دۆلەت مۇداپىيە تەربىيىسى قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى قانۇنى

 

(2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلدى. 2 - ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشقانلىقىنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. 3 - ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنى دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەش، زۆرۈر ھەربىي ماھارەت ئۆگىنىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش، دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 4 - ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىدە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى بىلەن نۇقتىلىق تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيىۋى تەربىيە بىلەن ھەرىكەت تەربىيسىنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، تەربىيە مەزمۇنى ئوبيېكتىلارغا قاراپ بېكىتىلىپ، تۈرلەر بويىچە يولغا قويۇلىدۇ. 5 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسۇلىيىتى. بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيىلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ئورۇندا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەشكىللىشى كېرەك. 6 - ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتلىك دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. جايلاردىكى ھەربىي ئورگانلار يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ. 7 - ماددا دۆلەتنىڭ مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمەت ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىنى پىلانلايدۇ، تەشكىللەيدۇ، يېتەكلەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جايلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپارات شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، يېتەكلەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ. 8 - ماددا مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، مەدەنىيەت - تەشۋىقات تارمىقى قاتارلىق تارماقلار دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. ئەسكەر ئېلىشقا، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، خەلق ئىگىلىكى سەپەرۋەرلىكى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى ۋە ھەربىي ئەسلىھە مۇھاپىزىتى قاتارلىقلارغا مەسئۇل تارماق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىگە مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ. 9 - ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە قانات يايدۇرىدۇ. 10 - ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىگە پايدىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 11 - ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنى دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۈرلۈك يول بىلەن تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. 12 - ماددا دۆلەت ئۇمۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى كۈنىنى بەلگىلەيدۇ. 2 - باب مەكتەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسى 13 - باب مەكتەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنىڭ ئاساسى، ساپا مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىگە بولغان تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى ھەمدە مەكتەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىنى قەرەللىك باھالىشى كېرەك. 14 - ماددا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى مەزمۇنىنى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش بىلەن دەرستىن سىرتقى پائالىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. شارائىتى بار باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئاساسىي تېما قىلىنغان ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى پائالىيىتىگە تەشكىللىسە بولىدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.   باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئېھتىياجىغا قاراپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىشكە ياردەملىشىشكە مەكتەپ سىرتىدىن يېتەكچى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 15 - ماددا ئالىي مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەڭ مەكتەپلەر دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش بىلەن ھەربىي مەشىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى دەرسلىكىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەڭ مەكتەپلەر مۇناسىۋەتلىك دەرسلىككە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىگە دائىر مەخسۇس مەزمۇنىنى كىرگۈزىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ ئالىي مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەڭ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي مەشىقنى شۇ مەكتەپنىڭ ھەربىي مەشىققە مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى ھەربىي ئوقۇتقۇچىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەشكىللەيدۇ. ھەربىي ئورگان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك. 16 - ماددا مەكتەپلەر دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەر ھەربىي مەشىق پائالىيىتىگە تەشكىللەشتە، تەدبىر قوللىنىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 17 - ماددا دۆلەت خادىملىرىنى تەربىيلەشكە مەسئۇل مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى تەربىيلەش پىلانىغا كىرگۈزۈشى، مۇۋاپىق دەرىجىدە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى دەرسى تەسىس قىلىشى كېرەك. دۆلەت جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان دۆلەت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالاقىدار ھەربىي مەكتەپلەرگە ئېھتىياجىغا قاراپ ئەۋەتىدۇ. 3 - باب جەمئىيەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسى 18 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، خادىملىرىغا كۆپ خىل شەكىلدە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىدۇ. دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى بىلىشى كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان دۆلەت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشى شەرت. جايلار، تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىدە تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. 19 - ماددا كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، سىياسىي تەربىيە، كەسپىي تەلىم - تەربىيە، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىشى، دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە قاتناش كاپالىتى ۋەزىپسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋەزىپىسىگە قاراپ، مۇناسىپ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى پىلانى تۈزۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلىرىگە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى پائالىيەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 20 - ماددا ھەربىي رايون، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) ۋە ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قوراللىق بۆلۈمى دۆلەت ۋە ئارمىيىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، سىياسىي تەربىيە بېرىش ۋە تەشكىلنى تەرتىپكە سېلىش، ھەربىي مەشىق قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىگە شۇنىڭدەك كاتتا بايرام، خاتىرە كۈنلەردىكى پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرگە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىدۇ. خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرگە بولغان دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىدە، تايانچ خەلق ئەسكىرى، 1 - تۈردىكى زاپاس ھەربىيلەر ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەۋاتقان خەلق ئەسكىرى، زاپاس ھەربىيلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈزۈم ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيلەنگۈچىلەر، تەربىيلىنىش ۋاقتى ۋە تەربىيە مەزمۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 21 - ماددا شەھەرلەردىكى ئاھالە كومىتېتلىرى، يېزىلارىدكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى مەھەللە ۋە يېزىلارنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئەسكەر ئېلىش، ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىشكە، شۇنىڭدەك كاتتا بايرام، خاتىرە كۈنلەردىكى پائاليەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىگە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. شەھەرلەردىكى ئاھالە كومىتېتلىرى، يېزىلاردىكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىشكە ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 22 - باب مەدەنىيەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، كىنو، تېلېۋزىيە قاتارلىق تارماق ۋە ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە تەلىپى بويىچە، كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، شۇنىڭدەك رايون بار شەھەرلەرنىڭ رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە گېزىت - ژۇرناللىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى پروگراممىسى ياكى سەھىپىسى تەسىس قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. 23 - ماددا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ئىنقىلاب ئىزنالىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيە رولى بار باشقا مۇزېي، خاتىرە ساراي، پەن - تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت يۇرتى، ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيى قاتارلىق سورۇنلار پۇقرالارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، تەشكىللىك دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى پائالىيىتىدە ئېتىبار بېرىشى ياكى ھەق ئالماسلىقى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇننىڭ 28 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بازىسى دەپ نام بېرىلگەنلىرىنى تەشكىللىك بارغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىشى؛ ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى كۈنىدە جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىشى كېرەك. 4 - باب دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى كاپالىتى 24 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، مالىيە خام چوتىدا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىگە كېرەكلىك خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 25 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىگە كېرەكلىك خىراجىتى شۇ ئورۇننىڭ خام چوتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ؛ كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىگە كېرەكلىك خىراجىتى شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر تەربىيە خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇشقا كېرەكلىك خىراجىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چىقىرىلىدۇ. 26 - ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئۈچۈن مال - مۈلۈك ئىئانە - ھەدىيە قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىگە ياردەم بەرگەن مال - مۈلكىنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى فوندى تەشكىلاتى ياكى باشقا جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ. دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيە ئەھمىيىتى بولغان ساقلانمىلىرىنى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئۈچۈن بېرىشىگە ياكى ئىئانە - ھەدىيە قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلىتىشكە بېرىلگەن بۇيۇملارنى ياخشى ساقلىشى، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 27 - ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىراجىتىنى ۋە ئىجتىمالىي تەشكىلاتلار، شەخسلەر دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىگە ياردەم قىلغان مال - مۈلۈكنى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىگە ئىشلىتىش شەرت، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىشلىتىۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 28 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 23 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سورۇنلاردىن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغانلىرىغا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بازىسى، دەپ نام بېرىلسە بولىدۇ: (1) ئېنىق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيە مەزمۇنى بولغانلىرى؛ (2) مۇكەممەل باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە قائىدە - تۈزۈمى بولغانلىرى؛ (3) مۇناسىپ مۇناسىپ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيە ئەسلىھەسى بولغانلىرى؛ (4) زۆرۈر خىراجەت كاپالىتى بولغانلىرى؛ (5) كۆرۈنەرلىك ئىجتىمائىي تەربىيە ئۈنۈمى بولغانلىرى. دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بازىسى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. نام بېرىلگەن دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بازىلىرىدىن ئالدىنىقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغانلىرىنىڭ نامىنى تەستىقلىغان ئورگان ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 29 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بازىسىنى پىلانلاش، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيە ئەھمىيىتى بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى يىغىش، رەتلەش ۋە قوغداش خىزمىتىنى كەچەيتىشى كېرەك. 31 - ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمەت ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تاللاش، تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئوقۇتقۇچىلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيدىغان، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئاساسىي بىلىمى ۋە زۆرۈر ھەربىي ماھارىتى بولغانلاردىن تاللىنىدۇ. 32 - ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتكە قاراپ، تۇرۇشلۇق جاي تەشكىللىگەن دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى پائالىيىتىگە ھەربىي ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشى، ئۇلارغا زۆرۈر ھەربىي مەشىق مەيدانى، ئەسلىھەسىنى بېرىپ تۇرۇشى ۋە باشقا قۇلاي شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. دۆلەت بايرىمى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بايرىمىدا ۋە ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى كۈنىدە، تەستىقلانغان گازارمىلار جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلسە بولىدۇ، گازارمىنى ئېچىۋېتىش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت چىقىرىدۇ. 5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى 33 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرمىغانلىرىغا خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋېلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈىدۇ. 34 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغانلارنى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 35 - ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى بازىسى ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەن، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى نابۇت قىلغانلارغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلار قانۇن بويىچە مۇناسىپ ھەق - تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنىغا بىنائەن ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 36 - ماددا ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتى ۋە پائالىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار ياكى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى نامىدا پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى توسىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قانۇنغا بىنائەن ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 37 - ماددا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىگە مەسئۇل دۆلەت خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 6 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ 38 - ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. "
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 714 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01