مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى

 

مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى (2003 - يىل 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىش ۋە بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى. 2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەمۇرىي ئىجازەت مەمۇرىي ئورگاننىڭ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، مۇئەييەن پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىىشىغا رۇخسەت قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىش ۋە بېرىشتە بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان باشقا ئورگان ياكى ئۆزى بىۋاستە باشقۇرىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار، مالىيە، تاشقى ئىشلار قاتارلىق ئىشلىرىنى تەستىقلاشتا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ. 4 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىش ۋە بېرىشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق، دائىرە، شەرت ۋە تەرتىپكە ئەمەل قىلىش كېرەك. 5 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىش ۋە بېرىشتە، ئاشكارا، ئادىل، لىللا بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. مەمۇرىي ئىجازەتكە دائىر بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىش كېرەك؛ ئېلان قىلىنمىغانلىرىنى مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. مەمۇرىي ئىجازەتنىڭ بېرىلىشى ۋە نەتىجىسى دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلمىسىلا ئاشكارىلاش كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە ئۆلچەمگە توشىدىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە، مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئۇلارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 6 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە، پۇقرالارغا قۇلايلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. 7 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشىكلاتلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشى ئۈستىدە پىكىر قىلىش، مۇنازىرىلىشىشكە ھوقۇقلۇق؛ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي ئىجازەتنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 8 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئالغان مەمۇرىي ئىجازىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، كۈچكە ئىگە مەمۇرىي ئىجازەتنى مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئۆز بېشىمچلىق بىلەن ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي ئىجازەتتە ئاساسلانغان قانۇن - نىزام، قائىدىلەر تۈزىتىلسە ياكى بىكار قىلىنسا ۋە ياكى مەمۇرىي ئىجازەتتە ئاساسلانغان ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولسا، مەمۇرىي ئورگان جامائەت مەنپەئىتى ئۈچۈن، كۈچكە ئىگە مەمۇرىي ئىجازەتنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. 9 - ماددا قانۇن - نىزاملاردا قانۇن بويىچە ئالغان مەمۇرىي ئىجازەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. 10 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇري ئىجازەت بېرىشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن پائالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشى كېرەك. 2 - باب مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىش 11 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىشتە، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. ئۇنى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا، جامائەت مەنپەئىتى، ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداشقا، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق قىلىپ بېكىتىش كېرەك. 12 - ماددا تۆۋەندىكى ئىشلاردا مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىشكە بولىدۇ: (1) دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە، ئىقتىسادنى ماكرولۇق تىزگىنلەشكە، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشقا بىۋاستە چېتىلىدىغان، شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن پائالىيەتلەردە قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە تەستىقلاش زۆرۈر بولغان ئىشلار؛ (2) چەكلىك تەبىئىي بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىش، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش، شۇنىڭدەك جامائەت مەنپەئىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ساھەلەرنىڭ بازارغا كىرىشى قاتارلىقلاردا ئالاھىدە ھوقۇق بېرىش زۆرۈر بولغان ئىشلار؛ (3) جامائەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەمدە جامائەت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كەسىپ، ساھەلەرنىڭ ئالاھىدە ئىناۋەت، ئالاھىدە شەرت ياكى ئالاھىدە ماھارەت قاتارلىق سالاھىيەت ۋە ساپا ھازىرلىشىنى  بېكىتىش زۆرۈر بولغان ئىشلار؛ (4) جامائەت خەۋپسىزلىكى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، مەھسۇلات، بۇيۇملارنى تېخنىكا ئۆلچىمى، تېخنىكا قائىدىسى بويىچە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ۋە كارانتىن قىلىش قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن بېكىتىش زۆرۈر بولغان ئىشلار؛ (5) كارخانا باشقا تەشكىلاتلارنى قۇرۇش قاتارلىقلاردا سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش زۆرۈر بولغان ئىشلار؛ (6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار. 13 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردىن تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن قېلىپلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىرىدا مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىلمىسىمۇ بولىدۇ: (1) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا قارار قىلالايدىغان ئىشلار؛ (2) بازار رىقابەت مېخانىزمى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەڭشىگىلى بولىدىغان ئىشلار؛ (3) ساھە تەشكىلاتلىرى ياكى ۋاستىچى ئاپپاراتلار ئۆزى باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان ئىشلار. (4) مەمۇرىي ئورگانلار كېيىن نازارەت قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەل قىلالايدىغان ئىشلار. 14 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار ھەققىدە قانۇندا مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىلسە بولىدۇ. قانۇن چىقىرىلىمىغان بولسا، مەمۇرىي نىزاملاردا مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىلسە بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا مەمۇرىي ئىجازەتنى گوۋۇيۈەن قاراپ ئېلان قىلىش يولى بىلەن بېكىتسە بولىدۇ. يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىدىن باشقىلىرى ھەققىدە گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا قانۇن چىقىرىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا بېرىشى ياكى ئۆز ئالدىغا مەمۇرىي نىزام چىقىرىشى كېرەك. 15 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار ھەققىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزام چىقىرىلمىغان بولسا، يەرلىك نىزامدا مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىلسە بولىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزام چىقىرىلمىغانلىرىدا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن دەرھال مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىلىرىدە ۋاقىتلىق مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىلسە بولىدۇ. ۋاقىتلىق مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلىپ بىر يىل توشقاندا يەنە داۋاملىق بېرىشكە توغرا كەلسە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا يەرلىك نىزام چىقىرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش كېرەك. يەرلىك نىزامدا ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىلىرىدە پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت بىر تۇتاش بېكىتىدىغان سالاھىيىتى، ساپاسىغا دائىر مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىشكە يول قويۇلمايدۇ؛ كارخانا ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى قۇرۇشنى تىزىملاش ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىشلىرى ھەققىدە مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدا بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىجازەتتە باشقا جايدىكى شەخسلەر ياكى كارخانىلارنىڭ شۇ جايغا كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى چەكلەشكە يول قويۇلمايدۇ، باشقا جاي تاۋارلىرىنىڭ شۇ جايدىكى بازارغا كىرىشىنى چەكلەشكە يول قويۇلمايدۇ. 16 - ماددا مەمۇرىي نىزامدا قانۇندا بېكىتلگەن مەمۇرىي ئىجازەت دائىرىسىدە، شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى بېرىش ھەققىدە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ. يەرلىك نىزاملاردا قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىجازەت دائىرىسىدە، شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى بېرىش ھەققىدە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ. قائىدىدە ئۈستۈن قانۇندا بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىجازەت دائىرىسىدە، شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى بېرىش ھەققىدە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ. نىزام، قائىدىلەرنىڭ ئۈستۈن قانۇندا بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ھەققىدىكى كونكرېت بەلگىلىمىسىدە مەمۇرىي ئىجازەتنى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ؛ مەمۇرىي ئىجازەت شەرتى ھەققىدە چىقىرىلغان كونكرېت بەلگىلىمىسىدە ئۈستۈن قانۇنغا خىلاپ باشقا شەرتلەرنى كۆپەيتشكە بولمايدۇ. 17 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 14 -، 15 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قائىدە خاراكتېرلىك باشقا ھۆججەتلەردە مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتشىكە زادى بولمايدۇ. 18 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىشتە، مەمۇرىي ئىجازەتنى بېرىش ئورگىنى، شەرتى، تەرتىپى، مۆھلىتى بەلگىلىنىشى كېرەك. 19 - ماددا قانۇن، نىزام لايىھىسىدە ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدە لايىھىسىدە، مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىلىدىغان بولسا، تەييارلىغۇچى ئورۇن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىكىر ئېلىشى ھەمدە چىقارغۇچى ئورگانغا شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇنىڭ ئىقتىسادقا ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرى، شۇنداقلا پىكىر ئېلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشى كېرەك. 20 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتكۈچى ئورگان بېكىتكەن مەمۇرىي ئىجازىتىنى قەرەللىك باھالاپ تۇرۇشى كېرەك؛ بېكىتكەن مەمۇرىي ئىجازىتىنى بۇ قانۇننىڭ 13 - ماددىسىدىكى ئۇسۇل بويىچە ھەل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىسا، شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى ياكى بىكار قىلىشى كېرەك مەمۇرىي ئىجازەت بەرگۈچى بېكىتكەن مەمۇرىي ئىجازەتنى بېرىش ئەھۋالى، شۇنداقلا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى مۇۋاپىق پەيىتتە باھالىسا ھەمدە پىكرنى شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتكەن ئورگانغا يوللىسا بولىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتكۈچى ۋە بەرگۈچى ئورگانلارغا مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىش ۋە بېرىش ھەققىدە پىكىر، تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. 21 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي نىزامدا بېكىتىلگەن ئىقتىسادىي ئىشلارغا ئائىت مەمۇرىي ئىجازەتلەردىن شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ قانۇننىڭ 13 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن يول بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغانلىرىنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى توختاتسا بولىدۇ. 3 - باب مەمۇرىي ئىجازەت بەرگۈچى ئورگان 22 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەتنى مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرىي ئورگان قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە بېرىدۇ. 23 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەتنى قانۇن - نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن، جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە تەشكىلات قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئۆز نامىدا بېرىدۇ. ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلاتقا بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەستىقلىنىدۇ. 24 - ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە، قانۇن - نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى باشقا مەمۇرىي ئورگانغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلغۇچى ئورگان ھاۋالە قىلىنغۇچى مەمۇرىي ئورگان ۋە ھاۋالە قىلىنغان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش مەزمۇنى ھەققىدە ئېلان چىقىرىشى لازىم. ھاۋالە قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگان ھاۋالە قىلىنغۇچى مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە شۇ ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغۇچى مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەتنى ھاۋالە دائىرىسىدە، ھاۋالە قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگان نامىدا بېرىدۇ؛ باشقا تەشكىلات ياكى شەخسلەرگە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى قايتا ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ. 25 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىخچام، بىر تۇتاش، ئۈنۈملۈك بولۇش پرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ھوقۇقىنى بىر مەمۇرىي ئورگانغا تاپشۇرسا بولىدۇ. 26 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەتنى مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئىچكى قىسمىدا تەسىس قىلىنغان بىر قانچە ئاپپارات بېجىرىشكە توغرا كەلسە، شۇ مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىشقا، مەمۇرىي ئىجازەت قارارىنى بىر تۇتاش يەتكۈزۈشكە بىر ئاپپاراتنى بېكىتىشى كېرەك. مەمۇرىي ئىجازەتنى قانۇن بويىچە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق تارمىقى بېرىدىغان بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر تارماقنى مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىغان ھەمدە ئالاقىدار تارماقنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بىر تۇتاش بېجىرىدىغان قىلىپ بېكىتسە ياكى ئالاقىدار تارماقلارنى بىرلىشىپ بېجىرىش، يىغىپ بېجىرىشكە تەشكىللىسە بولىدۇ. 27 - ماددا مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا كۆرسەتكەن تاۋارنى سېتىۋېلىش، ھەقلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق يولسىز تەلەپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي ئورگان خادىملىرى مەمۇرىي ئىجازەت رەسمىيىتى بېجىرىشتە، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پۇل - مال تەلەپ قىلسا ياكى ئالسا بولمايدۇ، باشقا نەپ ئالسا بولمايدۇ. 28 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، مەھسۇلات، بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، كارانتىن قىلىشنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، تەدرىجىي ھالدا قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان كەسپىي تېخنىكا تەشكىلاتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كەسپىي تېخنىكا تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئۆزى چىقارغان تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، كارانتىن قىلىش يەكۈنى ئۈچۈن قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 4 - باب ئىجازەت بېرىش تەرتىپى 1 - پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش 29 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن مۇئەييەن، پائالىيەتتە قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئالىدىغانلىرى مەمۇرىي ئورگانغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئىلتىماسنى ئۆلچەملىك نۇسخىدا تەييارلاشقا توغرا كەلسە، مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچىغا مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى بېرىشى كېرەك. ئۆلچەملىك ئىلتىماس نۇسخىسىدا مەمۇرىي تىجارەت ئىلتىماسىدىكى ئىشلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ۋاكالەتچىگە مەمۇرىي ئىلتىماس قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. لېكىن، ئىلتىماس قىلغۇچى قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئورگانغا بېرىپ، مەمۇرىي ئىلتىماس سۇنىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسى خەت - ئالاقە، تېلېگرامما، تېلېكس، فاكس، ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى قاتارلىق يوللار بىلەن سۇنۇلسا بولىدۇ. 30 - ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇن - نىزام، قائىدىدە بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئىجازەتكە ئالاقىدار ئىش، ئاساس، شەرت، سان، تەرتىپ، مۆھلەت، شۇنداقلا تاپشۇرىدىغان بارلىق ماتېرىيالنىڭ مۇندەرىجىسىنى ۋە ئىلتىماس ئۈلگىسى قاتارلىقلارنى ئىش ئورنىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار مەمۇرىي ئورگاندىن ئېلان مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاشنى تەلەپ قىلسا، مەمۇرىي ئورگان چۈشەندۈرۈشى، ئىزاھلىشى، توغرا، ئىشەنچلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. 31 - ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا مەمۇرىي ئورگانغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس ماتېرىيالىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ چېنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچىدىن مەمۇرىي ئىجازەتكە مۇناسىۋەتسىز تېخنىكا ماتېرىيالى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. 32 - ماددا مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك: (1) ئىلتىماس قىلىنغان ئىشتا قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت قىلىش ھاجەتسىز بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئىلتىماسنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك؛ (2) ئىلتىماس قىلىنغان ئىش قانۇن بويىچە شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە بولمىسا، قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىش ھەمدە ئالاقىدار مەمۇرىي  ئورگانغا ئىلتىماس قىلىشنى ئىلتىماس قلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك؛ (3) ئىلتىماس ماتېرىيالىدىكى خاتالىقنى شۇ جايدا تۈزەتكىلى بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شۇ جايدىلا تۈزىتىشىگە يول قويۇش كېرەك؛ (4) ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق بولمىسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگەن ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك بارلىق مەزمۇنلارنى شۇ جايدا ياكى بەش كۈن ئىچىدە بىر يولىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. مۆھلەت ئۆتكۈچە ئۇقتۇرمىسا، ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان ھېسابلىنىدۇ؛ (5) ئىلتىماس قىلىنغان ئىش شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە بولۇپ، ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە ئۇيغۇن بولسا ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ تەلىپى بويىچە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغان بولسا، مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلسىمۇ ياكى قوبۇل قىلمىسىمۇ، شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەخسۇس تامغىسى بېسىلغان، ۋاقتى يېزىلغان ئىسپات بېرىشى كېرەك. 33 - ماددا مەمۇرىي ئورگان مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدا مەمۇرىي ئىجازەت ئىشىنى ئېلان قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سانلىق مەلۇمات، ئېلېكترونلۇق يوللانما شەكلىدىن پايدىلىنىپ مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسى قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك، باشقا مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ، مەمۇرىي ئىجازەتكە دائىر ئۇچۇرلاردىن ئورتاق پايدىلىنىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 2 - پاراگراف تەكشۈرۈش ۋە قارار قىلىش 34 - ماددا مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە ئۇيغۇن بولۇپ، مەمۇرىي ئورگان شۇ جايدا قارار چىقىرالايدىغان بولسا، شۇ جايدا يازما مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە ئىلتىماس ماتېرىيالىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، مەمۇرىي ئورگان ئىككىدىن ئارتۇق خىزمەتچى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشى كېرەك. 35 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەت ئاۋۋال تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە تەكشۈرگەندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگاننىڭ قارار قىلىشىغا يوللىنىدىغان بولسا، تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت دەسلەپكى تەكشۈرۈش پىكرى ۋە بارلىق ئىلتىماس ماتېرىيالىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانغا بىۋاستە يوللىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئىلتىماس ماتېرىيالىنى قايتا بېرىشنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ. 36 - ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەندە، مەمۇرىي ئىجازەت ئىشى باشقىلارنىڭ زور مەنپەئىتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولسا، مەنپەئەتدارغا ئۇقتۇرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدار پىكرىنى بايان قىلىشقا ۋە مۇنازىرىلىشىشكە ھوقۇقلۇق. مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. 37 - ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ، شۇ جايدا مەمۇرىي ئىجازەت قارارىنى چىقارغاندىن سىرت، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت قارارىنى چىقىرىشى كېرەك. 38 - ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلسە، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ھەققىدە يازما قارار چىقىرىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت بەرمەسلىك ھەققىدە يازما قارار چىقارغاندا، سەۋەبىنى چەشەندۈرۈشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 39 - ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىپ، مەمۇرىي ئىجازەتنامە ۋە ھۆججەت بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ تامغىسى بېسىلغان تۆۋەندىكى مەمۇرىي ئىجازەتنامە ۋە ھۆججەتلەرنى بېرىشى كېرەك: (1) ئىجازەتنامە، كىنىشكا ياكى باشقا ئىجازەت گۇۋاھنامىلىرى؛ (2) سالاھىيەتنامە، ساپانامە ياكى باشقا لاياقەتنامىلەر؛ (3) مەمۇرىي ئورگاننىڭ تەستىق ھۆججىتى ياكى ئىسپات ھۆججىتى؛ (4) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەمۇرىي ئىجازەتنامە، ھۆججەتلەر. مەمۇرىي ئورگانلاردىن تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتىن قىلىشنى يولغا قويغانلىرى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتىن قىلىشتا لاياقەتلىك بولغان ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، مەھسۇلات، بۇيۇمغا يارلىق چاپلىسا ياكى تەكشۈرگەنلىك، ئۆلچىگەنلىك، كارانتىن قىلغانلىق تامىغىسى باسسا بولىدۇ. 40 - ماددا مەمۇرىي ئورگان چىقارغان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارىنى ئاشكارىلاش كېرەك، جامائەت كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق. 41 - ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىجازەتتە رايون چەكلىمىسى بولمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئالغان مەمۇرىي ئىجازەت مەملىكەت دائىرىسىدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 3 - پاراگراف مۆھلەت 42 - ماددا شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىشقا بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. 20 كۈن ئىچىدە قارار چىقارغىلى بولمىسا، شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، 10 كن ئۇزارتىشقا بولىدۇ، مۆھلەتنى ئۇزارتىشنىڭ سەۋەبىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. لېكىن، قانۇن - نىزاملار ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 26 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەمۇرىي ئىجازىتىنىڭ بىر تۇتاش ياكى بىرلىشىپ، يىغىپ بېجىرىدىغانلىرىنىڭ بېجىرىلىش ۋاقتى 45 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ 45 كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بولغىلى بولمىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، 15 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ، مۆھلەتنى ئۇزارتىش سەۋەبىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. 43 - ماددا ئاۋۋال تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگاننىڭ قارار قىلىشىغا يوللايدىغان مەمۇرىي ئىجازەتنى تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى كېرەك. لېكىن، قانۇن - نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 44 - ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقارغاندا، قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا مەمۇرىي ئىجازەتنامە، ھۆججەتلەرنى بېرىشى، يەتكۈزۈپ بېرىشى ياكى يارلىقنى چاپلىشى، تەكشۈرگەنلىك، ئۆلچىگەنلىك، كارانتىن قىلغانلىق تامغىسىنى بېسىشى كېرەك. 45 - ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىشتا، قانۇن بويىچە ئىسپات ئاڭلاش، خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق سودىسى قىلىش، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتىن قىلىش، باھالاش ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە باھالىتىشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىت مۇشۇ پارگرافتا بەلگىلەنگەن مۆھلەتكە كىرگۈزۈلمەيدۇ. مەمۇرىي ئورگان كەتكەن ۋاقىتنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 4 - پاراگراف ئىسپات ئاڭلاش 46 - ماددا قانۇن - نىزام، قائىدىلەردە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە ئىسپات ئاڭلاش بەلگىلەنگەن ئىشلار ياكى مەمۇرىي ئورگان ئىسپات ئاڭلاش زۆرۈر، دەپ قارىغان جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ - چوڭ مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىدا مەمۇرىي ئورگان جەمئىيەتكە ئېلان چىقىرىشى ھەمدە ئىسپات ئاڭلىشى كېرەك. 47 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە بىۋاستە چېتىلىدىغان بولسا، مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشى قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلغۇچى، مەنپەئەتدارغا ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئىلتىماس قىلغۇچى، مەنپەئەتدار ئىسپات ئاڭلاش ھوقۇقى ئۇقتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئىسپات ئاڭلاشنى ئىلتىماس قىلسا، مەمۇرىي ئورگان 20 كۈن ئىچىدە ئىسپات ئاڭلاشقا تەشكىللىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئىسپات ئاڭلاشقا تەشكىللەش ھەققىنى ئىلتىماس قىلغۇچى، مەنپەئەتدار ئۈستىگە ئالمايدۇ. 48 - ماددا ئىسپات ئاڭلاش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ: (1) مەمۇرىي ئورگان ئىسپات ئاڭلاشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن ئىسپات ئاڭلاش ۋاقتى، ئورنىنى ئىلتىماس قىلغۇچى، مەنپەئەتدارغا ئۇقتۇرۇش قلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئېلان چىقىرىشى كېرەك؛ (2) ئىسپات ئاڭلاش ئاشكارا بولۇشى كېرەك؛ (3) مەمۇرىي ئورگان ئىسپات ئاڭلاشقا شۇ مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەن خادىمدىن باشقا خادىمنى رىياسەتچى قىلىپ بېكىتىشى كېرەك، ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدار رىياسەتچىنى شۇ مەمۇرىي ئىجازەت ئىشى بىلەن بىۋاستە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىسا، ئۇنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قلىشقا ھوقۇقلۇق؛ (4) ئىسپات ئاڭلاشتا، شۇ مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەن خادىم تەكشۈرۈش پىكرىنىڭ دەلىل - ئىسپاتى ۋە ئاساسىنى قويۇشى كېرەك، ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدار دەلىل - ئىسپاتنى قويسا ھەمدە مۇنازىرىلەشسە ۋە دەلىل - ئىسپاتنى يۈزلەشتۈرسە بولىدۇ؛ (5) ئىسپات ئاڭلاشتىن خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك، ئىسپات ئاڭلاش خاتىرىسىگە ئىسپات ئاڭلاشقا قاتناشقۇچىلار خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان ئىسپات ئاڭلاش خاتىرىسىگە ئاساسەن، مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىشى كېرەك. 5 - پاراگراف ئۆزگەرتىش ۋە ئۇزارتىش 49 - ماددا ئىجازەت بېرىلگۈچىلەردىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن ئىشنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىرى مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقارغان مەمۇرىي ئورگانغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە مەمۇرىي ئورگان ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. 50 - ماددا ئىجازەت بېرىلگۈچىلەردىن قانۇن بويىچە ئالغان مەمۇرىي ئىجازەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتىنى ئۇزارتىدىغانلىرى مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقارغان مەمۇرىي ئورگانغا شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتى توشۇشتىن 30 كۈن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. لېكىن، قانۇن - نىزام، قائىدىلەردە ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگان ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتى توشۇشتىن بۇرۇن، ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىش - قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك؛ مۆھلەت ئۆتكۈچە قارار چىقىرىلمىسا، ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى، دەپ قارىلىدۇ. 6 - پاراگراف ئالاھىدە بەلگىلىمە 51 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەت تەرتىپىنى يولغا قويۇشتا، مۇشۇ پارگرافتا بەلگىلىمە بولسا، مۇشۇ پارگرافتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ مۇشۇ پارگرافتا بەلگىلىمە بولمىسا، مۇشۇ بابتىكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 52 - ماددا گوۋۇيۈەن مەمۇرىي ئىجازەت تەرتىپىنى يولغا قويۇشتا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ. 53 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىنىڭ 2 - تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە، مەمۇرىي ئورگان خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق سودىسى قىلىش قاتارلىق ئادىل رىقابەت يوللىرى بىلەن قارار چىقىرىشى كېرەك. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگاننىڭ خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق سودىسى قىلىش قاتارلىق يوللار بىلەن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقرىش كونكرېت تەرتىپى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگان خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق سودىسى قىلىش تەرتىپى بويىچە خېرىدار بولغۇچى، سېتىۋالغۇچىنى بېكىتكەندىن كېيىن، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە خېرىدار بولغۇچى، سېتىۋالغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەتنامە بېرىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خېرىدار چاقىرماي، كىمئارتۇق سودىسى قىلماي ياكى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق سودىسى قىلىش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا، ئىلتىماس قىلغۇچى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. 54 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىنىڭ 3 - تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىپ، پۇقرانى مۇئەييەن سالاھىيەتكە ئېرىشتۈرۈشتە، قانۇن بويىچە دۆلەتلىك ئىمتىھان ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، مەمۇرىي ئورگان ئىمتىھانى نەتىجىسى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەرگە ئاساسەن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىدۇ؛ قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنى مۇئەييەن سالاھىيەت، ساپاغا ئېرىشتۈرۈشتە، مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كەسپىي خادىملىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، تېخنىكا شەرتى، تىجارەت نەتىجىسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى سىناش نەتىجىسىگە قاراپ، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىدۇ. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. پۇقرالاردىن مۇئەييەن سالاھىيەت ئىمتىھانىنى مەمۇرىي ئورگان ياكى ساھە تەشكىلاتى قانۇن بويىچە ئاشكارا ئالىدۇ. مەمۇرىي ئورگان ياكى ساھە تەشكىلاتى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتى، تىزىمغا ئالدۇرۇش چارىسى، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر ۋە ئىمتىھان پروگراممىسىنى ئالدىن ئېلان قىلىشى لازىم. لېكىن، سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن بۇرۇن كۇرسقا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، دەرسلىك ياكى باشقا قوشۇمچە ماتېرىياللارنى بېكىتىپ بېرىشكە بولمايدۇ. 55 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىنىڭ 4 - تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە، تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى بويىچە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتن قىلىش كېرەك، مەمۇرىي ئورگان تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتىن قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىشى لازىم. مەمۇرىي ئورگان تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتىن قلىشتا، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى بويىچە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتىن قىلىشقا ئىككىدىن ئارتۇق خادىم ئاجرىتىشى لازىم. تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتىن قىلىش نەتىجىسىنى تېخنىكىلىق تەھلىل قىلمايلا ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، مەھسۇلات، بۇيۇمنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولسا، مەمۇرىي ئورگان شۇ جايدىلا مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، كارانتىن قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن مەمۇرىي ئىجازەت بەرمەسلىكنى قارار قىلغاندا، مەمۇرىي ئىجازەت بەرمەسلىكتە ئاساسلانغان تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى يازما ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. 56 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىنىڭ 5 - تارماقچىسىدىكى ئىشلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە ئۇيغۇن بولسا، مەمۇرىي ئورگان شۇ جايدىلا تىزىمغا ئېلىشى كېرەك. ئىلتىماس ماتېرىيالىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلگەندە، مەمۇرىي ئورگان مۇشۇ قانۇننىڭ 34 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېنىقلايدۇ. 57 - ماددا سان چەكلىمىسى بولغان مەمۇرىي ئىجازەتتە، ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسى قانۇنغا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلسە، مەمۇرىي ئورگان قوبۇل قىلغان مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكىگە قاراپ، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 5 - باب مەمۇرىي ئىجازەت ھەققى 58 - ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە ۋە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلىدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ھەق ئالسا بولمايدۇ، لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى بېرىشتە ھەق ئالسا بولمايدۇ. مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشىگە كېتىدىغان خىراجەتنى شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈش، شۇ دەرىجىلىك مالىيە كاپالەتلەندۈرۈش، تەستىقلانغان خام چوت بويىچە ئاجرىتىپ بېرىش كېرەك. 59 - ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە ئالىدىغان ھەقنى ئېلان قىلىنغان قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈر ۋە ئۆلچەم بويىچە ئېلىشى كېرەك؛ ئالغان ھەقنى خەزىنىگە تولۇق تاپشۇرۇش شەرت، ھەر قانداق شەكىلدە تۇتۇپ قېلىشى، ئىشلىتىۋېلىشى، بۆلۈشۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە ئېلىنغان ھەقنى مالىيە تارمىقىنىڭ مەمۇرىي ئورگانغا ھەر قانداق شەكىلدە قايتۇرۇپ بېرىشىگە ياكى شەكىلنى ئۆزگەرتىپ قايتۇرۇپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 6 - باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش 60 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك. 61 - ماددا مەمۇرىي ئورگان نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالى ئىنكاس قىلىنغان ئالاقىدار ماتېرىيالنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. مەمۇرىي ئورگان ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى خاتىرىلىشى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچى خادىم ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئارخىپقا سېلىشى كېرەك. جامائەت مەمۇرىي ئورگاننىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق. مەمۇرىي ئورگان شارائىت يارىتىپ، ئىجازەت بېرىلگۈچى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن كومپيۇتېر ئارخىپ سىستېمىسىنى تورلاشتۇرۇپ، ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن ئىشىلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. 62 - ماددا مەمۇرىي ئورگان ئىجازەت بېرىلگۈچى ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان مەھسۇلاتنى قانۇن بويىچە نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرسە، پرىيوم قىلسا، ئۆلچىسە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرسە بولىدۇ. تەكشۈرگەندە مەمۇرىي ئورگان ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى قانۇن بويىچە كۆرسە ياكى ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىجازەت بېرىلگۈچى ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلارغا مەمۇرىي ئورگان مۇناسىپ ئىسپات ھۆججىتى بېرىشى كېرەك. 63 - ماددا مەمۇرىي ئورگاننىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشىگە، ئىجازەت بېرىلگۈچىدىن پۇل - مال تەلەپ قىلىشىغا ياكى ئېلىشىغا، باشقا نەپ ئۈندۈرۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 64 - ماددا ئىجازەت بېرىلگۈچى مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقارغۇچى مەمۇرىي ئورگاننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى سىرتىدا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن ئىشلار بىلەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا شۇغۇللانسا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى مەمۇرىي ئورگان ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقارغۇچى ئورگانغا قانۇن بويىچە قوشۇمچە يوللىشى لازىم. 65 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن ئىش بىلەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا شۇغۇللانغانلارنى بايقىغان شەخس ۋە تەشكىلات مەمۇرىي ئورگانغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مەمۇرىي ئورگان ئۇنى ۋاقتىدا ئېنىقلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 66 - ماددا ئىجازەت بېرىلگۈچىلەردىن تەبىئىي بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىش ياكى جامائەت بايلىقىدىن پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرىنى مەمۇرىي ئورگان مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك؛ ئىجازەت بېرىلگۈچى مۆھلەت ئىچىدە تۈزەتمىسە، مەمۇرىي ئورگان ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارىدكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 67 - ماددا جامائەت مەنپەئىتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ساھەدە بازارغا كىرىشكە مەمۇرىي ئىجازەت ئالغانلار دۆلەت بەلگىلىگەن مۇلازىمەت ئۆلچىمى، ھەق ئۆلچىمى ۋە مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە بەلگىلىگەن شەرت بويىچە، خېرىدارلارغا بىخەتەر، قۇلايلىق، مۇقىم ۋە باھاسى مۇۋاپىق مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقارغۇچى مەمۇرىي ئورگاننىڭ تەستىقسىز ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش توختىتىشىغا بولمايدۇ. ئىجازەت بېرىلگۈچىلەردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىغانلىرىنى مەمۇرىي ئورگان بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ياكى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 68 - ماددا مەمۇرىي ئورگان جامائەت خەۋپسىزلىكى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەردىكى لايىھىلىگۈچى، ياسىغۇچى، قۇراشتۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئۆزى تەكشۈرىدىغان مۇناسىپ تۈزۈمنى ئورنىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەردە بىخەتەرلىك خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا، ياساش، قۇراشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ھەمدە لايىھىلىگۈچى، ياسىغۇچى، قۇراشتۇرغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇننى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇشى لازىم. 69 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقارغان مەمۇرىي ئورگان ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى مەنپەئەتدارنىڭ تەلىپى ياكى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن مەمۇرىي ئىجازەتنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ: (1) مەمۇرىي ئورگان خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىش؛ (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىش؛ (3) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىش؛ (4) ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش؛ (5) مەمۇرىي ئىجازەتنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار. ئىجازەت بېرىلگۈچى ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قىلىشتەك يولسىز ۋاستىلەر بىلەن ئېلىۋالغان مەمۇرىي ئىجازەتنى بىكار قىلىش كېرەك. ئالدىنقى 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي ئىجازەتلەردىن جامائەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش ئېھتىمالى بولغانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. مەمۇرىي ئىجازەت بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى لازىم. مەمۇرىي ئىجازەت بۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەتتىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن مەنپەئىتى قوغدالمايدۇ. 70 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئىجازەتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك: (1) مەمۇرىي ئىجازەت كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ ئۇزارتىلمىغان بولسا؛ (2) پۇقراغا مۇئەييەن سالاھىيەت بېرىش مەمۇرىي ئىجازىتىدە شۇ پۇقرا ئۆلگەن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا؛ (3) قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛ (4) مەمۇرىي ئىجازەت قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ياكى مەمۇرىي ئىجازەتنامە قانۇن بويىچە جاۋابكار قىلىنغان بولسا؛ (5) يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن ئىشنى قىلغىلى بولمىسا؛ (6) قانۇن - نىزاملارا بەلگىلەنگەن، مەمۇرىي ئىجازەتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 7 - قانۇن جاۋابكارلىقى 71 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 17 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىجازەتتە، ئالاقىدار ئورگان شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتكەن ئورگاننى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ياكى شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. 72 - ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ: (1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشقان مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغانلار؛ (2) قانۇن بويىچە ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللارنى ئىش ئورنىدا ئېلان قىلمىغانلار؛ (3) قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىش جەريانىدا ئىلتىماس قىلغۇچى، مەنپەئەتدارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛ (4) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلايدىغان بارلىق مەزمۇنلارنى بىر يولىلا ئۇقتۇرمىغانلار؛ (5) مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماسلىق ياكى مەمۇرىي ئىجازەت بەرمەسلىك ئاساسىنى چۈشەندۈرۈشتە قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛ (6) قانۇن بويىچە ئىسپات ئاڭلاشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئۇيۇشتۇرمىغانلار. 73 - ماددا مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىدىن مەمۇرىي ئىجازەت رەسمىيىتى بېجىرىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى ئېلىپ ياكى باشقا نەپ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 74 - ماددا مەمۇرىي ئورگانلاردىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىغا مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقارغانلار؛ (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىغا مەمۇرىي ئىجازەت بەرمىگەنلەر ياكى مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چىقارمىغانلار؛ (3) قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق سودىسى قىلىش نەتىجىسى ياكى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ ياخشىلىرىنى تاللاپ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، خېرىدار چاقىرماي، كىمئارتۇق سودىسى قىلماي ياكى ئىمتىھان ئالماي ياكى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق سودىسى قىلىش نەتىجىسى ياكى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قارىماي، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقارغانلار. 75 - ماددا مەمۇرىي ئورگانلاردىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەق ئالغان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈر ۋە ئۆلچەم بويىچە ھەق ئالمىغانلىرنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇنسىز ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە قانۇن بويىچە ئېلىنغان ھەقتىن تۇتۇپ قېلىنغىنى، ئىشلىتىۋېلىنغىنى، بۆلۈشۈۋېلىنغىنى ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بۆلۈشۈۋېلىنغىنى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 76 - ماددا مەمۇرىي ئورگانلاردىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە قانۇنغا خىلاپ قىلىپ، ئالاقىدارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى دۆلەتنىڭ تۆلەم قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك. 77 - ماددا مەمۇرىي ئورگانلاردىن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي ياكى قاتتىق نازارەت قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 78 - ماددا مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرغان ياكى ساختا ماتېرىيال بەرگەنلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى مەمۇرىي ئورگان قوبۇل قىلمايدۇ ياكى ئۇلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بەرمەيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ مەمۇرىي ئىلتىماسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى بىر يىل ئىچىدە قايتا ئلىتىماس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 79 - ماددا ئىجازەت بېرىلگۈچىلەردىن مەمۇرىي ئىجازەتنى ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قىلىشتەك يولسىز ۋاستىلەر بىلەن ئېلىۋالغانلىرىغا مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك؛ ئېلىۋالغان مەمۇرىي ئىجازەت جامائەت خەۋپسىزلىكى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شۇ مەمۇرىي ئىجازەتنى ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 80 - ماددا ئىجازەت بېرىلگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) مەمۇرىي ئىجازەتنامىنى ئۆزگەرتكەن، ئېلىپ ساتقان، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلەر ياكى مەمۇرىي ئىجازەتنى باشقا شەكىلدە قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر؛ (2) مەمۇرىي ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ پائالىيەت قىلغانلار؛ (3) نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل مەمۇرىي ئورگاندىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرغان، ئۇلارغا ساختا ماتېرىيال بەرگەنلەر ياكى پائالىيەت ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان چىن ماتېرىيالنى بەرمىگەنلەر؛ (4) قانۇن - نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار. 81 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىنىدىغان پائالىيەت بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغان بولسا، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە تەدبىر قوللىنىپ توسۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 8 - باب قۇشۇمچە پرىنسىپ 82 - ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش مۆھلىتى خىزمەت كۈنى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 83 - ماددا بۇ قانۇن 2004 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى مەمۇرىي ئىجازەتكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزگۈچى ئورگان بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېنىقلىشى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلرىنىڭ ئىجراسى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ توختىتىلىدۇ.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 311 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01