جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى

 

(1988 – يىل 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – سانلىق يېغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 – سانلىق يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار »غا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلىگەن) 1 – ماددا بۇ قانۇن ئەتىۋارلىق، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، قۇتقۇزۇش،ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداش، كۆپەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، بېقىش، كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش ۋە ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشتا مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت. بۇ قانۇندا قوغدىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلار قۇرۇقلۇقتا، سۇدا ياشايدىغان ئەتىۋارلىق ۋە نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى، قۇرۇقلۇرقتا ياشايدىغان پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇننىڭ ماددا – تارماقلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى تارماقتا قوغدىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن ئەتىۋارلىق، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىرىدىن باشقىلىرىنى قوغداشقا بېلىقچىلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 3 – ماددا ياۋايى ھايۋانلاربايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. دۆلەت ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قانۇن بويىچە ئېچىپ پايدىلانغان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. 4 – ماددا دۆلەت ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ياۋايى ھايۋانلارنى پائال بېقىش، كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش ۋە ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش فاڭجىنىنى يولغا قويىدۇ، ياۋايى ھايۋانلار ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئىلھام بېرىدۇ. ھۆكۈمەت ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداش، ياۋايى ھايۋانلار ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى بېقىش، كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 5 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار ياۋايى ھايۋالار بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىش ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ۋە ھەقتە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداش، كۆپەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىلانىنى ۋە تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. 7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى قۇرۇقلۇقتا ۋە سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى مەملىكەت بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئايرىم – ئايرىم مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورمانچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرسىدىكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستىلىق ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر بەلگىلەيدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىنى يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېلىقچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرسىدىكى سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 2 – باب ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش 8 – ماددا دۆلەت ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلىشىنى ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى مەنئى قىلىدۇ. 9 – ماددا دۆلەت ئەتىۋارلىق ھەم نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى نۇقتىلىق قوغدايدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار1 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە 2 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار دەپ ئايرىلىدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار نامى كاتالوگىنى ۋە ئۇنى تەڭشەشنى گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ. جايلار نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار قاتارىغا كىرمەيدىغان، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. جايلار نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار نامى كاتالوگىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر تۈزۈپ ئېلان قىلىدۇ ھەم گوۋۇيۈەن ئەنگە ئالدۇرىدۇ. دۆلەت قوغدايدىغان پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە ۋە ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار نامى كاتالوگىنى ۋە ئۇنى تەڭشەشنى گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. 10 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت ۋە جايلار نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىغان ۋە كۆپىيىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا ۋە سۇ رايونلىرىدا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئايرىپ، دۆلەت ۋە جايلار نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلار ياشايدىغان مۇھىتنى قوغداش، باشقۇرۇش ئىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئايرىش ۋە باشقۇرۇش ئىشى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ. 11 – ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تارماقلار مۇھىتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىشى ۋە تەكشۈرۈشى تۇرۇشى لازىم.مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن ياۋايى ھايۋانلارغا زىيان – زەخمەت يەتكەندە، ئۇنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ باشقۇرۇشىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 12 – ماددا قۇرۇلۇش ئوبيېكتىلىرى دۆلەت ياكى جايلار نوقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىغان مۇھىتقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا دوكىلات سۇنۇشى كېرەك؛ مۇھىت مۇھاپىزىتى تارماقلىرى ئۇنى تەستىقلاشقا، ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تەڭ دەرىجىلىك مەمۇرىي تارماقلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. 13 – ماددا دۆلەت ۋە جايلار نوقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. 14 – ماددا دۆلەت ۋە جايلار نوقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تۈپەيلىدىن زىرائەتلەرگە زىيان يەتسە ياكى باشقا زىيان كېلىپ چىقسا، زىياننى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تۆلەپ بېرىدۇ. تۆلەپ بېرىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر بەلگىلەيدۇ. 3 – باب ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش 15 – ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇشى، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا دائىر ئارخىپ تۇرغۇزۇشى كېرەك. 16 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ، بېقىش، كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش، كۆرگەزمە قىلىش ياكى باشقا پەۋقۇلئادە ئەھۋاللار يۈزسىدىن دۆلەت 1 – دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، تۇتۇشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش شەرت؛ 2 – دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، تۇتۇشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش كېرەك. 17 – ماددا دۆلەت ياۋيى ھايۋانلارنى بېقىش، كۆندۈرۈش، كۆپەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى كۆدۈرۈپ باقىدىغانلار، كۆپەيتىدىغانلار ئىجازەتنامە ئېلىشى كېرەك. ئىجازەتنامىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى تۈزىدۇ. 18 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلايدىغانلار ئوۋچىلىق كىنىشكىسى ئېلىشى ھەم ئوۋلاش مىقدارىغا چەك قويۇپ باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى شەرت. قۇراللىق ئوۋچىلىق قىلىدىغالار ناھىيىلىك، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن قورال ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش شەرت. 19 – ماددا ئوۋچىلار تۇتۇشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ۋە ئوۋچىلىق كىنىشكىسىدە بەلگىلەنگەن تۈر، سان، جاي ۋە سۈرۈك بويىچە ئوۋلىشى كېرەك. 20 – ماددا تەبئىي مۇھاچىزەت رايونلىرىدا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا ۋە ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەزگىلدە، ئوۋ ئوۋلاش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشىگە توسالغۇ بولىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايون، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەزگىلنى ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان ئوۋچىلىق قورالى ۋە ئۇسۇلىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتلەر ياكى ئۇلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ. 21 – ماددا ھەربىي قوراللار، زەھەرلىك دورا ۋە پارتىلىتىش دورىلىرى ئارقىلىق ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنىدۇ. ئوۋ مىلتىقى، ئوق – دورا ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك سايمانلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەن تەستىقلانغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. 22 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىش، سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، بېقىپ كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش، كۆرگەزمە قىلىشقا ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋاللار يۈزىسىدىن، دۆلەت 1 – دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش زۆزۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ياكى ئۇ  ھوقۇق بەرگەن ئورۇننىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت؛ دۆلەت 2 – دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش زۆرۈر تېپىغاندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ياكى ياۋايى ھوقۇق بەرگەن ئورۇننىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىپ كۆندۈرىدىغا، كۆپەيتىدىغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر بېقىپ كۆندۇرش، كۆپەيتىشكە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق، ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن سېتىۋېلىش ئورۇنلىرىغا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى بەلگىلىمە بويىچە سېتىپ بەرسە بولىدۇ. سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بازارغا ئېلىپ كىرىلگەن ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك. 23 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ناھىيە تەۋەسىدىن سىرتقا توشۇيدىغان، ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ياكى ئۇلار ھوقۇق بەرگەن ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت. 24 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىشتا، جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا ئەھدىنامىدە ئىمپورت – ئىكىسپورت قىلىش چەكلەنگەن ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت – ئېكىسپورت قىلىشتا، گوۋۇيۈەن ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ياكى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىنى ئېلىش ھەمدە دۆلەتنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلار ئىمپورت – ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىن ئىمپورت –ئېكىسپورتقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش شەرت. تاموژنا ئىمپورت – ئېكىسپورتقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسىگە قاراپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ. پەن – تېخنىكا مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ياۋايى ھايۋان تۈرلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش ئىشى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ. 25 – ماددا تۇتۇشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى، ئوۋچىلىق كىنىشكىسى، بېقىپ كۆندۈرۈش كۆپەيتىشكە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ۋە ئىمپورت  – ئېكىسپورتقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ياسىۋېلىش، ھايىنغا سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. 26 – ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭگو تەۋەسىدە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى دالادا تەكشۈرۈش ياكى دالادا كىنوغا ۋە سىنئالغۇغا ئېلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئورۇننىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت. چەتئەللىكلەرگە ئوۋ ئوۋلاش مەيدانىلىرىنى ئېچىپ بېرىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. 27 – ماددا ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداش – باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى مالىيە ۋە مال باھاسى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. 28 – ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش تۈپەيلىدىن زىرائەتلەرگە ياكى باشقا ئىشلارغا زىيان يەتسە، زىياننى تۆلەشكە ئوۋچىلار مەسئۇل بولىدۇ. 29 – ماددا ئالاقىدار يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەدبىر قوللىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈردىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 30 – ماددا جايلار نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ. 4 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى 31 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 32 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەزگىلدە ياكى مەنئى قىلىنغان قورال ۋە ئۇسۇلدا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغانلارنىڭ ئوۋلىرى، ئوۋچىلىق قۇراللىرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار مۇسادىرە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قۇنۇنىنىڭ 130 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 33 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋچىلىق كىنىشكىسى ئالماي ياكى ئوۋچىلىق كىنىشكىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلماي ئوۋلىغانلارنىڭ ئوۋلىرىنى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق مۇسادىرە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئولارنىڭ ئوۋچىلىق قورالىرىنى مۇسادىرە قىلسا، ئوۋچىلىق كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قورال ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ قۇراللىق ئوۋلىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ. 34 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنلىرىدا، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا دۆلەت ياكى جايلار نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىغان ۋە كۆپىيىدىغان ئورۇنلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلارنى ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماق بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىنى توختىتشقا، بۇزۇۋەتكەن جاينى سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ. 35 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ياكى جايلار نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگە مەھسۇلاتلارنى ساتقان، سېتىۋالغان، يۆتكىگەن ۋە ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ساتقان، سېتىۋالغانلارنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ھايانكەشلىك، ئەتكەسچىلىك جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مۇسادىرە قىلىنغان نەرسە – كېرەكلەرنى ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ياكى ئۇلار ھوقۇق بەرگەن ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 36 – ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز ئىمپورت – ئېكىسپورت قىلغانلارنى تاموژنا تاموژنا قانۇنى بويىچە جازالايدۇ؛قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇندىكى ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 37 – ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى، ئوۋچىلىق كىنىشكىسى ، بېقىپ كۆندۈرۈش، كۆپەيتىشكە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ياكى ئىمپورت – ئېكىسپورتقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ياسىۋالغان، ھيىنىغا ساتقان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ كىنىشكىسىنى ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ياكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىكار قىلىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويسىمۇ بولىدۇ. تۇتۇشقا ئالاھىدە، رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ياكى ئىمپورت – ئېكىسپورتقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋالغان شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 167 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 38 – ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلاردىكى خادىملاردىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلارغا شۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 39 – ماددا ئالاقىدار تەرەپ مەمۇرىي جازا توغرىسىدىكى قارارغا قايىل بولمىسا، جازا ئوقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جازا بېرىش قارارى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ؛ بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن چىقىرىلغان قارار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار تەرەپ جازا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپ سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكىچىمۇ قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس شۇنمىغان ياكى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىغان بولسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاموژنىنىڭ جازاسىغا ياكى ئامانلىقنى باشقۇرۇش بويىچە بېرىلگەن جازاغا قايىل بولمىغانلار تاموژنا قانۇنىدىكى ياكى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاپ نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 5 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 40 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكە ياكى قاتناشقان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا دائىر خەلقئارا شەرتنامىلەردە مۇشۇ قانۇندىكىدىن باشقىچە بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ خەلقئارا شەتنامىدىكى بەلگىلىمىلەت تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ماددا – تارماقلار بۇنىڭ سىرتىدا. 41 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بۇ قانۇننى يولغا قويۇش نىزامى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ چارىسىنى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. 42 – ماددا بۇ قانۇن 1989 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويلىدۇ. "
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 346 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01