جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى

 

 (1995 -  يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى مەملىكەت 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2001 – يىل 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 22 – يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)
 
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
 
1 – ماددا بۇ قانۇن سودىيىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سودىيىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سودىيىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەدلىيە ئادىللىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2 – ماددا سودىيىلەر دۆلەتنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدىغان سوتچى خادىملار. ئۇلار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ھەربىي سوت قاتارلىق مەخسۇس سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوتچىلىرى ۋە ياردەمچى سوتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3 – ماددا سودىيىلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى، جان – دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى شەرت.
4 – ماددا سودىيىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
 
2 – باب مەسئۇلىيەت
 
5 – ماددا سودىيىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى:
(1) دېلونى قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوتقا قاتنىشىپ سوت قىلىش ياكى تەنھا سوت قىلىش؛
(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش.
6 – ماددا مەھكىمە باشلىقى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن باشقا، ئۆز ۋەزىپىسىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتلەرنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك.
 
3 – باب مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇق
 
7 – ماددا سودىيىلەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق رىئايە قىلىش؛
(2) دېلونى سوت قىلىشتا پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش، دېلونى ئادىل بېجىرىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزماسلىق؛
(3) دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش؛
(4) دۆلەت ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش؛
(5) پاك – دىيانەتلىك بولۇش، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش؛
(6) دۆلەت مەخپىيىتى ەۋ سوت خىزمىتى مەخپىيىتىنى ساقلاش؛
(7) قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش.
8 – ماددا سودىيىلەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە:
(1) سودىيىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت شارائىتى؛
(2) دېلونى قانۇن بويىچە سوت قىلىشقا مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرماسلىق؛
(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبلەر بولماي ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلماسلىق، ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىلمەسلىك، خىزمىتىدىن بوشىتىلماسلىق ياكى چارە كۆرۈلمەسلىك؛
(4) ئەمگەك ھەققى ئېلىش، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش؛
(5) جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە تۇرار جاي بىخەتەرلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش؛
(6) تەربىيە ئېلىش؛
(7) ئەرز ياكى شىكايەت قىلىش؛
(8) ئىستېپا بېرىش.
 
4 – باب سودىيىلەرنىڭ شەرتى
 
9 – ماددا سودىيە بولغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى شەرت:
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولۇش؛
(2) يېشى 23 كە توشۇش؛
(3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛
(4) سىياسىي، كەسپىي ساپاسى ۋە پەزىلىتى ياخشى بولۇش؛
(5) تېنى ساغلام بولۇش؛
(6) ئالىي مەكتەپ قانۇن كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن كەسپىدىن باشقا تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ قانۇن كەسپى بىلىمى بولۇش، قانۇن خىزمىتى ئىشلىگىنىگە ئىككى يىل توشقان بولۇش، ئۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدە سودىيە بولغۇچىلارنىڭ قانۇن خىزمىتى ئىشلىگىنىگە ئۈچ يىل توشقان بولۇش، قانۇن كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ياكى قانۇندىن باشقا كەسىپ بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولسىمۇقانۇن كەسپى بىلىمى بولۇش، قانۇن خىزمىتى ئىشلىگىنىگە بىر يىل توشقان بولۇش، ئۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدە سودىيە بولغۇچىلارنىڭ قانۇن خىزمىتى ئىشلىگىنىگە ئىككى يىل توشقان بولۇش.
بۇ قانۇن يولغا قيۇلۇشتىن ئىلگىرىكى سوت قىلغۇچى خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغانلار تەربىيىلىنىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۈزىدۇ.
1 – تارماقنىڭ (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخى شەرتىنى ھازىرلاشقا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار جايلار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن، مەلۇم مۇددەت ئىچىدە، سودىيىلىككە تەيىنلىنىدىغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى شەرتىنى ئالىي مەكتەپ قانۇن كەسپىنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولۇش دەپ كېڭەيتسە بولىدۇ.
10 – ماددا تۆۋەندىكى كىشىلەر سودىيە بولسا بولمايدۇ:
(1)                                   جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن جىنايى جازا بېرىلگەنلەر؛
(2) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر.
 
5 – باب تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش
 
11 – ماددا سودىيىلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن
تەيىنلەش، قالدۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى مەملىكەتلىك خەلق ۇرۇلتىيى سايلايدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ.
ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ۋىلايەتلەر بويىچە تەسىس قىلىنغان ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق  قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇدىرلار يىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسىملىككە ئاساسەن قارار قىلىدۇ، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا تەسىس قىلىنغان يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ياردەمچى سوتچىلىرىنى شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ.
ھەربىي سوت مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش چارىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
12 – ماددا تۇنجى سودىيىلىككە تەيىنلىنىدىغانلارغا قاتتىق تەكشۈرۈش – سىناش چارىسى قوللىنىلىپ ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمى بويىچە دۆلەتنىڭ ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئېلىنىدىغان بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغانلار ھەمدە سودىيىلەرنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان خادىملاردىن ياخشىلىرى تاللاپ كۆرسىتىلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سودىيىلەر ياكى سودىيىلەرنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان باشقا خادىملاردىن ياخشىلىرى تاللاپ كۆرسىتىلىدۇ.
13 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان سودىيىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قانۇن بويىچە تەكلىپ بېرىلىدۇ؛
(1)                               جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىن ئايرىلغانلار؛
(2)                               شۇ سوت مەھكىمىسىدىن يۆتكىلىپ كەتكەنلەر؛
(3) ۋەزىپىسى ئۆزگىرىپ، ئەسلىي ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قېلىش ھاجەتسىز بولغانلار؛
       (4) تەكشۈرۈپ – سىناشتا لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەنلەر؛
(5) سالامەتلىكى يار بەرمەي، ۋەزىپىسىنى ئۇزاققىچە ئادا قىلمىغانلار؛
(6) پېنسىيىگە چىققانلار؛
(7) ئىستېپا بەرگەن ۋە خىزمەتتىن بوشىتىلغانلار؛
(8) ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ
جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلىش مۇمكىن بولمىغانلار.
     14 – ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە خىلاپ ھالدا سودىيىلىككە تەيىنلەنگەنلەر سېزىلگەن ھامان شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئورگان ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىنى كۈچتىن قالدۇرىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىلىككە تەيىنلەشتە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەزسە، تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىنى قانۇن بويىچە كۈچتىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
15 – ماددا سودىيىلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي ئورگانلار، تەپتىش ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
 
6 – باب ۋەزىپىگە  قويۇشتا چەتلىتىش
 
16 – ماددا سودىيىلەردىن ئەر – خوتۇنلار، بىۋاسىتە قانداشلار، ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم تۇغقانلار ۋە يېقىن قۇدا – باجىلارنىڭ تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
(1) بىر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، سوت ھەيئىتى ئەزاسى، كوللېگىيە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى؛
(2) بىر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، سوتچى ۋە ياردەمچى سوتچىلىقى؛
(3) بىر سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، سوتچى ۋە ياردەمچى سوتچىلىقى؛
(4) يۇقىرى – تۆۋەن ۋە قوشنا ئىككى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىقى.
17 – ماددا سودىيىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتى بىلەن دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.
سودىيىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزى ئىشلىگەن سوت مەھكىمىسى بېجىرگەن دېلولاردا دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.
سودىيىلەرنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى شۇ سودىيىلەر ئىشلىگەن سوت مەھكىمىسى بېجىرگەن دېلولاردا دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ.
 
7 – باب سودىيىلەرنىڭ دەرىجىسى
 
18 – ماددا سودىيىلەر 12 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئالىي باش سودىيە بولىدۇ، ئىككىنچى دەرىجىدىن 12 – دەرىجىگىچە بولغان سودىيىلەر باش سودىيە، يۇقىرى سودىيە ۋە سودىيە دەپ ئايرىلىدۇ.
19 – ماددا سودىيىلەرنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىشتە ۋەزىپىسى، ئەخلاق – قابىلىيىتى، كەسپىي سەۋىيىسى، سوت خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە خىزمەت سىتاژى ئاساس قىلىنىدۇ.
20 – ماددا سودىيىلەرنىڭ دەرىجە شىتاتى، دەرىجىسىنى باھالاش ۋە ئۆستۈرۈش چارىسىنى دۆلەت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
 
8 – باب تەكشۈرۈش – سىناش
 
21 – ماددا سودىيىلەرنى تەكشۈرۈش – سناشنى ئۇلار ئىشلەيدىغان خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىللەيدۇ.
22 – ماددا سودىيىلەرنى تەكشۈرۈش – سىناشتا، ئادىل ئوبيېكتىپ بولۇش، رەھبەرلىك بىلەن ئاممىنى بىرلەشتۈرۈش، ئادەتتىكى تەكشۈرۈش – سىناش بىلەن بىللە يىللىق تەكشۈرۈش – سىناشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
23 – ماددا سودىيىلەرنىڭ سوت خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى، ئىدىيىۋى ئەخلاق – پەزىلىتى، سوت كەسپى سەۋىيىسى ۋە قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيە سەۋىيىسى، خىزمەت پوزىتسىيىسى ۋە سوت خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى نۇقتا قىلىنىدۇ.
24 – ماددا يىللىق تەكشۈرۈش – سىناش نەتىجىسى مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك ۋە يالاقەتسىز دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
تەكشۈرۈش – سىنش نەتىجىسى سودىيىلەرنى مۇكاپاتلاش – جازالاش، يېتىشتۈرۈش، خىزمەتتىن بوشىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دەىجىسى، مائاشىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
25 – ماددا تەكشۈرۈش – سىناش نەتىجىسى شۇ كىشىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈش – سىناش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولغانلار قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.
 
9 – باب يېتىشتۈرۈش
 
26 – ماددا سودىيىلەر نەزەرىيە ۋە كەسپىي جەھەتتە پىلانلىق يېتىشتۈرۈلىدۇ.
سودىيىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئېھتىياجغا قاراپ ئوقۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.
27 – ماددا دۆلەتنىڭ سودىيىلەر مەكتەپلىرى ۋە سودىيىلەرنى يېتىشتۈرىدىغان باشقا ئاپپاراتلىرى سودىيىلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.
28 – ماددا سودىيىلەرنى يېتىشتۈرۈش مەزگىلىدىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئېرىشكەن باھاسى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
 
10 – باب مۇكاپاتلاش
 
29 – ماددا سودىيىلەردىن سوت خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە تۆھپە ياراتقانلار ياكى باشقا گەۋدىلىك ئىش ئىزى بولغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ.
سودىيىلەرنى مۇكاپاتلاشتا مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ماددىي رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.
30 – ماددا تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنىڭ بىرى بولغان سودىيىلەر مۇكاپاتلىنىدۇ:
(1) دېلونى سوت قىلىشتا قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار؛
(2) سوت ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشتە گەۋدىلىك بولۇپ، سوت خىزمىتىدە يېتەكچى رول ئوينىغانلار؛
(3) سوت خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىنىپ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلار؛
(4) دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قوغداپ، زور زىياندىن ساقلاپ، ئىش ئىزى گەۋدىلىك بولغانلار؛
(5) قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىش ئىزى گەۋدىلىك بولغانلار؛
(6) ئەدلىيىلىك تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ ياكى قانۇنچىلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلار؛
(7) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سوت مەخپىيىتىنى ساقلاپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار؛
(8) باشقا تۆھپە ياراتقانلار.
31 – ماددا مۇكاپاتلاش: تەقدىرلەش، 3 – دەرىجىلىك، 2 – دەرىجىلىك ۋە 1 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش، شەرەپلىك نام بېرىش دەپ ئايرىلىدۇ.
مۇكاپاتلاش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
 
11 – باب جازالاش
 
32 – ماددا سودىيىلەر تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ:
(1) دۆلەتنىڭ شان – شۆھرىتىگە نۇقسان يېتىدىغان گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىش، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش، دۆلەتكە قارشى چىقىش مەقسەت قىلىنغان يىغىلىش، نامايىش  ۋە كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش، ئىش تاشلاشقا قاتنىشىش؛
(2) خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش؛
(3) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش؛
(4) قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش؛
(5) دەلىل – ئىسپاتلارنى يوشۇرۇش ياكى ئويدۇرۇپ چىقىرىش؛
(6) دۆلەت مەخپىيىتى ياكى سوت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش؛
(7) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، تەبىئىي شەخسلەر، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز  يەتكۈزۈش؛
(8) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خاتا دېلو پەيدا قىلىش ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش؛
(9) دېلو بېجىرىشنى كەينىگە سۆرەپ، خىزمەتنى ئاقسىتىش؛
(10) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش ياكى باشقىلارنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش؛
(11) پايدا تاپىدىغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش؛
(12) دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئاسترتتىن كۆرۈشۈش، دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ زىياپىتىگە بېرىش، سوۋغىتىنى ئېلىش؛
(13) قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش.
33 – ماددا  سودىيىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
34 – ماددا چارە: ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش دەپ ئايرىلىدۇ. ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ مائاشى ۋە دەرىجىسىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ.
35 – ماددا چارە كۆرۈش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
 
12 – باب مائاش، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق
 
36 – ماددا سودىيىلەرنىڭ مائاش تۈزۈمى ۋە مائاش ئۆلچىمىنى دۆلەت سوت خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.
37 – ماددا سودىيىلەر  مائاشىنى قەرەللىك ئۆستۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. تەكشۈرۈش – سىناشتا مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك دەپ بېكىتىلگەنلەرنىڭ مائاشى بەلگىلىمە بويىچە ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ؛ ئالاھىدە تۆھپە ياراتقانلارنىڭ مائاشى بەلگىلىمە بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ.
38 – ماددا سودىيىلەر دۆلەت بەلگىلەنگەن سوت خىزمىتى قوشۇمچە پۇلى، رايون قوشۇمچە پۇلى، باشقا قوشۇمچە پۇل؛ سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
 
13 – باب ئىستېپا بېرىش ۋە خىزمەتتىن بوشىتىش
 
39 – ماددا سودىيىلەر ئىستېپا سورىسا ئىلتىماس سۇنۇشى، قانۇنا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك.
40 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان سودىيىلەر خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ:
(1) يىللىق تەكشۈرۈش – سىناشتا ئۇدا ئىككى يىل لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەنلەر؛
(2) ھازىرقى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، باشقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ ئۇنمىغانلار؛
(3) سوت ئاپپاراتى تەڭشىلىپ ياكى شىتات قىسقارتىلىپ، خىزمىتىنى تەڭشەشكە توغرا كەلگەندە، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلغانلار؛
(4) ئىشقا رۇخسەتسىز كەلمىگەن ياكى رۇخسەت ۋاقتى توشۇپ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كەلمىگەن ۋاقتى ئۇدا 15 كۈندىن ئاشقان ياكى بىر يىلدا جەمئىي 30 كۈندىن ئاشقانلار؛
(5) سودىيىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، تەربىيە بېرىلسىمۇ ئۆزگەرتمىگەنلەر.
41 – ماددا خىزمەتتىن بوشىتىلىدىغان سودىيىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە  ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.
 
14 – باب پېنسىيىگە چىقىش
 
42 – ماددا سودىيىلەرنىڭ پېنسىيە تۈزۈمىنى دۆلەت سوت خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
43 – ماددا سودىيىلەر پېنسىيىگە چىققاندا، دۆلەت بەلگىلىگەن ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى ۋە باشقا تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
 
15 – باب ئەرز – شىكايەت قىلىش
 
44 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۆرگەن چارىسىگە قايىل بولمىغان سودىيىلەر چارە كۆرۈش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىي چارە كۆرگەن، بىر تەرەپ قىلغان ئورگانغا قايتاق قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئەسلىي چارە كۆرگەن، بىر تەرەپ قىلغان ئورگاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئەرزنى قوبۇل قىلغان ئورگان بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى شەرت.
قايتا قاراپ چىقىش ۋە ئەرز قىلىش مۆھلىتى ئىچىدە، سودىيىگە چارە كۆرۈش قارارىنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.
45 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 8 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سودىيىلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن سودىيىلەر شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەردىن سودىيىلەرنىڭ دېلونى قانۇن بويىچە سوت قىلىشىغا ئارىلىشىۋالغانلىرى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
46 – ماددا سودىيىلەر ئەرز ۋە شىكايەت قىلىشتا راستچىل بولۇشى كېرەك. پاكىت ئويدۇرۇپ چىقارغان، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغان سودىيىلەر قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
47 – ماددا سودىيىلەرگە خاتا چارە كۆرۈلۈپ قالغان بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىش؛ نامىغا داغ تەگكۈزگەن بولسا نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش؛ ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان بولسا تۆلەپ بېرىش كېرەك. زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشتا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارنى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىش لاىم.
 
16 – باب سودىيىلەرنى باھالاش ھەيئىتى
 
48 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سودىيىلەرنى باھالاش ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ.
سودىيىلەرنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى – سودىيىلەرنى يېتىشتۈرۈش، تەكشۈرۈش – سىناش ۋە باھالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش. بۇنىڭ كونكرېت چارىسى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىلەرنى باھالاش ھەيئىتى سوتچى ۋە ياردەمچى سوتچى بولىدىغانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئالىدۇ.
49 – ماددا سودىيىلەرنى باھالاش ھەيئىتى تەركىبىدە بەشتىن توققۇزغىچە ئەزە بولىدۇ.
سودىيىلەرنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.
 
17 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
 
50 – ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى سودىيىلەر شىتاتىنىڭ نىسبىتى توغرىسىدىكى چارىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.
51 – ماددا دۆلەت تۇنجى سودىيىلىككە، پروكۇراتورلۇققا ۋە ئادۋوكاتلىققا تەيىنلىنىدىغانلاردىن بىر تۇتاش ئەدلىيىلىك ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قيىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە – مەمۇرىي تارمىقى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيىلىك ئىمتىھان ئېلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، بۇنى يولغا قويۇشقا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىي – مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.
52 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجراچىلىرى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۈزىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە – مەمۇرىي خادىملىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.
53 – ماددا بۇ قانۇن 1995 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 377 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01