قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى

 

(1999 – يىلى 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا ماقۇللاندى ) 1- باب      ئومۇمىي پرىنسىپ 1 – ماددا    بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 – ماددا    قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، مەۋقەنى تەربىيە ۋە قوغداشقا قارىتىپ، كىچىكىدىن باشلاپلا تۇتۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش لازىم. 3 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىدە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش يولغا قويۇلىدۇ.  ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى،ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار،مەكتەپلەر، ئائىلىلەر، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى قاتارلىق تەرەپلەر ئورتاق قاتنىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي،روھىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىدۇ. 4 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى : (1)  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈش؛ (2)  ھۆكۈمەتنىڭ ج خ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىئو، كىنو – تېلېۋىزىيە، سودا – سانائەت، خەلق ئىشلىرى،ئەدلىيە مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تىشكىلاتلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش؛ (3)  مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە خىزمەت پىلانىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش؛ (4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش، ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇش ۋە تەقدىرلەش. 5 – ماددا    قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە بالاغەتكە يېتىش پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى تەربىيە، پىسخىكىلىق تۈزىتىش ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2 – باب    قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىتىسى 6 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا غايە، ئەخلاق، قانۇنچىلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزىملىق، سوتسىيالىستىك تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبورىيەت مائارىپى يېشىغا يەتكەنلەرگە يۇقىرىدا دېيىلگەن تەربىيىنى بېرىش بىلەن بىرگە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى بېرىش كېرەك.     قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنچىلىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە جىنايى قىلمىشنىڭ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە جىنايى قىلمىش ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇقىي جاۋابكارلىقنى بىلدۈرۈپ، ئۇلاردا قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. 7 – ماددا  مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى قانۇقچىلىق تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى سۈپىتىدە مەكتەپنىڭ تەلىم – تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان جىنايەتكە بىرلەشتۈرۈپ،ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەربىيە بېرىشى كېرەك. 8 – ماددا  ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىئونېرلار ئەترەتلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆركەزمە، دوكلات يىغىنى، نۇتۇق يىغىنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قانۇقچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.     مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلش تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى مەكتەپنىڭ خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. 9 – ماددا  مەكتەپلەر قانۇقچىلىق تەربىيىسىگە مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەر شارائىتقا قاراپ مەكتەپ سىرتىدىن قانۇقچىلىق يېتەكچىسى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 18 - ماددا دۆلەتنىڭ شېرىكسىز سودا بانكىسىدا نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتى دۆلەتنىڭ شېرىكسىز سودا بانكىسىنىڭ كرېدىت مۈلكىنىڭ سۈپىتى، ئاكتىپ - پاسسىپ نىسبىتى، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش - ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋالى، شۇنىڭدەك يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى نىزامنامىگە خىلاپ قىلمىشلىرى ۋە بانكىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ. 19 - ماددا سودا بانكىسى كەسىپ ئېھتىياجىغا قاراپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچى - سىرتىدا شۆبە - تارماق ئاپپارات قۇرسا بولىدۇ. شۆبە - تارماق ئاپپارات قۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش شەرت. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى شۆبە - تارماق ئاپپاراتلار مەمۇرىي رايون بويىچە قۇرۇلمايدۇ. سودا بانكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە شۆبە - تارماق ئاپپارات قۇرغاندا، ئۇنىڭغا بەلگىلىمە بويىچە تىجارەت كۆلىمىگە لايىق تىجارەت مەبلىغى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك. شۆبە - تارماق ئاپپاراتلارغا ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان تىجارەت ئومۇمىي مەبلىغى باش بانكا ئومۇمىي كاپىتالىنىڭ %60 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 20 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم: (1) ئىلتىماس. ئۇنىڭغا قۇرۇلىدىغان شۆبە - تارماق ئاپپاراتنىڭ نامى، تىجارەت مەبلىغى، كەسىپ دائىرىسى، باش بانكا ۋە شۆبە - تارماق ئاپپاراتلار تۇرۇشلۇق جاي قاتارلىقلار يېزىلىشى كېرەك؛ (2) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى؛ (3) تەيىنلىنىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛ (4) تىجارەت فاڭجېنى ۋە پىلانى؛ (5) تىجارەت سورۇنى، بىخەتەرلىك - ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە كەسپكە ئالاقىدار باشقا ئەسلىھەلەرگە دائىر ماتېرىياللار؛ (6) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەت، ماتېرىياللار. 21 - ماددا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سودا بانكىسىنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ، شۆبە - تارماق ئاپپاراتلار شۇ ئىجازەتنامىگە ئاساسەن، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ. 22 - ماددا سودا بانكىسى ئۆزىنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىدا بانكا بويىچە بىر تۇتاش ھېسابات قىلىدىغان، بىر تۇتاش مەبلەغ يۆتكەيدىغان، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇلىدىغان مالىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. سودا بانكىسىنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمايدۇ، كەسپىنى باش بانكا بەرگە ھوقۇق دائىرىسىدە قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ، ئۇنىڭ ھەق - تەلەپ جاۋابكارلىقىنى باش بانكا ئۈستىگە ئالىدۇ. 23 - بانكا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سودا بانكىسىنى ۋە ئۇنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئېلان قىلىدۇ. سودا بانكىسى ۋە ئۇنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرى تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئالتە ئايدىن ئاشقىچە ئىش باشلىمىسا ياكى ئىشنى باشلاپ قويۇپ ئۆزلۈكىدىن ئۇدا ئالتە ئايدىن ئارتۇق توختىتىپ قويسا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ، باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئۇنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەم ئېلان چىقىرىدۇ. 24 - ماددا سودا بانكىسىدا تۆۋەندىكى ئۆزگىرىشلەردىن بىرى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك: (1) نامىنى ئۆزگەرتسە؛ (2) رويخەتتىكى كاپىتالنى ئۆزگەرتسە؛ (3) باش بانكا شۆبە - تارماق بانكىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى ئۆزگەرتسە؛ (4) كەسىپ دائىرىسىى تەڭشىسە؛ (5) ئومۇمىي كاپىتال ياكى ئومۇمىي پاينىڭ %5 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن پايچىلار ئۆزگەرگەن بولسا؛ (6) نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولسا؛ (7) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئۆزگىرىشلەر بولسا. مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەكشۈرتۈش كېرەك. 25 - ماددا سودا بانكىسى ئايرىۋېتىش ۋە قوشۇۋېتىشتە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. سودا بانكىسىنى ئايرىۋېتىش ۋە قوشۇۋېتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش لازىم. 26 - ماددا سودا بانكىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشلىتىشى لازىم. تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. 27 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار سودا بانكىسىنىڭ مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ: (1) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، مال - مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى ياكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى بۇزۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، جىنايى جازاغا تارتىلغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار؛ (2) ياخشى باشقۇرۇلماي ۋەيران بولۇپ، ھېساباتنى ئېنىقلانغان شىركەت، كارخانىنىڭ مۇدىرى ياكى زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورى بولغانلار ھەم شۇ شىركەت، كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغانلار؛ (3) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان شىركەت، كارخانىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولغانلار ھەم شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغانلار؛ (4) شەخسىي قەرزى كۆپرەك بولۇپ، قەرەلى توشسىمۇ تولۇق قايتۇرمىغانلار. 28 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس سودا بانكىسىدىن سېتىۋالىدىغان پاي ئومۇمىي پاي سوممىسىنىڭ %5 ىدىن ئېشپ كەتسە، ئاۋۋال گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. 3 - باب پۇل ئامانەت قويغۇچىنى قوغداش 29 - ماددا سودا بانكىسى شەخسىي پۇل ئامانەت كەسپىدە، ئامانەت پۇلنى ئىختىيارىي قويۇش، ئەركىن ئېلىش، ئۆسۈم بېرىش، ئامانەت قويغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلشى كېرەك. سودا بانكىسى شەخسلەرنىڭ ئامانەت پۇلىنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۈرۈشتۈرۈش، توڭلىتىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىپ ئاغدۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكلىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 30 - ماددا سودا بانكىسى ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۈرۈشتۈرۈشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى توڭلىتىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىپ ئاغدۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 31 - ماددا سودا بانكىسى ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى - چېكى بويىچە بېكىتىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ. 32 - ماددا سودا بانكىسى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى تاپشۇرىدۇ، چىقىم ئېھتىيات فوندىنى تولۇق قالدۇرىدۇ. 33 - ماددا سودا بانكىسى ئامانەت پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم، ئامانەت پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى بېرىشنى كەينىگە سۆرەشكە، رەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 4 - باب قەرز پۇل كەسپى ۋە باشقا كەسىپلەرنىڭ ئاساسىي قائىدىسى 34 - ماددا سودا بانكىسى قەرز پۇل كەسپىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت كەسىپ سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يولغا قويىدۇ. 35 - ماددا سودا بانكىسى قەرز پۇل بېرىشتە، پۇل قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز پۇلنى ئىشلىتىش ئورنى، قايتۇرۇش ئىقتىدارى، قايتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى لازىم. سودا بانكىسى پۇل قەرز بېرىشتە، تەكشۈرۈش بىلەن قەرز بېرىشنى ئايرىش، دەرىجە بويىچە تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى لازىم. 36 - ماددا سودا بانكىسى قەرز پۇل بېرىشتە، قەرز ئالغۇچى كېپىل تېپىشى لازىم. سودا بانكىسى كاپالەتچىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى، رەنە بۇيۇمى، گۆرۈ بۇيۇمىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ۋە قىممىتى شۇنىڭدەك رەنە ھوقۇقى، گۆرۈ ھوقۇقىنىڭ ئىشقا ئېشىش مۇمكىنلىكىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى لازىم. سودا بانكىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە باھا بېرىشى ئارقىلىق قەرز ئالغۇچىنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ھەقىقەتەن قەرز قايتۇرالايدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلسە، كېپىل تاپمىسىمۇ بولىدۇ. 37 - ماددا سودا بانكىسى پۇل قەرز بىرىشتە، قەرز ئالغۇچى بىلەن يازما توختام تۈزۈشى لازىم. توختامىدا قەرز پۇلنىڭ تۈرى، ئىشلىتىلىش ئورنى، سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش قەرەلى، قايتۇرۇش ئۇسۇلى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە ئىككى تەرەپ زۆرۈر تاپقان باشقا ئىشلارنى پۈتۈشۈشى كېرەك. 38 - ماددا سودا بانكىسى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن چېكىگە قاراپ بېكىتىدۇ. 39 - ماددا سودا بانكىسى قەرز بېرىشتە تۆۋەندىكى ئاكتىپ - پاسسىپ نىسبىتى بويىچە باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم: (1) كاپىتالنىڭ تولۇقلىنىش نىسبىتى %8 تىن تۆۋەن بولماسلىق؛ (2) قەرز پۇل قالدۇقى بىلەن ئامانەت پۇل قالدۇقىنىڭ نىسبىتى %75 تىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ (3) تۇراقسىز ئاكتىپ قالدۇقى بىلەن تۇراقسىز پاسسىپ قالدۇقىنىڭ نىسبىتى %25 تىن تۆۋەن بولماسلىق؛ (4) بىر قەرز ئالغۇچىغا بېرىلگەن قەرز پۇل قالدۇقى بىلەن سودا بانكىسىنىڭ كاپىتال قالدۇقى نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ (5) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئاكتىپ - پاسسىپ نىسبىتى بويىچە باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلىرى. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قۇرۇلغان سودا بانكىسىنىڭ ئاكتىپ - پاسسىپ نىسبىتى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش لازىم. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 40 - ماددا سودا بانكىسى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز بەرسە بولمايدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىگە كېپىللىك قەرز بېرىشنىڭ شەرتىنى باشقا قەرز ئالغۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى قەرز ئېلىش شەرتىدىن كەڭ قىلىۋەتسە بولمايدۇ. ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: (1) سودا بانكىسىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىلىرى، باشقۇرغۇچلىرى، كرېدىت كەسپىي خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى؛ (2) ئالدىنقى تارماقچىدا كۆرسىتىلگەن كىشىلەر مەبلەغ سالغان ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار. 41 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سودا بانكىسىنى قەرز بېرىشكە ياكى كېپىل تېپىشقا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. سودا بانكىسى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قەرز بېرىشكە ياكى كېپىل تېپشىقا زورلاش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 42 - ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قەرەلىدە قايتۇرۇشى كېرەك. قەرز ئالغۇچى كېپىللىك قەرزىنى قەرەلى توشقاندا قايتۇرمىسا، سودا بانكىسى قانۇن بويىچە كاپالەتچىدىن قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى كېپىللىك بۇيۇمى بىلەن ئالدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. سودا بانكىسى رەنە ھوقۇقى، گۆرۈ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى پاي ھوقۇقىنى شۇنىڭغا ئېرىشكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قەرز ئالغۇچىلاردىن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى قەرەلى توشقاندا قايتۇرمىغانلىرى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 43 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ھاۋالە مەبلەغ سېلىشىغا ۋە ئاكسىيە تىجارەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئۆزى ئىشلەتمەيدىغان كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشىغا ياكى بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن باشقا پۇل - مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ۋە كارخانىغا مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 44 - ماددا سودا بانكىسى ۋېكسىل چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش، پېرېۋوت قىلىش، ھاۋالە بويىچە كىرىم قىلىشقا ئوخشاش راسچوت كەسپىنى يولغا قويغاندا، بەلگىلەنگەن قەرەل بويىچە نەقلەشتۈرۈشى، كىرىم - چىقىمنى ھېسابقا كىرگۈزۈشى، تالون، چەكلەرنى بېسىپ قويماسلىقى ياكى چەكلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قايتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. نەقلەشتۈرۈش، كىرىم - چىقىمنى ھېسابقا كىرگۈزۈش قەرەلىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىشى كېرەك. 45 - ماددا سودا بانكىسى پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىشتا ياكى چېگرا سىرتىدىن قەرز ئېلىشتا، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارىدكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىشى لازىم. 46 - ماددا كەسىپداشلار ئارا ئۆتنە ئېلىشتا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە رېئايە قىلىش كېرەك. ئۆتنە ئالغان مەبلەغدىن پايدىلىنىپ تۇراقلىق مۈلۈك ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش ياكى مەبلەغ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئۆتنە بېرىلىدىغان مەبلەغ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى تولۇق تاپشۇرۇلغان، چىقىم ئېھتىيات فوندى تولۇق قالدۇرۇلغان ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ قەرەلى توشقان قەرز پۇل قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مەبلەغ بىلەنلا چەكلىىدۇ. ئۆتنە ئېلىنغان مەبلەغ ۋېكسىل راسچوتىنىڭ كېمىنى تولدۇرۇش، بانكىلار ئارا پېرېۋوت پەرقىنى تولۇقلاش ۋە ۋاقىتلىق ئوبوروت مەبلىغى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. 47 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈۋېلىشىغا ياكى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، شۇنىڭدەك باشقا ناتوغرا ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئامانەت پۇل قوبۇل قىلىشىغا، قەرز تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 48 - ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار سودا بانكىسىنىڭ تىجارەت ئورنىدىن بىرىنى ئۆز ئالدىغان تاللاپ، كۈندىلىك مېمورىئال راسچوت ۋە نەق پۇل كىرىم - چىقىم ئىشلىرى بېجىرىلىدىغان بىر ئاساسىي ھېساب ئاچسا بولىدۇ، ئىككىدىن ئارتۇق ئاساسىي ھېساب ئاچسا بولمايدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئورۇنلارنىڭ مەبلىغىنى شەخسىي نامىدا ھېساب ئېچىپ ئامانەت قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 49 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ تىجارەت ۋاقتى مۇئامىلىدارلارغا قۇلايلىق بولۇشى ھەمدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك. سودا بانكىسى ئېلان قىلغان تىجارەت ۋاقتىدا تىجارەت قىلىدۇ. تىجارەتنى ئۆز مەيلىچە توختىتىشقا ياكى تىجارەت ۋاقتىنى ئۆز مەيلىچە قىسقارتىشقا بولمايدۇ. 50 - ماددا سودا بانكىسى ئىش بېجىرگەندە، مۇلازىمەت قىلغاندا بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ. ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىش تەقسىماتى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ. 51 - ماددا سودا بانكىسى مالىيە - بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى، كەسىپ توختامى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ساقلىشى لازىم. 52 - ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ۋە كەسىپ باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك: (1) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ پارا سوراش، پارا ئېلىش ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل ناملار بىلەن ئۈستەك ۋە رەسمىيەت ھەققى ئېلىش؛ (2) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز بانكىسىنىڭ ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ بەلىغىگە خىيانەت قىلىش، مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش؛ (3) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇغقانلىرى، دوستلىرىغا شەخسىي غەرەز بىلەن قەرز پۇل بېرىش ياكى كېپىل بولۇش؛ (4) باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش؛ (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزامغا ۋە كەسىپ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش. 53 - ماددا سودا بانكىسى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 5 - باب مالىيە - بوغالتىرلىق 54 - ماددا سودا بانكىسى قانۇن بويىچە ۋە دۆلەت بىرلىككە كەلتۈرگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ مالىيە - بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. 55 - ماددا سودا بانكىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ كەسپىي پائالىيىتى ۋە مالىيە ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىشى ھەمدە ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈشى، يىللىق مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا، جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ۋاقتىدا يوللىشى لازىم. سودا بانكىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگن بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىدىن باشقا ئايرىم ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 79- ماددا  بۇ قانۇندا  ئېيتىلغان سۇ قۇرۇلۇشى دەريا، كۆل ۋە يەر ئاستى سۇ مەنبەسىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تىزگىنلەش، تەڭشەش ۋە سۇ بايلىقىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ. 80 – ماددا دېڭىز سۈيىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئالاقىدار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 81- ماددا كەلكۈن مۇداپىئەسى كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.     سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 82- ماددا بۇ قانۇن 2002- يىلى 10 – ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 767 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01