سودا بانكىسى قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

سودا بانكىسى قانۇنى

 

(1995 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2003 - يىل 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ <>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى> غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ قانۇن سودا بانكىسى، پۇل ئامانەت قويغۇچىلار ۋە باشقا مۇئامىلىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەئىتىنى قوغداش، سودا بانكىسىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كرېدىت مۈلكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سودا بانكىسىنىڭ ساغلام يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سودا بانكىسى مۇشۇ قانۇن ۋە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى> بويىچە قۇرۇلغان، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىش، قەرز پۇل بېرىش، راسچوت قىلىشقا ئوخشاش كەسىپلەرنى يولغا قويغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ماددا سودا بانكىسى تۆۋەندىكى كەسىپلەرنىڭ بىر قىسمى ھەممىسىنى يولغا قويسا بولىدۇ: (1) جامائەت ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىش؛ (2) قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىش؛ (3) ئىچكى - تاشقى راسچوت قىلىش؛ (4) ۋېكسېل چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە دېسكونت قىلىش؛ (5) پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىش؛ (6) ھۆكۈمەت زايومىنى ۋاكالىتەن تارقىتىش، ۋاكالىتەن تېگىشىپ بېرىش ۋە سېتىش؛ (7) ھۆكۈمەت زايومى ۋە پۇل مۇئامىلە زايومىنى ئېلىش - سېتىش؛ (8) كەسىپداشلار ئارا مەبلەغ ئۆتنە قىلىش؛ (9) تاشقى پېرېۋوتنى ئېلىش - سېتىش، ۋاكالىتەن ئېلىش - سېتىش؛ (10) بانكا كارتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش؛ (11) كرېدىت گۇۋاھنامىسى مۇلازىمىتى قىلىش ۋە كېپىل بولۇش؛ (12) پۇلنى ۋاكالىتەن كىرىم - چىقىم قىلىش ۋە سۇغۇرتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش؛ (13) ساقلاش ساندۇقى بېرىش؛ (14) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تەستىقلىغان باشقا كەسىپلەرنى يولغا قويۇش. تىجارەت دائىرىسى سودا بانكىسىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىدۇ. سودا بانكىسى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، پېرېۋوت راسچوت قىلىش، پېرېۋوت سېتىش كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ. 4 - ماددا سودا بانكىسى بىخەتەر، ئوبوروتلۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشنى تىجارەت پرىنسىپى قىلىدۇ، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ، خەۋپ - خەتەرنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. پايدا - زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئۆزىنى - ئۆزى چەكلەپ تۇرىدۇ. سودا بانكىسى كەسىپنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. قانۇنىي ئىگە بولغان سودا بانكىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆزىنىڭ بارلىق مال - مۈلكى بىلەن مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ. 5 - ماددا سودا بانكىسى مۇئامىلىدارلار بىلەن بولغان كەسپىي مۇئامىلىدە باراۋەر، ئىختىيارىي، ئادىل ۋە سەمىمىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. 6 - ماددا سودا بانكىسى پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراتماسلىقى لازىم. 7 - ماددا سودا بانكىسى كرېدىت كەسپىدە، قەرز ئالغۇچىنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى، كېپىللىك ئېلىشى، قەرز پۇلنى قەرەلىدە قايتۇرۇۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. سودا بانكىسىنىڭ قەرز ئالغۇچىدىن قەرەلى توشقان قەرز پۇلنىڭ قانۇن بويىچە دىرىنى قايتۇرۇۋېلىشى ۋە ئۆسۈمىنى ئېلىشىنى قانۇن قوغدايدۇ. 8 - ماددا سودا بانكىسى كەسپىنى يولغا قويۇشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. 9 - ماددا سودا بانكىسى كەسپىنى يولغا قويۇشتا، ئادىل رىقابەتلىشىش پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى، ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. 10 - ماددا سودا بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن، ئالاقىدار كەسىپلىرىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى باشقا تارماق ياكى ئاپپاراتلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 2 - باب سودا بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى 11 - ماددا سودا بانكىسى قۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىشقا ئوخشاش سودا بانكىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئۆز نامىدا <بانكا> دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 12 - ماددا سودا بانكىسى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك: (1) مۇشۇ قانۇندىكى ۋە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن نىزامنامىسى بولۇش؛ (2) رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن بولۇش؛ (3) ۋەزىپىسىگە لايىق كەسپىي بىلىمگە ۋە كەسپىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش؛ (4) مۇكەممەل تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛ (5) تەلەپكە ئۇيغۇن تىجارەت سورۇنى، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەسلىھەلىرى بولۇش. سودا بانكىسى قۇرۇشتا، يەنە باشقا ئېھتىيات شەرتلەرنىمۇ ھازىرلاش كېرەك. 13 - ماددا مەملىكەتلىك سودا بانكىسى قۇرىدىغانلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى بىر مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. شەھەر سودا بانكىسى قۇرۇدىغانلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ، يېزا سودا بانكىسى قۇرىدىغانلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 50 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتال نەق تاپشۇرۇلغان كاپىتال بولۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى ئېھتىيات بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تەلىپى بويىچە تەڭشىسە بولىدۇ، لېكىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن چەكتىن تۆۋەنلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. 14 - ماددا سودا بانكىسى قۇرۇشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم: (1) ئىلتىماس. ئۇنىڭغا قۇرۇلىدىغان سودا بانكىسىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى، رويخەتتىكى كاپىتالى، كەسىپ دائىرىسى قاتارلىقلار يېزىلىشى لازىم؛ (2) مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى؛ (3) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تاپشۇرۇشنى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەت، ماتېرىياللار. 15 - ماددا سودا بانكىسى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ 14 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئىلتىماس قىلغۇچى رەسمىي ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى ھەم تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك: (1) نىزامنامە لايىھىسى؛ (2) تەيىنلىنىدىغان مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛ (3) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتنىڭ مەبلەغ تەكشۈرگەنلىك ئىسپاتى؛ (4) پايچىلار ئىسىملىكى ۋە ئۇلار قوشقان مەبلەغ سوممىسى، پاي؛ (5) ئىلكىدىكى پېيى رويخەتتىكى كاپىتالنىڭ %5 دىن ئاشىدىغان پايچىلارنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتى ئىسپاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى؛ (6) تىجارەت فاڭجېنى ۋە پىلانى؛ (7) تىجارەت سورۇنى، بىخەتەرلىك - ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەسلىھەلەرگە دائىر ماتېرىياللار؛ (8) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەت، ماتېرىياللار. 16 - ماددا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سودا بانكىسىغا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ، سودا بانكىسى شۇ ئىجازەتنامىگە ئاساسەن سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ. 17 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، تەشكىلىي ئاپپاراتىغا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قۇرۇلغان سودا بانكىسىنىڭ تەشكىلىي شەكلى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى> دىكى بەلگىلىمە دېگەندەك ئۇيغۇن كەلمىسە، ئەسلىدىكى بەلگىلىمە داۋاملىق تەتبىقلانسا بولىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاش ۋاقتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 56 - ماددا سودا بانكىسى ھەر بىر بوغالتىرىيە يىلى ئاخىرلىشىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدىنقى بىر يىللىق تىجارەت نەتىجىسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى لازىم. 57 - ماددا سودا بانكىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابتا تۇرۇپ قالغان قەرز تەييارلىق فوندى ئاجرىتىپ، تۇرۇپ قالغان ھېسابنى كۆتۈرۈۋېتىشى لازىم. 58 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ بوغالىتىرىيە يىلى مىلادى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولىدۇ. 6 - باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 59 - ماددا سودا بانكىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئۆزىنىڭ كەسىپ قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىشى، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش ۋە ئىچكى جەھەتتە كونترول قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. 60 - ماددا سودا بانكىسى ئۆزىنىڭ ئامانەت پۇلى، قەرز پۇلى، راسچوتى، تۇرۇپ قالغان ھېساباتلىرىنى تەتپتىش قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. سودا بانكىسى ئۆزىنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنى دائىم تەپتىش قىلىشى، تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىشى لازىم. 61 - ماددا سودا بانكىسى ئاكتىپ - پاسسىپ جەدۋىلى، پايدا جەدۋىلى شۇنىڭدەك باشقا مالىيە - بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى، ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ماتېرىياللىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىغا بەلگىلىمە بويىچە يوللىشى لازىم. 62 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 3 -، 4 -، 5 - بابلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سودا بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇلى، قەرز پۇلى، راسچوتى ۋە تۇرۇپ قالغان ھېساباتلىرىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشتا، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلغۇچىلار قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى لازىم. سودا بانكىسى مالىيە - بوغلتىرلىق ماتېرىيالى، كەسىپ توختامى ۋە تىجارەت باشقۇرۇشقا دائىر ئۇچۇرلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەلىپى بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. جۇڭگو خەلق بانكىسى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى> نىڭ 23 -، 34 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سودا بانكىسىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 63 - ماددا سودا بانكىسى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەپتىشلىكى ۋە نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى لازىم. 7 - باب ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش 64 - ماددا سودا بانكىسىدا كرېدىت كرىزىسى كۆرۈلۈپ ياكى كۆرۈلۈش ئېھتىمالى تۇغۇلۇپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكەندە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى شۇ بانكىنى ئۆتكۈزۈۋالسا بولىدۇ. ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان سودا بانكىسىغا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، سودا بانكىسىنىڭ نورمال تىجارەت ئقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سودا بانكىسىنىڭ ھەقدارلىق - قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈۋېلىنىش تۈپەيلىدىن ئۆزگەرمەيدۇ. 65 - ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ ھەمدە تەشكىللەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك: (1) ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان سودا بانكىسىنىڭ نامى؛ (2) ئۆتكۈزۈۋېلىش سەۋەبى؛ (3) ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەشكىلات؛ (5) ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى. 66 - ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارى يولغا قويۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن ئۆتكۈزۈۋېلىش باشلىنىدۇ. ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەشكىلات سودا بانكىسىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش باشلانغان كۈندىن ئېتىبارەن يۈرگۈزىدۇ. 67 - ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى مۆھلەتنى ئۇزارتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتىنى ئۇزاق بولغاندىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. 68 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆتكۈزۈۋېلىش ئاخىرلىشىدۇ: (1) ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارىدا بەلگىلەنگن مۆھلەت توشقان بولسا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى قارار قىلىپ ئۇزارتقان ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقان بولسا؛ (2) ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقىچە شۇ سودا بانكىسىنىڭ نورمال تىجارەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن بولسا؛ (3) ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقىچە شۇ سودا بانكىسىنىڭ قۇشۇۋېلىنغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغان بولسا. 69 - ماددا سودا بانكىلىرىدىن ئايرىۋېتىش، قوشۇۋېتىشكە ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئىشلار تۈپەيلىدىن تارقىتىۋېتىشكە توغرا كەلگەنلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە تارقىتىۋېتىش سەۋەبى ۋە بېرىدىغان ئامانەت پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى قاتارلىق قەرز ئۈزۈش پىلانىنى قوشۇپ يوللىشى لازىم. سودا بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تەستىقلىغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلىدۇ. سودا بانكىلىرىدىن تارقىتىۋېتىلىدىغانلىرى قانۇن بويىچە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېسابات ئېنىقلاپ، قايتۇرۇش پىلانى بويىچە ۋاقتىدا قايتۇرۇشى لازىم. گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ھېسابات ئېنىقلاش جەريانىنى نازارەت قىلىدۇ. 70 - ماددا سودا بانكىلىرىدى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ئېنىقلىشى، ئامانەت پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى قاتارلىق قەرزنى قايتۇرۇش پىلانى بويىچە ۋاقتىدا قايتۇرغۇزۇشى لازىم. 71 - ماددا سودا بانكىسى قەرەلى توشقان قەرزنى قايتۇرالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى قانۇن بويىچە جاكارلايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى سودا بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەشكىللەپ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېساب ئېنىقلايدۇ. ۋەيران بولغان سودا بانكىسىنىڭ ھېساباتنى ئېنىقلىغاندا، ھېسابات ئېنىقلاش خىراجىتى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ نېىس مائاشى، ئەمگەك سۇغۇرتىسى خىراجىتىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، شەخسلەر ئامانەت پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى ئاۋۋال بېرىۋېتىش لازىم. 72 - ماددا سودا بانكىسى تارقىتىۋېتىلگەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا تاقىۋېتىلىدۇ. 8 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى 73 - ماددا سودا بانكىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ياكى باشقا مۇئامىلدارلارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ئۆسۈم بېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىش جاۋابكارلىقى ۋە باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلشى كېرەك: (1) ئامانەت پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى بېرىشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەنلەر، بەرمىگەنلەر؛ (2) ۋېكسىل چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق راسچوت كەسپىگە دائىر ۋېكسىلىنى نەقلەشتۈرۈپ بەرمىگەنلەر، كىرىم - چىقىمنى ھېساىقا كىرگۈزمىگەنلەر، تالون - چەكلەرنى بېسىپ قويغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ چەكنى قايتۇرۋەتكەنلەر؛ (3) شەخسلەر ياكى ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز سۈرۈشتۈرگەن، توڭلىتىپ قويغان، تۇتۇپ قېلىپ ئاغدۇرۇپ بەرمىگەنلەر؛ (4) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارغا ياكى باشقا مۇئامىلىدارلارغا زىيان سالىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 74 - ماددا سودا بانكىسىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليۇن يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارنى ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلارنى قۇرسا؛ (2) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئاپپاراتلارنى ئايرىۋەتسە، قوشۇۋەتسە ياكى ئۆزگەرتىدىغان ئىشلارنى تەستىقلىتىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا؛ (3) ئۆسۈم نىسبىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆستۈرۈۋالسا ياكى تۆۋەنلەتسە، شۇنىڭدەك باشقا ناتوغرا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئامانەت پۇل قوبۇل قىلسا، قەرز پۇل بەرسە؛ (4) تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجارە بەرسە، ئارىيەت بەرسە؛ (5) تەستىقلاتماي تۇرۇپ تاشقى پېرېۋوتنى ئالسا، ساتسا ياكى ۋاكالىتەن ئالسا، ساتسا؛ (6) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ھۆكۈمەت زايومىنى ئالسا، ساتسا ياكى پۇل مۇئامىلە زايومى تارقاتسا، ئالسا، ساتسا؛ (7) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە مەبلەغ كەسپى ۋە ئاكسىيە تىجارەت كەسپى بىلەن شۇغۇللاسا، ئۆزى ئىشلەيتمەيدىغان كۆچمەس مۈلۈككە ياكى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ۋە كارخانىلارغا مەبلەغ سالسا؛ (8) مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز بەرسە ياكى كېپىللىك قەرز بېرىش شەرتىنى باشقا قەرز ئالغۇچىنىڭ شۇ خىلدىكى قەرز ئېلىش شەرتىدىن كەڭ قويۇۋەتسە. 75 - ماددا سودا بانكىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 002 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشىنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛ (2) ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتى، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى بەرگەنلەر؛ (3) كاپىتال تولۇقلاش نىسبىتى، ئامانەت قەرز نىسبىتى، مۈلۈكنىڭ ئوبوروت نىسبىتى، ئوخشاش بەلگىلىمىگە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئاكتىپ - پاسسىپ نىسبىتى بويىچە باشقۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىغانلار. 76 - ماددا سودا بانكىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىلىيون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرى ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىش ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ پېرېۋوت راسچوت قىلغان، ساتقانلار؛ (2) تەستىقلاتماي تۇرۇپ پۇل مۇئامىلە زايومىنى بانكىلار ئارا زايوم بازىرىدا تارقاتقان، ئالغان، ساتقان ياكى چېگرا سىرتىدىن پۇل قەرز ئالغانلار؛ (3) كەسىپداشلار ئارا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆتنە - يېرىم قىلىشقانلار. 77 - سودا بانكىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشىنى رەت قىلسا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلسا؛ (2) ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتى، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلىنى بەرسە؛ (3) ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن نىسبەت بويىچە تاپشۇرۇشتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن نىسبەتنى قايرىپ قويسا. 78 - ماددا سودا بانكىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 73 - ماددىسىدىن 77 - ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلەرنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 79 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنىغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ: (1) ئۆز نامىدا <بانكا> دېگەن سۆزنى تەستىقسىز ئىشلەتكەنلەر؛ (2) سودا بانكىسى پاي ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %5 ىدىن كۆپرەكىنى تەستىقسىز سېتىۋالغانلار؛ (3) ئورۇننىڭ مەبلىغىنى شەخسىي نامدا ھېساب ئېچىپ ئامانەت قويغانلار. 80 - ماددا سودا بانكىلىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىىرنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. سودا بانكىلىرىدىن جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 81 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەستىقسىز ئۆز ئالدىغا سودا بانكىسى قۇرغان ياكى جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز يول ياكى باشقا يوللار بىلەن قوبۇل قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە شۇنداق بانكىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. سودا بانكىسىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 82 - ماددا قەرز ئالغۇچىلار قەرزنى ئالدامچلىق ۋاستىسى بىلەن ئېلىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 83 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 81 -، 82 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 84 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، پارا سوراپ، پارا ئېلىپ ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەر خىل ناملار بىلەن ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن قەرز پۇل بېرىپ ياكى كېپىل تېپىپ زىيان پەيدا قىلغانلىرىنى تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ ھەممىسنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 85 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، شۇ بانكىنىڭ ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلىغىنى خىيانەت قىلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ، ئىگىلىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋبكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ. 86 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ تۇغقانلىرىغا، دوستلىرىغا شەخسىي غەرەز بىلەن قەرز بېرىپ ياكى كېپىل بولۇپ زىيان پەيدا قىلغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 87 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا ئىتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 88 - ماددا ئورۇنلار ياكى شەخسلەر سودا بانكىسىنى قەرز بېرىشكە ياكى كېپىل تېپىشقا زورلىسا، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلار ياكى شەخسكە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ زورلىشى بىلەن قەرز بەرگەن ياكى كېپىل تېپىپ بەرگەنلىرىگە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلغانلىرى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 89 - ماددا سودا بانكىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ، مەلۇم مۇددەتكىچە ھەتتا ئۆمۈر بويى ئېلىپ تاشلىسا، بىۋاستە جاۋابكار مۇدىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىنىڭ مەلۇم مۇددەتكىچە ھەتتا ئۆمۈر بويى بانكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلىسە بولىدۇ. سودا بانكىسىنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە توشمىسا، بىۋاستە جاۋابكار مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 90 - ماددا سودا بانكىسى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 9 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ 91 - ماددا مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىپ قۇرۇلغان سودا بانكىسى قايتا تەستىقلىتىلمايدۇ. 92 - ماددا تاشقى مەبلەغ سودا بانكىسىغا، جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى سودا بانكىسىغا، چەت ئەل سودا بانكىسىنىڭ شۆبە - تارماقلىرىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 93 - ماددا شەھەر ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ ۋە يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ پۇل ئامانەت كەسپى، قەرز پۇل كەسپى ۋە راسچوت كەسپىگە ئوخشاش كەسىپلەردە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 94 - ماددا پوچتا كارخانىلىرى سودا بانكىسىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىنى يولغا قويسا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 95 - ماددا بۇ قانۇن 1995 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 185 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01