خېرىدار چاقىرىش _ خېرىدار چىقىش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش قانۇنى

 

(1999 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 - باب ئومۇمىي قائىدە 1 - ماددا بۇ قانۇن خېرىدار چاقىرىش - خېرىدا چىقىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت مەنپەئىتىنى، جامائەت مەنپەئىتىنى ۋە خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. 3 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە تۆۋەندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا، جۈملىدىن شۇ تۈرلەرنى چارلاش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە نازارەت قىلىشتا، شۇنىڭدەك قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۈسكۈنە - ماتېرىيال قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا خېرىدار چاقىرىش شەرت: (1) چوڭ تىپلىق ئۇل ئەسلىھەلەر، جامائەت ئىشلىرىغا ئوخشاش جامائەت مەنپەئىتىگە، جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تۈرلەر؛ (2) دۆلەت مەبلىغىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئىشلىتىپ مەبلەغ سېلىنىدىغان ياكى دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدىغان تۈرلەر؛ (3) خەلقئارا تەشكىلاتلار ياكى چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى بەرگەن قەرز پۇل، ياردەم قىلغان مەبلەغ ئىشلىتىدىغان تۈرلەر. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن تۈرلەرنىڭ كونكرېت دائىرسىنى ۋە كۆلىمى - ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات - پىلان تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان باشقا تۈرلەرنىڭ دائىرىسى توغرىسىدا قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلغان ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلىمە چىقارغان بولسا، شۇ بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىنىدۇ. 4 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان بىر پۈتۈن تۈرنى پارچىلىشىغا ياكى باشقا ھەر قانداق شەكىل بىلەن خېرىدار چاقىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 5 - ماددا خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتىدە ئاشكارا، ئادىل، خالىس بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. 6 - ماددا قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەردە، خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتى رايون ياكى تارماقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆز رايونى، ئۆز سىستېمىسى سىرتىدىكى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى چەكلىشىگە ياكى ئۇلارنى چەتكە قېقىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھەر قانداق شەكىل بىلەن قانۇنسىز ھالدا خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 7 - ماددا خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تەرەپلەر قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈلىدىغان نازارەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. مەمۇرىي جەھەتتە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئالاقىدار تارماقلار خېرىدار چاقرىىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، خېرىدار چاقرىىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە بولغان مەمۇرىي نازارەتچىلىكنى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقىنى ئايرىشنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 2 - باب خېرىدار چاقىرىش 8 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى - مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خېرىدار چاقىرىدىغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلاردۇر. 9 - ماددا خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيىتى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغانلىرىدا، ئالدى بىلەن تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ، تەستىق ئېلىشى كېرەك. خېرىدار چاقىرغۇچىدا خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىگە مۇناسىپ مەبلەغ بولۇشى ياكى مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇشى ھەمدە ئۇ خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىگە ئەينەن يېزىلغان بولۇشى كېرەك. 10 - ماددا خېرىدار چاقىرىش - ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ۋە تەكلىپلىك خېرىدار چاقىرىش دەپ بۆلۈنىدۇ. ئاشكار خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ خېرىدار چاقىرىش ئېلانى چىقىرىش شەكلى بىلەن ئالاھىدە بەلگىلەنمىگەن قانۇنىي ئىگىلەرنى باشقا تەشكىلاتلارنى خېرىدار بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تەكلىپلىك خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ خېرىدار چاقىرىش تەكلىپنامىسى تارقىتىش شەكلى بىلەن ئالاھىدە بەلگىلەنگەن قانۇنىي ئىگىلەرنى ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى خېرىدارلىققا تەكلىپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. 11 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات - پىلان تارمىقى بەلگىلىگەن دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىدىن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن يەرلىكنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىدىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىشقا مۇۋاپىق بولمىغانلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات - پىلان بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن، تەكلىپلىك خېرىدار چاقىرىشقا بولىدۇ. 12 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپاراتنى ئۆزى تاللاپ، ئۇنىڭغا خېرىدار چاقىرىش ئىشلىرىنى بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ خېرىدار چاقىرغۇچىغا چاقىرغۇچى ئاپپاراتنى بەلگىلەپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى تۈزۈش ۋە خېرىدار باھالاشقا تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چاقىرىش ئىشىنى ئۆز ئالدىغا بېجىرسە بولىدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇنى خېرىدار چاقىرىش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپاراتقا بېجىرىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىسەن، دەپ مەجبۇرلاشقا يول قويۇلمايدۇ. قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەردە، خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چاقىرىش ئىشلىرىنى ئكزى بېجىرمەكچى بولسا، مەمۇرىي جەھەتتە نازارەتچىلىك قىلغۇچى ئالاقىدار تارماققا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 13 - ماددا ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپارات - قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان، ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە مۇناسىپ مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ئىجتىمائىي ۋاستىچى تەشكىلاتتۇر. ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك: (1) ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەت ئورنى ۋە مۇناسىپ مەبلىغى بولۇش؛ (2) خېرىدار چاقىرىش ھۆججەتلىرىنى تۈزۈش ۋە خېرىدار باھالاشقا تەشكىللەشتە مۇناسىپ كەسپىي كۈچى بولۇش؛ (3) مۇشۇ قانۇننىڭ 37 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدار بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خېرىدار باھالاش ھەيئىتى ئەزاسىنىڭ نامزاتى قىلىشقا بولىدىغان تېخنىكا، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى بولۇش. 14 - ماددا قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپاراتنىڭ سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ، ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىدىغان مەسئۇل تارماقنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپارات بىلەن مەمۇرىي ئورگان ۋە باشقا دۆلەت ئورگانلىرى تەۋەلىك مۇناسىۋىتىدە ياكى باشقا مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدە بولسا بولمايدۇ. 15 -  ماددا ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپارات خېرىدار چاقىرىش ئىشلىرىنى خېرىدار چاقىرغۇچى ھاۋالە قىلغان دائىرە ئىچىدە بېجىرىشى ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى خېرىدار چاقىرغۇچى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. 16 - ماددا ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش شەكلىنى قوللىنىدىغان خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چاقىرىش ئېلانى چىقىرىشى كېرەك. قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەر توغرىسىدىكى خېرىدار چاقىرىش ئېلانىنى دۆلەت بەلگىلىگەن گېزىت - ژۇرناللار، ئۇچۇر تورلىرى ياكى باشقا ۋاستىچىلەر ئارقىلىق ئېلان قىلىشى كېرەك. خېرىدار چاقىرىش ئېلانىغا خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ نامى ۋە ئادرېسى، خېرىدار چاقىرىش تۈرىنىڭ خاراكتېرى، مىقدارى، ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورنى ۋە ۋاقتى، شۇنىڭدەك خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىنى ئېلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. 17 - ماددا تەكلىپلىك خېرىدار چاقىرىش شەكلىنى قوللىنىدىغان خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چاقىرىلىدىغان تۈرلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، ئىناۋىتى ياخشى بولغان ئۈچتىن ئارتۇق ئالاھىدە بەلگىلەنگەن قانۇنىي ئىگىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا خېرىدارلىق تەكلىپنامىسى تارقىتىشى كېرەك. خېرىدارلىق تەكلىپنامىسىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 16 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. 18 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چاقىرىلىدىغان تۈرنىڭ ئۆز تەلىپىگە ئاساسەن، خېرىدار چاقىرىش ئېلانىدا ياكى خېرىدارلىق تەكلىپنامىسىدە يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىدىن ئۆز ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئالاقىدار ھۆججەتلەر ۋە خىزمەتتە نەتىجە قازىنىش ئەھۋالى بىلەن تەمىن ئېتىشنى تەلەپ قىلسا ھەمدە يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛ خېرىدار چىققۇچىنىڭ سالاھىيەت شەرتى توغرىسىدا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان شەرتلەر بىلەن يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىنى چەكلىشىگە ۋە چەتكە قېقىشىغا يول قويۇلمايدۇ، يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىغا كەمسىتىش مۇئامىلىسىدە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 19 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىنى خېرىدار چاقىرىلغان تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تۈزۈشى كېرەك. خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى خېرىدار چاقىرىلغان تۈرنىڭ تېخنىكا تەلىپى، خېرىدار چىققۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى، خېرىدار چىقىپ باھا مەلۇم قىلىش تەلىپى ۋە خېرىدارنى باھالاش ئۆلچىمى قاتارلىق بارلىق ماھىيەتلىك تەلەپلەرنى ۋە شەرتلەرنى، شۇنىڭدەك ئىمزالىنىدىغان توختامنىڭ ئاساسىي ماددا تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. خېرىدار چاقىرىش تۈرىنىڭ تېخنىكىسى، ئۆلچىمى ھەققىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولسا، خېرىدار چاقىرغۇچى شۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە مۇناسىپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. خېرىدار چاقىرىش تۈرىدە قەدەم - باسقۇچقا ئايرىشقا، ئىش مۇددىتىنى بەلگىلەشكە توغرا كەلسە، خېرىدار چاقىرغۇچى مۇۋاپىق ھالدا قەدم - باسقۇچقا بۆلۈشى، ئىش مۇددىتىنى مۇۋاپىق بەلگىلىشى ھەمدە ئۇنى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىگە ئېنىق يېزىشى كېرەك. 20 - ماددا خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقارغۇچى - تەمىنلىگۈچىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى كۆرسىتىشكە، شۇنىڭدەك يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىنى چەتكە قاقىدىغان ياكى شۇنىڭغا مايىل باشقا مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 21 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چاقىرىش تۈرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىلارنى تۈر بار نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ. 22 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىگە ئىگە بولغان يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىلارنىڭ نامىنى، سانىنى، شۇنىڭدەك ئادىل رىقابەتلىشىشكە تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولغان، خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەھۋاللارنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدارلىققا چىقىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى بېكىتكەن بولسا، ئۇنى مەخپىي تۇتۇشى شەرت. 23 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى تارقىتىپ بولغان خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى ياكى ئۇنىڭغا زۆرۈر تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولسا، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە تەلەپ قىلىنغان خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش ۋاقتىدىن ئاز دېگەندە 15 كۈن ئىلگىرى، بارلىق خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. شۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولىدۇ. 24 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تۈزۈشكە كېتىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىتنى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك؛ لېكىن قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەردە، خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت، ئەڭ قىسقا بولغاندا 20 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. 3 - باب خېرىدار چىقىش 25 - ماددا خېرىدار چىققۇچى - خېرىدار چاقىرىشقا ئاۋاز قوشۇپ، خېرىدارلىق رىقابىتىگە قاتنىشىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردۇر. قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىلىدىغان پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە شەخسلەرنىڭ خېرىدار چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا، خېرىدار چىققۇچى شەخسلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى خېرىدار چىققۇچىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 26 - ماددا خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چاقىرىلىدىغان تۈرلەرنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدە ياكى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە خېرىدار چىققۇچىنىڭ سالاھىيەت شەرتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، خېرىدار چىققۇچى شۇ بەلگىلەنگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. 27 - ماددا خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدىكى تەلەپ بويىچە تۈزۈشى، خېرىدار چىقىش ھۆججىتىدە خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماھىيەتلىك تەلەپلەرگە ۋە شەرتلەرگە ئاۋاز قوشۇشى كېرەك. خېرىدار چاقىرىش تۈرى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش دائىرىسىدىكى ئىش بولسا، خېرىدار چىقىش ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى تۈرگە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىلمەكچى بولغان كىشىنىڭ ۋە ئاساسلىق تېخنىك خادىملىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى، خىزمەت نەتىجىلىرىنى ۋە خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىنى ئورۇنداشتا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا - ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. 28 - ماددا خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە تەلەپ قىلىنغان خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش ۋاقتىدىن ئىلگىرى، خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى خېرىدار چىقىش ئورنىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قول قويۇپ ئېلىش ساقلىشى كېرەك، ئۇنى ئېچىشقا بولمايدۇ. خېرىدار چىققۇچى ئۈچتىن ئاۋاز بولسا، خېرىدار چاقىرغۇچى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن قايتا خېرىدار چاقىرىشى كېرەك. خېرىدار چىقىش ھۆججىتى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە تەلەپ قىلىنغان خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش ۋاقتىدىن كېيىن تاپشۇرۇلسا، خېرىدار چاقىرغۇچى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىشى كېرەك. 29 - ماددا خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە تەلەپ قىلىنغان خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش ۋاقتىدىن ئىلگىرى، تاپشۇرۇۋەتكەن خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تولۇقلىسا، تۈزەتسە ياكى قايتۇرۇۋالسا ھەمدە خېرىدار چاقىرغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ. تولۇقلانغان، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولىدۇ. 30 - ماددا خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە يېزىلغان تۈرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ خېرىدار بولغاندىن كېيىن خېرىدار بولغان تۈرنىڭ قىسمەن ئاساسىي بۆلەك ۋە مۇھىم ھالقا ھېسابلانمايدىغان ئىشلىرىنى بۆلۈپ ھۆددىگە بەرمەكچى بولسا، خېرىدار چىقىش ھۆججىتىگە ئېنىق يېزىشى كېرەك. 31 - ماددا ئىككىدىن ئارتۇق قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بىرلەشمە گەۋدە بولۇپ تەشكىللىنىپ، بىر خېرىدار چىققۇچى سۈپىتىدە ئورتاق خېرىدارلىققا چىقسا بولىدۇ. بىرلەشمە گەۋدىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر خېرىدار چاقىرىش تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مۇناسىپ ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلرىدە ياكى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە خېرىدار چىققۇچىنىڭ سالاھىيەت شەرتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، بىرلەشمە گەۋدىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر شۇ بەلگىلىمىدىكى مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. ئوخشاش كەسىپتىكى ئورۇنلاردىن تەشىللەنگەن بىرلەشمە گەۋدىنىڭ تەبىئىي سۈپەت دەرىجىسىنى تەبىئىي سۈپەت دەرىجىسى بىر قەەر تۆۋەن بولغان ئورۇننىڭ دەرىجىسى بويىچە بېكىتىش كېرەك. بىرلەشمە گەۋدىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق خېرىدارلىققا چىقىش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، كېلىشىم تۈزۈشكەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان خىزمىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە ئېنىق پۈتۈم ھاسىل قىلىشى ھەمدە خېرىدار چىقىش ھۆججىتى بىلەن بىللە خېرىدار چاقىرغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بىرلەشمە گەۋدە خېرىدار بولسا، بىرلەشمە گەۋدىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن توختامغا ئىمزا قويۇپ، خېرىدار بولغان تۈر بويىچە خېرىدار چاقىرغۇچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ خېرىدار چىققۇچىلارنى بىرلەشمە گەۋدە  تەشكىل قىلىپ ئورتاق خېرىدارلىققا چىقىشقا مەجبۇرلىشىغا، خېرىدار چىققۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 32 - ماددا خېرىدار چىققۇچىلارنىڭ خېرىدار چىقىپ باھا مەلۇم قىلىشتا ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشىغا، باشقا خېرىدار چىققۇچىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشنى چەتكە قېقىشىغا، خېرىدار چاقىرغۇچىلارنىڭ ياكى باشقا خېرىدار چىققۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. خېرىدار چىققۇچىلارنىڭ خېرىدار چىقىش ئۈستىدە خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە، جامائەت مەنپەئىتىگە ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. خېرىدار چىققۇچىنىڭ خېرىدار چاقىرغۇچىغا ياكى خېرىدار باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىغا پارا بېرىش ۋاستىسى بىلەن خېرىدار بولۇۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 33 - ماددا خېرىدار چىققۇچىنىڭ تەننەرختىن تۆۋەن باھا مەلۇم قىلىپ خېرىدارلىقنى تالىشىشىغا، باشقىلارنىڭ نامى بىلەن خېرىدار چىقىشىغا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئالدامچىلىق بىلەن خېرىدار بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 4 - باب ئېلان قىلىش، باھالاش ۋە خېرىدار بولۇش 34 - ماددا خېرىدارنى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش ۋاقتى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوچۇق، ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك؛ خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە ئالدىن بەلگىلەنگەن ئورۇن خېرىدارنى ئېلان قىلىش ئورنى بولۇشى كېرەك. 35 - ماددا خېرىدانى ئېلان قىلىشقا خېرىدار چاقىرغۇچى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، بارلىق خېرىدار چىققۇچىلار قاتنىشىشىقا تەكلىپ قىلىدۇ. 36 - ماددا خېرىدار ئېلان قىلغاندا، خېرىدار چىققۇچىلار ياكى ئۇلار كۆرسەتكەن ۋەكىل خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنىڭ پېچەتلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ ياكى خېرىدار چاقىرغۇچى ھاۋالە قىلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورگىنى تەكشۈرۈپ گۇۋاھلىق بەرسىمۇ بولىدۇ؛ مەسىلە يوقلۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا پېچەتنى يىرتىپ، خېرىدار چىققۇچىلارنىڭ نامىنى، خېرىدارلىق باھاسىنى ۋە خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنىڭ باشقا مۇھىم مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە تەلەپ قىلىنغان خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشنى توختىتىش ۋاقتىدىن ئىلگىرى تاپشۇرۇلغان خېرىدار چىقىش ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى خېرىدارنى ئېلان قىلغاندا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا پېچەتنى يىرتىپ ئېلان قىلىشى كېرەك. خېرىدارنى ئېلان قىلىش جەريانى خاتىرىلىنىشى ھەمدە ئارخىپ قىلىپ ساقلاپ قويۇلۇشى كېرەك. 37 - ماددا خېرىدار باھالاشقا خېرىدار چاقىرغۇچى قانۇن بويىچە تەشكىللىگەن خېرىدار باھالاش ھەيئىتى مەسئۇل بولىدۇ. قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەرنىڭ خېرىدار باھالاش ھەيئىتى خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەرلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى بەشتىن ئارتۇق تاق سان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تېخنىكا، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مۇتەخەسسىسلەر مۇناسىپ ساھەدىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا سەككىز يىل توشقان بولۇشى ھەمدە ئالىي دەرىجىلىك خىزمەت ئۇنۋانى بولۇشى ياكى شۇنىڭغا باراۋەر دەرىجىلىك كەسپىي سەۋىيىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ئۇنى خېرىدار چاقىرغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بەرگەن مۇتەخەسسىسلەر رويخېتى ياكى ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپاراتنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىكى مۇناسىپ كەسىپ مۇتەخەسسىسلىرى تىزىملىكى ئىچىدىن بەلگىلەيدۇ؛ ئادەتتىكى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدە خېرىدار چاقىرغۇچى بىۋاستە بەلگىلىسە بولىدۇ. خېرىدار چىققۇچى بىلەن پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بولغان كىشىنىڭ مۇناسىپ تۈرلەردە خېرىدار باھالاش ھەيئىتى تەركىبىگە كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ كىرگەن بولسا، ئالماشتۇرۋېتىش كېرەك. خېرىدار باھالاش ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى خېرىدار بولۇش نەتىجىسى بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇش كېرەك. 38 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، خېرىدار باھالاش ئىشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ خېرىدار باھالاش جەريانىغا ۋە نەتىجىسىگە قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا ۋە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 39 - ماددا خېرىدار باھالاش ھەيئىتى خېرىدار چىققۇچىدىن خېرىدار چىقىش ھۆججىتىدىكى مەنىسى مۈجمەل بولۇپ قالغان مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشنى ياكى زۆرۈر ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش ياكى ئىزاھات بېرىشتە خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشىگە ياكى خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. 40 - ماددا خېرىدار باھالاش ھەيئىتى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن خېرىدار باھالاش ئۆلچىمى ۋە چارىسى بويىچە، خېرىدار چىقىش ھۆججىتى ئۈستىدە باھالاش ۋە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛ خېرىدارلىققا چىقىشنىڭ تۆۋەن چېكى بولسا، شۇ تۆۋەن چەكتىن پايدىلىنىش كېرەك. خېرىدار باھالاش ھەيئىتى خېرىدارنى باھالاپ بولغاندىن كېيىن، خېرىدار چاقىرغۇچىغا خېرىدارنى باھالاش توغرىسىدا يازما دوكلات تاپشۇرۇشى ھەمدە لاياقەتلىك بولغان خېرىدار بولغۇچىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك. خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار باھالاش ھەيئىتى ئوتتۇرىغا قويغان خېرىدار باھالاش يازما دوكلاتىغا ۋە كۆرسەتكەن خېرىدار بولغۇچىنىڭ نامزاتىغا ئاساسەن خېرىدار بولغۇچىنى بەلگىلەيدۇ. خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار بولغۇچىنى بىۋاستە بەلگىلەش ھوقۇقىنى خېرىدار باھالاش ھەيئىتىگە بەرسىمۇ بولىدۇ. ئالاھىدە بەلگىلەنگەن خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرى بويىچە خېرىدار باھالاش توغرىسىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە بەلگىلىمىلىرى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 41 - ماددا خېرىدار بولغۇچىنىڭ خېرىدار چىقىشى تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: (1) خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدىكى بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال باھالاش ئۆلچەملىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە يەتكەن بولۇشى؛ (2) خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدىكى ماھىيەتلىك تەلەپلەرگە يەتكەن بولۇشى ھەمدە باھالاپ چىققان خېرىدارلىق باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇشى؛ لېكىن خېرىدارلىق باھاسىنىڭ تەننەرختىن تۆۋەن بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 42 - ماددا خېرىدار باھالاش ھەيئىتى باھالاشتا بارلىق خېرىدار چىقىش خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدىكى تەلەپكە ئويغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىسا، ئۇنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىۋەتسە بولىدۇ. قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەردىكى بارلىق خېرىدار چىقىش رەت قىلىنغان بولسا، خېرىدار چاقىرغۇچى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن قايتىدىن خېرىدار چاقىرىشى كېرەك. 43 - ماددا خېرىدار بولغۇچىنى بېكىتىشتىن ئىلگىرى، خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ خېرىدار چىققۇچى بىلەن خېرىدارلىق باھاسى، خېرىدارلىق لايىھىسى قاتارلىق ماھىيەتلىك مەزمۇنلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 44 - ماددا خېرىدار باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆز بۇرچىنى ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل ئىجرا قىلىشى، كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان باھالاش پىكرىگە قارىتا شەخسىي جاۋابكارلىقىى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خېرىدار باھالاش ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ خېرىدار بولغۇچىلار بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۇچرىشىشىغا، خېرىدار بولغۇچىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قوبۇل قىلىشىغا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خېرىدار باھالاش ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ۋە خېرىدار باھالاشقا قاتناشقان ئالاقىدار خادىملارنىڭ خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى باھالاش، سېلىشتۇرۇش ۋە خېرىدار بولغۇچىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش ئەھۋالىنى، شۇنىڭدەك خېرىدار باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 45 - ماددا خېرىدار بولغۇچى بېكىتىلگەندىن كېيىن، خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار بولغۇچىغا خېرىدارلىق ئۇقتۇرۇش قەغىزى ئەۋەتىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدار بولۇش نەتىجىسىنى خېرىدار بولالمىغان بارلىق خېرىدار چىققۇچىلارغا ئۇقتۇرىشى كېرەك. خېرىدارلىق ئۇقتۇرۇش قەغىزى خېرىدار چاقىرغۇچى ۋە خېرىدار بولغۇچى ئۈچۈن قانۇنىي كۈچكە ئىگە. خېرىدارلىق ئۇقتۇرۇش قەغىزى ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار بولۇش نەتىجىسىنى ئۆزگەرتسە ياكى خېرىدار بولغۇچى خېرىدار بولغان تۈردىن ۋاز كەچسە، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 46 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن خېرىدار بولغۇچى خېرىدارلىق ئۇقتۇرۇش قەغىزى ئەۋەتىلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى ۋە خېرىدار بولغۇچىنىڭ خېرىدار چىقىش ھۆججىتىگە ئاساسەن يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن خېرىدار بولغۇچىنىڭ توختامنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىدىن چەتنەيدىغان باشقا كېلىشىم تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە خېرىدار بولغۇچىنىڭ توختامنى ئىجرا قىلىش كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان بولسا، خېرىدار بولغۇچى ئۇنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 47 - ماددا قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەردە، خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار بولغۇچى بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي جەھەتتە نازارەتچىلىك قىلغۇچى ئالاقىدار تارماققا خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا يازما دوكلات تاپشۇرۇشى كېرەك. 48 - ماددا خېرىدار بولغۇچى توختامدىكى پۈتۈمگە ئاساسەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، خېرىدار بولغان تۈرنى ئورۇندىشى كېرەك. خېرىدار بولغۇچىنىڭ خېرىدار بولغان  تۈرنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، خېرىدار بولغان تۈرنى بۆلۈپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگىمۇ يول قويۇلمايدۇ. خېرىدار بولغۇچى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ياكى خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، خېرىدار بولغان تۈرنىڭ ئاساسلىق بولمىغان، ھالقىلىق بولمىغان بىر قىسىم ئىشلىرىنى بۆلۈپ باشقىلارنىڭ ئورۇندىشىغا ھۆددىگە بەرسە بولىدۇ. بۆلۈپ بەرگەن ئىشنى ھۆددىگە ئالغۇچى مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك ھەمدە بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ئۇنى قايتا بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. خېرىدار بولغۇچى بۆلۈپ ھۆددىگە بەرگەن تۈر بويىچە خېرىدار چاقىرغۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، بۆلۈپ بېرىلگەن ئىشنى ھۆددىگە ئالغۇچى بولۇپ ھۆددىگە بېرىلگەن تۈر بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 5 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق 49 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەردە خېرىدار چاقىرمىغانلار، خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەردە پۈتۈننى پارچە قىلغانلار ياكى باشقا ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن خېرىدار چاقىرىشتىن قاچقانلار بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا تۈر توختام سوممىسىنىڭ ‰5  ىدىن يۇقىرى، ‰10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىشكە بولىدۇ؛ دۆلەت مەبلىغى تولۇق ياكى قىسمەن ئىشلىتىلىدىغان تۈرلەردە، تۈرنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا ياكى مەبلەغ ئاجرىتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا بولىدۇ؛ شۇ ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار بولغان مەسئۇلىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملىرىغا قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 50 - ماددا ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپاراتلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا تېگىشلىك خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ۋە ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاپ قويغانلارغا ياكى خېرىدار چاقىرغۇچى ۋە خېرىدار بولغۇچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، شۇ ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار بولغان مەسئۇلىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملىرىغا شۇ ئورۇنغا قويۇلغان جەرىمانە سوممىسىنىڭ %5 ىدىن يۇقىرى، %10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرىش سالاھىيىتى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ، ھەتتا ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلار خېرىدار بولۇش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزسە، خېرىدار بولۇش ئىناۋەتسز بولىدۇ. 51 - ماددا نامۇۋاپىق شەرت بىلەن يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىلارنى چەكلىگەن ياكى چەتكە قاققان، يوشۇرغان خېرىدار چىققۇچىلارنى بىرلەشمە گەۋدە بولۇپ تەشكىللىنىپ خېرىدار چىقىشقا مەجبۇرلىغان ياكى خېرىدار چىققۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى چەكلىگەن خېرىدار چاقىرغۇچى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ. 52 - ماددا قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈردىكى خېرىدار چاقىرغۇچىلاردىن باشقىلارغا خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىگە ئېرىشكەن يوشۇرۇن خېرىدار چىققۇچىنىڭ نامىنى، سانىنى ياكى ئادىل رىقابەتلىشىشكە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىشقا ئالاقىدار باشقا ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى خېرىدارلىققا چىقىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ؛ شۇ ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇلىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملىرىغا قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلار خېرىدار بولۇش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزسە، خېرىدار بولۇش ئىناۋەتسىز بولىدۇ. 53 - ماددا خېرىدار چىققۇچىلار ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خېرىدار چىقسا ياكى خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خېرىدار چىقسا، خېرىدار چىققۇچى خېرىدار چاقىرغۇچىغا ياكى خېرىدار باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىغا پار بېرىش ۋاستىسى بىلەن خېرىدار بولۇۋالسا، خېرىدار بولغانلىقى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، خېرىدار بولۇۋالغان تۈر سوممىسىنىڭ ‰5 ىدىن يۇقىرى، ‰10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، شۇ ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار بولغان مەسئۇلىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملىرىغا شۇ ئورۇنغا قويۇلغان جەرىمانە سوممىسىنىڭ %5دىن يۇقىرى، %10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەرگە بىر - ئىككى يىل ئىچىدە خېرىدار چىقىشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىلىدۇ، ھەتتا سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 54 - ماددا خېرىدار چىققۇچى باشقىلارنىڭ نامى بىلەن خېرىدار چىقسا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئالدامچىلىق بىلەن خېرىدار بولۇۋالسا، خېرىدار بولغانلىقى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، خېرىدار چاقىرغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرگە خېرىدار چىققۇچىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە خېرىدار بولغان تۈر سوممىسىنىڭ ‰5 ىدىن يۇقىرى، 10‰ ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، شۇ ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار بولغان مەسئۇلىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملىرىغا شۇ ئورۇنغا قويۇلغان جەرىمانە سوممىسىنىڭ %5 ىدىن يۇقىرى، 01% ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈرلەرگە بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە خېرىدار چىقىشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە شۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىلىدۇ، ھەتتا سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ. 55 - ماددا قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈردە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خېرىدار چىققۇچى بىلەن خېرىدارلىق باھاسى - خېرىدارلىق لايىھىسى قاتارلىق ماھىيەتلىك مەزمۇنلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان خېرىدار چاقىرغۇچىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، شۇ ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار بولغان مەسئۇلىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملىرىغا قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ.ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلار خېرىدار بولۇش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزسە، خېرىدار بولۇش ئىناۋەتسىز بولىدۇ. 56 - ماددا خېرىدار باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىدىن خېرىدار چىققۇچى بەرگەن پۇل - مالنى ياكى يەتكۈزگەن باشقا پايدىسىنى قوبۇل قىلغان خېرىدار باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ياكى خېرىدار باھالاشقا قاتناشقان ئالاقىدار خادىملاردىن باشقىلارغا خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى باھالاش ۋە سېلىشتۇرۇش، خېرىدار باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاپ قويغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. قوبۇل قىلغان پۇل - مال مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاىسى بېرىلسە بولىدۇ. كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغان خېرىدار باھالاش ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ خېرىدار باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان ھەر قانداق تۈر بويىچە خېرىدار باھالاشقا قاتنىشىشقا يول قويۇلمايدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 57 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدار باھالاش ھەيئىتى قانۇن بويىچە كۆرسەتكەن خېرىدار بولغۇچىنىڭ نامزاتىدىن باشقىسىنى خېرىدار بولغۇچى قىلىپ بېكىتسە، قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈر بويىچە بارلىق خېرىدار چىققۇچى خېرىدار باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، خېرىدار چىققۇچىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە، خېرىدار بولۇش ئىناۋەتسىز بولىدۇ، ئۇ تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇنىڭغا خېرىدار بولغان تۈر سوممىسىنىڭ ‰5 ىدىن يۇقىرى، 10‰ ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ؛ شۇ ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار بولغان مەسئۇلىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. 58 - ماددا خېرىدار بولغۇچى خېرىدار بولغان تۈرنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە، خېرىدار بولغان تۈرنى بۆلۈپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ خېرىدار بولغان تۈرنىڭ بىر قىسىم ئاساسىي گەۋدىسىنى، ھالقىلىق ئىشلىرىنى باشقىلارغا بۆلۈپ ھۆددىگە بەرسە ياكى بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغۇچى يەنە بۆلۈپ ھۆددىگە بەرسە، ئۆتۈنۈپ بېرىش، بۆلۈپ ھۆددىگە بەرگەن تۈر سوممىسىنىڭ ‰5 ىدىن يۇقىرى، ‰10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇشقا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 59 - ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن خېرىدار بولغۇچى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى ۋە خېرىدار بولغۇچىنىڭ خېرىدار چىقىش ھۆججىتى بويىچە توختام تۈزمىگەن ياكى خېرىدار چاقىرغۇچى، خېرىدار بولغۇچى توختامنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا خىلاپ كېلىشىم تۈزگەن بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا خېرىدار بولغان تۈر سوممىسىنىڭ ‰5 ىدىن يۇقىرى، ‰10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاىسى بېرىلسە بولىدۇ. 60 - ماددا خېرىدار بولغۇچى خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن تۈزگەن توختامنى ئىجرا قىلمىسا، توختامنى ئىجرا قىلىش كاپالەت پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ، خېرىدار چاقىرغۇچىغا كەلتۈرگەن زىيىنى توختامنى ئىجرا قىلىش كاپالەت پۇلىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنىمۇ تۆلەيدۇ؛ توختامنى ئىجرا قىلىش كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىغانلار خېرىدار چاقىرغۇچىنىڭ تاتقان زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەجبۇرىيىتىنى خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن تۈزۈشكەن توختام بويىچە ئادا قىلمىغان خېرىدار بولغۇچىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈر بويىچە خېرىدار چىقىشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن توختامنى ئىجرا قىلالمىغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ. 61 - ماددا مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئالاقىدار مەمۇرىي جەھەتتە نازارەتچىلىك قىلغۇچى تارماق قارار قىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا مەمۇرىي جازانى يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئورگان توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 62 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز رايونى، ئۆز سىستېمىسىنىڭكىدىن باشقا قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خېرىدار چىقىشقا قاتنىشىشنى چەكلسە ياكى چەتكە قاقسا، خېرىدار چاقىرغۇچىغا ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچىنى خېرىدار چاقىرىش ئىشلىرىى ۋاكالىتەن خېرىدار چاقىرغۇچى ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىشقا مەجبۇرلىسا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە ئارىلاشسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ شۇ ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار بولغان مەسئۇلىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملىرىغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلىدۇ. خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان شەخسلەرنىڭ جاۋابكارلىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 63 - ماددا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي نازارەتىچلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. 64 - ماددا قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش شەرت بولغان تۈردە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خېرىدار بولۇش ئىناۋەتسىز بولسا، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن خېرىدار بولۇش شەرتىگە ئاساسەن باشقا خېرىدار چىققۇچىلار ئارىسىدىن خېرىدار بولغۇچىنى قايتا بەلگىلەش ياكى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن قايتىدىن خېرىدار چاقىرىش كېرەك. 6 - باب قوشۇمچە قائىدە 65 - ماددا خېرىدار چىققۇچى ۋە باشقا مەنپەئەتدار كىشىلەر خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش پائالىيىتى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىسا، خېرىدار چاقىرغۇچىغا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ياكى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتە نازارەتچىلىك قىلغۇچى ئالاقىدار تارماققا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 66 - ماددا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ۋە خەۋپتىن - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا چېتىلىدىغان ياكى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرىدىغان، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋاللار بولۇپ، خېرىدار چاقىرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تۈرلەردە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە خېرىدار چاقىرىلمىسىمۇ بولىدۇ. 67 - ماددا خەلقئارا تەشكىلاتلار ياكى چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى قەرز بەرگەن پۇل - ياردەم قىلغان مەبلەغ ئىشلىتىلىدىغان تۈر بويىچە خېرىدار چاقىرىشتا، قەرز پۇل بەرگەن تەرەپنىڭ ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش كونكرېت شەرتى ۋە تەرتىپى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمىنى تەتبىقلاشقا بولىدۇ، لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ كېلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 68 - ماددا بۇ قانۇن 2000 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 454 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01