جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى

 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، شۇنداقلا يول قاتناش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بۈ قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك.
3-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، يول قاتنىشىنىڭ تەرتىپلىك، بىخەتەر، راۋان بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.
5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكىيول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تارماقلىرى يول قاتنىشىغا ئائىت خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.
6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك.
ئورگان، قىسىم، كارخانا، كەسپىيۇ ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكىلەرگە يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.
مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، مەكتەپلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى قانۇنچىلىق تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيتى بار.
7-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە پەن تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى، تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش كېرەك.

2-باب قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ھەيدىگۈچىلەر
1-پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى
8-ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تىزىملىغاندىن كېيىن يولغا ھەيدەپ چىقىشقا بولىدۇ. تىزىملاتمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ۋاقىتلىق ھەيدەپ چىقىشقا توغرا كەلسە، ۋاقىتلىق نومۇر ئىسپاتى ئېلىش كېرەك.
9-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىمملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئىسپات، دوكومېنتلارنى تاپشۇرۇش كېرەك:
(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كېلىش مەنبە ئىسپاتى؛
(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ زاۋۇتتىن پۈتۈپ چىققانلىق لاياقەت ئىسپاتىياكى ئىمپورت دېكومېنتى؛
(4) قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرغانلىقى ئىسپاتى ياكى باج كەچۈرۈم دوكومېنتى؛
(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىتىشتا تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن باشقا ئىسپات، دوكومېنتلار.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە تاماملىشى، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق ئىسپاتى، نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كېنىشكىسى بېرىشى؛ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا تىزىملىماسلىق ئاساسىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسىنى بېرىشىگە ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە باشقا نومۇر تاختىسى ئېسىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ،بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق ئىسپاتى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ ۋە ياسىتىدۇ.
10-ماددا تىزىملىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك. لېكىن دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئىسپات بېرىشىدىن ئۆتمىگەن كارخانىلار ئىشلەپ چىقارغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىپىدىكى يېڭى قاتناش ۋاسىتىسى زاۋۇتتىن چىقىشتىكى سىناپ تەكشۈرۈشتە، دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، لاياقەتنامە ئالغان بولسا، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە سىناپ تەكشۈرۈلمەيدۇ.
11-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، نومۇر تاختىسى ئېسىش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسى، سوغۇرتا بەلگىسى چاپلاش ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كېنىشكىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئېسىش ھەمدە پاكىز، بېجىرىم ساقلاش كېرەك، قەستەن توسۇپ قويۇشقا، پاسكىنا، زىدە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسىنى ئېلىۋېلىشىغا ۋە تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
12-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر تىزىملىتىشى كېرەك:
(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەيدىغانلار؛
(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىزىم مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىدىغانلار؛
(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنە قويىدىغانلار؛
(4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىراك قىلىدىغانلار.
13-ماددا تىزىملانغاندىن كېيىن يولغا ھەيدەپ چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىلىش ئورنى، يولۇچى سېلىش، يۈك قاچىلاش مىقدارى، ئىشلىتىش يىل چېكى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرتۈش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كېنىشكىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى 3-شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغانلىق تالونى بەرگەنلەرنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ئورگان تەكشۈرۈپ بېرىشى كېرەك، ھەرقانداق ئورۇننىڭ باشقا قوشۇمچە شەرت قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسى بېرىشى كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرغان جايلاردا، ھەرقانداق ئورۇننىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرگۈچى ئورۇننى بېكىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلىدىغان، ئاسرايدىغان ئورۇننى بېكىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك.
14-ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەجبۇرىي بىراك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ھالىتى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان بىراك قىلىش ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ.
بىراك قىلىشقا تېگىشلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا تىزىمدىن ئۆچۈرۈش شەرت.
بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشقا يول قويۇلمايدۇ. بىراك قىلىنغان ئاپتوبوس، يۈك ئاپتوموبىلى ۋە باشقا تىجارەت ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ نازارەتچىلىكىدە پارچىلاش كېرەك.
15-ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا بەلگىلىمە بويىچە بەلگە نۇسخىسىنى پۈركۈش، سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىرىغى ئورنىتىش كېرەك. باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگەمەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگە نۇسخىسى پۈركۈشكە، سىگنالىزاتور ياكى بەلگە چىرىغى ئورنىتىشقا بولمايدۇ.
ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى قەتئىي تۈردە بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش ئورنى ۋە شەرتى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.
تاشيول نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەخسۇس قاتناش ۋاسىتىسىگە تاشيول قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تۇتاش بەلگە ۋە ئاگاھ چىرىغى ئورنىتىش كېرەك.
16-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:
(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قۇراشتۇرۇۋېلىش ياكى تىزىملانغان قۇرۇلمىسى، تۈزۈلۈشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش؛
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپ نومۇرى، ماتور نومۇرى، رام نومۇرى ياكى قاتناش ۋاسىتىسى پەرق كودىنى ئۆزگەرتىۋىتىش؛
(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلىرىنى ئىشلىتىش؛
(4) باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلىتىش.
17-ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى 3-شەخس جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، يول قاتناش ھادىسىلىرى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
18-ماددا قانۇن بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تىزىملىغاندىن كېيىن، يولغا ھەيدەپ چىقىشقا بولىدۇ.
قانۇن بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تۈرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.
ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شەكىل رازمېرى، ماسسىسى، تورمۇزى، قوڭغۇرىقى ۋە كېچىدە نۇر قايتۇرۇش قۇرۇلمىسى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
2-پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر
19-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشتە، قانۇن بويىچە ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە توشۇشى كېرەك؛ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مۇناسىپ ھەيدەش كىنىشكىسى بېرىدۇ.
چېگرا سىرتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى بارلاردىن گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە توشقان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىرىگە جۇڭگونىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى بېرىلسە بولىدۇ.
ھەيدىگۈچى ھەيدەش كىنىشكىسىدە رۇخسەت قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىشى كېرەك؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشتە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
20-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلىدۇ، قاتناش مەسئۇل تارمىقى شوپۇرلۇق مەكتىپى ۋە كۇرۇسلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرىدۇ. مەخسۇس تراكتور شوپۇرى مەكتىپى، كۇرۇسلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى يېزا ئىگىلىكى (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى باشقۇرىدۇ.
شوپۇرلۇق مەكتىپى، كۇرۇسلىرى ئوقۇغۇچىلارنى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى، نىزامى، شوپۇرلۇق تېخنىكا ئىقتىدارى بويىچە تەربىىلەشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تەربىيىلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، شوپۇر تەربىيىلەش ۋە ئىمتىھان ئېلىشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ شوپۇر تەربىيىلەش مەكتىپى، كۇرسى ئېچىشىغا ياكى ئۇنىڭغا ئارىلشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
21-ماددا ھەيدىگۈچىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىققىچە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك؛ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى تولۇق بولمىغان ياكى زاپچاسلىرى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىقتەك يوشۇرۇن خەۋپى بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە يول قويۇلمايدۇ.
22-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى، قاتناش ۋاسىتىسىنى مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدىشى كېرەك.
ھاراق ئىچكەن، دۆلەت تىزگىنلەيدىغان روھىي دورا ياكى ناركوز دورىسى يېگەنلەر ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر ھەيدەشكە توسالغۇ بولىدىغان كېسىلى بارلار ۋە ياكى بەك چارچاپ بىخەتەر ھەيدەشكە تەسىر يېتىدىغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام ۋە بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەشكە زورلىشىغا، بۇيرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
23-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ.
24-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، جەملەنمە نومۇر تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى جەملەنمە نومۇر بەلگىلەنگەن نومۇر چېكىگە يەتكەنلىرىنىڭ كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام تەربىيىسى بېرىپ، ئۇلاردىن قايتا ئىمتىھان ئالىدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىرىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن نىزامغا رىئايە قىلىپ، بىر يىلغىچە جەملەنمە نومۇر تۇتۇلمىغانلىرىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

3-باب يول يۈرۈش شەرت

25-ماددا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يول قاتناش سىگنالى يولغا قويۇلىدۇ.
قاتناش سىگنالى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بېكىتىش ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى ۋە قاتناش بەلگە سىزىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە، راۋان بولۇش تەلىپىگە ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قويۇلۇشى ھەمدە ئېنىق، كۆزگە چېلىقىدىغان، تولۇق بولۇشى كېرەك.
يول قاتناش سىگناللىرىنى يول يۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋاقتىدا كۆپەيتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىلاش كېرەك. چەكلەش خاراكتېرىدىكى يول قاتناش سېگناللىرىنى كۆپەيتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىلاشتا، جەمئىيەتكە ئالدىن ئېلان قىلىپ كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك.
26-ماددا قاتناش سىگنال چىرىغى قىزىل، يېشىل، سېرىق بولىدۇ. قىىزل چىراغ يۈرۈش مەنئى قىلىنغانلىقىنى؛ يېشىل چىراغ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى؛ سېرىق چىراغ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
27-ماددا تۆمۈر يول بىلەن باشقا يول تەكشىلىكتە كېسىشكەن ئېغىزلارغا ئاگاھ چىرىغى، ئاگاھ بەلگىسى ياكى بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىش كېرەك. قارىغۇچىسى يوق تۆمۈر يول ئېغىزلىرىغا مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.
28-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قويۇشى، يۆتكىشى، ئىگىلىۋېلىشى ۋە بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
يولنىڭ ئىككى يېنى ۋە ئايرىش بەلۋىغىغا دەل-دەرەخ ياكى باشقا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئېلان تاختىسى، تۇرۇبا، سىم قاتارلىقلارنى ئورنىتىشتا، قاتناش ئەسلىھەلىرى بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق قويۇش كېرەك. يول چىرىغى، قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە قاتناش بەلگىلىرىنى توسۇپ قويۇشقا، بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىغا دەخلى قىلىشقا، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.
29-ماددا يول، توختاش مەيدانى ۋە يولنىڭ يانداشما ئەسلىھەلىرىنىڭ پىلانلىنىشى، لايىھىلىنىشى ۋە قۇرۇلۇشى يول قاتناش بىخەتەرلىكى، راۋانلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەم قاتناش ئېھتىياجىغا قاراپ ۋاقتىدا تەڭشىلىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن يولدا قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان بۆلەك بارلىقى ياكى توختاش مەيدانى، يولنىڭ يانداشما ئەسلىھەلىرىدە قاتناش ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەم قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى لازىم.
30-ماددا يوللار گۆمۈرۈلۈش، ئازگال، يېرىق پەيدا بولۇش، سۇ بۇزۇۋېتىش، كۆتۈرۈلۈپ چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇزۇلغاندا ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى بۇزۇلغان، ئۆچۈپ كەتكەن، يوقىلىپ كەتكەندە، يول، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى تارماقلار ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بارلىقى، قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بولسىمۇ، ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىلمىغانلىقىنى سەزسە، ۋاقتىدا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشى ۋە يول، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى تارماققا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
31-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىجازەت ئالماي يول ئىگىلەپ، قاتناشتىن باشقا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
32-ماددا قۇرۇلۇش ئېھتىياجى بىلەن يولنى ئىگىلەش، قېزىشتا ياكى يولنى ئاتلىتىپ تېشىپ تۇرۇبا، سىم ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش ياكى كۆپەيتىشتە، ئالدى بىلەن يولغا مەسئۇل تارماقنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىرىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭمۇ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.
قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى تەستىقلانغان بۆلەكتە ۋە ۋاقىتتا قىلىشى ھەم قۇرۇلۇش قىلىدىغان جاينىڭ قاتناش ۋاسىتىسى كېلىدىغان تەرىپىگە بىخەتەر ئارىلىق قويۇپ روشەن ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىپ، مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛ قۇرۇلۇش تاماملانغاندا، يىولدىكى توسالغۇلارنى تېز تازىلاپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك. يولغا مەسئۇل تارماق ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تكەشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، يول يۈرۈش تەلىپىگە يەتكەندىن كېيىن، قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ.
قاتناشنى ئۈزۈۋەتمەي قۇرۇلۇش قىلىدىغان يوللاردا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يول قاتناش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.
33-ماددا يېڭىدىن قۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، كېڭەيتىدىغان ئاممىۋى ئىمارەت، سودا كوچىسى رايونى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، چوڭ (ئوتتۇرا) ئىمارەتلەردە توختاش مەيدانى ياساش، كۆپەيتىش كېرەك؛ توختاش مەيدانى يېتىشمىسە، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش ياكى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن توختاش مەيدانىنى ئىشلىتىشتىن خالىغانچە توختىتىشقا ياكى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شھەر يوللىرىنىڭ دائىرىسىدە پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتمەيدىغان ئەھۋالدا، توختاش ئورنى سىزىپ بەرسە بولىدۇ.
34-ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يوللاردا پىيادىلەر ئۆتىدىغان ئەسلىھە بولمىسا، پىيادىلەر توغرىسىغا ئۆتۈش سىزىقى سىزىش، كۆرسەتمە بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.
شەھەرنىڭ ئاساسلىق يوللىرىدىكى پىيادىلەر يولىغا پىلان بويىچە ئەمالار يولى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئەمالار يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

4-باب يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
35-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئوڭ تەرەپتىن يۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.
36-ماددا يوللار شارائىتى ۋە يۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ۋە پىيادىلەر يولىغا ئايرىلغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يوللارغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ۋە پىيادىلەر يولى ئايرىلمىغان بوسلا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يۈرىدۇ.
37-ماددا يوللارغا مەخسۇس ئاپتوموبىل يولى سىزىلغان بولسا، ئۇنىڭدا پەقەت بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىللانىڭلار يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىل يولىغا كىرىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
38-ماددا قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر قاتناش سىگنالى بويىچە يول يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولسا، قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ئورنىتىلمىغان يوللاردا، بىخەتەرلىككە، راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە يۈرۈشى كېرەك.
39-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يول ۋە قاتناش ئېقىمىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرگە راۋانلاشتۇرۇش، يۈرۈشنى چەكلەش، يۈرۈشنى مەنئى قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەر، كەڭ دائىرىلىك قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولۇپ، قاتناشنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا ياكى جامائەتنىڭ يول قاتناش پائالىيىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىشقا توغرا كەلسە، جەمئىيەتكە ئالدىن ئېلان قىلىش كېرەك.
40-ماددا قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبىئىي ئاپەت، ناچار ھاۋارايى شارائىتى ياكى زور قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق ئەھۋاللار بولۇپ، باشقا تەدبىر قوللانسىمۇ قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناشنى ئىدارە قىلسا بولىدۇ.
41-ماددا يول يۈرۈشكە ئالاقىدار باشقا كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.
2-پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
42-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، ئەڭ تېز سائەتلىك سۈرئىتىنى سۈتئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن يۇقىرى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. سۈرئەت چەكلەش بەلەىسى يوق يول بۆلەكلىرىدە بىخەتەر سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك.
كېچىدە ياكى خەتەر كۆپ كۆرۈلىدىغان يول بۆلەكلىرىدە يۈرگەندە، شۇنداقلا قۇم-بورانلىق، مۆلدۈرلۈك، قار-يامغورلۇق، تۇمانلىق، مۇزلۇق ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك.
43-ماددا بىر يكنىلىشتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن ئارقىدىكىسى بىلەن ئالدىدىكىسى جىددىي تۇرمۇز قىلىشقا يېتەرلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يانداشقا بولمايدۇ:
(1) ئالدىدىكى ئاپتوموبىل سولغا، ئارقىغا بۇرۇلىۋاتقان، يانداۋاتقان بولسا؛
(2) ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا؛
(3) ئالدىدا جىددىي ۋەزىپە ئىقرا قىلىۋاتقان ساقچىئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بولسا؛
(4) تۆمۈر يول ئېغىزى، كېسىشكەن يول ئېغىزى، تار كۆۋرۈك، ئايلانما يول، تىك داۋان،تونېل، پىيادىلەر توغرا يولى، شەھەر رايونىدىكى قاتناش ئېقىمى زور بۆلەك قاتارلىق يانداش شارائىتىيوق يوللاردىن ئۆتۈۋاتقان بولسا.
44-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى ياكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە ئۆتۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بولمىغان ياكى قاتناش ساقچىسى قوماندانلىققىلمىغان كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى ھەم پىيادىلەر ۋە ئاۋۋال يۈرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىن يۈرۈشىگە يول بېرىشى كېرەك.
45-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ۋاسىتىسى توختاپ سەپ بولۇپ ساقلاۋاتقان ياكى ئاستا تۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، ياندىسا ياكى ئۇدۇلدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يولىغا كىرىۋالسا بولمايدۇ. ساقلاپ تۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئارىلاپ ئۆتسە بولمايدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئاپتوموبىل يولى ئازايغان بۆلەك، ئېغىز ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگخسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بولمىغان ۋەياكى قاتناش ساقچىسى قوماندانلىق قىلمىغانكېسىشكەن يول ئېغىزلىرىدا توختاپ سەپ بولۇپ ساقلاۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىياكى ئاستا يۈرىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىغا يولۇققاندا نۆۋەت بويىچە يۈرۈشى كېرەك.
46-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تۆمۈريول ئېغىزىدىن قاتناش سىگنالىياكى باشقۇرغۇچىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە ئۆتۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ياكى باشقۇرغۇچى بولمىسا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ياكى توختاپ، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندە ئۆتۈشى كېرەك.
47-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىيادىلەر توغرا يولىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر توغرا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بولسا، توختاپ يول بېرىشى كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش سىگنالى بولمىغان يولدا يۈرگەندە، پىيادىلەر يولنى توغرىسىدا كېسىپ ئۆتۈۋاتقان بولسا، داجىپ يول بېرىشى كېرەك.
48-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە بېسىلغان يۈك بېكىتىلگەن كۆتۈرۈش ماسسىسىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ئارتۇق يۈك بېسىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ بېسىلغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى قاچىلاش تەلىپىگە خىلاپ بولسا بولمايدۇ، توشۇۋاتقان يۈكنى چېچىش توزۇتۇشقا بولمايدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن چەكتىن ئاشقان، پارچىلىغىلى بولمايدىغانيۈكلەرنى توشۇپ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بېكىتكەن ۋاقىت، لىنىيە، سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى، ئېنىق بەلگە ئېسىشى كېرەك. تاشيولدا چەكتىن ئاشقان، چارچىلىغىلى بولمايدىغان يۈكلەرنى توشۇشتا، تاشيول قانۇنىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن پارتلايدىغان بويۇملار، ئاسان يانىدىغان، ئاسانس پارتلايدىغان خىمىيىۋى بويۇم ۋە ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، بېكىتىلگەن ۋاقىت، لىنىيە، سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى، ئاگاھ بەلەىسى ئېسىشى ھەم زۆرۈر بىخەتەرلىك دتەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
49-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە بېكىتىلەەن ساندىن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ. يولۇچى توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۈك قاچىلاشقا بولمايدۇ.
50-ماددا يۈك توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە يولۇچى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
يۈك توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە مەشغۇلات خادىملىرىنى سېلىۋېلىشقا توغرا كەلسە، قوغداش بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.
51-ماددا ھەيدىگۈچىلەر ۋە ئولتۇرغۇچىلار ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن يول يۈرگەندە، بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى ئىشلىتىشى كېرەك، موتسىكلىت ھەيدىگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىشى كېرەك.
52-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول يۈرۈۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ، توختىتىپ ئوڭشاشقا توغرا كەلسە، ھەيدىگۈچى خەتەر سىگنال چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا توختىتىشى كېرەك؛ يۆتكەش قىيىن بولسا، خەتەر سىگنال چىرىغىنى داۋاملىق ياندۇرۇپ قويۇشى ھەم قاتناش ۋاسىتىسى كېلىۋاتقان يۆنىلىشكە قارىتىپ ئاگاھ بەلگىسى قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئارىلىقىنى كېڭەيتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ساقچىغا تېز مەلۇم قىلىش كېرەك.
53-ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىل جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىراغنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، يۈرۈش لىنىيىسى، يۈرۈش يۆنىلىشى، يۈرۈش سسۈرئىتى ۋە سىگنال چىراقلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ماڭىدۇ، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يول بېرىشى كېرەك.
ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلمىغاندا، سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىرىغى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يولدا ئالدىن يۈرۈش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.
54-ماددا يول ئاسراش ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى مەشغۇلات قىلىشتا، يۈرۈش لىنىيىسى ۋە يۆنىلىشى، ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر داجىپ ئۆتۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى، سۈپۈرۈش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەر مەشغۇلات ئۆلچىمى بويىچە مەشغۇلات قىلىشى كېرەك؛ ئۇلار باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يوللارغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈشكە بولمايدۇ.
55-ماددا تراكتورلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى يوللاردا يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ. تراكتورلارنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىغان باشقا يوللارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.
تراكتورلارنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان يوللاردا تراكتورلار يۈك ترانسىپورتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. ئەمما، ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ.
56-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەنگەن جايدا توختىتىش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى پىيادىلەر يولىدا توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىدا بەلگىلىمە بويىچە سىزىلغان توختىتىش ئورنى بۇنىڭ سىرتىدا.
يوللاردا قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقىتلىق توختاتقاندا، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ.
3-پاراگراف ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
57-ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى چوقۇم ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈشى كېرەك؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى يوق يوللاردا، ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىشى كېرەك.
58-ماددا مېيىپلەر ماتورلۇق ھارۋىسى، ئېلېكتر ماتورلۇق ۋېلسىپىتلىرى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ماڭغاندا، سائەتلىك سۈرئىتى 15 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
59-ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا توختىتىش كېرەك. توختىتىش ئورنى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلمايدىغان ئورۇنغا توختىتىش كېرەك.
60-ماددا ئۇلاغ ھارۋىسىغا كۆندۈرۈلگەن ئۇلاغنى قېتىش كېرەك؛ ئۇلاغ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يولدىن توغرىسىغا ئۆتكەندە، ھارۋىكەش ئۇلاغنى يېتىلەپ مېڭىشى كېرەك، ھارۋىكەش ھارۋا يېنىدىن ئايرىلغاندا، ئۇلاغنى باغلاپ قويۇشى كېرەك.
4-پاراگراف پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە
61-ماددا پىيادىلەر پىيادىلەر يولىدا مېڭىشى كېرەك. پىيادىلەر يولى بولمىسا يولنىڭ چېتىدە مېڭىشى كېرەك.
62-پىيادىلەر يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە ياكى يولدىن توغرىسىغا ئۆتكەندە، پىيادىلەر توغر ايولدا ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر قاتناش سىگنال چىرىغى بار توغرا يولدىن ئۆتكەندە، قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ سىگنالى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە پىيادىلەر توغرا يولى يوق يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسى يوق يول بۆلىكىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشتە، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندە ئۆتۈشى كېرەك.
63-پىيادىلەرنىڭ يول ئايرىش ئەسلىھەسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشىگە، ئۇنىڭغا مىنىۋېلىشىغا، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئېسىلىشىغا، قاتناش ۋاسىتىسىنى مەجبۇرىي توسۇشىغا ياكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دەخلى قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا بولمايدۇ.
64-ماددا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار شۇنىڭدەك ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان روھىي كېسەللەر، ئەقلىي كەملەر يول يۈرگەندە، ۋەسىيسى، ۋەسىيسى ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنى باشقۇرۇش، ھىمايە قىلىش مەسئۇلىيىتى بار كىشى يېتىلەپ مېڭىشى كېرەك.
ئەمالار يولدا ئەمالار ھاسىسىنى ياكى ئەمالارنى يېتەكلەيدىغان باشقا ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ يۈرۈشى لازىم. قاتناش ۋاسىتىسى ئەمالاردىن داجىپ ئۆتۈشى كېرەك.
65-ماددا پىيادىلەر تۆمۈريول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، قاتناش سىگنالى بويىچەياكى باشقۇرغۇچىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ۋە باشقۇرغۇچى بولمىسا، پويىزنىڭ يوقلۇقىغا كۆزى يەتكەندە، تېز ئۆتۈشى كېرەك.
66-ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بويۇملارنى ئېلىپ مېڭىشىغا، نەرسە-كېرەكلەرنى سىرتقا تاشلىشىغا ۋە تۆكۈشىگە، شوپۇرنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا بولمايدۇ.
5-پاراگراف يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە
67-ماددا پىيادىلەر، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، تراكتور، چاقلىق مەخسۇس ماشىنا، شارنېرلىق چاتما ئاپتوبوس، پۈتۈن چاتما پرتىسىپلىق ئاپتوموبىل شۇنىڭدەك سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 70 كىلومېتىردىن تۆۋەن لايىھىلەنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدىكى سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئەت 120 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
68-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە كاشىلا كۆرۈلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 52-ماددىسدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىىش كېرەك؛ لېكىن ئاگاھ بەلگىسىنى كاشىلا كۆرۈلگەن قاتناش ۋاسىتىسى كەلگەن يۆنىلىش بويىچە 150 مېتىر يىراقلىققا قويۇش كېرەك، قاتناش ۋاسىتىسىدىكى كىشىلەرنى دەرھال يولنىڭ ئوڭ ياقىسىغا ياكى ئېھتىيات يولىغا يۆتكىشى ھەم دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كېتىۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ نورمال يۈرەلمىسە، ياردەم ئاپتوموبىلى، توسالغۇ تازىلاش ئاپتوموبىلى ئېلىپ كېتىشى كېرەك.
69-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كېتىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنى توسۇپ تەكشۈرۈشىگە بولمايدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا.

5-باب قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

70-ماددا يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ھەيدىگۈچىلەر قاتناش ۋاسىتىسىنى دەرھال توختىتىپ، نەق مەيداننى قوغدىشى كېرەك؛ تالاپەت ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، ھەيدىگۈچىلەر يارىدارلارنى دەرھال قۇتقۇزۇشى ھەم ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى لازىم. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش سەۋەبىدىن نەق مەيداننى ئۆزگەتىۋەتكەنلەر شۇ ئورۇنغا بەلگە قويۇشى كېرەك. قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار يولدىن ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، يولدىن ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە پىيادىلەر بۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى لازىم.
يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ تالاپەت ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن، ئالاقىدار پاكىت ۋە ھادىسە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلمىغان بولسا، دەرھال نەق مەيداندىن ئايرىلىپ قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، زىياننى تۆلەشنى ئۆزلىرى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ نەق مەيداندىن دەرھال ئايرىلىپ كېتەلمەيدىغانلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورەىنىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك.
يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، يېنىك مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغان ھەم ئاساسىي پاكىتلار ئېنىق بولغان بولسا، ئالاقىدارلار نەق مەيداندىن كەتكەندىن كېيىن، كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
71-ماددا قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەن بولسا، نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەر ياكى ئەھۋالنى بىلىدىغان باشقا كىشىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا ياكى قاتناش ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتى راست بولغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مۇكاپاتلىشى كېرەك.
72-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالغنادىن كېيىن، قاتناش ساقچىلىرىنى دەرھال نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىسى ھەم تەدبىر قوللىنىپ قاتناشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
قاتناش ساقچىلىرى قاتناش ھادىسىسى نەق مەيداننى چارلىشى، تەكشۈرۈشى، دەلىل-ئىسپات ئېلىشى كېرەك؛ دەلىل-ئىسپات ئېلىش ئېھتىياجى بىلەن، ھادىسە پەيدا قىلغان قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ، لېكىن ئۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئوبدان ساقلاپ قويۇشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگخنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالاقىدارلارنى فىزىئولوگىيە، روھىي جەھەتتە كەسىپچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، باھالاشنى مەخسۇس ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىشى كېرەك. باھالاش يەكۈنىگە باھالىغۇچى ئىمزا قويۇشى لازىم.
73-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىنى چارلاش، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈش، باھالاش يەكۈنىگە ئاساسەن، قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى قىلىشى كېرەك. قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئاساسىي پاكىتى، سەۋەبى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىق يېزىش ھەم ئۇنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
74-ماددا ئالاقىدارلار قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى تالاش-تارتىشى توغرىسىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئالاقىدارلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى كۈچكە ئىگە مۇرەسسەنامىنى ئادا قىلمىسا، ئالاقىدار تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
75-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى كېرەك، قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدى، دەپ قۇتقۇزۇشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھادىسە پەيدا قىلغان قاتناش ۋاسىتىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3-شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، سۇغۇرتا شىركتى جاۋابكارلىق چېكى دائىرىسىدە قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى تاپشۇرىدۇ؛ قۇتقۇزۇش خىراجىتى جاۋابكارلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3-شەخس جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ياكى ھادىسە پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن بولسا، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىن بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى بېرىپ تۇرىدۇ، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
76-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ تالاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلمىسا، مال-مۈلۈككە زىيان سالسا، سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3-شەخس خاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ جاۋابكارلىقى چېكى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ. جاۋابكارلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
(1) قاتناش ۋاسىتىسى ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، خاتالىقى بار تەرەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھەر ئىككى تەرەپتە خاتالىق بولسا، ھەركىم ئۆزىنىڭ خاتالىق نىسبىتى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە پىيادىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ لېكىن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى تېگىشلىك بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدۇ.
قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ۋە پىيادىلەر قەستەن پەيدا قىلغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
77-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يول سىرتىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرىدىن مەلۇم قىلىنغانلىرىنى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

6-باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

78-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ساقچىلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ساقچىلىرىنى قانۇنچىلىق ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كەسپى بويىچە تەربىيىلىشى ۋە سىناپ تەكشۈرۈشى لازىم. سىناقتا لاياقەتسىز بولغان قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشغا بولمايدۇ.
79-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتنراش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئادىل، ئەستايىدىل، مەدەنىي، ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپىنى ئورۇندىشى لازىم.
80-ماددا قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، بەلەىلىمە بويىچە ساقچى فورمىسى كىيىشى، ساقچى بەلگىسى تاقىشى، ساقچى كىنىشكسىنى ئېلىپ يۈرۈشى، رەتلىك، سالاپەتلىك، قوماندانلىقى قېلىپلاشقان بولۇشى لازىم.
81-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە نومۇر تاختىسى، كىنىشكا قاتارلىقلارغا تەننەرخ ھەققى ئېلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ھەمدە ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك.
82-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇن بويىچە جەرىمانە قويۇش، مەمۇرىي جازا بېرىشتە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىە، جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە پۇلى ئېلىشنى ئايرىۋېتىشى، جەرىمانە پۇلى ۋە قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلغان قانۇنسىز تاپاۋەتنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشى لازىم.
83-ماددا قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋە قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك:
(1) شۇ دېلوغا ئالاقىدار بولسا ياكى ئالاقىدارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛
(2) ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛
(3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا.
84-ماددا جامائەت خگۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەپتىش تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن-نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ.
85-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، جەمئىيەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق ۋە قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرىۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
86-ماددا ھەرقانداق ئورۇننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا جەرىمانە كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن جەرىمانە كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشىەە يول قويۇلمايدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ جەرىمانە سوممىسىنى قاتناش ساقچىلىرىنى سىناپ تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەردىن ھالقىغان بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىشقا ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا دوكلات قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

87-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى پاكىتقا ۋە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالىشى كېرەك. قىلمىشى يېنىك بولۇپ، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالىدۇ.
88-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا تۈرى ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش ۋە توختىتىپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
89-ماددا پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملاردىكى يول يۈرۈش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى بەش يۈەندىن يۇقىرى، 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر جەرىمانە قويۇش جازاسىنى رەت قىلسا، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى تۇتۇپ قېلىنسا بولىدۇ.
90-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزاملاردىكى يول يۈرۈش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
91-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىر ئايدىن يۇقىرى، ئۈچ ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مەسلىكى يېشىلگىچە چەكلەپ تۇرىدۇ، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
تىجارەتلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئۈچ ئاي تۇتۇپ قېلىنىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تىجارەتلىك ترانسىپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مەستلىكى يېشىلگىچە چەكلەپ تۇرىدۇ، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالتە ئاي تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەست بوۇپ ھەيدەش قىلمىشىنى بىر يىل ئىچىدە سادىر قىلىپ، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق جازالانغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. بەش يىلغىچە تىجارەتلىك ترانسىپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
92-ماددا تاشيول يولۇچى ترانسىپورت قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئارتۇق يىولۇچى سالغانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نورمىدىن %20 ئاشۇرۇپ يولۇچى سالغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈك باسقانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
يۈك ترانسىپورتماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقانلارغا 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نورمىدىن %30 ئاشۇرۇپ ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يولۇچى سالغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالىتىنى تۈگەتكىچە تۇتۇپ قالىدۇ.
ترانسىپورت ئورۇنلىرىنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىدە مۇشۇ ماددىنىڭ 1-، 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولۇپ، جازالىغاندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتمىسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
93-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملاردىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىش، ۋاقىتلىق توختىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى كۆرسىتىپ بېرىلسە ھەمدە ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، دەرھال ھەيدەپ كېتىشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى نەق مەيداندا بولمىسا ياكى نەق مەيداندا بولسىمۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى دەرھال ھەيدەپ كېتىشكە ئۇنىماي، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزسە، 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناشقا دەخلى بولمايدىغان جايغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بەلگىلىگەنئورۇنغا ئاپىرىۋېتىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرىگەنلىكى ئۈچۈن ئالاقىدارلاردىن ھەق ئالماسلىقى ھەمدە توختىتىلغان جاينى ئالاقىدارلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن سۆرەپ زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكالرىقىنى ئۈستىەە ئېلىشى كېرەك.
94-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشتە گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەق ئالغان بولسا، ئارتۇق ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنى باھا مەسئۇل تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالىشى كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرمەي، ساختا تەكشۈرۈش نەتىجىسى بەرگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئېلىنغان تەكشۈرۈش ھەققىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
95-ماددا يولغا ھەيدەپ چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نومۇر تاختىسى ئاسمىغان، تەكشۈرۈش لاياقەت بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى چاپلىمىغان ياكى يول يۈرۈش كېنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرمىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۇتۇپ قېلىپ، ئالاقىدارلارغا مۇناسىپ نومۇر تاختىسى، كىنىشكا ۋە بەلگىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 90-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشى كېرەك. ئالاقىدارلاردىن مۇناسىپ نومۇر تاختىسى ۋە بەلگىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرگەنلىرىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويغان، پاسكىنا، زىدە قىلىۋەتكەن ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 90-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
96-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغانلىرىنى ئىشلەتكەن ۋە ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يىغىۋېلىپ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئالاقىدارلاردىن مۇناسىپ قانۇنلۇق ئىسپات يەتكۈزۈپ بەرگەن ياكى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرگەنلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
97-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنسىز ئورنىتىۋالغانسىگنال بەرگۈچ بەلگە چىرىغىنى مەجبۇرىي سۆكۈپ يىغىۋالىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىدى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
98-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3-شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغانغا قەدەر تۇتۇپ قالىدۇ ھەمدە بەلەىلىمە بويىچە سۇغۇرتىلانغان ئەڭ تۆۋەن جاۋابكارلىق چېكى بويىچە تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ جەرىمانە قويىدۇ.
ئالدىنقى تارماق بويىچە تاپشۇرۇلغان جەرىمانە پۇلنىڭ ھەممىسى يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فندىغا كىرگۈزۈلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
99-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000-يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغانياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەر؛
(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇڭرلۇق كىنىشكىسى ئالمىغان ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان، ۋاقتىنچە تۇتۇپ قىلىنغانلارنىڭ ھەيدىشىگە بەرگەنلەر؛
(3) قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛
(4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سۈرئىتىنى سائەتلىك سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇۋەتكەنلەر؛
(5) ماتولرۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەشكە مەجبۇرلاپ، قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛
(6) قاتناشنى ئىدارە قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، نەسىھەتنى ئاڭلىماي زورلۇق بىلەن يول يۈرگەنلەر؛
(7) قاتناش ئەسلىھەسىنى قەستەن بۇزۇۋېتىپ، يۆتكىۋىتىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛
(8) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇنسىز توسىغان، تۇتۇپ قالغان، نەسىھەتنى ئاڭلىماي قاتناشنى ئېغىر ھالدا توسۇپ قويغان ياكى مال-مۈلۈمنى خېلى ئېغىر زىيانغا ئۇچارتقانلار.
قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (4) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، قوشۇمچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ؛ (1)، (3)، (5) تارماقچىدىن (8) تارماقچىگىچە بولغان ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، قوشۇمچە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
100-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قۇراشتۇرۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ياكى براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن يولغا چىققانلىرىنى يىغىۋېلىپ، مەجبۇرىي براك قىلىشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىققانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.
براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ساتقان سوممىسىغا باراۋەر جەرىمانە قويۇلىدۇ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
101-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىىپ قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قايتا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشىغا ئۆمۈرۋايەت يول قويۇلمايدۇ.
102-ماددا ئالتە ئاي ئىچىدە ئىككىقېتىمدىن ئارتۇق پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىىپ، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ياكى بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ترانسىپورت ئورنىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭقاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتمىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ.
103-ماددا دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق تەكشۈرمەي، تىپى لاياقەتسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىجازەت بەرسە، جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەش كارخانىسىدىن دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئىشلىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلماي ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلات سۈپىتىنى قاتتىق تەكشۈرمەي، سۈپىتى لاياقەتسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ ساتقانلارنى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.
دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلات مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازاىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىگەن، ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلىگەن، ساتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەييار مەھسۇلاتى ۋە زاپچاسلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنسىز مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمان ەقويۇلسا بولىدۇ؛ تىجارەت كىنىشكىسى بارلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ. تىجارەت كىنىشكىسى بولمىغانلىرىنىڭكىنى پېچەتلەيدۇ.
قۇراشتۇرما ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلىگەن، ساتقان ياكى ئۆزگەرتىۋېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىگە، ساتقانلارغا مۇشۇ ماددىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
مۇشۇ ماددىنىڭ 2-، 3-، 4-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپياكى سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
104-ماددا تەستىقلاتماي تەۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يول كولىغان، يول ئىگىلەپ قۇرۇلۇش قىلغان ياكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى يولغا مەسئۇل تارماقلات قانۇنسىز قىلمىشىنى توىتىتىشقا ھەمدە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋە باشقا مال-مۈلۈكى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، قاتناشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.
105-ماددا يولدا قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقاندا ياكى يول بۇزۇلغاندا ئاگاھ بەلگىسىنى ۋاقتىدا ئورناتماي، مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى قويۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قويماي ۋە ياكى قاتناش بەلگە چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقىنى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ ۋاقتىدا ئۆزگەرمەي، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسى ۋە باشقا مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى بار ئورۇن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
106-ماددا يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ۋە ئايرىش بەلۋىغىغا دەل-دەرەخ تىكپ، باشقا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈپ ياكى ئېلان تاختىسى، تۇرۇبا قاتارلىقلارنى،يول چىرىغى، قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىلىرىنى توسۇۋېلىپ، بىخەتەر كۆرۈشكە توسالغۇ پەيدا قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى توسالغۇنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىجرا قىلمىغانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە توسالغۇنى مەجبۇرىي تۈگەتكۈزىدۇ، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
107-ماددا يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قاتناش ساقچىلىرى شۇ مەيداندا مەمۇرىي جازا قارارى چىقارسا ھەمدە مەمۇرىي جازا قارارنامىسى يېزىپ بەرسە بولىدۇ.
مەمۇرىي جازا قارارنامىسىگە ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى، مەمۇرىي جازانىڭ ئاساسى، جازا مەزمۇنى، ۋاقتى، ئورنى شۇنداقلا جازالىغۇچىئورگاننىڭ نامى يېزىلىشى ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.
108-ماددا ئالاقىدارلار جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازا قارارىنى تاپشۇرىۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بېكىتىلگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئالاقىدارلارنىڭ پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرگە قويغان جەرىمانىگە باشقىچە پىكىرى بولمىسا، جەرىمانە پۇلىنى نەق مەيداندا ئېلىشقا بولىدۇ.
جەرىمانە قويۇشتا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان جەرىمانە تالونى كېسىپ بېرىلىدۇ؛ مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان جەرىمانە كېسىپ بېرەلمىسە، ئالاقىدار جەرىمانە پۇلى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
109-ماددا ئالاقىدار مەمۇرىي جازا قارارىنى مۆھلەت ئۆتكىچە ئىجرا قىلمىسا، مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغان مەمۇرىي ئورگان تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولدۇ:
(1) مۆھلەت توشسىمۇ جەرىمانە پۇلى تاپشۇرمىغانلاردىن كۈنىگە جەرىمانە پۇلىنىڭ %3ى بويىچە قوشۇپ جەرىمانە قويۇش؛
(2) خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش.
110-ماددا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، ئاۋۋال ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالسا ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.
يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى 15 كۈن ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشى لازىم. يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىشنى مۆھلەت ئۆتكىچە قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىشتا، مەمۇرىي جازا قارارنامىسى چىقىرىشى كېرەك.
111-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىش ھەققىدە ناھىيىلىك، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ياكى ناھىيە دەرىجىگە تەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كېسىم چىقىرىدۇ.
112-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قېلىشتا، نەق مەيداندا ئىسپات يېزىپ ېبرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا سۈرۈك ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۇتۇپ قالغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىۋالماي، ئوبدان ساقلىشى لازىم.
مۆھلەت ئۆتكىچە بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان ھەمدە ئېلان چىقىرىلىپ ئۈچ ئايغىچە يەنىلا بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
113-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكسىنى ۋاكتىنچە تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتى، جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۇتۇپ قېلىنغان بولسا، تۇتۇپ قالغان بىر كۈن ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكسىنى قايتىدىن ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
114-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسىنى قاتناشنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش خاتىرە ماتېرىيالىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە جازالايدۇ. ھەيدىگۈچىنى ئېنىق بېكىتىلسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىسا بولىدۇ.
115-ماددا قاتناش ساقچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن  بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:
(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى بەرگەنلەر؛
(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىرىغى ئورنىتىش، ئىشلىتىش، بەلگە نۇسخىلىرىنى پۈركۈشنى تەستىقلىغانلار؛
(3) ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە توشمايدىغان، ئىمتىھان ئېلىنمىغان ياكى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەرگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بەرگەنلەر؛
(4) جەرىمانە قويۇش قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە پۇلىنى ئېلىشنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلماسلىق ياكى قانۇن بويىچە ئالغان ھەق، جەرىمانە پۇلىنى ۋە مۇسادىرە قىلغان قانۇنسىز تاپاۋەتنى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(5) شوپۇرلۇق مەكتىپى ياكى شوپۇر تەربىيىلەش كۇرسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى رېمونت زاۋۇتى ئېچىش ۋە ياكى ھەقلىق توختىتىش مەيدانى قۇرۇش قاتارلىق تىجارەت پائالىيىتىگە ئارىلاشقانلار؛
(6) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل-مال ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛
(7) قاتناش ۋاسىتىسىنى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، قاتناش ۋاسىتىسىنى ڭنومۇر تاختىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تۇتۇپ قالغانلار؛
(8) قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛
(9) نەق مەيداندا جەرىمانە پۇلىنى ئېلىپ، جەرىمانە تالونى يېزىپ بەرمىگەنلەر ياكى جەرىمانە سوممىسىنى ئەينەن يازمىغانلار؛
(10) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قاتناش ھادىسىسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(11) قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى قەستەن ئاۋارىچىلىك تېپىپ كېچىكتۈرگەنلەر؛
(12) جىددىي ۋەزىپىدىن باشقا ئىشلاردا سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىرىغى ئىشلەتكەنلەر؛
(13) نورمال يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توسقان ۋە تەكشۈرگەنلەر؛
(14) جىددىي ۋەزىپىدىن باشقا ئىشلاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە توسۇپ چىقىۋالغانلار؛
(15) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا مۇناسىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
116-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 115-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قاتناش ساقچىسىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشتە، مەمۇرىي چارە كۆرۈش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، قاماپ قويۇلسا بولىدۇ.
مۇشۇ قانۇننىڭ 115-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قاتناش ساقچىلىرىدىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلگەنلىرى خىزمەتتىن بوشىتىلسا بولىدۇ.
قاتناش ساقچىلىرىغا خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈش ياكى ئۇلارنى خىزمەتتىن بوشىتىشتا، ساقچى ئۇنۋانىنى بىكار قىلىش كېرەك؛ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسىدىن تۆۋەن مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ساقچى ئۇنۋانىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
117-ماددا قاتناش ساقچىلىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ جامائەتنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، پارا سوراپ، پارا ئېلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
118-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورەىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 115-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ ئالاقىدارلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

119-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
(1) «يول» تاشيول، شەھەر يولى ۋە ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولسىمۇ، جەمئىيەتتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان جايلار جۈملىدىن مەيدان، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىش مەيدانى قاتارلىق جامئەت يول يۈرىدىغان سورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ؛
(2) «قاتناش ۋاسىتىسى» ماتورلۇق ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىدۇ؛
(3) «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى» ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ياكى سۆرىتىلىدىغان، يولدا ھەيدەپ ئادەم ياكى بۇيۇم توشۇيدىغان، شۇنداقلا قۇرۇلۇشتا مەخسۇس مەشغۇلات قىلىدىغان چاقلىق قاتناش ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىدۇ.
(4) «ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى» ئادەم كۈچى ياكى ئۇلاغ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان، يولدا ھەيدەيدىغان قاتناش قورالى، شۇنداقلا ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلەنسىمۇ، لايىھىلەنگەن سائەتلىك سۈرئىتى، يۈكسىز ماسسىسى، سىرتقى رازمېرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن مېيىپلەر ماتورلۇق قاتناش ھارۋىسى، ئېلېكتر ماتورلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى كۆرسىتىدۇ؛
(5) «قاتناش ھادسىسى» قاتناش ۋاسىتىسى يولدا سەۋەنلىك ياكى كۈتۈلمىگەن سەۋەپ تۈپەيلىدىن تالاپەت پەيدا قىلىش ياكى مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ.
120-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شتاتلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسى، شتاتلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش شۇنداقلا ماتورۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى سىناش خىزمىتىگە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ.
121-ماددا يولغا چىقىدىغان تراكتورلارغا يېزا ئىگىلىك (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 8-، 9-، 13-، 19-، 23-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
يېزا ئىگىلىك (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، بۇ قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يېزا ئىەىلىك (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى بەرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
122-ماددا چېگرا سىرتىنىڭ چېگرىدىن كىرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى دۆلەت بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ.
123-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كونكرېت ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جگرىمانە دائىرىسىدە بەلگىلىسە بولىدۇ.
124-ماددا بۇ قانۇن 2004-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 636 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01