جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى

 

(1989- يىلى 12 – ئاينىڭ 26- كۈنى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1- ماددا بۇ قانۇن تۇرمۇش مۇھىتنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشلەرنىڭ سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك ناتۇرال ئامىل ۋە كىشلەر ئۆزگەرتكەن تەبىئىي ئامىللار يىغىندىسىنى، جۈملىدىن ئاتموسفېرا، سۇ، دېڭىز – ئوكيان، تۇپراق، مەدەن، ئورمان، ئوتلاق، ياۋا جانلىق، تەبىئىي ئىزنا، ئانتروپولوگىيىلىك ئىزنا، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، مەشھۇر مەنزىرە رايونى، شەھەر ۋە يېزا – كەنت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3- ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق باشقا دېڭىز تەۋەسىدە تەتبىقلىنىدۇ. 4- ماددا دۆلەت تۈزگەن مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈش شەرت، دۆلەت ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق سىياسەت ۋە تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىقتسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ. 5- ماددا دۆلەت مۇھىت ئاسراشقا دائىر پەن – مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر پەن -  تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتنى كۈچەيتىدۇ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر پەن – تېخنىكا سەۋىيسىنى ئۆستۈرىدۇ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر  پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. 6- ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى ھەمدە مۇھىتنى  بۇلغىغان ۋە مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان  ئورۇن ۋە شەخسلەرنى پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار. 7- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ رايوندىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، پورت نازارەتچىلىكى، بېلىقچىلىق، پورت نازارەتچىلىكى تارمىقى، قىسمنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش، تۆمۈر يول ۋە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسىنى باشقۇرغۇچى تارماقلار مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر، كان مەھسۇلاتلىرى، ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، بايلىقنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. 8- ماددا خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاشتا نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسنى مۇكاپاتلايدۇ. 2- باب مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 9- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.   ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە مۇھىت سۈپىتىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە ھەمدە ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. 10 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، بۇلغىما چىقىرىشنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.   ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇلغىما چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە بۇلغىما چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ؛ بۇلغىما چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە بۇلغىما چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىدىكىدىنمۇ قاتتىق بۇلغىما چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ. بۇلغىما چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.   بۇلغىما چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمى بار رايونغا بۇلغىما چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. 11- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆزىتىش قائىدىسىنى تۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆزىتىش تورلىرىنى تەشكىللەپ، مۇھىتنى كۆزىتىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.  گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخباراتلارنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك. 12- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى مۇھىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، باھالاپ، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پىلان تارمىقى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى كېرەك. 13- ماددا مۇھىتنى بۇلغايدىغان قۇرۇلۇش قىلشتا، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشتا، مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش شەرت.  قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىدا، قۇرۇلۇش تۈرى پەيدا قىلىدىغان بۇلىغىنىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىر تۈزۈپ، قۇرۇلۇش مەسئۇل تارمىقىغا ئالدىن تەكشۈرۈش ھەمدە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. مۇھىت تەسىرى دوكلاتى تەستىقلانغاندىن كېيىن، پىلان تارمىقى قۇرۇلۇش لايىھىلەش ۋەزىپىنامىسىنى تەستىقلىسا بولىدۇ. 14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزگۈچى باشقا تارماق باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇننى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى ئورۇن تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ تېخنىكا ۋە  كەسپىي مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. 15- ماددا مۇھىتنىڭ مەمۇرىي رايون ھالقىپ بۇلغىنىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، قارار چىقىرىدۇ. 3- باب مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش 16- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇش، تەدبىر قوللىنىپ مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلىشى كېرەك. 17- ماددا ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى رايونى، قىممەتلىك، ئەتىۋارلىق، خەۋپتە قالغان ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تەبىئىي تارقالغان رايون، مۇھىم سۇ يېتىلدۈرۈش رايونى، زور پەن – مەدەنىيەت قىممىتى بار گېئولوگىيىلىك قۇرۇلما، داڭلىق ئۆڭكۈر ۋە تاشقاتما تارقالغان رايون، مۇزلۇق، يانار تاغ، ئارىشاڭ قاتارلىق تەبىئىي ئىزنالار ھەمدە ئانتروپولوگىيىلىك ئىزنالار، قەدىمىي ۋە داڭلىق دەرەخلەرنى تەدبىر قوللىنىپ قوغدىشى، ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىشى كېرەك. 18- ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن مەشھۇر مەنزىرىلىك رايون، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان باشقا رايونلاردا مۇھىتنى بۇلغايدىغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى قۇرۇشقا بولمايدۇ؛ باشقا ئەسلىھەلەرنى قۇرغاندا، چىقىرىدىغان بۇلغىما بەلگىلەنگەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پۈتكەن ئەسلىھەلەردىن بۇلغىما چىقىرىشى بەلگىلەنگەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئوڭشاش كېرەك. 19- ماددا تەبىئىي بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىشتا، تەدبىر قوللىنىپ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش شەرت. 20- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، تۇپراق بۇلغىنىش، قۇملىشىش، شورلىشىش، ئاجىزلىشىش، زەيلىشىش، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىش، سۇ مەنبەسى قۇرۇپ كېتىش، سورت – نەسىل قۇرۇپ كېتىش، شۇنىڭدەك باشقا ئېكولوگىيە تەڭپۇڭسىزلىقى يۈز بېرىش ۋە ئەدەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئۇنى تىزگىنلىشى، ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات ئاپىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشى، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە ئۆستۈرگۈچى گورمۇنلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشى كېرەك. 21- ماددا  گوۋۇيۈەن ۋە دېڭىز بويىدىكى يەرلىك ھەردەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشى كېرەك. دېڭىز -  ئوكيانغا بۇلغىما چىقىرىش، تاشلاندۇق تۆكۈش، دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇلۇش قىلىش ۋە دېڭىز -  ئوكياندا نېفىتنى چارلاش ۋە ئېچىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىپ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت. 22- ماددا شەھەر يىرىك پىلانىدا، مۇھىتنى ئاسراش، ياخشىلاش نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى بېكىتىش كېرەك. 23- ماددا شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىدا، شۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك، سۇ ۋادىسى ۋە تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ئاسراش، شەھەرنى باغۋارانلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش، مەشھۇر مەنزىرە رايونى  قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. 4 – باب  مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش 24- ماددا مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەت پەيدا قىلغۇچى ئورۇنلار مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى پىلانغا كىرگۈزۈپ، مۇھىت  ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى؛ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش ياكى باشقا پائالىيەتلەردە چىققان كېرەكسىز گاز،كېرەكسىز سۇ، داشقال، چاڭ – توزان، سېسىق گاز، رادىئوئاكتىپ ماددا ۋە شاۋقۇن، تەۋرىنىش، ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە زىيانغا ئۇچرىتشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك. 25- ماددا سانائەت كارخانىسى قۇرۇشتا ۋە ھازىرقى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىدە، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىشى ئاز ئۈسكۈنە ۋە ھۈنەرنى قوللىنىش، تاشلاندۇقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىدىغان تېجەشلىك، مۇۋاپىق تېخنىكا ۋە بۇلغىما بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش كېرەك. 26- ماددا قۇرۇلۇشتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھىلەش، تەڭ سېلىش، تەڭ ئىشقا كىرشتۈرۈش شەرت. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى ئەسلىي مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرشقا ياكى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى ئۆز مەيلىچە چۇۋۇشقا ياكى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، چۇۋۇش ياكى تاشلاپ قويۇش زۆرۈر بولغاندا، شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت. 27 – ماددا بۇلغىما چىقارغۇچى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار گۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگلىمىسى بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىشى شەرت. 28- ماددا بۇلغىما چىقىرىشى دۆلەت ياكى يەرلىكنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆلچەمدىن ئارتۇق چىقىرىلغان بۇلغىما ھەققى تاپشۇرىدۇ ھەمدە ئوڭشاشقا مەسئۇل بولىدۇ. سۇ بۇلغىنىشنىڭ  ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىدا باشقىچە بەلگىلىمە بارلىرى شۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ئۆلچەمدىن ئارتۇق چىقىرىلغان بۇلغىما ھەققى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىشى شەرت.  ئۇنى باشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 29- ماددا مۇھىتنى ئېغىر بۇلغىغان كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئورۇنلار بەگىلەنگەن مۇددەتتە ئوڭشاشقا بۇيرۇلىدۇ. مەركەز ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىت قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان كارخانا ۋە  كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئوڭشىشىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ. شەھەرلىك، ناھىيلىك ياكى شەھەر، ناھىيىدىن تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئوڭشىشىنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ. بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئوڭشاشقا بۇيرۇلغان كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوڭشاش ۋەزىپسىنى قەرەلىدە ئورۇندىشى شەرت. 30- ماددا دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىنى كىرگۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ. 31- ماددا ھادىسە ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقە تۈپەيلىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلغان ياكى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلار دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، بىر تەرەپ قىلىشى، بۇلغىنىش زىيىنىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئورۇن ۋە ئاھالىلەرگە  ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشى ھەمدە شۇ يەردىكى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى شەرت. زور بۇلغىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تەدبىر قوللىنىپ مۇداپىئەنى كۈچەيتىشى كېرەك. 32- ماددا  ناھىيە دەرىجىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغاندا، دەرھال شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى،  خەلق ھۆكۈمىتى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خەۋپنى تۈگىتىشى ياكى ئازايتىشى شەرت. 33- ماددا  زەھەرلىك، خىمىيىلىك بويۇملار ۋە تەركىبىدە رادىئو ئاكتىپ ماددىلار بار بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت. 34- ماددا ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 5- باب  قانۇن جاۋابكارلىقى 35- ماددا  بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلىمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى باشقا تارماقلار  ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، ئاگاھلاندرۇش بەرسە ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ: (1) مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى باشقا تارماقلارنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار ياكى تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛ (2) گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن بۇلغىما چىقىرىۋېتىشتە ئىلتىماس قىلىدىغان ئىشلارنى مەلۇم قىلمىغانلار ياكى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛ (3) ئۆلچەمدىن ئارتۇق چىقىرىلغان بۇلغىما ھەققىنى تاپشۇرۇشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (4) دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىمىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزگەنلەر؛ (5) ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەنلەر. 36- ماددا قۇرۇلۇشنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى پۈتتۈرۈمەي ياكى دۆلەت بەلگىلىمىسىدىكى تەلەپكە يەتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەن ياكى ئىشلەتكەنلەرنى شۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرى ئىشلەتكەنلەرنى شۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 37 – ماددا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىسىز خالىغانچە چۇۋۇپ ياكى تاشلاپ قويۇپ، بۇلغىمىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق چىقارغانلارنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قايتا قۇراشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ. 38 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى باشقا تارماقلار زىيانلىق ئاقىۋىتىگە قاراپ جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسا، مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلارغا ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل ئورگىنى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 39- ماددا ئوڭشاش ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئۆتسىمۇ ئورۇندىيالمىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەمدىن ئارتۇق چىقىرىلغان بۇلغىما ھەققى قوشۇپ ئېلىنغاندىن باشقا، زىيانلىق ئاقىۋىتىگە قاراپ جەرىمانە قويۇلسا ياكى ئىشنى توختىتىش، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ.   ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جەرىمانە قارارىنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ. ئىشنى توختىتىش، تاقىۋېتىشنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئوڭشاش قارارى چىقارغان خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ؛ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنى ئىشنى توختىتىش، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇشنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىش كېرەك. 40- ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى جازا  ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، جازا قارارى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلىسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار سۈرۈك ئۆتسىمۇ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 41- ماددا مۇھىت بۇلغىنىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ خەۋپنى تۈگىتىش ھەمدە بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخسنىڭ زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقى بولىدۇ.   تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم سوممىسىغا ئائىت ماجىرالارنى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى باشقا تارماقلار ئالاقىدارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدارلاردىن بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. زادىلا يەڭگىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەمدە ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلسىمۇ، مۇھىت بۇلغىنىش زىيىنىدىن ساقلىنالمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 42- ماددا مۇھىت بۇلغىنىشتىن بولغان زىيان تۆلەم دەۋاسىنىڭ سۈرۈكى ئۈچ يىل بولىدۇ، ئالاقىدارلار مۇھىت بۇلغىنىش زىيىنىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 43- ماددا  مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، زور مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ،  جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال – مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى تالاپەت پەيدا قىلىش ئېغىر ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 44- ماددامۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر، ئورمان، ئوتلاق، سۇ، قېزىلما بايلىق، بېلىقچىلىق ۋە ياۋايى ھايۋان، ياۋا ئۆسۈملۈك قاتارلىق بايلىقلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلار مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 45- ماددا  مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىلاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگىنى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 6- باب  قوشۇمچە پرىنسىپ 46- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان مۇھىت ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا شەرتنامىلەردە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمىلەر بولسا، خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆز پىكىرىدە قالىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا. 47- ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى (سىناق نۇسخىسى)» بىكار قىلىنىدۇ. "
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 335 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01