ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

 

 

        (1992 – يىلى 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2005 – يىلى 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17 – يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى >غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى »غا ئاساسەن تۈزىتىلىدى ) 1 – باب ئومۇنىي پرىنسىپ 1 – ماددا  بۇ قانۇن ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن چىقىرىلدى. 2 – ماددا  ئاياللار، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە .       ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكى  دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى. دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈزۈملەرنى پەيدىنپەي متكەممەللەشتۈرىدۇ، ئاياللارنى ھەر قانداق شەكىلدە كەمسىتىشنى تۈگىتىدۇ.       دۆلەت ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.       ئاياللارنى كەمسىتىش، خارلاش، تاشلىۋېتىش ۋە ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 3 – ماددا گوۋۇيۈەن جۇڭگو ئاياللىرى تەرەققىيات پروگىراممىسى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.     ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو ئاياللىرى تەرەققىيات پروگراممىسىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ ئاياللار تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ. 4 – ماددا  ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.         دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىشىگە زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. 5 – ماددا  دۆلەت ئاياللارنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى ، ئۆزىگە تاينىشى، ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن ئارقىلىق قۇغدىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ئاياللار دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك 6 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى كېرەك.   ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنى ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 7 – ماددا  جۇڭخۇا  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى قانۇن ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، ھەر مىللەت ۋە ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.   ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 8 – ماددا  ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. 2 – باب        سىياسىي ھوقۇق 9 – ماددا  دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر سىياسىي ھوقۇققائىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 10 – ماددا  ئاياللار ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.     قانۇن – نىزام، جامائەت سىياسىتى چىقىرىشتا، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ مەسلىلەردە ئاياللار بىرلەشمىسىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.   ئاياللار ۋە ئاياللار تەشكىلاتى ھەردەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە پىكر – تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق. 11 – ماددا ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە .   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئايال ۋەكىل بولۇشى كېرەك.دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك  ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىكى ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ.    شەھەرئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى تەركىبلەردىكى ئىچىدە ئاياللار مۇۋاپىق ساندا بولۇشى كېرەك. 12 – ماددا  دۆلەت ئايال كادىرلارنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ.       دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار كادىرلارنى يىتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ئىشقا قويۇشتا، ئەر ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى شەرت ھەمدە مۇۋاپىق ساندا ئايال رەھبەر قويۇشى كېرەك.  دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. 13 – ماددا  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ئاياللارغا ۋاكالىتەن دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى دېموكرتىك نازارەت قىلىشقا پائال قاتنىشىدۇ.     ھەردەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ ئەزالىرى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ئايال كادىرلارنى كۆرسەتسە بولىدۇ. 14 – ماددا  ئالاقىدار تارماقلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت تەنقىد ياكى مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى ئاڭلىشى ۋە قۇبۇل قىلىشى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك ھەققىدىكى ئەرز – شىكايەتلەرنى ئالاقىدار تارماقلار پاكىتنى ئېنىقلاپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ بېسىپ قويۇشىغا ياكى ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 3 – باب    مەدەنىيەت، مائارىپ ھوقۇق – مەنپەئىتى 15 – ماددا  دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مەدەنىيەت، مائارىپ ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 16 – ماددا  مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئاياللارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە تەقسىم قىلىنىش، ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.       مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا،ئالاھىدە كەسىپلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جىنسىنى باھانە قىلىپ، قىزلارنى قوبۇل قىلمىسا ياكى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىۋالسا بولمايدۇ. 17 – ماددا مەكتەپلەر قىزلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مائارىپ، باشقۇرۇش، ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. 18 – ماددا  ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئوقۇش يېشىدىكى قىزلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت.     كېسەل ياكى باشقا ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن، شۇجايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلارنى مەكتەپكە بەرمىگەن ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەرگە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلىرىنى مەكتەپكە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.      ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلارنىڭ ئوقۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى ھەمدە شارائىت يارىتىپ نامرات، مېيىپ ۋە كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى قىزلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 19 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاياللار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىق ۋە چالا ساۋاتلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە ساۋاتسىزلىق تۈگىتىلگەندىن كېيىنكى داۋاملىق تەربېيە يىرىك پىلانىغا بەلگىلىمە بويىچە كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ئالاھىدە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي شەكلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كونكرېت يولغا قويۇشىغا تەشكىلاتچىلىق، نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك. 20 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ شەھەر، بازارلار ۋە يېزىلاردىكى ئاياللارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاياللارنى كەسپىي تەربىيە ۋە ئەمەلىي تېخنىكا تەربىيىسى  ئېلىشقا تەشكىللىشى كېرەك. 21 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئىلىم – پەن، تېخنىكا، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. 4 – باب  ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق – مەنپەئىتى 22 – ماددا  دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 23 – ماددا  ئورۇنلار ئىشچى – خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا،ئاياللارغا باپ كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى ئىش ئورنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، جىنسىنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىققا ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۋېلىشقا بولمايدۇ.   ئورۇنلار ئىشچى – خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا، ئۇلار بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزۈشى، ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش ) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىدە ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشى، پەرزەنت كۆرۈشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنى بەلگىلىمەسلىكى كېرەك.   16 – ياشقا توشمىغان قىزلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 24 – ماددا  ئەر – ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ. ئاياللار پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشتا ئەرلەربىلەن باراۋەر  ھوقۇققا ئىگە. 25 – ماددا  ۋەزىپە، دەرىجە ئۆستۈرۈش، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئاياللارنى كەمسىتمەسلىك كېرەك. 26 – ماددا  ھەر قانداق ئورۇن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە ئەمگەك ۋاقتىدىكى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى، ئاياللارغا باپ كەلمەيدىغان خىزمەت ۋە ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەك. ئاياللار ھەيز كۆرۈش، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت، بالا ئىمىتىش مەزگىلدە ئالاھىدە ئاسرىلىدۇ. 27 – ماددا  ھەر قانداق ئورۇننىڭ توي قىلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھانە قىلىپ، ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتۋېتشگە ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. لېكىن، ئايال ئىشچى – خىزمەتچى ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش ) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىشىنى ئۆزى تەلەپ قىلغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.   ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پېنسىيە تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشتا، جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتسە بولمايدۇ. 28 – ماددا    دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە سالامەتلىك ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.  دۆلەت ئاياللارغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ. 29 – ماددا  دۆلەت تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك باشقا كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نامرات ئاياللارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە زۆرۈر تۇغۇت ياردىمى بېرىشى كېرەك. 5 – باب  مال – مۈلۈك ھوقۇق مەنپەئىتى 30 – ماددا  دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 31 – ماددا نىكاھ مۇناسىۋىتى، ئائىلىدىكى ئورتاق مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. 32 – ماددا  يېزىلاردا يەر ھۆددە ئېلىش، كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات پايدىسىنى تەقسىملەش، يەر ئېلىش ياكى يەردىن پايدىلىنىش تولۇقلىما ھەققىنى ئىشلىتىش شۇنىڭدەك ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە . 33 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاياللارنىڭ توي قىلغانلىقى، توي قىلمىغانلىقى، ئاجراشقانلىقى ۋە ئېرى ئۆلۈپ كەتكتنلىكى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنىڭ يېزا كوللىكتىپ ئىقتىسادي تەشكىلاتتىكى ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىشىگە يول قويۇلمايدۇ.    ئەر توي قىلىپ ئايال تۇرۇشلۇق جايدا ماكانلاشقام بولسا، ئەر ۋە پەرزەنتلىرى شۇ جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن باراۋەر ھوقۇق – مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. 34 – ماددا  ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئىگە بولىدىغان مال – مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن قۇغدايدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن بىر رەتتىكى ۋارىسلار ئىچىدە ئاياللارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.   .ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال ۋارىسلىق قىلغان مال – مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 35 – ماددا  ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال قېيناتىسى، قېينانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئاساسلىق ئادا قىلغان بولسا، قېيناتىسى، قېينانىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىرىچى رەتتىكى ۋارىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى پەرزەنتلىرىنىڭ ئورۇن بېسىپ ۋارىسلىق قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. 6 – باب  جىسمانىي ھوقۇق 36 – ماددا  دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر جىسمانىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 37 – ماددا  ئاياللارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. قانۇنسىز نەزەربت قىلىش ۋاستىسى ۋە باشقا قانۇنسىز ۋاستىلەر بىلەن ئاياللارنى جىسماني ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاياللارنىڭ تېنىنى قانۇنسىز ئاجتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. 38 – ماددا ئاياللارنىڭ ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ.  قىز بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، تاشلىۋېتىش، ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛قىزتۇغقان ئاياللار ۋە تۇغماس ئاياللارنى كەمسىتىش، خارلاش مەنئى قىلىنىدۇ. خۇراپاتلىق، زورلۇق ۋاستىسى قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئاياللارنى ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ كېسەل، مېيىپ ئاياللار ۋە ياشانغان ئاياللارنى خارلارش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 39 – ماددا ئاياللارنى ئالداپ سېتىش، تۇتقۇن قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.   ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى قۇتقۇزۇشى، كېيىنكى ئىشلارنى ياخشى ئىشلىشى، ئاياللار بىرلەشمىسى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك. ھەر قانداق كىشىنىڭ ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 40 – ماددا ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغان ئاياللار ئورۇن ۋە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق . 41 – ماددا  ئىپپەت  - نومۇسنى سېتىش، پاھىشۋازلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.  ئاياللارنى ئىپپەت – نۇمۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش،زورلاش، ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش ياكى ئاياللارغا پەسكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.  ئاياللارنى شەھۋانىي ئويۇن كۆرسىتىشكە تەشكىللەش، زورلاش، ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش ۋە ئازدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. 42 – ماددا  ئاياللارنىڭ نام – ئاتاق ھوقۇقى، شان – شۆھرەت ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى قاتارلىق ئادىمىيلىك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.  ھاقارەتلەش، بوھتان چاپلاش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ ماقۇللىقى ئالماي تۇرۇپ، پايدا ئېلىشنى كۆزلەپ، ئېلان، تاۋار ماركىسى ، كۆركەزمە كۆزنىكى، گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى، تور قاتارلىقلاردا ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىندۇ. 7 – باب  نىكاھ، ئائىلە ھوقۇق – مەنپەئىتى 43 – ماددا  دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر نىكاھ، ئائىلە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. 44 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئاياللارنىڭ توي قىلىش، 45 – ماددا ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلدە، تۇغقاندىن كېيىن بىر يىل ياكى ھامىلىنى چۈشۈرىۋەتكەندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە ئەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. 46 – ماددا  ئاياللارغا ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.  دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى توسىدۇ.  جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار، شۇنىڭدەك شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى، زىيانغا ئۇچرىغان ئاياللارغا قانۇن بويىچە ياردەم بېرىشى كېرەك. 47 – ماددا ئاياللار قانۇندىكى بىلگىلىمە بويىچە، ئەر – ئايالنىڭ ئورتاق مال – مۈلكىدە ئېرى بىلەن باراۋەر ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كىرىم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.  ئەر –ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتىنى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ھەر كىمنىڭ تاپقىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ يازما پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئايال بالىنى بېقىپ تەربىيىلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ئېرىنىڭ خىزمەتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلار ئۈچۈن كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرگەن بولسا، ئاجراشقاندا ئەردىن تولۇقلىما تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 48 – ماددا ئەر – ئايالنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئۆينى ئۇلار ئاجراشقاندا كېلىشىم بويىچە بۆلۈشىدۇ، كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، پەرزەنتلەرنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەر – ئايال ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.  ئەر – ئايال ئورتاق ئۆي ئىجارە ئالغان بولسا، ئۇلار ئاجراشقاندا، ئايالنىڭ تۇرالغۇسىنى پەرزەنتلەرنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى بويىچە ھەل قىلىش كېرەك. 49 – ماددا  ئاتا – ئانا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە ۋەسىيلىك قېلىشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە .   ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىپ ياكى باشقا ئەھۋاللار بولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە ۋەسىي بولالمىغاندا، ئانىنىڭ ۋاسىيلىك ھوقۇقىغا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 50 –ماددا  ئاياللار تۇغماسلىق ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇغۇت ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، ئاجراشقاندا پەرزەنتلىنى بېقىش مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، پەرزەنتلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولۇش شەرتى ئاستىدا، ئايالنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك. 51 – ماددا  ئاياللار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇش ھوقۇقىغا ئىگە، تۇغماسلىق ئەركىنلىكىگىمۇ ئىگە.   پەرزەنت كۆرۈش يېشىدىكى ئەر – ئايال دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە پىلانلىق پەرزەنت كۆرمەكچى بولسا، ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر، ئۈنۈملۈك تۇغۇتتىن ساقلىنىش دورا – سايمانلىرى ۋە تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىشى، تۇغۇت چەكلەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.   دۆلەت نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك ئاسراش، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت مەزگىلىدە سالامەتلىك ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئانا – بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تېخنىك مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇشى كېرەك. 8 – باب  قانۇن جاۋابكارلىقى 52 – ماددا  قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان ئاياللار ئالاقىدار تارماقنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كېسىم قىلىشىنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق:    ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولۇپ قانۇن ياردىمىگە ياكى ئەدلىيىلىك قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق ئاياللارغا شۇ جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ياردەم بېرىشى ياكى ئەدلىيىلىك قۇتقۇزۇشى كېرەك. 53 – ماددا قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان ئاياللار ئاياللار تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئاياللار تەشكىلاتى زىيانغا ئۇچرىغان ئايالنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. ئۇ، ئالاقىدار تارماق ياكى ئورۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماق ياكى ئورۇن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. 54 – ماددا  ئاياللار تەشكىلاتى زىيانغا ئۇچىرىغان ئاياللاردىن دەۋادا ياردەمگە ئېھتىياجلىقلىرىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.    ئاياللار بىرلەشمىسى ياكى ئالاقىدار ئاياللار كوللېكتىپىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق پاش قىلسا، تەنقىد قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقتىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 55 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ توي قىلمىغانلىقى، توي قىلغانلىقى، ئاجراشقانلىقى ۋە ئېرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىكى ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ئەرنىڭ ئايال تۇرۋاتقان جايدا ماكانلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ئەر ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن باراۋەر بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە مەرەسسە قىلىدۇ؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى يېزا يەر ھۆددىگەرلىك كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك. 56 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە باشقا قانۇن – نىزاملاردا مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ مال – مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 57 – ماددا  بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ئەرز – شىكايەتنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىپ، كەينىگە سۆرەپ ۋە باستۇرۇپ قويۇپ بىر تەرەپ قىلمىغان ياكى ئەرز – شىكايەت قىلغۇچىدىن ئۆچ ئالىدىغانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى، مەسئۇل تارماق ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بويرۇيدۇ ھەمدە بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.  دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا توسماي ياكى زىيانغا ئۇچرىغان ئايالغا تېگىشلىك ياردەم بەرمەي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.  بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت،مائارىپ ھوقۇق – مەنپەئىتى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق – مەنپەئىتى، جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇق مەنپەئىتى، شۇنىڭدەك نىكاھ، ئائىلە ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى، مەسئۇل تارماق ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلار دۆلەت خادىمى بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 58 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىپ ياكى ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەن بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ. 59 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەن ۋە زىيانغا ئۇچراتقانلارنى مەدەنىيەت، رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيە، ئاخبارات، نەشرىيات تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازابېرىدۇ. 9 – باب  قوشۇمچە پرىنسىپ 60 – ماددا  ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسى چىقارسا بولىدۇ.    مىللىي ئاپتۇنۇم جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپ بويىچە، شۇ جايدىكى ئازسانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. 61 – ماددا  بۇ قانۇن 1992 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ."

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 311 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01