كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ماتېرىيالنى قوغداش نىزامى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنى قوغداش نىزامى

 
 
 
ئېلان قىلىندى، 2002 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.  زۇڭلى جۇرۇڭجى  2001 - يىلى  12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ نىزام كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنى ئېچىش، تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشتە كېلىپ چىققان مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنى ئېچىشقا ۋە ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىپ، يۇمشاق ماتېرىيال سانائىتى ۋە خەلق ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى> غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 2 - ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى (تۆۋەندە يۇمشاق ماتېرىيال دېيىلىدۇ) كومپيۇتېر پروگراممىسى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار ئارخىپنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ماددا بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:  (1) كومپيۇتېر پروگراممىسى مەلۇن نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كومپيۇتې قاتارلىق  ئۇچر بىر تەرەپ قىلىش  ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرۇلما ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىغان شىفىرلاشقان بۇيرۇق  تەرتىپى، ئاپتوماتىك ھالدا شىفىرلاشقان بۇيرۇق  تەرتىپىگە ئايلاندۇرغىلى  بولىدىغان بەلگىلەشتۈرۈلگەن جۈملە تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ. بىر  كومپيۇتېر پروگراممىسىنىڭ ئەسلى پروگراممىسى بىلەن نىشان پروگراممىسى بىر ئەسەر بولىدۇ.  (2) ئارخىپ پروگرامما مەزمۇنى، تەركىبى، لايھىلىنىشى، ئىقتىدار ئۆلچىمى، ئېچىش ئەھۋالى، سىناش نەتىجىسى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەسۋىرلەيدىغان يازما ماتېرىيال، چېرتيوژ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، پروگرامما لايىھىسى چۈشەندۈرۈشى، ئىش تەرتىپى سىخېمىسى، ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى ۋە باشقىلار.  (3) يۇمشاق ماتېرىيال ئاچقۇچى ئېچىشقا ئەمەلىي ئۇيۇشتۇرغان، بىۋاستە ئاچقان ھەمدە ئېچىپ بولۇنغان يۇمشاق ماتېرىيال مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ۋەياكى ئۆزىدىكى شارائىتقا تايىنىپ يۇمشاق ماتېرىيالنى مۇستەقىل ئاچقان ھەمدە يۇمشاق ماتېرىيال مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان تەبئىي شەخسنى كۆرسىتىدۇ.  (4) يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ئەسەر  ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان تەبئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ. 4 - ماددا بۇ نىزام بويىچە قوغدىلىدىغان يۇمشاق ماتېرىيال ئاچقۇچى مۇستەقىل ئاچقان ھەمدە مەلۇم شەكىللىك جىسىمغا مۇقىملاشتۇرغان يۇمشاق ماتېرىيال بولۇش شەرت. 5 - ماددا جۇڭگو پۇقراسى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئېلان قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇشۇ نىزام بويىچە ئۆزى ئاچقان يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.  يۇمشاق ماتېرىيالى ئالدى بىلەن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تارقىتىلغان چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار مۇشۇ نىزام بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.  چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالى ئۇنى ئاچقۇچى تەۋە دۆلەت ياكى دائىم تۇرۇشلۇق دۆلەت جۇڭگو بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە ياكى جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارالىق شەرتنامە بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئەسەر ھوقۇقى بۇ نىزام تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 6 - ماددا بۇ نىزامدا قوغدىلىدىغان ئەسەر ھوقۇقى يۇمشاق ماتېرىيالىنى ئېچىش ئىدىيىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى، مەشغۇلات ئۇسۇلى ياكى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم قاتارلىقلارغا كېڭەيتىلەنمەيدۇ. 7 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېتىراپ قىلغان يۇمشاق ماتېرىيال رويخەتكە ئېلىش ئورگىنىغا بېرىپ رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ. يۇمشاق ماتېرىيال رويخەتكە ئېلىش ئورگىنى بەرگەن رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتى رويخەتكە ئېلىش ئىشىنىڭ دەسلەپكى ئىسپاتى بولىدۇ.  يۇمشاق ماتېرىيالنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا پۇل تاپشۇرۇش كېرەك. يۇمشاق ماتېرىيالنى رويخەتكە ئېلىش ھەق ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ. ئىككىنچى باب يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى 8 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:  (1) ئېلان قىلىش ھوقۇقى، يەنى يۇمشاق ماتېرىيالنى جامائەتكە ئېلان قىلىش ياكى قىلماسلىقنى بەلگىلەش ھوقۇقى؛  (2) ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، يەنى ئاچقۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ يۇمشاق ماتېرىيالغا ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى؛  (3) تۈزىتىش ھوقۇقى، يەنى يۇمشاق ماتېرىيال مەزمۇنىنى تولۇقلاش، مەزمۇن چىقىرىۋېتىش ياكى بۇيرۇق، جۈملە تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى؛ (4) كۆپەيتىش ھوقۇقى، يەنى يۇمشاق ماتېرىيالنى بىر نۇسخا كۆپ نۇسخا قىلىپ ئىشلەش ھوقۇقى؛  (5) تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى سېتىش ياكى تەقدىم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جامائەتنى يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتمىسى بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى؛  (6) ئىجارىگە بېرىش ھوقۇقى، يەنى يۇمشاق ماتېرىيالنى باشقىلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلىتىشىگە ھەقلىق ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى، لېكىن بۇنىڭ سىرتىدا.  (7) ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى جامائەتنى سىملىق ياكى سىمسىز شەكىلدە يۇمشاق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، تاللىغان ۋاقىتتا ۋە ئورۇندا يۇمشاق ماتېرىيالغا ئىگە قىلىش ھوقۇقى؛  (8) تەرجىمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسلىدىكى يۇمشاق ماتېرىيالنى بىر خىل تەبئىي تىل - يېزىقتىن يەنە بىر خىل تەبئىي تىل - يېزىققا ئۆرۈش ھوقۇقى؛  (9) يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھۇقۇقى ئىگىسى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك باشقا ھوقۇقلار.  يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئۆزىنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدۇ ھە مدە ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.  يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئۆزىنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ ھەمدە ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 9 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى يۇمشاق ماتېرىيالنى ئاچقۇچىغا مەنسۇپ، بۇ نىزامدا باشقا بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.  قارشى ئىسپات تېپىلمىسا يۇمشاق ماتېرىيالغا ئىسمى يېزىلغان تەبئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاچقۇچى بولىدۇ. 10 - ماددا ئىككىدىن ئارتۇق تەبئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئاچقان يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى بىرلىشىپ ئاچقۇچىلار يازما توختام ئىمزالاپ پۈتۈشىدۇ. يازما توختام بولمىسا ياكى توختامدا ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، بىرلىشىپ ئاچقان يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ئايرىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىرىدا، ئاچقۇچىلار ئۆزى ئاچقان قىسمىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. لېكىن ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئۇ ھوقۇقنى بىرلىشىپ ئاچقان يۇمشاق ماتېرىيالنى بىر پۈتۈن ئەسەر ھوقۇقىغا كېڭەيتىشكە بولمايدۇ. بىرلىشىپ ئاچقان يۇمشاق ماتېرىيالنى ئايرىپ ئىشلەتلىكى بولمىسا، ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بىرلىشىپ ئاچقۇچىلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ يۈرگۈزىدۇ، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلەلمىسە ھەم نورمال سەۋەب بولمىسا، ھەر قانداق تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقىدىن باشقا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن ئېرىشكەن نەپنى بىرلىشىپ ئاچقۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق تەقسىملەپ بېرىش كېرەك. 11 - ماددا باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى يازما توختامدا پۈتۈشىدۇ، يازما توختام بولمىسا ياكى توختامدا ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسا، يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىدىن ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى بەھرىمەن بولىدۇ. 12 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپە چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئېچىلغان يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ۋە يۈرگۈزۈلۈشى تۈر ۋەزىپىنامىسىدە ياكى توختامدا بەلگىلىنىدۇ، تۈر ۋەزىپىنامىسىدە ياكى توختامدا ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسا، يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىدىن ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بەھرىمەن بولىدۇ. 13 - ماددا تەبئىي شەخس قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئاشقان يۇمشاق ماتېرىيالدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بۇ يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن شۇ قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات يۇمشاق ماتېرىيالنى ئاچقان تەبئىي شەخسنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.  (1) ئۆز خىزمىتىدە ئېنىق بېكىتىلگەن ئېچىش نىشانى بويىچە ئېچىلغان يۇمشاق ماتېرىيال بولسا؛  (2) ئېچىلغان يۇمشاق ماتېرىيال ئۆز خىزمەت پائالىيىتىدە ئالدىن كۆرۈلگەن نەتىجە ياكى تەبئىي نەتىجە بولسا؛  (3) قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەبلىغى، مەخسۇس ئۈسكۈنىسى، ئاشكارىلانمىغان مەخسۇس ئۇچۇر قاتارلىق ماددىي ۋە تېخنىكا شارائىتىدىن ئاساسلىق پايدىلىنىپ ئېچىلغان ھەمدە قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان يۇمشاق ماتېرىيال بولسا. 14 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى يۇمشاق ماتېرىيال ئېچىپ بولۇنغان كۈندىن باشلاپ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.  تەبئىي شەخسنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى تەبئىي شەخسنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ ۋە ئۇ ئۆلۈپ 05 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، يۇمشاق ماتېرىيال بىرلىشىپ ئېچىلغان بولسا، ئاخىرىدا ئۆلگەن تەبئىي شەخس ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.  قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش ھوقۇقى 50 يىل بولىدۇ، يۇمشاق ماتېرىيال تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، لېكىن يۇمشاق ماتېرىيال ئېچىپ بولۇنغان كۈندىن باشلاپ 50 يىلغىچە ئېلان قىلىنمىسا، بۇ نىزام تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ. 15 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى تەبئىي شەخسكە تەۋە بولسا، شۇ  تەبئىي شەخس ئۆلگەندىن كېيىن  يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى ئىچىدە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى> دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بۇ نىزامنىڭ 8 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىدىن باشقا  ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.  يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتقا تەۋە بولسا قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلات ئۆزگەرگەن، ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەسەر ھوقۇقىدىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتى ئىچىدە ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى قوبۇل قىلغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بەھرىمەن بولىدۇ، ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى قوبۇل قىلغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولمىسا، دۆلەت بەھرىمەن بولىدۇ. 16 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال قانۇنلۇق كۆپەيتمىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:  (1) ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن شۇ يۇمشاق ماتېرىيالنى كومپيۇتېر قاتارلىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرۇلمىغا قاچىلاش؛ (2) كۆپەيتمىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زاپاس كۆپەيتمە ئىشلەش. بۇ زاپاس كۆپەيتمىنى ھەر قانداق شەكىل بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ ھەمدە ھەممە ئادەم شۇ قانۇنلۇق كۆپەيتمىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغاندا، زاپاس كۆپەيتمىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ (3) شۇ يۇمشاق ماتېرىيالنى ئەمەلىي كومپيۇتېر ئىشلىتىش مۇھىتىدا قوللىنىش ياكى ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن زۆرۈر تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، لېكىن توختامدا باشقا پۈتۈم بولمىسا، شۇ يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق بىر 3 - تەرەپنى تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى يۇمشاق ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.  17 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيالدىكى لايىھىلەش ئىدىيىسى ۋە قائىدىسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە يۇمشاق ماتېرىيالنى قۇراشتۇرۇش، نامايان قىلىش، يەتكۈزۈش ياكى ساقلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشلىتىشتە يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىسىمۇ، ھەق تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۈچىنچى باب يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش 18 - ماددا باشقىلارنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشتە، ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۈزۈش كېرەك.  ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامىغا ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازەت بەرگەن ھوقۇقى ئېنىق يېزىلمىغان بولسا، ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. 19 - ماددا باشقىلارغا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئىجازىتى بەرگەندە، ئالاقىدار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. 20 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، ئالاقىدار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. 21 - مادداباشقىلارنىڭ  يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى مەخسۇس ئىشلىتىشىگە ئىجازەتبېرىش توختامى ياكى يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۈزگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېتىراپ قىلغان يۇمشاق ماتېرىيال رويخەتكە ئېلىش ئورگىنىغا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. 22 - ماددا جۇڭگو پۇقراسى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات چەت ئەللەرگە يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئىجازىتى بەرگەندە ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخنىكا ئىمپورت - ئېكىسپورتنى باشقۇرۇش نىزامى> دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم. تۆتىنچى باب قانۇنىي جاۋابكارلىق 23- ماددا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى> دا ياكى مۇشۇ نىزامدا باشقا بەلگىلىمە بولماي، تۆۋەندىكى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلمىشىنى سادىر قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ دەخلى - تەرۇز قىلىشنى توختىتىش، تەسىرىنى يوقىتىش، ئەپۇ سوراش، زىياننى تۆلەپ بېرىش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي، ئۇنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالنى ئېلان قىلسا ياكى رويخەتكە ئالدۇرسا؛  (2) باشقىلارنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ ئېلان قىلسا ياكى رويخەتكە ئالدۇرسا؛  (3) ھەمكارلاشقۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان يۇمشاق ماتېرىيالنى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلەپ پۈتتۈرگەن يۇمشاق ماتېرىيال قىلىپ ئېلان قىلسا ياكى رويخەتكە ئالدۇرسا؛  (4) باشقىلارنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالغا ئىسمىنى يېزىۋالسا ياكى باشقىلارنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالدىكى ئىسمىنى ئۆزگەرتسە؛  (5) يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىسىز ئۇنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالىنى تۈزەتسە، تەرجىمە قىلسا؛  (6) يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان باشقا قىلمىشلار. 24 - ماددا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى>، بۇ نىزام ياكى باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلىمە بولمىسا، يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۆۋەندىكى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى توختىتىش، تەسىرىنى يوقىتىش، ئەپۇ سوراش، زىياننى تۆلەپ بېرىش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىپ ئىشلىگەن كۆپەيتمىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، جەرىمانە قويسىمۇ بولىدۇ. ئەھۋال ئېغىر بولسا، ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىپ كۆپەيتمە ئىشلىگەن ئاساسلىق ماتېرىيال، سايمان، ئۈسكۈنىلەرنى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىغا چۈشسە، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىپ ئىشلەنگەن كۆپەيتمىنى سېتىش جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:  (1) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالنى كۆپەيتكەن ياكى قىسمەن كۆپەيتكەن بولسا؛  (2) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالىنى جامائەتكە تارقاتقان، ئىجارىگە بەرگەنئۇچۇر تورى ئارقىلىق تارقاتقان بولسا؛  (3) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تېخنىكىلىق تەدبىرىدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرسا ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلسا؛  (4) يۇمشاق ماتېرىيال ھوقۇقىنى قەستەن ئۆچۈرۈېتىپ ياكى ئۆزگەرتىپ ئېلېكترون ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرسا؛  (5) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى ئىجازەت بەرسە.  ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسى ياكى (2) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا، ھەر بىرى ئۈچۈن 100 يۈەن ياكى مال قىممىتى سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ. ئالدىنقى تارماقىنىڭ (3)، (4) تارماقچىسى ياكى (5) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا 5 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ. 25 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش تۆلەم سوممىسى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى> نىڭ 48 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ. 26 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقى ياكى پات ئارىدا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات بولسا، ۋاقتىدا توسمىسا، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇقلىغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى> نىڭ 94 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دەۋادىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇش ۋە مال - مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. 27 - ماددا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىى دەلىل - ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ياكى كېيىن ئېرىشىش قىيىن بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالدا، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى> نىڭ 50 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دەۋالىشىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل - ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 28 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال كۆپەيتمىسىنى نەشر قىلغۇچى، ئىشلىگۈچى ئۇنى نەشر قىلىش، ئىشلەشتە ئۆزىگە قانۇنلۇق ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە ياكى يۇمشاق ماتېرىيال كۆپەيتمىسىنى تارقاتقۇچى، ئىجارىگە بەرگۈچى ئۆزى تارقاتقان، ئىجارىگە بەرگەن كۆپەيتمە مەنبەسىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 29 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئاچقۇچىلار ئاچقان يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى چەكلىك بولۇپ، يۇمشاق ماتېرىيال بىلەن ئوخشىشىپ قالسا، يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولمايدۇ. 30 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال كۆپەيتمىسىگە ئىگە كىشىلەر شۇ يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىپ ئىشلەنگەن كۆپەيتمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك مۇۋاپىق سەۋەب بولمىسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىپ ئىشلەنگەن شۇ كۆپەيتمىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشى، كۆيدۈرۈۋېتىشى لازىم. ئەگەر ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىپ ئىشلەنگەن شۇ كۆپەيتمىنى ئىشلىتىشتىن توختاتقاندا ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەندە، كۆپەيتمنى ئىشلەتكۈچى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، كۆپەيتمىنى ئىشلەتكۈچى يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى مۇۋاپىق ھەق بەرگەندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ. 31 - ماددا يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ماجىرالىرىنى ياراشتۇرۇشقا بولىدۇ.  يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى توختام ماجىراسىنى توختامدىكى كېسىم ماددىلىرى ياكى كېيىن ھاسىل قىلغان يازما كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.  ئالاقىدارلارنىڭ توختامدا كېسىم ماددىلىرى بولمىسا، كېيىن يازما كېسىم كېلىشىمىمۇ ھاسىل قىلمىغان بولسا خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسا بولىدۇ. بەشىنچى باب قانۇنىي جاۋابكارلىق 32 - ماددا بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن دەخلى - تەرۇز قىلمىشى شۇ قىلمىش سادىر بولغان چاغدىكى دۆلەتنىڭ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 33 - ماددا بۇ نىزام 2002 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 9911 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان <كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنى قوغداش نىزامى> ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 387 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01