جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىك قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىك قانۇنى

 

(1980 - يىل 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1980 - يىل 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى  دائىمىي كومىتېتى  باشلىقىنىڭ 8 - نومۇرلۇق  پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)
 
1 - ماددابۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىنىڭ تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇشقىمۇ، ئۇنىڭدىن قېپقېلىشقىمۇ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ تەتبىق قىلىنىدۇ.
2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئىگە.
3 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىككى دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇشىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
4 - ماددائاتا - ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ، ئۆزى جۇڭگودا تۇغۇلغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
5 - ماددائاتا - ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ، ئۆزى چەت ئەلدە تۇغۇلغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ لېكىن ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ، چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئۆزى تۇغۇلغان ۋاقىتتىلا چەت ئەل تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولمايدۇ.
6 - ماددائاتا ئانىسىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى يوق ياكى دۆلەت تەۋەلىكى نامەلۇم، ئولتۇراقلىشىشى جۇڭگودا بولۇپ، ئۆزى جۇڭگودا تۇغۇلغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولىدۇ.
7 - ماددا  چەت ئەللىكلەر ياكى دۆلەت تەۋەلىكى يوقلاردىن جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشنى خالايدىغان ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئىگە بولغانلار ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرسە بولىدۇ:
1. جۇڭگولۇقنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى؛
2. جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار؛
3. باشقا ئورۇنلۇق سەۋەبلىرى بولغانلار.
8 - ماددا  جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئىگە بولىدۇ؛ جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىشى تەستىقلانغانلار چەتئەل تەۋەلىكىنى ساقلاپ قالسا بولمايدۇ.
9 - ماددا  چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئۆز ئىختىيارى  بىلەن چەت ئەل تەۋەلىكىگە كىرگەن ياكى چەت ئەل تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدىن ئۈزلۈكىدىن قېپقالىدۇ.
10 - ماددا  جۇڭگو پۇقرالىرىدىن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئىگە بولغانلار ئىلتىماس قىلىپ  تەستىقلانغاندىن كېيىن جۇڭگو تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ:
1. چەت ئەللىكنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى؛
2. چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار؛
3. باشقا ئورۇنلۇق سەۋەبلىرى بولغانلار.
11 - ماددا  جۇڭگو تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىدىن قېپقالىدۇ.
12 - ماددا  دۆلەت خادىملىرى ۋە رەسمىي خىزمەتتىكى ھەربىيلەر جۇڭگو تەۋەلىكىدىن چىقىپ  كەتسە بولمايدۇ.
13 - ماددا  ئىلگىرى جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولغان چەت ئەللىكلەردىن ئوررۇنلۇق سەۋەبلىرى بولغانلار جۇڭگو تەۋەلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ جۇڭگو تەۋەلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى تەستىقلانغانلار چەت ئەل تەۋەلىكىنى ساقلاپ قالسا بولمايدۇ.
14 - ماددا  جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار، ئۇنىڭدىن قېپقالىدىغانلار ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلار 9 - ماددىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ  ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا قانۇنىي ۋاكالەتچىسى  بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.
15 - ماددا  دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورگانلار مەملىكەت ئىچىدە شۇ جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرىدۇر، چەت ئەللەردە جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدۇر.
16 - ماددا  جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىش، ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئىلتىماسلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. تەستىقلانغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى گۇۋاھنامە بېرىدۇ.
17 - ماددا  بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار ياكى جۇڭگو تەۋەلىكىدىن قېپقالغانلار داۋاملىق ھېسابقا ئېلىنىدۇ.
18 - ماددا  بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 250 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01