ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋادىكى دەلىل - ئىسپات توغرىسىدىكى بىرقان

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋادىكى دەلىل - ئىسپات توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى

 

 


بۇ بەلگىلىمە خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلو پاكىتىنى توغرا بېكىتىش، ھەق تەلەپ دېلولىرىنى ئادىل، ۋاقتىدا قاراپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» (تۆۋەندە «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» دەپ قىسقارتىلدى) قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىپ، ھەق تەلەپ سوت قىلىش تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

1. ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشى

1- ماددا دەۋاگەر خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىشتا ياكى جاۋابكار قارشى ئەرز قىلىشتا، ئەرز قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىپ دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى قوشۇمچە قىلىشى لازىم.
2- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۆزى دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئاساسلانغان پاكىت ياكى قارشى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشتا ئاساسلانغان پاكىت ئۈستىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش جاۋابكارلىقى بولىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل - ئىسپات بولمىسا ياكى دەلىل - ئىسپاتى يېتەرلىك بولمىسا، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولغان ئالاقىدار كىشى پايدىسىز ئاقىۋەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
3 ‿/SPAN>ماددؿخەلٿسوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشتىكى تەلەپ ۋە قانۇن ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ئاكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، توغرا، راستچىللىق بىلەن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
ئالاقىدار كىشىلەر ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزى دەلىل - ئىسپات توپلىيالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ توپلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
4- ماددا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋالىرىدا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ:
(1) يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى كەشپىيات پاتېنتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، ئوخشاش خىلدىكى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ پاتېنت ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
(2) خەتىرى چوڭ مەشغۇلاتنىڭ ئادەمگە زىيان يەتكۈزۈش يۈزىسىدىن قىلىنغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، زىيان سالغۇچى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ قەستەن زىيان پەيدا قىلىش پاكىتىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
(3) مۇھىتنى بۇلغاش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەش دەۋاسىدا، زىيان سالغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىيان سېلىش نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئۈستىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
(4) ئىمارەت ياكى باشقا مۇئەسسەسەلەر ھەمدە ئىمارەت ئۈستىگە قويۇلغان نەرسە، ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەر ئۇرۇلۇپ كېتىپ، ئاجراپ كېتىپ، چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان سالغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋالىرىدا، ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى يوقلۇقى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
(5) باققان ھايۋانلارنىڭ باشقىلارغا زىيان سېلىشىدىن پەيدا بولغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقى ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
(6) مەھسۇلاتنىڭ نۇقسانى تۈپەيلىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
(7) ئورتاق خەۋپلىك قىلمىش باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىش ىغ ا سەۋەب بولغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، خەۋپلىك قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۆزىنىڭ قىلمىشى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
(8) داۋالاش ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، داۋالاش ئاپپاراتى داۋالاش ھەرىكىتى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە داۋالاش سەۋەنلىكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلىنىلىدۇ.

5 ‿/SPAN>ماددؿتوختاٿماجىرالىرى دېلولىرىدا، توختام مۇناسىۋىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ھەمدە كۈچكە ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ئالاقىدار تەرەپتىكى كىشىلەر توختام تۈزۈش ۋە كۈچكە ئىگە بولۇش پاكىتى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛ توختام مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇش، كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان تەرەپتىكى ئالاقىدار كىشىلەر توختام مۇناسىۋىتىنى ڭ ئ ۆزگ ىرىشىنى پەيدا قىلغان پاكىت ئۈستىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
توختامنى ئىجرا قىلىش - قىلماسلىقتا تالاش - تارتىش كېلىپ چىقسا، ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان تالاش - تارتىشتا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان ئالاقىدار كىشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
6 ‿/SPAN>ماددؿئەمگەٿتالاش - تارتىش ماجىراسى دېلولىرىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشتىن ھەيدەش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، چېكىندۈرۈش، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئەمگەك ھەققىنى ئازايتىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى ھېسابلاش قاتارلىق بەلگىلىمىلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
7- ماددا قانۇندا بەلگىلىمە بولمىغان، بۇ بەلگىلىمە ھەمدە باشقائەدلىيىلىك چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە ئامال بولمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى باراۋەرلىك پرىنسىپى ۋە سەمىمىي، ئىشەنچلىك بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئېلىشنى بېكىتسە بولىدۇ.
8- ماددا دەۋالىشىش داۋامىدا، ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ بايان قىلغان دېلونىڭ پاكىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە، ئ الاق ى دار يەنە بىر تەرەپنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لېكىن سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا.
ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ بايان قىلغان پاكىتنى يەنە بىر تەرەپ ھەم ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىسە ھەم ئىنكار قىلمىسا، سوت قىلغۇچى خادىملارنىڭ تولۇق چۈشەندۈرۈشى ھەمدە سوئال قويۇشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ياكى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى يەنىلا ئېنىق بىلدۈرمىسە، شۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر دەۋا ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلغان بولسا، ۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلمىگەن ۋاكالەتچىنىڭ پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشى قارشى تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئالاقىدار كىشىلەر نەق مەيداندا بولغان، لېكىن ۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن بولسا، ئالاقىدار كىشىلەر ئېتىراپ قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر سوتتىكى مۇنازىرە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئېتىراپ قىلىشنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن بولسا ياكى ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تەھدىت سېلىش ياكى چوڭ خاتا چۈشىنىش ئەھۋالى ئاستىدا چىقارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىتغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان تولۇق دەلىل - ئىسپات بولسا، ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
9- ماددا تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى ھاجەتسىز:
(1) ھەممىگە ئايان بولغان پاكىت؛
(2) تەبىئىي قانۇنىيەت ۋە تېئورىما؛
(3) قانۇن بەلگىلىمىسى ياكى ئايان بولغان پاكىت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش تەجرىبە قائىدىلىرىگە ئاساسەن، يەنە بىر پاكىتنى ئەقلىي ھۆكۈم بىلەن بېكىتكىلى بولسا؛
(4) خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم - كېسىملىرىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىت بولسا؛
(5) كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان كېسىملىرىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىت بولسا؛
(6) كۈچكە ئىگە بولغان گۇۋاھلىق ھۆججەتلىرىدە ئىسپاتلانغان پاكىت بولسا.
يۇقىرىدىكى (1)، (2)، (3)، (4)، (5)، (6) تارماقچىلاردىن ئالاقىدار كىشىلەر قارشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
10- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشتە ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي بۇيۇمنى كۆرسىتىشى شەرت. ئەگەر ئۆزىدىكى دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي بۇيۇمنى ئۆزى ساقلاشقا توغرا كەلسە ياكى ئەسلىي نۇسخا، ئەسلىي بۇيۇمنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سېلىشتۇرۇپ باشقا ئەھۋال بولمىغانلىقى ئىسپاتلانغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن بۇيۇمنى كۆرسەتسە بولىدۇ.
11- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپات جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسىنىڭ سىرتىدا شەكىللەنگەن ب ول س ا، ب ۇ دەل ى ل - ئىسپات شۇ دەلىل - ئىسپات شەكىللەنگەن دۆلەت گۇۋاھلىق ئورگىنىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دەلىل - ئىسپات شەكىللەنگەن دۆلەت ئىمزالىغان مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن ئىسپاتلاش رەسمىيەتلىرى ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.
ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتلار شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا شەكىللەنگەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كېرەك.
12- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە كۆرسەتكەن چەت ئەل يېزىقىدىكى دەلىل - ئىسپاتلار ياكى چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرىغا خەنزۇچە تەرجىمىسى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك.
13 ‿/SPAN>ماددؿئالاقىداؿئىككى تەرەپنىڭ تالاش - تارتىشى بولمىغان، لېكىن دۆلەت مەنپەئىتى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان پاكىتلاردا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى مۇناسىۋەتلىك دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.
14- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر ئۆزلىرى تاپشۇرغان دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىغا بىر - بىرلەپ نومۇر سېلىشى، دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىسپاتلاش ئوبيېكتى ۋە مەزمۇنىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى، ئىمزا قويۇپ، تامغا بېسىشى، تاپشۇرغان ۋاقىتنى ئىزاھلىشى ھەمدە ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ ئادەم سانى بويىچە قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى لازىم.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر تاپشۇرغان دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشتا ھۆججەت بېرىشى، دەلىل - ئىسپاتنىڭ نامى، سانى ۋە بەت سانى ھەمدە تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتنى ئىزاھلىشى، ئۈستىگە بېجىرگۈچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

2. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلىشى


15 - ماددا«ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 64 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلوغا قاراپ چىقىشتا زۆرۈر دەپ قارىغان دەلىل - ئىسپات» تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ:
(1) دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان پاكىتقا چېتىلسا؛
(2) خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئالاقىدار كىشىلەرنى قوشۇش، دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش، دەۋانى ئاخىرلاشتۇرۇش، چەتلەپ تۇرۇشتەك سۇبستانسىيە تالاش - تارتىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان تەرتىپ ئىشلىرىغا چېتىشلىق بولسا.
16 ‿/SPAN>ماددؿبؿبەلگىلىمىنىڭ 15 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلاش ئىشىنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
17- ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
(1) تەكشۈرۈپ توپلاشنى ئىلتىماس قىلغان دەلىل - ئىسپات دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئالىدىغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى بولسا؛
(2) دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيىتى، شەخسنىڭ سىرىغا چېتىلىدىغان ئارخىپ ماتېرىياللار بولسا؛
(3) ئالاقىدار كىشىلەر ھەمدە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن ئۆز ئالدىغا توپلىيالمايدىغان باشقا ماتېرىياللار بولسا.
18- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلىشىنى ئىلتىماس قىلىشتا يازما ئىلتىماس تاپشۇرۇش كېرەك. ئىلتىماسنامىگە تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى ئورۇننىڭ نامى، ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللىرى، تەكشۈرۈپ توپلايدىغان دەلىل - ئىسپاتنىڭ مەزمۇنى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇشتىكى سەۋەبلەر ھەمدە ئۇنىڭدا ئىسپاتلىنىدىغان پاكىتلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
19- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇشتىن يەتتە كۈن ئىلگىرى بولۇشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا رۇخسەت قىلمىسا، ئالاقىدار كىشىلەر ياكى ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىگە ئۇقتۇرۇشنامە يەتكۈزۈشى كېرەك. ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئۇقتۇرۇشنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى يازما ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى لازىم.
20 ‿/SPAN>ماددؿتەكشۈرگۈچؿخادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ توپلىغان يازما ئىسپاتى ئەمەلىي نۇسخىسى بولسا بولىدۇ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق خاتاسىز بولغان قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى تەقلىد نۇسخىسى بولسىمۇ بولىدۇ. قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى تەقلىد نۇسخىسى بولسا، تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە كېلىش مەنبەسى ۋە دەلىل - ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
21 ‿/SPAN>ماددؿتەكشۈرگۈچؿخادىملار تەكشۈرۈپ توپلىغان ماددىي ئىسپات ئەسلىي نەرسە بولۇشى كېرەك. تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئەسلىي نەرسىنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، تەقلىد بۇيۇمى ياكى سۈرئىتىنى بەرسە بولىدۇ. تەقلىد بۇيۇم ياكى سۈرئىتىنى بەرسە، تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە دەلىل - ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش لازىم.
22 ‿/SPAN>ماددؿتەكشۈرگۈچؿخادىملار كومپيۇتېر سانلىق ئاساسلىرى ياكى ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇغا ئېلىنغان ئۈن - سىن ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ توپلاشتا، تەكشۈرۈلگۈچىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ دەسلەپكى ۋاسىتىچىسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. دەسلەپكى ۋاسىتىچىسىنى بېرىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، تەقلىدىنى بەرسە بولىدۇ. تەقلىدىي بېرىلگەن بولسا، تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەييارلاش جەريانىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
23 ‿/SPAN>ماددؿئالاقىداؿكىشىلەرنىڭ «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 74 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاشن ى ئىلت ى م اس قىلىشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇشتىن يەتتە كۈن ئىلگىرى بولۇشى لازىم.
ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇنىڭدىن مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
قانۇن، ئەدلىيىلىك چۈشەندۈرۈشلەردە دەۋادىن ئىلگىرىكى دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاش توغرىسىدا بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ.
24- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاشتا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، سۈرەتكە تارتىش، ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇغا ئېلىش، تەقلىد قىلىش، باھالاش، تەكشۈرۈش، خاتىرە تەييارلاشتەك ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاشتا، ئالاقىدار كىشىلەر ياكى دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
25- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر باھالاش ئىلتىماسىنى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 27 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن بولغانلىرىدا، ئالاقىدار كىشىلەر يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ئىلتىماس قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
باھالاشقا تېگىشلىك ئىشلاردا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولغان ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ باھالاشنى ئىلتىماس قىلماي ياكى باھالاش خىراجىتىنى ئالدىن تاپشۇرماي ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ، دېلودا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان پاكىتنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئارقىلىق بېكىتىلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولسا، مەزكۇر پاكىتتا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلمەسلىكنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
26- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ باھالاش ئىلتىماسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە باھالاش ئاپپاراتى، باھالىغۇچى خادىملارنى بەلگىلەيدۇ، كېڭىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بەلگىلەيدۇ.
27- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھاۋالە قىلغان باھالاش تارماقلىرى چىقارغان باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولۇپ، يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ئىلتىماس قىلىپ، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى رۇخسەت قىلىشى كېرەك:
(1) باھالاش ئاپپاراتى ياكى باھالىغۇچى خادىملار مۇناسىۋەتلىك باھالاش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا؛
(2) باھالاش تەرتىپى قانۇنغا ئېغىر ھالدا خىلاپ بولسا؛
(3) باھالاش يەكۈنىنىڭ ئاساسى كۆرۈنەرلىك يېتەرسىز بولسا؛
(4) دەلىللەش ئارقىلىق دەلىل - ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار بېكىتىلگەن بولسا.
نۇقسانى بار باھالاش يەكۈنىنى تولۇقلاپ باھالاش، يېڭىۋاشتىن دەلىللەش ياكى تولۇقلاپ دەلىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلغىلى بولسا يېڭىۋاشتىن باھالاشقا بولمايدۇ.

28- ماددا ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چىقارغان باھالاش يەكۈنى ئۈستىدە ئالاقىدار كىشىلەردىن يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۇنى رەت قىلىدىغان يېتەرلىك دەلىل - ئىسپات كۆرسەتسە ھەمدە يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى رۇخسەت قىلىشى كېرەك.
29 ‿/SPAN>ماددؿسوؿقىلغۇچى خادىملار باھالىغۇچى چىقارغان باھالاشنامىسىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك:
(1) ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى، ھاۋالە قىلىپ باھالاتقان مەزمۇنلار؛
(2) ھاۋالە قىلىپ باھالاتقان ماتېرىياللار؛
(3) باھالاشنىڭ ئاساسى ھەمدە ئىشلەتكەن ئىلمىي - تېخنىكا ۋاسىتىسى؛
(4) باھالاش جەريانىنىڭ چۈشەندۈرۈشى؛
(5) ئېنىق بولغان باھالاش يەكۈنى؛
(6) باھالىغۇچىنىڭ باھالاش سالاھىيىتى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى؛
(7) باھالىغۇچى ۋە باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىمزا، تامغىسى.

30 ‿/SPAN>ماددؿخەلٿسوت مەھكىمىلىرى ماددىي ئىسپات ياكى نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە، خاتىرە قالدۇرۇشى، خاتىرىگە تەكشۈرگەن ۋاقتى، ئورۇن، تەكشۈرگۈچى، شۇ مەيداندا ھازىر بولغۇچى، باھالاش جەريانى، نەتىجىسىنى خاتىرىلىشى، ئۇنىڭغا نەق مەيداندىكى خادىملار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. نەق مەيداننىڭ خەرىتىسىنى سىزىشتا خەرىتە سىزغان ۋاقىت، ئورۇن، خەرىتە سىزغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، سالاھىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك.
31 - ماددامۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەييارلىغان دېلونىڭ پاكىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئۈزۈندى قىلىپ ئېلىشتا، چىققان جاينى ئىزاھلاپ قويۇشى ھەمدە تەييارلىغان ئورۇن ياكى ساقلىغۇچى ئورۇن تامغا بېسىشى، ئۈزۈندە ئالغۇچى ۋە تەكشۈرگۈچى ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.
ھۆججەت، ماتېرىياللاردىن ئۈزۈندە ئېلىشتا، مەزمۇنىنىڭ مۇناسىپ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش لازىم، باش - ئاخىرىدىن ئۈزۈۋېلىشقا بولمايدۇ.

3. دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى ۋە دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش


32 ‿/SPAN>ماددؿجاۋابكاؿجاۋاب بېرىش مۆھلىتى توشۇشتىن ئىلگىرى يازما جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپى ھەمدە ئاساسلانغان پاكىت ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى پىكرىنى بايان قىلىشى كېرەك.

33- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە دېلو قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ئەرزگە جاۋاب قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈشى كېرەك. دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش ئۇقتۇرۇشنامىسىگە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى تەقسىم قىلىش پرىنسىپى ۋە تەلىپى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان ئەھۋاللار، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدىغان دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ۋە مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئېنىق يېزىپ قويۇش لازىم.
دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتىنى ئالاقىدار كىشىلەر كېڭىشىپ بىرلىككە كەلتۈرىدۇ ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتىنى بەلگىلىسە، بەلگىلىگەن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى 30 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، بۇ مۆھلەت ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دېلونى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى ۋە ئەرزگە جاۋاب بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
34- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە تاپشۇرمىسا، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، دەپ قارىلىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ تەمىنلىگەن دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندا دەلىللەشنى تەشكىللىمىسە بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللەشكە قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئالاقىدار كىشىلەر دەۋا تەلىپىنى كۆپەيتمەكچى، ئۆزگەرتمەكچى ياكى قارشى ئەرز بەرمەكچى بولسا، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى توشۇشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
35 ‿/SPAN>ماددؿدەۋالىشىؿجەريانىدا، ئالاقىدار كىشىلەر تەشەببۇس قىلغان قانۇن مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەق تەلەپ ئىشلىرىنىڭ كۈچى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو پاكىتىغا ئاساسلىنىپ بېكىتكىنى بىردەك بولمىسا، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 34 - ماددىسىدىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.
ئالاقىدار كىشىلەر دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكىنى يېڭىۋاشتىن بەلگىلەپ بېرىشى لازىم.
36- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشنى كېچىكتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ. ئالاقىدار كىشىلەر ئۇزارتىلغان دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى ئىچىدە دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشتا يەنىلا قىينالسا، مۇددەتنى ئۇزارتىشنى يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، رۇخسەت قىلىش - قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قارار قىلىدۇ.
37- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ئارقىلىق، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى رەسمىي سوت قىلىشتىن ئىلگىرى دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپاتلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان ياكى مۇرەككەپ چىگىش بولغان دېلولاردا، ئالاقىدار كىشىلەرنى جاۋاب بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، رەسمىي قاراپ چىقىشتىن ئىلگىرى دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
38- ماددا دەلىل - ئىسپاتنى ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى ئالاقىدار كىشىلەر كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشىدىن ئۆتكۈزسە بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بەلگىلىسىمۇ بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىگەن بولسا، دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرغان كۈن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى توشقان كۈن بولىدۇ. ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشنى كېچىكتۈرۈش ئىلتىماسى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتكەن بولسا، دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش كۈنى مۇناسىپ ئۇزارتىلىدۇ.
39- ماددا دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش سوت قىلغۇچى خادىملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
دەلىل - ئىسپاتنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، سوت قىلغۇچى خادىملار ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ باشقىچە پىكرى بولمىغان پاكىت، دەلىل - ئىسپاتلارنى دېلوغا خاتىرىلىشى كېرەك؛ باشقىچە پىكرىدە بولغان دەلىل - ئىسپاتلارنى ئىسپاتلاشقا تېگىشلىك بولغان پاكىتلار بويىچە تۈرگە ئايرىپ دېلوغا خاتىرىلىشى ھەمدە باشقىچە پىكىردە بولۇش سەۋەبلىرىنى خاتىرىلىشى لازىم. دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى بېكىتىش كېرەك

40 ‿/SPAN>مادداؿئالاقىداؿكىشىلەر قارشى تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرغان دەلىل - ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رەددىيە بەرسە ھەمدە يېڭى دەلىل - ئىسپات ئوتتۇرىغا قويسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالماشتۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش ئادەتتە ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، لېكىن چوڭ، قىيىن ۋە دېلو ئەھۋالى ئالاھىدە مۇرەككەپ بولغان دېلولاردا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى يەنە بىر قېتىم دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ ھېسابلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
41- ماددا «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 125 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن «يېڭى دەلىل - ئىسپات» تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ:
(1) بىرىنچى س وت تەرتىپىدىكى يېڭى دەلىل - ئىسپات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىرىنچى سوتتا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يېڭىدىن سەزگەن دەلىل - ئىسپات؛ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى ئىچىدە كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق، ئۇزارتىلغان مۇددەت ئىچىدە يەنىلا كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان دەلىل - ئىسپات؛
(2) ئىككىنچى سوت تەرتىپىدىكى يېڭى دەلىل - ئىسپات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭىدىن سېزىلگەن دەلىل - ئىسپات؛ ئالاقىدار كىشىلەر بىرىنچى سوتتا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان، ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئالغان دەلىل - ئىسپاتلار.
42- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىرىنچى سوت تەرتىپىدە يېڭى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش ئىشى ئىككىنچى سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى ياكى رەسمىي سوت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى سوتتا رەسمىي سوت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
43- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتى يېڭى دەلىل - ئىسپات بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلمايدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپات كۆسىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلغان، لېكىن ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رۇخ س ەت قىلىن غ ان م ۇددەت ئىچىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسەتمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر دەلىل - ئىسپاتنى قاراپ چىقىش ھۆكۈمىنىڭ روشەن ئادىل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بولسا، ئۇ كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتنى يېڭى ئىسپات دەپ قاراشقا بولىدۇ.
44- ماددا «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 179 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماق (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن «يېڭى دەلىل - ئىسپات» ئەسلىي سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭىدىن سېزىلگەن دەلىل - ئىسپاتنى كۆرسىتىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىدە كۆرسىتىدىغان يېڭى دەلىل - ئىسپاتنى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
45 ‿/SPAN>ماددؿئالاقىداؿكىشىلەردىن بىر تەرەپ يېڭى دەلىل - ئىسپات كۆرسەتسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار قارشى تەرەپكە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ياكى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
46- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلمەي، دېلونى ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىقىش ياكى قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى ئىچىدە يېڭى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سەۋەبىدىن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قايتا قاراپ چىقىشقا ياكى ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم قىلىشقا سەۋەبچى بولسا، ئەسلىي قاراپ چىقىپ چىقارغان ھۆكۈم خاتا ھۆكۈم قىلىنغان دېلو قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ يېڭىدىن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش ئىلتىماسى قىلغان بولسا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپنىڭ بۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن زىممىسىگە ئالىدىغان كۆپەيگەن كاماندىروپكا، ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش، گۇۋاھچىنىڭ سوتقا كېلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش ۋە دەۋالىشىشقا كەتكەن مۇۋاپىق خىراجەتلىرىنى ھەمدە بۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن چوڭايغان زىيىنىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك.

4 . يۈزلەشتۈرۈش

47- ماددا دەلىل - ئىسپات سوتتا كۆرسىتىلىشى، ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتمىگەن دەلىل - ئىسپاتنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئېتىراپ قىلغان ھەمدە دېلوغا خاتىرىلەنگەن دەلىل - ئىسپاتنى سوت قىلغۇچى خادىملار رەسمىي سوتتا ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن، دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.
48- ماددا دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغان ياكى قانۇندا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش لازىملىقى بەلگىلەنگەن دەلىل - ئىسپاتلارنى رەسمىي سوت قىلغاندا ئاشكارا يۈزلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.
49- ماددا يازما ئىسپات، ماددىي ئىسپات، ئاڭلاش، كۆرۈش ماتېرىياللىرىنى يۈزلەشتۈرگەندە، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي نەرسىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
(1) ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي نەرسىنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولغان ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەقلىد قىلىنغان نۇسخىسى ياكى تەقلىد قىلغان نەرسىنى كۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلغان بولسا؛
(2) ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي نەرسە مەۋجۇت بولمىغان، لېكىن تەقلىد قىلىنغان نۇسخىسى تەقلىد قىلىنغان نەرسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي بۇيۇم بىلەن بىردەكلىكنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل - ئىسپات بولسا.
50 ‿/SPAN>ماددؿيۈزلەشتۈرگەندەؿئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپاتنىڭ چىنلىقى، باغلىنىشلىقى، قانۇنلۇقلۇقى، دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ بار - يوقلۇقى ھەمدە ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا سوئال قويۇشى، چۈشەندۈرۈشى ياكى رەددىيە بېرىشى كېرەك.
51 ‿/SPAN>ماددؿيۈزلەشتۈرۈؿتۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:
(1) دەۋاگەر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىدۇ، جاۋابكار، ئۈچىنچى كىشى بىلەن دەۋاگەر يۈزلىشىدۇ؛
(2) جاۋابكار دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىدۇ، دەۋاگەر، ئۈچىنچى كىشى بىلەن جاۋابكار يۈزلىشىدۇ؛
(3) ئۈچىنچى كىشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىدۇ، دەۋاگەر، جاۋابكار بىلەن ئۈچىنچى كىشى يۈزلىشىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر تەكشۈرۈپ توپلاشنى ئىلتىماس قىلغان دەلىل - ئىسپاتلارنى ئالاقىدار كىشىلەردىن ئىلتىماس قىلغۇچى تەرەپ كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپات قىلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھوقۇقىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ توپلىغان دەلىل - ئىسپاتلارنى رەسمىي سوت قىلغاندا كۆرسىتىشى، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلاش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
52- ماددا دېلودا ئىككىدىن ئارتۇق مۇستەقىل دەۋا تەلىپى بولسا، ئالاقىدار كىشىلەر بىر - بىرلەپ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ يۈزلەشتۈرۈشى لازىم.
53 ‿/SPAN>ماددؿمەقسىتىنؿتوغرا ئىپادىلىيەلمەيدىغان كىشىلەر گۇۋاھچى بولسا بولمايدۇ.
ئىسپاتلىماقچى بولغان پاكىت بىلەن ئۇنىڭ ياش قۇرامى، ئەقىل كۈچى ئەھۋالى ياكى روھىي ساغلاملىق ئەھۋالى ماس كېلىدىغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا، ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغانلار ۋە ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلار گۇۋاھچى بولسا بولىدۇ.
54 ‿/SPAN>ماددؿئالاقىداؿكىشىلەر گۇۋاھچىنىڭ سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشىنى ئىلتىماس قىلىشىنى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇشتىن ئون كۈن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئىلتىماسىغا رۇخسەت قىلغان بولسا، رەسمىي سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى گۇۋاھچىنىڭ سوتقا كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئەينەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش لازىملىقى ھەمدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.
گۇۋاھچىنىڭ سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش سەۋەبىدىن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق خىراجەتنى ئالاقىدار كىشىلەردىن گۇۋاھچىنى كۆرسەتكەن تەرەپ ئالدى بىلەن چىقىم قىلىدۇ، دەۋادا يېڭىلگەن ئالاقىدار كىشى زىممىسىگە ئالىدۇ.
55 -ماددا گۇۋاھچى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوئال قويۇشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
گۇۋاھچى خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەشكىللىگەن ئالاقىدار ئىككى تەرەپ دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش ۋاقتىدا بايان قىلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
56- ماددا«ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 70 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «گۇۋاھچىلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولۇپ سوتقا چىقالماسلىقى» تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ:
(1) ياشىنىپ قالسا ياكى ھەرىكىتى قۇلايسىز بولغانلىقتىن سوتقا قاتنىشىشقا ئامالسىز قالسا؛
(2) پەۋقۇلئاددە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا ئامالسىز قالسا؛
(3) يول يىراق، قاتناش قۇلايسىز بولغانلىقتىن سوتقا قاتنىشىشتا قىيىنچىلىق بولسا؛
(4) تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ھادىسە تۈپەيلىدىن سوتقا قاتنىشىشقا ئامالسىز قالسا؛
(5) سوتقا قاتنىشىشقا ئىلاجسىز بولغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.
گۇۋاھچىلار ئالدىنقى تارماقلاردا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللاردا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق يازما گۇۋاھلىق سۆزى تاپشۇرسا ياكى كۆرۈش - ئاڭلاش ماتېرىياللىرى ياكى قوش يۆنىلىشلىك كۆرۈش، ئاڭلاش، يەتكۈزۈش تېخنىكىلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق گۇۋاھلىقتىن ئۆتسە بولىدۇ.
57 ‿/SPAN>ماددؿسوتقؿقاتنىشىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدىغان گۇۋاھچىلار ئۆزلىرى ھېس قىلىپ بىلگەن پاكىتنى ئوبيېكتىپ بايان قىلىشى كېرەك. گۇۋاھچىلار گاس - گاچا بولسا، باشقا ئىپادىلەش شەكلى بىلەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتىسە بولىدۇ.
گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشتە، قىياس، ئەقلىي ھۆكۈم، باھا خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.
58- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە ئالاقىدار كىشىلەر گۇۋاھچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ. گۇۋاھچىلار سوتتا قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى سىرتتىن ئاڭلىسا بولمايدۇ، گۇۋاھچىدىن سوئال سورىغاندا، باشقا گۇۋاھچىلار نەق مەيداندا ھازىر بولسا بولمايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى زۆرۈر دەپ قارىسا، گۇۋاھچىلارنى يۈزلەشتۈرسە بولىدۇ.
59 - ماددا باھالىغۇچى سوتقا قاتنىشىپ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوئال سورىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
باھالىغۇچىلار ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە سەۋەب تۈپەيلىدىن سوتقا قاتنىشىشقا ئامالسىز قالسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوئالىغا يازما جاۋاب بەرسە بولىدۇ.

60- ماددا سوتنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق ئالاقىدار كىشىلەر گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەرگە سوئال قويسا بولىدۇ.
گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەردىن سوئال سوراشتا، تەھدىت سېلىش، ھاقارەت قىلىش ھەمدە گۇۋاھچىنى نامۇۋاپىق سۆز ۋە شەكىللەر ئارقىلىق يېتەكلەشكە بولمايدۇ.
61- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە بىردىن ئىككىگىچە مەخسۇس بىلىمى بار كىشىلەرنىڭ سوتقا قاتنىشىپ دېلودىكى مەخسۇس مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىسا، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى ئىلتىماس قىلغان ئالاقىدار كىشىلەر زىممىسىگە ئالىدۇ.
سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە ئالاقىدار كىشىلەر سوتقا قاتناشقان مەخسۇس بىلىمى بار كىشىلەردىن سوئال سورىسا بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ھەرقايسىسى ئىلتىماس قىلغان مەخسۇس بىلىمى بار خادىملار بىلەن دېلودىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە يۈزلەشسە بولىدۇ.
مەخسۇس بىلىمى بار خادىملار باھالىغۇچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ.
62- ماددا سوت ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ يۈزلىشىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى ھەمدە ئالاقىدار كىشىلەر سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن ئۈستىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

5. دەلىل - ئىسپاتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش

63 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان دېلو پاكىتىنى قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشى لازىم.
64 ‿/SPAN>ماددؿسوؿقىلغۇچى خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دەلىل - ئىسپاتلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈشى، قانۇن بەلگىلىمىلىرى بويىچە سودىيىلەرنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، لوگىكىلىق ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى قوللىنىپ دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى بار - يوقلۇقى ۋە ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە ھۆكۈم قىلىش ئاساسلىرى ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلىشى كېرەك.
65- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار يەككە دەلىل - ئىسپاتلارنى تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك:
(1) دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي نەرسىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، تەقلىد قىلىنغان بۇيۇمى بىلەن ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي بۇيۇمىنىڭ ئوخشاش - ئوخشاش ئەمەسلىكى؛
(2) دەلىل - ئىسپاتنىڭ شۇ دېلو پاكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى - ئەمەسلىكى؛
(3) دەلىل - ئىسپاتنىڭ شەكلى، كېلىش مەنبەسىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن - ئۇيغۇن ئەمەسلىكى؛
(4) دەلىل - ئىسپاتنىڭ مەزمۇنىنىڭ چىن ياكى چىن ئەمەسلىكى؛
(5) گۇۋاھچىنىڭ ياكى گۇۋاھچى كۆرسەتكەن كىشىنىڭ ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار - يوقلۇقى.
66- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار دېلونىڭ بارلىق دەلىل - ئىسپاتىنى ھەرقايسى دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن دېلو پاكىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دەرىجىسى، ھەرقايسى دەلىل - ئىسپاتلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشى كېرەك.
67- ماددا دەۋالىشىش داۋامىدا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ياكى ئەپلىشىپ قېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان يول قويۇشى چېتىلىدىغان دېلو پاكىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى كېيىنكى دەۋالىشىش داۋامىدا ئۇنىڭغا پايدىسىز دەلىل - ئىسپات قىلىشقا بولمايدۇ.
68 - ماددا باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قېلىش ياكى قانۇننىڭ مەنئى قىلىش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن ئىگە بولغان دەلىل - ئىسپاتلارنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.
69 - ماددا تۆۋەندىكى دەلىل - ئىسپاتلارنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ مۇستەقىل ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ:
(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ياش قۇرامى ۋە ئەقىل كۈچىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان گۇۋاھلىق سۆزلىرى؛
(2) ئالاقىدار بىر تەرەپ ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان گۇۋاھچىلار بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزى؛
(3) گۇمانلىق جايلىرى بولغان كۆرۈش - ئاڭلاش ماتېرىياللىرى؛
(4) ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي بۇيۇم بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئامال بولمىغان تەقلىد قىلىنغان نۇسخا، تەقلىد قىلىنغان بۇيۇم؛
(5) ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي سوتقا قاتناشمىغان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.
70- ماددا ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تۆۋەندىكى دەلىل - ئىسپاتلارغا ئالاقىدار قارشى تەرەپ باشقىچە پىكىردە بولغان، ئەمما ئاغدۇرۇۋېتىشكە يېتەرلىك قارشى دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ كۈچىنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك:
(1) يازما ئەسلىي نۇسخا ياكى يازما ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاتالىق بولمىغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، سۈرەت، قوشۇمچە نۇسخىسى، قىسقارتىلغان نۇسخىسى؛
(2) ماددىي دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئەسلىي بۇيۇمى ياكى ماددىي دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئەسلىي بۇيۇمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاتالىق بولمىغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، سۈرەت، سىنئالغۇ ماتېرىياللىرى؛
(3) باشقا دەلىل - ئىسپات بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ھەمدە قانۇنلۇق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن، گۇمانلىق جايلىرى بولمىغان كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرى ياكى كۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاتالىق بولمىغان تەقلىد قىلىنغان نۇسخىسى؛
(4) ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئىلتىماس قىلغان خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەييارلىغان ماددىي ئىسپات ياكى نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى.

71 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھاۋالە قىلغان باھالاش تارماقلىرى چىقارغان باھالاش خۇلاسىسىنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان يېتەرلىك دەلىل - ئىسپاتلىرى ۋە سەۋەبى بولمىغانلىرىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ.
72- ماددا ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ دەلىل - ئىسپات ئوتتۇرىغا قويسا، ئالاقىدار كىشىلەردىن يەنە بىر تەرەپ ئېتىراپ قىلسا ياكى قارشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ ئۇنى رەت قىلىشقا يېتەرلىك بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان دەلىل - ئىسپاتتا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ باشقىچە پىكىردە بولسا ھەمدە رەت قىلىش دەلىل - ئىسپاتى ئوتتۇرىغا قويسا، ئالاقىدار قارشى تەرەپ رەت قىلغان دەلىل - ئىسپاتنى رەت قىلمىسا، رەت قىلغان دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ.
73- ماددا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئوخشاش بىر پاكىت ئۈستىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى دەلىل - ئىسپات كۆرسەتسە، لېكىن ھەممىسى قارشى تەرەپنىڭ دەلىل - ئىسپاتىنى ئىنكار قىلىشتا يېتەرلىك ئاساسى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ يەنە بىر تەرەپ كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىدىن روشەن چوڭ ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە ئىسپاتلاش كۈچى بىرقەدەر چوڭ بولغان دەلىل - ئىسپاتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.
دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتىشكە ئامال بولمىغانلىقتىن، تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان پاكىتنى بېكىتىشكە ئامال بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى تەقسىم قىلىش قائىدىسىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىشى كېرەك.

74 -ماددؿدەۋالىشىؿداۋامىدا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئەرزنامە، جاۋابنامە، بايان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋاكالەتلىك سۆزلىرىدە ئېتىراپ قىلغان ئۆزىگە پايدىسىز بولغان پاكىت ۋە ئېتىراپ قىلغان دەلىل - ئىسپاتلارنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى لازىم، لېكىن ئالاقىدار كىشىلەر يېنىۋالغان ھەمدە قارشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
75- ماددا ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپنىڭ قولىدا دەلىل - ئىسپات بار بولۇپ، ئورۇنلۇق سەۋەب بولماي تۇرۇپ كۆرسىتىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل - ئىسپات بولسا، ئەگەر ئالاقىدار قارشى تەرەپ مەزكۇر دەلىل - ئىسپاتنىڭ مەزمۇنىنىڭ دەلىل - ئىسپات تۇتقۇچىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلسا، مەزكۇر تەشەببۇسنى ۋۇجۇدقا چىققان، دەپ ئەقلىي ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
76- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۆز تەشەببۇسى توغرىسىدا بايانلا بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك باشقا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاشقا بولمايدۇ، لېكىن ئالاقىدار قارشى تەرەپ ئېتىراپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
77- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىر قانچە دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئوخشاش بىر پاكىتنى ئىسپاتلاش كۈچىنى تۆۋەندىكى پرىنسىپلار بويىچە بېكىتسە بولىدۇ:
(1) دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تەييارلىغان ھۆججەت يازما ئىسپاتلىرىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە باشقا يازما ئىسپاتلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ؛
(2) ماددىي ئىسپات، ئارخىپ، باھالاش يەكۈنى، تەكشۈرۈش خاتىرىسى ياكى گۇۋاھلىق، تىزىملاشتىن ئۆتكەن يازما ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى باشقا يازما ئىسپات، ئاڭلاش، كۆرۈش ماتېرىياللىرى ۋە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن چوڭ بولىدۇ؛
(3) ئەسلىدىكى دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە قولدىن - قولغا ئۆتۈپ يېتىپ كەلگەن دەلىل - ئىسپاتتىن چوڭ بولىدۇ؛
(4) بىۋاسىتە دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە ۋاسىتىلىق دەلىل - ئىسپاتتىن چوڭ بولىدۇ؛
(5) گۇۋاھچى كۆرسەتكەن ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان باشقا ئالاقىدار كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن كىچىك بولىدۇ.
78- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى بېكىتىشتە، گۇۋاھچىنىڭ ئەقلىي كۈچى ئەھۋالى، پەزىلىتى، بىلىمى، تەجرىبىسى، قانۇن ئېڭى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.
79- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈم - كېسىم ھۆججەتلىرىدە دەلىل - ئىسپاتنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق ئاساسلىرىنى بايان قىلىشى كېرەك.
ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تالاش - تارتىشلىرى بولمىغان دەلىل - ئىسپاتلارنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق ئاساسلىرىنى ھۆكۈم، كېسىم ھۆججەتلىرىدە بايان قىلماسلىققا بولىدۇ.

6. باشقىلار

80- ماددا گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر ياكى باشقا دەۋا قاتناشقۇچىلىرى دەلىل - ئىسپاتنى يالغاندىن ياسىسا، يوق قىلىۋەتسە، يالغان دەلىل - ئىسپات كۆرسەتسە، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، باشقىلارنى ساختا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشكە كۆرسەتسە، پارا بېرىپ سېتىۋالسا، تەھدىت سالسا ياكى گۇۋاھچى - باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەرگە زەربە بېرىپ ئۆچ ئالسا، «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 102 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
81 ‿/SPAN>ماددؿخەلٿسوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاددىي تەرتىپنى تەتبىقلاپ دېلوغا قاراپ چىقىشى بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ 32 - ماددىسى، 33 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقى ۋە 79 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
82 ‿/SPAN>ماددؿمەھكىمىمىزنىؿئىلگىرىكى ئەدلىيىلىك چۈشەندۈرۈشلىرى بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، بۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
83- ماددا بۇ بەلگىلىمە 2002 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2002 - يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بېجىرىلىپ تاماملانمىغان 1 - سوت، 2 - سوت ۋە قايتا سوت قىلىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىغا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.
بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قاراپ چىقىپ تاماملانغان ھەق تەلەپ دېلولىرىدا ئالاقىدار كىشىلەر بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشىنى باھانە قىلىپ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوللىمايدۇ.
بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قايتا قاراپ چىقىلغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 184 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قاراپ چىقىشتا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 498 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01