جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

 

2005   -يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق
قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللانغان)
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
 
4-نومۇرلۇق
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» 2005-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم، 2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى: خۇ جېنتاۋ

2005-يىل 8-ئاينىڭ 82-كۈنى
 
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى
3-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى
4-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپى
5-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كۈچى
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
 
1-ماددا بۇ قانۇن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەبىئىي شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ تەبىئىي شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى، قانۇن ئەھمىيىتى بولغان پاكىت ۋە ھۈججەتلەرنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلىقىنى ئىسپاتلاش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرگەندە، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئوبيېكتىپ، ئادىللىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
4-ماددا مەملىكەتتە جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى جەمئىيىتى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى جەمئىيىتى تەسىس قىلىنىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى جەمئىيىتى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تەشكىلات قانۇنىي ئىگىدۇر. جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئەزالار قۇرۇلتىيى تۈزۈپ چىقىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى جەمئىيىتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىدە ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلىدىغان تەشكىلات، ئۇ پائالىيەتلەرنى نىزامنامىغا ئاساسەن قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنىڭ كەسپىي پائالىيىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
5-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى جەمئىيىتىگە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
 
2-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى
 
6-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنىدىغان، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، گۇۋاھلىق فۇنكسىيىسىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئىسپاتلاش ئاپپاراتى.
7-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، ناھىيە، تەۋەسىدە رايون بولمىغان شەھەر، تەۋەسىدە رايون بولغان شەھەر، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى شەھەر تەۋەسىدىكى رايونلاردا تەسىس قىلىنسا بولىدۇ؛ تەۋەسىدە رايون بولغان شەھەر، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە بىر ياكى بىرقانچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتى مەمۇرىي رايون بويىچە قاتلاممۇ-قاتلام تەسىس قىلىنمايدۇ.
8-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:
(1) ئۆزىنىڭ نامى بولۇش؛
(2) مۇقىم ئورنى بولۇش؛
(3) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولۇش؛
(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق كەسپىنى قانات يايدۇرۇشتا زۆرۈر بولغان مەبلىغى بولۇش.
9-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتى تەسىس قىلىشتا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
10-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىلىدۇ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
11-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن بېجىرىدۇ:
(1) توختام؛
(2) ۋارىسلىق؛
(3) ھاۋالە، بايانات، ھەدىيە، ۋەسىيەت؛
(4) مال-مۈلۈك بۆلۈشۈش؛
(5) خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، كىم ئارتۇق سودىسى؛
(6) نىكاھ ئەھۋالى، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى؛
(7) تۇغۇلۇش، ھاياتلىق، ئۆلۈش، سالاھىيەت، تارىخى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانى، ۋەزىپىسى، خىزمەت ئۇنۋانى، جىنايى جازاغا تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقى؛
(8) شىركەت نىزامنامىسى؛
(9) دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاش؛
(10) ھۆججەتتىكى ئىمزا، تامغا، ۋاقىت، ھۆججەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى، كۆپەيتىلمىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن ئوخشاشلىقى؛
(11) تەبىئى شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن گۇۋاھلىق بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغان باشقا ئىشلار.
12-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى تەبىئى شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى بېجىرسە بولىدۇ:
(1) قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى تىزىملايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئىشلار؛
(2) ئامانەت قويۇش؛
(3) ۋەسىيەت، مىراس ياكى گۇۋاھلىق ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا مال-مۈلۈك، بۇيۇم، ھۈججەتلەرنى ساقلاش؛
(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئىشلىرىغا ئائىت قانۇن ھۈججەتلىرىنى ۋەكالىتەن يېزىش؛
(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىغا ئائىت ئىشلارغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش.
13-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدۇ:
(1) راست، قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىقنامە بېرىش؛
(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ھۈججەتلىرى ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئارخىپلىرىنى بۇزۇۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش؛
(3) باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرىنى ھاقارەتلەش ياكى ئۈستەك، چاي پۇلى بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن گۇۋاھلىق كەسپىنى تالىشىش؛
(4) كەسپى پائالىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسلەر شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاش؛
(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلىش؛
(6) قانۇن، قائىدە-نىزاملاردا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا قىلمىشلار.
14-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى كەسىپ، مالىيە، مۈلۈك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنۇتۇپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنىڭ كەسى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشى، كەسپى سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
15-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق كەسپى مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.
 
3-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى
 
16-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى دېگەن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپكارلارنى كۆرسىتىدۇ.
17-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنىڭ سانى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنى سەپلەش لايىھىسىنى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
18-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇش؛
(2) يېشى 25 ياشتىن يۇقىرى 65 ياشتىن تۆۋەن بولۇش؛
(3) ھەققانىي، ئادىل، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى بولۇش؛
(4) دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇش؛
(5) گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق پراكتىكا قىلغان ياكى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق باشقا قانۇن كەسىپكارلىق تارىخى بولۇش ھەمدە گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرىدا بىر يىلدىن ئارتۇق پراكتىكا قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغان بولۇش.
19-ماددا قانۇنشۇناسلىق ئوقۇتۇش، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە خادىملار ياكى تولۇق كۇرۇستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، سوت، تەپتىش، قانۇنچىلىق خىزمىتى، قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 10 يىل توشقان دۆلەت مەمۇرلىرى، ئادۋوكاتلار، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغانلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولسا بولىدۇ.
20-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولسا بولمايدۇ:
(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر؛
(2) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى خىزمەتتىكى سەۋەنلىك جىنايىتى تۈپەيلىدىن جىنايى جازاغا ئۇچرىغانلار؛
(3) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر؛
(4) كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلگەنلەر.
21-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولۇشتا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئىلتىماس سۇنىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىنى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى كۆرسىتىدۇ. تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا يوللاپ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە يوللايدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
22-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، كەسىپكارلىق ئەخلاققا بويسۇنۇشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق بۇرچىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، كەسپى مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەك.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى ئەمگەك ھەققى ئېلىشقا، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق؛ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە، ئەرز قىلىشقا ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئۇلار قانۇندا بەلگىلەنمىگەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلمايدۇ ياكى جازالانمايدۇ.
23-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولسا بولمايدۇ:
(1) بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش؛
(2) ھەق بېرىلىدىغان باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش؛
(3) ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېجىرىش ياكى ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى بېجىرىش؛
(4) ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى بېرىش؛
(5) ھەقىقىي، قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى بېرىش؛
(6) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ھەققىنى ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش ياكى گۇۋاھلىققا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىگىلىۋېلىش، ئوغرىلىۋېلىش؛
(7) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ھۆججەتلىرى ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئارخىپلىرىنى يوقىتىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش؛
(8) كەسپى پائالىيەتتە ئېرىشكەن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسلەرنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛
(9) قانۇن، قانۇن-نىزاملاردا، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا قىلمىش.
24-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللايدۇ:
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن مەھرۇم بولسا؛
(2) يېشى 65 ياشقا توشقان ياكى سالامەتلىك تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلالمىسا؛
(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى ۋەزىپىسىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستىپا بەرسە؛
(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى ئىناۋەتسىز قىلىنسا؛
 
4-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق تەرتىپى
 
25-ماددا تەبىئى شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش ئىلتىماسىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى، دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى، قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى ياكى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا سۇنسا بولىدۇ.
كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق بېجىرىش ئىلتىماسىنى كۆچمەس مۈلۈك تۇرۇشلۇق جايدىكى گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا سۇنۇشى كېرەك؛ كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان ھاۋالە، بايانات، ھەدىيە، ۋەسىيەت قاتارلىقلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانسا بولىدۇ.
26-ماددا تەبىئى شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق بېجىرىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. لېكىن ۋەسىيەت، ھايات ئىكەنلىكى، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئۆزى گۇۋاھلىق بېجىرىشكە تېگىشلىك بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
27-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئالاقىدارلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشى، ھەقىقى، قانۇنلۇق، تولۇق بولغان ئىسپات ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ تەمىنلىگەن ئىسپات ماتېرىياللار تولۇق بولمىسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ قانۇن ئەھمىيىتى ۋە پەيدا بولۇش مۇمكىن بولغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە مەزمۇنىنى خاتىرىلەپ ئارخىپتا ساقلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
28-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرگەندە ئوخشاش بولمىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش قائىدىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈشى كېرەك:
(1) ئالاقىدارلارنىڭ سالاھىيىتى، شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى ھەمدە مۇناسىپ ھوقۇقى؛
(2) تەمىنلىگەن ھۈججەت مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەل-مۇكەممەل ئەمەسلىكى، مەنىسىنىڭ ئېنىق-ئېنىق ئەمەسلىكى، ئىمزا، تامغىلىرىنىڭ تولۇق-تولۇق ئەمەسلىكى؛
(3) تەمىنلىگەن ئىسپات ماتېرىياللارنىڭ ھەقىقى، قانۇنلۇق، تولۇق-تولۇق ئەمەسلىكى؛
(4) گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشنىڭ ھەقىقى، قانۇنلۇق-قانۇنلۇق ئەمەسلىكى.
29-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش ھەمدە ئالاقىدارلار تەمىنلىگەن ئىسپات ماتېرىياللارنى مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھلىق بېجىرىش قائىدىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش زۆرۈر ياكى گۇمانلىق دەپ قارىسا، تەكشۈرۈشى ياكى باشقا جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ ۋەكالىتەن تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىشى كېرەك، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شەخسلەر قانۇن بويىچە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
30-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئىسپات ماتېرىياللارنى ھەقىقى، قانۇنلۇق، تولۇق، گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشنى ھەقىقى، قانۇنلۇق دەپ قارىسا، گۇۋاھلىق ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئالاقىدارلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. ئەمما قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ، دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇقلاش ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغانلىرىغا كەتكەن ۋاقىت سۈرۈك ئىچىگە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ.
31-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىپ بەرمەيدۇ:
(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ۋەسىيسىنىڭ ۋەكالەتچىلىكى يوق تۇرۇپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا؛
(2) ئالاقىدارلار بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىسا؛
(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلغان ئىش كەسپى تېخنىكلارنىڭ باھالاپ بېكىتىشى، باھالىشىغا تەۋە ئىش بولسا؛
(4) ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولسا؛
(5) ئالاقىدارلار پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، يوشۇرغان ياكى ساختا ئىسپات-ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن بولسا؛
(6) ئالاقىدارلار تەمىنلىگەن ئىسپات-ماتېرىياللار تولۇق بولمىسا ياكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇقلاشنى رەت قىلسا؛
(7) گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش ھەقىقى، قانۇنلۇق بولمىسا؛
(8) گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش ئىجتىمائى ئەخلاققا خىلاپ بولسا؛
(9) ئالاقىدارلار بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ھەققى تۆلەشنى رەت قىلسا.
32-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن شەكىل بويىچە تەييارلىنىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى ئىمزا قويۇشى ياكى ئىمزا تامغىسىنى بېسىشى ھەمدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسى بېسىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يېزىقتا تەييارلىنىشى كېرەك؛ مىللى ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شۇ جايدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان مىللى يېزىقتىكى نۇسخىسى چىقىرىپ بېرىلسە بولىدۇ.
33-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسىنى چەت ئەللەردە ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ، ئىشلىتىدىغان دۆلەت ئالدىن ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ۋە ئالاقىدار دۆلەتنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا (كونسۇلخانا)لىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك.
34-ماددا ئالاقىدارلار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ھەققى تۆلىشى كېرەك.
قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقىدارلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ھەققىنى كېمەيتىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.
35-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۈججەتلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلىشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن مۇھىم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپلىرىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرى ساقلاش مۇددىتى توشقاندا، بەلگىلىمىگە ئاساسەن يەرلىك ئارخىپخانىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
 
5-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كۈچى
 
36-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۈججەتلەر پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىشى كېرەك، ئەمما شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئاغدۇرىۋېتەلەيدىغان يېتەرلىك قارشى دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
37-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بېرىش مەزمۇن قىلىنغان ھەمدە قەرزدارنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىق ۋەدىسى ئېنىق ئىپادىلەنگەن ھەقدارلىق ھۈججەتلىرىنى، قەرزدار ئادا قىلمىسا ياكى مۇۋاپىق ئادا قىلمىسا ھەقدار قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدارلىق ھۈججىتىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلماسلىققا كېسىم قىلىدۇ ھەمدە كېسىمنامىنى ئىككى تەرەپ ئالاقىدارلارغا ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
38-ماددا قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىشلار قانۇن كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرى، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
39-ماددا ئالاقىدارلار، گۇۋاھلىق ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسىدە خاتالىق بار دەپ قارىسا، شۇ گۇۋاھنامىسنى چىقىرىپ بەرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا قايتا تەكشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسىنىڭ مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ ياكى پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسىنى كۈچتىن قالدۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك، بۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى باشتىلا ئىناۋەتسىز بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسىدە باشقا خاتالىق بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۈزىتىشى كېرەك.
40-ماددا ئالاقىدارلار، گۇۋاھلىق ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا تالاش-تارتىش بولسا، شۇ تالاش-تارتىش ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
 
6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
41-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ياكى تەۋەسىدە رايون بولغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۈچ ئايدىن يۇقىرى ئالتە ئايدىن تۆۋەن كەسىپنى توختىتىش جازاسى بەرسە بولىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋىتى بولسا، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتلىرى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمىنى ھاقارەتلەپ ياكى ئۈستەك، چاي پۇلى بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق كەسپىنى تالاشقان بولسا؛
(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا ئالغان بولسا؛
(3) بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا؛
(4) ھەق بېرىلىدىغان باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛
(5) ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرگەن ياكى ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرگەن بولسا؛
(6) قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالاشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار.
42-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ياكى تەۋەسىدە رايون بولغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ھەمدە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بىر ئايدىن يۇقىرى 3 ئايدىن تۆۋەن ئىش توختۇتۇپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بەرسە بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ھەمدە ئىككى مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا ھەمدە ئۈچ ئايدىن يۇقىرى 12 ئايدىن تۆۋەن كەسىپنى توختىتىش جازاسى بەرسە بولىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋىتى بولسا قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى گۇۋاھچىلىق كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
(1) ئۆز مەيلىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى بېرىش؛
(2) ھەققانىي، قانۇنلۇق بولمىغان ئىشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى بېرىش؛
(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ھەققىنى ئىگەللىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش ياكى گۇۋاھلىققا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بويۇملارنى ئىگەللىۋېلىش، ئوغرىلىۋېلىش؛
(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۈججەتلىرىنى ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئارخىپلىرىنى يوقىتىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش؛
(5) كەسپى پائالىيىتى جەريانىدا ئېرىشكەن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسلەرنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛
(6) قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، جازا بېرىشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار.
قەستەنلىك جىنايىتى ياكى خىزمەتتىكى سەۋەنلىك جىنايىتى تۈپەيلىدىن جىنايى جازاغا تارتىلغان بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى مۇسادىرە قىلىش كېرەك.
43-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئالاقىدارلارغا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلارغا زىيان سالسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكى بار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئوتتۇرىسىدا تۆلەم سەۋەبىدىن تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
44-ماددا ئالاقىدارلار ھەمدە باشقا شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، باشقىلارغا زىيان سالسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا، قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
(1) ساختا دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛
(2) ساختا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش؛
(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقنامىسى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش ياكى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغاننى ئېلىپ-سېتىش.
 
7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
 
45-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا (كونسۇلخانا)لىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارالىق شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرسە بولىدۇ.
46-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، باھا باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىللە تۈزۈپ چىقىدۇ.
47-ماددا بۇ قانۇن 2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 284 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01