جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى

 

 (2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 -  يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 15  - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  رەئىسىنىڭ 31 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)
 
مۇندەرىجە
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2 - باب قانۇن
1 - پاراگرافقانۇن چىقىرىش ھوقۇق دائىرىسى
2 - پاراگرافمەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى
3 - پاراگرافمەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى
4 - پاراگرافقانۇننى ئىزاھلاش
5 - پاراگرافباشقا بەلگىلىمىلەر
3 - باب مەمۇرىي نىزام
4 - بابيەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدە
1 - پاراگرافيەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام
2 - پاراگرافقائىدە
5 - بابتەتبىقلاش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش 
6 - بابقوشۇمچە پرىنسىپ
 
1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ
 
1 - ماددابۇ قانۇن قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش،  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 - ماددا  بۇ قانۇن قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىشتا تەتبىقلىنىدۇ.
گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قائىدىسىنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
3 - ماددا  قانۇن چىقىرىشتا ئاساسىي قانۇندىكى ئاساسىي  پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم.
4 - ماددا  قانۇن چىقىرىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى ۋە ئىززىتىنى ساقلاش كېرەك.
5 - ماددا  قانۇن چىقىرىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىگە خەلقنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
6 - ماددا  قانۇن چىقىرىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى بىلەن مەجبۇرىيىتىنى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق بىلەن جاۋابكارلىقىنى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بەلگىلەش لازىم. 
 
2- باب قانۇن
 
1 - پاراگرافقانۇن چىقىرىش ھوقۇق دائىرىسى
 
7 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك  خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جىنايى ئىشلارغا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا، دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر نېگىزلىك قانۇنلارنى چىقىرىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقىرىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى چىقىرىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى  يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان قانۇنلارنى قىسمەن تولۇقلايدۇ ۋە تۈزىتىدۇ، لېكىن ئۇ شۇ قانۇننىڭ ئاساسىي پرىنسىپىغا زىت كەلسە بولمايدۇ.
8 - ماددا  تۆۋەندىكى ئىشلاردىلا قانۇن چىقىرىلىدۇ:
(1) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى؛
(2) ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، تەشكىلى  ۋە خىزمەت ھوقۇقى؛
(3) مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى؛
(4) جىنايەت ۋە جىنايى جازا؛
(5) پۇقراغا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش ۋە جازا بېرىش؛
(6) دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مال - مۈلۈكنى يىغىۋېلىش؛
(7) ھەق تەلەپ ئاساسىي تۈزۈمى؛
(8) ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم شۇنىڭدەك مالىيە، باج، تاموژنا، پۇل مۇئامىلە ۋە تاشقى سودا ئاساسىي تۈزۈمى؛
(9) دەۋا ۋە كېسىم تۈزۈمى؛
(10) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىدىغان باشقا ئىشلار.
9 - ماددا  بۇ قانۇننىڭ 8 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن تېخى قانۇن چىقىرىلمىغانلىرى توغرىسىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىشلار ئۈستىدە ئالدى بىلەن مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، لېكىن جىنايەت ۋە جىنايى جازا، پۇقراغا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش ۋە جازا بېرىش، ئەدلىيە تۈزۈمى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا.
10 - ماددا  ھوقۇق بېرىش قارارىدا ھوقۇق بېرىش مەقسىتى، دائىرىسى ئېنىق بولۇشى كېرەك.
ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان شۇ ھوقۇقنى ھوقۇق بېرىش مەقسىتى ۋە دائىرىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ يۈرگۈزۈشى كېرەك.
ھوقۇق بېرىلگەن ئورگان شۇ ھوقۇقنى باشقا ئورگانغا بېرىۋەتسە بولمايدۇ.
  
11 - ماددا  قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىشلار ھەققىدە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، قانۇن چىقىرىدىغان شارائىت پىشقاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋاقتىدا قانۇن چىقىرىدۇ. قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن، قانۇن چىقىرىدىغان ئىش ھەققىدە بېرىلگەن مۇناسىپ ھوقۇق ئاخىرلىشىدۇ.
 
2 – پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ  قانۇن چىقىرىش تەرتىپى
 
12 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى ھەيئەت رىياسەت قارار قىلىدۇ.
13 - ماددا  ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن بىرى ياكى 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى ھەيئەت رىياسەت قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا، ئۇلار يىغىن قارالمىسىغا  كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك  توغرىسىدا پىكرىنى قويۇشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.
مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىدىغان چاغدا، تەكلىپ بەرگۈچىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىرنى بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
14 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلىدىغان قانۇن تەكلىپى ئالدى بىلەن دائىمىي كومىتېتقا بېرىلسە بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۇنى بۇ قانۇننىڭ 2 - بابىنىڭ  3 - پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ  بويىچە قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سونۇشنى قارار قىلىدۇ، ئۇ ھەقتە دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئىزاھات بېرىدۇ ياكى تەكلىپ بەرگۈچى ئومۇمىي يىغىندا ئىزاھات بېرىدۇ.
15 - ماددا  دائىمىي كومىتېت قانۇن تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا قاراپ چىقىشنى قارار قىلغاندا، قانۇن لايىھىسىنى يىغىن ئېچىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك.
16 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئومۇمىي يىغىن تەكلىپ بەرگۈچىنىڭ ئىزاھاتىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىقىدۇ.
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، تەكلىپ بەرگۈچى پىكىرلەرنى ئاڭلاش، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، ئالاقىدار ئورگان - تەشكىلاتلار ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.
17 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار  قاراپ چىقىپ، ئۇ ھەقتە ھەيئەت رىياسەتكە قاراپ چىقىش پىكرىنى قويىدۇ ھەمدە ئۇ پىكىرنى يىغىندىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ.
18 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، بىر تۇتاش قاراپ چىقىپ، ھەيئەت رىياسەتكە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتنى ۋە قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى يوللايدۇ، ئوخشاش بولمىغان مۇھىم پىكىرلەر ئۈستىدە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتتا ئىزاھات بېرىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت يىغىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، يىغىندىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ.
19  - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپى ئىچىدىكى زور مەسىلىلەر ئۈستىدە، زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىنى چاقىرىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش  پىكرىنى ئاڭلاپ ئۆتسە، مۇزاكىرە ئېلىپ بارسا ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالىنى ۋە چۈشكەن پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسەتكە دوكلات قىلسا بولىدۇ.
ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى قانۇن تەكلىپى ئىچىدىكى زور  مەخسۇس مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرسەتكەن مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللەرنى يىغىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بارسا ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالىنى ۋە چۈشكەن پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسەتكە دوكلات قىلسىمۇ بولىدۇ.
20 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇن، تەكلىپ بەرگۈچى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، ئۇنىڭغا ھەيئەت رىياسەت قوشۇلغان ھەمدە يىغىنغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، شۇ قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.
21 - ماددا  قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە بولۇپ قالسا، ھەيئەت رىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار قىلىشى بىلەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ  ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىپ قارار چىقىرىشىغا ھەمدە قارار چىقىرىش ئەھۋالىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىغا دوكلات قىلىشىغا ھوقۇق بېرىلسە بولىدۇ؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ  كېيىنكى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار چىقىرىشىغا  سۇنۇشىغا ھوقۇق بېرىلسىمۇ بولىدۇ.
22 - ماددا  قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىققان ۋە قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىپ بەرگەن پىكىرلىرىگە ئاساسەن تۈزەتكەندىن كېيىن، قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋازغا  قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويىدۇ، ئۇ ئومۇمىي ۋەكىلنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.
23 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قانۇن دۆلەت رەئىسى رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
 
3 – پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى
24 - ماددا  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.
گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى دائىمىي كومىتېتقا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشى، دوكلات يوللىشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قانۇن تەكلىپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە بار دەپ قارىسا، تەكلىپ بەرگۈچى ئۇنى تۈزىتىپ مۇكەممەل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن دائىمىي كومىتېتقا ئوتتۇرىغا قويۇشنى  تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ.
25 - ماددا  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 10 دىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا قانۇن تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى  قارار قىلىدۇ ياكى  ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشى، يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدا پىكىر بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكىنى قارار قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلمەيدىغان بولسا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىش ياكى تەكلىپ بەرگۈچىگە چۈشەندۈرۈش كېرەك.
مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىدىغان چاغدا، تەكلىپ بەرگۈچىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
26 - ماددا  قانۇن تەكلىپى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا، ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇن لايىھىسىنى يىغىن ئېچىلىشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك.
27 - ماددا  دائىمىي  كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئادەتتە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۈچ قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن ئاۋازغا قويۇش كېرەك.
دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى بىرىنچى قېتىم قاراپ چىقىشتا، تەكلىپ بەرگۈچىنىڭ ئىزاھاتىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، گۇرۇپپا يىغىنىدا دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقىدۇ.
دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى ئىككىنچى  قېتىم قاراپ چىقىشتا، قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، گۇرۇپپا يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىدۇ.
دائىمىي كومىتېت يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى ئۈچىنچى  قېتىم قاراپ چىقىشتا، قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن لايىھىسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى گۇرۇپپا يىغىنىدا قاراپ چىقىدۇ.
دائىمىي كومىتېت قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، ئېھتىياجغا قاراپ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ياكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، قانۇن لايىھىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ.
28 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپلىرىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەنلىرى ئىككى قېتىملىق يىغىندا قاراپ چىققاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ؛ قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپلىرىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەنلىرىمۇ بىر قېتىملىق يىغىندا قاراپ چىقىپلا ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ.
29 - ماددا  دائىمىي كومىتېت گۇرۇپپا يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، تەكلىپ بەرگۈچى چۈشكەن پىكىرلەرنى ئاڭلاش، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.
دائىمىي كومىتېت گۇرۇپپا يىغىنى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، گۇرۇپپىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئالاقىدار ئورگان - تەشكىلاتلار ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.
30 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىپ، قاراپ چىقىش پىكرىنى قويۇپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ.
ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، باشقا مەخسۇس كومىتېت ئەزالىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
31 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن بىر تۇتاش قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى ياكى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ۋە قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئوخشاش بولمىغان مۇھىم پىكىرلەر مەلۇماتتا ياكى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئەسكەرتىپ ئۆتۈلىشى لازىم. ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى مۇھىم پىكرىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا قايتا ئىنكاس قىلىش كېرەك.
قانۇن كومىتېتى قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېت ئەزالىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
32 - ماددا  مەخسۇس كومىتېتلار قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغان چاغدا، ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىشى كېرەك، ئېھتىياجغا قاراپ، ئالاقىدار ئورگان - تەشكىلاتلاردىن ئەھۋال چۈشەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
33 - ماددا  مەخسۇس كومىتېتلار ئارا قانۇن لايىھىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىككە كەلمىسە، ئۇنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنغا دوكلات قىلىش كېرەك.
34 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپى ئۈستدە قانۇن كومىتېتى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. پىكىر ئېلىشتا سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق  شەكىللەرنى قوللانسا بولىدۇ.
دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى قانۇن لايىھىسىنى ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلات ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە تارقىتىپ پىكىر ئېلىشى، پىكىرنى رەتلەپ چىققاندىن كېيىن قانۇن كومىتېتىغا ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا يەتكۈزۈشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ، دائىمىي  كومىتېت يىغىندىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. 
35 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم قانۇن تەكلىپى توغرىسىدا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىننىڭ قارار قىلىشى بىلەن، قانۇن لايىھىسى ئېلان قىلىنىپ، پىكىر ئېلىنسا بولىدۇ. ئورگانلار، تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار بەرگەن پىكىرلەر دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
36 - ماددا  دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى دائىمىي  كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىققاندا چۈشكەن پىكىرلەرنى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى،  شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ قانۇن كومىتېتىغا ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئېھتىياجىغا قاراپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىشى لازىم.
37 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇن، تەكلىپ بەرگۈچى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، ئۇنىڭغا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قوشۇلغان ھەمدە دائىمىي كومىتېتقا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، شۇ قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.
38 - ماددا  قانۇن تەكلىپىنى دائىمىي كومىتېت ئۈچ قېتىملىق يىغىندا قاراپ چىققاندىن كېيىن، يەنىلا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە بولسا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ ياكى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئۇنى ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماي، قانۇن كومىتېتىنىڭ ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يەنىمۇ  ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.
39 - ماددا  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قانۇن تەكلىپلىرىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شۇ قانۇننى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق زور مەسىلىلەردە چوڭراق پىكىر ئىختىلاپى بولغاچقا قاراپ چىقىشنى توختىتىپ تۇرغىلى ئىككى يىل بولغان ياكى ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويۇلمىغان، ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش قارالمىسىغا قايتا كىرگۈزۈلمىگەنلىرى توغرىسىدا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن تەكلىپىنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.
40 - ماددا  قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۇنى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويىدۇ، ئۇ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.
41 - ماددا  دائىمىي كومىتېت ماقۇللىغان قانۇن دۆلەت رەئىسى رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
 
4 - پاراگرافقانۇننى ئىزاھلاش
 
42 - ماددا  قانۇننى ئىزاھلاش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەنسۇپ.
قانۇندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىزاھلايدۇ:
(1) قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا؛
(2) قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن يېڭى ئەھۋال يۈز بېرىپ، قانۇننى تەتبىقلاش ئاساسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا.
43 - ماددا  گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى شۇنىڭدەك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق  قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قانۇننى ئىزاھلاش تەلىپىنى قويسا بولىدۇ.
44 - ماددا  قانۇننى ئىزاھلاش لايىھىسىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ.
45 - ماددا  قانۇننى ئىزاھلاش لايىھىسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ، قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن قاراپ چىقىپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇننى ئىزاھلاش لايىھىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
46 - ماددا  قانۇننى ئىزاھلاش لايىھىسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
47 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىزاھاتى قانۇن بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
 
5-پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر
 
48 - ماددا  قانۇن تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قانۇن لايىھىسىنىڭ نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قانۇن لايىھىسىنىڭ چۈشەندۈرمىسى شۇ قانۇننى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.
49 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا بېرىلگەن قانۇن تەكلىپىنى تەكلىپ  بەرگۈچى يىغىننىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
50 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، ماقۇللانمىغان قانۇن تەكلىپىنى تەكلىپ بەرگۈچىلەردىن شۇ قانۇننى تۈزۈش زۆرۈر،  دەپ قارىغانلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قايتا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى يىغىننىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى ھەيئەت رىياسىتى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشەلمىگەن قانۇن تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇش كېرەك.
 
51 - ماددا  قانۇندا يولغا قويۇلۇش ۋاقتى ئېنىق بەلگىلىنىشى لازىم.
  
52 - ماددا  رەئىسنىڭ  ئىمزا قويۇپ قانۇننى ئېلان قىلغان پەرمانىغا شۇ قانۇننى تۈزگەن ئورگان، ماقۇللىغان ۋاقىت ۋە يولغا قويۇش ۋاقتى ئېنىق يېزىلىدۇ.
قانۇن ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك  خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاخباراتىغا ۋە مەملىكەت دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرگە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
قانۇننىڭ دائىمىي كومىتېت ئاخباراتىغا بېسىلغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.
53 - ماددا  قانۇننى تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش تەرتىپى بۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
قانۇننىڭ قىسمەن ماددىلىرى تۈزىتىلسە ياكى بىكار قىلىنسا، يېڭى قانۇن نۇسخىسى ئېلان قىلىنىشى شەرت.
54 - ماددا  مەزمۇنىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، قانۇن قىسىم، باب، پاراگراف، ماددا، تارماق، تارماقچە، تۈرگە ئايرىلسا بولىدۇ.
قىسىم، باب، پاراگراف، ماددىلارنىڭ رەت نومۇرى رەقەم بىلەن تەرتىپ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ، تارماققا رەت نومۇرى قويۇلمايدۇ، تارماقچىنىڭ رەت نومۇرى رەقەم تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ تەرتىپ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ، تۈرنىڭ رەت نومۇرى رەقەم بىلەن تەرتىپ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ.
قانۇن ماۋزۇلىرىنىڭ ئىزاھاتىدا قانۇننى تۈزگەن ئورگان، ماقۇللىغان ۋاقىت ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
55 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى قانۇنغا ئالاقىدار كونكرېت مەسىلىلەردە سوئاللارنى تەتقىق قىلىپ جاۋاب بەرسە ھەمدە ئۇنى دائىمىي كومىتېتقا ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
 
3 – باب مەمۇرىي نىزام
 
56 - ماددا  گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا بىنائەن مەمۇرىي نىزام چىقىرىدۇ.
مەمۇرىي نىزامدا تۆۋەندىكىدەك ئىشلار ئۈستىدە بەلگىلىمە  چىقىرىلسا بولىدۇ:
(1) قانۇندىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەمۇرىي نىزام چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغان ئىشلار؛
(2) ئاساسىي قانۇننىڭ 89 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىغا دائىر ئىشلار.
گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىدىغان ئىشلاردا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىش قارارىغا ئاساسەن ئالدىن چىقارغان مەمۇرىي نىزاملارنى ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، قانۇن قىلىپ چىقىرىش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتىتىنىڭ قانۇن قىلىپ چىقىرىشىغا ۋاقتىدا سۇنۇشى كېرەك.
57 - ماددا  مەمۇرىي نىزامنى تەييارلاشقا گوۋۇيۈەن تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەمۇرىي نىزام چىقىرىش زۆرۈر دەپ قارىغاندا، گوۋيۈەنگە تەستىقلىتىپ رويخەتكە كىرگۈزۈشى كېرەك.
58 - ماددا  مەمۇرىي نىزام تەييارلاش داۋامىدا، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلات ۋە پۇقرالاردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش كېرەك.  پىكىر ئېلىشتا سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلسا بولىدۇ.
59 - ماددا  مەمۇرىي نىزام تەييارلاش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تەييارلىغۇچى ئورۇن لايىھە ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ لايىھىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىرلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى لازىم.
گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتى گوۋۇيۈەنگە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ۋە لايىھىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى سۇنۇشى، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا لايىھىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشى كېرەك.
60 - ماددا  مەمۇرىي نىزامنى قارار قىلىش تەرتىپى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
61 - ماددا  مەمۇرىي نىزام زۇڭلى گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا  قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
62 - ماددا  مەمۇرىي نىزام ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاخبارات ۋە مەملىكەت دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرگە ۋاقتىدا بېسىلىشى لازىم.
مەمۇرىي نىزامنىڭ گوۋيۈەننىڭ ئاخباراتىغا بېسىلغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.
 
4 - باب يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدە
 
1 - پاراگراف يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە  نىزامى ۋە يەككە نىزام
 
63 - ماددا  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى  ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كەلتۈرمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىك نىزاملارنى  چىقارسا بولىدۇ.
چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز شەھىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت كەلتۈرمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىك نىزام چىقىرىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، يولغا قويسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تەستىققا يوللانغان يەرلىك نىزاملارنىڭ قانۇنىيلىقلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە  شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت كەلمەيدىغانلىرىنى تۆت ئاي ئىچىدە تەستىقلىشى كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چوڭراق شەھەرلەرنىڭ تەستىققا يوللىغان يەرلىك نىزاملىرىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ شۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىلىرىگە زىت كېلىدىغانلىقىنى بايقىسا، بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى لازىم.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چوڭراق شەھەر ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جايلاشقان شەھەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون جايلاشقان شەھەرنى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چوڭراق شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.
64 - ماددا  يەرلىك نىزاملاردا تۆۋەندىكى ئىشلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ.
(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىشقا توغرا كەلگەن ئىشلار؛
(2) يەرلىك ئىشلاردىن يەرلىك نىزام چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىرى.
بۇ قانۇننىڭ 8 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن باشقا ئىشلاردا دۆلەت تېخى قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزام چىقارمىغان بولسا، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە  قاراشلىق شەھەرلەر ۋە چوڭراق شەھەرلەر شۇ جاينىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالدى بىلەن يەرلىك نىزام چىقارسا بولىدۇ. دۆلەت چىقارغان قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەرلىك نىزامدىكى قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان بەلگىلىمىلەر كۈچىدىن قالىدۇ، ئۇنى چىقارغان ئورگان ۋاقتىدا تۈزىتىشى ياكى  بىكار قىلىشى لازىم.
65 - ماددا  ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون جايلاشقان جايدىكى ئۆلكىلىك، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوقۇق بېرىش قارارىغا ئاساسەن نىزام چىقىرىپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون دائىرىسىدە يولغا قويىدۇ.
66 - ماددا  مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام تۈزۈشكە ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامدا شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە توغرىسىدا جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ، لېكىن قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزامدىكى ئاساسىي پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر، شۇنىڭدەك  باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەخسۇس مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئۈچۈن چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىشقا بولمايدۇ.
67 - ماددا  شۇ مەمۇرىي رايوندىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ ئىشنى بەلگىلەيدىغان يەرلىك نىزامنى خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللاش كېرەك.
68 - ماددا  يەرلىك نىزام تەكلىپىنى، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام تەكلىپىنى قويۇش، قاراپ چىقىش ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا ئاساسەن، بۇ قانۇننىڭ 2 - بابىنىڭ  2 -، 3 - ۋە 5 - پاراگرافىدىكى بەلگىمىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلەيدۇ.
يەرلىك نىزام لايىھىسى ھەققىدە بىر تۇتاش قاراپ چىقىشقا مەسئۇل ئاپپارات قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ۋە لايىھىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
69 - ماددا  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى چىقارغان يەرلىك نىزامنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزامنى دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي  كومىتېتلىرى  چىقارغان يەرلىك نىزامنى تەستىقلاتقاندىن كېيىن، چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى تەستىقلاتقاندىن  كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئېلان چىقىرىپ جاكارلايدۇ.
70 - ماددا  يەرلىك نىزام، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخباراتىغا ۋە شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتكە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنىڭ دائىمىي كومىتېت ئاخباراتىغا بېسىلغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.
 
2 - پاراگراف قائىدە
 
71 - ماددا  گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرى، كومىتېتلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىگە ئىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار، قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە قائىدە چىقارسا بولىدۇ.
تارماقلارنىڭ قائىدىسىدە بەلگىلىنىدىغان ئىشلار قانۇننى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشقا دائىر ئىشلار بولۇشى كېرەك.
72  - ماددا  گوۋۇيۈەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق تارمىقىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا، گوۋۇيۈەنگە مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىرلىشىپ قائىدە چىقىرىش كېرەك.
73 - ماددا  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ يەرلىك نىزامىغا ئاساسەن، قائىدە چىقارسا بولىدۇ.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرىدە تۆۋەندىكىدەك ئىشلار ئۈستىدە بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ:
(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزامنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قائىدە چىقىرىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛
(2) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كونكرېت مەمۇرىي باشقۇرۇشىغا كىرىدىغان ئىشلار.
74 - ماددا  گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ قائىدىسىنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىسىنى چىقىرىش تەرتىپىنى گوۋۇيۈەن بۇ قانۇننىڭ 3 - بابىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلەيدۇ.
75 - ماددا  تارماقلارنىڭ قائىدىلىرى مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنى ياكى كومىتېت يىغىنىدا قاراردىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ياكى ئومۇمىي يىغىنىدا قاراردىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
76 - ماددا  تارماقنىڭ قائىدىلىرى تارماقنىڭ باشلىقى ئىمزا قويۇپ بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىلىرى ئۆلكە باشلىقى ياكى ئاپتونوم رايون رەئىسى ۋە ياكى  شەھەر باشلىقى ئىمزا قويۇپ بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
77 - ماددا  تارماقنىڭ قائىدىلىرى ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاخباراتى ياكى تارماقلارنىڭ ئاخباراتىغا ۋە مەملىكەت دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرگە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىلىرى ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتىغا ۋە شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرگە ۋاقتىدا بېسىلىدۇ.
قائىدىلەرنىڭ گوۋۇيۈەن ئاخباراتى ياكى تارماقلار ئاخباراتى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخباراتىغا بېسىلغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.
 
   5 – باب تەتبىقلاش ۋە ئەنگە  ئالدۇرۇش
 
78 - ماددا  ئاساسىي قانۇن ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە، قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئاساسىي قانۇنغا زىت  كەلسە بولمايدۇ.
79 - ماددا  قانۇننىڭ كۈچى مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام ۋە قائىدىلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
مەمۇرىي نىزامنىڭ كۈچى يەرلىك نىزام ۋە قائىدىلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
80 - ماددا  يەرلىك نىزامنىڭ كۈچى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرىنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەرنىڭ كۈچى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان قائىدىلەرنىڭكىدىن  ئۈستۈن تۇرىدۇ.
81 - ماددا  ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامدا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملار توغرىسىدا قانۇن بويىچە جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، شۇ ئاپتونومىيىلىك جايدا ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون نىزامىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملار توغرىسىدا بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، شۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوندا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون نىزامدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
82 - ماددا  تارماقلار قائىدىسى بىلەن تارماقلار قائىدىسى، تارماقلار قائىدىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قائىدىسى  ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ھەرقايسىسى ھوقۇق دائىرىسىدە يولغا قويۇلىدۇ.
83 - ماددا  بىر ئورگان چىقارغان قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە بىلەن ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، ئالاھىدە بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ يېڭى بەلگىلىمە بىلەن كونا بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، يېڭى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
84 - ماددا  قانۇن،  مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە قائىدىلەر بۇرۇنقىنى  سۈرۈشتۈرەلمەيدۇ، لېكىن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
85 - ماددا  قانۇنلاردىكى بىر ئىشقا يېڭىدىن چىقىرىلغان ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىردەك بولمىغانلىقتىن، قايسىسىنى تەتبىقلاشنى بېكىتەلمىگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ.
مەمۇرىي نىزاملاردىكى  بىر ئىشقا يېڭىدىن چىقىرىلغان ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىردەك بولمىغانلىقتىن، قايسىسىنى تەتبىقلاشنى بېكىتەلمىگەندە، گوۋۇيۈەن قارار چىقىرىدۇ.
86 - ماددا  يەرلىك نىزام، قائىدىلەر بىردەك بولماي قالغاندا، ئالاقىدار ئورگانلار تۆۋەندە بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار چىقىرىدۇ:
(1) بىر ئورگان يېڭىدىن چىقارغان ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغاندا، ئۇنى چىقارغان ئورگان قارار چىقىرىدۇ؛
(2) يەرلىك نىزام بىلەن تارماقلارنىڭ قائىدىسىدە بىر ئىشقا چىقىرىلغان بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغانلىقتىن، قايسىسىنى تەتبىقلاشنى بېكىتەلمىگەندە، گوۋۇيۈەن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، گوۋۇيۈەن يەرلىك نىزامنى تەتبىقلاشنى لايىق كۆرگەندە، شۇ جايدا يەرلىك نىزامدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاشنى قارار قىلىشى كېرەك؛ تارماقنىڭ قائىدىسىنى تەتبىقلاشنى لايىق كۆرگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنۇشى كېرەك؛
(3) تارماقلار قائىدىسى بىلەن  تارماقلار قائىدىسى، تارماقلار قائىدىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىدە بىر ئىشقا چىقىرىلغان بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغاندا، گوۋۇيۈەن قارار چىقىرىدۇ.
بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن، چىقىرىلغان نىزام  بىلەن قانۇندىكى بەلگىلىمە بىردەك بولمىغانلىقتىن، قانداق تەتبىقلاشنى  بېكىتكىلى بولمىغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ.
87 - ماددا  قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنى ئالاقىدار ئورگانلار بۇ قانۇننىڭ 88 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ:
(1) ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا؛
(2) تۆۋەن قانۇن يۇقىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا؛
(3) قائىدىلەر ئارا بىر ئىشقا چىقىرىلغان بەلگىلىمە بىردەك بولماي قالغانلىقتىن، قارار چىقىرىش ئارقىلىق بىر تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە؛
(4) قائىدىدىكى بەلگىلىمە نامۇۋاپىق دەپ قارالغانلىقتىن، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە؛
(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولسا.
88 - ماددا  قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە قائىدىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش ھوقۇق دائىرىسى:
(1) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان نامۇۋاپىق قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي  كومىتېتى تەستىقلىغان ئاساسىي قانۇنغا ۋە بۇ قانۇننىڭ 66 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغان ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(2) مەملىكەتلىك خەلق  قۇرۇلتىيى دائىمىي  كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان مەمۇرىي نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تەستىقلىغان، ئاساسىي قانۇن ۋە بۇ قانۇننىڭ 66 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغان ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(3) گوۋۇيۈەن تارماقلارنىڭ نامۇۋاپىق قائىدىلىرىنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نامۇۋاپىق قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(4) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆزىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان ۋە تەستىقلىغان نامۇۋاپىق يەرلىك نىزاملارنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(5) يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان نامۇۋاپىق قائىدىلەرنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(6) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان نامۇۋاپىق قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛
(7) ھوقۇق بەرگەن ئورگان ھوقۇق بېرىلگۈچى ئورگان چىقارغان، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ياكى ھوقۇق بېرىش مەقسىتىگە خىلاپ كېلىدىغان نىزاملارنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، زۆرۈر تېپىلغاندا، بېرىلگەن ھوقۇقنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
89 - ماددا  مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە قائىدىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك:
(1) مەمۇرىي نىزاملار مەملىكەتلىك خەلق  قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛
(2) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى  ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى چىقارغان يەرلىك نىزاملار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛
(3) ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر چىقارغان ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛
(4) تارماق قائىدىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىلىرى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغىمۇ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك؛ چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان قائىدىلەر ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ  دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىگىمۇ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى لازىم؛
(5) بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن چىقىرىلغان نىزاملارنى ھوقۇق بېرىش قارارىدا بەلگىلەنگەن ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
90 - ماددا  گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي  كومىتېتلىرى مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرىنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت دەپ قارىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈپ كۆرۈش توغرىسىدا يازما تەلىپىنى  سۇنسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ئۇنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام،   ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت دەپ قارىسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈپ كۆرۈش توغرىسىدا يازما تەكلىپنى سۇنسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ئۇنى تەتقىق قىلىدۇ، زۆرۈر تاپقاندا، ئۇنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 
91 - ماددا  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتى تەكشۈرگەندە مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا زىت دەپ قارىسا، ئۇنى چىقارغۇچى ئورگانغا يازما تەكشۈرۈش پىكرىنى سۇنسا بولىدۇ؛ قانۇن كومىتېتى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار بىرلىكتە تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئۇنى چىقارغۇچى ئورگاندىن يىغىنغا كېلىپ ئەھۋال چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئاندىن ئۇنى چىقارغۇچى ئورگانغا يازما تەكشۈرۈش پىكرىنى ئەۋەتسە بولىدۇ. ئۇنى چىقارغۇچى ئورگان ئىككى ئاي ئىچىدە مۇھاكىمە قىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدىكى پىكرىنى  ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىغا ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارغا قايتما ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن كومىتېتى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى تەكشۈرۈپ، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلارغا  زىت دەپ قارىسىمۇ، ئۇنى چىقارغان ئورگان تۈزىتىش  كىرگۈزمىسە، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا يازما تەكشۈرۈش پىكرىنى ۋە ئۇنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى سۇنسا بولىدۇ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى دائىمىي  كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇش - سۇنماسلىقنى قارار قىلىدۇ.
92 - ماددا  ئەنگە ئالىدىغان باشقا ئورگانلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە قائىدىلەرنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش پرىنسىپى بويىچە ئەنگە ئالغۇچى ئورگان بەلگىلەيدۇ.
 
6 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ
 
93 - ماددا  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا بىنائەن  ھەربىي نىزام چىقىرىدۇ.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ باش بۆلۈمى، ئارمىيە - ئەسكەر تۈرلىرى، ھەربىي رايونلار قانۇنغا ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھەربىي نىزامى، قارارى، بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ھەربىي قائىدە چىقارسا بولىدۇ.
ھەربىي نىزام، ھەربىي قائىدە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا يولغا قويۇلىدۇ.
ھەربىي نىزام، ھەربىي قائىدىنى چىقىرىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپقا ئاساسەن  بەلگىلەيدۇ.
  94 - ماددا  بۇ قانۇن 2000 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 313 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01