ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

بالقان ئۇرۇشى(1912-1913)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بالقان ئۇرۇشى(1912-1914)

ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتلىرىدىن بىرى بولغان بالقان ئۇرۇشلىرى قانداقتۇر پەقەتلا ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى بىلەن بالقان رايونىدىكى كىچىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەرنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان بۇ ئۇرۇش دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلىقىنىڭ شەكىللىنىشىدە، شۇنداقلا 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدا زور تەسىرى بولغان چوڭ سەۋەبلەر قاتارىدا سانىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا تۈركىيە ياۋروپادىكى زىمىنىنىڭ ھەممىسىدىن دىگۈدەك ئايرىلىپ قالدى، ئالبانىيە مۇستەقىل بولدى، گىرتسىيە، سېربىيە ۋە بۇلغارىيە بىر ھەسسە زىمىنغا ئېرىشتى...

تارىختىن بۇيان چوڭ كۈچلەرنىڭ بىر ـ بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان مەيدانى بولۇپ كەلگەن بالقان رايونى، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. 1876 ـ يىلىدىكى سېرىبلارنىڭ ئىسيانى، 1877 ـ ۋە 1878 ـ يىلى يۈز بەرگەن رۇسىيە بىلەن ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئارقىلىق، رۇسىيە بالقانلاردا كېنەزلىك ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. رۇسىيە يىراق شەرقتە ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن كونا ئەنئەنىۋىي سىياسىتىگە قايتىپ، بالقان رايونىدا ھاكىمىيەت قۇرۇش خىيالىنى قايتىدىن ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بالقان رايونىدا ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىغا قارشى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغان دۆلەتلەرگە رۇسىيەنىڭ ياردەم قىلىشى، بالقان ئۇرۇشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسىگە ئايلاندى. بالقان ئۇرۇشلىرى جەريانىدا رۇسىيە بالقان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ھەر تۈرلۈك ياردەملەردە بولدى. ھەتتا مىڭلارچە رۇس، سېرىب، بولغارلارنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇردى. بالقان ئۇرۇشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە رۇسىيە بىلەن ئاۋۇستىرىيەنىڭ بالقان رايونىنى بۆلىشىۋېلىش رىقابىتىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە سېربىيە، بۇلغارىيەگە تاشلاپ بېرىلگەن ماكادونىيەنى «مېنىڭ» دەپ داۋا قىلغىنىغا ئوخشاش، گىرېتسىيەنىڭمۇ شىمالغا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغانلىقى ئۈنۈملۈك سەۋەب بولۇپ قالغان ئىدى.

 بالقان ئۇرۇشلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى ماكدونىيە مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بولغارلارنىڭ بولغارىيەنىڭ ئۆز كونتىروللىقى ئاستىدا مۇستەقىل ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بىر ماكىدونىيە قۇرۇپ چىقماقچى بولۇشى، ھەمدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ماكدونىيەنى بالقان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە بۆلۈپ بەرمەكچى بولۇشى بالقان ئۇرۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تىزلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى. ئۇرۇشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ يەنە بىرى بولسا، چىركاۋ بىلەن مەكتەپلەر مەسىلىسىدە ئۆزئارا پېتىشالماي كەلگەن بالقان دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئىچكى ماجرالارنى ئۇنۇتۇپ، ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزۈشكەنلىكى بولغان ئىدى. ئەسلىدە سولتان 2 ـ ئابدۇل ھەمىد تەختتىن چۈشكەنگە قەدەر بالقان دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى بۇ زىددىيەتلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەمما 2 ـ مەشرۇتىيەت دەۋرىدىن كېيىنكى بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرلىرىدە چىركاۋلار بىلەن مەكتەپلەر مەسىلىسىدە ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ھەمدە ئاۋۇستىرىيە بېرلىن كېلىشىمىدىن بىرى ئىشغال قىلىۋالغان بوسنىيەنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. ئارقىدىنلا ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىغا قاراشلىق ھۆر بۇلغارىيە پادىشاھلىقى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. ئاندىن گىرىتمۇ يۇنانىستانغا (يەنى گىرېتسىيەگە) قوشۇلۇپ كەتتى.

 1910 ـ يىللىرى داۋام قىلغان ئالبانىيە ئىسيانى، تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، شۇنىڭ بىلەن مەيدانغا كەلگەن مالىمانچىلىق ۋە جون تۈركلەر (يەنى ئىنقىلاپچى ئوسمانلى ياشلىرى)نىڭ تۈركلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ بالقان ئۇرۇشلىرىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى بالقان دۆلەتلىرىگە نىسبەتەنمۇ بالقان ئۇرۇشلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ئوخشاش ئىدى. بالقان دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي سەۋەپلەرگە ئوخشاشلا ئىقتىسادىي سەۋەپلەرنىمۇ ئاساس قىلغان تەرەققىيات تەلىپى، زېمىن يېتەرسىزلىكى، يېزىلاردىن شەھەرگە كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ۋە سانى ئىنتايىن زور ئىشچى سىنىپنىڭ شەكىللىنىشى، بولۇپمۇ مىللەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تارقىلىشى بالقان دۆلەتلىرىنى ئۇرۇشقا ھازىر ھالغا كەلتۈرپ قويغان ئىدى. بالقان خەلقىنىڭ ياۋروپا بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى نەتىجىسىدە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى تۈپەيلى مىللەتچىلىك ھەرىكىتى كۈچلىنىپ، بالقان خەلقىنى ئىدارە قىلىشتا مىللەتچىلىك ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلىشىغا سەۋەب بولدى.

 1912 ـ يىلى 8 ـ ئۆكتەبىردە سېربىيە،بۇلغارىيە،گىرتسىيەۋە قاراتاغلقان ئىتىپاقىنى تەشكىل قىلدى. قاراتاغنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن بالقان ئۇرۇشلىرىنىڭ بىرىنچى مۇقەددىمىسى باشلاندى. باشقا ئىتتىپاقداشلارمۇ 13 ـ ئۆكتەبىردە ئورتاق بىر نوتا تاپشۇرۇپ، ماكىدونىيە ۋە رۇمەلىنىڭ مىللەت ئاساسىغا كۆرە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەقسىملىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىستانبۇل ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەسلىك بىلەن بىر چاغدا، چېگرىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلغان سىربىيە ۋە بۇلغارىيە ئەلچىلىرىنىڭ پاسپورتلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى. ئارقىدىنلا بۇ ئىككى دۆلەتمۇ ئوسمانلى ئىمپىرتورلىقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئاندىن يۇنانىستان (گىرېتسىيە)مۇ بىر نوتا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سىپىگە قوشۇلدى. بۇ دەۋردە ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىدا بالقاندىكى مەغلۇبىيەتنى ئىچكى سىياسەتكە ئايلاندۈرىۋالغان بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى پىرقىسى قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھۆكۈمەتنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋالدى.

 1913 ـ يىلى 3 ـ فېۋرالدا ئۇرۇش يېڭىدىن باشلاندى. يانانىستانلىقلار 6 مارتتا يانيانى، بولغارىيە 26 ـ مارتتا ئەدىرنەنى، قاراداغ 23 ـ ئاپرىلدا ئىشكودرانى ئىشغال قىلدى. ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىنىڭ ئالبانىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقىي ھەربىي قىسمىنىڭ سېرىبلارغا تەسلىم بولىشىدىن كېيىن، ئەدىرنەنى قۇتقۇزۇش داۋاسى بىلەن ھۆكۈمەتنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋالغان بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى پىرقىسى ناھايىتى ئېغىر شەرتلەرگە ماقۇل بولغان ھالدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ 1 ـ قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى 1913 ـ يىلى 30 ـ ئاپرىلدا ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى بىلەن بالقان دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بىلەن ئاخىرلاشقان بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىندى. مىديە ـ ئەنەز لىنىيىسى ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى بىلەن بولغارىيەنىڭ چېگرىسى بولۇپ قوبۇل قىلىندى. ئەدىرنە، تىراكيا ۋە دەدەئاغاچ بولغارىيەگە، سەلانىك، جەنۇبىي ماكدونىيە ۋە گىرىت گىرىېتسىيەگە، شىمالى ۋە ئوتتۇرا ماكدونىيە سېربىيەگە، سىلىستىرە بولسا، رومىنىيەگە تاشلاپ بېرىلدى.

 بىراق بۇ بۆلۈشۈش بالقان دۆلەتلىرىنى قانائەتلەندۈرەلمىگەن ئىدى، گىرتسىيە تىراكىيەنىڭ بۇلغارىيەگە بۆلۈنىشىنى خالىمايتتى. بۇنىڭ بىلەن، ماكىدونىيەنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولغان، ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولغارىيە، 1913 ـ يىلى 23 ـ ئىيۇندا بۇلغارىيەگە قارشى بىر ئىتىپاققا ئۇيۇشقان سېربىيە، قارداغ ۋە گىرېتسىيەگە قارشى ئۇرۇش باشلىدى. شۇ يىلى 10 ـ ئىيۇلدا رۇمىنىيە بۇلغارىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىنىڭ مىراسىنى بۆلىشەلمىگەن بالقان دۆلەتلىرى ئىتتىپاقداشلىرى ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ، 2 ـ بالقان ئۇرۇشىنى باشلىغان بولدى. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرى ياۋروپادىكى كۈچلۈكلەرنى ئىتىپاقداش قىلغان گىرىتسىيە ۋە سېربىيەنىڭ غەلىبىسى، بۇلغارىيە ۋە تۈركىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

 بالقان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئوسمانىيە ئىمپىراتورلىقى چۈشەنچىسىمۇ ئاخىرلاشتى. تۈرك مىللەتچىلىك ھەرىكىتى تېز سۈرئەت بىلەن يېيىلىشقا باشلىدى. بالقان ئۇرۇشلىرىنى باشقا ئۇرۇشلاردىن پەرقلەندۇرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسى، زور تۈركۈمدە كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە بىگۇناھ پۇقرالارغا قىلىنغان يولسىز زۇلۇملار ئىدى. بالقان ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن مىللىي ئىقتىساد ئېڭى شەكىللەندى ۋە مىللىي دۆلەتكە قاراپ ئىلگىرلەشتە ئەڭ چوڭ بىر باسقۇچ بېسىپ ئۆتۈلگەن بولدى. دەرۋەقە، بالقان ئۇرۇشلىرى ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى تارىخىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسىرلەر بويى رۇمەلىدە ياشىغان مىڭلارچە مۇسۇلمان خەلق قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىپ نۇرغۇن ساندىكى كىشىلەر ۋەھشىلەرچە شېھىت قىلىندى. خەلقنىڭ كۆپ قسمى ئۆز يۈرتلىرىنى تاشلاپ، ئانادولۇغا كېلىپ پاناھلاندى. پەقەت ئەدىرنە شەھىرىدىلا 225 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان بۇلغارىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمزالانغان كېلىشىملەردە رۇمەلىدە قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان تۇرۇقلۇق، مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ـ سىتەملەر توختاپ باقمىدى. زۇلۇمغا ئۇچرىغان نۇرغۇن ساندىكى تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆچۈش ھەرىكىتى ھازىرغا قەدەر ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

بالقان رايونىنىڭ بالقان ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سىياسى خەرىتىسى:

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 916 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01