جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 4 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

 

(1998 - يىل 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1998 - يىل 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جۇڭخۇا  خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 9 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)
 
1 - ماددا  بۇ قانۇن يېزىلاردىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش يولىنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېزا ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئۆزىنى  باشقۇرىدىغان، ئۆز ئۆزىنى تەربىيىلەيدىغان، ئۆز ئۆزىگە مۇلازىملىق قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە  تەشكىلاتى بولۇپ، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى يولغا قويىدۇ.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆز كەنتىنىڭ جامائەت ئىشلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى كېلىشتۈرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ، خەلق ھۆكۈمىتىگە كەنت ئاھالىسىنىڭ پىكىر - تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.
3 - ماددا  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ئىشلەيدۇ، رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىنى، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى بىۋاسىتە يۈرگۈزۈشىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە قوللايدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرىدۇ.
4 - ماددا  يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەدەت ۋە ياردەم بېرىدۇ، بىراق كەنت ئاھالىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان دائىرىدىكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىدۇ.
5 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى كەنت ئاھالىسىنىڭ تۈرلۈك ھەمكارلىق ئىگىلىكى ۋە باشقا ئىگىلىكنى قانۇن بويىچە راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، ئۆز كەنتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا مۇلازىملىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئېلىپ بارىدىغان خوجايىنلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قوغدىشى، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي  تەشكىلاتلار ۋە كەنت ئاھالىسى، ھۆددىگەرلەر،  بىرلەشكۈچىلەر ياكى شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر ۋە باشقا مال - مۈلكىنى  باشقۇرىدۇ، كەنت ئاھالىسىگە تەبىئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ.
6 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئاساسىي قانۇن، قانۇن، نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، كەنت ئاھالىسىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ۋە جامائەت مال - مۈلكىنى ئاسراش ھەققىدە تەربىيە بېرىدۇ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، كەنت ئاھالىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، مەدەنىيەت - مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، كەنتلەر ئارا ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىقنى  ئىلگىرى سۈرىدۇ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
 ل سو و
 
  7 - ماددا  كۆپ مىللەتلىك كەنتتە، كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىسىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە تەربىيىلىشى ۋە يېتەكلىشى لازىم.
  
 ا
  8 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى ۋە نوپۇس سانىغا قاراپ، ئاممىنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن قۇرۇلىدۇ.
كەنت ئاھالە كومىتېتىنى قۇرۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دائىرىسىنى تەڭشەشنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كەنت ئاھالە يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.
  
  9 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزا بولۇپ ئۈچتىن يەتتىگىچە  كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ.
كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدە مۇۋاپىق ساندا ئاياللار بولۇشى، كۆپ مىللەتلىك كەنتتە نوپۇسى ئازراق مىللەت كىشىلىرىدىنمۇ بولۇشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلمايدۇ، ئۇلارغا ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىلسە بولىدۇ.
  
  10 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ بىر قانچە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى قۇرسا بولىدۇ، گۇرۇپپا باشلىقىنى كەنت ئاھالە گۇرۇپپا يىغىنى سايلايدۇ.
  
 
  11 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالىرىنى كەنت ئاھالىسى بىۋاسىتە سايلاپ چىقىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى بېكىتىپ بېرىشىگە، ئەۋەتىپ بېرىشىگە، ئالماشتۇرۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل بولىدۇ، نۆۋىتى توشقاندا نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈش كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئۇدا سايلانسا بولىدۇ.
 
  12 - ماددا  18 ياشقا توشقان  كەنت ئاھالىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسىي، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال - مۈلۈك ئەھۋالى، ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ئەمما قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.
سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىسى ئىسىملىكىنى سايلام  كۈنىدىن 20 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىش كېرەك.
 
  13 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا كەنت سايلام ھەيئىتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. كەنت سايلام ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى كەنت ئاھالە يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىلىرى سايلايدۇ.
  
 ڭا
  14 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتىنى سايلاشتا، شۇ كەنتتىكى سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىسى نامزاتلارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ. نامزاتلارنىڭ سانى سايلىنىدىغانلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتىنى سايلاشتا، سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىسىنىڭ تەڭدىن تولىسى بېلەت تاشلىغاندىلا سايلام كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ نامزاتلار بېلەت تاشلىغان كەنت ئاھالىسىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشكەندىلا سايلانغان بولىدۇ.
سايلامدا بېلەت تاشلاپ يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش، بېلەتنى ئاشكارا ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، سايلام نەتىجىسى نەق مەيداندا ئېلان قىلىنىدۇ. سايلام ئۆتكۈزگەندە بېلەتنى مەخپىي تولدۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ.
كونكرېت سايلام چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ.
 
  15 - ماددا  تەھدىت  سېلىش، پارىخورلۇق قىلىش، سايلام بېلىتىنى ياسىۋېلىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن كەنت ئاھالىسىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىنسا، كەنت ئاھالىسى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورگانلار ئۇنى مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن تەكشۈرۈشى ھەم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. تەھدىت سېلىش، پارىخورلۇق قىلىش، سايلام بېلىتىنى ياسىۋېلىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن سايلىنىۋالغانلارنىڭ سايلىنىشى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
  پپخ
 
  16 - ماددا  كەنتتىكى سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئاھالىنىڭ  بەشتىن  بىر قىسمىدىن  كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىمنى قالدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قالدۇرۇۋېتىش تەلىپىدە قالدۇرۇۋېتىش سەۋەبى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن قالدۇرۇۋېتىش تەلەپ قىلىنغىنى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق. كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالە يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىپ، قالدۇرۇۋېتىش تەلىپىنى  بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشكە قويۇشى لازىم. كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىمنى قالدۇرۇۋېتىش سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىسىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى شەرت.
 ل  
  17 - ماددا  كەنت ئاھالە يىغىنى شۇ كەنتتىكى 18 ياشتىن ئاشقان كەنت ئاھالىسىدىن تەركىب تاپىدۇ.
كەنت ئاھالە يىغىنىغا شۇ كەنتتىكى 18 ياشتىن ئاشقان كەنت ئاھالىسىنىڭ  تەڭدىن تولىسى قاتنىشىشى ياكى شۇ كەنتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىشى، يىغىن قارارى يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇ كەنتە تورۇشلۇق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى كەنت ئاھالە يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغان ۋەكىل ئەۋەتىشكە تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ.
 
  18 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى كەنت ئاھالە يىغىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەم خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. كەنت ئاھالە يىغىنى ھەر يىلى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ھەم كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى باھالايدۇ.
كەنت ئاھالە يىغىنىنى كەنت ئاھالە كومىتېتى چاقىرىدۇ. كەنت ئاھالىسىنىڭ 10 دىن بىر قىسمىدىن  كۆپرەككى يىغىن چاقىرىشنى تەكلىپ قىلسا، كەنت ئاھالە يىغىنى چاقىرىلىشى كېرەك.
  
 
  19 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى كەنت ئاھالىسىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان تۆۋەندىكى ئىشلارنى كەنت ئاھالە يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېجىرىشى شەرت:
(1) يېزا يىغمىسىنى يىغىش ئۇسۇلى، كەنت قالدۇرۇقىنى يىغىش ۋە ئىشلىتىش؛
(2) ئۆز كەنتىدىكى ئىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ سانى ۋە ياردەم ئۆلچىمى؛
(3) كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىن قىلىنغان كىرىمنى ئىشلىتىش؛
(4) كەنت مەكتىپى، كەنت يولى قاتارلىق كەنت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كېتىدىغان خىراجەتنى غەملەش لايىھىسى؛
(5) كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش، ھۆددىگەرلىك لايىھىسى ۋە كەنت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھۆددىگەرلىك لايىھىسى؛
(6) كەنت ئاھالىسىنىڭ ھۆددىگەرلىك لايىھىسى؛
(7) ئۆي يېرىنى ئىشلىتىش لايىھىسى؛
(8) كەنت ئاھالە يىغىنى كەنت ئاھالە يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ قارىغان، كەنت ئاھالىسىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان باشقا ئىشلار.
 
  20 - ماددا  كەنت ئاھالە يىغىنى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز  ئۆزىنى ئىدارە قىلىش نىزامنامىسى ۋە كەنت قائىدىسى ئاھالە ئەھدىنامىسىنى تۈزۈپ چىقسا ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزسە بولىدۇ ھەم  ئۇنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش نىزامنامىسى، كەنت قائىدىسى ئاھالە ئەھدىنامىسى ۋە كەنت ئاھالە يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلغان ئىشلار ئاساسىي قانۇن، قانۇن، نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە زىت بولماسلىقى، ئۇنىڭدا كەنت ئاھالىسىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە قانۇنىي مال - مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك.
  
  21 - ماددا  ئاھالىسى كۆپرەك ياكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان كەنتلەر كەنت ئاھالە ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقسا، كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالە يىغىنى ھوقۇقى بەرگەن ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ. كەنت ئاھالە ۋەكىللىرىنى سايلاشتا، كەنت ئاھالىسى ھەر بەشتىن 15 كىچە بولغان  ئائىلىدىن بىر ۋەكىل سايلايدۇ ياكى ھەربىر كەنت ئاھالە  گۇرۇپپىسى بىرقانچىدىن ۋەكىل سايلايدۇ.
  22 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى كەنت ئىشلىرى ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى تۆۋەندىكى ئىشلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، مالىيەگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى ئاز دېگەندە ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئېلان قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك:
(1) بۇ قانۇننىڭ 19 - ماددىسىدا كەنت ئاھالە يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئىشلار ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئەھۋالى؛
(2) دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھىسى؛
(3) ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشقا بېرىلگەن پۇل - مالنى تارقىتىش ئەھۋالى؛
(4) توك، سۇ پۇلىنى يىغىش ھەم شۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، شۇ كەنت ئاھالىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان باشقا ئىشلار.
كەنت ئاھالە كومىتېتى ئېلان قىلغان ئىشلارنىڭ  چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەم كەنت ئاھالىسىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتى ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىسا ياكى ئېلان قىلغان ئىشلار چىن بولمىسا، كەنت ئاھالىسى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقى  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلانسا، ئالاقىدار خادىملار جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.
   
  23 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەر ئاساسىي قانۇن، قانۇن، نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئىشتا ئادىل بولۇشى، پاك - دىيانەتلىك بولۇشى، كەنت ئاھالىسىگە قىزغىن مۇلازىملىق قىلىشى كېرەك.
  
  24 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقىرىشتا ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پرىنسىپىنى قوللىنىدۇ.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى خىزمەتتە ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇشى، دېموكراتىيىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى، سۆز بىلەن قايىل قىلىش تەربىيىسىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەجبۇرلاشقا، بۇيرۇقۋازلىق قىلىشقا، ئۆچ ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
  
 
  25 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى، ئامانلىق قوغداش ھەيئىتى، ئاممىۋى تازىلىق ھەيئىتى قاتارلىق ھەيئەتلەرنى قۇرسا بولىدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر كومىتېت قارىمىقىدىكى ھەيئەتلەردە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ. نوپۇسى ئاز كەنتنىڭ ئاھالە كومىتېتى كومىتېت قارىمىقىدا ھەيئەت قۇرماي، كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ، خەلق مۇرەسسەسى، ئامانلىق قوغداش، ئاممىۋى تازىلىق قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولسا بولىدۇ.
 
  26 - ماددا  كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان كەنت ئاھالىسىگە تەربىيە، ياردەم  بېرىشى ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
  27 - ماددا  يېزىلاردا تۇرۇشلۇق ئورگان، تەشكىلات، ھەربىي قىسىم، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلاتىغا قاتناشمايدۇ. كەنت قۇرغان كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلارغا تەۋە بولمىغان خادىملار كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلاتىغا قاتناشمىسا بولىدۇ. بىراق ئۇلار مۇناسىۋەتلىك كەنت قائىدىسى ئاھالە ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئۇلار تۇرۇشلۇق جاينىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى مۇشۇ ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا،  ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك.
  28 - ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
 
  29 - ماددا  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
  
  30 - ماددا  بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى  (سىناق نۇسخىسى)» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1255 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01