغان دېلونى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، چەت ئەل سوت مەكھىمىلىرىنىڭ شۇ دېلودا چىقارغا  ھۆكۈم – كېسىملىرىنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىجرا قىلىشىنى چەت  ئەل سوت مەھكىمىلىرى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋالاشقۇچىلار تەلەپ قىلسا، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ لېكىن ئىككى تەرەپ ئورتاق قاتناشقان ياكى ئىمزالىغان خەلقئارا شەرتنامىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
307. دۆلىتىمىز تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان جاۋابكارلار ئېلان چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن دەۋا خېتى يەتكۈزۈپ بېرىلگەندە ياكى چاقىرتىلغاندا، ئېلان مۆھلىتى توشقۇچە دەۋاغا جاۋاب بەرمىسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سىرتتىن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرىنى يەنىلا ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 247 – ماددىسىنىڭ (7) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈم – كېسىم ھۆججەتلىرى ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈلگىنىگە ئالتە ئاي توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، نارازىلىق ئەرز بېرىش سۈرۈكى 30 كۈن ئۆتكۈچە نارازىلىق ئەرز بەرمىسە، 1 – سوتنىڭ ھكۈمى قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
308. چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دەۋالىرىدىكى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ئۆز دۆلىتى ئادىمىگە دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇشنى ھاۋالە قىلسىمۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا ئادۋوكاتلىقتىن باشقا سالاھىيەت بىلەن دەۋا ۋاكالەتچىسى بلۇشنى ھاۋلە قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ؛ چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شەخسىي نامدا دەۋا ۋاكالەتچىسى بولسا بولىدۇ، بىراق دەۋا جەريانىدا دىپلوماتىيە ئىمتىيازىدىن ۋە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.
309. چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دەۋالىرىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى دۆلىتىمىز تەۋەسىدە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى ئۆز ئەمەلدارلىرىغا ھوقۇق بېرىپ، دەۋالاشقۇچى ھېسابلىنىدىغان جۇڭگولۇق ئادۋوكاتلارنى ياكى جۇڭگ پۇقرالىرىنى ئۆز دۆلىتى پۇقراسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسىدا ۋاكالەتچى بولۇشقا دىپلماتىك ۋەكىل سالاھىيىتى بىلەن تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
310. چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دەۋالىرىدا ئىككى تەرەپ مۇرەسسە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسا، مۇرەسسەنامە تەييارلاپ چىقىلىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈمنامە تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇرەسسەنامە تەييارلاپ چىقىلىپ دەۋالاشقۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلسە بولىدۇ.
311. دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئايرىم – ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىز تەۋەسىدە ۋە دۆلىتىمىز تەۋەسىنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقان بولسا، 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم – كېسىملىرىگە نارازىلىق ئەرز بېرىش مۆھلىتى دۆلىتىمىز تەۋەسىدە تۇرۇۋاتقىنىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 147- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە بولىدۇ؛ دۆلىتىمىز تەۋەسىنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقىنىنىڭ 30 كۈن بولىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ نارازىلىق ئەرز بېرىش مۆھلىتى توشقۇچە نارازىلىق ئەرز بەرمىسە، 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم – كېسىمى قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
312. بۇ پىكىرنىڭ 145 – ماددىسىدىن 148 – ماددىسىغىچە بولغان مادىلىرىدىكى، 277 -، 278 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپىگە تەتبىقلىنىدۇ.
313. دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئورگىنىنىڭ كېسىم قارارىنى دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئادا قىلمىغاندا، دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 28 – بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
314. ئىلتىماس قىلغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئورگىنىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، يازما ئىلتىماسنى سۇنۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا قارارنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى قوشۇپ قويۇشى شەرت، ئىلتىماس قىلغۇچى چەت ئەللىك دەۋالاشقۇچى بولسا، ئۇنىڭ ئىلتىماسى خەنزۇچە يېزىقتا سۇنۇلۇشى شەرت.
315. خەلق سوت مەھكىمىسى چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئورگىنىنىڭ كېسىم قارارىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشتا، ئىجرا سۇبيېكتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇننىڭ 260 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار، دەپ ئاقلىنىپ تۇرۇۋالسا، ئۇ مال – مۈلكى بىلەن كېپىللىك بەرگەندىن كېيىن، ئىجرا توختىتىپ قويۇلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا سۇبيېكتىنىڭ ئاقلىنىشىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ، ئىجرا قىلماسلىق ياكى ئاقلىنىشنى رەت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
317. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 258 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئورگانلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم چىقىرىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەرگەندە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەكشۈرۈپ ئامان ساقلاش – ساقلىماسلىقنى قارار قىلسا بولىدۇ، ئامان ساقلاش ھەققىد كېسىم چىقارغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنى كېپىللىك بېرىشكە بۇيرۇشى كېرەك، ئىلتىماس قىلغۇچى كېپىللىك بەرمىسە، ئىلتىماسنى رەت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ.
318. دەۋالاشقۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم – كېسىملىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، بۇ سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق دۆلەت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە بولمىسا، ئېتىبار بېرىش مۇناسىۋىتىمۇ بولمىسا، دەۋالاشقۇچىلا رخەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.
319. دۆلىتىمىز بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى بولمىغان، ئېتىبار بېرىش مۇناسىۋىتىمۇ بولمىغان دۆلەتنىڭ سوت مەھكىمىسى دۆلىتىمىزنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن ئەدلىيە جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن تەلەپ قىلماي، بىۋاسىتە تەلەپ قىلسا، دۆلىتىمىزنىڭ سوت مەھكىمىسى قايتۇرۇۋېتىشنى ھەمدە سەۋابىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
320. دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامە، كېسىمنامىلىرىنى دۆلىتىمىز تەۋەسىنىڭ سىرتىدا ئىشلىتىشتە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىسپات بېرىشنى تەلەپ قىلسا، شۇنىڭدەك چەت ئەل سوت مەھكىمىسى دۆلىتىمىزنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ھۆكۈمنامە، كېسىمنامىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىسپات بېرىشنى تەلەپ قىلسا، دۆلىتىمىزنىڭ ھۈكۈمنامە، كېسىمنامىلىرىنى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ مەھكىمە نامىدا ئىسپات بەرسە بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 669 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01