ۋەكىل قارى مۇئەللىم ۋە تۇرپان قاراخوجا يېڭى مائارىپى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تۇرپان قاراخوجا يېڭى مائارىپى ۋە ۋەكىل قارى مۇئەللىم

(تارىخىي ئەسلىمە)
پەتتار تۇرسۇن ئىدىقۇتى

      

ۋەكىل قارى مەسىيىت مىلادىيە 1903- يىلى تۇرپان ناھىيىسىنىڭ قاراخوجا يېزا مانتۇ مەھەللىسىدە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا مۇرتۇق غوجامدا دىنىي دەرس ئۆگەنگەن. ۋەكىل مۇرتۇق قارى خوجامدىن قايتىپ كېلىپ، دىنىي جەھەتتىكى ساۋادىنى پۇختىلاش ئۈچۈن شۇ چاغدا قەشقەر مەددىرسىدە ئوقۇپ كەلگەن قارا غوجىلىق شاھىمەردان داموللىدا دىنىي بىىلم ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىنچى قارارلىق ئوقۇشنى مىلادىيە 1911-يىلى خەنزۇچە مەكتەپتە، ئىككىنچى قارارلىق ئوقۇشنى مىلادىيە 1914- يىلى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە تاماملايدۇ.

 1917- يىلى ۋەكىل قارى مەسىيىت 14 ياشقا كىرگەندە، 1915-يىلى تۇرپان ئاستانىدا قۇرۇلغان يېڭىچە پەننىي مەكتەپ «مەخسۇدىيە مەكتىپى» دە ئوقۇش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ. ئۇ شۇ چاغدا ئاتا - ئانىسىنىڭ تۈرتكىسى ھەم ئۆزىنىڭ يېڭىچە مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن مىلادىيە  تۇرپان ئاستانىدا «مەخسۇدىيە» مەكتىپىدە 3- قارارلىق ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ئوقۇيدۇ.

مىلادىيە 1917- يىلى ئوقۇش جەريانىدا مەخسۇت مۇھىتى رۇسىيىدىن تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن تاتار زىيالىيلىرى مۇھىبۇللا، شاھى شەرەپ، ھېسامىدىن، گۈلەندەم ئاۋىسىتەي (1) قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن بىلىم ئالىدۇ. بۇ ئىلغار پىكىرلىك ئوقۇتقۇچىلار  ئوقۇغۇچىلارغا ھەر دائىم تەكىتلەيدىغان شوئارى - «خەلقىمىزنى غەپلەتتىن تېز ئويغۇتىشىمىز كېرەك، نادانلىق، قالاقلىقتىن، خۇراپاتلىقتىن تېز قۇتۇلدۇرۇپ، يېڭىلىققا، ئىلغارلىققا، مەدەنىي ھاياتقا ئىنتىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە بىلىم كېرەك. ئوقۇش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى بىلىم ئالىدىغان يېڭى مەكتەپ كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلاتتى.

مىلادىيە 1911 -يىلىدىكى جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت قالاقلىق بىلەن ئىلغارلىقنىڭ، دىننىي خۇراپاتلىق بىلەن پەن - مەدەنىيەتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش ئىدى. بۇ پۈتۈن شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان يېڭىچە ئۇيغۇر مائارىپى دەۋرىگە خاس، زامانغا ماس ھالدا پۈتۈن شىنجاڭغا چاقماق تېزلىكىدە تارقىلىۋاتقان دەۋر بولغاچقا بىر قىسىم يېڭىلىققا قارىشى تۇرغۇچى كۈچلەر، خۇراپات، سوپى- ئىشانلار يۇقىرى - تۆۋەن قاتىراپ، قولىدىن كېلىشىچە قۇۋلۇق - شۇملۇق بىلەن بۇ خىل يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى يېڭى شەيئىيلەرگە بۇزغۇنچلىق، قارشىلىق كۆرسىتىپ،«دەھرىلەر» ئىمانى سۇسلار دەپ ھاقارەت قىلغان بولسىمۇ، قاراغوجا، ئاستانە خەلقى شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان

«ھۈسەيىنىيە مەكتىپى»،«مەخسۇدىيە مەكتىپى» ئاچقان يېڭىچە مائارىپ مەشئىلى نۇرى ئاستىدا،  مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرىنى بەس - بەستە بۇ مەكتەپكە بېرىشكە باشلىغان. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مائارىپ قىزغىنلىقى ئاستىدىكى يۈكسەك ئىرادىسى بارغانچە مۇستەھكەملىشىپ بارغان.

ۋەكىل قارى مەسىيىت «مەخسۇدىيە مەكتىپى» گە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھېساب دەرسىدە ئەلاچى، خۇشخەت يېزىشتا خېتى چىرايلىق بولغاچقا شۇ چاغدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار ۋەكىلى قارىنى ئۆز مەھەللىسىدىكى ئائىلىلەردىن ھۇشۇر زاكات يىغىدىغان، ئېلىم - بېرىم ئىشلىرىنى خاتىرىلەيدىغان، تۈرلۈك خەت - چەك، ئەرزنامە، ۋەسىيەتنامە، ئېلان - بۇيرۇق، تەكلىپنامىلەرنى يازىدىغان كاتىپلىققا قويغان.

1930-يىللارغا كەلگەندە كونا شەھەر (قارا غوجا) مەھەللىسىدە يېڭىلىق تەرەپدارلىرى، مەرىپەت سۆيەر خەلقلەر، ئىلغارلىقنى ياقىلايدىغان دىنىي زاتلار بولۇپمۇ ئاستانىدىكى «مەخسۇدىيە مەكتىپى» نىڭ 2- قارارلىق سىنىپىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن قارا غوجىلىق شاھىمەردان داموللا، مۆمىن ئىمىن باي، روزى شەيخ قاتارلىقلار پات ئارىدا قاراغوجىدىمۇ بىر پەننىي مەكتەپنى ئېچىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغانلىقتىن  ۋەكىل قارى بۇ ياخشى تىلەكلەرنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

  1933- يىلىغا كەلگەندە، يۇرت خەلقىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى، ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنىڭ قوللىشى شۇنداقلا قارا غوجىلىق مەرىپەتپەرۋەر، خەلق سۆيەر ئىمىن ھاجىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ھەمدە ۋەكىل قارىنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھى، مەردۇ - مەردانە شىجائىتى ئارقىسىدا   1934 - يىلى ئۆز ئۆيىنى مەكتەپ قىلىپ ئاچىدۇ. مۇئەللىم يوق چاغدا بىر سىنىپلىق پەننىي مەكتەپتە ئۆزى دەرس ئۆتىدۇ. بۇ يېڭىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكەن كونا شەھەر خەلقى بەس - بەستە ئوغۇل - قىز پەرزەنتلىرىنى ۋەكىل قارىغا قوش قوللاپ ئەكىلىپ بېرىدۇ. قاراغوجا كونا شەھەر مەھەللىسىدىكى ئىلغار پىكىرلىك دىنىي زاتلاردىن نۇرقازى، ئىمىن مۇدەرس، ھەۋەيدۇللا ئىمام، ئىمىننىياز موللا قاتارلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىننىي سورۇنلاردا، ھېيت - ئايەملەردە ھەمدە ھەر قانداق جامائەت سورۇنلىرىدا يېڭىچە پەننىي  مائارىپنى  تەشۋىق قىلىدۇ.

  1935-يىلى ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپەيگەنلىكتىن ۋەكىل قارىنىڭ ئۆيى تارلىق قىلىدۇ، بۇ چاغدا ۋەكىل قارىنىڭ قوشنىسى ئىلغار پىكىرلىك زات مۇئىددىن ھىلال ئۆز قورۇسىنى مەكتەپ ئېچىشقا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار يىلدىن - يىلغا كۆپەيگەنلىكتىن 1936- يىلى قارا غوجا بۇلۇڭ مەھەللىسىدىكى «ئاق مەسچىد» تە يەنە بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئاچىدۇ، ۋەكىل قارى بۇ ئىككى جايدا ئېچىلغان دىننىي مەكتەپتە ئۆزى دەرس ئۆتىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن بىر جايغا، چۈشتىن كېيىن بىر جايغا بېرىپ دەرس ئۆتىدۇ، بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئارىلىقى ئالتە چاقىرىم بولسىمۇ جاپادىن  قورقماي پىيادە مېڭىپ يۈرۈپ يېڭىچە مائارىپ ئىستېكىدە بولغان قاراغوجا خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەيدۇ. يېزىدىكى ئۇقۇشقا كىرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئوغۇل-قىزلار كۈندىن-كۈنگە، يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەنلىكتىن بۇ ئىككى ئورۇن كىچىكلىك قىلىدۇ. بۇ تەقەززالىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن  ئىمىن ھاجى (باي)  1938-يىلى ھەشەمەتلىك سېلىنغان ئۆيلىرىنى پەننىي مەكتەپكە ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ ، ئاممىنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئىمىن ھاجى قورۇسى ئالتە سىنىپلىق ئوقۇغۇچى ئوقۇپ ئاشقىدەك ئازادە قورۇ بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشى مۇئەللىم يېتشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋەكىل ھاجى تۇنجى قارار ئۆز ئۆيىدە ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىسى ئىبراھىم مۇسانى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يەنە سىرتتىن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان ياڭخىلىق رېقىپ ئەپەندى بىلەن تىيىپ ئابدۇللانى بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

بۇ مەكتەپنىڭ نامى «ئىمىن باي مەكتىپى»، «ئىمىن ھاجى مەكتىپى» دەپ ئاتالغان، گومىنداڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇ مەكتەپ ئاستانە مەركىزىي مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەنلىكتىن قاراغوجا «شۆبە مەكتەپ» دەپ ئاتالدى. ۋەكىل قارى مۇئەللىم مۇشۇ شۆبە مەكتەپكە مەسئۇل بۇلۇپ ئىشلىدى. بۇ مەكتەپ 1950- يىلىدىن بۇرۇن ھەم كېيىن نۇرغۇنلىغان ئىزباسارلارنى تەربىيلەپ چىقتى. ۋەكىل قارى مۇئەللىم 1933- يىلدىن 1953- يىلىغىچە دىنىي دەرس، پەننىي دەرسلەرنى بىرلىكتە ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە يىللىق ھاياتىنى، يۇرت خەلقىنى روھى جەھەتتىن ئويغىتىش، سىياسى جەھەتتىن ئاڭ- سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىگۈچى سەركەردە، قاراغوجا مائارىپ مەشئىلىنى ياققۇچى ئۇلۇغ زات.

تۇرپان قاراغوجىدا، پەننىي مەكتەپ ئېچىلغان بۇ يىل 75 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئانا مەكتەپنى قۇرغۇچى ۋەكىل قارى مۇئەللىمنى ئەسكە ئالماي، ياد ئەتمەي تۇرالمايمىز ، بۇ ئۇلۇغ زات 1975- يىلى 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ چەكلىك ئۆمرىدە ياراتقان تۆھپىلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇنىڭ ياققان مەرىپەت مەشئىلى مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ.

 ۋەكىل قارى مۇئەللىمنىڭ ئانا يۇرتىغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتى ھەم ئىلىم - مەرىپەتكە ئىشتىياق باغلىغان جاراڭلىق ئەقىدىسىدە:

سەن ئىدىقۇت دىيارىغا ئىككىلەنمەي مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچ!

سۇفى - ئىشان زىكرىسى، قىلتىقىدىن سەن نېرى قاچ!

سەن ئەجدادلارنىڭ روھى بويىچە پەن - مائارىپ مەشئىلىنى ياق! 

سۈيۈملۈك ئۇستاز سىزنىڭ جاراڭلىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئىدىقۇت ئاسمىنىدا نۇر چاقنىتىپ، مىڭلىغان ئىز باسارلىرىڭىز مۇشۇ روھ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىگۈسى !

 

 

(ئاپتور شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتىنىڭ پىنسيۇنىرى )

تەھرىرلىگۈچى : ئابلىم قېيۇم

شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلىىدىن ئېلى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 452 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01