مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى

 

(1999 – يىلى 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 – باب ئومۇمىي قائىدە 1 – ماددا بۇ قانۇن قانۇنغا خىلاپ ياكى نامۇۋاپىق كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 2 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ قاراپ، مەمۇرىي ئورگانغا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان ۋە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارغاندا، بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. 3 – ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان بولىدۇ. مامۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىشىنى كونكرېت بېجىرىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ: (1) مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش؛ (2) ئالاقىدار تەشكىلات ۋە خادىملاردىن تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى كۆرۈش؛ (3) قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنلۇق ۋە مۇۋاپىق بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى تەييارلاش؛ (4) مۇشۇ قانۇننىڭ 7 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (5) مەمۇرىي ئورگاننىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ  ھەرىكىتىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش؛ (6) مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولماي قىلىنغان مەمۇرىي دەۋالاردا دەۋاغا جاۋاب بېرىش ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ (7) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت مەسئۇلىيەتلىرى. 4 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئادا قىلىشتا، قانۇنلۇق، ئادىل، ئاشكارا، ۋاقتىدا بولۇش، پۇقرالارغا قولايلىق تۇغدۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، خاتالىق بولسا قەتئىي تۈزىتىشى، قانۇن – نىزاملارنىڭ توغرا يولغا قويۇلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. 5 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي دېللونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، مامۇرىي دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ، لېكىن قانۇندا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى ئاخىرقى ھۆكۈم بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 2 – باب مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش دائىرىسى 6 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مۇشۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: (1) مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، جەرىمانە قويۇش، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش، قانۇنسىز پۇل – مالنى مۇسادىرە قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، ئىجازەتنامىنى ۋاقتىنچە تارتىۋېلىش ياكى بىكار قىلىش، تىجارەت كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تارتىۋېلىش ياكى بىكار قىلىش، مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازا قارارلىرىغا قايىل بولمىسا؛ (2) مەمۇرىي ئورگاننىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ياكى مال – مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىۋېتىش قاتارلىق مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولمىسا؛ (3) مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئىجازەتنامە، تىجارەت كىنىشكىسى، قابىلىيەت – سۈپەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش، توختىتىش، بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولمىسا؛ (4) مەمۇرىي ئورگاننىڭ يەر، قېزىلما بايلىق، ئېقىن سۇ، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاس يەر، ساھىل، دېڭىز تەۋەسى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولمىسا؛ (5) تىجارەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان قانۇنلۇق ھوقۇقىغا مەمۇرىي ئورگان دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا؛ (6) مەمۇرىي ئورگان يېزا ئىگىلىك ھۆددىگەرلىك توختامىنى ئۆزگەرتىپ ياكى بىكار قىلىپ، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىمگە دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا؛ (7) مەمۇرىي ئورگان قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەبلەغ توپلىدى، پۇل – مالنى ئېلىۋالدى، سېلىق سالدى ياكى باشقا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەلەپ قىلدى دەپ قارىسا؛ (8) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ، مەمۇرىي ئورگانغا ئىجازەتنامە، تىجارەت كىنىشكىسى، قابىلىيەت – سۈپەت گۇۋاھنامىسى ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى  يېزىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ياكى مەمۇرىي ئورگانغا ئالاقىدار ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە بېجىرىپ بەرمىسە؛ (9) مەمۇرىي ئورگاننىڭ جىسمانىي ھوقۇق، مال – مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم ئېلىش ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىسا؛ (10) مەمۇرىي ئورگانغا قانۇن بويىچە نەپىقە پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ياكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە بەرمىسە؛ (11) مەمۇرىي ئورگاننىڭ باشقا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتلىرى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىمگە دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا. 7 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىدە ئاساسلانغان تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا شۇ بەلگىلىمىنى تەكشۈرۈشنىمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: (1) گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى؛ (2) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى؛ (3) يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەر گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ قائىدىلىرىنى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. قائىدىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە بولىدۇ. 8 – ماددا مەمۇرىي  ئورگاننىڭ مەمۇرىي چارە كۆرۈش ياكى كادىرلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر قارارىغا قايىل بولمىغانلار  ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەرز قىلىدۇ. مەمۇرىي ئورگاننىڭ ھەق تەلەپ ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىدۇ. 3 – باب مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش 9 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار كونكرېت مامۇرىي ھەرىكەتنى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىلەتتىن خەۋەردار بولغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى 60 كۈندىن ئارتۇق بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ ياكى باشقا ئورۇنلۇق سەۋەب تۈپەيلىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى توسالغۇ تۈگىگەن كۈندىن باشلاپ ئۇلاپ ھېسابلىنىدۇ. 10 – ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە مامۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئىلتىماس قىلغۇچى بولىدۇ. مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق پۇقرا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا  ھوقۇقلۇق پۇقرانىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا ياكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت ئىقتىداى چەكلىك بولسا، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات خىزمەتتىن توختىغان بولسا، ئۇنىڭ  ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار 3 – تەرەپ سۈپىتىدە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشقا قاتناشسا بولىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولماي، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماس قىلىنغۇچى بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە 3 – تەرەپ مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشقا ۋاكالىتەن قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. 11 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى يازما ئىلتىماس قىلسىمۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئاغزاكى ئىلتىماس قىلىنغانلىرىدا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش تەلىپى، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشتىكى ئاساسىي پاكىتى، سەۋەبى ۋە ۋاقتىنى شۇ جايدا خاتىرىلىۋېلىشى لازىم. 12 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار قەيەرگە ئىلتىماس قىلىشنى ئۆزى تاللاپ، شۇ تارماق قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماققا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. تاموژنا، پۇل – مۇئامىلە، دۆلەت باج ئورگىنى ۋە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئورگىنى قاتارلىق تىك لىنىيە بويىچە رەھبەرلىك قىلىنىدىغان مەمۇرىي ئورگانلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماققا ئىلتىماس قىلىدۇ. 13 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى بىر دەرىجە يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنىغا قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ ۋاكالەت ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. 14 – ماددا گوۋۇيۈەن تارمىقىنىڭ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى گوۋۇيۈەننىڭ شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى قىلغان تارماقلىرىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىدۇ. مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. 15 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 12 -، 13 -، ۋە 14 – ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئورگانلاردىن باشقا مەمۇرىي ئورگان ۋە تەشكىلاتنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ: (1) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ ۋاكالەت ئورگىنىنى تەسىس قىلغان خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىدۇ؛ (2) ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تارماقلىرى قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ قانۇن، نىزام ياكى قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆز نامىدا قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ ۋاكالەت ئاپپاراتىنى تەسىس قىلغان تارماققا ياكى شۇ تارماق قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىدۇ؛ (3) قانۇن، نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلاتنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا شۇ تەشكىلاتنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارمىقىغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ؛ (4) ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئورتاق نامىدا قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانغا ئىلتىماس قىلىدۇ؛ (5) ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ ئورگاننىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەمۇرىي ئورگاننىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ئادىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت سادىر بولغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 18 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىدۇ. 16 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى ناشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا قىلغان ئىلتىماسىنى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان بولسا ياكى قانۇن، نىزاملاردا ئاۋۋال مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغاندا، ئاندىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي  دەۋا قىلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلىشقا بولمايدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە قىلغان مەمۇرىي دەۋاسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان بولسا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. 4 – باب مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش 17 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەش كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇن بولسىمۇ، شۇ ئورگاننىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى توغرىسىدا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئالاقىدار ئورگانغا ئىلتىماس قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان ھېسابلىنىدۇ. 18 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى باشقا ئورگاننىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئالاقىدار ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم. ئۆتكۈزۈۋالغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مۇشۇ قانۇننىڭ 17 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشى لازىم. 19 – ماددا قانۇن، نىزاملاردا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئاۋۋال مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا ئىلتىماس قىلىش، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغاندا، ئاندىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەنلىرىنى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلغان بولسا ياكى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ جاۋاب بەرمىسە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قوبۇل قىلماسلىق قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ياكى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى يوشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. 20 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە قىلغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن قوبۇل قىلمىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان بىۋاسىتە قوبۇل قىلسىمۇ بولىدۇ. 21 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ؛ لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىجرا توختىتىلسا بولىدۇ: (1) ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئىجرانى توختىتىش زۆرۈر دەپ قارىسا؛ (2) مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىجرانى توختىتىش زۆرۈر دەپ قارىسا؛ (3) ئىلتىماس قىلغۇچى ئىجرانى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئۇنىڭ تەلىپىنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ، ئىجرانى توختىتىشنى قارار قىلسا؛ (4) قانۇندا ئىجرانى توختىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولسا. 5 – باب مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى 22 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشتا پرىنسىپ جەھەتتە يازما تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، لېكىن ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ قىلغاندا ياكى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە خادىملاردىن ئەھۋالنى تەكشۈرسە، ئىلتىماس قىلغۇچى، ئىلتىماس قىلىنغۇچى ۋە 3 – كىشىدىن پىكىر ئالسا بولىدۇ. 23 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئىلتىماسنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ياكى ئىلتىماس خاتىرىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا ئەۋەتىپ بېرىشى لازىم. ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئىلتىماسنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ياكى ئىلتىماس خاتىرىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى ھەمدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى دەلىل – ئىسپات، ئاساس ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئۈچىنچى كىشى ئىلتىماس قىلىنغۇچى بەرگەن يازما جاۋابنى، قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ دەلىل – ئىسپاتى، ئاساسى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرسە بولىدۇ، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ شەخسىي سىرىغا چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 24 – ماددا مەمۇرىي دېللونى قايتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە باشقا ئالاقىدار تەشكىلات ياكى شەخسلەردىن ئۆز ئالدىغا دەلىل – ئىسپات توپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 25 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى، ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ؛ مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالغاندا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقان بولىدۇ. 26 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مۇشۇ قانۇننىڭ 7 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەكشۈرۈشنىمۇ ئىلتىماس قىلغان بولسا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان شۇ بەلگىلىمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولسا، 30 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم؛بىر تەرەپ قىلىش  ھوقۇقى بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يەتتە كۈن ئىچىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، بىر تەەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق مەمۇرىي ئورگان 60 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدە، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى تەكشۈرۈش توختىتىلىدۇ. 27 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئاساسى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، شۇ ئورگان بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغانلىرىنى 30 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم؛ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىشقا دۆلەت ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يەتتە كۈن ئىچىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. بىر تەرپ قىلىش مەزگىلىدە، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى تەكشۈرۈش توختىتىلىدۇ. 28 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى قوشۇلغان ياكى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىدۇ: (1) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتە بېكىتكەن پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، تەتبىقلىغان ئاساسى توغرا، تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى مۇۋاپىق بولسا، ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلىدۇ؛ (2) ئىلتىماس قىلىنغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئادا قىلىشىنى قارار قىلىدۇ؛ (3) كڭنكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى بىكار قىلىش، ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىدۇ ياكى قانۇنغا خىلاپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شۇ مەمۇرىي ھەرىكەتنى بىكار قىلىش قارار قىلىنغان ياكى قانۇنغا خىلاپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى قايتا قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ: بىرىنچى، ئاساسلىق پاكىتلىرى ئېنىق بولمىسا، دەلىل – ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىسا؛ ئىككىنچى، ئاساسنىڭ تەتبىقلىنىشى خاتا بولسا؛ ئۈچىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولسا؛ تۆتىنچى، خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەن ياكى خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلەتكەن بولسا؛ بەشىنچى، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا. (4) ئىلتىماس قىلىنغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 23 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يازما جاۋاب بەرمىسە، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى دەلى – ئىسپاتى، ئاساسى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرمىسا، بۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى دەلىل – ئىسپات ۋە ئاساسى يوق دەپ قاراپ، بىكار قىلىشنى قارار قىلىدۇ. مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ قايتا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئوخشاش بىر پاكىت ۋە سەۋەب بىلەن ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە ئوخشايدىغان ياكى ئاساسەن ئوخشايدىغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 29 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي تۆلەم تەلىپىنى بىللە ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان دۆلەتنىڭ تۆلەم قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىدا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى بىكار قىلىش، ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغاندا ياكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىش ھەققىدىمۇ قارار چىقىرىشى لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي دېلونى قايتا قارپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي تۆلەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قانۇن بويىچە جەرىمانىنى بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشنى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەبلەغ يىغىش، پۇل – مالنى مۇسادىرە قىلىش، پۇل – مالنى ئېلىۋېلىش ۋە سېلىق سېلىشۋە مال – مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىۋېلىش قاتارلىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنى بىكار قىلىشنى قارار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنى مال – مۈلۈكنى قايتۇرۇشقا، مال – مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىۋېتىش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشقا ياكى مۇناسىپ مال پۇلى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇشى لازىم. 30 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ قانن بويىچە ئېرىشكەن يەر، قېزىلما بايلىق، ئېقىن سۇ، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاس يەر، ساھىل، دېڭىز تەۋەسى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، ئاۋۋال مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم؛ مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي رايونلارنىڭ چېگرىسىنى بېكىتىش، تەڭشەش ياكى يەر ئېلىپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر ، قېزىلما بايلىق، ئېقىن سۇ، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاس يەر، ساھىل، دېڭىز تەۋەسى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى ئاخىرقى ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ. 31 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى لازىم؛ لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى 60 كۈندىن ئاز بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن مۇددەتنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك؛ لېكىن ئۇزارتىلغان مۇددەت ئۇزاق بولغاندىمۇ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشتا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسى تەييارلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا تامغا بېسىشى لازىم. مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسى يەتكۈزۈلگەن ھامان قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. 32 – ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلمىسا ياكى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئىجرا قىلىشنى كەينىگە سۆرىسە، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ياكى ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇشى لازىم. 33 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە دەۋا قىلمىسا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا ياكى ئاخىرقى ھۆكۈم بولغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئايرىم – ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: (1) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت كۈچكە ئىگە قىلىنغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ؛ (2) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. 6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى 34 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە قىلىنغان مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن قوبۇل قىلمىسا ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرمىسە ۋە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارمىسا، بىۋاسىتە جاۋابكار بولغان مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، گۇناھ يېزىش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇلسىمۇ قوبۇل قىلماي ياكى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرمەي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش قاتارلىق مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 35 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان خادىملىرىدىن مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش پائالىيىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، گۇناھ يېزىش ۋە چوڭ گۇناھ يېزىش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 36 – ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يازما جاۋاب بەرمىسە ياكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنىڭ دەلىل – ئىسپاتى، ئاساسى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرمىسا ياكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا، باشقىچە ئۇسۇل بىلەن توسقۇنلۇق قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار بولغان مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، گۇناھ يېزىش ۋە چوڭ گۇناھ يېزىش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغانلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ. 37 – ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلمىسا ياكى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئىجرا قىلىشنى كەينىگە سۆرىسە، بىۋاسىتە جاۋابكار بولغان مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، گۇناھ يېزىش ۋە چوڭ گۇناھ يېزىش مەمۇرىي چارىسى كۆرىلىدۇ؛ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلسىمۇ ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرىلىدۇ. 38 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي ئاپپاراتى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن قوبۇل قىلماسلىق، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقارماسلىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۆچ ئېلىپ زەربە بېرىش ياكى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋالىنى سەزسە، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانغا تەكلىپ بېرىشى، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. 7 – باب قوشۇمچە قائىدە 39 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ھەر قانداق ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش پائالىيىتىگە كېتىدىغان خىراجەتنى شۇ ئورگاننىڭ مەمۇرىي خىراجىتىگە كىرگۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. 40 – ماددا مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتىنى ھېسابلاش ۋە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزۈش ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى مۇددەت، يەتكۈزۈشكە دائىر بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. بۇ قانۇندىكى مەمۇرىي دېلونى قاراپ چىقىش مۇددىتى ھەققىدىكى «بەش كۈن»، «يەتتە كۈن» دېگەن بەلگىلىمىلەر خىزمەت كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، ھېيت – بايرام، دە ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 41 – ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار ۋە چەت ئەل تەشكىلاتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا، مۇشۇ قانۇن تەتبەقلىنىدۇ. 42 – ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان قانۇنلاردىكى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىشقا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن بىردەك بولمىسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ. 43 – ماددا بۇ قانۇن 1999 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1990 – يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېلان قىلغان، 1994 – يىلى 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلغان «مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش نىزامى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ. "

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 271 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01